You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » سىتالىن ۋە ئۇيغۇرلار

سىتالىن ۋە ئۇيغۇرلار

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى: ئەھمەد سۇلۇق

كىرىش سۆز

«ئىدىيە قورالدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ! بىز دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قوراللىق بولۇۋېلىشىغا يول قويمايمىز يۇ، نېمىشقا ئىدىيىلىك بولۇۋېلىشىغا يول قويغىدەكمىز؟» – جوزېف سىتالىن

نۆۋەتتىكى خەتەر دەل شۇ. «ھومىيىپ كەلگەن گازىر كۆزلۈك دۈشمەندىن، ھىجىيىپ كەلگەن ھەسەل سۆزلۈك دۈشمەن تېخىمۇ خەتەرلىك!». ئۇيغۇر خەلقى چىشقا ئوخشايدۇ. ئۇنى ئاچچىق ۋە قىرتاق كۈشەندىلىرى چىرىتىپ تاشلىيالمىدى. ئەمما شىرىن ۋە شېكەر كۈشەندىلىرى ئۇنى ھامان تېگىدىن چىرىتىپ تاشلايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرغا شەرقنىڭ نە غەرپنىڭ يولى نىجاتلىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. پەقەت ئۇلۇغ ئەجداتلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى مىڭ يىللىق شانلىق ۋە قانلىق تارىخىي تەجرىبە مۇجەسسەملەشكەن مەركىزىي ئاسىياچە يوللا ئۇنىڭ ھەقىقىي نىجاتلىق ۋە بىخەتەرلىك يولىدۇر. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن، ئاناتولىيەدىن، ئوتتۇرا شەرقتىن ۋە ياۋروپادىن شۇ پېتى قوبۇل قىلغان يېڭىلىقلار بىزگە ماس كەلمەيدۇ. ۋاقىتلىق ماس كەلسىمۇ دۈشمەنگە قارشى قوللىنىشقا يارىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئەكس ئەتكەن، بىزنىڭ ئەمەس. ھەم ئۇ نەرسىلەر، ھەتتا دېموكراتىيەمۇ ھىلىگەر خىتايغا قارشى ئاقمايدۇ.

1878-يىلى 18-دېكابىر، جوزېف سىتالىن تۇغۇلغان. 1953-يىلى 5-مارت سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىپ، كېرمىل سارىيىغا دەپنە قىلىنغان. ئەمما رەئىس نىكىتا خىروششىيوف قوزغىغان «سىتالىننى تەنقىد قىلىش دولقۇنى» بىلەن ئۇنىڭ سادىق ئادەملىرىمۇ قىلمىشلىرىنىڭ بەدىلىنى ئۆتىگەن. 1961-يىلى 31-ئۆكتەبىر «ئۇرۇش جىنايەتلىرى» بىلەن ئەيىپلەنگەندىن كېيىن، سىتالىننىڭ جەسىتى قىزىل مەيداندىكى لېنىننىڭ يېنىدىن كولىنىپ ئېلىنىپ موسكۋا ئەتراپىدىكى چەت بىر تاشلاندۇق مازارلىققا كۆچۈرۈۋېتىلگەن. 1986-يىلى 8-نويابىر ئۆلگەن جاللات مولوتوف 1890-يىلى 9-مارت تۇغۇلغان بولۇپ، سىتالىن ئۆلگىچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. غېنى باتۇر ئۇنى 1947-يىلى مايدا قىزىل مەيداندىكى سەھنىدە سىتالىن ئالدىدا قاتتىق ئوسال قىلغان. 1957-يىلى خروششىيوف ئۇنى ئىشتىن بوشىتىپ، 1961-يىلى پارتىيىدىن قوغلىۋەتكەن. قالغان ئۆمرى خارلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسنىڭ ئارقا تېرىكى ۋە يۈسۈپ سىتالىننى ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوللاشتىن سوۋۇتقۇچىلارنىڭ بېشى ئىدى .

9-سېنتەبىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس خۇشاللىققا تولغان بىر قۇتلۇق كۈندۇر. مىلادى 1976-يىلى 9-سېنتەبىر سىتالىن ۋە گېتلىردىنمۇ كۆپ قان تۆككەن جاللات ماۋ ئۆلگەن. ئۇ 1893-يىلى زوزۇڭتاڭنىڭ يۇرتى خۇنەندە بىر پومىشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1949-يىلى سىتالىن بىلەن بىرلىكتە رەھبەرلىرىمىزنى يوق قىلىپ، ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ بىلەن بىر مەھەللىلىك ۋاڭ جېننى ۋەتىنىمىزگە ئەۋەتكەن. ئاقىۋەت بۇ جاللات 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدىلا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلاپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇسىمىزنىڭ تۆتتىن بىرىنى يوق قىلغانىدى.

گەرچە بۇ جاللاتتىن قۇتۇلغىلى ساق 44 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەزىز خەلقىمىز ياۋۇزلۇقتا بۇنىمۇ قاتلاپ قويغىدەك بىر قانخورنىڭ قولىغا قالدى. ئۇنى ئۆزىمىز جەھەننەمگە يوللىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز 1759-يىلى جاۋخۇي بىلەن فۇدېنى، 1765-يىلى ئاگۇي بىلەن مىڭرۈينى، 1828-يىلى چاڭلىڭ بىلەن چاڭچىڭنى، 1878-يىلى زوزۇڭتاڭ بىلەن ليۇ جىنتاڭنى، ئۇلارنىڭ قانخور شەمشىرى دۇڭ فۇشياڭنى، 1944-يىلى شېڭ شىسەي بىلەن جۇشاۋلىياڭنى قاچۇرۇپ قويماي تىرىك تۇتۇپ، ئۆز قولىمىز بىلەن چاناپ تاشلىغان بولساق، ۋاڭجېن بىلەن ۋاڭ ئېنماۋ، ۋاڭ لېچۈەن بىلەن چېن چەنگو خەلقىمىزگە بۇنچىلىك غايەت زور تالاپەت كەلتۈرۈش تۈگۈل، ھازىرقىدەك مىللەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى ئويلاشقا جۈرئەتمۇ قىلالمايتتى. خەير: «ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت».

سىتالىننىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن تاللانمىلار

«ئىدىيە قورالدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ! بىز دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قوراللىق بولۇۋېلىشىغا يول قويمايمىزيۇ، نېمىشقا ئىدىيىلىك بولۇۋېلىشىغا يول قويغىدەكمىز؟».

«دۈشمىنىڭنى ئۇسسۇلغا سالغۇدەك چۈشەن! تارىخ ئىسپاتلىدىكى يېڭىلمەس قوشۇن يوق!». «بىر جاننىڭ ئۆلۈمى چوڭ پاجىئە، مىليون جاننىڭ قىرىلىشى پەقەتلا سىتاتسكا خالاس!».

تارىخ ھەققىدە ئۈچ دېكتاتور نېمە دەيدۇ؟

سىتالىن مۇنداق دېگەن: تارىخنى غالىپلار يازىدۇ، بىز تارىخنى ئەلۋەتتە خالىغىنىمىزچە يازىمىز. گېتلېر مۇنداق دېگەن: تارىخ بولسا بىر مەسۈمە قىز، بىز ئۇنى قانداقلا ياسىساق بولىۋېرىدۇ. ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېگەن: تارىخنى خەلق يېزىپ قالدۇرىدۇ! ئۇنداقتا خەلق زادى كىم؟ خەلق ماۋزېدۇڭ! خەلق بولسا ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى! دېمەك ئۆز تەقدىرىگە ئىگە چىقمىغان مىللەتنىڭ تارىخى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن خالىغانچە يېزىلىدۇ!(مەلۇم بىر لېكسىيەدىن ئارىيە). «تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر!» غازى مۇستاپا كامال پاشا(ئاتا تۈرك).

مۇقەددىمە: سىتالىن تۇغۇلۇش ھارپىسىدىكى چاررۇسىيە ۋە قەشقەرىيە مۇناسىۋىتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئۈلۈشكۈن 3-مارت تارقاتقان 1877-1878-يىلدىكى چاررۇسىيە-ئوسمانىيە ئۇرۇشى ھەققىدىكى بايانلار تۈركلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇرۇشقا «بەختسىز قەشقەرىيە نىڭ يىمىرىلىش سىرلىرىمۇ يوشۇرۇنغان. ئورۇسلارنىڭ 1877-يىلى 22-ئاپرىل كاۋكاز ۋە بالقان ئارقىلىق ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى، زوزۇڭتاڭنىڭ تۇرپانغا ھۇجۇم قىلىشىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن. چۈنكى زورۇڭتاڭ گەرچە 1876-يىلىدىن باشلاپ قۇمۇلدا پۇرسەت كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما تارىم ۋادىسىغا كىرىشتە چوقۇم رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە رۇخسەت قىلمىسا بولمايتتى. بەدۆلەت نىمجان ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغاچقا، چاررۇسىيە ئۇنىڭ ئارقا تەرەپتىن پاراكەندە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ زورۇڭتاڭغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەننى ئاز دەپ، يەنە ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن. بىردىنلا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشكەن ئەنگلىيەمۇ ئوخشاشلا يۈز ئۆرۈپ، زوزۇڭتاڭنى قوللاشقا ئۆتكەن.(گەرچە ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە چاررۇسىيە-ئوسمانىيە ئۇرۇشىدا رۇسلارنى قوللاشقا قارشى تۇرۇپ، ئۈچ قېتىم تەختتىن چۈشۈش ئارقىلىق تەھدىت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا رۇسلارنى قوللىغان). شۇڭا ئۇ 1877-يىلى 14-ماي تۇرپاننى يۈرەكلىك قورشىۋالغان. ئەمما بەدۆلەت نېمە ئۈچۈندۇر ئوغلى ھەققۇلىبەگ بىلەن ھېكىمخان تۆرىنى تۇرپاندىن قاراشەھەرگە چېكىنىشكە بۇيرىغان. ئۇلارمۇ نائىلاج 30 يىلغا يەتكىدەك ئاشلىق ۋە ئوتۇن-سامانغا ئوت قويۇپ چېكىنگەن. بىراق بەدۆلەتنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، كورلىغا بارغىلى جۈرئەت قىلالمىغان. بەدۆلەتمۇ تۇيۇقسىزلا 29-ماي قازا قىلغان.

