You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 21: ئابدۇرەھىم ھەيت – سەنئەتكار جەڭگاھىدا مارشال

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 21: ئابدۇرەھىم ھەيت – سەنئەتكار جەڭگاھىدا مارشال

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

يىگىرمە بىرىنجى باب: ئابدۇرەھىم ھەيت – سەنئەتكار جەڭگاھىدا مارشال

چوڭ بولۇر ئادەم تەنى ئاش-نان بىلەن،
ئوڭ بولۇر ئىنسان ئىشەنچ-ئىيمان بىلەن؛
گۈل بولۇر ئانا ۋەتەننىڭ ھەر ئىشى،
چىنىققان بەرجەس بەدەن ئوغلان بىلەن.

(“كاشغارىيە سەلكىنلەرى” 72-بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2020-يىل، ئىستانبۇل)

ئايانچلىق مۇقەددىمە

تەنتەربىيەچىلەر، سەنئەتكارلار، كەسپىي غەزەلخانلار بەجايىكى ئىنسانىيەت تىنچلىق دەۋرىنىڭ قەھرىمانلارىدۇر. ھالبۇكى، بۇ ساھەدىن چىققان ئىجاتكار چولپانلار خەلق ئىچىدە، خۇددى ئۇرۇش يىللارىدىكى تۆھپەكار گەنىراللار كەبى ھۆرمەتلەنىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلەرى، كىيىنىشلەرى ۋە ماڭىش -تۇرۇشلارىدىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ نەتىجەلىك ئەمگەكلەرى ۋە مائقۇل پائالىيەتلەرى خۇسۇسەن ياش ئىنسانلارنىڭ ئۆگرەنىش ئۆرنەكلەرى بولۇپ قالىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئىناۋەتلىك تەئسىرى شۇنداقلا، خەلق قەلبىدە پەيدا قىلغان قايىللىق تۇيغۇسى جەھەتتە، بەزەن چولپانلارنىڭ شۆھرەت-ئابرويى ئەمەلىيەتتە، شۇ دەۋر پادشاھ-پرىزدىنتلەرىنى باسىپ چۈشىدۇ، دەسىمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ.
ئۇيغۇرلار سەنئەتخۇمار بىر مىللەت، سەنئەتخۇمارلا ئەرمەس، بەلكى يەنە ھەر ئىشنى مۇئەييەن ھۈنەر بىلەن، بەلگەلىك سەنئەت بىلەن قىلىشقا ئامراق سەنئەتكار توپلۇم قاتارىغا كىرىدۇ، دەپ قارايمەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن ھەر دەۋر- ھەر زاماندا، ئۆزىنىڭ شۇ دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرغۇن سەنئەت گىگانىتلارىنى ياراتىپ كەلدى. كومپوزىتور، غەزەلخان ۋە دۇتار شاھى ئابدۇرەھىم ھەيت بولسا، كاشغارىيەنىڭ دىموكراتىك ئىسلاھات دەۋرى (1978-2016-يىللار) دە مەيدانغا كەلگەن ساناقلىق سەردار سەنئەتكارلاردىن سانالىشقا ھەقلىقتۇر.

ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ ئاۋازى

مەنىڭ چۈشەنچەمچە، ئاۋاز ناخشا ئوقۇغۇچى-غەزەلخاننىڭ بىرىنجى تەبىئىي بايىلىقى سانالىدۇ. ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ ئاۋازى سۈزۈك بوڭ، يۇقىرى چاستۇتالىق ۋە غۇبارسىز جاراڭلىق ئەركەك ئاۋاز بولۇپ، ھازىرقى زاماندا قىسمەن مودا بولۇپ كەلىۋاتقان مىيانە، ئەۋرىشىم ۋە زىل-يۇمشاق ئاۋازلاردىن تۈپلۈك پەرقلەنىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى خەلق ئىچىدە، “ھەقىقىي ئوغۇل بالا ئاۋازى” دەپ تەئرىپلەنىدىغان، ئاۋاز تونىدىنلا ئەركەكلىك غەيرەت-جاسارەتى، ئەرلىك سۇبات-سالاپەتى ۋە ئەرلەرگە خاس مەردانەلىك كامالەتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇبارەك ئاۋازدۇر.
ئەمەلىي ئىجرائىيەتتە، ئۇنىڭ تەبىئىي، سۈزۈك ۋە جاراڭلىق ئاۋازى سەنئەت دۇنياسى سادا ئاسمانىنىڭ ئەرشىلئەلاسىغا ھىچ كۈچەمەيلا كۆتۈرۈلۈپ، ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ؛ نىدا-خىتاب چوڭقۇرلۇقىنىڭ قەئرىگەمۇ ھەر قاچان راۋان شۇڭغۇيالايدۇ. شۇڭا، ئۇ ناخشا ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ “ئاۋازىمنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن” دەپ، قىزىرىپ-بوغۇلۇپ، بويۇن تومۇرلارى كۆپۈپ كەتكەن ھالەت ھەرگىزمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئۇ ھەر قانداق يۇقىرى چاستۇتالىق غەزەل-ناخشانى ئورۇنلاغاندا بولسا، ئاڭلاغۇچى ئىنسان ئۇنىڭ كۈچەپ-زورۇقۇپ قالغانلىقىنى سەزىپ بىئارام بولمايدۇ. بەلكى دەل ئەكسىنچە، ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىدىن سۈزۈك ۋە تەگ-تەگىدىن كۈچلۈك يەتىك ۋە چوڭقۇر مەنبەلىك ياڭراق ئاۋازىدىن ھەيران-ھەسلىك ۋە قايىللىق تۇيغۇسى بىلەن ھوزۇرلانىدۇ، مەمنۇنلۇق ئىدراكى بىلەن راھەتلەنىدۇ.

ئۇنىڭ گۈزەل كۈي بىلەن يۇغۇرۇلغان سۇباتلىق ئاۋازى ھەر قانداق بىر ئىنسانغا گويا ئاللاھ ئۇنىڭغالا نەسىب قىلغان بىر ئالاھىدە نىئمەت، سەخى تەبىئەت ئۇنىڭغالا ئىنئام قىلغان خاس بىر ئىنايەت ھىس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ يا ئىچىملىككە، ۋەيا چەكىملىككە نەپس يۈگۈرتۈپ باقماغان پاك-پاكىز ئادەتلىك خاس خۇسۇسىيەتى بولسا، ئادەمنى ئۇنىڭغا چىن يۈرەكتىن چىققان قايىللىق ۋە سەمىمىي تىلەككە تويۇنغان مايىللىق بىلەن ئەگىلىپ سالام قىلدۈرىدۇ.

ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ قىياپەتى

ئابدۇرەھىم ھەيت 1962-يىلى قەشقەر شەھەرىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك چاغلارى ناخشا، مۇزىكا ۋە ئۇيغۇر چالغۇلارىغا بولغان تەبىئىي ھەۋەسكارلىق بىلەن ئۆتكەن. 1979-يىلدىن 1982-يىلغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتەپىنىڭ ناخشا كەسپىدىن ئەلىيۇلئەئلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ناخشا، مۇزىكا، كومپوزىتورلۇق ئاساسىي بىلىملەرى بويىچە ئىستىداتلىق ئىكەنلىكى بايقالغاچ، شۇ يىلى، پايتەخت بەيجىڭدىكى مەركەزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا قوبۇل قىلىنغان.

مەن ئابدۇرەھىم ھەيت بىلەن 1982-يىلنىڭ كۈز پەسلىدە، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى قوروسىدا تونۇشقان. مەن مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئابدۇرەھىم ھەيت بولسا، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى بىلەن شىمال تەرەپتىن تام خوشنا بولغان مەركەزىي مىللەتلەر ئانسامبىلىدا، دۇتارچى ۋە راۋاپچى سەنئەتكار ئىدى.

تۇنجى تەئسىراتىمچە، ئابدۇرەھىم ھەيت ياڭىلا يىگىرمەلەرگە كىرگەن بوز يىگىت بولۇشىغا قاراماي، خۇددى ئوتتۇرا ياشلىق ئەركەكلەردەك تولامۇ تەمكىن، سالاپەتلىك، ئالدىراپ چاقچاق گەپ قىلمايدىغان، سۈرلۈك ئىدى. كىيىنىشلەرى رەتلىك، پاكىز، تەخى تۈنۈگۇنلا ھەربىي سەپتىن ئالماشقان كوماندىردەك ھەمىشە قەددى راۋرۇس، باشىنى تىك تۇتقان ھالدا، مەزمۇت قەدەم بىلەن “گۇس-گۇس” دەسسەپ ماڭىشلارى ۋە جىددى قىياپەتلىك ئولتۇرۇپ قوپۇشلارى ئۇنى خەلىلا مەغرۇر ۋە كۆرەڭ كۆرسەتەتتى. مۇئامىلەدە، تولامۇ تۈزۈتلۈك ۋە ئەدەب-قائىدەلىك بولغاچ، ئۇنىڭ ئالدىدا، ئادەم ئۆزىنى جىددى تۇتۇشقا، گەپ-سۆزدە دىققەت قىلىشقا توغرا كەلەتتى.

