You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 19: شىرئەلىي ئەلتەكىننىڭ سوئاللارى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 19: شىرئەلىي ئەلتەكىننىڭ سوئاللارى

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئون توققۇزىنجى باب: شىرئەلىي ئەلتەكىننىڭ سوئاللارى

مىلادىيە بىر مىڭ تۆرت يۈز قىرىق بىردە،
خۇراساننىڭ پايتەختى ھىرات شەھەرىدە؛
كۆز ئاچتى دۇنياغا ئەلىشىر نەۋائىي،
غىياسۇددىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆيىدە.
نەقرات:
نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،
باشقالارنىڭ بولماغاي ساڭا دە:ۋايى!
(“كاشغارىيە سەلكىنلەرى” 40-بەت، “ئۇيغۇر نەۋائىي”، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

گەپنى سەل باشتىنراق باشلاسام، مىلادىيە 2005-يىل يازدا، گەزى كەلىپ، بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىن ئارامغا چىقسام، ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلىشنى پىلانلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋەن شىمالىي كوچا ئولتۇراق رايونىغا قارايدىغان «قۇياشلىق ئەدىنبورگ قوروسى»دىن كۋادراتمەتىرى ئۈچمىڭ بەش يۈز يۇەندىن بىر يۈز ئوتتۇز كۋادراتمەتىرلىق ئۈچ ئۆي بىر سالونلۇق بىر تۇرالغۇ ساتىۋالغانىدىم.
2015-يىل 3-ئايدا پەنسيونىر بولغانىمدىن بۇيان، مۇشۇ 2017-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكشەنبە تۇنجى بولۇپ كۆچۈپ كەلىپ، شۇ ئۆيىمىزدە، تاكى 2-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە قىرىق بىر كۈن پراكتىكا قىلىپ، يالغۇز ياشاپ باقتىم.

قۇياشلىق ئەدىنبورگ قوروسى قۇرۇلما جەھەتتىن ياۋرۇپادىكى ئەدىنبورگ قورو-جاي شەكلىنى تەمسىل قىلغان. كۆركەم، ھاۋالىق، چوڭ يولدىن نىسبەتەن يىراق جىمجىت قورو بولغاچ، بەكمۇ خوشۇمغا ياقتى. ئۆيىمىز بىرىنجى بىنا، تۆرتىنجى بۆلەك، ئالتىنجى قەۋەت ئىككىنجى ئۆي. ئۇدۇلىمىزدا، ئۆز زامانىسىدا مەن ئىشلەگەن مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن مۇرات مۇئەللىملەر ئولتۇرىدۇكى، خوشنام بەك ئوبدان. بەلەن خوشنا ئىنسان ئۈچۈن يارىم بايلىق. ئۇ ماڭا كۆپ قاتىم خالىسانە ياردەم قىلدى: ياڭى كەلگەندە، بانكالارغا باشلاپ بارىپ، قەرز بولۇپ قالغان توك، سۇ پۇللارىنى تۆلەشىمنى قولايلاشتۇرۇپ بەردى. قورو خوجالىق ئىدارەسىغا باشلاپ بارىپ، ئۆي-جاينىڭ كۈتۈنۈش پۇلى، ئىسسىنىش پۇلى قاتارلىقلارنى تۆلەش رەسمىيەتلەرىنى ئۆتۈشۈمگە ياردەم قىلدى ۋە باشقالار.

بۇ قىرىق بىر كۈن جەريانىدا، بوي بوۋاي بولۇپ ياشاپ، نۇرغۇن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن بولدۇم. شۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەدىنبورگ قوروسى بىلەن جەنۇب تەرەپتىن خوشنا بولغان راھەتباغ قوروسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاتاقلىق ياش ناخشاچى شىر ئەلىي ئوبۇل ئەلتەكىننىڭ «ئەلتەكىن ھەپتەلىكى» پائالىيەتىگە تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقىم خاتىرەلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىلمىي ياشام بولدى.
بۇ 29-يانۋار، يەكشەنبە كۈنى ئىدى. ئەرتەگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى بىلەن توققۇز يارىملاردا، ئەلتەكىن ئەپەندىنىڭ راھەتباغ قوروسى 25-بىنادىكى ئۆيىگە «ئەسسالام» بىلەن كىرىپ كەلدىم. ئۆينىڭ مىھمانلىق سالونى فىلىم ئاپاراتى قاتارلىقلار بىلەن پائالىيەتكە مۇناسىپ بىزەلگەن ئىدى. بۇ دىئالوگلۇق پائالىيەتتە، ئەلتەكىن ئەپەندى باش پىرسۇناژ مەن تەكلىپلىك مىھمان بولۇپ، رىژىسسورنىڭ قىسقا تەئلىماتىدىن كەيىن، سۆھبەتنىڭ تەبىئىي بولۇشىنى كۆزلەپ، فىلىمچەدە رول ئويناشقا رەسمىي كىرىشىپ كەتتۇق:

سوئال (ئەلتەكىن): «ئۇيغۇر نەۋائىي» ناخشاسىنىڭ ئاشۇنداق رەپلىك ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇشىنى ياراتتىڭىزمۇ؟

جاۋاب (تەكلىماكانىي): بەكلا ياراتتىم، بىر ئاڭلاپلا ھوزۇرلانىپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەيەلەيمەن. «ئۇيغۇر نەۋائىي» بۈيۈك بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ كىملىكى پاكىتلىق شەرھلەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمسىز تۆھپەسى سەمىمىي مەدھىيەلەنگەن ئەسىل ناخشا. بۇ ناخشانىڭ ئوبيەكتى ئالدى بىلەن، مۇناسىۋەتلىك بىلىم-بىلىكلەرنى ئۆزلەرى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل-چارە بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئامراق، چۆچەكخۇمار ئوماق ئۆسمۈر ئەۋلادلار ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ناخشانىڭ ئاشۇنداق جۇشقۇن، ئويناق ۋە زامانىۋى ئۇسلۇبتا ئورۇندالغان كۈي-ناخشالارنى سۆيىدىغان ئۆسمۈرلەر ئامماسىغا ياقىشلىق بولغان رەپلىك ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇشى «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دەگەندەك تولامۇ ياراشىملىق ئىجادىي سەنئەت بولۇپتۇ، مەنىڭچە. بولۇپمۇ «مىلادىيە بىر مىڭ تۆرت يۈز قىرىق بىردە، خۇراساننىڭ پايتەختى ھىرات شەھەرىدە» دەپ باشلانىدىغان باشلام مىسرالارنىڭ تۆۋەندىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدىغان يۈكسەك ئاھاڭ بىلەن ئوقۇلۇشى ئەۋلاد-بالالارغا ئۇزاق ئۆتمۈشتىن ھىكايە قىلىپ بەرىۋاتقان ئەجدادنى ئەسلەتسە، «دۇنياغا كۆز ئاچتى ئەلىشىر نەۋائىي، غىياسۇددىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆيىدە» مىسرالارىنىڭ دەسلەپتە، ئاۋازىدىن سەبىيلىك، سەمىمىيلىك ۋە تەبىئىي ئىپتىخارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئۆسمۈر ناخشاچى مەرغۇلە ئەلتەكىننىڭ غۇبارسىز سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ياڭراشى ناخشانىڭ جەلپكارلىقىنى ھەسسەلەپ ئاشۇرغان. ئاندىن، «لاپ گەپ ئەرمەس بۇ ئۆزىمىزچە دەۋالغان» مىسراسى بىلەن باشلانىدىغان تۆرت مىسرالىق پاكىت سۆزلەش قىسمىنىڭ، يەنە شۇنداقلا بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ نامايەندە خاراكتىرلىك ئەسەرلەرى «خەمسە» (بۈيۈك بەش ئەسەر) ناملارىنىڭ ئاتاقلىق رەپچىلەرنىڭ خاس ئۇدارلىق ۋە ئۆزگەچە تەلەپپۇزلۇق سەنئەتى بىلەن بايان قىلىنىشى بولسا، ناخشا تەكىستىنىڭ ئەستە قېلىش ۋە كۆڭۈللەردە بولۇشلۇق تەئسىر پەيدا قىلىش ۋە ھاياجان ئويغاتىش كۈچىنى دادىغا يەتكۈدەك ئاشۇرغان. ئۇندىن باشقا، «نەۋائىي، نەۋائىي، ئى ئۇيغۇر نەۋائىي» دەپ تەكرارلانىپ تۇرىدىغان يادرو ئاھاڭ قىسمىنىڭ ئوماق ئۆسمۈر تالانت مەرغۇلە ئەلتەكىننىڭ لەۋەن ئاھاڭى بىلەن باشلاپ ئورۇنلانىشى مىسلىسىز پەيز بولغان. يەنە دەسەك، ناخشانىڭ ئۇيغۇر ساما ئۇسسۇلىنىڭ مەردانە رەتىملىق مۇزىكا ساداسى بىلەن خاتىمەلەنگەن ئاساستا ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى بولسا، ئەمەلىيەتتە «ئۇيغۇر نەۋائىي» ماۋزۇلۇق بۇ ناخشا شىرئەلىي ئەلتەكىن ئاۋازى بىلەن ھەر بىر ئاڭلاغۇچىنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلغان ھاياجان ۋە چەكسىز پەخىرلەنىش تۇيغۇسىنى تەخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، ئىنسانغا «يەنە بىر ئاڭلاسام» ئارزۇسىنى، تەكرار تەلپۈنۈش ئىستەكىنى ۋە قانماسلىق سەزىمىنى ئىنئام قىلغان، دەپ خالىس ئوبزۇر قىلىمەن.