نەتىجىدە 6-ئىيۇن كورلىدىكى قەشقەرىيە قوشۇنى ھېكىمخان تۆرەمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. قەشقەردىكى بەدۆلەتنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ تۆرەمنى ئېتىراپ قىلماي، ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان. ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ، ئېغىر چىقىم يەپ، بىر قىسمى ئۇچتۇرپان ئارقىلىق قوقانغا كەتكەن. بىر تۈركۈمى زوزۇڭتاڭغا قارشى ئاداققىچە جەڭ قىلماقچى بولغان. دەل شۇ چاغدا بەدۆلەتنى زەھەرلىگەن دەپ قارىلىۋاتقان خوتەن ھاكىمى نىياز ھېكىمبەگ توپىلاڭ كۆتۈرگەن. بەگقۇلىبەگ ئۇنى تىنجىتىش ئۈچۈن خوتەنگە كەلگەن. ئاندىن زوزۇڭتاڭغا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولغىندا،قول ئاستىدىكى بىر قىسىم ئەنجانلىقلار چاررۇسىيەگە قېچىشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنە بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەر بۇنىڭ خىيانەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ، تارىم ۋادىسىدا قېرىنداشلىرى بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇشقا قەسەم قىلغان. بەگقۇلىبەگ قەشقەر ئارقىلىق چاررۇسىيە ئىشغال قىلغان قوقانغا قاچقان. قېچىشنى نومۇس بىلگەنلەر ھەممىسى خوتەنگە چېكىنىپ، زوزۇڭتاڭ قوشۇنى بىلەن 1878-يىلى 5-يانۋاردىن 22-يانۋارغىچە ئەڭ ئاخىرقى ماماتلىق جەڭنى قىلىپ، ھەممىسى شېھىت بولغان. موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خوتەن ۋالىيسى توقسۇباي ۋە ئامىلخان تۆرە قاتارلىق بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەركانلىرىدىن توقسان نەچچە غوللۇق كىشى شېھىت بولغان.

زوزۇڭتاڭ ئورۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىپايان قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا يۈز ئۆرۈپ، ئورۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. چۈنكى ئورۇسلار 1877-1878-يىللىرىدىكى ئوسمانىلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆزىمۇ ئېغىر چىقىم تارتىپ، يېڭى ئۇرۇش قوزغاشقا ماجالى يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زوزۇڭتاڭ تەھدىت سېلىشنى باشلىغاندا، چاررۇسىيە قوشۇنى تېخىچە ئوسمانىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، 1878-يىلى 1-مارت ئاندىن كېلىشىم تۈزۈپ ئۇرۇش توختاتقان.

زوزۇڭتاڭ 1879-يىلى قۇمۇلدا رەسمىي ھەربىي پوپوزا قىلىپ، ئەگەر چاررۇسىيە ئىلىنى قايتۇرۇپ بەرمىسە، ئەسكەر تارتىپ يەتتە سۇغا بېسىپ كىرىدىغانلىقى، شۇنداقلا چاررۇسىيە 1851-يىلدىن 1871-يىلغىچە بولغان ئون يىلدا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلاردىن تارتىۋالغان بىر مىليون كۇۋادرات كېلومېتىر چىقىدىغان كەڭ زېمىننى ئىشغال قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نوتا تاپشۇرغان. (مانجۇرلار 1765-يىللىرىغىچە ئىشغال قىلغان جايلارنى، جۈملىدىن ئابلايخان ئۇلۇسىنى ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى دەپ بىلجىرلىغان).

زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ناچار بىر خىتايلىقى چاررۇسىيە تۈركىستان گېنىرال گوبېرناتۇرى كاۋفماننىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. چۈنكى كاۋفمان ئەگەر زوزۇڭتاڭنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىمىگەن بولسا، تارىم ۋادىسىدا دۇنيا ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كوللىكتىپ دەپنە قىلىنىش ۋەقەسى زوزۇڭتاڭنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئورۇسلار ئەنە شۇ چاغدىلا ئاجىز مەنچىڭ ئىمپىرىيىسىنى تىزگىنلەشكە باشلىغان خىتاي مىلىتارستلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان.

زوزۇڭتاڭ چاررۇسىيەگە ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دىپلوماتىيەدە ئويۇن ئويناشقا باشلىغان. ئۇ قەشقەرنى ئىشغال قىلىپلا، چاررۇسىيەدىن مەنچىڭ خانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەنشى بىلەن كەڭسۇدا 14 مىليون خىتاينى قىرىپ تاشلاپ، تۇڭگانلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغان تۇڭگان سەردارى بەيياڭخۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھەممىگە مەلۇم، تۇڭگان بەيياڭخۇ ئەسلىدە زوزۇڭتاڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلەلمەي ۋەتىنىمىزگە قېچىپ چىقىپ، ياقۇپبەگدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ياقۇپبەگ ئۇنى ماناسقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1876-1877-يىللىرى ماناس ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قىسىملىرى قوماندانى قىلغان. بەيياڭخۇ سادىقلىق بىلەن تاكى 1877-يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ئاسىيلىق قىلماي، چېكىنگەچ ئۇرۇش قىلىپ، بەگقۇلىبەگ بىلەن بىللە قوقانغا قېچىپ كەتكەن. مانجۇرلار ئۇنى قوغلاپ كېلىپ يېتىشىۋالاي دېگەندە ئۇ چاققانلىق بىلەن قەشقەرىيە-چاررۇسىيە چېگرىسىدىكى داڭلىق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كەتكەن .

زوزۇڭتاڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى يىقىتىپ بولۇپ، بەيياڭخۇنى باھانە قىلىپ رۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغاندا، تۈركىستان ھەربىي ۋالىيسى كاۋفمان چارپادىشاھقا تەكلىپ بېرىپ، قەشقەردە بەگقۇلىبەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇنى خان قىلىپ، جۇڭغارىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېيتقان. بىراق بۇ پىلاننى بىلىۋالغان مانجۇرلار دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى چاررۇسىيەگە بېرىۋېتىش ۋە ئۇرۇش تۆلىمى تۆلەش شەرتى بىلەن ئىلىنى سېتىۋالغان. ئاخىرىدا 1881-يىلى 24-فېۋرال تۈركىستاننى بۆلۈشۈش نىشان قىلىنغان پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۆت مىليون كۋادرات كېلومېتىر بىپايان زېمىن چاررۇسىيەگە، ئىككى مىليون كىۋادرات كلومېتىر بىپايان زېمىن مانجۇرلارغا تەۋە بولغان. شۇنداق قىلىپ، بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيىنىڭ ياردىمىدە، پۇرسەتپەرەس مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىپ، خىتاي گېنىرالى زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەتىنىمىزگە خىتايلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. 1884-يىلى نويابىردا زوزۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى شىنجاڭ دەپ ئاتاپ رەسمىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.

1. سىتالىننىڭ غەزىپى ۋە بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشى

1933-يىلى 4-ئاپرىل خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، 16-ئىيۇن يەكەننى ئۇرۇش بىلەن ئالدى. 22-ئىيۇل سابىت داموللام قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ، تۆمۈر سىجاڭ بىلەن يىرىكلىشىپ قېلىپ، 7-ئاۋغۇست تۆمۈر سىجاڭنى تۇڭگانلار ئۆلتۈرۈپ، قەشقەرنى ئىگىلىۋالدى. 15-ئاۋغۇست سابىت داموللام بىلەن ئوسمان ئەلى بىرلىكتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ قەشقەردىكى تۇڭگان باندىتلىرىنى يېڭىشەھەرگە چېكىندۈرۈپ، شۇ يىلى 12-نويابىر ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى دېموكراتىك ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەت سىتالىننىڭ كۆزىگە قادالغان مىخقا ئايلاندى. چۈنكى سىتالىن 1922-يىلدىن 1932-يىلغىچە مىڭ تەستە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىلچىلىرىنى تولۇق يوقاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ۋە ئاتامانلىرى ھاكىمىيەت سېپىدىن ئورۇن ئالغان ھەم غەربىي تۈركىستان خەلقى بىلەن قېرىنداش خەلق تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ دىنىي ھاكىمىيەت سىتالىننىڭ ئارقا ھويلىسىغا چوڭ تەھدىت بولۇپ ھېساپلىناتتى. شۇڭلاشقا تېخىچە شېڭ شىسەينى قوللاشتا ئارىسالدى بولۇپ تۇرغان سىتالىن جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشى بىلەنلا شېڭنى ئاكتىپ قوللاشقا باشلىغان.