ئۇ مەزكۇر ئىدارىدە ئىشلەگەن ئون يىل جەريانىدا، ئىدارە سىرتىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ياقىن ئارالاشقانلارنىڭ بىرسى بولۇش سالاھىيەتىم ۋە بىۋاسىتە تۇيغۇم ئاساسىدا ئەيتسام، ئۇ ئادەتتە، سەنئەت ۋە ئىلىم ئەھلى بولماغان ئادەملەر بىلەن بەك ئارالاشىپ كەتمەيتتى. سەنئەتكار، مۇزىكاچىلارغا ئەتىبارلىق ئوڭ كۆزى بىلەن قارامايدىغان ھەر قانداق ئادەمگە سالام قىلىش تۈگۈل قاراپمۇ قويمايتتى. ھەممەمىز ئۇنىڭ ئالدىدا، سەنئەت، سەنئەتكار، بولۇپمۇ مۇزىكانتلار ھەققىدە قىلدەك بولسامۇ بىھۆرمەتلىك گەپ قىلىپ تاشلاشتىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەيتتۇق. چۈنكى، ئۇنىڭ قاراشىدا، سەنئەتكارلىق، مۇزىكانتلىق دەگەن بەكمۇ مۇقەددەس ئىش، تولامۇ مۆھتەرەم كەسىپ ئىدى. شۇڭا، مۇناسىبەتلىك سورۇندا، ئۇنىڭ چالغان مۇزىكاسىغا قۇلاق بەرمەگەن ئادەم، ئۇنىڭ ئەمگەكىگە ھۆرمەت قىلماغان ۋە ئۇنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرگەن ئادەم ھىسابلاناتتى.
“قىياپەت- بىر ئىنساننى ئىككىنجى بىر ئىنسانغا تونۇشتۇرىدىغان بىرىنجى دەرستۇر” دەگەن گەپنى پات-پات تەكرارلاپ تۇرىدىغان ئابدۇرەھىم ھەيت ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇيغۇر ئەركەك ئىنسانىنىڭ قىياپەت ئۆرنەكى ئىدى. ھەر كۈنى ياڭى كىيىم كىيمەسەمۇ، جەزمەن پاكىز، رەتلىك كىيىنىش، ئىچ-تاش كىيىملەرنى رەڭ ۋە ماسلاشىش جەھەتتىن مەدەنىيلىك ئۆلچەكلەرىگە ئۇيغۇن ۋە مۇناسىپ ياراشىملىق قىلىپ كىيىش، چاچ-ساقاللارىنى ھەر كۈنى ياساتىپ تۇرۇش، ۋۇجۇدەن روھلۇق ۋە جۇشقۇن بولۇش ئۇنىڭ ھەمىشەملىك قىياپەت نورماسى ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ رەسمىي سورۇندا، خەلق ناخشاسى “ئەجەب بولدۇم، ئەجەب بولدۇم” نى ئورۇنلاغاندا، باشىغا ئەگىز ياڭىھىسار تۇماقى، ئۈستىگە ئۇزۇن يەكتەك تون، پۇتىغا بولسا، ئۇزۇن قونجۇلۇق ئۆتۈك كىيىپ تۇرۇپ ئورۇنلاشى تەشۋىقات ئۈچۈن ئەرمەس، بەلكى ئۆزى ئەقىدە قىلغان تەبىئىي قىياپەتلىك، راستلىق ۋە خاسلىق ئۈچۈن ئىدى، دەپ ئوبزۇر قىلىمەن.

چاچلارى ئۆسۈپ سالپايىپ كەتكەن، تىرناقلارى ئۆسۈپ سۇنۇپ كەتكەن، تۇرۇقىدىن روھسىزلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، گەپ قىلسا، ئاغىزىدىن ساسىق چىش پۇراقى ئوخچۇپ تۇرىدىغان مەينەتلىك بولسا، ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ مۇتلەق چىقىشالماس دۈشمەنى ئىدى.

ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ ئەمگەك قاراشى

خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمدەك، ئابدۇرەھىم ھەيت سەنئەت-مۇزىكاچىلىقنى تولامۇ شاراپەتلىك ۋە مۇقەددەس ئەمگەك بىلىدۇ؛ بۇ ئەمگەكنى قىلغۇچى ئادەم يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ساھىب بولۇشى لازىم، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇ ھەر بىر قىلغان ئىشىنىڭ مۇكەممەل، باشقالار زىقزىق چىقارالمايدىغان دەرىجەدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئالدى بىلەن ئۆزى قەدىرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، باشقالارنىڭمۇ قەدىرلەشىنى، سوغۇق باقماسلىقىنى ۋە كەمسۇندۇرماسلىقىنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ھال بەزەن چۈشەنچەلەردە، ئابدۇرەھىم ھەيتنى ئۆز ئەمگەكىگە قارىتا ئەقەللىي دەرىجەدىكى تەنقىت، پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرىشكەمۇ مۇتلەق يول قويمايدىغان ھەددىدىن ئۆتە قاتتىق تەلەپ ئادەم كۆرسەتىپ قويسامۇ، ئەمەلىيەتتە، پاكىتلىق ئىلمىي چۈشەنچە ئاساسىدا بەرىلگەن سەمىمىي پىكىرلەرنى سۆيۈنۈپ قوبۇل قىلىدۇ.

ھىكايەت. ئابدۇرەھىم ھەيت 1992-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىزمەت ئورنىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتكەندىن كەيىنمۇ، ئانا يۇرت تەرەپكە تەئتىل قىلىپ ياكى خىزمەتلەر بىلەن ئۆتسەم-كەچسەم، ئۈرۈمچىدە توختاپ، ئىزچىل ئىزدەشىپ تۇردۇق. بىزنىڭ ھەمسۆھبەتچىلىكىمىزنىڭ باش ماۋزۇسى كۆپرەك ھەر قايسىمىزنىڭ خىزمەت، تەتقىقات ۋە ئەمگەك نەتىجەلەرىمىز ھەققىدە بولاتتى. ئابدۇرەھىم ھەيت ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەلان قىلغان ئەمگەكلەرىگە مەنىڭ پىكىر بەرىشىمنى سورايتتى. مۇنداق چاغلاردا، مەنمۇ تۈزۈت قىلماي، يالغان سىپايەلىك بىلەن ياخشىچاق بولۇپ، ئۇنى داڭقلاش بىلەنلا كۇپايەلەنمەي، سەزگەن يەتەرسىز تەرەپلەرنىمۇ ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن دەۋىرەتتىم.

ئەنىق ئەسىمدە، ئۇنىڭ “بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر” قاتارلىق ناخشالارى ئوقۇلغان كاسەتى ياڭىلا نەشىردىن چىققان چاغلار. مەن ئۇنىڭ مەزكۇر ناخشادىكى “يادكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى دىۋانۇل لۇغات” دەگەن مىسرانى ” يادكار ئەيلەپ جاھانگە يازدى دىۋانۇل لۇغات ” دەپ ئوقۇشىنىڭ، يەئنى “جاھانغا”نى “جاھانگە” دەپ تەلەپپۇز قىلىشىنىڭ توغرا بولماغانلىقىنى دەدىم. پىكىرىمنىڭ زاكون ئاساسى قىلىپ، مەنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخاناسىنىڭ كۇتۇبخاناسىدا، مەرھۇم شائىر قۇتلۇق شەۋقىينىڭ مەزكۇر داڭقلىق غەزەلىنىڭ ئەينى زامان تاش باسماسىدا چىققان گازەتىدىكى ئورگىنال نۇسخاسىنى كۆرگەنلىكىمنى؛ ئۇنىڭدا ئەنىق قىلىپ، “جھان غە” قىلىپ يازىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ چاغاتايچىدا “جاھانغا” دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى؛ ئۇيغۇرچىدا يۆنەلىش كەلىش قوشۇمچىلارىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ، “غا-قا-گە-كە” بولۇپ، تۆرت قوشۇمچە ئىشلەتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتىم. ئۇ: “قايىل بولدۇم. ناخشامنىڭ كەيىنكى نەشىرىدە جەزمەن تۈزەتەي” دەدى. دەگەنىنى قىلدى، كەيىنكى ئورۇنلاشلارىدا توغرالاپ ئوقۇدى.

2016-يىلى ئاۋغوست ئايىدا، قەشقەردە كۆرۈشۈپ قالدۇق.بىر قانچە چاي سورۇنلارىدا ھەمداستىخان بولدۇق. بىر كۈنى كەچقۇرۇندا، ھەيتگاھ مەيدانىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجەكىدىكى “مىڭيول رەستۇرانى”نىڭ ئىككىنجى قەۋەتىدە، بىللە تاماق يەگەچ، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا مۇڭداشتۇق.
ئابدۇرەھىم ھەيت مەنىڭ ھەلىقى “ناممۇقام مارشى” نى يازىپ، ئاھاڭ ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارىمغا ئۆگرەتكەنلىكىمنى ۋە مۇسابىقەلەرگە قاتناشتۇرۇپ، كۈمۈش مىدال ئالغانلىقىمىز ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاغان ئىكەن، شۇ ۋەجدىن، ئۇ ئالدى بىلەن مەنى قۇتلۇقلادى.
-سىلەنىڭ شىئىر يازىدىغانلىقلارىنى بالدۇردىنلا بىلەتتىم-دە،- دەدى ئۇ سەمىمىي ئاھاڭدا،- ئەمما مۇنداق ئاھاڭ ئىشلەشكەمۇ ئەپلەرى بارلىقىنى ئويلاپ باقماغان ئىكەنمەن، راستىمنى دەسەم.

-مەنىڭ ئوقۇتقۇچى دادام پولات ئەھمەد دۇتار، تەمبۇر ۋە راۋاپلارنى خەلى ياخشى چالىدىغان، ناخشانى ئوبدانلا ياقىملىق ئوقۇيدىغان ئادەم ئىدى،- چۈشەنچە بەردىم ئۇزاقنى ئەسلەش تۇيغۇمنى ئىپادەلەگەن ھالدا،- تولۇقسىز ئوتتۇرانىڭ بىرىنجى-ئىككىنجى يىللىقلارىدا ئوقۇۋاتقان چاغلارىمدا، نەي چالىشنى ئۆگرەنگەن ئىدىم بىر مەزگىل. گىندىن كەلىۋاتقان خۇيدۇر بەلكىم، بىكار قالسام، سىلە قاتارلىق ناخشاچىلارنىڭ ناخشالارىنى تۆۋەن ئاۋازدا دوراپ ئوقۇپ قويىمەن پات-پات. گۈزەل ناخشا ئاڭلاسام، ھاياجانلانىمەن؛ ئوقۇسام، روھلانىپ قالىمەن. بەئزەن ئەجەبمۇ گۈزەل ئاھاڭلار مىڭەمدە كەچىپ يۈرگەندەك قىلىدۇ. دەمەكچىكى، غەزەل-ناخشالار مەنىڭمۇ روھىي غىزايىم.

