You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى قىسمەتلىرى ھەققىدىكى بىرقانچە سوئاللارغا جاۋابلار

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى قىسمەتلىرى ھەققىدىكى بىرقانچە سوئاللارغا جاۋابلار

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوك ھېسابىمدا 1947-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ستالىننىڭ سىياسىي بىروسىنىڭ مەخپىي تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش قارارىغا  كەلگەنلىكىگە ئائىت مەخپىي ئارخىپ ھۆججىتىدىكى مەزمۇنلارنى، يەنى كىتابىمدىكى مەزمۇنلاردىن پارچىلارنى ئېلان قىلىپ قويغاندىن كېيىن نۇرغۇن دوستلاردا قىزىقىش پەيدا بولدى ۋە تېلېفون ئۇرۇپ ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن بىرقاتار سوئاللار سورالدى. بەزىلىرىگە توردا جاۋاب بەرگەنىدىم. بۇلار ھەممىسى تېز يازما جاۋاب بولۇپ، سوئاللارغا نىسبەتەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئويلىغانلىرىمدۇر.  بۇلارنىڭ بىرقىسمىنى پايدىلىنىش ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتا نېمىنى يېزىپ جاۋا بەرگەن بولسام ئۇنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي ياكى قويماي، بۇلارنى رەتلەپ ، ئىملالىرىنى تۈزۈتىپ قويدۇم. بولمىسا بۇلار توردىن يۇيۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.

بۈيۈك شائىرىمىز، مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇستاز، مەن 1980-1990-يىللاردا  بىر قانچە  قېتىم مەخسۇس ماڭا قىلغان ئۈمىد سۆزلىرىنى ۋە لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قىزى؛ تىرىشچان تەتقىقاتچى نەۋباھار خانىمنىڭ سوئالى: 1937-يىلى قەشقەرگە قونغان بۇ ئايروپىلانمۇ رۇسىيەنىڭ ئىكەن. شۇ چاغدىكى ئۇرۇشتىمۇ رۇسىيەنىڭ قولى بارمىدۇ؟ كىتابىڭىزنى ئوقۇۋاتىمەن، ئوقۇرمەنلەر ئوقۇغانسېرى نۇرغۇن سىرلارنى يېشىپ بەرگىنىڭىزنى ھېس قىلىدىكەن.

نەۋباھار  خانىمنىڭ سوئالىغا جاۋابىم:

شۇنداق نەۋباھار،  بار، 1937-يىلى سوۋېت ئايروپىلانلىرى، سوۋېت تانكىلىرى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ۋە تۇڭگانلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن، ئەمما 1945-يىلىدىن سوۋېتلار ئەكسىچە ئۆز ئايروپىلانلىرى ۋە زەمبىرەك، مىناميوتلىرىنى خىتايلارنى يوقىتىشقا ئىشلەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوخشاشلا ھەممىنى قوشۇپ يەنە شۇ كوممۇنىست خىتايغا تەقدىم قىلدى. 1949-1950-يىلى بولسا ستالىننىڭ ئايروپىلانلىرى خىتاي قوشۇنلىرىنى ئۇيغۇرلار ۋەتىنى-شەرقىي تۈركىستانغا توشۇپ كەلدى.

ئامېرىكىدا 20 يىلدىن بۇيان مەن بىلەن پىكىرداش ۋە مۇساپىرداش بولۇپ ياشاۋاتقان، بۈيۈك ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، ئۆز پۇلىنى ۋەتەن  ۋە مىللەتكە سەرپ قىلىشنىڭ ئۈلگىسى مۇسابايوپلار جەمەتىنىڭ  ئەۋلادى نۇرى مۇساباينىڭ سوئالى ۋە ئىنكاسى؛ گەرچە سوۋېت زامانىدا يەنى 1970 نىڭ ئاخىرى ۋە 1980 نىڭ ئوتتۇرىلىرىدا  سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېتەرلىك ش ت پائالىيەتچىلىرى ۋە «ۋەتەن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى ئەسكەر بولسىمۇ، ئافغانىستانغا كىرىشتىن ئىلگىرى سوۋېتنىڭ تۈركىيەگە ئەلچى ئەۋەتىشى مەلۇم ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك ش ت لىقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە  1940 يىللاردەك يەنە بىر تۈركۈم ش ت لىقنىڭ سوۋېتقا قارشى تەرەپتە تۇرماسلىقنى ساقلاشنى نىشان قىلغان بولۇشى مۇمكىن.  قانداقلا بولسۇن 3- قېتىم چوڭ شاھمات تاختىسىدا يەنە بىر قېتىم چوڭ ئوينىلىش پۇرسىتى كەتكەن ئىكەن

