You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » گومىنداڭ ئەربابلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىدىكى مەيدانى

گومىنداڭ ئەربابلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىدىكى مەيدانى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما 1946-يىلى نويابىردا نەنجىڭدە ئېچىلغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى» مەزگىلىدىكى 27-قېتىملىق قۇرۇلتاي رىياسەتى يىغىنى توغرىسىدىكى يىغىن خاتېرەسى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىيلىكى 2017-يىلى ئۆكتەبىردە ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. مەزكۇر يىغىندا ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى تەلەپ قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، سۇنۇلۇشى، نەتىجەسى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پىكرىگە قارىتا قۇرۇلتاي رىياسەتىدىكى گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجەلىك ئەربابلىرىدىن بىر قانچە كىشى ھەم كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىشىلەر گومىنداڭنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خىتاي جۇمھۇرىيەتىنىڭ دۆلەت ئاتاسى سۈن جۇڭشەننىڭ ئوغلى سۈن كې، ھۆكۈمەت تەپتىش مەھكىمەسىنىڭ رەئىسى يۈ يوۋرېن، قۇرۇلتاي رىياسەتىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك رەئىسى خۇ شۇخۇا ۋە خىتاي مەركەز بانكاسىنىڭ باشلىقى ۋە سۇڭ چىڭلىڭ ۋە سۇڭ مېيلىڭنىڭ ھەدىسى سۇڭ ئەيلىڭنىڭ يولدىشى بولغان كوڭ شياڭشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ سۈن كې مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلارنىڭ ئەسلىمىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىگە ھېسىداشلىق قىلغۇچى دەپ ئېيتىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شۇ قېتىملىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاشتىن باش تارتقان. ھەتتا ئۇنىڭ بايانلىرىدىن خىتاي كومۇنىستلىرى يولغا قويغان ئاپتونۇم ئوبلاست ۋە ناھىيە شەكلىدە شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ پارچىلاش قارا نىيىتىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ. كوڭ شياڭشى گەرچە ئامېرىكادا تەربىيە كۆرگەن، غەربنىڭ دېموكراتىك سېستىمىسى بىلەن تونۇش بولسىمۇ، مەزكۇر يىغىندا ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۆلكەلىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان ۋە مۇستەملىكەچى سىياسەتلىرىگە چاپان ياپقان. پەقەتلا يۈ يوۋرېن بايانلىرىدا مەسىلەنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى، ئاساسىي قانۇندىكى ھازىرقى ماددىلار بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھەققانىي بىر تەلەپ ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارە ئېيتقان. ئۇ بەلكىم  گومىنداڭنىڭ مۇشۇ مەيداندا تۇرغان بىردىنبىر يۇقىرى دەرىجەلىك ئەمەلدارى بولسا كېرەك. 


ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى گۇرۇپپا يىغىنلىرىدىن بىرىدە، 1946-يىلى، نەنجىڭ

ۋەكىل ئەخمەتجاننىڭ قۇرۇلتاي رىياسەتىنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنىدا بايان قىلغان پىكىرلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتالىرى

شىنجاڭ ۋەكىللىرى نەنجىڭگە كېلىشتىن بۇرۇن، رەئىس جاڭ جىجۇڭ، تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇت (سابىرى بايقوزى) ۋە ئۆزۈمنىڭ نامىدىن ئۈرۈمچىدە خەلقنى توپلاپ، سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدىم. يىغىندا چۈشكەن پىكىرلەر تولىمۇ كۆپ بولۇپ، مۇشۇ پىكىرلەر خەلقنىڭ بىز ۋەكىللەردىن كۈتكەن ئۈمىدى بولۇپ قالغان ئىدى. رەئىس جاڭ جىجۇڭ ئېلان قىلغان يازما جاۋابتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ ئىستەكلىرى بولۇپ، ئەگەر ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرى دەپ قارالسا خاتا بولىدۇ. شىنجاڭ ۋەكىللىرى خەلقنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە ئاساسەن قۇرۇلتايغا بىر پارچە لايىھە ھازىرلىغان بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەييار بولغان. قۇرۇلتايدا ھەر قايسى ۋەكىللەر تەكلىپنى رەئىس جىياڭ جېشىغا سۇنۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈپ چىقىشى، شۇنداقلا ئامال تېپىپ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. ئۇنىڭ تەلىپىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا تەكلىپ لايىھەسى ئۇنىڭغا يوللاپ بېرىلگەن ئىدى. ۋەكىللەر قۇرۇلتاي ۋە رەئىس جياڭ جېشىنىڭ چوقۇم مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن ئىدى. ھازىر بولسا قۇرۇلتاي يېپىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئايرىم بەلگىلىمەلەر بېكىتىلدى، ئەمما شىنجاڭغا ئالاقىدار بىر خەتنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەندى ۋە ۋەكىللەرنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە جاۋاب بېرىشى تولىمۇ قىيىنغا توختىماقتا.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لايىھە شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئورنىدىن باشقا يەنە ئەسلى ئىسىم بولغان تۈركىستان (土耳其斯坦)نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى بۇ ئىسىم ئۈچۈن قان تۆككەن ياكى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىملار تەرىپىدىن تۈرمىلەرگە تاشلانغان. كەمىنە مەركەزگە ۋە ئۈشبۇ قۇرۇلتايغا ئىشىنىمەن. يۇقىرىقى تەلەپلەرنى قىلغۇچىلار ئەمەلىيەتتە كۆپ قېتىم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ۋە دۆلەتنى ھىمايە قىلىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. مەسىلىنى چوقۇم تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەك. پەقەتلا بۈگۈننى ياكى ئالدىمىزدىكى بەش-ئون يىلنى نەزەردە تۇتۇپلا پىلان قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئاساسىي قانۇنمۇ دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇشى لازىم. ھازىرقى ئەھۋال شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ قاندۇرالمايدۇ.

خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى رىياسەتى (主席团) سۆھبەت خاتېرەسى

ۋاقتى: جۇڭخۇا مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 23-دېكابىر

ئورنى: خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى بىناسى قۇرۇلتاي رىياسەتى يىغىن زالى

قاتناشقۇچىلار: خۇ شۇخۇا (胡庶华)، خۇڭ لەنيوۋ (洪兰友)، سۈن كې (孙科) ۋە ئەخمەتجان (قاسىمى)، ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن) قاتارلىقلار

يىغىن رەئىسى: خۇ شۇخۇا (胡庶华)

ئوڭدىن سولغا: ئابدۇكېرىم ئابباس، سۈن كې، ئەخمەتجان قاسىمى. 1946-يىلى، نەنجىڭ

خاتېرە: شىنجاڭدا ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە

ۋەكىل سۈن كې (孙科):

بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا ھەر قايسى ناھىيەلەرنىڭ ناھىيە دەرىجەلىك مۇختارىيەت قانۇنى تۈزۈشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئاساسىي قانۇندىكى ماددىلارغا بىنائەن ھەر قايسىلىرى شىنجاڭدا بەلگىلىمەگە ئاساسەن ئۆلكەلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىنى چاقىرساڭلار بولىدۇ. شۇڭا كەلگۈسىدە ئاساسىي قانۇن ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، بىۋاستە ھالدا شىنجاڭنىڭ مۇختارىيەت قانۇنىنى تۈزۈپ چىقساڭلار بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىتىدە بىر زور ئىلگىرلەش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇندىن بۇرۇن قانۇننى مەركەز تۈزۈپ، ھەر قايسى ئۆلكەلەر بىردەك ئىجرا قىلاتتى. ھازىر بولسا ئاساسىي قانۇندا ھەر قايسى ئۆلكەلەر كەلگۈسىدە ئۆز ئېھتىياجلىرىغا قاراپ مۇختارىيەت قانۇنى تۈزەلەيدىغان بولدى. ئەلۋەتتە، ھەر قايسى ئۆلكەلەر تۈزگەن مۇختارىيەت قانۇنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولسا بولمايدۇ. ئۆلكەدىن تۆۋەن دەرىجەدە بولسا، ھەر قايسى ناھىيەلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇختارىيەت قانۇنىنى تۈزەلەيدۇ. بۇنداق بولغان چاغدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ كۆزدە تۇتقان بولىمىز. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۈرلۈك مىللەتلەر بار. ئوخشاش مىللەتلەر ياشىغان جايلاردا بىر خىلدىكى ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىلىمەلەر ئىشلىتىلسە بولىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن ئالىي مۇختارىيەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. كەلگۈسىدە پەقەت شىنجاڭدىلا ئالىي مۇختارىيەت يولغا قويۇلۇپلا قالماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئالىي مۇختارىيەت يولغا قويۇلغان بولىدۇ. ئۆلكە ۋە ناھىيە دەرىجەلىك مۇختارىيەت قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئۆلكە ۋە ناھىيە باشلىقلىرى خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدۇ. مۇئاۋىن رەئىس جانابلىرىنىڭ شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن بىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈشىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى شىنجاڭ خەلقىگە كەڭ تەرغىپ قىلىشىنى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رەئىس (خۇ شۇخۇا 胡庶华):

پېقىر رەئىس شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مۇختارىيەت مەسىلىسىنى ئاساسي قانۇندا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان ماددىلار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ۋەكىل يۈ يوۋرېن (于右任):

ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: يۈ يوۋرېن، ئامىنە بۇغرا، ئەخمەتجان قاسىمى. 1946-يىلى، نەنجىڭ

ئاساسىي قانۇندىكى يەرلىك مۇختارىيەت ھەققىدىكى بەلگىلىمەلەر ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلارنى كۆپ تەرەپ مۇزاكىرە قىلىشى زۆرۈر. بىز چوقۇم ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىككىنچىدىن، بىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە يەنە ناھايىتى ئاددىي. بۇندىن بۇرۇنقى يىغىنلاردا قارارلار ئېلىنغان. لېكىن، مېنىڭ بىلىدىغىنىم شىنجاڭنىڭ ئىسمى ھەققىدىكى مەسىلە. بۇ مەسىلەنى بۇندىن بىر قانچە يىل بۇرۇن چۇڭچىڭدا ئەخمەتجان ئەپەندى تىلغا ئالغان ئىدى. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بولسا مەن رەئىس جاڭ جىجۇڭنىڭ تېلگىرامماسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. تېلگىراممادا «بەزىلەر شىنجاڭ مىللەتلىرى(新疆民族)نى تۈرك مىللىتى(突厥民族) دەپ ئاتاپتۇ. بۇنى چوقۇم ياخشى ئويلىشىش كېرەك» دېيىلگەن ئىكەن. مېنىڭ قارىشىمچە بەزىلەر بەلكىم بۇ ئاتالغۇغا تازا رازى ئەمەس بولسا كېرەك. لېكىن بۇنى باشقىچە ئىزاھلاشمۇ مۇمكىن. يەنى بىر قىسىم كىشىلەر ئامال قىلىپ بۇ ئىسىمنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى دەپ ئويلاش مۇمكىن. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر «تۈرك» (突厥) دېگەن سۆزنى قوللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ئىچكىرىدىكى مۇسۇلمانلار تارىخىي سەۋەبلەردىن «تۈرك» ئاتالغۇسىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەسلى بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆز خاھىشى بويىچە مۇۋاپىق ئاتالغۇ بىلەن ئاتىسا بولىۋېرىدۇ. بىزنىڭ بۇنى ئىنكار قىلىشقا ھەققىمىز يوق. خۇددى مېنىڭ ئىسمىم «يۈ يوۋرىن»(于右任) تۇرۇپ، باشقىلار ماڭا «نېمە ئۈچۈن فامىلەڭ <يۈ>(于)؟ ئىسمىڭدىكى <يوۋ> (右) ۋە <رېن> (任)دېگەن خەتلەر يەنە نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟» دېسە، ھەتتا «ئىسىم-فامىلەڭدىكى بۇ بىر قانچە خەتنىڭ مەنىسى يوق ئىكەن» دەپ ماڭا باشقىچە نام قويۇۋالسا، مەن ئىسمىمنى مۇنداق ئاتايمەن دېسەم، باشقىلار مېنى چوقۇم ئۇنداق ئاتايمەن دەپ تۇرۇۋالسا بۇ تولىمۇ قاملاشمىغانلىق بولغاندەك بىر ئىش. رەئىس جاڭ جىجۇڭ ماڭا ئەۋەتكەن تېلىگراممادا بۇ نۇقتا ھەققىدە تولىمۇ تەپسىلىي ۋە ئەستايىدىل ھالدا ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۈگۈن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالايىتەن كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىپ قوياي دېدىم.

