You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » سىتالىن تۇغۇلۇش ھارپىسىدىكى قەشقەرىيە – چاررۇسىيە مۇناسىۋىتى

سىتالىن تۇغۇلۇش ھارپىسىدىكى قەشقەرىيە – چاررۇسىيە مۇناسىۋىتى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى ئەھمەد سۇلۇق

يۈسۈپ سىتالىن: 1878-يىلى 18-دېكابىر، يۈسۈپ سىتالىن تۇغۇلغان. 1922-يىلدىن باشلاپلا لېنىننىڭ ئىز باسارى بولۇپ قالغان. 1927-يىلى ليون ترۇتىسكىينى قوغلىۋېتىپ، ئۆزى مۇتلەق ھۆكۈمران بولغان. 1936-1939-يىللىرى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، بارلىق رەقىپلىرىنى تولۇق يوقاتقان. 1941-يىلى بارلىق ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەڭداشسىز مۇستەبىتكە ئايلانغان. 1953-يىلى 5-مارت سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىپ، كېرمىل سارىيىغا دەپنە قىلىنغان. ئەمما خىروششىيوف قوزغىغان «سىتالىننى تەنقىد قىلىش دولقۇنى» بىلەن 1961-يىلى 31-ئۆكتەبىر «ئۇرۇش جىنايەتلىرى» بىلەن ئەيىپلەنگەندىن كېيىن، سىتالىننىڭ جەسىتى قىزىل مەيداندىكى لېنىننىڭ يېنىدىن كولىنىپ ئېلىنىپ موسكۋا ئەتراپىدىكى چەت بىر تاشلاندۇق مازارلىققا كۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ سادىق ئادەملىرىمۇ قىلمىشلىرىنىڭ بەدىلىنى ئۆتىگەن.

(1) رۇسلارنىڭ تارىخىي قارىشى ۋە تارىخنى بۈگۈنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش روھى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئۈلۈشكۈن 3-مارت تارقاتقان 1877-1878-يىلدىكى چاررۇسىيە-ئوسمانىيە ئۇرۇشى ھەققىدىكى بايانلار تۈركلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇرۇشقا «بەختسىز قەشقەرىيە»نىڭ يىمىرىلىش سىرلىرىمۇ يوشۇرۇنغان. ئورۇسلارنىڭ 1877-يىلى 22-ئاپرىل كاۋكاز ۋە بالقان ئارقىلىق ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى، زوزۇڭتاڭنىڭ تۇرپانغا ھۇجۇم قىلىشىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن. چۈنكى زورۇڭتاڭ گەرچە 1876-يىلىدىن باشلاپ قۇمۇلدا پۇرسەت كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما تارىم ۋادىسىغا كىرىشتە چوقۇم رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە رۇخسەت قىلمىسا بولمايتتى. بەدۆلەت نىمجان ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغاچقا، چاررۇسىيە ئۇنىڭ ئارقا تەرەپتىن پاراكەندە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ زورۇڭتاڭغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەننى ئاز دەپ، يەنە ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن. بىردىنلا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشكەن ئەنگلىيەمۇ ئوخشاشلا يۈز ئۆرۈپ، زوزۇڭتاڭنى قوللاشقا ئۆتكەن.(گەرچە ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە چاررۇسىيە-ئوسمانىيە ئۇرۇشىدا رۇسلارنى قوللاشقا قارشى تۇرۇپ، ئۈچ قېتىم تەختتىن چۈشۈش ئارقىلىق تەھدىت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا رۇسلارنى قوللىغان). شۇڭا ئۇ 1877-يىلى 14-ماي تۇرپاننى يۈرەكلىك قورشىۋالغان. ئەمما بەدۆلەت نېمە ئۈچۈندۇر ئوغلى ھەققۇلىبەگ بىلەن ھېكىمخان تۆرىنى تۇرپاندىن قاراشەھەرگە چېكىنىشكە بۇيرىغان. ئۇلارمۇ نائىلاج 30 يىلغا يەتكىدەك ئاشلىق ۋە ئوتۇن-سامانغا ئوت قويۇپ چېكىنگەن. بىراق بەدۆلەتنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، كورلىغا بارغىلى جۈرئەت قىلالمىغان. بەدۆلەتمۇ تۇيۇقسىزلا 29-ماي قازا قىلغان.