نۇرى مۇساباينىڭ بىرقانچە سوئالىغا جاۋابىم؛

يامان يېرى موسكۋا شۇ ۋاقىتتا ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر قېتىم قوراللاندۇرۇشنى قارار قىلىپ، قوراللارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يەتكۈزگۈچە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، قالغانلىرىنى بەرمەي، قورغاس ئەتراپىغا بېسىپ قويغان. ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇ 2-دومدىكى گېنېرالنى ئەۋەتىپ، بۇ قېتىم قورغاستا تۇرغۇزۇپ ھەممە ئىشلارنى نازارەت قىلغان. قايتىدىن مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئاساسلىقى ئۆزبېكلەرنى، ئەشۇ بەرگەن قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلغان. موسكۋا قورغاسقا يىغىۋالغان بارلىق قورال-ياراق ئوق-دورىلىرىنى ليۇ شاۋچى 1949-يىلى 6-8-ئايلاردا موسكۋاغا بارغاندا خىتاي كومپارتىيەسىگە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ماناس دەرياسى بويىدىكى مىللىي ئارمىيەمىز يەنىلا 3 پولكتىن كۆپىيەلمىدى ۋە ھەر بىر مىلتىققا 200 پاي ئوق، بىر ئېغىر پىلىموتقا 3 مىڭ پاي ئوق بىلەن قالغان. قولىدا بار 36 دانە چوڭ كىچىك زەمبىرەكلىرىنىڭ ئوقىمۇ ئاز ئىدى. جەڭچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مىلتىق بىلەن قالدى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا خىتاي ئارمىيەسى نامدا 100 مىڭ، ئەمەلىيەتتە ماناس لىنىيەسىگە 40-50 مىڭ ئەتراپىدا قوشۇن تۇرغۇزۇۋالدى، قوراللىرى ناھايىتى خىل، ئوق-دورىلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملار، ئاتلىقلار ئاساسلىقى ما چېڭشياڭ تۇڭگان ۋە سالار قوراللىق كۈچلىرى. مىللىي ئارمىيە ئارقا تەرىپىدە قورغاس چېگراسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان قوشۇنى ھەر ۋاقىت مىللىي ئارمىيەنىڭ ستالىننىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىماي، ھۇجۇم قىلىش خەۋپىگە ھەيۋە قىلىپ تۇردى. مىللىي ئارمىيە، يەنى ئەخمەتجان قاسىمى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا 15-20 مىڭ ئەتراپىدىكى مۇنتىزىم، ساقچى ۋە خەلق پىدائىيلىرىغا (بۇ ۋاقىتتا قوشۇن ئازلاپ كەتكەن) تايىنىپ، قوللىرىدىكى ئازغىنا ئوق-دورا، ناچار قوراللار بىلەن 100 مىڭ كىشىلىك خىتاي قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىش، يەنە ئارقا تەرىپىدىن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بىلەن ۋەزىيەتنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولغانىدى.