سوئال: سىز قانداق بولۇپ بۇ ناخشانى يازىپ قالدىڭىز؟ يا سىز شائىر بولماسىڭىز!

جاۋاب: خەۋەرىڭىز باردۇر، مەن 1975-يىلدىن 2015-يىلغىچە ساق قىرىق يىل ئالىي مەكتەپ مۇئەللىمى، «ئەلىشىر نەۋائىي تىلى» دەپمۇ ئاتالىدىغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسىنىڭ خاس ۋەزىپەلىك ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، ئەلىشىر نەۋائىي تىلى ۋە ئەدەبىياتى بىلىملەرى بويىچە ئەۋلادلارغا قىرىق يىل دەرس بەرگەن بىر بەختىيار ئىنسانمەن. مەندەك مۇشۇنداق خاس ۋەزىپەلىك مۇئەللىمدە، ئۆزى سۆيۈپ سۆزلەگەن ئۇزۇن مۇساپەلىق دەرسلەرنىڭ مەزمۇن يادروسىنى ئۆز شاگىرتلارىغا ئەڭ ئىخچام، ئەڭ ماغىزلىق، ئەڭ تەئسىرلىك ۋە ئەڭ نەق كەلىمەلەر بىلەن ئاڭلاتىش ۋە ئەستىن كۆتۈرۈلمەس قىلىپ بىلدۈرىۋەتىش ئىستەكى بولىدۇ. مەئلۇمكى، ئىنسانلىق ئارزۇ-ئىستەكلەرنى گۈزەل ئىپادە بىلەن بىلدۈرىدىغان ئەڭ ئىخچام سۆز شەكلى شىئىر-نەزمەدۇر. ئۇنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسەر بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغىنى بولسا، گۈزەل ئاھاڭلىق ناخشادۇر، تەبىئىي. مەن مەزكۇر «ئۇيغۇر نەۋائىي» ماۋزۇلۇق ناخشا تەكىستىنى مانا مۇشۇنداق بىر ئىستەكنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە يازغان ئىدىم.

ئەمدى، «سىز يا شائىر بولماسىڭىز!» دەگەن ئىشارەتلىك ۋە ئەستەرلىك سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى بۇ يەردە ئاق قويوپ، «ئەلتەكىن ھەپتەلىكى»نىڭ كەيىنكى سانلارىدا جاۋاب بەرەي دەيمەن. ئىشەنىڭكى، مەن بۇ سوئالغامۇ جەزمەن ياخشى ۋە سىز قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك جاۋاب بەرەلەيمەن!

ئۇندىن باشقا، مەنىڭ ئاشۇنداق گۈزەل ئىستەك بىلەن يازغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ماۋزۇلۇق دەرس مارشىممۇ خەلى مەشھۇر. خاھلاسىڭىز، تەكىستىنى دەكىلىماتسىيە قىلىپ بەرەي، ئاڭلاپ باقىڭ:

خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،
يورۇيدۇر ئۆگەنگەنسەرى ئۇيغۇرنىڭ دىلى.
كى ئاڭا ئۇل باسقان مەھمۇد كاشغەرىي مەزمۇت،
بىنا قىلىپ پۈتتۈرگەن ئەلىشىر نەۋائىي.

«چاغاتاي تىلى» دەيدۇر ئۇنى خەلقئارادا،
چاغاتاي خانلار قىلغانلىقتىن دەۋلەت تىلى.
ئۇندىن بۈيۈك مەدەنىيەت ھالقاسى بولغان-
تارىم بويى، ئورتاسىيا پۈتكۈل تۈرك ئەلى.

«قىساسۇل ئەنبىيا»دۇر ئۇنىڭ باش پاسىلى،
«يىللارغا جەۋاب»مۇ ئۇنىڭ ئەسىل ھاسىلى.
قوللانغان ئەجدادلار ئۇنى ئالتە ئەسىرگىچە،
يازىلغان ئۇنىڭ بىلەن ئەسەرلەر نادىرى.

ئاماننىساخان رەتلەگەن ئۇيغۇر مۇقامى،
ئاھاڭ يارقىن، تەكىست گۈزەل يوقتۇر مىسالى.
ئوقۇدۇق، ئوقۇيمىز ئەبەدۇلئەبەد، چۈنكى-
ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى!
نەقرات:
خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،
يورۇيدۇر ئۆگەنگەنسەرى ئۇيغۇرنىڭ دىلى!

ئەلتەكىن: پاھ، بۇمۇ گۈزەل نەزمە بولۇپتۇ.
تەكلىماكانىي: ياراتقانىڭىز ئۈچۈن تەشەككۇر!