نەتىجىدە 6-ئىيۇن كورلىدىكى قەشقەرىيە قوشۇنى ھېكىمخان تۆرەمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. قەشقەردىكى بەدۆلەتنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ تۆرەمنى ئېتىراپ قىلماي، ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان. ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ، ئېغىر چىقىم يەپ، بىر قىسمى ئۇچتۇرپان ئارقىلىق قوقانغا كەتكەن. بىر تۈركۈمى زوزۇڭتاڭغا قارشى ئاداققىچە جەڭ قىلماقچى بولغان. دەل شۇ چاغدا بەدۆلەتنى زەھەرلىگەن دەپ قارىلىۋاتقان خوتەن ھاكىمى نىياز ھېكىمبەگ توپىلاڭ كۆتۈرگەن. بەگقۇلىبەگ ئۇنى تىنجىتىش ئۈچۈن خوتەنگە كەلگەن. ئاندىن زوزۇڭتاڭغا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولغىندا، قول ئاستىدىكى بىر قىسىم ئەنجانلىقلار چاررۇسىيەگە قېچىشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنە بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەر بۇنىڭ خىيانەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ، تارىم ۋادىسىدا قېرىنداشلىرى بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇشقا قەسەم قىلغان. بەگقۇلىبەگ قەشقەر ئارقىلىق چاررۇسىيە ئىشغال قىلغان قوقانغا قاچقان. قېچىشنى نومۇس بىلگەنلەر ھەممىسى خوتەنگە چېكىنىپ، زوزۇڭتاڭ قوشۇنى بىلەن 1878-يىلى 5-يانۋاردىن 22-يانۋارغىچە ئەڭ ئاخىرقى ماماتلىق جەڭنى قىلىپ، ھەممىسى شېھىت بولغان. موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خوتەن ۋالىيسى توقسۇباي ۋە ئامىلخان تۆرە قاتارلىق بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەركانلىرىدىن توقسان نەچچە غوللۇق كىشى شېھىت بولغان.

زوزۇڭتاڭ ئورۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىپايان قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا يۈز ئۆرۈپ، ئورۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. چۈنكى ئورۇسلار 1877-1878-يىللىرىدىكى ئوسمانىلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆزىمۇ ئېغىر چىقىم تارتىپ، يېڭى ئۇرۇش قوزغاشقا ماجالى يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زوزۇڭتاڭ تەھدىت سېلىشنى باشلىغاندا، چاررۇسىيە قوشۇنى تېخىچە ئوسمانىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، 1878-يىلى 1-مارت ئاندىن كېلىشىم تۈزۈپ ئۇرۇش توختاتقان.

زوزۇڭتاڭ 1879-يىلى قۇمۇلدا رەسمىي ھەربىي پوپوزا قىلىپ، ئەگەر چاررۇسىيە ئىلىنى قايتۇرۇپ بەرمىسە، ئەسكەر تارتىپ يەتتە سۇغا بېسىپ كىرىدىغانلىقى، شۇنداقلا چاررۇسىيە 1851-يىلدىن 1871-يىلغىچە بولغان ئون يىلدا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلاردىن تارتىۋالغان بىر مىليون كۇۋادرات كېلومېتىر چىقىدىغان كەڭ زېمىننى ئىشغال قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نوتا تاپشۇرغان.(مانجۇرلار 1765-يىللىرىغىچە ئىشغال قىلغان جايلارنى، جۈملىدىن ئابلايخان ئۇلۇسىنى ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى دەپ بىلجىرلىغان).

زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ناچار بىر خىتايلىقى چاررۇسىيە تۈركىستان گېنىرال گوبېرناتۇرى كاۋفماننىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. چۈنكى كاۋفمان ئەگەر زوزۇڭتاڭنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىمىگەن بولسا، تارىم ۋادىسىدا دۇنيا ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كوللىكتىپ دەپنە قىلىنىش ۋەقەسى زوزۇڭتاڭنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئورۇسلار ئەنە شۇ چاغدىلا ئاجىز مەنچىڭ ئىمپىرىيىسىنى تىزگىنلەشكە باشلىغان خىتاي مىلىتارستلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان .

زوزۇڭتاڭ چار رۇسىيەگە ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىپلوماتىيەدە ئويۇن ئويناشقا باشلىغان. ئۇ قەشقەرنى ئىشغال قىلىپلا، چاررۇسىيەدىن مەنچىڭ خانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەنشى بىلەن كەڭسۇدا 14 مىليون خىتاينى قىرىپ تاشلاپ، تۇڭگانلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغان تۇڭگان سەردارى بەيياڭخۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھەممىگە مەلۇم، تۇڭگان بەيياڭخۇ ئەسلىدە زوزۇڭتاڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلەلمەي ۋەتىنىمىزگە قېچىپ چىقىپ، ياقۇپبەگدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ياقۇپبەگ ئۇنى ماناسقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1876-1877-يىللىرى ماناس ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانى قىلغان. بەيياڭخۇ سادىقلىق بىلەن تاكى 1877-يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ئاسىيلىق قىلماي، چېكىنگەچ ئۇرۇش قىلىپ، بەگقۇلىبەگ بىلەن بىللە قوقانغا قېچىپ كەتكەن. مانجۇرلار ئۇنى قوغلاپ كېلىپ يېتىشىۋالاي دېگەندە ئۇ چاققانلىق بىلەن قەشقەرىيە-چاررۇسىيە چېگرىسىدىكى داڭلىق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كەتكەن .

بەيياڭخۇ 1830-يىلى 2-فېۋرال شەنشىدە تۇغۇلغان تۇڭگان بولۇپ، ئىسلامچە ئىسمى مۇھەممەد ئايۇپ ئىدى. ئۇ مىلادى 1852-يىلى جەنۇبىي خىتايدا باشلانغان خىرىستىئان خىتايلارنىڭ مانجۇرلارغا قارشى قوزغىلىڭىدىن ئىلھاملىنىپ، 1862-يىلى شەنشىدە تۇڭگانلار قوزغىلىڭى قوزغاپ، بىر تەرەپتىن مەنچىڭ قوشۇنلىرىنى قىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جايدىكى مانجۇرپەرەس خىتايدىن 5 مىليوننى قەتلى قىلىدۇ. شۇ يىلى كەڭسۇدىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئېزىلگەن تۇڭگانلار زالىم مەنچىڭ ئەمەلدارلىرى، قوشۇنلىرى ۋە سادىق خىتايلاردىن 15 مىليون دۈشمەننى قەتلى قىلىدۇ.

زوزۇڭتاڭ 1862-يىلى تەيپىڭ تىيەنگونى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 1863-يىلدىن باشلاپ شەنشى-گەنسۇدىكى تۇڭگانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ جەرياندا بەيياڭخۇ بارلىق تۇڭگانلارنىڭ ئاتامانىغا ئايلىنىپ، ساق ئون يىل زورۇڭتاڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىراق ئەنگلىيە مانجۇرلارنى قوللاپ، ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغاچقا، تۇڭگانلار قەدەممۇ-قەدەم مەغلۇپ بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. بەيياڭخۇ بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقاچ بىر تەرەپتىن غەرپكە قاراپ چېكىنىدۇ. 1872-يىلى ئۇ كۆكنۇرنىڭ شىنىڭدا زوزۇڭتاڭدىن مەغلۇپ بولۇپ، خېشى كارىدورىغا قېچىپ كېلىدۇ. بىراق ئۇ يەردە قايتا مەغلۇپ قىلىنىپ، 1873-يىلى زور قوشۇن بىلەن دەشتئاتانى كېسىپ ئۆتۈپ قۇمۇلغا يېقىنلاپ قالىدۇ. ئۇ ئالدىن يۈسۈپ ئىسىملىك ئۇيغۇر مۆتىۋىرى بىلەن بىرلىشىپ، 1873-يىلى ئىيۇلدا مانجۇرپەرەس قۇمۇل ۋاڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ئىگىلەپ، بىر مەزگىل قۇمۇل ۋاڭلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ.