1933-يىلنىڭ ئاخىرىدا «ئالتايىسكىي» نامىدا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، 1934-يىلى يانۋاردا ماجۇڭيىڭنى ئۈرۈمچىدىن تارىم ۋادىسىغا قېچىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەنگلىيە سىتالىنغا «ئەگەر بۈگۈن قەشقەرگە ئورۇس قوشۇنى كىرسە، ئەتە ھىندى قوشۇنى كىرىدۇ» دەپ نوتا تاپشۇرغاچقا، سىتالىن قوشۇنىنى مارالبېشىدا توختىتىپ، ماجۇڭيىڭنىڭ قولى ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتنى ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى يوقىتىپ، ماجۇڭيىڭ تەرەپكە خوتەن خانلىقى تەۋەسىنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى شېڭ شىسەيگە قارشى بىر ھەربىي كۈچ سۈپىتىدە ساقلاپ قالدى. خوجىنىياز ھاجىنى شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «جۇمھۇرىيەتنى ئۆز قولىمىز بىلەن تارقىتىش مەقسىتىگە يەتتى».

نەتىجىدە 1934-يىلى 13-ئاپرىل خوجىنىياز ھاجى مامۇت سىجاڭنى سابىت داموللام، ئەدىلىيە مىنىستىرى زېرىپ قارىھاجىم، ھەربىي ئىشلار نازىرى سۇلتانبەگ ۋە ئەمىر ھەزرەتلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بۇنى ئالدىن سېزىپ قالغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا سابىت داموللامغا خوتەنگە كېتىش تەكلىپى بەرگەن. بىراق سابىت داموللام «بولار ئىش بولدى! ناۋادا بىز قاچساق ھاجىمنىڭ كاللىسى كېتىدۇ. ھاجىم نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇرۇشتا پىشقان بىر غازى. ۋاختى كەلگەندە يەنە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ. بىز ئوخشىمايمىز، شۇڭا قۇربانلىق بەرمەي بولمايدۇ! سىلى كېتىۋەرسىلە» دەپ چىرايلىق رەت قىلىدۇ. زېرىپ قارىھاجىم بىلەن سۇلتانبەگمۇ بىللە قېپ قالىدۇ. ئەمىر ھەزرەت ئەمدىلا قوشۇنلىرى بىلەن قاغىلىق تەرەپكە چىقىپ كېتىشى بىلەن يەكەندە بىر مەيدان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈز بېرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، تارىختا تۇنجى قۇرۇلغان تۇنجى مىللىي جۇمھۇرىيىتىمىز جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ بۇيرۇقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىدا مۇنقەرز بولىدۇ.

سىتالىن تېخىچە يەكەندىن چارقىلىققىچە بولغان كەڭ زېمىننى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدە كەڭسۇغا كېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان تۇڭگانلارغا شېڭ شىسەينىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەربىي بۇيرۇق بېرىپ، يەكەندىن چىڭخەي چېگرىسىغىچە بولغان بىپايان زېمىننى ئۇلارغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ. «بۇنداق قىلىشنىڭ سىتالىننىڭ شېڭغا تېخى تولۇق ئىشىنىپ بولالماي، ئۇ ئاسىيلىق قىلغان زامان تۇڭگانلارنى ھەر ۋاقىت شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇشقا سېلىش ئۈچۈن زاپاس ساقلاپ قويغانلىقى، ياكى 1931-1934-يىللاردىكى ئىنقىلابتا ئۇتۇقلۇق ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن خوتەن ئىنقىلاپچىلىرىنى تولۇق تازىلىۋەتمەكچى بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس».

1934-يىلى مايدا سوۋېتنىڭ تەقسىماتى بويىچە خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شېڭ شىسەي بىلەن بىللە ھوقۇق تۇتىدىغان، ماجۇڭيىڭ سوۋېتكە چىقىپ كېتىدىغان، ماخۇسەن 36-دېۋىزىيىنى باشلاپ، يەكەن دەرياسىدىن تاكى چارقىلىققىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، يولۋاس تۇرپان-قۇمۇلنى باشقۇرۇپ، خوجىنىياز ھاجىغا مەدەت بېرىدىغان، مامۇت سىجاڭ خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىدىن تاكى ئاتۇشقىچە بولغان پۈتكۈل قەشقەرنى باشقۇرىدىغان، يۈسۈپچان قوماندانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسكەرلەرنى سوۋېت تەرەپ يىغىشتۇرىدىغان بولىدۇ.

1937-يىلى ئاپرىلدا مەھمۇد مۇھىتى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇنىياز كامال باشلىق ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بىلەن خوتەندىكى باندىت ماخۇسەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە ھۇجۇم قوزغاپ، قەشقەر بىلەن ئاقسۇنى ئىگىلىدى. غەرپتە گېتلىر 1936-يىلدىكى تۇنجى ھەربىي غەلىبىسدىن مەست بولۇپ، خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ سىتالىنغا تەھدىت پەيدا قىلدى. ياپونىيەمۇ 1932-يىلى «مانجۇرىيە» بىلەنلا بولدى قىلماستىن، 1937-يىلى 7-ئىيۇل خىتايغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغىدى. بۇ ئۈچ خىل كەسكىن ئەھۋالدا سىتالىنمۇ كەسكىن تەدبىر قوللاندى. ئۇ دەل «چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى» ئىدى. جاللات شېڭمۇ دورىدى.

1937-يىلى 11-ئىيۇن سىتالىن سەككىز داڭلىق گېنىرالنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن چوڭ تازىلاش باشلانغان. غالچىسى شېڭ شۇ يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تازىلاشقا باشلىغان. سىتالىن ئالدى بىلەن ھازىرچە ئەڭ ئاجىز، كېلەچەكتە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇپ قالىدىغان ئارقا ھويلىسىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ئارمىيىسىگە قارشى جىددىي ھەربىي ھەرىكەت باشلاپ، 1937-يىلى سېنتەبىردە «بېرىژىنىسكىي» ماتورلۇق تانكا قىسمى (موسكۋادا تۇراتتى)، «نارىنىسكىي (مەۋلانوف قىسمى)» ۋە « ئوشىسكىي (ئىسھاقبەگ قىسمى)» نى ئەۋەتىپ، شۇ يىلى ئاخىرىغىچە تولۇق باستۇرۇپ، بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قالدۇق ھەربىي كۈچلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى.

2. سىتالىننىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى

(1) «شېڭ شىسەينىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشى»

1941-يىلى 22-ئىيۇن گېتلىر سىتالىنغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغاندىن كېيىن، بۇ ھايات-ماماتلىق ئۇرۇش 1941-يىلى ئىيۇلدىن 1942-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئەڭ كەسكىن داۋام قىلغان. جاللات شېڭ شىسەيمۇ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سىتالىندىن يۈز ئۆرۈپ، جاڭ كەيشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. ھىلىگەر گومىنداڭ ئامېرىكىنىڭ سىتالىنىڭ ئالدىدىكى ئىمتىيازىدىن ھەمدە سىتالىننىڭ ئۇرۇشتا ** قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، 1942-يىلى يازدا ئوچۇق-ئاشكارا يۈز ئۆرۈگەن شېڭ شىسەينىڭ ياردىمىدە 1943-يىلى كۈزدە ۋەتىنىمىزنى سىتالىننىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. 1943-يىلى 28-نويابىردىن 1-دېكابىرغىچە، سىتالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىل تېھراندا يىغىن ئېچىپ ئورتاق نىشاندا بىرلىكسەپ ھاسىل قىلغان. سىتالىنمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋەتىنىمىزنىڭ شېڭ شىسەينىڭ ۋاستىسى بىلەن گومىنداڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە ۋاقىتلىق سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن، سىتالىن 1943-يىلدىن باشلاپ، ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈك قازىنىشقا باشلاپلا، 1944-يىلى بىر مەيدان ئىنتىقام ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ ئىنتىقام ھەرىكىتى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئاپىرىدە قىلغان.

** سىتالىنگراد ئۇرۇشى: سىتالىن بىلەن گېتلىر ئارىسىدىكى ماماتلىق ئۇرۇش بولۇپ، 1942-يىلى 17-ئىيۇلدىن 1943-يىلى 2-فېۋرالغا قەدەر داۋام قىلغان. ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەر بىر مىليونغا يېقىنلاشقان. سىتالىن مۇشۇ قىيىن ئۇرۇشقىلا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرگەن چاغدا غالچا شېڭ شىسەي ئوچۇق يۈز ئۆرۈپ، قىزىل ئارمىيەنى چىقىپ كېتىشكە زورلىغان. ئارقىدىنلا 1943-يىلى 5-ئىيۇلدىن 23-ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلغان «كورسىك ئۇرۇشى» پەيتىدىن پايدىلىنىپ، دەرھال جاڭ كەيشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان.

سىتالىن گېتلىرنى چېكىندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خائىن شېڭ شىسەينى يوقىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋە ئىلىدا ھەرىكەتنى باشلاپ كەتتى. قەشقەر خەلقى 1934-1937-يىللاردىكى سىتالىننىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغاچقا، رەت قىلدى. ئەمما غۇلجىدا بۇ تەكلىپ قارشى ئېلىندى. ئەمما سىتالىن تېخى رەسمىي ئىنقىلاپ ۋاختىنى بېكىتمەي تۇرۇپلا، نىلقىدىكى ئالتە باتۇر ھەممە پىلاننى قالايمىقان قىۋەتكەن. نەتىجىدە ئىنقىلاپ شۇلارنىڭ خىتايغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان. سىتالىنمۇ ئالمۇتا تەرەپتە تۇتۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ياردەمگە ئەۋەتكەن.

