You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » قۇدرەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپنىڭ تەرجىمىھالى

قۇدرەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپنىڭ تەرجىمىھالى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈزچى ئەھمەد سۇلۇق

بابۇرىلار شاھى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېب ھەققىدە

كىرىش سۆز

1707-يىلى 3-مارت كۈنى، ئىمپىراتورۋاپات بولدى.

ئاۋراڭزېب موغۇل سۇلتانلىقىنىڭ بۈيۈك ھۆكۈمرانى بولۇپ، ئۇنىڭ سەلتەنەت سايىسى ئاستىدا ئىسلام دىنى جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئاجايىپ قالتىس گۈللەنگەن.

ئۇ ھايات ۋاقتىدا قولغا كەلتۈرگەن جەنۇبتىكى ئۇرۇش غەلىبىلىرى موغۇل ئىمپېرىيىسىنى 4 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتتى، ئۇ 158 مىليوندىن ئارتۇق دەپ قارالغان نوپۇسنى ئادىل باشقۇردى، يىللىق كىرىمى 450 مىليون دوللار(فرانسىيەنىڭ XIV لۇئىسنىڭ بارلىق بايلىقىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن كۆپرەك)، يەنى 1690-يىلدىكى كىرىملا ھازىرقى 38 مىليون 624 مىڭ 680 فوندستېرلىڭغا باراۋەر بولغان.

سۇلتان Aurangzeb Alamgir مىلادىيە 1618-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ھىندىستاننىڭ گۇجرات رايونىنىڭ داخود شەھىرىدە تۇغۇلغان. Aurangzeb كىچىكىدىن تارتىپلا ئالىيجاناب ۋە شان-شەرەپ ئالامەتلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە باتۇر ئاتلىق ئەسكەر ئىدى.

ئۇ دىن ۋە دۇنيالىق بىلىمنى ياخشى كۆرىدىغان دەرىجىدە ئۇنۋېرسال تەربىيەلەنگەن. بالىلىق ۋاقىتتىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتىن يىراقلاشتۇرغان.

Aurangzeb ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ۋىلايا-دېككان دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بىلىملىرىنى تېزلا ئىگىلىگەن.

ئۇ تاكى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى(1658-1707) كۆرۈنەرلىك كېڭەيگەنگە قەدەر جىھادتا ئۇدا 52 يىل تۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، مۇسۇلمانلار جەنۇبىي ئاسىيادا ئوتتۇزدىن ئارتۇق جەڭ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 11 قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش ئۇنىڭ شەخسىي قوماندانلىقىدا بولغان.

ئاۋراڭزېب ھىندىستاننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىر رەھبەرلىك ئاستىغا ئۇيۇشقان ئىسلام مۇغال زېمىنىغا ئايلاندۇردى. Aurangzeb ئىسلام ئەدلىيەسىنى قۇرغان، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، دېھلى دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئاۋراڭزېب سەكسەن تۈرلۈك باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەجدادلىرى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مۇسۇلمان بولمىغانلاردىن ئېلىنىدىغان جىزيەنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەمما شۇ ئازغىنە جىزيەنىڭ بەدىلىگە ھىندىستاندىكى بارچە مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداپ، جانلىرىنى ھىمايە قىلدى. ئۇنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى بارچە ھىندى خەلقلىرىنى تەسىرلەندۈردى. ھەتتا ھازىرقى ھىندىستان قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئاشقۇن ھىندى دىنى گۇرۇھلىرى ئۇنىڭ مازىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئالەمگىرخان گويا سالاھىددىن ئەييۇبى(1137 -1193)نىڭ ئۆزى ئىدى.

ئۇ مەسچىت، مۇنچا، موناستىر، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا قۇردى. ئۇ يوللارنى رېمونت قىلىپ باغ بەرپا قىلدى. ئۇ «پاكىستان»دىكى لاھور شەھىرىگە جايلاشقان ئېسىل بەدشاھ(پادىشاھ) مەسچىتىنى سېلىشقا بۇيرۇدى. ئۇ دائىم روزا تۇتاتتى، ئادەتتىكى جامائەتلەر بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى، ئۇ ئۆزى ئىزچىل قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى.

ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى تەيىنلەيتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئولتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلايتتى. سارايدا ھېچقانداق قاراۋۇل ۋە مۇھاپىزەتچى يوق ئىدى. ھەر قانداق كىشى ئوردىغا توسالغۇسىز بىمالال كىرەلەيتتى. ئۇ ئىسلام قانۇن بۇيرۇقلىرىنى رەسمىي دىۋان ۋە قوللانمىدا تىزىملاتقان تۇنجى ھۆكۈمدار بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى ئىسلام قانۇنىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۆلۈمى يېقىنلاپ قالغاندا، ئۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ باھاسى بەش رۇبلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بۇيرۇدى. سۇلتان توقسان ياشتا ئىدى، ھەتتا شۇ ياشتا ئۇ ئۆزى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، نامازدا ئىمام بولۇپ قۇرئان ئوقۇدى.

Aurangzeb ئەللىك ئىككى يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، 1707-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ سەلتەنەتلىك مۇسۇلمانلار دەۋرى ۋە تەڭداشسىز ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئاخىرلاشتى. ئاجىز ھۆكۈمرانلار داۋاملىق مەغلۇبىيەتكە ئەگىشىپ ماڭدى. ئاندىن كېيىن ئەنگىلىيەلىكلەر پەيدىنپەي جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئىگىلەپ، 1858-يىلى رەسمىي ھالدا موغال ئىمپىرىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 1876-يىلى ئۇنى بۈيۈك بېرىتانىيەگە بىۋاستە باغلىۋالدى.

ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ بابۇرىلار ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش ۋە كۈچىيىش دەۋرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئەڭ قابىل ۋە دانا پادىشاھ بولۇپ، شاھجاھاننىڭ ئوغلى ئىدى. شاھجاھاننىڭ دادىسى دەل نۇرىددىن جاھانگىرخان ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ، ئۇنىڭ دادىسى نەسرىددىن ھۇمايۇن، ئۇنىڭ دادىسى دەل زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر شاھ ئىدى. بابۇر شاھ ئانا تەرەپتىن تۇغلۇق تۆمۈرخانغا، ئاتا تەرەپتىن ئەمىر تۆمۈرگە تۇتىشاتتى. ئۇنىڭ دادىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا يۇنۇسخاننىڭ كۈيئوغلى ئىدى. يەنى، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن سۇلتان سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەدخان يۇنۇسخاننىڭ ئۆز بالىلىرى ئىدى.

1. بوۋىسى نۇرىددىن مۇھەممەد سېلىم جاھانگىرشاھ ھەققىدە:

1605-يىلى 3-نويابىر جاھانگىرشاھ دادىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ ئورنىغا ھىندىستان ھۆكۈمدارى بولغان. جاھانگىر شاھنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى دەل دادىسى ئەكبەر شاھ پەيدا قىلغان دىنىي مالىمانچىلىقنى تۈزەش بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ ئەجەللىك خاتالىقى چەتئەل كۈچلىرى كېڭەيمىچىلىك قورالى قىلىۋالغان سودا شىركەتلىرىگە ئىمتىياز بېرىپ، دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەجەللىك يوچۇق ئېچىپ قويغانلىقىدۇر. ئەڭ چوڭ داۋالغۇش ۋە مۇنقەرىز بولۇش خەۋپى ئۇنىڭ ئەجنەبىي خوتۇنى پىرەنسىس مانماتى دېگەن ئايالدىن تۇغۇلغان نانقېپى ئوغلى شاھجاھاننىڭ دەۋرىدە كۆرۈلگەن.

بابۇر شاھنىڭ 1542-يىلى 14-ئۆكتەبىر تۇغۇلغان نەۋرىسى ئەكبەر شاھ 1605-يىلى 13-ئۆكتەبىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ بىدئەت دىنىي ئېتىقاد سىياسىتى جەھەتتىكى خاتالىقىنى تۈزەتكەن جاھانگىر شاھ تېخىمۇ ئەجەللىك تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، 1600-يىلى 31-دېكابىر ئايال پادىشاھ ئېلزابىت بىۋاستە ئارقا تېرەك بولغان ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بابۇرىلار ئىگىلىكىدىكى جەنۇبىي ئاسىيادا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ. 1627-يىلى 28-ئۆكتەبىر جاھانگىر شاھ 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇ 1569-يىلى 31-ئاۋغۇست تۇغۇلغانىدى. گەرچە مەزكۇر شىركەت دەسلەپتە پەقەت سودا ئىمتىيازىغا قانائەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ 1709-يىلى ۋاپات بولغاندىن يۈرەكلىك ھالدا سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ، 1758-يىلدىن 1858-يىلغىچە ھىندىستاننى يۇتۇۋالىدۇ.

2. دادىسى شىھابىددىن مۇھەممەد شاھ جاھان ھەققىدە:

ئەسلى ئىسمى غىياسىدىن ھۆررەم جاھانگىر بولۇپ ، بوۋىسى ئەكبەر شاھ ھايات چاغدا، 1592-يىلى 5-يانۋار لاھوردا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئانىسى ھىندى مەلىكىسى ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاختىدىلا ئۈچ ئوغۇل ئىچىدە ئەڭ زېرەك ۋە تەدبىرلىك بولغاچقا، بوۋىسى ئەكبەر شاھ ئۇنى ئىنتايىن ئەركە ئۆگەتكەن. بىراق ئەكبەر شاھ 1605-يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، 13 ياشلىق شاھجاھاننىڭ ئەركە دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان. شۇنداقتىمۇ ئۇ ياش تۇرۇپلا ھەربىي جەھەتتىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى ئافرىقىلىق ھەبەشلەردىن بولغان ئەڭ چوڭ ئىسيانچى ھەربىي قوماندان مەلىك ئەنبەر(1548-1626)نى مەغلۇپ قىلىپ، كېلىشىم تۈزۈشى، ئۇنىڭغا تەخت ۋارىسى بولۇش شەرىپىنى ئاتا قىلغان. 1628-يىلى 19-يانۋار دادىسى جاھانگىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان. دەسلەپكى دەۋرىدە ھەر خىل ئىسيانلارنى تىنجىتىپ، پورتۇگالىيە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ تۇرغان. ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئوغلى ئەۋرەڭزېپنى 1635-يىلى نائىپ پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق ھەربىي يۈرۈشلىرى تاكى پارسلاردىن قەندەھارنى قايتۇرۇۋېلىشىغىچە داۋاملاشتى.