مەن بۇ دەرس مارشىنى يازغاندىن كەيىن، ئۆزەم ئاھاڭ ئىشلەپ، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى 2012-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارىدىن باشلاپ ئۆگرەتتىم. مەنىڭ ھاردۇقۇمنى چىقارغان يەرى شۇكى، مەزكۇر سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلارى بۇ مارشنى مۇشۇ (2017-يىل) ياڭى يىلنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋەتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان سەنئەت پائالىيەتىدە، قايتۇرۇق ئىلىم چايى قىلىپ، پۈتۈن فاكۇلتەت ئوقۇغۇچىلارى ئالدىدا، ماڭا قايتۇرۇپ ئوقۇپ بەردى ۋە: «مۇئەللىم! سىزنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى بىلىملەرى ھەققىدىكى نۇرغۇن تەئلىماتلارىڭىزنى ئاڭلادۇق. ئەمما، ئەسىمىزدىن چىقماس بولۇپ كەتكەنى مۇشۇ مارش، مۇشۇ دەرس ناخشاسىدۇركى، ھەر ئوقۇساق، ھەر ئەسلەسەك، سىزگە چىن كۆڭۈلدىن رەھمەت ئەيتىمىز!» دەيىشتى.

دەمەكچىمەنكى، «ئۇيغۇر نەۋائىي» ماۋزۇلۇق ناخشا تەكىستىمۇ ئەۋلادلارىمىزنى ئۆز بوۋاسىنى قىزغىن سۆيۈش، ئىپتىخار بىلەن ئەسلەش ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى ئىچىدە، ئۆز ھاياتىنىڭ ئۆرنەك ئۈلگەسى قىلىشقا يەتەكلەش ئىستەكىنىڭ يالداماسىدۇر. ھالبۇكى، مەزكۇر تەكىستنىڭ جانابىڭىزنىڭ گۈزەل ئاھاڭلىق ناخشا قىلىپ ئوقۇشىڭىزغا ئەرزىگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ يەتىك قىممەتلىك بىر نادىر ئەسەر بولغانلىقىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ!

سوئال: نەۋائىي غەزەللەرىنى كەلىمە ھەرپلەرى تولۇق تەلەپپۇزلۇق قىلىپ، مەسىلەن، «نەمەنگاندىن كەتەر ئولسام» دەپ ئوقۇسام، «نەمەڭگاندىن كېتە بو:سام» دەپ ئوقۇساڭ بولاتتى، دەپ نارازىيلىق پىكىرى چىقىۋاتىدۇكى، مەن نەمە دەيىشىم ۋە قانداق قىلىشىم كەرەك، سىزچە؟

جاۋاب: نەۋائىي غەزەللەرى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇردانەسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرىدۇر. پۈتكۈل چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە، خۇددى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» شەرھلەگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا، «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلارى مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار ئۇلانغاندىن كەيىن «ئېe، ئىi» تاۋۇشلارىغا ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ- مۇتلەق ھەقىقەتلىكى ئىسپاتلانغان بىر ئىلىمدۇركى، نەۋائىي غەزەللەرىنى «ئا، ئە» لەر «ئېe، ئىi»لەرگە ئۆزگەرمەيدىغان، «ر»لەر چۈشۈپ قالمايدىغان ۋە «ن»لەر «ڭ» ۋە “م”لەرگە ئالماشىپ كەتمەيدىغان قىلىپ، تولۇق تەلەپپۇزلۇق راۋرۇس ئوقۇش ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلىق ۋە ئىلمىيلىك بولىدۇ. ئەگەر مۇنداق بولماسا، ساپى ئۆزىدىن ئىلىمسىزلىك، قاششاقلىق بولىدۇ، خالاس!

نەۋائىي غەزەللەرىنىڭ دۇرۇس تەلەپپۇزلۇق ئوقۇلۇشىنى لىللاھ شەرھلەپ كۆرسەتكەن ئىناۋەتلىك خاس ئەسەر «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» (مىللەتلەر نەشىرىياتى 2005-يىل نەشىرى)دۇر. بۇ خاس ئەسەر شۇ قەدەر ئىناۋەتلىك، مول دارامەتلىك ۋە ئىلىمدار كارامەتلىك بولغاچ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى تەرەپىدىن تۈزۈپ نەشىر قىلىنغان ئۈچ مىليون ئىككى يۈزمىڭ خەتلىك گىگانت ئەسەر «جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يازىقى قامۇسى» («中国民族语言文字大辞典»)غا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ تۆھپەكارلىقى مۇئەييەنلەشتۇرۇلدى. (قاراڭ: شۇ ناملىق قامۇس، 700-701-بەتلەر. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى نەشىرىياتى، 2017-يىل 1-ئاي نەشىرى).

دەرۋەقە، خەلى كۆپسانلىق ناخشاچىلارىمىز:

سىنى دەيمۇ سىنى دەيمۇ،
سىنى كۆ:مەي ئۆلە:مەممۇ.
سىنى كۆ:مەي ئۆلۈپ كەتسەم،
مۇرادىمغا يىتە:مەممۇ؟
ۋاي، دىخان بالىسى،
ئانا:نىڭ دانىسى.