1944-يىلى 12-نويابىر 2-جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ تۆت كۈندىن كېيىن، سىتالىننىڭ سادىق يۈزبېشى ئىسھاقبەگ ئەسكەرلىرى بىلەن ياردەمگە كەلگەن. 1945-يىلى 12-فېۋرال يالتا كېلىشىمى تۈزۈلگەن. مىللىي ئارمىيە ۋاقىتلىق ئۇرۇشتىن چەكلەنگەن. 30-ئاپرىل گېتلىر ئۆلۈۋالغان. 9-ماي بېرلىن ئىشغال قىلىنىپ، ياۋروپادا ئۇرۇش توختىغان. سىتالىن ۋەدە قىلغىنى بويىچە گېرمانىيە تەسلىم بولۇپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېچىشقا ماقۇل بولغان. 8-ئىيۇن جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىن خەۋەر تاپقان. بىراق ئۇ تاكى 5-ئىيۇلغىچە سىتالىننىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولمىغان. نەتىجىدە شۇ كۈنى سىتالىن مىللىي ئارمىيەنى قايتا ئىشقا سالغان. ئارسلانلىرىمىز ئىككى ئاي ئىچىدىلا گومىنداڭنىڭ شىمالدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، جەنۇپتا سوپاخۇن ئاقسۇنىڭ مۇھىم جايلىرىنى ئىگىلەپ، 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچىنى بىر ھەپتىدىلا قولغا ئالالايدىغان، پۈتۈن ۋەتەننى يىل ئاخىرىغىچە ئازات قىلالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بىراق بۇ ئارىدا ئەسلىدە بەش يىل ئىچىدە تەسلىم قىلدۇرۇش پىلانلانغان ياپونىيە ئىككى ئاتوم بومبا سەۋەپلىك 14-ئاۋغۇست تەسلىم بولغان.

ھىلىگەر گومىنداڭمۇ سىتالىننىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن قورقۇپ، دەرھال ھەممە شەرتىگە ماقۇل بولغان. 1945-يىلى فېۋرالدىكى يالتا يىغىنى سەۋەپلىك، مىللىي ئارمىيە ئۇرۇش توختىتىپ، بۇيرۇق كۈتكەن. ئەمما ھىلىگەر گومىنداڭ تاكى 22-ئىيۇنغىچە سىتالىننىڭ موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە، يىراق شەرق، ساخالىن ئارىلى ۋە لۇشۇن پورتىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا، سىتالىن دەرھال مىللىي ئارمىيەنى ئۈچ يول بويىچە خىتايغا قارشى ئاتلاندۇرغان. 5-ئىيۇلدىن 6-سېنتەبىرگىچە بولغان قىسقىلا ئىككى ئايدا ئارمىيىمىز كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىنى ۋە ئاقسۇ شەھىرىدىن باشقا ئاقسۇ تەۋەسىدىكى خىتاي باسقۇنچىلىرىنى تولۇق يوقاتقان. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن جاڭ كەيشى دەرھال سىتالىننىڭ ھەممە تەلىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلماقچى بولغان. 14-ئاۋغۇست ياپونىيە ئامېرىكىغا تەسلىم بولغان. شۇ كۈنى سوۋېت-خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈلگەن. بىراق 1-سېنتەبىر ياپونىيە گومىنداڭ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، روزۋېلتنىڭ ئورنىغا يېڭى چىققان تېرومېننى ئارقا تېرەك قىلىپ، سىتالىنغا بېسىم قىلغان.

ئاقىۋەت سىتالىن بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن مىللىي ئارمىيەنى 11-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويۇپ، يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بەك مەخپىي ھالدا 1-سېنتەبىر كېچە خىتايلارنىڭ «ياپونىيە ئۈستىدىن تارىخىي غەلىبە قىلدۇق!» دەپ ماختانغان ھاراق-شاراب زىياپىتى كېچىسى تاشقورغاندىن ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئۈچ ئاي ئىچىدىلا قەدىمقى يەكەن ۋە قەشقەر شەھىرىدىن باشقا بارلىق قەشقەر تەۋەسىنى ئازات قىلغان. جاڭ كەيشىنىڭ قابىل گېنىرالى، 8-ئۇرۇش رايونى ئاتامانى جۇشاۋلىياڭ 11-سېنتەبىر جىددىي مەكتۇپ يېزىپ: «ئۇيغۇرلار بىزنى تارمار قىلىپ، ئازات بولۇشقا 120 كىلومېتىرلا قېپقالدى. ئالىيلىرى دەرھال چارىسىنى قىلغايلا!» دەپ ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. جاڭ كەيشى دەرھال تۈلكە دىپلوماتى جاڭ جىجۇڭنى 13-سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق 14-سېنتەبىر سىتالىننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن. خىتايلار شۇندىلا «ئۇھ» دېگەن.

يېقىندا نەبىجان تۇرسۇن ئاكىمىز 1945-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنىدىكى بىر مۇھىم ھۆججەتنى ئاشكارىلاپ، «ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشنىڭ سىرىنى ئاچتى».

خۇلاسە قىلغاندا، ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز سىتالىننىڭ غەزىپىدىن مەيدانغا چىققان ۋە يۈكسەلگەن ھاكىمىيەت بولۇپ، ئالدى-كەينى بولۇپ بەش يىل سىتالىننىڭ بىۋاستە ياردىمى ۋە مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا داۋاملاشقان.

ھەر ھالدا سىتالىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدىكى فاشست خىتاينىڭ قولىدا قالغىنىدىن ئۆزىگە بېقىندى دۆلەت ھالىتىدە قېلىشىنى ئەۋزەل دەپ قاراپ، تاكى 1949-يىلغىچە ھاكىمىيىتىمىزنى قوللاپ تۇرغان. ئەمما 1949-يىلى خىتاي كوممۇنستلىرىنىڭ جاڭ كەيشى ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشى ئېنىق بولۇپ قالغان ۋەزىيەتتە، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى نە ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ نە بېقىندى ھالەتتە قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان. چۈنكى ھەر ئىككى ئېھتىماللىق بىزنىڭ پايدىمىزغا قاراپ تەرەققىي قىلاتتى. شۇڭلاشقا «ئامېرىكىنىڭ بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغانلىق ئىستىخباراتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، سىتالىن خىتايلارنى تېزدىن يېڭى دۆلەت قۇرۇشقا بۇيرۇق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرىستاننى تېزدىن ئىشغال قىلىشقا كۆرسەتمە ۋە ئەمەلىي ھەربىي ياردەم بەردى».

3. «يالتا يىغىنى روھى ۋە سوۋېت-خىتاي دوستلۇقى»

«يالتا يىغىنى» روھىغا ئاساسەن سىتالىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بولغان. بۇنىڭ مۇھىم شەرتى خىتاينىڭ سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلۇشى ئىدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى، ھەمدە سىتالىننىڭ 8-ئاۋغۇست ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، 19-ئاۋغۇستقىچە مانجۇرىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىشى، ئەسلىدە بەش يىلدا مەغلۇپ قىلىش بەلگىلەنگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى 14-ئاۋغۇست تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان.

ياپونلارنىڭ بالدۇر تەسلىم بولۇشى مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت بولغان. خىتاي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان. شۇ كۈنى موسكۋادا «سوۋېت-خىتاي دوستلۇقى كېلىشىمى» تۈزۈلگەن. ئەمما سىتالىن ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14-سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرلىشىنى توسمىغان. پەقەت 11-12-13-سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا، جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى ئەۋەتىپ سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق سىتالىنغا يالۋۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ۋاستىسىدا سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىگە ماقۇل بولغان. نەتىجىدە 15-سېنتەبىر موسكۋادا مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، «ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش» قارارى ماقۇللانغان. لېكىن سىتالىن جاڭ كەيشىنى تېخىمۇ تېزراق تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن شىمالدىكى ئارمىيەنى توختىتىپ قويۇپ، جەنۇپتىكى پامىر تاغلىرىدا يېڭى ئىنقىلاپ چىقارغان. ئۇلار 111 كۈن ئىچىدىلا قەشقەر ۋە يەكەن شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق قەشقەر تەۋەسىنى قولغا ئېلىپ بولغان.

جاڭ كەيشى ئاخىرى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ (1860-يىلى ئىشغال قىلىنغان. 1922-يىلى سۇنجۇڭشەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان)، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان. (دېمەك سىتالىن يالغۇز بىزنىلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي گومىنداڭغا سېتىۋەتكەن. بۇ قىلمىش ماۋنىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۆت سەۋەپنىڭ بىرى ئىدى). تىرومىن باشلىق ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945-يىلى 12-ئاۋغۇست، سىتالىن شىمالى كورىيەنى ئىشغال قىلغان. ئەمما ياپونىيە 14-چېسلا تەسلىم بولغاچقا، جەنۇبى كورىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. سىتالىن 9-چېسلا مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.

14-ئاۋغۇست موسكۋادا «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى» ئىمزالانغان. بىراق سىتالىن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ تاكى 14-سېنتەبىرگىچە ئىلگىرىلىشىنى، يەنە كېلىپ جىڭ بىلەن شىخۇنى ئېلىپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كېلىشنى توسمىغان. 11-سېنتەبىر داڭلىق خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. 12-سېنتەبىر جاڭ كەيشى سىتالىنغا يالۋۇرۇپ، تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 13-سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن. سىتالىن ئىلى كونسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنى خاتىرجەم قىلغان. 14-سېنتەبىر گومىنداڭ سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن، 15-سېنتەبىر موسكۋادا يىغىن ئېچىلىپ**، «ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش» توغرىلىق قارار چىقىرىلغان. 15-ئۆكتەبىر سۆھبەت باشلانغان. 1946-يىلى 6-ئىيۇن بىتىم تۈزۈلگەن. 28-ئىيۇن جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان.