كۈتۈلمىگەندە ئۇنىڭ ئامراق خوتۇنى مۇمتاز مەھەل ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئەسلىدە بۇرۇنقى پارس خانلىرىنىڭ نەسلىدىن بولۇپ، 1593-يىلى 27-ئاپرىل تۇغۇلغان. شاھجاھان ئۇنى 21 ياش ۋاختىدا ئەمرىگە ئالغان. بۇ خوتۇن 1631-يىلى 17-ئىيۇن ئۆلگەندىن كېيىنلا، شاھجاھاننىڭ بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقى ۋە ئىرادىسى بوشىشىپ، بارغانسىرى دېۋەڭ ۋە نانقېپى بوپقالغان. ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شاھجاھان 1632-يىلدىن تاكى 1653-يىلغىچە 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 21 مىڭدىن ماھىر ئۇستا ئىشلىتىش ئارقىلىق، پايتەختتە غايەت زور مازار ياساتقان. ئۇ دەل ھازىرقى دۇنيادىكى يەتتە ئاجايىباتنىڭ بىرى دەپ نام ئالغان «تاجمەھەل مەقبەرىسى» ئىدى. دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان بۇ قىلمىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇش، ئىمپىرىيەنىڭ داۋالغۇپ كېتىپ، مۇنقەرىز بولۇش خەۋپىنى پەيدا قىلغان.

دادىسىنىڭ تۈگىشىپ كەتكىنىنى كۆرگەن دانا ئوغلى ئۇنى بىكار قىلىپ، ئۆزى تەختكە چىققان. شۇنداق قىلىپ، 1658-يىلى 31-ئىيۇل ۋەتەنپەرۋەر ۋە يۈكسەك ئىرادىلىك ئوغلى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. شۇنداقتىمۇ خوتۇنىنىڭ دەردىدە ئاساسەن ساراڭ بولغان دادىسىغا ئوردىدىن بىر يوچۇق ئېچىپ، يوغان بىر ئەينەكنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاجمەھەل مەقبەرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن. شاھجاھان ئاشۇ ئەينەككە قاراپ ياتقان پېتى سەككىز يىلنى ئۆتكۈزۈپ، 1666-يىلى 22-يانۋار 74 يېشىدا ئاگرادا قازا قىلغان .

3. پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھەققىدە:

«ئۇلۇغ پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭالىغان خەلىپىلەر قاتارىدىن ھېساپلىنىدۇ».
ئەللامە ئەلى تانتاۋى.

تولۇق ئىسمى ئەبۇ مۇزەففەر مۇھىددىن مۇھەممەد ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر 1618-يىلى 4-نويابىر ھازىرقى گوجارات تەۋەسىدە تۇغۇلغان. ئەبۇ مۇزەففەر ئۇنىڭ ئەرەبچە تەخەللۇسى بولسا، «ئەۋرەڭزېپ» ئەسلىدە «سەلتەنەت زىننىتى» مەنىسىدىكى پارسچە سۆز بولۇپ، «ئالەمگىر» ئاتالغۇسىمۇ پارسچە «جاھاننىڭ خوجىسى» مەنىسىدىكى سۆز ئىدى. ئۇنىڭ ۋاختىدا بابۇرىلار شاھلىقى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ۋە قۇدرەتلىك تۈرك-ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان بولغاچقا، بىر قاتار ھۆرمەت ناملار بىلەن نامى ئەبەدىي ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. ئۇ دەل ھېلىقى مۇمتاز مەھەلدىن تۇغۇلغان ئوغۇل ئىدى.

ئۇ كىچىكىدىنلا دىنغا ئالاھىدە بېرىلىپ، راھەت-پاراغەتكە قەتئىي بېرىلمەس بولۇپ ئۆسكەن. ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئەكبەر شاھ پەيدا قىلغان بىدئەت دىنىنى مىڭ تەستە ئوغلى جاھانگىر قولى بىلەن يىغىشتۇرغان شەيىخ ئەھمەدنىڭ ئوغلى مۇھەممەد مەخسۇم شاھجاھاننىڭ بۇ ئوغلىنى كىچىكىدىنلا قۇرئاننى ئۆلچەملىك ئوقۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ، ئۇنى ھەنەپى مەزھىپى بويىچە مۇكەممەل بىر مۇسۇلمان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى، تاراۋا نامىزىغا ئىمام بولۇشنى ۋە بارلىق نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى بىر ئۆمۈر ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ جەھەتتە ئۇ خۇددى ئۇلۇغ بوۋىسى يۇنۇسخاندەك ھەم ئىلىم-ئىبادەتتە، ھەم ئۇرۇش-سىياسەتتە تەق يېتىلگەن يېگانە ھۆكۈمدارغا ئايلانغان. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭغا تۈرلۈك جەڭ سەنئىتى ۋە ئۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتكەن. بۇ خىل تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئۇنى ئۇلۇغ بوۋىسى بابۇرشاھتىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك سەلتەنەتكە يەتكۈزگەن.

تېخى كىچىك ئۆسمۈر تۇرۇپلا ئۇستا چەۋاندازغا ئايلانغان. ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققىدىكى مۇنۇ تارىخ ھازىرغىچە ئۇنتۇلغىنى يوق.

ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە دادىسى قاتناشقان بىر قېتىملىق ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ چاغدا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان پىللاردىن بىرى توپتىن ئايرىلىپ چىقىپلا، ئۇدۇل ئۇ مىنگەن ئاتنى نىشانلاپ، خارتۇمى بىلەن ئۇرغان. كىچىك خانزادە ئاتتىن موللاق ئاتقان. بىراق ئۇ قىلچە ھودۇقماستىن ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان چوڭ پىلغا قىلىچ ئۇرۇشقا تەييارلانغان. ھالقىلىق پەيتتە بىر نەچچە قوغدىغۇچى ئەسكەر پىلنى ئۈركۈتۈپ ئاران كەينىگە ياندۇرغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسى يېڭىلا ۋاپات بولغانىدى. شاھجاھان ئوغلىنىڭ باتۇرلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنى 17 ياشقا كىرىشىگىلا، 1635-يىلى ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسى ۋە نائىپ پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن .

ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ بىرى ھازىرقى بېنگال تەرەپنى، يەنە بىرى ھازىرقى پاكىستان تەۋەسىنى سورايتتى. ئەۋرەڭزېپ ئوتتۇرا قىسىمنى سورىغان. بۇ جەرياندا دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپلا قالماي، بەلكى تۈرلۈك ئىسيانلارنى باستۇرۇش جەريانىدا ھەم ئەلەمدەھەم قەلەمدە يېتىشكەن، ھەم دانا ھۆكۈمدار، ھەم داڭلىق قوماندان بوپ قالغان.

شاھجاھان 1653-يىلى 21 يىلدا ئاران پۈتكەن ئاپئاق رەڭلىك تاجمەھەلنىڭ يېنىغا قاپقارا رەڭلىك شاھجاھان مەقبەرىسى ياسىتىشقا پەرمان بەرگەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇنى نەزەربەنت قىلىپ، دادىسىنىڭ نامىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. بىراق ئۇ بارا-بارا بوۋىسى ئەكبەر شاھ دەۋرىدىكى بىدئەت دىننى تىرىلدۈرمەكچى بولغان. سەگەك ۋە كەسكىن ئىرادىلىك، مۇستەھكەم ئېتىقادلىق ئالەمگىر ئاكىسىنىڭ بۇ سۇيقەستىنى بىتچىت قىلىپ، دادىسى تاشلاپ قويغان زەئىپ دۆلىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە بەل باغلىغان.

ئۇ 1657-يىلى ئاساسەن ئېغىر سەۋدالىق كېسىلىگە دۇچار بولغان دادىسىنى دەم ئېلىشقا چىقىرىپ، قالغان ئىككى بۆلگۈنچى ئاكىسىنى يىغىشتۇرۇپ، 1658-يىلغىچە ئۆزى يېگانا ھالدا ۋەزىيەتنى تولۇق تىزگىنلەپ، شۇ يىلى 31-ئىيۇل رەسمىي ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلاپ كەتكەن. ئەمما تاج كىيىش مۇراسىمى 1659-يىلى 13-ئىيۇن دېھلىدىكى شالىمار باغدا ئۆتكۈزۈلگەن.

شاھجاھان دەۋرىدە ئۆزىگە ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالغان ھىندى خانلىقلىرى ھەممىسى دېگىدەك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئالەمگىرخان تەختكە چىققان كۈندىن باشلاپلا، ئۇرۇش بىلەن ۋاختى ئۆتكەن. 50 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، ھازىرقى ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، كەشمىر، نېپال، بۇتان، سىككىم، بېنگال ۋە بېرما قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلىگەن.

4 مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق غايەت زور جۇغراپىيەنى باشقۇرغان ئالەمگىرخان ئۇدا 30 قېتىمدىن كۆپرەك چوڭ ئۇرۇش قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 11 چوڭ ئۇرۇشقا ئۆزى قوماندانلىق قىلغان.

ئۇندىن باشقا ئۇ دادىسى دەۋرىدىكى 80 نەچچە خىل ھەر خىل باجنى بىكار قىلغان. خەزىنىدىن بىر تىللامۇ خەجلىمەي، ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرئاندىن كىرىم قىلغان پۇلدا جان ساقلىغان. پۈتۈن ئۆمرى ھەربىي ھالەتتە ئۆتكەچكە ھەرەمگە ھەجگە بارالمىغان. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرئان كەرىمدىن ئىككىنى مەككە ۋە مەدىنىگە ئەۋەتىپ بەرگەن.

كىندىك قېنى لاھورغا تۆكۈلگەن دادىسىنى خاتىرىلەش 1671-يىلى ئۈچۈن لاھوردىكى قەدىمىي جامە «پادىشاھ مەسچىتى»نى سالدۇرغان ئالەمگىرخان دەۋرىدە پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. مەزكۇر مەسچىت ھازىرغىچە ئۇنىڭ شۆھرىتىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرماقتا.

ھىندىستاندىكى بابۇرىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمدارى پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھازىرقى لاھوردا 1671-يىلى سالدۇرغان پادىشاھ مەسچىتى ھازىرمۇ شۇ پېتى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. مەزكۇر مەسچىت ئېچىۋېتىلگەن مەزگىل دەل ئافاق خوجا ئىشان ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، بەدەخشان ۋە كەشمىردە تېنەپ يۈرگەن ۋاختى ئىدى. بەلكىم ئۇ ئۆزى بۇ مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن.

ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ بابۇرشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىستىداتلىق ھۆكۈمران بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە موغۇل ئىمپىرىيىسى ھازىرقى جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاساسەن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپ بولغان. بۇنچە سەلتەنەتكە ئۇل سالغان ۋە ئاخىرىغىچە قوغداپ قالغان ھىممەتلىك پادىشاھ ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىرخان 88 يېشىدا ئەھمەد ناگاردا 1707-يىلى 3-مارت ۋاپات بولغان.

ئۇ بابۇرىلار سەلتەنىتىنىڭ 6-ھۆكۈمدارى بولۇپ، بابۇرشاھ، ھۇمايۇنخان، ئەكبەر شاھ، جاھانگىرخان ۋە شاھجاھانخاندىن كېيىن ئۇدا 50 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، بابۇرىلار ئىمپىرىيىسى(1526-1858) تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ شانلىق سەلتەنەت سۈرگەن قابىل پادىشاھ بولۇپ قالدى.

4. ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپنىڭ سەئىدىيە سۇلتانى ئابدۇللاخاننى ئاتا قىلىۋېلىشى:

ئابدۇرېھىم خان ۋاپات بولغان يىلى چوڭ ئوغلى ئابدۇللاخان يەكەن شەھىرىدە خانلىق ئورنىغا ئولتۇرغانىدى. ئۇ ئىقتىدارلىق كىشى بولۇپ 33 يىللىق خانلىق ھاياتىدا بۇرۇن قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ خانلىقنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پارچىلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قەشقەرگە 30 يىل ۋالىي بولغان كىچىك ئوغلى يولۋاسخان، پىتنىخور ئىشان ھىدايىتۇللا(ئاپپاق غوجا)نىڭ قۇترىتىشى بىلەن دادىسىدىن ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئاتلىنىدۇ. ئابدۇللاخان ئوغلى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇشقان بولسىمۇ سوپى-ئىشانلار يولۋاسخانغا بولۇشۇپ ئۇرۇشقا ئارىلاشقانلىقتىن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېلىپ ئۆز ئورنىدا چوڭ ئوغلى ئابدۇل مۆمىنخاننى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ھىجىرىيە 1077-يىلى(1667−1668) ئۆز يېقىنلىرىنى بىللە ئېلىپ ھەج قىلىشقا ھىندىستانغا يۈرۈپ كېتىدۇ. دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئالەمگىرخان ئۆزى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، ئابدۇللاخاننى ئاتىسى ئورنىدا كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلغان. ئابدۇللاخانمۇ جىيەنى ئالەمگىرخاننىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئابدۇللاخان ھەج ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايلا، دېھلىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئالەمگىرخان ئۇنى شاھانە ئۇسۇلدا دەپنە قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مازىرىدا يەرلىككە قويغان.

مەزكۇر ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ راستىنلا ۋەتىنىمىزدە سەلتەنەت سۈرۈۋاتقان تاغىسى سەئىدىيە خانلىقى سۇلتانى ئابدۇللاخان بىلەنمۇ يېقىن ئۆتكەن. ھەتتا ئىككىسى بىرلىشىپ تىبەتتىكى دالاي لاماغا قارشى ئامبۇرسىمان ئىسكەنجە ھالىتى پەيدا قىلىپ، تىبەتنى ساراسىمىگە سالغان. دالاينىڭ تەلىيىگە 1668-يىلى ئافاق خوجا ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى يولۋاسنى كۈشكۈرتۈپ، سۇلتاننى ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ئۆزى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، «ئوغلىڭىز سىزگە جاپا قىلغان بولسا، مەن ۋاپا قىلاي» دەپ ئۆز ئاتىسى ئورنىدا ئىززىتى بىلەن كۈتكەن.

دالاي لاما ئافاق خوجىنىڭ ۋاستىسى بىلەن قالماقلارنى سەئىدىيە خانلىقىغا قارشى كۈشكۈرتۈپ، شىمالدىن كېلىدىغان خەۋپنى يوق قىلغان بولسىمۇ، بىراق غەرپتىن كېلىدىغان تەھىدىتنى يوق قىلىشقا چارىسىز قېلىپ، ئۆمرى يار بەرمەيلا 1682-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ چاغدا ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپمۇ ياشىنىپ قالغان بولۇپ، سەئىدخاندەك تىبەتنى بويسۇندۇرۇش خاھىشى ئەمەلگە ئاشماي قالغان. كېيىنچە ۋەتىنىمىز غالدان ۋە سېۋان ئاراپتاننىڭ ئۇدا پاراكەندىچىلىك سېلىشى بىلەن خارابلىشىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر قوشماق خانلىقىمىز نادىرشاھ ۋە ئېنگىزلارنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن يىمىرىلىشكە باشلىغان. ئاقىۋەت 1758-يىلدىن بېرى سىڭىپ كىرىۋاتقان ئەنگلىيە 1858-يىلى پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. ۋەتىنىمىز 1683-1755-يىللاردىكى قالماقلار ئىستېلاسى پەيدا قىلغان ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بولغىچە، ئۇلاردىنمۇ ۋەھشىي مانجۇرلار تەرىپىدىن 1759-يىلى بېسىۋېلىنغان. يۈز يىللىق قاتتىق قارشىلىق نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن غەلىبە مېۋىسى يەنىلا ئىككى چوڭ جاھانگىر چاررۇسىيە ۋە بۈيۈك بېرىتانىيە تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان.

شۇنداق قىلىپ، ئابدۇللاخاننىڭ تەختتىن چۈشۈشى ۋە ئالەمگىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى سەۋەپلىك ئاجىز تىبەت قانداق ساقلىنىپ قالغان بولسا، ئىككى چوڭ جاھانگىرنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى بۆلۈشۈشتىكى سۈركىلىشلىرى تۈپەيلى، شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىلىرى دەپ ئاتالغان مەنچىڭ خانلىقى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئانچە كۈچىمەيلا ۋەتىنىمىزنى قايتا بېسىۋالغان. 1949-يىلدىكى پاجىئەدىمۇ يەنىلا ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۇت تېپىشىشلىرىدىن ياخشى پايدىلانغان باندىتلار تېخىمۇ ئاسان بۇ مەقسەتكە ئېرىشتى.