-مۇنداق دەسەلە،- دەدى ئابدۇرەھىم ھەيت شادىيانە كۈلۈپ تۇرۇپ،- سىلەنىڭ ناخشا تەكىستلەرى ۋە ئاھاڭلارغا پىكىر بەرەلەيدىغان قابىلىيەتلەرىنىڭ ئەسلىدە تەبىئىي ئاساسى باركەن، ئەمدى مەن بىلدىم. خوش، ئۇنداق بولسا، بۇ قاتىم مەنىڭ ئەلان قىلغان ئەمگەكلەرىمگە قارىتا قانداق تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى ئالىپ كەلدىلەكىن، بەكمۇ بىلگۈم بار.

-ھەر قاتىمدا كەمچىلىك كۆرسەتىپلا يۈرسەم توغرا بولماس،- دەدىم مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،- بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزلەرىنىڭ ئەسەرلەرى ھەقىقەتەن كۆپ ئەلان قىلىندى. بىزنىڭ قەشقەردىكى تۇغقانلارنىڭ ھەممەسىنىڭ ئۆيلەرىدە دەگۈدەك سىلەنىڭ ناخشا كاسەتلەرىنى كۆردۈم، ئاڭلادىم. گۈزەلدىن گۈزەل ئەمگەكلەر بولۇپتۇ، مۇبارەك بولسۇن ھەم ھەرگىز كۆز تەگمەسۇن!

بىراق، زىللىققا كەلگەندە، مەن سىلەگە مۇئاۋىن بولغۇدەك زىل ئادەم. ئەگەر كىچىكىنە بولسامۇ يەتەرسىزلىك دەيىشكە توغرا كەلسە، مۇنداق ئىككى پىكىر بار. بىرسى، بىر كاسەتلەرىنى كۆردۈم، ماۋزۇسىنى “دۇتتارىم” يازدۇرۇپتىلا. مەنىڭچە، ئاۋۇ بىر “ت” ھەرپىنى چىقارتۇرىۋەتسىلە. ئاغىزدا دەگەندەمۇ، يازغاندامۇ “دۇتار” بولسۇن. چۈنكى، بۇ سىلەنىڭ مۇقەددەس قوراللارىنىڭ “دۇت” (ئىس، تۈتۈن) بىلەن ھىچ ئالاقەسى يوق. ئۇ پەقەت “دۇ” (ئىككى) تارلىق چالغۇ ئەسۋابىدۇر. “دۇبال” (ئىككى قانات)، “دۇزەبان” (قوش تىل) دەگەن كەلىمەلەر نەۋائىي بوۋامىزنىڭ ئەسەرلەرىدىلا ئەرمەس، بەلكى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئاتامىزنىڭ ئەمگەكلەرىدەمۇ ئۇچراپلا تۇرىدۇ. “دۇشەنبە” (ھەفتەنىڭ ئىككىنجى كۈنى) نى “دۈشەنبە” قىلىپ ھالا ئىشلەتىۋاتىمىز.

يەنە بىرسى، “ئۇچراشقاندا” ماۋزۇلۇق ناخشالارىدىكى، “دەدىم: دەڭىز نە دۇر؟ دەدىم: رەئنا نە دۇر؟ دەدىم: شەكەر نە دۇر؟”لاردىكى “نە”نى “قەيەر” مەئنەسىنى ئاڭلاتىدىغان “نە” (“ئە” تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش) قىلىپ ئوقۇغانلارى توغرا ئەرمەس، ئۇنى پەقەت “نەمە؟” ئۇقۇمىنى ئاڭلاتىدىغان قىسقا سوزۇق تاۋۇشلۇق”نە” قىلىپ، “نەدۇر؟” (“نە” بىلەن “دۇر”نىڭ ئوتتۇراسى ئۇزۇن سوزۇلمايدۇ) قىلىپ ئوقۇسالارى ئاندىن توغرا بولىدۇ، مەنىڭچە.

-ئاپلاخەپكەر (ئاللاھۇ ئەكبەر)،- دەدى ئابدۇرەھىم ھەيت جىددى قىياپەتتە،- بۇ ناخشانى ئاشۇنداق ئوقۇغىلى ئۇزۇن بولدى، سۇنئى ھەمرالار بىلەن جاھانغا تارقاتىۋەتتۇق، بۇنى قانداق قىلۇرمىز ئەمدى؟

-ھىچ گەپ بولماس،- دەدىممەن دەرھال،- خەلقىمىزنىڭ تۈزەتىپ ئاڭلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ھىچكىم ئۇ سۆزلەرنى “دەڭىز قەيەر، رەئنا قەيەر، شەكەر قەيەر” دەپ چۈشەنمەس. دەمەكچىكى، ناخشادا سۆز-كەلىمەلەرىمىزنىڭ تون-ئۇرغۇلارى دۇرۇس ئوقۇلسا، تەخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ سىلەدەك تالانت سەنئەتكارلارنىڭ سۆز-كەلىمەلەرنى دۇرۇس ئىشلەتىشى خەلقىمىز ئۈچۈن ئوچۇق دەرستۇر.
بىز شۇ كۈنى كەچتە، رەستۇران خىزمەتچىلەرى “ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى” دەپ ئەسكەرتكىچە مۇڭداشىپ ئولتۇردۇقا-ئولتۇردۇق، ھىچ قانىشمادۇق.

ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيەسى

مەن ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيەسى ھەققىدە ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن پىكىرلەشىپ باققان ئەرمەس. ئامما باشقالارنىڭ، بولۇپمۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇھەقتە سوراغانلارىغا ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ قىسقاچە قىلىپ جاۋاب بەرگەنلەرىنى مەدىيا ۋاسىتەسى بىلەن ئاڭلاغان. شۇلار ئاساسىدا، شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭ قىرىق يىللىق ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيەتلەرى ۋە ئورۇنلاما ماھارەتلەرىنى يىراق-ياقىندىن ئىدىتلىق كۈزەتكەن تەئسىراتىم بويىچە، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيەسىنى ئاز دەگەندەمۇ مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈش مۇمكىن دەپ قارايمەن.

بىرىنجى. كومپوزىتورلۇق قىلىشتا، ئۇيغۇر خەلق ناخشالارى خەزىنەسىنى چوڭقۇر قازىش.

ھىكايەت. 1992-يىل، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى يازلىق تەئتىل ئالدىدىكى ئالدىراش پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل كۈنلەردە ئىدى. بىر چۈشتىن كەيىن، ئابدۇرەھىم ھەيت بىلەن ئۇنىڭ مەزكۇر مەكتەپنىڭ چەتئەل تىللەرى فاكۇلتەتىدە ئوقۇيدىغان شاگىرتى مۇختەر ئابدۇكەرىم جانباز ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى. بىردەم مۇڭداشتۇق.

-شۇنداق قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئالماشىپ كەتىدىغان بولدۇم” دەدى ئابدۇرەھىم ھەيت خاتىرجەم قىياپەتتە،
-بۇ پاراڭ خەلىدىن بەرى بار ئىدى. ئاخىر راستقا چىقىپتۇ-دە!،- دەدىم ۋە يۆتكەلىش سەۋەبىنى ئاداققىي چۈشەنىش ئىستەكىدە سورادىم،- ئىدارەنىڭ خىزمەت مۇھىتى جەھەتتىن دىللەرى سۇ ئىچمەگەن تەرەپ يوقتۇ؟

-يوقسۇ! ،- دەدى ئۇ كەسكىن قىلىپ،- مەن ئىدارەنىڭ بەكلا ئارزۇلۇق بالاسى ئىدىم، مەنىڭ تىلەك-ئىلتىماسىم ھىچقاچان رەت قىلىنغان ئەرمەس بۇ ئىدارەدا. بىراق، مەن ئۆزەم مۇنداق بەك جىم-جىتلىققا كۆنۈپ بولالمادىم. مەنىڭ چالغۇ چالىش بىلەنلا ئۆمۈر ئۆتكۈزگۈم يوق. ناخشا ئىجاد قىلماسام، كۈي-ئاھاڭ ئىشلەمەسەم بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاھاڭلارى قايناپ تۇرىدىغان بۇلاق، مەنبەدىن ئايرىلىپ، ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ ئولتۇرۇپ، قىلالماغۇدەكمەن ئۇ ئىجادىيەتنى. ماڭا ھەيتگاھ-ئوردالدىدەك (قەشقەر) ۋە دۆڭكۆۋرۈكتەك (ئۈرۈمچى) سەنئەتنىڭ تەبىئىي بۇلاقلارى بەكلا دورا بولدى. يەزا-سەھرالاردىكى ئۇزاق-ئۇزاقلاردىن ئاڭلانىپ تۇرىدىغان خەلق ناخشالارى، قوۋناق بازارلاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ناخشا مىسال گۈزەل ئاھاڭلىق خەرىدار چاقىرىشلارى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراغاندەك بولۇپ، مەنى ئولتۇرغۇزمادى دەسەلە. ئەمدى، ئۈرۈمچىدە كۆرۈشىدىغان بولدۇق سىلە بىلەن، ئىنشائاللاھ!

ئابدۇرەھىم ھەيت ھەقلىق ئىدى. بالىق دەڭىزدا راھەت ياشاغادەك، خەلق سەنئەتكارى پەقەت ئۆز خەلقىنىڭ قوينىدا پاراغەت ياشايدۇ. بىز ئاكا-ئۇكالارچە سەمىمىي تىلەكلەر بىلەن خەيرلەشتۇق.

كەيىنچە، مەن بىر خاس زىيارەت پروگرامماسىدا، بىر مۇخبىرنىڭ: “سىزنىڭ ئىشلەگەن ئاھاڭلارىڭىز ھەقىقەتەن ئالاھىدە. سىز بۇ ئاھاڭلارنى قانداق ئىجاد قىلىسىز؟” دەگەن سوئالىغا ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ مۇنداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلاغان:
-ئادەتتە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدا ئۈچ يۈز ئالتمىش ئاھاڭ بار دەيىلىدۇ. مەنىڭ چۈشەنچەمچە، ئۇيغۇر خەلق ناخشا ئاھاڭلارى دەڭىزلا ئەرمەس گوياكى ئوكيانغا ئوخشايدۇ. مەن ئاھاڭ ئىجادىيەتىنى ئاشۇ تۈگەمەس-پۈتمەس ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلارى ئوكيانىدىن قازىپ-سۈزۈپ ئالىمەن.

ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق مۇزىكانت مۇختەر ئابدۇكەرىم جانبازنىڭ سىتاتىسكا قىلىشىچە، ئۇستاز مۇزىكانت، كومپوزىتور، ناخشاچى ئابدۇرەھىم ھەيت ھازىرغىچە يۈزدىن ئاشقىن ناخشاغا ئاھاڭ ئىشلەگەن. “ئانا ئەللەيى”، “مىڭ يىل” قاتارلىق تەكىستسىز خاس دۇتار كۈيلەرىنى ئىجاد قىلغان. ئەمدى، ئۇ ئىشلەگەن ئاھاڭلارنىڭ قۇرۇلما بەدىئىلىكى جەھەتتەمۇ، ئاھاڭ مەئنە-ئۇقۇمى (شادلىق، غەم-قايغۇ، ئىزتىراپلىق، جەڭگىۋارلىق قاتارلىق ئۇقۇملارنى بىلدۈرۈش) جەھەتتەمۇ ئوخشاشلا ئالاھىدە يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشى ئۇنىڭ كومپوزىتورلۇقتا، خەلق ئاھاڭلارىنى قازىش ماھارەتى بويىچە يۈكسەك ئىستىدات ساھىبى بولغانلىقىنىڭ نەتىجەسىدۇر، دەپ قارايمەن.

ئىككىنجى. كلاسسىك شائىرلارنىڭ نادىر شىئىرلارىغا ئاھاڭ ئىشلەپ، ئۇلارنى ئۇنتۇلماس ناخشالارغا ئايلاندۇرۇش.

ئادەتتە. ئاز بولماغان ناخشاچىلار ئۆزى تەكىست يازىپ، ئۆزى ئاھاڭ ئىشلەپ ئوقۇيدۇ، يەنە نۇرغۇنلار بولسا، باشقالار يازغان شىئىر-ناخشا تەكىستلەرىدىن ئۆزلەرى خاھلاغاننى تاللاپ، ئاھاڭ ئىشلەتىپ ئوقۇپ كەلىۋاتىدۇ.

ئابدۇرەھىم ھەيت بولسا، قاراتمالىقى بولغان ھالدا تەكىست تاللاش، تەكىستنى ياخشى مۇتالىئە قىلىش، ئاندىن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا تازا ماس كەلىدىغان قىلىپ ئاھاڭ ئىشلەش ۋە ئۇنى ئۆزى باشلاپ تەرەننۇم قىلىش-ئوقۇشنى تەرتىپ قىلغان ئۆزگەچە يول تۇتقان تالانت كومپوزىتوردۇر. ھالبۇكى، مەرھۇم ئۇستاز شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر شىئىرلارىغا ئاھاڭ ئىشلەپ ئوقۇش مەركەز قىلىنغان ھالدا، قۇتلۇق شەۋقىي، ئەھمەد زىيائىي، فۇرقەتىي، نىمشەھىد ئارمىيە دامەۋلا، تەيىپجان ئەلىيىۋ، ئەمىن تۇرسۇن، مامۇت زايىت، ئابدۇرەھىم ئابدۇللاھ قاتارلىق ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىل شىئىرلارىغا ئاھاڭ ئىشلەپ ئوقۇپ، ئۇلارنى ئەبەدىيلىك ناخشالارغا ئايلاندۇرغانلىقى ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ خاس تۆھپەسى ۋە نادىر گۇمپاسىدۇر.

ئۈچىنجى. ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدەلىكىنى شەكىللەندۈرۈش.

سەنئەتنىڭ ھەر قانداق ساھەسىدە، بىر سەنئەتكارنىڭ ئۆزىگەلا مەنسۇب بولغان ئۇسلۇب خاسلىقى ياراتىشى ۋە ئۇنى ئۆز خەلقنىڭ قايىللىقىدىن، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئۆلچەكلەرىنىڭ تارازاسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ھەممە ئادەمگە ئوخشاشلا نەسىب بولىدىغان ئاسان ئىش ئەرمەس. كەسپىي سەنئەتكار بولماساممۇ مۇزىكا تىلىنى خەلى ئوبدان چۈشەنىدىغان بىر شەخس بولمىش مەنىڭ باھالاشىمچە، ئابدۇرەھىم ھەيت مۇزىكانتلىق، كومپوزىتورلۇق ۋە ناخشاچىلىقنى ئۆزىنىڭ بىر گەۋدەسىگە مۇجەسسەم قىلغان تالانت ساھىبىدۇر. ئۇنىڭ تەكىست تاللاشتىن تارتىپ مۇزىكا ئىشلەشكىچە، مۇزىكانى تەرەننۇم قىلىپ ئورۇنلاشتىن تارتىپ، ناخشا تەكىستىنى پەقەت ئۆزىگەلا خاس بولغان بىر خىل يۈكسەك، سۈزۈك، راۋان ۋە رەڭدار ئاھاڭ بىلەن ياڭراتىشىغىچە بولغان ھەممە پائالىيەت ئۇنىڭ ئۇسلۇب جەھەتتىكى يەكانەلىكىنى شەكىللەندۈرگەندۇر.
ئالايلۇق، ئۇ ئۆزى تاللاغان ناخشا تەكىستىنى پىششىق مۇتالىئە قىلىپ، ئوبدان چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، تەكىستكە ئەڭ باپ كەلىدىغان ئاھاڭ ئىجاد قىلىدۇ؛ ئۇ ئادەتتە، باشقا غەزەلخانلارغا ئوخشاش، ئاددى بىر تەييارلىق پاۋۇزى بەرىۋەتىپلا تەكىستنى ۋارقىراپ ئوقۇشقا ئالدىرامايدۇ. بەلكى، ئۇ مۇزىكا تىلى ئارقالىق، قانداق ئاھاڭ مۇھىتى ياراتقاندا، تەكىست مەزمۇنىنى ئاڭلاغۇچىغا يەتكۈزۈش ئەڭ ئۈنۈملۈك، دورۇس ۋە گۈزەل بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلايدۇ. ئۇ مۇزىكا تىلىنى ئەڭ مۇكەممەل بىلگەنلىكى ئۈچۈن، تەكىست مەزمۇنىنى ئاڭلاغۇچىغا ئەڭ تەئسىرلىك قىلىپ يەتكۈزۈش ئىستەكىدە، بەئزىدە ناخشا تەكىستىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، خەلى ئۇزۇن مۇزىكالىق بايان بەرىدۇ (مەسىلەن، “نازۇكۇم” غا ئوخشاش)؛ بەئزىدە، بىر ياكى بىر نەچچە كۇپلىت تەكىست ئوقۇپ بولغاندىن كەيىن، خۇددى ناخشانىڭ نەقراتىغا ئوخشاش بىر تەكرارلانمالىق مۇزىكا بايانى بەرىپ ماڭىدۇ (مەسىلەن، “سەيدىڭ قويابەر سەيياد” دەك)، يەنە بەئزەن چاغلاردا بولسا، پۈتۈن ناخشا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كەيىن، بىر ئۇزۇن مۇزىكالىق مەرغۇل بەرىدۇ (مەسىلەن، ناخشا “نالەش” كە ئوخشاش).

روشەنكى، ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيەسى مۇكەممەل، دۇرۇس ۋە ھىدايەتكارلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولغاچ، ئاھاڭ ئىشلەش، چالغۇ چالىش ۋە ناخشا ئوقۇش بولۇپ ئادەتتە ئۈچ ئادەم ئورۇنلايدىغان ئەمگەكلەرنى بىر ئۆزىدە گەۋدەلەندۈرەلەگەن ۋە دەۋر يالداماسى بولۇشقا ئەرزىگۈدەك ئەڭ نادىر نەتىجەلەرنى ياراتالاغاندۇر، دەپ يەكۇن بەرسەك، دۇرۇس بولىدۇ مەنىڭچە.

خەلقئارالىق سەھنەدىكى ئابدۇرەھىم ھەيت

2015-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى غازىي ئۇنىۋەرسىتىتى «تۈركىلوگىيە تەتقىقات ۋە تەھسىلات مەركەزى مۇدىرىيەتى» نىڭ مۇدىرى پروفەسسور، دوكتور ھۈليا كاساپوغلۇ چەنگەل ئەۋەتكەن 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى كونفرانسى» (Uluslararası Uygur Araştırmaları Konfreansı) غا قاتناشىش تەكلىپنامەسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەزكۇر كونفرانس (لىكسىيە، دوكلات يىغىنى) 18-دىكابىر بىر كۈنلا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 20-ئەسىر ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرەلەش باش مەزمۇن قىلىنغانىدى.

پروفەسسور، دوكتور ھۈليا كاساپوغلۇ چەنگەل بولسا، دۇنيا بويىچە بىرىنجى دەرىجەلىك ئۆتكۈرشۇناس، 1995-يىلى، يەنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىم تەخى ھايات چاغىدالا، تۈركىيەدە ئۇنىڭ ئەسەرلەرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، «ئەدەبىيات دوكتورى» ئۇنۋانىغا ئەرىشكەن سەردار تەتقىقاتچى ئىدى. ئاشۇ ئاتاقلىق ئالىمە ھۈليا خانىم ئۇيۇشتۇرغان بۇ كونفرانس چوڭ ئىككى مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان ئىدى. ئۇنىڭ بىرى، 18-دىكابىر كۈندۈزلۈك دوكلات يىغىنى، يەنە بىر مەزمۇنى بولسا، 18-دىكابىر كەچتە بولىدىغان «ئابدۇرەھىم ھەيت ناخشا كەچەلىكى» ئىدى.
تەشكىلنىڭ ئىجازەتى بىلەن، 16-دىكابىر ئەنقەرەگە باردىم. 18-دىكابىر كۈنى، جۇڭگو، قازاقىستان، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋە تۈركىيەنىڭ ئۆزىدىن بولۇپ يىگىرمە بەش نەپەر بىلىم ئادەمى ۋە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق سامىي ئىشتراكچى قاتناشقان بۇ خەلقئارالىق پائالىيەتكە قاتناشتىم.