ئەسلىدە 1947-يىلى 9-10-ئايدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا قايتا ئۇرۇش پارتلاش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. ئەمما ئۇلار خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئوسمان باتۇر ئىسيانىنى باستۇرۇش بىلەنلا چەكلەندى. سوۋېت تەرەپ خىتايلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان، شۇڭا قوراللارنى بېرىشنى قارار قىلغان. لېكىن خىتايلار ئوسمان باتۇرنى سېلىپ قويۇپ شۇنىڭ قولى بىلەن غۇلجا ھۆكۈمىتىنى يوقىتىش تاكتىكىسى قوللانغانىدى. ئەسلىدە 1947-يىلى 9-10-ئاي پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئارمىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان پۇرسىتى كەلگەنىدى. ئەخمەتجان قاسىمى نۇتقىدا بىز نېمىشقا ماناس چەگرامىزدا توختاپ قالدۇق؟ ئەسلىدە بىراقلا  ئالغا قاراپ كېتىشىمىز مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شارائىت يول قويمىدى دەيدۇ. ئۇ دېگەنلىك سوۋېت ئىتتىپاقى يول قويمىدى دېگەنلىك ئىدى. موسكۋا پەقەت ئوسماننى قوغلاپ چىقىرىشقا ياردەملەشتى تامام. بۇ ھەقتە « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 10-تومىدا تەپسىلىي توختىلىمەن، 9-10-توملاردا 1946-7-ئايدىن 1949-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئىشلار ئەڭ تەپسىلىي يورىتىلىدۇ، جاۋابلارنى شۇ يەردىن تەپسىلىي تاپالايسىز.

نۇرى مۇساباينىڭ  سوئالى:

1947- يىلى ۋەزىيەت شۇ قەدەر مۇرەككەپلەشكەن ئىكەن، ئۈچ ئەپەندى جەنۇبقا يۆتكىلىپ جەنۇبتىن ئىككىنچى بىر ئۇرۇش فرونتىنى ئاچقان بولسا، ۋەزىيەت باشقىچە بولاتتىكەنتۇق.

خۇددى كورېيەدەك شىمال سوۋېتپەرەس بىر ھۆكۈمەت، جەنۇب ئىنگىلىز پەرەس بىر ھۆكۈمەت.ئۈرۈمچى ۋە شەرق خىتاينىڭ قولىدا قالغان ئۈچكە بۆلۈنگەن بىر ۋەزىيەت بولۇپ قالار ئىدى.

بۇ ھەقتە  ئابدۇرېھىم غېنى قاتارلىقلارمۇ ئىنكاس قوشدى. نۇرى مۇساباينىڭ ۋە ئاغەنى ھەم باشقىلارنىڭ  ئەيسا ئەپەندىم ۋە ئۇلارنىڭ 1970-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئافغانىستان ھەم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە:

جاۋابىم:

ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1970-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەيسا ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشۈشى ھەممە ئىشنى ئۇ كىشىگە باغلىغانلىقى ئەمەس. سوۋېتلار شەرقىي تۈركىستان ئىشىنى قايتا قوزغىسا ئۆزىدىكى سابىق ش ت  ج نىڭ ئادەملىرىدىن پايدىلىنىدۇ. ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرلىكنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. لېكىن، 1979-يىلى ئەگەر خىتاي ئافغانىستانغا ئاشكارا ياردەم بېرىپ، ئاشكارا ھەرىكەتكە ئۆتسە، ئۇيغۇرىستاننى ئافغانىستاندىكى سوۋېتكە قارشى چوڭ بازىغا ئايلاندۇرسا، موسكۋا بىر ئىش قىلىشى مۇمكىن ئىدى. خىتاي ۋېتنامغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە موسكۋا پۈتۈن ئارمىيەسىنى موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان چېگرالىرىغا توپلاپ ھەيۋە كۆرسەتتى. لېكىن خىتاي ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالغانلىقى ھەم ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق يولىغا ماڭغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدىراپ خىتايغا قول سالمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، موسكۋا ئەگەر خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئافغانىستاندىن سوۋېتلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلەتكەن بولسا، موسكۋا <شىنجاڭ قەرتى> نى قايتا ئويناپ، ھەرىكەت قوزغىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.