5. دالاي لامانىڭ سەئىدىيە-بابۇرىيە ئىتتىپاقىغا قارشى قالماقلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىشى:

ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر شاھ ھىندى ئوكياندىكى پورتۇگالىيە دېڭىز قاراقچىلىرىنى تازىلىغاندىن كېيىن، دىققىتىنى تىبەتكە قاراتقان. بۇ چاغدا تىبەتتە دالاي لاما 5 ھۆكۈمران ئىدى. ئۇ خېلى يىراقنى كۆرەر روھانىي دىنىي رەھبەر بولۇپ، ئالەمگىر يېڭىلا تەختكە چىققان چاغدىن باشلاپلا ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە تۇتۇش قىلغان. چۈنكى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقان ۋە چوقۇنۇۋاتقان قالماقلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قازاق ۋە ئۆزبېك ئەللىرىنى قارام ئەللەرگە ئايلاندۇرۇپ، دالاي لامانى ئامبۇردەك ئىككى تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرغان قوشماق ئىككى خانلىق-سەئىدىيە خانلىقى بىلەن بابۇر شاھلىقىغا چىشىنى بىلەپ تۇرغانىدى. دەل شۇ چاغدا ئافاق خوجا كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە چىقىپ، دالاي لامانى خۇش قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە دالاي لاما بۇرۇنقى ياغاچ قۇلاق شاگىرتى غالدان قونتاجى(1645-1697)غا «بوشۇكتۇخان» مەرتىۋىسى بېرىپ، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا «ئافاق بىسيار» دەپ نام بېرىپ، غالدانغا مەكتۇپ يېزىپ بەرگەن. 1677-يىلى ھازىرقى كەڭسۇ ئارقىلىق، غالدان يېڭىلا يۇتۇۋالغان قۇمۇل، تۇرپان ۋە بەشبالىقنى كېسىپ ئۆتۈپ 1678-يىلى باش باھاردا غۇلجىغا يېتىپ كەلگەن ئافاق خوجا مەكتۇپنى غالدانغا بەرگەن. دالاي لاما تېخى بەش يىل بۇرۇنلا ئۇنىڭ راھىپلىق نامىنى بىكار قىلغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭغا بىراقلا خانلىق مەرتىۋىسى بەرگەن. ئۇنىڭ دادىسى قونتاجىمۇ 1635-يىلى مۇشۇ دالاي لاما 5 تەرىپىدىن «باتۇر قونتاجى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى. قونتاجى بۇ خىل دىنىي ئىمتىيازدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 1640-يىلى ھازىرقى موڭغۇل ۋادىسىنى سوراۋاتقان قالقالار بىلەن بىرلىشىپ، قالماق خانلىقىنى قۇرۇۋالغانىدى. بۇ چاغلاردا سەئىدىيە خانلىقى بىر نەچچە شاھزادە ۋە ئىككى تاغلىق خوجىلار ئارىسىدا پارچىلىنىپ بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتكەنىدى.

بابۇر شاھلىقىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش ئىدى. بەختكە يارىشا ئابدۇرېشىتخاننىڭ 12-ئوغلى ئابدۇرەھىمخان(تۇرپاندىكى نائىپ خاقان)نىڭ ئوغلى ئابدۇللاخان(1638-1666-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) خانلىقنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەت تاپقۇزغان. بابۇرىلاردىنمۇ ئالەمگىرخان تەختكە چىقىپ، دۆلەتنى قايتا كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزغان. بۇ ھال ئالەمگىرخاندىمۇ خۇددى سەئىدخانغا ئوخشاش تىبەتنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئويى پەيدا قىلغان. دالاي لامانىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن غالدان ئۇنىڭ باش ئاغرىقىنى تۈگەتكەن. كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇم. ئالەمگىرخانمۇ ياشىنىپ قالغاچقا، دۆلەت ئەركانلىرى ئۇنى ئېگىز تاغلىق تىبەتكە يۈرۈش قىلىشتىن توسۇپ قالغان.

گەرچە ئابدۇللاخان 1638-يىلى يەكەننى ئىگىلەپ، باشقا شاھزادىلەرنى تىنجىتىپ، سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئاخىرقى 30 يىللىق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قالماق تەھدىتىنى يوقىتىشقا كېچىكىپ قالغانىدى. 1644-يىلى مانجۇلار سەددىچىندىن كىرىپ 10 نەچچە يىل ئىچىدىلا خىتاينى تولۇق ئىشغال قىلدى.

شەرقتىكى موڭغۇللار جۇڭغار خانلىقىغا قېچىپ كەلدى. قېرىشقاندەك سەئىدىيە خانلىقىدا 1648-يىلى باشلانغان ئاقتاغلىق ۋە قارا تاغلىق زىددىيىتى 1678-يىلى قۇدرەتلىك ۋە ئاچكۆز قالماق خانى غالداننى باشلاپ كېلىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.

تۇراندىكى سەلتەنەتىمىز قالماقلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولغاندىن كېيىنلا، ھىندىستاندىكى يەنە بىر سەلتەنەتىمىزمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.

تولىمۇ ئەپسۇس، ئالەمگىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ، مەزكۇر خانلىق 1709-يىلدىن باشلاپ تەدرىجىي زەئىپلەشتى. تۇنجى ئەجەللىك ھۇجۇم سافاۋىلار خانلىقى(1502-1736) خارابىسىدا ئافشار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان نادىر شاھتىن كەلدى. نادىر شاھ 1744-يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ھۇجۇم ئافغانىستان شاھى ئەھمەدخان دۇررانىدىن كەلدى.