بۇ ۋەزىيەت 1947-يىلى يازدا گومىنداڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ھىلىگەر ماۋ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىتالىننىڭ قايتىدىن ئېتىۋارىغا ئېرىشكەن (ئەمما بىزنىڭ لېدىرلار سىتالىنغا ياخشىچاق بولۇش تۈگۈل، ئۇ چىن قەلبىدىن يامان كۆرىدىغان تۈركچىلىكنى كەڭ تارقىتىپ، سىتالىننىڭ غەزىپىنى كۈچەيتكەن). ھىلىگەر ماۋ يەنە بىر تەرەپتىن تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا، 1947-يىلى مايدا «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى» قۇرۇپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنى بازا قىلىپ، سىتالىن مانجۇرىيەدە تاشلاپ بەرگەن قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلغان. سىتالىنمۇ ئۇنى 12-ماي تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ماۋ غىڭ قىلماستىن سىتالىننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغان. شۇڭلاشقا سىتالىن قايتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئامېرىكىچە قوراللانغان ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن.

دېمەك، بىز سىياسەت ئويناشتا شېڭ شىسەي بىلەن ماۋ زېدوڭچىلىك بولالمىغان. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سايىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس بىر قەۋم پۈتۈن دۇنيانى يۇتقۇدەك ھالغا كەلدى. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز «ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇنغا ئايلاندى».

(1) «گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئوينىشى ۋە چوڭ قىماردىكى پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش»

قۇۋ ۋە ھىلىگەر گومىنداڭمۇ بىزنىڭ سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن پانتۈركىزىمچى ئۈچ ئەپەندىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ سايلاپ، 1947-يىلى 28-مايدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى ۋە سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولۇپ، ئىلىدىن يەنئەنگە مايىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1949-يىلى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى تەسىرى ئاستىدا تۇتماقچى بولغان. بۇ خەۋەردىن چۆچىگەن سىتالىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ماۋنى شۇ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت قۇرۇپ بولۇشقا قىستاپ، بىر تەرەپتىن ئايروپىلان چىقىرىپ، لاتا خەيلىك، شۇم نىيەتلىك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بولغان رەھبەرلىرىمىزنى كۆزىنى مىت قىلمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە 70 يىللىق پالاكەت باشلانغان.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارنى يۈز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا مەجبۇرلىسا، غەرپتە گېرمانىيەنىڭ قايتا كۈچىيىشى رۇسلارنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ئىتتىپاقداش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ۋەتىنىمىز 1870-يىللىرى «چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن» نىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، مانجۇرلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسا، 1921-يىلى ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن لېنىن ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەمەلدى قالدۇردى. 1934-يىلى ئارقا ھويلىسىدىلا دۈشمەنلىرىنى قوينىغا ئالغان، كوممۇنىزىمغا ۋە جاھانگىرلىككە قارشى بولغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى سىتالىن «ياپون تەھدىتى ۋە مانجۇرىيە دۆلىتى تەجرىبىسى»نىڭ قايتىلىنىشىدىن قورقۇپ خائىن تۇڭگانلارنىڭ قورال كۈچى بىلەن يوقاتقان بولسا، 1944-يىلى ئۆزى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 2-جۇمھۇرىيىتىمىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ يوقىتىۋەتتى.

قىسقىسى، يىراقتىكى ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ يىراقتىكى گېرمانىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن تاسادىپىي ھالدا بىردىنلا مەنپەئەتىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىشى سىتالىننى كەسكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ سادىق بولغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. پۈتۈن ئىشلار بىر ئاي ئىچىدىلا تاماملاندى. 25-ئاۋغۇست ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، يەنى 26-سېنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان گومىنداڭ تاجاۋۇزچىلىرى گۇڭسەنداڭغا تەسلىم بولدى. 17-ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چۈشۈرۈلدى. مانا بۇ يىل بۇ پالاكەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزغا دەل 71 يىل توشۇپ قاپتۇ.

4. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنى قولدى بېرىش

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋېنستون چېرچىل دۇنياغا مەشھۇر ‹‹تۆمۈر پەردە» (ئىرون كۇرتائىن) دېگەن نۇتۇقنى سۆزلىگەن. نەتىجىدە مۇشۇ نۇتۇق يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان ئىدى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، سوتسيالىزىم لاگىرى يىمىرىلدى. شۇنداق قىلىپ، مەزكۇر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئامېرىكا باشلىق غەرپ كاپىتالىزىم لاگىرىنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەسلىدە «گېتلىر + موسسۇلىن + خېدىكى» قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى «بېرلىن + رىم + توكيو» ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە قارشى «ئىتتىپاقداشلار» ئۇرۇشتىن كېيىن بىردىنلا «ئەشەددىي رەقىپلەر»گە ئايلاندى. شۇ قاتاردا خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پالاكەت ئۇرۇشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەمما ھىلىگەر خىتايلار ھەم ئامېرىكا، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ ۋە خۇشامەت قىلىپ يۈرۈپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى. بىز پەس خىتايچىلىكمۇ بولالماي، قولىمىزدىكى نېنىمىزنى تارتقۇزۇپ قويدۇق. مانا ئەمدى مىللەت سۈپىتىدە جېنىمىزنىمۇ تارتقۇزۇپ قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.

يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، 1945-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1946-يىلى يازغىچە سوزۇلغان يارىشىش مۇساپىسى «گومىنداڭ بىلەن گۇڭسەنداڭ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قىسقا مەزگىل ۋاقىتلىق يالغان تىنچلىق پەيدا قىلدى». ئارقىدىنلا ھەممە ئىش بۇزۇلدى.

1946-يىلى يازدا تاماملانغان بۇ بىرلىشىش 1947-يىلى مايدا يىمىرىلدى. سوۋېت بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا سوغۇق ئۇرۇش باشلاندى. ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلدى. سىتالىن قايتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيەنى كۈچەيتىپ، يېڭى رەقىبى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گومىنداڭنىڭ ئامېرىكىچە قوراللانغان 100 مىڭ سەرخىل ئەسكىرىگە قارشى قويدى. ئەمما 1947-1949-يىللىرىدىكى بىردىنبىر ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت خەلقىمىزنىڭ «ئۇلۇسچى» ۋە «مىللىي جۇمھۇرىيەتچى» ئىدىيىۋى تالاش-تارتىشى بىلەن بەربات بولدى.

1949-يىلى ماۋنىڭ جاڭنى يوقىتىشى ئېنىق بوپقالغان ۋەزىيەتتە، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق قوللىشى ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرال باشلىرىغىچە مىكويان خىتايغا كەلدى. ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋاغا باردى. ئاۋغۇستتا خىتاي جاسۇسى دېڭ لىچۈن موسكۋادىن ئالمائاتا ئارقىلىق غۇلجىغا كەلدى. سۇيقەستلەر باشلىنىپ كەتتى. 25-ئاۋغۇست رەھبەرلەر غايىپ بوپكەتتى.

26-سېنتەبىر قارا خىتايلار قىزىل خىتايلارغا تەسلىم بولدى. 17-ئۆكتەبىر تاجاۋۇزچىلار كەلدى. شۇنداق قىلىپ، سوغۇق ئۇرۇش پارتلاپ تېخى ئۈچ يىل توشمايلا، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. ئەسلىدە مانجۇرلار ۋە ياپونلارنىڭ ھەربىي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خىتايلار بىردىنلا مۇستەملىكە قىلغۇچى كۈچكە ئايلاندى. بۇ تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەت بوپقالدى.

5. ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن ئىشغالىيەتكىچە بولغان تۆت يىلدىكى بىر قىسىم زور ئىشلار

1945-يىلى 4-فېۋرال باشلانغان يالتا يىغىنىدا، سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن روزۋېلت، چارچاپ كەتكەن چېرچىل، ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن سىتالىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 12-فېۋرال يالتا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، سىتالىن ئەڭ چوڭ ئۇتقۇچى بوپ قالغان. سىتالىننىڭ تەلىيىگە، يالتا يىغىنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي روزۋېلت ئاپرىلدا ئۆلۈپ كەتكەن. چېرچىلمۇ 16-ئىيۇل موللاق ئاتقان. نەتىجىدە 1945-يىلى 17-ئىيۇل ئېچىلغان پوتسدام يىغىنىدا ترۇمېن ۋە يېڭى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سىتالىن بىلەن قايتا كېڭەش ئۆتكۈزگەن.

سىتالىن بىر ئاي ئىچىدە مانجۇرىيەگە قوشۇن چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن. بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن (8-ئىيۇن) جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىن خېلىلا كېچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما سىتالىننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولمىغاچقا، سىتالىن شۇ يىلى ئاپرىلدا توختىتىپ قويغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىزنى كەڭ كۆلەمدە ئۈچ سەپ بويىچە خىتايغا قارشى ئاتلاندۇرغان ۋە قوراللاندۇرغان.