مەخسۇس ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر شىئىرلارىغا ئاھاڭ ئىشلەپ، ئۇنى لەۋەن تەرەننۇم قىلىش بىلەن شۆھرەتلىك، ئۆتكۈرشۇناس غەزەلخان ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندى ئەنقەرەگە 17-دىكابىر چۈش مەزگىلىدە يەتىپ كەلدى. چۈشلۈك تاماقتىن كەيىن، كونفرانس ئۆتكۈزۈلىدىغان غازىي ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ دوكلات زالىغا بارىپ، رەپىتىس قىلدى. 18-دىكابىر كۈندۈزدىكى كونفرانس چۈشتىن كەيىن سائەت بەش يارىمدا غەلىبەلىك ئاياغلاشتى.

18-دىكابىر كۈنى، كەچ سائەت دەل ئالتە بولغاندا، ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندى خۇددى ئۈرۈمچى سەھنەلەرىگە چىققان چاغىدىكىدەك ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر خەلق ناخشاچىسى سىياقى ۋە مەغرۇر قەدەملەرى بىلەن چىقىپ، تۈركىيە غازىي ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ دوكلات زالى سەھنەسىنىڭ ئوتتۇراسدا پەيدا بولدى. ئىككىنجى قەۋەتتىكى بالكۇن سالونلارى بىلەن قوشۇلۇپ سەككىز يۈز كىشىلىك بولغان پۈتكۈل زالدا بوش ئورۇن يوق ئىدى. ئورۇندۇق ئەتراپى ۋە ئارا يوللارمۇ تىقىم-تىقىم ئادەم ئىدى. ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندى سەھنەدە پەيدا بولۇشى ھامان گۈلدۈرمامادەك ياڭراغان ئالقىش ساداسى قۇلاقنى يارغۇدەك بولدى.

«ئابدۇرەھىم ھەيت ناخشا كەچەلىكى»نىڭ رىياسەتچىسىمۇ ئوخشاشلا ھۈليا خانىم ئۆزى بولدى. ئۇ ھەر قاتىمدا، ئوقۇلغۇسى ناخشانىڭ تەكىستلەرىدىن ئۆرنەكلەرنى گاھ ئۇيغۇرچە ۋە گاھ تۈركچە راۋان ۋە شائىرلارغا خاس تەئسىرلىك ئىنتوناتسىيە بىلەن ئوقۇيتتى، نومۇرلارنى بولسا، سەنئەتچىلەرمۇ ھەيران قالغۇدەك گۈزەل لاتاپەت بىلەن ئەلان قىلاتتى.

ئورۇنلانىش ۋاقتى بىر يارىم سائەت پىلانلانغان كەچەلىكتە، ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندى جەمئىي ئون بىر دانە ئۇيغۇرچە ناخشا ئورۇنلادى. «كۆرمەگىن كاشغەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر»دىن باشلانىپ، «شادىيانە» نەغمەسىنى ئورۇنلاش بىلەن ئاخىرلاشقان جەڭگىۋار يارقىن ناخشالار پات-پاتلا، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالقىش سادالارى بىلەن زىننەتلەنىپ تۇردى. ئۇيغۇرچە ناخشا «ئۇچراشقاندا»، تۈركچە ناخشا «بەيازگۈل، قىرمىزى گۈل » قاتارلىق تۈركچە ناخشىلار ئورۇنلانغان چاغدا، پۈتكۈل زال جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياجان دولقۇنىدىن لەرزىگە چۈمۈلدى. تەقىپ قىلغۇچى تەشكىل تەرەپىدىن چەكلەمە قويۇلغانلىقى سەۋەبلىك، تەلەپلەر ھەر قانچە كۈچلۈك بولسامۇ، “ئىز” قاتارلىق ناخشالارنى ئوقۇمادى.

سائەت يەتتە يارىمدىن ئاشقاندا، كەچەلىكنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى. پۈتكۈل ئىشتىراكچىلار ئورۇنلارىدىن دەس تۇرۇپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالقىشلارى بىلەن ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىگە تەشەككۇرلارىنى بىلدۈرۈشتى. يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارى تەرەپىدىن دەستە-دەستە گۈل-چەچەكلەر شۈكرانەلىك بىلەن تەقدىم قىلىندى. ھىچكىم بۇ قۇتلۇق سورۇندىن ئايرىلىشنى خاھلاماغاندەك زال ئىچى يەنەلا ئادەم دەڭىزى ئىدى. بولۇپمۇ، ئىمزا قويدۇرۇۋالىش، بىللە سۈرەتكە چۈشۈۋالىش ۋە دۇتار تارىسىنى شۇ قەدەر يارقىن ۋە لەززەتلىك ئاھاڭدا ياڭراتقان ماھىر مۇزىكانت ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىر كۆرۈشۈۋالىشنى ئارزۇ قىلغان تۈرك ياشلارى ئۇنى قەۋەت-قەۋەت قورشاۋالغان ئىدى.
سائەت سەككىز بولاي دەپ قالدى، ئابدۇرەھىم ھەيت تەخىچە «قورشاۋ»دا ئىدى. بۇ ھالدا، يەنەلا ھۈليا خانىم ئوتتۇراغا چىقماسا بولمادى. ئۇ تەكرار سەھنەگە چىقىپ، مىكرافون بىلەن جاراڭلىق، ئەمما ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا، ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىنىڭ يەنە بىر سائەتتىن كەيىن، يەنى شۇ كۈنى كەچ سائەت توققۇزدا، ئايروپلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلىقىنى ۋە ئەرتە (يەنى 19-دىكابىر) كەچتە، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «دەۋر مىلودىيەسى» ماۋزۇلۇق كوللىكتىپ ناخشا كەچەلىك پائالىيەتىنىڭ ئۇنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيتقاندىن كەيىن، قورشاۋ ئاستا-ئاستا بوشادى ۋە ھەممەيلەن يەنە تەشەككۇر چاۋاكلارىنى ياڭراتقان پەتى ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىنى زال سىرتىدىكى ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ماشىناغىچە ئۇزاتىپ چىقىشتى.

ئانا يۇرتتا، مەن ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىنىڭ ناخشا ئوقۇش كۆرەك ۋە ئولتۇرۇش سورۇنلارىغا تالاي قاتىم قاتناشقانمەن. ئەمما، ئۇ ياراتقان بۈگۈنكىدىك ھاياجانلىق، جۇشقۇنلۇق ۋە تەئسىرلىك سورۇننى كۆرۈپ باقماپتۇكەنمەن. بۈگۈن بۇ ئون نەچچە ياشلىقتىن تارتىپ يەتمىش-سەكسەن ياشقىچە بولغان تۈرك بىلىم ئادەملارى ۋە ئۇزاق-ئۇزاق شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر قارىنداشلار بىلەن لىق تولغان پۈتكۈل بىر زالنىڭ تالانت سەنئەتكار ئابدۇرەھىم ھەيتقا ئىپادەلەگەن مۇھەببەت، ئالقىش ۋە ئاپەرىن سادالارىنى ئەزىز مىللەتىمىزگە بىلدۈرۈلگەن ئىھتىرام ۋە ھۆرمەت دەپ بىلدىمكى، مىسلىسىز دەرىجەدىكى چوڭقۇر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمۈلۈپ، باشقاچە غۇرۇرلانىپ قالدىم.

ئابدۇرەھىم ھەيت ئوقۇغان ناخشالارىدىن ئون ئۆرنەك

مەن بۇ يەردە، ئابدۇرەھىم ھەيت ئوقۇغان ناخشالاردىن پەقەت ئون دانە تاللاپ ئالىپ، يۇقىرىدا بايان قىلغان تەتقىقاتلىق قاراشىمنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمەن:

1. كارۋان ساداسى
سۆزى: دولقۇن توختى
مۇزىكا: ئابدۇرەھىم ھەيت

ھەي جاھان ئەھلى! ساياقباش دەمەگىن بىزنى،
باشلاردا مۇقەددەس گۈل تاجىمىز بار.
ھىرسىز قارا تاش كۆرمەگىن بىزنى،
دىللاردا مۇقەددەس ئارمانىمىز بار.

قوينۇڭدا ھەر قاچان مەغرۇر ياشايمىز،
ياشايمىز، ياشاشقا ئىرادەمىز بار.
سەپەرچى كارۋان بىز ھىچ بوشاشمايمىز
بىلىمىز يوللاردا داۋانىمىز بار.

ئاشقان بىز تارىختا تالاي داۋاندىن،
يا ئاچچىق، يا تاتلىق ساۋاقىمىز بار؛
جانانغا يەتمەيمىز كەچمەسەك جاندىن،
بەلكى بۇ يوللاردا قۇربانىمىز بار.

مۇھەببەت بابىدا يىگىت بىز تەخى،
چىللايدۇ سۆيۈملۈك نىگارىمىز بار؛
كۆرىسەن جاھان ئەھلى چوقۇم كۆرىسەن،
توي كۈنى كارامەت ناۋايىمىز بار.

تەقرىز: مەزكۇر “كارۋان ساداسى” تەكىست مەزمۇنى، ئۇنىڭغا ئىشلەنگەن ئاھاڭ ۋە ئورۇنلاش ماھارەتى جەھەتتە يۈكسەك يەتىكلىك مۇجەسسەم بولغان ئەڭ نادىر ناخشادۇر. بۇ ناخشانىڭ مۇۋەپپەقىيەتى ھەققىدە مۇنداق بىر ھىكايەت بار. بۇ ناخشا ياڭىلا پۈتۈپ، ئابدۇرەھىم ھەيت ئۆز ئىشخاناسىدا رەپىتىس قىلىپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جاڭ فامىلەلىك بىر پەشقەدەم كومپوزىتورى مەزكۇر سەنئەت ئۆمەكىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان چاغ ئىكەن. كومپوزىتور مۇتەخەسسىس شۇ قەدەر ياڭراق ناخشا ئاۋازى چىقىۋاتقان ئىشخانا ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئالاھىدە توختاپ، ناخشاغا قۇلاق سالىپتۇ ۋە مۇزىكانىڭ بايانىنى بەرىلىپ ئاڭلاپتۇ. ئاخىردا : “مەن بۇ مۇزىكا ئاھاڭىنىڭ بايانىدىن داۋانلار ئاشىپ كەلىۋاتقان تۆگە كارۋانىنىڭ رەتىملىق كولدۇرما ساداسىنى ئاڭلاغاندەك بولدۇم” دەپتۇ. مۇتەخەسسىكە ھەمراھ بولۇپ تۇرغان بىرنەچچە مۇزىكانت ۋە ناخشاچى ئارتىستلار تەڭلا “پاراققىدە” كۈلۈشۈپ كەتىپتۇ ۋە بىرەيلەن مۇتەخەسسىسنى داڭقلاپ تۇرۇپ ئەيتىپتۇ: “جانابلارى توغرا ئەيتتىلا. شۇنداق، بۇ ناخشانىڭ ئىسمى دەل <كارۋان ساداسى> (驼队之声) ” دەپ جاۋاب بەرىپتۇ.