ۋەكىل كوڭ شىياڭشى (孔祥熙):

بۇ قېتىم مۇئاۋىن رەئىس ۋە كۆپچىلىكنىڭ نەنجىڭغا كېلىپ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىغا قاتنىشالىغانلىقىڭلارنى بىز قىزغىن قارشى ئالىمىز. شىنجاڭنىڭ مۇختارىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالدىمىزدا ۋەكىل سۈن كې تولىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. مېنىڭ كۆپ سۆزلىشىمگە ئورۇن قالمىدى. لېكىن، باياتىن مۇئاۋىن رەئىسنىڭ ئىپادىسىگە قۇلاق سالسام «ئاساسىي قانۇندا پەقەت موڭغۇل ۋە تىبەتلەرگىلا بەلگىلىمەلەر بار، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە يوق ئىكەن» دېدى. مېنىڭچە بۇ بىزنىڭ شىنجاڭنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، شىنجاڭنى مۇھىم دەپ قارىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. شىنجاڭدىن باشقا شەنشى، جياڭسۇ قاتارلىق يەنە نۇرغۇن ئۆلكەلەر ھەققىدىمۇ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلىمەلەر تېپىلمايدۇ. چۈنكى، بىز شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكەلەر بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىمىز، ھەرگىزمۇ كەمسىتمەيمىز. كەلگۈسىدە شىنجاڭدىكى باشلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خەلق سايلايدۇ. شىنجاڭ بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكەلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. ئىسىم مەسىلەسىگە كەلسەك، ئەسلى بۇنىڭ كارى چاغلىق. خۇددى بۇرۇنقى جىلى ئۆلكەسىنى (直隶省) ھازىر خېبېي ئۆلكەسى (河北省) دەپ، جياڭسۇ ئۆلكەسى (江苏省)نىڭ جەنۇبىنى جياڭنەن (江南) دەپ، شەرقىي شىمالنى گۈەندۇڭ (关东) دەپ ئاتىغاندەك ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ. بىز شىنجاڭنى ئەزەلدىن ئۆزىمىزگە ئوخشاش كۆرۈپ كەلگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ كەمسىتىش نىيەتىمىز يوق. بۇ دەل بىز جۇڭخۇا مىللەتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئىپادەسى. مۇئاۋىن رەئىس جانابلىرى قايتقاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى قېرىنداش خەلقىمىزگە بۇ نۇقتىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى، ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇ نۇقتىنى ئورۇندىيالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شەرەپ ھېسابلانغان بولاتتى.

كوڭ شياڭشى ۋە ئادولف گېتلىر،1937-يىلى، بېرلىن

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى


مەزكۇر ئارخىپ ھۈججەتىنىڭ ئەسلى نۇسخالىرى (مەزكۇر ھۈججەتلەرنىڭ مەخپىيلىكى 2017-يىلى 2-ئۆكتەبىر كۈنى قالدۇرۇلغان)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top