ئەسكەرلىرىمىز ئىيۇلدا جەنۇبىي سەپتە سوپاخۇن باشچىلىقىدا تەڭرىتاغدىن ئېشىپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان. ئوتتۇرا سەپتە جىڭ ۋە شىخونى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىرىشكە تەييارلانغان. شىمالىي سەپتە ئوسمان باتۇر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالتايدىكى بارلىق خىتاي ئەسكىرىنى يوقاتقان. گەرچە ياپونىيە مۇددەتتىن بۇرۇن تەسلىم بولۇپ، «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى» 14-ئاۋغۇستتىلا ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما سىتالىن خىتاينى تېخىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىمىزنى 14-سېنتەبىرگىچە يەنە بىر ئاي ئۇرۇشتىن توسماي، «ئىككى سائەتتىلا ئۈرۈمچى ئازات بولىدىغان، يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋەتىنىمىز ئازات بولىدىغان» ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان. ئەمما 15-سېنتەبىر خىتاينىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن ئارمىيىمىزنى ماناس دەرياسى بويىدا رەسمىي توختىتىپ قويغان.

ئەسلىدە 1945-يىلى ئۆكتەبىردە سۆھبەتكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلاردا 1946-يىلى 6-ئىيۇن سىتالىننىڭ بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق ئەمەلدىن قېلىپ، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، 28-ئىيۇن غۇلجا شەھىرىدە 2-جۇمھۇرىيەت تارقىتىۋېتىلىپ، 1-ئىيۇل ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى. بىراق گومىنداڭ شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە 1946-يىلى نويابىرغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا ئىشغالچى قوشۇنىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى. سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى بولسا دەل ئەكسىچە 10 مىڭغا قىسقارتىلدى.

چېرچىلنىڭ ئامېرىكىدىكى «تۆمۈر پەردە نۇتقى»دىن كېيىن، خىتاي، كورىيە، مانجۇرىيە، موڭغۇلىيە ھەمدە قۇتلۇق ۋەتىنىمىز غەرپ بىلەن سوۋېتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى. ئامېرىكا قوللاۋاتقان گومىنداڭ 1946-يىلى ئۆكتەبىردىكى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەسلىدە سىتالىن جاڭ كەيشىگە سېتىۋەتكەن خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى 1947-يىلى مايدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن. بۇنىڭ تەسىرى موڭغۇلىيە بىلەن ۋەتىنىمىزدىمۇ ئوچۇق كۆرۈنگەن بولۇپ، 1947-يىلى 12-ماي موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قايتا جاكارلانغان (1912-يىلى 12-فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇل گېگەنى چاررۇسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلىلا مىللىي مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىراق قوللىغۇچىسى چاررۇسىيە 1917-يىلى يوقالغاچقا، ئارقا تېرىكى يوق پۇرسەت كۈتۈپ، 1924-يىلى ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1945-يىلى سىتالىن ئۇيغۇرىستاننى قۇربان قىلىپ، جاڭ كەيشىگە موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان).

1947-يىلى سىتالىن، كۈنسىرى گومىنداڭدىن يېڭىلىپ شىمالغا قېچىۋاتقان ماۋزېدوڭنى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ۋەتىنىمىزدە بولسا، گومىنداڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ 10 كۈن ئۆتۈپلا مەسئۇت بايقۇزىنى باشلىق قىلىپ، سوۋېت ۋە ئىلى تەرەپكە پانتۈركىزىم قارتى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالمىغان رەھبەرلىرىمىز ئىككى يىل ئۆز-ئارا «قىزىل پاچاق كوممۇنستلار، ئەشەددىي سوۋېتپەرەسلەر»، « ئاپتونومىيەچىلەر، سادىق خىتايپەرەسلەر» دەپ قالپاق ئىجاد قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق 1949-يىلى كىرىشى بىلەن ماۋ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ سىتالىننىڭ خاھىشى بويىچە مەسئۇتنى ئېلىپ تاشلاپ، سىتالىنچى ۋە ماۋچى بۇرھان شەھىدىنى باشلىق قىلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كېيىنكى ئايدا سۇيقەست باشلىنىپ، ئەخماتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ئېچىنىشلىق يوقىتىلدى. ئۈچ ئەپەندى باشلىق مىللەتچىلەر لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىرگە قاچتى. خەلقىمىز 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى».

1947-يىلى 28-ماي بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. شۇندىن كېيىنلا مەزكۇر ھۆكۈمەت سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە نەچچە ئاي ئىچىدىلا يىمىرىلدى. 1947-يىلى 12-ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.

ئۇزاققا قالماي، باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ غۇلجىغا كېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تارىخىي پۇرسەت كەلدى. شۇنىڭ بىلەن 1947-يىلى سېنتەبىردىن 1949-يىلى 26-سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تۇرۇۋاتقان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى كومپارتىيىگە تەسلىم بولغىچە ساق ئىككى يىل ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى.

سىتالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا بىۋاستە كۆرسەتمە بېرىشى بىلەن مىللىي ئارمىيىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلىپ، سانى تولۇقلاندى. ئەمما بۇ ئالتۇن پۇرسەت كەلگەن ئىككى يىلدا خەلقىمىز «گومىنداڭچى ئۈچ ئەپەندى تەرەپ»، «سوۋېتچى ئىلى تەرەپ»، «بىتەرەپ تەرەپ» ۋە «خىتاي كومپارتىيسى تەرەپ»تىن ئىبارەت تۆت قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا كۈرەش قىلىپ، سىتالىننى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە سىتالىن ساقلاپ قالماقچى بولغان جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە قوراللىق قىسىملار خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىدىغان كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم بولۇپ، گومىنداڭنىڭ ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋزېدوڭنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن كوزىر ۋە پېشكىغا ئايلىنىپ قالغان. ھىلىگەر ماۋمۇ شۇ پۇرسەتتە سىتالىننىڭ قايتىدىن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان.

ئەڭ ئاخىرىدا 1948-يىل ئاخىرىدا كومپارتىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل ساقلاپ قېلىش ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. بۇ ئەھۋالدا سىتالىن كەسكىن ۋەزىيەتتە كەسكىن قارار چىقاردى. 1949-يىلى يانۋاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئايدا مولوتۇف زىيارەتكە كەلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. 14-ئاۋغۇست دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كىرىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. 17-ئاۋغۇست سۆھبەتلەشتى. 19-ئاۋغۇست «ساختا چاقىرىق» كەلدى. 23-ئاۋغۇست ئە. قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئالمۇتىغا كەتتى. 24-ئاۋغۇستتىكى سىرلىق سۆھبەتتىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ، ئۇلارنىڭ 25-ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى، خىتايلار 27-ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

11-سىنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىنگە باردى. 26-سىنتەبىر گومىنداڭ تەسلىم بولدى. 1-ئۆكتەبىر ۋەتەن مۇنقەرز بولدى.

ۋاڭ جىن ئۈچ مىڭ ئاقساق-چولاق ئەسكەر بىلەن 30 مىڭ ئەسكىرىمىز بار ۋەتىنىمىزگە بەھۇزۇر كىردى. قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرىپ ساق ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاندىن مىللىي ئارمىيە 25-دېكابىر ئۈرۈمچىگە كىردى. 1949-يىلى دېكابىردىن 1950-يىلى فېۋرالغىچە موسكۋادا ئاخىرقى تەقدىرىمىز پىچىلدى. مارتتا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىندى.

5. 30 يىللىق مەخپىي كېلىشىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى 

ئۇيغۇر دىيارى ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى 12-ئايدىن 2-ئايغىچە داۋاملاشقان ئىككى ئايلىق موسكۋا زىيارىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە تەسىر كۈچى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان رايونغا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ شەرتنامىسى ۋە كېلىشىملىرىدىن ئورۇن ئالدى. مانا شۇ كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا ئۇيغۇر ۋەكىلى سەيپىدىن ئەزىز موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ قاتناشتۇرۇلدى. سەيپىدىن ئەزىز باش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقىدىكى رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرقىي تۈركىستان، يەنى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە «شىنجاڭ»نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت كونتروللۇقى ۋە تەسىرى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

1950-يىلى، 14-فېۋرال كۈنى كرېمىل سارىيىدا ستالىن سەيپىدىن ئەزىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، يەنى موسكۋانىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا بىۋاسىتە قول تىققان رەھبەرلىرىدىن بىرى ئاندرېي ۋىشىنسكىي ستالىنغا: «بۇ كىشى سەيپىدىن ئەزىزوف بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ستالىن سەيپىدىن ئەزىزگە: «مەن سىزنى بىلىمەن» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ستالىننىڭ سەيپىدىن ئەزىزنى بىلىشى تەبىئىي بولۇپ، ئۇنىڭغا «سىزنى بىلىمەن» دېيىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى، ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن مەن خەۋەردار دېمەكچى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟!