2. نالەش
سۆزى: ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

كۆرمەيىن باستىم تىكەننى تارتادۇرمەن دەردىنى،
كۆرسەم ئەردىم باسماس ئەردىم تارتماس ئەردىم دەردىنى.

تارتا-تارتا دەرد ئەلەمنى زەئفەران بولدى يۈزۈم،
ئاھ، بىر خۇدا!
قاينامى تاشقان بۇلاقتەك توختاماس ياشلىق كۆزۈم.

كۆز ياشىم دەرياسىدا غەرق بولسا جانىم ياخشىراق،
چۈنكى كۈندە مىڭ قاتىملاپ ئۆلتۈرەدۇر ئەل پىراق.

بولماغاي ھىچكىم مەنىڭدەك بەختى قاچقان ناتەۋان،
ئاھ، بىر خۇدا!،
ناتەۋان بولسا بولۇر، بولماس مەنىڭدەك باغرى قان

باغرى قان بولغان كىشىنىڭ دەردىنى دەردمەن بىلۈر،
دەردى يوقنى دەر كىشىلەر: بەلكى دەرد مەندىن كەلۈر.

كۈلمەگەي ھىچكىم بىراۋدىن ئۆتنە ئالەم بۇ زامان،
ئاھ، بىر خۇدا!
ياخشىنى يامان دەگەن ھامان ئۆزى قالماس ئامان.

كىم يامانلىق ئەيلەسە تاپماس يامانلىقتىن ئامان،
شۇ ياماننىڭ ئاپەتى يانغاي شۇنىڭغا شۇ زامان؛

كۆرمەيىن باسما تىكەننى تارتما ھەرگىز دەردىنى،
ئاھ، بىر خۇدا!
كىيمەگىن ئاخىر مەنىڭدەك دەردى كۇلاھۇ جەندەنى.

تەقرىز: ئۇستاز شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ پەندى-نەسىھەت ۋە سەمىمىي ئۈگۈت مەزمۇنىدىكى بۇ غەزەلىگە ئاھاڭ ئىشلەش ۋە ئورۇنلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدەلىك ناخشانىڭ ئاخىرىغا ئۇزۇن بىر مۇزىكالىق بايان مەرغۇلى بەرىپ، تەكىست ئۇقتۇرغان مەئنە-ئۇقۇمنى ماس مۇزىكا بايانى ئارقالىق ئاڭلاغۇچىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. مەزكۇر مۇزىكالىق بايان ئىنسانغا پۈتكۈل ياشام دەۋرىدىكى ئىسسىق-سوغۇقلارنى ۋە ئۇلارنى يەڭىش يولىدا باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتەلەرنى ئەسلەتىش، ئويلاندۇرۇش تۇيغۇسىنى باغىشلاغان.
تالانت كومپوزىتور ئابدۇرەھىم ھەيت مەزكۇر ناخشادا بەرىلگەن مەرغۇل ئاساسىدا، تەكىستسىز خاس دۇتار سىمفونىيەسى “مىڭ يىل”نى ئىجاد قىلغان. مەزكۇر ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدىكى تۇنجى خاس دۇتار كۈي سىمفونىيەسى “مىڭ يىل” ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن “ئابدۇكەرىم نەسرىددىن مەشرەپى”دە، ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكەرىم نەسرىددىن رەسىم ئەسەرلەرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلانىشقا جۆرە قىلىنغان بايان مۇزىكاسى قىلىپ ئورۇنلانغان. مۇزىكا ئورۇنلانىپ، ئابدۇرەھىم ھەيت سەھنەدىن چۈشكەندە، مۇزىكا بايانىنىڭ سىھرى كۈچىدىن تولامۇ تەئسىرلەنگەن رەسسام ئابدۇكەرىم نەسرىددىن ئەپەندى: ” مۇزىكاڭىزنى ئاڭلاپ، پۈتكۈل رەسساملىق ھاياتىمنى قايتادىن ياشاپ چىققاندەك بولدۇم. قولىڭىز دەرت كۆرمەسۇن! رەھمەت سىزگە!” دەگەنلىكى ھىكايە قىلىنىدۇ.

3. سۇلتان قىزلار
سۆزى: مامۇت زايىت
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

قۇياش دەسەم، قۇياشتىن ئۇز ئىنسان قىزلار،
ۋۇجۇدىنى ئاتەش دەسەم، ۋولقان قىزلار؛
جامالى ئاي شەھلا كۆزى چولپان قىزلار،
سۆيگۈ-ۋاپا دۇنياسىدا سۇلتان قىزلار.

ئىشق ئوتىدا ئاشىقلارنى زەپ كۆيدۈرگەن،
قويۇپ گاھى گاھ ھىجراندا گاھ سۆيدۈرگەن؛
شەرمى-ھايا بىلەن ئەلنى سۆيۈندۈرگەن،
سۆيگۈ-ۋاپا دۇنياسىدا سۇلتان قىزلار.

سىلەر مىھىر دىل تارىنىڭ دۇر دانەسى،
ئىجاد-ئەمگەك، شان-تۆھپەنىڭ پەرۋانەسى؛
سىلەر مىللەت، ۋەتەننىڭ-يۇرتنىڭ ئاناسى.
سۆيگۈ-ۋاپا دۇنياسىدا سۇلتان قىزلار.

سىلەر بولغاچ ئۈزۈلمەدى ئەجداد-ئەۋلاد،
سىلەر بولغاچ بولمادى يۇرت-ۋەتەن بەربات؛
سىلەر ئۈچۈن جەڭگە كىردى تالاي پەرھات،
سۆيگۈ-ۋاپا دۇنياسىدا سۇلتان قىزلار.

مەپتۇن بولۇر كۈلكەڭلەرگە جىمى ئادەم،
يىغلاساڭلار يىغلار ئاسمان، يىغلار ئالەم؛
ناز-خۇلقۇڭلار كەلتۈرىدۇ شاتلىق-ئەلەم،
سۆيگۈ-ۋاپا دۇنياسىدا سۇلتان قىزلار.
قايتۇرۇق:
سۆيگۈ-ۋاپا دۇنياسىدا سۇلتان قىزلار.
سۆيگۈ-ۋاپا دۇنياسىدا سۇلتان قىزلار.

تەقرىز: “سۇلتان قىزلار” ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى شىئىرىي رومان “گۈلمىروي”نى يازغان تالانتلىق شائىر مامۇت زايىتنىڭ نامايەندە خاراكتىرلىك ئەسەرلەرىدىن بىرى. كومپوزىتور ئابدۇرەھىم ھەيت بۇ غەزەلگە خۇددى جەڭ مارشلارىغا ئوخشاش جىددىي ۋە جەڭگىۋار رەتىملىق ئاھاڭ ئىشلەپ، مۇزىكا تىلى ۋە ناخشا بايانى ئارقالىق، بۇ دۇنيادا شەرم-ھايالىق بىر قىز، مىھىربان ئانا بولۇپ ياشاشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ھايات ۋە نەقەدەر مۇقەددەس ئىش ئىكەنلىكىنى تولۇپ تاشقان كامالەتلىك بىلەن ئىپادەلەگەن. بۇ ناخشانى خوتۇن-قىزلار ۋە ئانالار ماۋزۇ قىلىنغان غەزەللەرنىڭ گۈلتاجى دەيىشكە بولىدۇ.

4. بىلىم ئىشقىدا
سۆزى: نىمشەھىد ئەرمىيە دامەۋلا
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

جاھان رەئنالارى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق.

كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
باشىڭغا كەلسە بىر كۈنلەر ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.

پاراغەتلىك دەسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
سەنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا، بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن ھەمراھ،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، شۇ ئان تاشلايدۇر ھىچ ئار يوق.

گۇمان قىلما پەلەكتىن ھەر قاچان بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
بۈگۈن باي ئەرتە سەندەك ھىچ گاداي يوق بەلكى قەرزدار يوق.
قايتۇرۇق:
جاھان رەئنالارى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق،
نەقرات:
بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق!

تەقرىز: نىمشەھىد ئەرمىيە دامەۋلا يىگىرمەنجى ئەسىر ئۇيغۇر دۇنياسىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇستاز شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئىلىملىك بولۇشنىڭ ئىنسانلىق پەرزى ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن بۇ نادىر شىئىر ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ ئاھاڭ ئىشلەپ ئوقۇشى ئارقالىق، ئۇيغۇر ئەۋلادلارنىڭ ھايات ناخشاسىغا ئايلاندۇرۇلغان، دەيىشكە بولىدۇ. بۇ ناخشانى ئاڭلاغاندا، ئىنسان سالاھىيەتلىك ھەم سالاپەتلىك بىر بۈيۈك ئەجدادننىڭ سەمىمىي ۋە جىددىي نەسىھەتىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا چۈمۈلىدۇ. تولامۇ ئوچۇق تەلەپپۇز بىلەن يارقىن ئاھاڭغا تويۇندۈرۈپ ئەيتىلغان ھەر كەلىمە، ھەر سۆز زەڭ قويغان كۆڭۈللەردە كۈچلۈك بىر لەرزە پەيدا قىلىدۇ.