1980-يىلى ئۇيغۇرلاردىن 2-مۇسۇلمان باتاليونىنى قۇرۇپ جىددىي تەييارلىدى. بۇلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا كىرگۈزۈش پىلانى بويىچە تەييارلىغانىدى. 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەڭچىسى ئالمۇتا ئەتراپىدا بىر يىل قاتتىق مەشىق قىلدى، بۇلارنى < سپېتسناز» دەيمىز، يەنى ئالاھىدە قىسىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرسە بىر جاينى تېز ئىشغال قىلىش ۋە دۈشمەننىڭ ئەجەللىك يەرلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزۇش كۈچىگە ئىگە ئىدى. ئالمۇتادا ئۇيغۇرلاردىنمۇ سىياسىي كۈچ تەشكىللەندى، بۇرۇنقى ش ت ج نىڭ ئوفىتسېرلىرى، سىياسىي رەھبەرلىرى يىغىلدى. ئەپسۇسكى، خىتاي پەقەت سوۋېتلەرنى تىللاپ قويۇش بىلەن ئافغانىستانغا مەخپىي ئاز ياردەملەرنى بېرىپلا ئاشكارا ھەرىكەتكە ئۆتمىدى. خىتاي دۆت ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاجىز نۇقتىسى بولغان ئۇيغۇرىستاندىن ئەندىشە قىلاتتى، شۇ ۋاقىتتا «شىنجاڭغا ھەممە ئاپەت سوۋېت شيۇجۇڭجۇيىچىلىرىدىن كېلىدۇ» دېگەن لوزۇنكا كۆتۈرۈلدى. خىتاي 1970-يىللاردا 100-200 مىڭ ئۇيغۇرنى ۋە قازاقنى، قىرغىزنى «مىڭبىڭ» دەپ قوراللاندۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەتتى. بىزنىڭ ئۇچتۇرپاندىمۇ كەم دېگەندە 7-8 مىڭ قوراللىق مىڭبىڭ بار ئىدى، لېكىن بىچارە ئۇيغۇرلار يەنىلا سوۋېت شۇجۇڭجۇيىچىلىرىغا قارشى كۈرەش شوئارى بىلەن كاللىسى يۇيۇلغان بولغاچقا، شۇ پېتى قالدى.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشكە باغلىق، خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلىق بولدى. 1920-يىللاردىن باشلاپ شۇ ئەھۋال داۋاملاشتى. سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دۇشمەنلىككە ئۆزگەرگەندە ئۇيغۇرلارنى موسكۋا قوللايدۇ، خىتاي يۇمشاپ دوست بولغاندا خىتاينى قوللايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مانا شۇ گېئو-سىياسىي ئويۇنلاردىن قۇرۇلغان «چوڭ شاھمات تاختىسى» دە پىچكا بولدى خالاس. مەن 2004-يىلى «چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر» ناملىق ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلغانىدىم. بۇنىڭدا 19-ئەسىردىن باشلانغان ئۇيغۇر شاھمات تاختىسى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن، ھازىر ئوقۇسىڭىزمۇ يەنىلا ۋاقتى ئۆتكەن ئەمەستۇر.

نۇرى مۇسابايوپ قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ ئەپەندى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب:

ئۈچ ئەپەندىم، بۇ ۋاقىتتا (1947-يىللىرى) خىتايلارنىڭ ئويۇنىغا دەسسىتىلدى. جاڭكەيشى ۋە جاڭجىجوڭ قاتارلىق خىتاي سېھىرگەرلىرى ئۆلكىنىڭ رەئىس، باش كاتىپلىق، تەمىرات نازىرىلىق ھوقۇقىنى ئۇلارغا، مالىيە ھوقۇقىنى ئەخمەتجان قاسىمىغا جان – جەھلى بىلەن ئۆچمەن ساۋاتسىز قازاق ئاقساقىلى جانىمقانغا تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ «چىنى تۈركىستان» ئارزۇسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى، رۇسلارغا قارشى، تۇركچىلىك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ تەشۋىق قىلىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى. تۈركچىلىككە جان -جەھلى بىلەن ئۆچ خىتايلار مانا ئەمدى ئۆزلىرى بۇ تەشۋىقات ئۈچۈن سورۇن يارىتىپ بەرگەنىدى. خىتايلار بۇنىڭ بىلەن ستالىننىڭ، سوۋېتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە قارشى بىر قانىتىدىن، يەنى ئەگەر ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت بولسا ئۆزىگە زىيان سالىدىغان زور بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى تۇيدۇردى. ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىن ئەنسىرەيدىغان، بۇ جايدا ئۆزىگە قارشى ھەرقانداق كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى يوقىتىدىغان موسكۋانىڭ كۆز ئالدىدا ئەشەددىي سوۋېت دۈشمەنلىرى ئۇيغۇرلار پەيدا بولدى. شۇڭا موسكۋا باشتىن ئاخىرى ئۈچ ئەپەندىنى ئېلىپ تاشلاشنى، مەسئۇد ئەپەندىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