ئاۋغۇستتا چىڭ قوشۇنى قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بەيياڭخۇ گۆدەك ۋاڭ مۇھەممەدنىڭ ئانىسى مېھرىبانۇ ئاغىچىنى گۆرۈگە ئېلىپ، تۇرپانغا قېچىپ بېرىپ، 1871-يىلدىن بېرى تۇرپاننى سوراۋاتقان ئاتالىق غازى مۇھەممەد ياقۇپبەگكە بەيئەت قىلىپ، مېھرىبانۇنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بەدۆلەت مېھرىبانۇنى كورلىغا ئەكەلدۈرۈپ ياخشى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ چاغدا ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن تاھىر تەيجىنىڭ ئوغلى شامەخسۇت پادىچى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، بىر موماينىڭ ياردىمىدە بەيياڭخۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

زوزۇڭتاڭ 1878-يىلى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مېھرىبانۇنى تېپىپ كېلىپ، قۇمۇل ۋاڭلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
بەيياڭخۇ بولسا 1877-يىلى دېكابىردا بەگقۇلىبەك بىلەن بىللە قوقانغا قېچىپ بېرىپ، 1882-يىلى 26-ئىيۇل توقماقتا قازا قىلىدۇ.

زوزۇڭتاڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى يىقىتىپ بولۇپ، رۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغاندا، تۈركىستان ھەربىي ۋالىيسى كاۋفمان چارپادىشاھقا تەكلىپ بېرىپ، قەشقەردە بەگقۇلىبەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇنى خان قىلىپ، جۇڭغارىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېيتقان. بىراق بۇ پىلاننى بىلىۋالغان مانجۇرلار دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى چاررۇسىيەگە بېرىۋېتىش ۋە ئۇرۇش تۆلىمى تۆلەش شەرتى بىلەن ئىلىنى سېتىۋالغان. ئاخىرىدا 1881-يىلى 24-فېۋرال تۈركىستاننى بۆلۈشۈش نىشان قىلىنغان پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۆت مىليون كۋادرات كېلومېتىر بىپايان زېمىن چاررۇسىيەگە، ئىككى مىليون كىۋادرات كلومېتىر بىپايان زېمىن مانجۇرلارغا تەۋە بولغان. شۇنداق قىلىپ، بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيىنىڭ ياردىمىدە، پۇرسەتپەرەس مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىپ، خىتاي گېنىرالى زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەتىنىمىزگە خىتايلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. 1884-يىلى نويابىردا زوزۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى شىنجاڭ دەپ ئاتاپ رەسمىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.

(2) قەشقەرىيە-چاررۇسىيە مۇناسىۋىتى

ياقۇپبەگنىڭ قەشقەرىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئوينىغان رولى

19-ئەسىردىكى ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش رۇسىيە تارىخچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم تېما، بۇ رۇسىيە دىپلوماتىيە تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر.

19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياقۇپ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلۇپ، تارىختا يەتتىشەھەر دۆلىتى ۋە ياكى قەشقەرىيە دۆلىتى دەپ ئاتالغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپىدۇر.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ياقۇپ بەگنىڭ ئېلىپ بارغان تاشقى سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ چار رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن قايتىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان رۇس تارىخچىلىرى سابىق چار رۇسىيە ئارخىپلىرى بويىچە رۇس-قەشقەر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قەشقەرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ھەتتا كېرەك بولسا چىڭ ئىمپېرىيىسىگە ياردەملىشىپ، بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدى.

رۇسىيىنىڭ بارنائۇل شەھىرىگە جايلاشقان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا ئالىملار ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى پروفېسسور بورىس مايسېيېۋ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتىنى 18-19-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر تارىخى جۈملىدىن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان.

يېقىندا ئۇ ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

ياقۇپبەگ ئۆز دەۋرىنىڭ ماھىر دىپلوماتى

18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى تارىم ۋادىسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن 1765-يىلى ئۇچتۇرپان خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالتە ئايغا سوزۇلغان قارشىلىقلار قانلىق باستۇرۇلدى.