5. ۋىجدان سوراقى
سۆزى:ئابدۇرەھىم ساۋۇت
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

كۆز ئاچسام دۇنياغا مەن ئادەم بولۇپ،
“ياشايسەن نىچۈن؟” دەپ سورادى ۋىجدان.
چوڭ بولدۇم ياشادىم خەلى ياشقىچە،
ھاياتنىڭ يولىدا داۋان ئاشقىچە،
تاپمادىم جاۋابنى بولغاچ بەك نادان.

قەلبىمدە ئۆكۈنۈش مىڭ بىر پۇشايمان،
ۋىجدانىم سوراقتىن توختامايدۇر ھىچ.
نەمە دەي ئىجادتىن بولماسا تۆھپەم،
قىزاردى يۈزلەرىم، يوقالدى كۈلكەم،
يۈرۈكۈم جاۋابسىز تۇراتتى تىپ-تىنچ.

دەدىكى ۋىجدانىم: “كۆز ئاچىپ قارا!
كارۋانغا ئەرگەشىپ سالغىن جەڭگە ئات!”
غەپلەتتىن ئويغانىپ قەددىمنى رۇستلاپ،
ئىنتىلدىم كۈرەشكە مەنزىلنى بويلاپ،
سەزدىم مەن ئۆزەمنى شۇ چاغدا پەرھات.

“ياشايسەن نىچۈن؟” دەپ سوراسا ۋىجدان،
“ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن!” دەپ جاۋاب بەرىمەن؛
بۇ ياشاش يولۇمدۇر يانمايمەن ھامان،
ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن بارلىقىم قۇربان!
تەقرىز: پات-پات ئەۋجىگە چىقىپ تۇرىدىغان يۇقىرى چاستوتالىق نىدا بىلەن ياشلارغا چاقىرىق ۋە ئۈندەش ئۇقۇمى مۇجەسسەم بولغان ئاھاڭدا ئوقۇلۇپ تارقالغان بۇ روشەن ۋە كەسكىن خىتابلىق ناخشا ياش ئەۋلادلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە بەرىلىپ ئاڭلايدىغان نادىر ناخشالارىدىن بىرى بولۇپ قالغانلىقى ئورتادادۇر.

6. نازۇكۇم
سۆزى: ئەمىر ھەسەن قارىھاجى قۇتلۇق
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

ئايرىلىپ يۇرتتىن ھەي، مۇساپىرلىقتا ئۆلگەن نازۇكۇم،
باغلانىپ زەنجىردە ھەي، ھەيرانلىقتا ئۆلگەن نازۇكۇم.

سەن تەخى ياش غۇنچە ئەرمەسمۇ، بۇ ئەجەل كەلدى ئەجەب،
يىغلاشايلى سەن ئۈچۈن غەيرەتتە ئۆلگەن نازۇكۇم.

زۇلمەت بىلەن ھەي، بىر قانچە ئايلىق يوللار كەزىپ،
ناتەۋانلىق دەرد بىلەن ھەي، ھەسرەتتە ئۆلگەن نازۇكۇم.

بۇ سەنىڭ ئاققان قانىڭ دەردلىك يۈرەكتە بولدى سەل،
قاپ-قارا زۇلمەتتە ھەي، شەھىد ئۆلگەن نازۇكۇم.

ۋاھ سەنىڭ قامەتلەرىڭ نازۇك بەدەن قاش- كۆزلەرىڭ،
ياد ئەتىپ يىغلاي ئەسىرلەر غۇربەتتە ئۆلگەن نازۇكۇم.

بارمۇ بىزلەردەك جاھاندا خانۇ ۋەيران يوق كىشى،
بىيگۇناھ سۈرگۈن بولۇپ كۈلپەتتە ئۆلگەن نازۇكۇم.

تەقرىز: ئىمىر ھەسەن قازىھاجى ئىبنى قۇتلۇق شەۋقىي ئاتاقلىق تارىخشۇناس ۋە شائىر. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى “نازۇكۇم” ۋاقىئەسى بايان قىلىنغان بۇ ئاغىر تىنقلىق شىئىرى ئابدۇرەھىم ھەيتنىڭ ئاھاڭ ئىشلەپ ئوقۇشى ئارقالىق ئەلگە كەڭ تارقالىپ، ئۇنتۇلماسلىقى لازىم بولغان مۇھىم بىر تارىخنى ئەۋلادلارغا ھەقىقىي مەرسىيە تۇيغۇسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەنلىكى تولامۇ قىممەتلىكتۇر. بۇ شىئىرنى ئەڭ مۇكەممەل چۈشەنگەن كومپوزىتور ئابدۇرەھىم ھەيت تەرەپىدىن ناخشا تەكىستىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بەرىلگەن ئۇزۇن مۇزىكالىق بايان ۋە ئۇ ئىپادەلەگەن قايغۇ-ھەسرەت تۇيغۇسى ئاڭلاغۇچىنى شۇ ھامان مەزكۇر ئۆتمۈش ۋاقىئەنىڭ ئىچىگە ئالىپ كىرگەندەك بولىدۇ.
مەزكۇر شىئىر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىشلەتىلگەن”غەيرەت” كەلىمەسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەتىلىۋاتقان “غەيرەت-شىجائەت” مەئنەسىدىن باشقا، “قىزغىنىش، كۆرەلمەسلىك، ھەسەت” ئۇقۇمىنى ئاڭلاتىدۇ.

7. ئاناجان
سۆزى: ئابدۇرەھىم ئابدۇللاھ
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

كۈلكە كەتتى لەۋلەرىڭدىن ئاناجان،
كۈن تۇتۇلدى غەملەرىڭدىن ئاناجان؛
باياۋانلار دەريا بولدى، كۆل بولدى،
كۆزۈڭدىكى نەملەرىڭدىن ئاناجان.

قارا ساچىڭ تاڭ نۇرىدەك ئاقارسا،
زىيا بولسۇن كۆز قاراقىم ئاناجان؛
ھاردۇق يەتسە، ئىشەن ماڭا ئىشەنگىن،
ھاساڭ بولسۇن قول-ئاياغىم، ئاناجان.

ئەۋلاد ئۈچۈن پىدا قىلدىڭ ئۆمرۈڭنى،
پىدا قىلدىڭ ياشلىقىڭنى، كۆڭلۈڭنى،
تەڭداشى يوق پاسبانىم ئانامسەن،
ئەگمەدىڭ بۇ جاپالارگە بوينۇڭنى.

سەن مەن ئۈچۈن ئالەمدە بىر پەرىشتەم،
ھەققىڭ قالۇر يۈدۈپ بارسام ھەرەمگە؛
رازىي ئىدىم ئىشەن ماڭا، ئىشەنگىن،
مەن سەن ئۈچۈن نەچچە قاتىم ئۆلۈمكە.
نەقرات:
مىھرىبانىم، قول-قاناتىم، ئاناجان،
ئىككى ئالەم ئابرويۇم، ئاناجان.

تەقرىز: ئابدۇرەھىم ئابدۇللاھ ئوبرازلىق تەپەككۇرغا باي، ستىلىستىك تىل ئامىللارىدىن پايدالانىشقا ماھىر، ئۆتكۈر پىكىرلىك شائىردۇر. كومپوزىتور ئابدۇرەھىم ھەيت ئاھاڭ ئىشلەپ ئوقۇغان بۇ “ئاناجان”دا، ئىنسانىي ياشامدا، ئانا بىلەن بالا-پەرزەنتنىڭ ئۆز ئارا پىداكارلىقى تولامۇ تويۇندۇرۇپ بايان قىلىنغان. ناخشا تەكىستى ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن بەرىلگەن ئۇزۇن مۇزىكالىق بايان ئابدۇرەھىم ھەيت ئاھاڭ ئىجادىيەتىدىكى ئۆزگەچە خاسلىق بولۇپ، ئاڭلاغۇچىنى دەرھاللا ئۆزىگە رام قىلىپ، ناخشا تەكىستىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇش تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.

8. ئۇيغۇرۇم
سۆزى: ئەمىن تۇرسۇن
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

كەڭسۇدا تۈزدۈڭ تۆرە،
يول باشلادى كۆك بۆرە؛

توغرۇلدەك قىلىپ پەرۋاز،
ئاتلانغاچ كۇرمىڭ سەرباز؛

ئاتالدىڭ توققۇز تۇغلۇق،
قانچە خان قىلدى قۇللۇق.

قوللادىڭ تابغاچ خاننى،
باستۇرۇپ قوش تۇغياننى؛

تۈركىيلەر ئاغۇنى سەن،
ئەرتۇڭا بوغۇنى سەن؛
نەقرات:
ئەي ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم،
ئۇيغارلىقتا ئۇيغۇر بول؛
پارلاق بولسۇن ئىقبالىڭ،
ئىلغارلىقتا ئۇزغار بول!

كەڭسۇدا تۈزدۈڭ تۆرە،
يول باشلادى كۆك بۆرە؛

توغرۇلدەك قىلىپ پەرۋاز،
ئاتلانغاچ كۇرمىڭ سەرباز؛

ئامان قىلدىڭ تۇرپاننى،
ئوردۇ كەنتنى كارماننى؛

ئىجاد قىلىپ كارىزنى،
ئەھيا قىلدىڭ كەپەزنى.

يىپەك يايدىڭ قۇرداندا،
رەۋنەق تاپتىڭ ئىرپاندا؛

سەنئەتتە قازاندىڭ نام،
جاھانغا قىلىپ ئىنئام.

قايتۇرۇق:
تۈركىيلەر ئاغۇنى سەن،
ئەرتۇڭا بوغۇنى سەن؛
ئەي ئۇيغۇرۇم،ئۇيغۇرۇم
ئۇيغارلىقتا ئۇيغۇر بول.
پارلاق بولسۇن ئىقبالىڭ،
ئىلغارلىقتا ئۇزغار بول.