1948-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا جاڭ كەيشى كومپارتىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كومپارتىيە بىلەن يارىشىش سىياسىتى بەلگىلىگەندە قايتىدىن ستالىننىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇد ئەپەندىنى ۋە ئەيسا ئەپەندىنى ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت بىخەتەرلىك خادىمى تاتار بۇرھان شەھىدىنى قويۇپ ستالىننى خۇش قىلدى. مانا بۇ سىياسىي ئويۇنلاردا ئۇيغۇرلار ئۆزىمىز ئارتىس بولۇپ رېجىسسورلار تەرىپىدىن ئوينىتىلدۇق. ئەلۋەتتە، ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن ئۈچ ئەپەندى بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا باشلىق غەرب چەمبىرىكى ئاستىدا بولۇشنى ئۈمىد قىلدى، چۈنكى خىتاي ھەم غەرب چەمبىرىكى ئىچىدە ئىدى. ئىلى -شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولسا سوۋېت چەمبىرىكى ئىچىدە بولدى، چۈنكى ئۇ موسكۋانىڭ قوراللىرى، ياردەملىرىگە تايىناتتى. بىراق ئۈچ ئەپەندىنىڭ قولىدا ھېچقانداق كۈچ، بازا، ئارمىيە يوق ئىدى. ئۇلارنى خىتايلار خالىسا ئېلىۋېتەتتى، خالىسا ھوقۇققا قوياتتى. ئۇلارنىڭ ئەسكەر تەييارلىغۇدەك، قوشۇن قۇرغىدەك ھالى يوق ئىدى، پەقەت سىياسىي يول بىلەن خىتايلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن سۆزلىشىش يولى بىلەن يۈكسەك مۇختارىيەت ئېلىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا پۇرسەت كەلگەندە مۇستەقىل بولۇش غايىسى بار ئىدى.

ئەگەر باشتىلا ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى «رۇسلارنىڭ غالچىسى» دەپ تىللىماي، ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ھەممىنى تاشلاپ ئىتتىپاقلاشسا، توغرا بىر سىياسىي تاكتىكا قوللانسا، ۋەزىيەت باشقىچە بولار ئىدى. نېمىشقىدۇر، ئۈچ ئەپەندىم ۋە ئىلى تەرەپ ئارىسىدىكى بۇ بىرلىك بولماسلىق ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر خەلقىگە ئومۇمىي زىيان بولدى دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى ئادەملەر ئەنە شۇ تارىخنى تەكرارلىماسلىقى كېرەك. ھازىرمۇ ئۆزئارا بۆلىنىش، بىر-بىرىدىن ئايرىلىش، بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، ئاچچىق قىسمەتلەردىن ساۋات ئالماسلىق خاھىشلىرى مەۋجۇت. شۇڭا  ئۈچ ئەپەندىم قەشقەر قاتارلىق جەنۇبتا 1947-1949-يىللىرى ئۆزلىرىنىڭ 10 دانىمۇ ئەسكىرىنى قۇرالمىدى، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرىدا 6-7 دانە خىتاي ئەسكىرى پۈتۈن بىر توپ ئادەمنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى تۇتۇۋالىدىغان پاجىئە كېلىپ چىقتى.

قازاقىستانلىق تارىخچى مارات يۇسىموفنىڭ  ئۈچ ئەپەندى ۋە جەنۇبتا ھاكىمىيەت قۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە قەشقەر-يەكەن ئەتراپلاردىكى جەڭلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاندىن قوشۇن كىرگەنلىكى ھەققىدىكى رۇسچە چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئىنكاس ۋە جاۋابىم:

مېنىڭ جاۋابىم:

رەخمەت مارات ئەپەندى، رەھمەت، بۇ جەنۇبى شەرقىي تۈركىستاندىكى قوراللىق كۈرەش 1945-يىلى 8-ئايدىن تاكى 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتى، جەنۇبتىكى بۇ ئىشلارغا 10 مىڭدەك ئادەم قاتناشتى. بۇ، زور ۋەقە، مەن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 7- 8 توملىرىدا بۇ ھەرىكەتلەر ھەققىدە 200 بەت يازدىم. تاشقورغاندىن باشلانغان كۈرەش غولامخان قوقانبايېف، ئەبەيدۇللا مەخسۇمنىڭ باشچىلىقىدا قەشقەر يۆنىلىشىدە، يەنى 3 فرونت بويىچە بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئۇلارنىڭ باش شتابى چىلگۈمبەزدە بولدى. ئۈچ يۆنىلىش بۇلۇڭكۆل ئويتاغ -ئوپال قەشقەر يوئىنىلىشى، ئىككىنچى يۆنىلىش ئېگىزيار، سۆگەت يېڭىسار ۋە قەشقەرگە ھۇجۇمۇم قىلىش يۆنىلىشى، يەنە بىر يۆنىلىش يەكەن يۆنىلىشى. لېكىن ئاساسلىق نىشان قەشقەر بولدى. قوشۇنلار 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئويتاغ، ئوپال، تاشمىلىق ئەتراپلىرىنى ئىگىلىدى. يېڭىسارغا يۈرگەن قوشۇن ئېگىزيار، قىزىلتاغ، ئاقباشمازارلارنى ئېلىپ سۆگەتتە توختاپ قالدى، يېڭىسارنى ئالالمىدى.

يەكەن يۆنىلىشىدىكى ئاز ساندىكىلەر كۇسراپنى ئىگىلىدى. لېكىن 1945-يىلى 10-ئايدىكى تىنچلىق سۆھبىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن مىللىي ئارمىيە ئۇرۇش توختىتىپ، سوۋېتتىن كەلگەنلەر قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندە جەنۇبتىكى قوشۇنلارنىڭ باش قوماندانى غولامخان تۆرە قوققانبايەف، ئەبەيدۇللا مەخسۇم ۋە باشقا سوۋەتلىك ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قىرغىزلار ھەممىسىنى قوراللىرىنى ئېلىپ كەتتى. كېيىن بۇ كۈرەش يەنىلا داۋاملىشىپ قاغىلىق، پوسكاملارنى ئالدى. ئەمما 1946-يىلى 12-13- ئىيۇن كۈنلىرى 3 برىگادىغا يەتكەن بۇ قوشۇن تارقىتىلدى ۋە خىتايلار ئۇلاردىن قاتتىق ئۆچ ئالدى. سىدىقخان تۆرە قاتارلىقلار ئىلىغا، تاھىربەك، كارۋانشاھ، مادايوف قاتارلىقلار تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانغا قېچىپ قۇتۇلدى. ئەمما جەنۇبتىكى 6-10 مىڭدەك قورال تاشلىغان بۇ ئادەملەر خىتايلار تەرىپىدىن بىرمۇبىر ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىدى. ھاشىماخائۇن، تۇردى قارىباگ، ئەنجانباي، قاسىمتاش، ھەسەنھاجى، تۇرسۇن ۋە باشقا ئۇيغۇر قوماندانلار، برىگادا ۋە پولك كوماندىرلىرى خىتايلار تەرىپىدىن يوق قىلىندى. چۈنكى ئۇلار سوۋېتكە قاچمىغانىدى.

مارات يۇسىموف ئەپەندىنىڭ سۆزى:

رەھمەت نەبىجان ئەپەندى. ئىسھاقبېك مۇنىنوۋنىڭمۇ قىلغان ئىشلىرى بار. بۇ ئادەم 30-چى يىللارنى شەرقىي تۈركىستانغا قارشى چىققان شېڭ دۇبەن تەرىپىدە تۇرغان.

مارات ئەپەندىمگە جاۋابىم:

شۇنداق، مارات ئەپەندى، ئىسھاقبېكنىڭ ھايات سىرلىرى بىزگە ئاساسەن ئايدىڭ، لېكىن ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە شەرتسىز قوشۇلۇشقا قارشى چىققان. ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بۇ جەھەتتە ئوخشاش پىكىردە، ئەمما ئىسھاقبېكنىڭ 1943-1944-يىللىرى ئىسسىق-ئاتا- نارىن ئەتراپىدىكى بۇيگۇ ۋە باتىر ئەترىتىنى تەشكىل قىلىشىغا قىرغىزىستان ئالىي سوۋېتى باشلىقى تۆرەباي قۇلاتوف ۋە كومپارتىيە سېكرىتارى ۋاگوفنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ ئىش قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان. تاشكەنت ۋە مۇرغابتىكى ئەترەتلەرگە ئۆزبېكىستان سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوف ئىگە بولغان. بۇلارنىڭ باش قارارى موسكۋادىن ستالىن، بېرىيا، مولوتوف، كېيىنرەك ئاباكۇموف ۋە كرۇگلوف، ئاخىرىدا يەنە فېدوتوفلارنىڭ ئارىلىشىشىدا بولاتتى. ش ت ج رەھبەرلىرىنىڭ موسكۋا بىلەن زىچ ھەمكارلىقتا ۋە ئالاقىدە بولغانلىقى راست. مەيلى ئەلىخان تۆرەم بولسۇن، مەيلى ئەخمەت ئەپەندى بولسۇن ۋە ئىسھاقبەك بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش. ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم بېرىمەن، مۇستەقىللىققا، ئازادلىقىڭلارغا ياردەم بېرىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققان بىردىنبىر دۆلەت سوۋېت  ئىتتىپاقى ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ياردەم بەرمىدى. تۈركىيە بولسا ئۆزىنىڭ جېنىنى ئاران قۇتۇلدۇردى، غەرب دۆلەتلىرى بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن رەقىب ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئامالسىز موسكۋاغا، ستالىنغا ئۈمىد باغلىغانىدى. ئەلۋەتتە ھېچ ياردەمسىز ھالدا خىتاي ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلىش قىيىن ئىدى. بولۇمۇ 1945-يىلى 9-ئايدىن كېيىن ياپون ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ پۈتۈن خىتاي ئارمىيەس بىكار بولدى، جاڭ كەيشى زور قوشۇن يۆتكىمەكچى، 200 دىن ئارتۇق ئايروپىلاننى ئىشقا سالماقچى بولدى، ستالىن يالتادا ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، خىتايلار بىلەن شەرتنامە تۈزگەندىن كېيىن ئەمدى شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنى تىنچلىق بىتىمىگە زورلىدى. لېكىن ش ت ج نى بىراقلا بىكار قىلدۇرىۋەتمىدى، ستالىننىڭ سىياسىتىنىڭ تولۇق ئۆزگىرىشى 1949-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ يۈز بەردى ۋە 1949-يىلى 5-ئايدا ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، غەربىڭ ئۆزىگە قارشى قۇدرەتلىك ئىتتىپاقى شەكىللەنگەندە، ئۇنىڭغا گومىنداڭنى يوقاتقان كوممۇنىستىك خىتاي پايدىلىق بولدى. بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكىغا، غەربكە قارشى ئىتتىپاقى ئۈچۈن زور كۈچ ئىدى.

شۇڭا ستالىن ئۇيغۇرلار دىيارىنى كومپارتىيەگە بېرىشنى بۇ جايدا ئامېرىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇستەقىل بىر دۆلەت، بولۇپمۇ ئۇنىڭ  جەنۇبتا قۇرۇلۇپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى تاللىدى. بۇ ۋاقىتتا ستالىن ئۈچۈن كومپارتىيە توسالغۇسىز «شىنجاڭنى ئىگىلىشى»، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقماسلىقى كېرەك ئىدى. ھېچكىمنىڭمۇ كومپارتىيەدىن ئارتۇق تەلەپ قىلىشى، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى كېرەك ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئىسھاقبېك كېرەك بولمىدى ۋە ستالىننىڭ مەشھۇر سۆزى بويىچە «ئادەم يوق، مەسىلە يوق» بويىچە ئىش كۆرۈلدى. مەن 13 توملۇق «ئۇيغۇر  ئومۇمىي تارىخى» نىڭ قىسىملىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 4-5- توملىرى، يەنى «ئومۇمى ئۇيغۇر تارىخى» نىڭ 10-تومىنىڭ ئاخىرىدا ۋە 11-تومىدا دەل ئاشۇ مەسىلىلەرنى بايان قىلىمەن.

2021‏-يىلى 4-‏ئاينىڭ 8‏-كۇنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top