مەزكۇر ئەھمەدخان مەركىزىي ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ مەنچىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، 1765-يىلدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى ئاغزاكى قوللىغان. بىراق ئۇلار قوشۇن تارتقۇچە، مانجۇرلار ئۇچتۇرپان ئاھالىسىنى تولۇق قىرىپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاقماس ئىتتىپاق چۇۋۇلۇپ، ئەھمەدخان قايتىش يولىدا 1759-يىلى 17-ئۆكتەبىر چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ چيەنلوڭغا سوۋغا قىلغان بەدەخشان ئەمىرى سۇلتانشاھنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغان» ھالەت پەيدا قىلىپ، بەدەخشاننى قوشۇۋالغان. شۇندىن بېرى سەئىدىيە خانلىقى ۋە خوجا جاھانغا ئولپان تاپشۇرۇپ ياشايدىغان بۇ جاي ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمى بوپقالغان.

6. بۈيۈك ئىمپىراتورنىڭ ۋاپاتى:

1618-يىلى 4-نويابىر شاھ جاھاننىڭ ئامراق خوتۇنى مۇمتاز مەھەل(تاج مەھەل نامىغا سالدۇرۇلغان ئايال) دىن تۇغۇلۇپ، 1658-يىلى 31-ئىيۇل رەسمىي يېگانە ھۆكۈمدار بولغان جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىمپىراتورى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ 1703-يىلى 3-مارت ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن موغال ئىمپىرىيىسىنىڭ ھەيۋىتى سۇسلاپ، كۈنسىرى زەئىپلەشتى. 1739-يىلى مىلىتارست نادىرشاھ دېھلىنى خانىۋەيران قىلىۋەتتى. 1761-يىلى فېۋرالدا يېڭى باش كۆتۈرگەن ئافغانىستان شاھى ئەھمەد شاھ دۇررانى(1763-يىلى مەنچىڭ خانلىقىغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقى باش قوماندانى، 1765-يىلى ئالتە يىل بۇرۇن چوڭ-كىچىك خوجىلارنى ئۆلتۈرگەن بەدەخشان ھۆكۈمدارى سۇلتانشاھنى يوقاتقان كىشى) موغۇل ئىمپىرىيىسىنى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئىككى بالا-قازا ئۇزۇندىن بېرى مۇنبەت جەنۇبىي ئاسىياغا كۆز تىكىۋاتقان ئەنگلىيەنى چىللاپ كەلدى. ئاقىۋەت 1758-يىلدىن 1858-يىلغىچە بولغان يۈز يىلدا ئەنگلىيە پەقەت بىرلا شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئارقىلىق غايەت زور ئىمپىرىيىنى غۇلىتىپ تاشلىدى. 1858-يىلدىكى چوڭ قوزغىلاڭدىن كېيىن، 1874-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى تارقىتىۋېتىلدى. 1876-يىلى ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە رەسمىي ھالدا ھىندىستان ئايال پادىشاھى دەپ ئاتالدى. 1924-يىلدىكى چوڭ قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە، ئەنگلىيە 1947-يىلى ھىندىستاندىن ئاخىرى چىقىپ كەتتى. ئەسلىدىكى موغال ئىمپىرىيىسى تەۋەسىدە پاكىستان، ھىندىستان، بېنگال، بېرما، نېپال، بۇتان، سىككىم ۋە كەشمىردىن ئىبارەت بەش دۆلەت، ئۈچ رايون شەكىللەندى.

7. لاھوردىكى قەدىمىي جامە «پادىشاھ مەسچىتى»:

ھىندىستاندىكى بابۇرىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمدارى پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھازىرقى لاھوردا 1671-يىلى سالدۇرغان پادىشاھ مەسچىتى. مەزكۇر مەسچىت ئېچىۋېتىلگەن مەزگىل دەل ئافاق خوجا ئىشان ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، بەدەخشان ۋە كەشمىردە تېنەپ يۈرگەن ۋاختى ئىدى. بەلكىم ئۇ ئۆزى بۇ مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن.

ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ بابۇرشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىستىداتلىق ھۆكۈمران بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە موغۇل ئىمپىرىيىسى ھازىرقى جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاساسەن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپ بولغان. تولىمۇ ئەپسۇس، ئالەمگىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، مەزكۇر خانلىق 1709-يىلدىن باشلاپ تەدرىجىي زەئىپلەشتى. تۇنجى ئەجەللىك ھۇجۇم سافاۋىلار خانلىقى(1502-1736) خارابىسىدا ئافشار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان نادىر شاھتىن كەلدى. نادىر شاھ 1744-يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ھۇجۇم ئافغانىستان شاھى ئەھمەدخان دۇررانىدىن كەلدى.

مەزكۇر ئەھمەدخان مەركىزىي ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ مەنچىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، 1765-يىلدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى ئاغزاكى قوللىغان. بىراق ئۇلار قوشۇن تارتقۇچە، مانجۇرلار ئۇچتۇرپان ئاھالىسىنى تولۇق قىرىپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاقماس ئىتتىپاق چۇۋۇلۇپ، ئەھمەدخان قايتىش يولىدا 1759-يىلى 17-ئۆكتەبىر چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ چيەنلوڭغا سوۋغا قىلغان بەدەخشان ئەمىرى سۇلتانشاھنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغان» ھالەت پەيدا قىلىپ، بەدەخشاننى قوشۇۋالغان. شۇندىن بېرى سەئىدىيە خانلىقى ۋە خوجا جاھانغا ئولپان تاپشۇرۇپ ياشايدىغان بۇ جاي ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمى بوپقالغان.

8. بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى:

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان «بابۇر مەسچىتى» 1528-يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ، 1992-يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. 2019-يىلى 9-نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن «موغۇل ئىمپېرىيىسى» مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ. بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان. چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. مانا ئەمدى 492 يىللىق مەسچىت چېقىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاتالمىش مۇسۇلمان ئەللىرى لېدىرلىرىدىن قىلچە سادا يوق. ۋەتىنىمىزدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتلەر چېقىپ تاشلاندى. ئەمما تۈرك-ئىسلام دۇنياسى 2020-يىلى 28-ئۆكتەبىر باندىتلار سېلىپ بەرگەن دۇنيا بويىچە 3-چوڭ مەسچىتنى مەدھىيىلەپ، دىللىرىدىكى خىتاي سۆيگۈسىنى ئاشكارا ئىپادىلەش بىلەن ئالدىراش.

خاتىمە:

سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قوشمىقى بولغان موغال ئىمپىرىيىسىنى كۈچلەندۈرگەن ۋە گۈللەندۈرگەن ئالتە پادىشاھ:

1 . بابۇر شاھ(1526-1530). كابۇلغا دەپنە قىلىنغان.

2 . ھۇمايۇن شاھ(1531-1556). بابۇرشاھنىڭ ئوغلى.

3 . ئەكبەر شاھ(1556-1605). بابۇرشاھنىڭ نەۋرىسى.

4 . جاھانگىرشاھ(1605-1627). ئەكبەرشاھ ئوغلى.

5 . شاھ جاھان(1628-1658). ئەكبەرشاھ نەۋرىسى.

6. ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ(1658-1707). ئەكبەر ئەۋرىسى.

تۆۋەندىكى تەپسىلاتلار دەل مۇشۇ ئالتە پادىشاھنىڭ بارلىق ئۇرۇشلىرى ۋە ئىش-ئىزلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردۇر.

قوشۇمچە:

سەئىدىيە خانلىقىنى كۈچلەندۈرگەن ئالتە بۈيۈك سۇلتان:

1 . سۇلتان سەئىدخان(1514-1533). لاداقتا ۋاپات بولۇپ، مېيتى يىراق ئاستانە يەكەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

2 . ئابدۇرېشىتخان (1533-1566). خوتەندە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. مېيتى دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىنغان.

3. ئابدۇكېرىمخان ئادىل(1566-1590). تۇرپان-قۇمۇل ۋە بەشبالىقنى مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق جايلارغا ئايلاندۇرۇپ، چېگرانى سەددىچىنگىچە ئۇزارتقان. ئىككى مىليون كۇۋادرات كېلومېتىر زېمىننى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

4. مۇھەممەدخان(1590-1610).

5. ئابدۇرەھىمخان(1590-1640). ئابدۇرېشىتخاننىڭ 12 ئوغلى بولۇپ، گەرچە سۇلتان بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئاكىسىغا ۋاكالىتەن بەشبالىق ۋە تۇرپان-قۇمۇلنى قالماق خانلىقىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ئۇدا 50 يىل قوغداپ قالغان.

6. ئابدۇللاخان(1638-1668). يۇقىرىقى نائىپ سۇلتان ئابدۇرېھىمخاننىڭ ئوغلى . سەئىدىيە خانلىقى 1610-يىلدىن 1630-يىلغىچە تەخت ماجراسى سەۋەپلىك بىردىنلا خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغاندا ئابدۇللاخان ئۇدا سەككىز يىلغا يېقىن ئۇرۇش قىلىپ، بارلىق بۆلگۈنچى شاھزادىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، 1638-يىلى تۇرپاندىن ئەسكەر تارتىپ پايتەخت يەكەننى ئىگىلىگەن. شۇ يىلدىن باشلاپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 30 يىللىق گۈللىنىش دەۋرى باشلانغان.

تولىمۇ ئەپسۇس، ئابدۇللاخان دەۋرىدە سەددىچىن سىرتىدىكى مانجۇرىيەدە دۆلەت قۇرغان جۇرجىتلار مىللەت نامىنى مانجۇرغا ئۆزگەرتىپ، 1644-يىلى سەددىچىن سېپىلىدىن كىرىپ، پۈتۈن خىتاينى 15 يىلدا تولۇق بويسۇندۇرۇپ بولغان. ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي پاسىلىدا 1640-يىلى قالماقلارنىڭ تۆرىسى قۇنتەيجى قالماقلار بىلەن قالقالارنى بىرلەشتۈرۈپ، تارباغاتايدا قالماق خانلىقىنى قۇرۇۋالغان. ئۇ دالاي لاما 5 تەرىپىدىن 1635-يىلىلا «باتۇر ئېردەنى قۇنتاجى» نامىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى غالدان 1645-يىلى تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تىبەتتىكى دالاي لاماغا راھىپلىققا ئەۋەتىپ بېرىلگەن.

ئافاق خوجا 1677-يىلى غالدانغا دالاي لامانىڭ ئۇنى «بوشۇكتۇخان» دەپ مەرتىۋە بەرگەن مەكتۇپىنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، غالدان ئەڭ سەر خىل قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، 1678-يىلى تۇنجى قېتىم، 1684-يىلى ئاخىرقى قېتىم ۋەتىنىمىزنى ئىستىلا قىلغان. شۇندىن بېرى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ئۈچ ئەسىرلىك تارىخى باشلانغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top