You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » جاڭ جىجۇڭ: رەئىسنى تېزدىن ئالماشتۇرايلى!

جاڭ جىجۇڭ: رەئىسنى تېزدىن ئالماشتۇرايلى!

جاڭ جىجۇڭ: رەئىسنى تېزدىن ئالماشتۇرايلى!

بورھان شەھىدى (ئوڭدىن بىرىنچى) ۋە مەسئۇد سابىرى بايقوزى (ئوڭدىن ئىككىنچى) ئۈرۈمچى قىبلەتاغ (نەنسەن) ئەتراپىدا، 1947-يىلى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1947-يىلى 17-ماي كۈنى جاڭ جىجۇڭ تەرىپىدىن جياڭ جېشىغا يوللانغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۆلكە رەئىسىنى تېزدىن ئالماشتۇرۇش ھەققىدىكى مەخپىي تېلىگرامماغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى. ئەينى چاغدا بىتىم بويىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلكە رەئىسى خەلق سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىشى كېرەك بولسىمۇ، گومىنداڭ تەرەپ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇ خىل سايلامدا غەلبە قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا قانۇنىي ۋەكىللىك سالاھىيەتىگە ئېرىشىپ قېلىشىدىن ناھايىتى قورققان. شۇنداقلا سايلام ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئۆزلىرى ئىشەنچ قىلغان بىر ئۇيغۇرنى رەئىسلىككە تەيىنلەش ئارقىلىق، سايلامنى توختىماي ئارقىغا سۈرگەن ۋە مۇشۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپكە زەربە بەرمەكچى بولغان.

بۇنىڭدىن باشقا گومىنداڭ ھاكىمىيەتى يەنە ئەينى چاغدىكى ئۆلكەلىك قانۇن تۈزۈش ئورگانى يەنى پارلامېنت ئورنىدىكى ئۆلكەلىك مەسلىھەت كېڭەشىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپتارلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، قانۇنىي جەھەتتىن ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىشىدىن ھەم ئەنسىرىگەن. مەزكۇر تېلىگرامما مۇشۇ مەقسەتتە مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمەتىنى تېزدىن مەسئۇد سابىرىنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا ئالدىرىتىش مەقسىتىدە يوللانغان بولۇپ، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، مەسئۇد سابىرى «شىنجاڭ» ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ۋە ئارىدىن 10 كۈن ئۆتۈپ يەنى 28-ماي كۈنى رەسمىي ۋەزىپەگە ئولتۇردى.


جاڭ جىجۇڭ (张治中) دىن جياڭ جېشىغا يوللانغان 4438-نومۇرلۇق تېلىگرامما

1947-يىلى 17-ماي كۈنى سائەت 10:25 تە ئۈرۈمچىدىن يوللاندى.

نەنجىڭ خەلق ھۆكۈمەتى رەئىسى (国民政府主席) جياڭ جېشىغا

ئىگەللىشىمىزچە يېقىندىن بۇيان ۋەزىيەتتە يەنە پايدىسىز تەرەققىياتلار كۆرۈلگەن. مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى يېۋسىيېۋ تۆنۈگۈن تاشقىي ئىشلار ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇۋ زېروڭ (刘泽荣) بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن جەرياندا، چېكىپ بېقىش تەلەپپۇزىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇد (سابىرى) نىڭ ئۆلكە رەئىسى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەس-بەستە تارقىتىۋاتقانلىقى، ھەممە كىشىنىڭ دېگۈدەك بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكى ۋە نېمىشقا بورھان (شەھىدى) نىڭ رەئىسلىككە قويۇلمايدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. بۇ سۆزلەردە نېمىدىن شەپە بېرىۋاتقانلىقى چۈشىنىشلىك، ئەلۋەتتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆلكەلىك مەسلىھەت كېڭەشى (省参议会) ئەسلى 5-ماي كۈنى ئېچىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن قاتناشتىكى قىيىنچىلىق سەۋەبلىك كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىدى. ھازىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلەر پۈتۈن ئەزالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە كېڭەشنى كېلەر ئاي ئەتراپىدا ئېچىشقا بولىدۇ. لېكىن، ئىلى تەرەپ نۆۋەتتە يەنىلا ئۆلكە رەئىسلىك سايلامىنى مۇددەتتىن ئاۋۋال ئۆتكۈزۈشنى ۋە ئەخمەتنى رەئىس سايلاشنى ئاكتىپ ھالدا پىلانلاۋاتىدۇ. ئەگەر مەركەز بۇ ئىشتا يەنە ئىككىلىنىدىغان بولسا، تەشەببۇسكارلىقنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. پېقىر جانابلىرىغا تېلىگرامما يوللاپ يەنە بىر قېتىم مەسئۇد (سابىرى) ۋە ئەيسا (يۈسۈپ ئالپتېكىن) نى ۋەزىپەگە تەيىنلەشنى ۋە ئېلان قىلىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىلى تەرەپنىڭ پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە شىنجاڭ ۋەزىيەتىنى تىنجىتىشنى ئۆتۈنىمەن. كۆرسەتمە بېرىشلىرىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتىمەن.

ھۆرمەت بىلەن جاڭ جىجۇڭ

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى


مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top