تاغلا: ئېشىپ، چۆللە: كېزىپ كەلدىم قەشقە:گە،
ئەلمىساقتىن داڭقى كەتكەن پۈتۈن ئەللە:گە.
«مەرھابا!» دەپ قۇچاق ئاشتى قەشقە: بىزلە:گە،
پۈركىنىپتۇ گۈزەل قەشقە: رەيھان گۈللە:گە.

دەپ ناخشا ئەيتىپ، داڭق ئالىپ، مۇكاپاتلانىپ يۈرىشىدۇ.
دەرۋاقىئە، ئۇلارنىڭ بۇ خىل بۈگۈنكى زامان تەسۋىرلەنگەن ۋە بۈگۈنكى دىھقانلارىمىز تەلەپپۇزىنى قىبلەنامە قىلىپ، سۆز-كەلىمەلەرنىڭ ھەرپلەرىنى خاھلاغانچە تاشلاۋەتىپ، يەۋەتىپ ۋە ئۆزگەرتىۋەتىپ ئوقۇغان ناخشالارىنىڭ ئۆزلەرىچە چۈشەندۈرۈشلەرى باركى، ئۇلار بۇنى “تىلدا خەلق بىلەن ئىچ قويۇن-تاشقويۇن بولۇش، خەلق ئامماسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش، كەڭ خەلق ئامماسىغا ياقىشلىق بولۇش…” دەگەندەك سىياسىي ئىبارەلەر بىلەن پەردازلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاپ-ئاشكارا تىلنى بۇزۇش، ئىلىمسىزلاشتۇرۇش، گۈزەل سۆز-كەلىمەلەرنى پاساھەتسىزلەشتۈرۈش بولىدۇ شۇ.

ئەمما، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ غەزەللەرى بولسا، مۇندىن ئالتە يۈز يىل بۇرۇن يازىلغان، مۇندىن ئالتە ئەسىر بۇرۇن تەرەننۇم قىلىپ ئوقۇلغان كلاسسىك ئەسەرلەردۇر. ئۇنى پەقەت چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەينى تەلەپپۇزى ۋە ئەلىشىر نەۋائىي تىلىنىڭ ئەينى زامان ئوقۇلغۇسى بىلەن ئوقۇشلا ئامانەتكە خىيانەت قىلماغان دۇرۇسلۇق، راستچىللىق ۋە سەمىمىي ساداقەتلىك بولىدۇ؛ ئەكسىنچە بولسا، نادامەتلىك، تالاپەتلىك ۋە قاباھەتلىك بولىدۇ، خالاس!

جانابىڭىز شىرئەلى ئوبۇل ئەلتەكىن ئەپەندى بۈگۈنكى دۇنيادا، “ئۇيغۇر مۇقاملارى تەرەننۇم ۋارىسى” دەگەن لەۋەن نامغا مۇناسىپ ھالدا، بوۋامىز ئەلىشىر نەۋائىينىڭ غەزەللەرىنى ئەسلىگە سادىق بولۇش ئىلىمى، ئەقەللىي زىيالىيلىق پىرىنسىپى ۋە ئۇيغۇر تىلى مۇھەببەتى بىلەن، ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ دۇرۇس ئوقۇۋاتقان ئىخلاسمەن مۇقامشۇناس، ئىجتىھاتچان نەۋائىيشۇناس ھىسابلانىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىقسىز. ئۈمىدىم شۇكى، سىز بۇ ھەق يولدىن ئەبەدۇلئەبەد مۇتلەق تايماغايسىز: ناخشالارىڭىزدا، تىل تەلەپپۇزلارىمىزنى چولاقلاشتۇرىدىغان ناچار ۋە پۈتۈنلەي خاتا يولغا ھەرگىز قايماغايسىز!

29-يانۋار «ئەلتەكىن ھەپتەلىكى»نىڭ دىئالوگلۇق سۆھبەت قىسمى مۇشۇ يەردە نۇقتالاندى. مۇنداق قىسقا فىلىملىك سۆھبەتتە، سوئال-جاۋابلارنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشى ئىمكان بار ئىخچام ۋە ماغىزلىق بولغانى ياخشى. شۇڭا، ئەلتەكىن ئەپەندىنىڭ سوئاللارىغا شۇنچەلىك جاۋاب بەردىم.

ئارقادىن، مەدىيادا تارقاتىلىدىغان فىلم ئىشلەش ئاخىرلاشقاندىن كەيىن، شىرئەلىي ئوبۇل ئەلتەكىن ئەپەندى بىلەن بىردەم سەمىمىي سوقا –سۆھبەتتە بولدۇق:

-ناخشانىڭ ئوقۇلۇشىدىكى سەھۋەنلىك ۋە جىددىي كەمچىلىك ھەققىدەمۇ پىكىر بەرگۈم بار،- دەدىم مەن پىيالەلەرگە چاي قۇيۇۋاتقان ئەلتەكىن ئەپەندىگە قاراپ،- ئۇيغۇرچىدا “داۋا” (داۋالاش، دوختۇردا داۋالانماق) بىلەن “دە:ۋا” (يەئنى دەئۋا، دەئۋا قىلىش، دەئۋاگەر) دەگەنلەر ئۇقۇملارى بىر-بىرىگە مۇتلەق ئوخشاشمايدىغان ئىككى سۆزدۇر.