تەقرىز: مەرھۇم ئەمىن تۇرسۇن ئەپەندى “تارىمدىن تامچە” قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرى بىلەن ئىلىم دۇنياسىغا تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس، شائىردۇر. مەزكۇر “ئەي ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغارلىقتا ئۇيغۇر بول؛ پارلاق بولسۇن ئىقبالىڭ، ئىلغارلىقتا ئۇزغار بول!” بولۇپ پۈتۈن بىر كۇپلىتنى نەقرات قىلغان بۇ شىئىر شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ساھىب نادىر ئەسەرى سانالىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ شانلىق تارىخىنى چۈشەندۈرگەن بىر كىچىك داستان دەيىشكە بولىدىغان بۇ ئەسەرنىڭ ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندى تەرەپىدىن مىللەت گەمىنى ئوخشاش ئەتىۋارلىق ئاھاڭغا سالىنىپ، مۇھەببەت بىلەن ئوقۇلۇشى بىر بۈيۈك تۆھپەدۇر. ئەۋلادلارنىڭ ھەمىشە ۋە مەڭگۈ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئەرزىيدۇ.

9. بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر
سۆزى: قۇتلۇق شەۋقىي
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

كۆرمەگىن كاشغەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەررەتى سۇلتان سۇتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر؛

خەلق ئۈچۈن قۇربان بەرىپ دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالپ ئارسلان خانلار ياتۇر؛

نۇر چاچىپ قۇتادغۇ بىلىك ئەۋلادنى قىلدى بەختيار،
خاس يۈسۈف ھاجىبقا ئوخشاش ئەھلى ئىرفانلار ياتۇر؛

يادكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى دىۋانۇل لۇغات،
مەھمۇدۇل كاشغەر كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.

ئەيلەگەن شەۋقىينى مەفتۇن خەلق ئۈچۈن نۇرلار چاچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلەگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.
نەقرات:
بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.

تەقرىز: بۇ غەزەل يىگىرمەنجى ئەسىرنىڭ ئوتتۇزىنجى يىللارىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيەتى بايراقدارلارىدىن بىرى بولغان مەشھۇر شائىر، نەشىرىياتچى قۇتلۇق شەۋقىينىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەرىدۇر. ھالبۇكى، ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىنىڭ كومپوزىتورلۇق قىلىشى ۋە مەردانە ئاۋاز بىلەن باشلاپ ئوقۇشى ئەمەلىيەتتە، قەھرىمان ئەجدادلارغا مەرسىيە ۋە ئۆلۈمسىز ئەمگەكلەرگە مەدھىيە بولغان بۇ نادىر ئەسەرنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس تەبەررۈك ناخشاغا ئايلاندۇرغان بولدى. خەيرلىك بولسۇن!

10. سەيدىڭ قويابەر سەيياد
شىئىرى: فۇرقەت
مۇزىكاسى: ئابدۇرەھىم ھەيت

سەيدىڭ قويابەر سەيياد سەييارە ئىكەن مەندەك،
ئال دامىڭنى بوينىدىن بىيچارە ئىكەن مەندەك؛
(ئىككىلا مىسرا تەكرار ئوقۇلىدۇ)
ئۆز يارىنى تاپماستىن ئەۋارە ئىكەن مەندەك،
ئىقبالى نىگۇن بەختى ھەم قارە ئىكەن مەندەك؛
(ئىككىلا مىسرا تەكرار ئوقۇلىدۇ)
ھىجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك؛
(ئىككىنجى مىسرا مۇنداق تەكرارلانىدۇ:
كۆيگەن جىگەرى باغرى مىڭ پارە ئىكەن مەندەك)

ئاندىن، ئۇزۇن مۇزىكا بايانىدىن كەيىن، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تۆۋەندىكى تۆرت مىسرا ئوقۇلىدۇ:
بەش گۈن سەنىڭ دەۋرىڭدە بىيچارە خىرام ئۆتسۇن،
ئاھۇلار بىلەن ئويناپ، ئەيشىنى مۇدام ئەتسۇن؛
يامغۇر سۇيى تولگەندە تاغ لالەنى جام ئەتسۇن،
ھەققىڭگە دۇئا ئەيلەپ، ئۆمۈرىنى تەمام ئەتسۇن!
نەقرات:
ھىجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى باغرى مىڭ پارە ئىكەن مەندەك؛
تەكرارانىدۇ:
ھىجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك؛

بۇ يەردە ئاھاڭ ئەڭ باشتىكى نورمال يۇمشاق رەتىمگە يۆتكەلىدۇ:

سەرگەشتە بۇ ۋادىيدە بىر باشىگە رەھم ئەتكىن،
يوق تاقەتى بەندىڭگە بەرداشىگە رەھم ئەتكىن؛
يىغلاپ ساڭا تەلمۈرۈر كۆز ياشىگە رەھم ئەتكىن،
رەھم ئەتمەسەڭ ئۆزىگە قارداشىگە رەھم ئەتكىن؛

ئاخىرقى مىسرا بىر كەلىمە ئۆزگەرىشلىك تەكرارلانىدۇ:
رەھم ئەتمەسەڭ ئۆزىگە يولداشىگە رەھم ئەتكىن؛
نەقرات:
ھىجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
تەكرار:
كۆيگەن جىگەرى باغرى مىڭ پارە ئىكەن مەندەك.

ئاھاڭ ئۆزگەرىش ۋە ئۇزۇن مۇزىكا بايانى:
ئاندىن ئەڭ يۈكسەك ئاۋازدا:
تاغدا ئاچىلىپ لالە يەر سەبزە بەھار ئولسا،
ئاخىر بۇ نەچۈك بىيداد ئالەم ئاڭا تار ئولسا؛
چىقماي دەسە جايىدىن ئۆز لەھدتە فىگار ئولسا،
گەر چىقسا پاناھگاھدىن دامىڭگە دۇچار ئولسا.
نەقرات:
ھىجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى باغرى مىڭ پارە ئىكەن مەندەك؛
ئىككىنجى مىسرا بىر كەلىمە ئۆزگەرىشلىك تەكرارلانىدۇ:
كۆيگەن جىگەرى باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك؛

ئاھاڭ ئۆزگىرىش ۋە ئۇزۇن مۇزىكا بايانى:
ئاندىن ئەڭ يۈكسەك ئاۋازدا:
بىيچارەگە زۇلم ئەيلەپ قول- بوينىنى باغلاپسەن،
ھەر سارى چەكىپ سۆدرەپ ئۆلتۈرگەلى چاغلاپسەن؛
كۆكسىنى جەفا بىرلە لالە كەبى داغلاپسەن،
ساتمىنگە ئەگەر قەسدىڭ ئالغۇنچە سوراقلاپسەن.
نەقرات:
ھىجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك؛
ئىككىنجى مىسرا بىر كەلىمە ئۆزگەرىشلىك تەكرالانىدۇ:
كۆيگەن جىگەرى باغرى مىڭ پارە ئىكەن مەندەك؛

تەقرىز: بۇ كاشغارىيەنىڭ ياركەند شەھەرىدە ياشاپ ئۆكەن داڭقلىق ئوزبەگ شائىرى فۇرقەت (بەئزەن مەنبەلەردە، “فۇرقەتىي، فىرقەتىي” مۇ دەيىلىدۇ) يازغان كىچىك داستان دەيىشكە بولىدىغان نادىر شىئىردۇر. ھىكايەت قىلىنىشىچە، ئۇستاز شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر بۇ ئەسەرنى تولامۇ ياخشى كۆرەتتىكەن ۋە ئۆمۈرىدە ئەڭ كۆپ دەكىلىماتسىيە قىلغان نەزمە ئىكەن. تالانت كومپوزىتور ۋە غەزەلخان ئابدۇرەھىم ھەيت بۇ ناخشانى ئاز كەم توققۇز مىنۇتتا ئوقۇپ بولىدۇكى، مۇزىكالىق باياندىكى ئاھاڭ ئۆزگەرىشچانلىقى ۋە پۈتكۈل ناخشانىڭ ئورۇنلانىش گۈززەللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە، يىگىرمەنجى ئەسىر ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ تالانت غەزەلخانى ئابدۇرەھىم ئەھمەدىي ئوقۇغان ناخشا “يارۇ”نىڭ ئورۇنلانىش گۈزەللىكى ۋە بەدىئىيلىكى بىلەن بولۇشلۇق سالىشتۇرۇش مۇمكىن. مەنىڭچە، ھەر ئىككىسى ئۆز دەۋرىنىڭ غەزەللەرتاجى بولۇشقا ئەرزىيدىغان مۇتلەق گۈزەل ئەسەرلەردۇر!

تەلقىنلىق خاتىمە

مەنىڭ چەشەنچەمدە، غەزەلخانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەتكارلىق ساھەسى ئەمەلىيەتتە، مەدەنىيەت دەنياسىدىكى پەۋقۇلئاددە ئىستىداد ۋە ئىقتىدار ساھىبلارى ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان بىر ئالاھىدە مەيدان. ئۆز ماھارەتى ۋە جاسارەتى بويىچە گۇمپا كۆرسەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، بۇ مەيدان مۇقەددەسلىكتە ۋە مۇشەققەتلىكتە گويا بىر جەڭگاھتۇر. شۇڭا، مەن ئاز كەم قىرىق يىل ئۇزاق-ياقىندىن ئارالاشقان، مۇڭداشقان ۋە ئۆز بىلگىم ئاساسىدا تەتقىق قىلغان بىر شەخس بولۇش سۈپەتىم بىلەن، غەيۇر غەزەلخان، تالانت كومپوزىتور ئابدۇرەھىم ھەيتنى مەزكۇر سەنئەتكارلار جەڭگاھىدىكى بىر مارشال دەپ ئاتادىم.

كەلەر يىل (يەئنى 2022-يىل) ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندى ساق ئالتمىش ياشقا كىرىدۇ. بۇ تەتقىقات ئەسەرىم ئارقالىق، مارشالنىڭ ئالتمىش ياشىنى خالىس قۇتلۇقلايمەن ۋە ئۇنىڭ مۇندىن كەيىنكى ھاياتىغا ئاسايىشلىق ۋە ئارايىشلىق تىلەيمەن!

ئەلبەتتە، غايەلىك ئەۋلادلارغا ئابدۇرەھىم ھەيت ئەپەندىنىڭ ياشام ئىش-ئىزلەرىدىن، جاسارەتىدىن ۋە پەزىلەتىدىن ئۆگرەنىشلەرىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.

2021-يىل 30- ئاپرىل، سان ديەگو.

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top