شۇنىڭدىن تەخمىنەن 60 يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى قايتىدىن قوزغىلاڭ ئوتلىرى بىلەن قاپلىنىپ، 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئىلگىرى كېيىن ئىلى، كۇچار، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر مەيدانغا كەلدى. 1865-يىلى قوقەندتىكى پىدايىلارنى باشلاپ كەلگەن ياقۇپبەگ قەشقەر قوزغىلاڭچىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئىلگىرى كېيىن كۇچار، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بىرلىككە كەلتۈردى ھەمدە ئۆزىنى «بەدۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى.

ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى بۇ ھاكىمىيەت تارىختا قەشقەرىيە دۆلىتى ياكى يەتتە شەھەر دۆلىتى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. ياقۇپبەگ قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ، ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ماناس، قۇتۇبى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ كېلىش بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

ياقۇپبەگ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە بىر قاتار ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئەنگىلىيە بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن چاررۇسىيە بىلەن ھەم ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ ئىمپېرىيەلەر ئارىسىدا ماھىرلىق بىلەن دىپلوماتىك ئويۇن ئويناشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن رۇسىيە ئالىملىرى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن.

رۇس ئالىمىنىڭ قارىشىچە، ياقۇپبەگ ئىسلام ئامىلىدىن پايدىلاندى

رۇسىيىنىڭ بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بورىس مايسېيېۋنىڭ يېزىشىچە، ياقۇپبەگ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەشتە ئىسلام ئامىلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىپ، قوقەنت خانلىقى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشى ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرىنىڭ كۈچلىرىنى خېلىلا ئاجىزلاتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، مەزكۇر مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندا يەتتە شەھەر دۆلىتىنى قۇرغان ياقۇپبەگ ئۆز ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە كۈچلەندۈردى. قەشقەر ھۆكۈمرانى پۇختا ئاساسلىق، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە بولۇش لازىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنى تاللىۋالدى.

رۇس پروفېسسورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياقۇپبەگ يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي داھىيسى ھېسابلىنىدىغان جاھانگىر غوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇكۋار غوجىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئېرىشتى. گەرچە، قارىماققا ھاكىمىيەت بۇزرۇكۋار غوجىنىڭ قولىدا بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئەمەلىي ھوقۇق ياقۇپبەگنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، كېيىنچە ئۇ بۇزرۇكۋار غوجىنى ھەرەمگە ھەجگە ئەۋەتىۋەتكەندىن كېيىن دەرھال ئۆزىنى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى دەپ ئېلان قىلدى.

ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىم قىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كرىزىس پەيدا بولدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياقۇپبەگ مەنچىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىل ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغان بىر شەخس سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياقۇپبەگ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئەتراپتىكى قوقەنت، بۇخارا، خىۋە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن پىدائىيلار بىلەن تولۇقلاشقا ئېرىشتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەكىللىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرىغا ھەتتە ئوسمانلى سۇلتانىغا رۇسىيىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش تەكلىپلىرى بېرىپ، ئوسمانلى سۇلتانى تەرىپىدىن ئاتاقلىق غازى دىگەن نامغا سازاۋەر بولغان.

رۇسىيە تارىخچىسى مايسېيېۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مۇنداق زور ئابرويىنىڭ ئېشىشى رۇسىيىنى بىئارام قىلىپ، رۇسىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئۇنىڭ ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى بىلەن قوراللانغان قۇدرەتلىك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشى چۈشەنچىسى پەيدا قىلدى. ياقۇپبەگنىڭ مۇنداق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زور ئابرويغا ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقەيەتلىك ئىچكى-تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىشى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك تۇيۇلدى.

رۇسىيە ياقۇپبەگنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلدى

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان نۇقتا ياقۇپبەگنىڭ مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشى بولۇپ، بۇ نۇقتا قەشقەرىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. تۈركىستان گۇبېرناتورى كافمان ياقۇپبەگنىڭ ئۆزىنى «مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىس» دەپ ئاتاپ قوقەنت خانى خۇدايار خانغا يازغان خېتىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن قەشقەرىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە رۇسىيە چېگرا ئورگانلىرى يەتتە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ياقۇپبەگنى يوقىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى يېڭى بېسىۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ياقۇپبەگ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، سودا كېلىشىمى تۈزدى.