-ئوھ، ئالە شەھەرىڭنى!،- دەدى ئەلتەكىن ئەپەندى جىددى قىياپەتتە،- ئەجەبا، بىز ناخشامىزدا مەزكۇر سۆزلەرنى ئارالاشتۇرۇپ قويۇپتۇق-ما؟
-شۇنداق. خاتىرجەم جاۋاب بەردىم مەن ۋە ئۇلاپلا “ئۇيغۇر نەۋائىي” ماۋزۇلۇق ناخشا تەكىستىمنى پەيزىم بىلەن يادقا ئوقۇپ بەردىم:

مىلادىيە بىر مىڭ تۆرت يۈز قىرىق بىردە،
خۇراساننىڭ پايتەختى ھىرات شەھەرىدە.
كۆز ئاچتى دۇنياغا ئەلىشىر نەۋائىي،
غىياسۇددىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆيىدە.

لاپ گەپ ئەمەس بۇ ئۆزىمىزچە دەۋالغان،
جاھان تونۇق ئەنىق ھۆججەت ئاساسى بار،
دەيدۇر «تارىخى رەشىدىي» زەر نامىنى،
«مىرزا ھەيدەر كوراگان» دەپ ئىمزاسى بار.
نەقرات:
نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،
باشقالارنىڭ بولماغاي ساڭا دە:ۋايى!

ئۇنىڭسىزمۇ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» ،
شاھىدلىقتا بەجايىكى ئابىدە تاش.
شەرھلەنگەن تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش،
نەۋائىينىڭ كىملىكىگە بولۇپ قانداش.

«سەددى ئىسكەندەرى» ھەم «ھەيرەتۇل ئەبرار »،
«سەبئە سەييارە» بىلەن «لەيلى ۋە مەجنۇن»؛
«پەرھاد-شىرىن» قوشۇلۇپ بەش داستان- خەمسە،
بەرنا دىل شەيدا ئاڭا كۆڭۈللەر مەپتۇن.

«چاھار دىۋان» بىر قامۇس، ئۇندا يازىلغان-
بالالىقتىن ئاتالىققا پۈتكۈل ھايات.
ھەر كەلىمە-ھەر جۈملە قىممەتتە گۆھەر،
ئوقۇغاندا قەلب ئالۇر شەربەتى ناۋات.

ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇددىن نەۋائىي،
ئىپتىخارلىق بوۋاسىدۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ،
بۈيۈك مىراس ئەمگەكلەرى ئالەمشۇمۇل.
خەزىنەسى جەسۇر روھى ئەۋلادلارنىڭ.
نەقرات:
نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،
ساڭا دىلدىن مۇجەسسەم ئەلنىڭ دۇئايى!

ئارقادىن، يانفونۇمنى چىقارىپ، ئۇنىڭدىكى ئەلتەكىنلەر ئوقۇغان ناخشانىڭ ئۈنئالغۇسىنى ئاڭلاتتىم.
-ئاڭقارالادىڭىزمۇ تەلەپپۇز خاتالىقىڭىزنى؟ باشلاپ مەرغۇلە ئەلتەكىن، ئارقادىن سىزمۇ ئوخشاشلا “نەۋائىي”غا قاپىيە قىلىنغان “دەئۋا:يى”دىكى “ئە:” ۋە “ئا:” ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلارىنى، بولۇپمۇ “دە:ۋا” ئوقۇلۇشى لازىم بولغان ئۇزۇن سوزۇق “ئە:”نى قىسقا “ئا” قىلىپ، “داۋايى” (يەئنى شىپاسى، داۋاسى) ئۇقۇمىدىكى سۆز تەلەپپۇز قىلىپسىزلەر.