ئېھتىمال، ئەخمەتجان قاسىمى ھايات قېلىپ، بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خۇددى سەيپىدىن ئەزىزگە ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسىنى شەرتسىز ھىمايە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان بولسا، موسكۋادىكى كرېمىل سارىيىدا سەيپىدىن ئەزىز ئەمەس، بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى بولۇپ، ستالىن ئۇنىڭغا نېمە دېگەن بولار ئىدى؟ دېمەك پەلەكنىڭ چاقى ئۇنىڭ بۇ سوئالغا دۇچ كېلىشىگە نېسىپ قىلمىدى. يەنى، ئەخمەتجان قاسىمىلار 20-ئەسىردىكى مەشھۇر سىرلىق قازالار تىزىملىكىگە كىرگەن «ئايروپىلان قازاسى» غا ئۇچرىدى. قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەنە شۇ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ بولۇپلا سوۋېتلىكلەر سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغانلىقىنى ۋە خالىسا ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1950-يىلى 27-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىز سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا «شىنجاڭدا رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىنلا، سوۋېت تەرەپ سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئەينەك ساندۇققا سېلىپ تەييارلاپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تاپشۇرۇپ بەردى ۋە مەخسۇس ئايروپلان بىلەن غۇلجىغا ئەكېلىپ بەردى. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشقان شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غۇلجىدىن ئايرىلغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقانىدى.

دېمەك، رۇسلارنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلانى 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى قابان تېغىنىڭ خابار داۋان دېگەن يېرىگە چۈشۈپ كېتىپ، كۆيگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ تاغىدىكى ئادەم ئالدىراپ بارالمايدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تولغان ئورمانلىق داۋاندا ھەپتىلەر ياتقاندىن كېيىن، سوۋېت دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ چۈشۈلۈپ، ئالتە ئاي ساقلىنىپ، پەقەت يېڭىچە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي شەكىللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىغا-زارە، نالە-پەريادلار بىلەن دەپنە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

6. سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

(1) سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى 1949-يىلىدىن تاكى 1959-يىلىغىچە بولغان 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى يېقىن ھەمكارلىق جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 1960-يىلىغا كەلگەندە بىردىنلا بۇزۇلدى.

ھەمدە تاكى 1989-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزارا دۈشمەنلىك ۋە سوغۇقچىلىق جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى، خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش باشلىنىپ، مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇنغا بارماي، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى.

(2) رۇس-خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈن قىزىقارلىق تېما

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان 15 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇزۇلۇپ، ئىتتىپاقچىدىن دۈشمەنگە ئايلىنىشى ھەتتا، ئىككى تەرەپنىڭ بىر قانچە مىليون كىشىلىك قوشۇنلىرى چېگرا بويلىرىغا توپلىنىپ، بىر-بىرىگە خىرىس قىلىدىغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەمدە جېنباۋداۋ (دامانسكي) ۋە تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار نېمە؟

يېقىنقى ۋاقىتلاردا رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇ مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىچىدە شېن جىخۇئا، لى دەنخۇي قاتارلىقلار بىر قەدەر سىستېمىلىق تەتقىقات قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا تايانغان. سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ھەققىدە رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىمۇ بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىدا سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى يەنىلا ستالىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خرۇشېۋقا ئارتىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا زومىگەرلىك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشىدۇ. ئەمما، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەلىبە قازىنىشى ھەتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، يېڭى خىتاينىڭ تىكلىنىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور رول ئوينىغان بولۇشىغا قارىماي، ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسىلىق ئورنىنى تالىشىپ، ستالىن دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەملىرىگە يۈزسىزلىك قىلغانلىقى، ئاخىرىدا بېرىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش پوزىتسىيىسى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

ئەمما، يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى بىر قىسىم خىتاي ئاپتورلىرى، ماۋزېدۇڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ستالىن دەۋرىدە تۈزگەن كېلىشىملەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىدا ئۇنىڭ قەلبىدە ئەسلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى جۈملىدىن ستالىنغا نارازىلىقلىرى يوشۇرۇنغانلىقى، يېڭى جۇڭگونىڭ تېخى ئاجىز ۋە خەلقئارالىق ئورنىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلىدىن ستالىننىڭ ھەر قانداق شەرتلىرىگە ماقۇل دېيىشكە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاكا، خىتاينى ئۇكا قاتارىدا كۆرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

(3) ماۋ زېدۇڭنى خاپا قىلغان ستالىننىڭ تۆت خىل خاتالىقى تۆۋەندىكىچە

«بوشۈن» تورىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى چوڭ ئىشلىرى بايانى» ناملىق كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ماۋزېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ستالىندىن قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، ئۇ ستالىننى خىتاي ئىنقىلابى مەسىلىسىدە ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، ئۇ ستالىن ھايات ۋاقتىدا بۇنى ئاغزىدىن چىقىرالمىغان بولۇپ، پەقەت ستالىن ئۆلۈپ، خرۇشېۋ ستالىننى تەنقىد قىلغاندىن كېيىنلا ئېيتالىغان.

ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، ستالىننىڭ ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىقى شۇكى، بىرىنچىدىن ستالىن 30-يىللاردا ۋاڭ مىڭنى قوللاپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان. ئىككىنچىدىن، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ستالىننىڭ يەنە ۋاڭ مىڭنى موسكۋادىن يەنئەنگە ئەۋەتكەنلىكى. ئۈچىنچىدىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ستالىننىڭ خىتاينى پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا ۋە جاڭكەيشىگە بېرىۋېتىشنى قارار قىلىشى. تۆتىنچىدىن ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى يېرىم تېتو ھېسابلىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

مەزكۇر ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىگە ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسىيانىڭ تېتوسى دېگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ماۋزېدۇڭ يەنە 1949-يىلى 12-ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا ستالىننىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتالمىغان بولۇپ، ئۇ موسكۋادا ئۈچ ئاي تۇرۇش جەريانىدا كۆپ بىئاراملىق ھېس قىلغان. ئۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ 70 ياشلىق مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ستالىندىن خىتاي-سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ستالىن بۇنىڭغا بىراقلا قوشۇلماي، ۋاقىتنى سوزغان.

ستالىن ئۇيغۇر دىيارىنى ماۋ زېدوڭغا بىكارغا بەرمىگەن (ھېلىھەم گەرچە خەرىتىدە خىتاي تەۋەسىدە بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي گېپى گەپ بولىدىغان تەرەپ يەنىلا ئورۇسلار بولۇشى مۇمكىن). ستالىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈكۈتتىن كېيىن، ئاخىرى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ۋە خىتايغا زور مىقداردا ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ماۋ زېدۇڭنى بىر قانچە مەسىلىلەردە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ستالىن «شىنجاڭ مەسىلىسى» دە ماۋ زېدۇڭنى كان مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت ساھەسى بويىچە ئىككى بىرلەشمە شىركەت قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدا ئىمتىيازىنى تىكلىشىگە مەجبۇر قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي شىمال تۆمۈر يولىنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە باشقۇرۇش، لۈشۈن پورتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلىش مەسىلىلەردە قەتئىي تەلەپ قىلغان بولۇپ، ماۋزېدۇڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالسىز قالغان. قىسقىسى، ستالىن 1949-يىلى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرىشى، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۈئې قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسلىم بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىگە كىرگۈزۈلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغاندىن سىرت يەنە شەرقىي شىمالغىمۇ قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئۇ يەردىن ياپونىيىنى قوغلىغان ئىدى.

«ماۋزېدۇڭ بىلىنمىگەن ھېكايە» ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ موسكۋادا ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ھەتتا «شىنجاڭنى مۇستەملىكە» دەپ ئاتىغاندىن سىرت يەنە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىزھار قىلغان. ستالىن بۇ بەدەللىرى ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ياشىسۇن ستالىن دەپ توۋلاشقا، ئۆزىنى مەدھىيىلەپ ماقالە يېزىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىكىنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماي، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقىمۇ تەييارلانغان.

«بوشۈن» تورىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىسقىسى، ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇنداق ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشى، ماۋزېدۇڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ئاخىرىدا بۇ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن.

خاتىمە: يېڭى ئەسىردىكى رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى

(1) ھەربىي پاراتقا يوشۇرۇنغان خەلقئارالىق سىگنال

1945-يىلى 9-ماي سوۋېت ئورۇسلارنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى» تولۇق غەلىبىگە ئېرىشكەن كۈن. گېتلىر 1941-يىلى 22-ئىيۇن كېچە سوۋېتقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ، شۇ يىل ئاخىرىدىكى لېنىنگراد، موسكۋا ۋە كىيېۋ قورشاۋلىرى، ئۇندىن كېيىنكى قىرىمدىن ئۇرال ۋە كاۋكازغىچە سوزۇلغان دەھشەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى «سىتالىنگراد ئۇرۇشى» دا گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئاخىرى تارمار قىلىشقا باشلىغان. شۇندىن كېيىن گېتلىر مۇداپىئەگە، سىتالىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە خائىنلىق قىلغان شېڭ شىسەي سىتالىننىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. زورۇڭتاڭنىڭ چاررۇسىيەگە قىلغان خىيانىتىنى ئوبدان بىلىدىغان سىتالىننىڭ شۇ كۈندىن باشلاپلا ھەر قانداق خىتايغا بولغان ئىشەنچىسى يوق بولغان. بۇنىڭ تەسىرى سىتالىننىڭ 1949-يىلى 25-دېكابىردىن 25-فېۋرالغىچە ئىككى ئاي ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ماۋنى ئاران ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى، قوبۇل قىلغاندىمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلە قىلغان. ھەتتا شېڭ شىسەي ئېرىشكەن ئىمتىيازنىڭ بىرىگىمۇ ماۋ ئېرىشەلمىگەن. بۇ ھاقارەت ماۋنىڭ 1953-يىلى سىتالىن ئۆلگەن ھامان ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشىنى، 1956-يىلى خىروششېف سىتالىننى ئوچۇق تەنقىدلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، ۋەتىنىمىزدىكى سىتالىن ئارقا تېرەك بولغان جۇمھۇرىيەتنىڭ قالدۇق رەھبەرلىرىنى 1957-يىلدىن 1959-يىلغىچە تولۇق يوقىتىشى ۋە مىللىي ئارمىيەنى 1962-يىلدىكى غەلبىلىك ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مانا ئەمدى سىتالىن ۋە ماۋ ھېكايىسىنىڭ داۋامى پۇتىن بىلەن شى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىۋاتىدۇ. دەسلەپكى سەككىز يىللىق مۇناسىۋەت شىرىن ئاي دەۋرى بولغان بولسا، ۋىرۇس ۋەقەسىدىن كېيىن « زېرىكىش دەۋرى » باشلاندى. ئەمدى بۇ يىل 9-ماي كۈنى «ئەپلىشىش دەۋرى» ياكى «سۈركىلىش دەۋرى» نى ئايرىيدىغان ئوبدان بىر پۇرسەت. ئەمما تەييار بولمىغانلار يەنىلا چاۋاك چېلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