ئاپتور بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ توۋەندىكىدەك نۇقتىلارنى تەكىتلەيدۇ؛ رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگنىڭ كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرالاش-قۇرالماسلىق مەسىلىسىگە گۇمان بىلەن قارىغان بولۇپ، پەقەت 1876-1877-يىلى كروپاتكىن قەشقەرىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا ياقۇپبەگنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن قۇدرەتلىك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇشقا قادىر ئەمەسلىكىگە ئىشەندى. چار پادىشاھنىڭ مەخسۇس ئەلچىسى كروپاتكىن بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق قەشقەرىيىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلىۋالدى.

(3) قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى

بەدۆلەت 1867-يىلى ئىيۇلدا راشىدىن خوجىنى يوقاتقاندىن كېيىن، پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1870-يىلى ئۆزى بىۋاستە قوشۇن تارتىپ، ئاچكۆز ۋە ھىلىگەر داۋۇت خەلىپىنى يوقىتىپ، 1871-يىلى تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىنى قولغا ئالغان. ماناس ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ چېگراسى بولۇپ قالغان.

1873-يىلى ماناسنى زوزۇڭتاڭدىن قېچىپ كەلگەن بەيياڭخۇغا تاپشۇرغان. يەرلىك تۇڭگانلار نارازى بولۇپ، 1876-يىلى زوزۇڭتاڭغا تەسلىم بولغان. بەيياڭخۇ مانجۇرلارغا قارشى تۇڭگانلارنى باشلاپ، قاراشەھەرگە چېكىنىپ، بەدۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە كوماندىرى بولغان. 1877-يىلى ماي ئاخىرىدا بەدۆلەت قازا قىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ بىلەن سوقۇشقاچ چېكىنىپ، شۇ يىلى دېكابىردا بەدۆلەتنىڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ بىلەن قوقانغا قېچىپ كەتكەن. زوزۇڭتاڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى يىقىتىپ بولۇپ، رۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغاندا، تۈركىستان ھەربىي ۋالىيسى كاۋفمان چارپادىشاھقا تەكلىپ بېرىپ، قەشقەردە بەگقۇلىبەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇنى خان قىلىپ، جۇڭغارىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېيتقان. بىراق بۇ پىلاننى بىلىۋالغان مانجۇرلار دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى چاررۇسىيەگە بېرىۋېتىش ۋە ئۇرۇش تۆلىمى تۆلەش شەرتى بىلەن ئىلىنى سېتىۋالغان. ئاخىرىدا 1881-يىلى 24-فېۋرال تۈركىستاننى بۆلۈشۈش نىشان قىلىنغان پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۆت مىليون كۋادرات كېلومېتىر بىپايان زېمىن چاررۇسىيەگە، ئىككى مىليون كىۋادرات كلومېتىر بىپايان زېمىن مانجۇرلارغا تەۋە بولغان. شۇنداق قىلىپ، بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيىنىڭ ياردىمىدە، پۇرسەتپەرەس مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىپ، خىتاي گېنىرالى زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەتىنىمىزگە خىتايلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. 1884-يىلى نويابىردا زوزۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى شىنجاڭ دەپ ئاتاپ رەسمىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.

(4) قەشقەرىيەنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى-ئىچكى سىياسەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر

رۇس تارىخچىسى مايسېيېۋ ياقۇپبەگ دۆلىتىنىڭ ئاسان يىمىرىلىپ كېتىشىدىكى ئىچكى ئامىللار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە ياقۇپبەگنىڭ ئىسلام دىنى قوغداشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن باشلاپ، يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا ئەنئەنىۋى ئاساسقا ئىگە بىر قانچە يەرلىك ھۆكۈمرانلارنى يوقاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغان بۇزرۇكۋار غوجىنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يەر بېجى سىياسىتى ھەمدە يەتتە شەھەر ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بەزى دىنىي تۈزۈملىرىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئەنە شۇنداق بىر قاتار يېتەرسىز تەرەپلىرى ئاستا-ئاستا يەرلىك خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلىتىپ قويدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يەكۈنلىرى

ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرامۇ ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا ياقۇپبەگ قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىدىكى شانلىق نامايەندە بولسىمۇ، بىراق ياقۇپبەگنىڭ توغرا ئىچكى سىياسەت يۈرگۈزەلمەسلىكى شۇنىڭدەك مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن سۇلھى يولىنى تۇتۇشىنىڭ ئاقىۋەتتە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ يوق قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

رۇس ئالىمى بورىس مايسېيېۋنىڭ يەكۈنىچە، ياقۇپبەگ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى بولۇشتەك ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ يەتتە شەھەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى ھەم بۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە ئېرىشىپ، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن سودا كېلىشىملىرى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەرب ئەللىرىدە ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ياقۇپبەگ قۇرغان دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك مۇسۇلمان دۆلىتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆپتۈرمە پەرەزلەرمۇ تەڭ يوق بولدى.

خاتىمە

1852-يىلى ۋەتىنىمىزدە تۇنجى كونسۇلخانا قۇرۇپ، ئالمائاتادا «ۋېرنىي قورغىنى»نى ياساپ، شۇ يەرنى بازا قىلىپ بىاپايان غەربىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلىپ، 1867-يىلى ئىيۇندا تۈركىستان ھەربىي گوبېرناتورلۇقىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئون يىلدىلا خىۋە خانلىقى، بۇخارا خانلىقى، قوقان خانلىقى ۋە ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ كۈچىيىپ كەتكەن ئورۇسلارغا ئوبدان قاراپ باقساق، 1869-يىلى مۇز داۋانغا تاجاۋۇز قىلغىنىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا، ئۆتكەن 151 يىل جەرياندا ئەجداتلىرىمىز رۇس مەسىلىسىنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا، چاررۇسىيە 1871-يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ، 1881-يىلى 12-فېۋرال سېسىق نامى پۇر كەتكەن «تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى» ئارقىلىق غەربىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان بولسا، ئەسلىدە ۋەتىنىمىزگە تەۋە جايدىن ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدا مۇنبەت تۇپراقنى يۇتۇۋالغان. 1945-يىلىدىكى يالتا كېلىشمىدە ۋەتىنىمىز قايتىدىن موڭغۇلىيە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بولسا، 1950-يىلى 14-فېۋرالدىكى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانى سىتالىننىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ، ئورنىغا 1955-يىلى 10-ئايدا ساختا ھەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى شەكىل ئاپتونومىيە بېرىلگەن. بىز يەنىلا 151 يىللىق رۇس مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى پاتقاقتىن تولۇق قۇتۇلالمايمىز! تارىختىكى بارلىق مەسىلىلەر يىغىلىپ قالدى. ئوشۇق ۋاختىمىز ۋە ئوشۇق ئادەم كۈچىمىز يوق. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر-بىرلەپ ھەل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق.

تۈنۈگۈن 5-مارت رۇسىيە ئاساسى قانۇننى تۈزىتىپ ماقۇللىدى. مەزكۇر ئاساسى قانۇن رۇسىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشتىن نېسىۋېمىزنى ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك! «يامانلىغان تىلەمچىنىڭ خورجۇنىغا زىيان !» دەيدۇ ئەجداتلار! بىز رۇسلاردىن 150 يىل يامانلاپ يۈردۇق. پەس خىتايلار 150 يىل قانچە خورلۇق تارتسىمۇ ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈپ بۈگۈنكى دۇنياۋىي كۈچلۈك ئەلگە ئايلاندى.

«بىز ھەم ئۆزىمىزدىكى كىبىرلىك، ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئاكىسىراش ئىللەتلىرىنى كېلەر يىلغا قالدۇرماي تۈپتىن يوقىتىشىمىز كېرەك!».

«ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!».

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئاساسلىقى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسىسى، شۇنداقلا ئومۇمىي دۇنيا ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنى تەھلىل قىلغان ئاكادېمىك يازمىلىرىدىن قىسقارتىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ سۇنۇلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top