– بىز بىر “ئۇزۇن سوزۇق <ئا>”نى “قىسقا سوزۇق<ئا>” قىلىپ تەلەپپۇز قىلىپ قويغانىمىز ئۈچۈنلا، خەقلەر سىز ئىزاھلاغاندەك ئاشۇنداق ئەسلىدىكى “دەئۋاسى، ئەرز-شىكايەتى” ئۇقۇمىدىكى كەلىمەنى “داۋاسى، شىپاسى” ئۇقۇمىدىكى سۆز چۈشەنەرمۇ ئەمدى؟،- ئەلتەكىن ئەپەندى بىردە ماڭا، بىردە ئاپاراتلارىنى يىغىشتۇرۇپ قايتماقچى بولىۋاتقان ياردەمچىسىگە قارادى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادەسىدە، تاڭىرقاش تۇيغۇسىدىن باشقا، “ئۇنچەۋالا بولۇپ كەتمەس” دەگەن ئۇقۇم باردەك بىلىندى ماڭا. شۇڭا، ئەستايىدىل ئاھاڭدا دەدىم:
“زەپەر قۇچتۇم” (زەپەر قازاندىم، غەلىبە قىلدىم)نى “زەپەر قۇشتۇم” (زەپەر ناملىق قۇش ئىدىم)دەپ ئوقۇسامۇ ھىچبىر باشقا پىكىردە بولمايۋاتقان ئاۋام خەلق دەرمەھەللىككە بىر نەمە دەپ كەتمەس، ئەمما سىز-بىز سۆز-جۈملەلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇزى بىلەن خەلققە بىلىك بەرگۈچىلەر سالاھىيەتىمىز بىلەن، ئاغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان ھەر سۆز، ھەر ئاھاڭنىڭ دۇرۇس ئۇچۇر يەتكۈزۈشىگە جەزمەن ئەستايىدىل ۋە جىددىيەتلىك مەسئۇل بولۇشىمىز لازىم. مەن سىزنى ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىپادە پاساھەتىنى قەدىرلەيدىغان بىلگىن ھىسابلاغانىم ئۈچۈنلا، بۇ تۈر پەقەت ئىلىم سورۇنىدا ئەزۋەرلەنىدىغان نازۇك مەسىلەنى ئۆزىڭىزگە ئۇدۇللا دەۋاتىمەن. راستىمنى دەسەم، 2008-يىلى، سىز مەنىڭ “كاشغەرىي يىلى” ماۋزۇلۇق ناخشا تەكىستىمگە ئاھاڭ سالىپ ئوقۇپ، مەنى بەك خوش قىلىۋەتكەن ئىدىڭىز.

كاشغەرىي يىلى

ئوپال ئارت تاغىدىن بالقىغاندا كۈن،
نۇر ئىمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زەمىنى.
چىللادى ئالەمگە ئىرپان خورازى:
“كاشغەرلىك مەھمۇد بۇ-ئىلىمنىڭ پىرى!”

ئەسىرلەر قوينىدا سىنالدى “دىۋان”،
ئالەمنى سۆيدۈردى ئۇنىڭ قىممەتى.
مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇنتۇلمادى ھىچ،
مۆئجىزە ياراتقان ئالىم ھىممەتى.

شۇڭلاشقا ئىككى مىڭ سەككىزىنجى يىل،
ئاتالدى دەپ “مەھمۇد كاشغەرىي يىلى”.
دۇنياۋى شاراپەت كۈلدۈردى ئەلنى،
ياشنادى شادلىقتىن ئۇيغۇرنىڭ دىلى.

مىڭ يىلغا قۇت!يەنە مىڭ يىلغا پىلان،
كۆمۈلمەس ئەجدادنىڭ ھىدايەت ئىزى.
ئىلىم-پەن مەشئەلى قوللاردا ئەگىز،
ئەۋلادلار بەستىدە نۇسرەت جىلۋەسى.

نەقرات:
كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تاشى،
مەھمۇد بار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك باشى!

بولۇپمۇ، مەزكۇر ناخشادىكى “كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تاشى، مەھمۇد بار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك باشى” دەگەن نەقراتنى ئۆزىڭىزگە خاس ياقىشلىق قول ھەرىكەتىڭىز بىلەن ئوقۇغانلارىڭىز ئاجايىپ بەلەن ئالقىش قازانغان ئىدى شۇ چاغدا. كىشىلەرنىڭ ھاياجان بىلەن ئوبزۇر قىلاشىپ: “كاشغەرىي” دەگەن سۆزنى بىزمۇ بىر چىرايلىق دەيەلەيدىكەنمىزغۇ ئەنە-ھە؟! دەيىشكەنلەرىنى ئاڭلاغان مەن.

ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، خالىس مەيداندا تۇرۇپ ئەيتقاندا، سىز ناخشاچىلار ئەمەلىي ئۈنۈمدىكى تىل ئۇستالارى، تىلشۇناسلار ۋە تىل مۇئەللىملەرى سىلەر. ئالايلۇق، مەن ئادەتتە يىگىرمە-ئوتتۇز، ھەر قانچە بولسا، بىر نەچچە يۈز ئادەمنىڭ پروفەسسورى بولسام، سىز ئەلتەكىن ئەپەندى ئون مىڭلاغان، ھەتتا مىليونلاغان ئادەمنىڭ پروفەسسورى سىز. سىزنى دورايدىغان، سىزنى تەقلىد قىلىدىغان ۋە سىزنى ئۆرنەك قىلىدىغان ئادەملەر سان-ساناقسىزدۇر. ھالبۇكى، مەن سىزنىڭ گەپ-سۆز ۋە تىل-يازىق مەدەنىيەتى ساھەسىدىكى ئاغىر ۋەزنلىك رولىڭىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىزچىل جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىڭىزغا كامىل ئىشەنىمەن. سىزنىڭ ھەلى سوراغان “نەمەنگاندىن كەتەر بولسام” دەپ ئاشۇ يازىق ئىملاسى بويىچە ئوقۇغانىم دۇرۇسمۇ-يوق؟ دەگەن سوئالىڭىز، يەئنى غەزەلخانلىقتا، سۆز-كەلىمەلەرنى تولۇق، ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرىش ئەمەلىيەتىڭىز مەنى شۇنداق خۇلاسەگە كەلتۈردى. سىز ھىس قىلدىڭىزمىكىن، سىز پۈتكۈل خەلقىئالەم ئالدىدا “بۈيۈك ئەجداد ئەلىشىرنىڭ ناخشاسىنى ئاتاقلىق مۇقامشۇناس شىرئەلىي ئوقۇغان ” قىلدىڭىز. بۇ نەمە دەگەن خاسىيەتلىك قىسمەت-ھە؟! ئىككىڭلارنىڭ ئىسمى بىر ئىسىمدۇركى، خۇددى “ئانارگۈل” بىلەن “گۈلنار” بىر ئىسىم بولغانىدەك!

شۇنداق، مەن شىرئەلى ئوبۇل ئەلتەكىن بىلەن 2008-يىلى، “كاشغەرىي يىلى” ماۋزۇلق ناخشا تەكىستىمنى ئۇ ئۆزى ئاھاڭغا سالىپ ئوقۇغاندىن كەيىن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. شۇندىن بۇيانەت، بىر كەم ئون يىل بولۇپتۇ، ئىزچىل ئارالاشىپ ئۆتۈۋاتىمىز. “شىنجياڭ ياشلارى”نىڭ 2009-يىللىق سانلارىدا ئۇلاپ ئەلان قىلغان “مەنىڭ كاشغەرىي يىلىم” ماۋزۇلۇق چاتما ئەدەبىي خاتىرەمدە، مەخسۇس ئەلتەكىن ئەپەندى ھەققىدە يازغان ئوبزۇرلۇق ئەسلەمەلەرىم بار. دەمەكچىمەنكى، شىرئەلىي ئەلتەكىن بىلەن ئوتتۇرامىزدا ئورتاق ئىستەك ئاساسىدا تونۇشۇش، سىرداشىش ۋە بىر-بىرىمىزگە سەمىمىي كۆڭۈلىمىز بىلەن مەداتكار بولۇشۇش تارىخىمىز ۋە گۈزەل سەرگۈزەشتەلەرىمىز بار. خەيرلىك ئىقباللار!

چۈش مەزگىلى بولاي دەگەندە، ئەلتەكىن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە بارىپ، ئۈرۈمچى ئىتتىپاق كوچاسى “پارلاق ” مىھمان سارايىنىڭ ئىككىنجى قەۋەتىدىكى تاماقخانادا بىرلىكتە غىزالاندۇق. تاماق يەگەچ، داۋاملىق مۇڭداشتۇق.

-ئارامغا چىقىپ بولغاندىن كەيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنىڭىز بەك ياخشى بولۇپتۇ،- دەدى ئۇ سەمىمىي كۆڭلى بىلەن،- ئۇيغۇر مۇقاملارى تەكىستلەرى باش بولغان كلاسسىك غەزەللەرنى، شۇنداقلا زامانىۋى ناخشالارنى رەپىتىس قىلىش ۋە ئوقۇش جەريانىدا، سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزگە ئىھتىياجلىق بولىدىغان چاغلارىمىز كۆپ بولىدۇ. ئۆيلەرىمىزمۇ بىر مەھەللەدە بولغانى تەخىمۇ ياخشى بولدى. مۇندىن كەيىن، پات-پات سىزنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىپ تۇرىمەن. بۈگۈنكى ھەپتەلىك پائالىيەتىم بەكمۇ بەلەن بولدى. سىزگە تەكرار تەشەككۇر ئەيتىمەن. راست، بىر سوراۋالاي، ئاشۇنداق ئۇيغۇر سۆز-كەلىمەلەرىنىڭ ئۇرغۇ-تون مەسىلەسىنى ئىلمىي چۈشەندۈرىدىغان كىتابلاردىن قايسىنى تەۋسىيە قىلىسىز؟
-“چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان” ( 2014-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى) دەگەن كىتاب سىزگە جەزمەن بەھرى يەتكۈزىدۇ،- دەپ مەسلىھەت بەردىم.

ئۇ تەۋسىيەمنى شۇ ھامان خاتىرەسىگە يازىۋالدى.
تاماقتىن كەيىن، بىز قارىنداشلارچە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن خەيرلەشتۇق.

2017-يىل 30-سىنتەبىر، بەيجىڭ.
2021-يىل 12-ئاپرىل، سان ديەگو.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top