2015-يىلقى پارات 70 يىللىق غالىبىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئورۇس خىتاي-ئىتتىپاقى ئەڭ ھاياجانلىق پەللىگە يەتكەن بولسا، 2019-يىلدىكى ئىككى چوڭ پارات پۇتىننىڭ شى`غا ھەيۋە قىلغان «ئاكىلىق ئورنىنى ئەسلىتىش» تاكتىكىسى بولۇپ، تۆۋەندىكىسى 2019-يىلى 9-ماي موسكۋادىكى ھەربىي پارات. يەنە بىرى شۇ يىلى 11-سېنتەبىر كۈنىدىكى «ۋىلادىۋوستوك ھەربىي مانېۋىرى» بولۇپ، 300 مىڭ ئورۇس ئەسكىرى يىراق شەرققە توپلانغان. مانېۋىردىن كېيىن «يېقىلغۇ ئىسراپ قىلماسلىق» ئۈچۈن قورال-ياراقلار مانجۇرىيە چېگرىسىدا قالدۇرۇپ قويۇلغان. بۇ ماھارەت شى نى ئازاپلاپ كەلمەكتە. ئەمدى پۈتۈن دىققىتىمىز 2021-يىلى 9-ماي موسكۋادىكى رەئىس سەھنىسىدە بولسۇن! «يالتا ئەھلى» يىغىلامدۇ؟ «شاڭخەي ئەھلى» يىغىلامدۇ؟ تەقدىرىمىز تەدبىرىمىزگە قاراپ تۇرماقتا.

(2) «پۇتىن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ كېرمىلدىن چىقمامدۇ؟»

جوزېف سىتالىننىڭ 2.5 مىليون ياۋرولۇق زېس ماشىنىسىنى ئوغرىلار جۈمە ئەلياتقۇ ۋاختىدا موسكۋادىكى ئورنىدىن بۇلاپ قېچىپ كەتكەن. تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى موسكۋا كوچىلىرىدا سىتالىننىڭ «مەن پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن!» دەپ خەت يېزىلغان رەسىملىرى پەيدا بولۇپ قالغانىدى.

ئۆلگۈر سىتالىن تىرىلىپ قالدىمۇ ياكى ۋىلادىمىر پۇتىن تەختكە چىققانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بىرەر گۇمپا ئىشلەتمەكچىمۇ!؟ موسكۋانىڭ بىخەتەرلىكى كۈچلۈك ئىدى. پەقەت ئارقا تېرىكى بار ئوغرىلا بۇنداق ئۇتۇقلۇق ھالدا تارىخىي نەرسىلەرنى ئېلىپ قاچالايدۇ.

1999-يىلى 31-دېكابىر بورىس يېلىتسىن 2-قېتىملىن چېچىن ئۇرۇشى ئارقىلىق ئىناۋىتى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن ۋىلادىمىر پۇتىنغا تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. مانا بۇ ۋەقەگە كېلەر ھەپتە ساق 20 يىل توشىدۇ. لېنىننىڭ جەسىتى كېرمىل سارىيىدىن قوغلاندى دېگەنلىك، پۇتىن يەرلىكىنى ئالدىن كولاپ «ۋىلادىمىر لېنىن ئورنىغا ۋىلادىمىر پۇتىن ئوبرازىنى دەسسەتمەكچى بولغانلىقى» يەنە كېلىپ يېڭى سىتالىن لەقىمى بىلەن ئەسلىنىپ تۇرماقچى بولغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن».

(3) «پۇتىن 21 – ئەسىرنىڭ سىتالىنى بولۇش ئىستىكىنى ئاخىرى ئوچۇق چاندۇرۇپ قويدى»

پۇتىن بۈگۈن ئاساسى قانۇن مەجلىسىگە «رۇسىيەنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپى بەردى. پۇتىننىڭ «تەكلىپى» ئەمەلىيەتتە بۇيرۇق! مانا ئەمدى بۇ قانۇن ئارقىلىق پۇتىن بۇرۇنقى سوۋېتقا قاراشلىق 15 دۆلەت ۋە شۇ چاغدىكى خەلقئارالىق كېلىشىملەر، جۈملىدىن «يالتا كېلىشىمى» دائىرىسىدە شەرقتىن غەرپكىچە بولغان شىمالىي يېرىم شاردا بىمالال ھەرىكەت قىلالايدۇ. 2019-يىلى 22-دېكابىر موسكۋا كوچىلىرىدا پەيدا بولۇپ قالغان سىتالىننىڭ رەسىملىرى بىلەن «مەن پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن» دېگەن شوئالارمۇ بۇنىڭغا ئىشارەت قىلماقتا. ئەھۋال مۇشۇ پېتى داۋام قىلسا، پۇتىن 2024-يىلى يانۋاردا ئۆزى «ۋەتەن خائىنى» دەپ ئېلان قىلغان ۋىلادىمىر لېنىننىڭ دەپنە قىلىنغىلى ساق يۈز يىل توشقان كۈنى جەسىتىنى كېرمىل سارىيىدىن قوغلىۋېتىپ، سىتالىننىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ غەرپ ئەللىرىگە ئېنىقلا «مەنمۇ يالتا يىغىنىدا چېرچىل بىلەن روزۋېلتنى گېپىمگە كۆندۈرگەن سىتالىن بولىمە» دېگەن ئۇچۇرنى بەرگەنلىك. ئۇرۇش بۇرۇنلا باشلىنىپ بولدى.

1953-يىلى 5-مارت سىتالىن ۋاپات بولغان بولۇپ، رۇسىيە دەل ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ 67 يىللىق خاتىرە كۈنىدە رۇسىيە ئاساسى قانۇنىنى ئۆرگەرتىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئورنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئاساس سالماقچى. 5-مارت پۇتىن ئۈچۈن ئىككى مۇھىم ئىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بىرى ئەردوغان بىلەن بولغان تاشقى ئىشلار دىپلوماتىيىسى، يەنە بىرى ئاساسى قانۇننى تۈزىتىش يىغىنى.

دىققىتىمىز ئۆگۈنلۈكتىكى بۇ كېڭەشتە بولسۇن!

يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئاساسلىقى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسىسى، شۇنداقلا ئومۇمىي دۇنيا ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنى تەھلىل قىلغان ئاكادېمىك يازمىلىرىدىن قىسقارتىپ سۇنۇلدى.

«ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!».

1869-يىلى مۇز داۋانغا تاجاۋۇز قىلغىنىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا، ئۆتكەن 151 يىل جەرياندا ئەجداتلىرىمىز رۇس مەسىلىسىنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا، چاررۇسىيە 1871-يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ، 1881-يىلى 12-فېۋرال سېسىق نامى پۇر كەتكەن «تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى» ئارقىلىق غەربىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان بولسا، ئەسلىدە ۋەتىنىمىزگە تەۋە جايدىن ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدا مۇنبەت تۇپراقنى يۇتۇۋالغان. 1945-يىلىدىكى يالتا كېلىشمىدە ۋەتىنىمىز قايتىدىن موڭغۇلىيە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بولسا، 1950-يىلى 14-فېۋرالدىكى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانى سىتالىننىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ، ئورنىغا 1955-يىلى 10-ئايدا ساختا ھەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى شەكىل ئاپتونومىيە بېرىلگەن. بىز يەنىلا 151 يىللىق رۇس مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى پاتقاقتىن تولۇق قۇتۇلالمايمىز!

تارىختىكى بارلىق مەسىلىلەر يىغىلىپ قالدى. ئوشۇق ۋاختىمىز ۋە ئوشۇق ئادەم كۈچىمىز يوق. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر-بىرلەپ ھەل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق.

بۈگۈن 5-مارت رۇسىيە ئاساسى قانۇننى تۈزىتىپ ماقۇللايدۇ. مەزكۇر ئاساسى قانۇن رۇسىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشتىن نېسىۋېمىزنى ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك! «يامانلىغان تىلەمچىنىڭ خورجۇنىغا زىيان!» دەيدۇ ئەجداتلار! بىز رۇسلاردىن 150 يىل يامانلاپ يۈردۇق. پەس خىتايلار 150 يىل قانچە خورلۇق تارتسىمۇ ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈپ بۈگۈنكى دۇنياۋىي كۈچلۈك ئەلگە ئايلاندى. «بىز ھەم ئۆزىمىزدىكى كىبىرلىك، ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئاكىسىراش ئىللەتلىرىنى كېلەر يىلغا قالدۇرماي تۈپتىن يوقىتىشىمىز كېرەك!».

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top