You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » سىتالىننىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىنىڭ سىرى

سىتالىننىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىنىڭ سىرى

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى ئەھمەد سۇلۇق

ئىلاۋە: ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىكى چوڭ-كىچىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىماسلىقى كېرەك. تۆۋەندىكى كىشىنىڭمۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەمما شۇ خائىننىڭ كاساپىتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، خىتايدا ئۆزىگە ئوخشاش بىر باندىت، مۇستەبىت ۋە قانخور ھاكىمىيەتنى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنى يوق قىلغاننى ئاز دەپ، بۈگۈنكى مىسلىسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا سەۋەپچى بولدى.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بىزگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 70 يىللىق پاجىئەسىگە يول ئاچقان ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىدۇ.

سىتالىننىڭ غەلىبىسى ۋە ئورۇسلارنىڭ ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قېلىشىنىڭ سىرى

«ئاچكۆز، بۈيۈك جاھانگىر گېتلىرنى مەغلۇپ قىلغىنى جاھىل سىتالىن بولماستىن، بەلكى ئادەتتىكى ئاكىسىراش خاھىشىدا ئۆسكەن بىر جاسۇس بولغان. ئۇ بولمىغان بولسا، بۈگۈن ئورۇسلار ۋە ياۋروپالىقلار پۈتۈنلەي نېمىسچە سۆزلەشكەن بولاتتى. ئۇيغۇر خەلقىمۇ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچار بولمىغان بولاتتى». 1946-يىلدىكى قىسمەتلەردىن خۇلاسە.

«نىياز ھېكىمبەگ خائىنلىق قىلمىغان بولسا، بەدۆلەت ئۆلمىگەن، زوزۇڭتاڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان بولاتتى. مۇھىمى خەلقىمىز بۇ كۈنگە قالمىغان بولاتتى». 1877-يىلدىن خۇلاسە.

«ئۆز پادىشاھىغا خىيانەت قىلغان بىرى بىزگە ھامان خىيانەت قىلىدۇ». نىياز ھېكىمبەگنى ئۆلتۈرگەن دۇڭ فۇشياڭ 1878-يىلى. (جاللات دوڭ-زوزۇڭتاڭنىڭ تارىم ۋادىسىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلاپ، تارىم دەرياسىدىن ئۈچ يىلغىچە سۇ ئىچىلمەس قىلىۋەتكەن قانخور غالچىسى).

ۋەتەنگە خىيانەت قىلغانلارغا ئىبرەت بولىدىغان ئەڭ خەتەرلىك خائىن

سوۋېت ئىتتىپاقىنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، سىتالىن ئۈچۈن ھاياتىنى دوغا تىكىپ، كوممۇنىزىم ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ جان پىدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سىتالىن يەنىلا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن.

1895-يىلى باكۇدا تۇغۇلۇپ، گېرمانىيەدە يەرلىشىپ، ئىسمىنى «رىچارد سورگې» دەپ ئاتىغان بۇ جاسۇس 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، گېرمانىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان. ئەمما ئۇ 1919-يىلى كوممۇنىزىم بىلەن يۇقۇملىنىپ، گېرمانىيەدىكى كوممۇنست تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە باغلىغان. كېيىنچە گېتلىر تەختكە چىققان ھامان 1933-يىلى موسكۋاغا قېچىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ قابىل جاسۇسىغا ئايلانغان. سىتالىن ئۇنى 1931-يىلى خىتايغا بېسىپ كىرىپ، 1932-يىلى مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، چىشىنى سەددىچىننىڭ ئىچى بىلەن سوۋېتنىڭ يىراق شەرقىگە بىلەۋاتقان ياپونىيەدە جاسۇسلۇق تورى بەرپا قىلىپ، ياپونلارنىڭ ئورۇسلارغا قارشى بارلىق ھەرىكەتلىرىگە كۆز-قۇلاق بولۇشقا ئەۋەتكەن. سورگې بۇرۇن گېرمانىيە ئۈچۈن ساداقەت كۆرسەتكەن بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا توكيودا تۇرۇشلۇق گېرمان ئەلچىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىگە ئاشنا قىلىۋالغان. گېرمانىيە ئەلچىسىمۇ سورگېنىڭ زېرەكلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئەلچىخانىنىڭ ئارخىپ ۋە تېلىگرامما ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلغان.

سورگې ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن گېرمان ناتسىستلار پارتىيىسگە ئەزا بولغان. ئۇ ئەلچىنىڭ خوتۇنى ئارقىلىق گېرمانىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە مۇتلەق مەخپىي بولغان ھەربىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ، سىتالىنغا قەرەللىك ئەۋەتىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شۇكى، 1941-يىلى 13-ئاپرىل سوۋېت-ياپونىيە بىتەرەپلىك كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، سىتالىنغا جىددىي تېلېگرامما يوللاپ، گېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ 22-ئىيۇن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئەمما 1939-يىلى 23-ئاۋغۇستتىكى سوۋېت-گېرمان ئۆز ئارا ئۇرۇشماسلىق كېلىشىمىگە بەكلا ئىشىنىپ كەتكەن جوزېف سىتالىن بۇ خەۋەرگە زادىلا چىن پۈتمەي، ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىشنىڭ ئالتۇن پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان. سىتالىن بۇ ھەربىي ئاخباراتنى ئەنگىلىيە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، سوۋېت-گېرمان دوستلۇقىنى بۇزۇپ، ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش ئۈچۈن پىلانلىغان سۇيقەستى دەپ قارىغان.

ئۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى يىراق شەرق ۋە قەھرىتان سىبىرىيەدە بولۇپ، ياپونلار 1932-يىلى سەددىچىن سىرتىدىكى مانجۇرىيەنى، 1937-يىلدىن باشلاپ سەددىچىن ئىچىدىكى بىپايان خىتاي زېمىنىنى ئىگىلەپ، 1939-يىلدىكى نومېنكان ئۇرۇشىدا سىتالىننى خېلىلا چۆچۈتۈپ قويغانىدى. گەرچە ئارىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق سىتالىن ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى نېمىسلارنى ھەر جەھەتتىن يات مەدەنىيەتلىك ۋە قالتىس جاسارەتلىك ياپونلاردىن ئىشەنچىلىك دەپ قارايتتى. كىم بىلسۇن، سورگېنىڭ مەلۇماتى راس چىققان. سىتالىن پەقەت 21-ئىيۇنغا كەلگەندىلا ئاندىن ھوشىنى تاپقان. ئەمما ئۇبەكلا كېچىكىپ قالغانىدى. 22-ئىيۇن چېگرىدىن سەلدەك بېسىپ كىرگەن تۆت مىليون گېرمان ئارمىيىسى شۇيىل ئاخىرىغىچە موسكۋاغا قىستاپ كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ھاۋا ئارمىيسىنى بىتچىت قىلغان دىنسىرت، ئۈچ مىليون سوۋېت ئەسكىرىنى ئەسىر ئالغان. سىتالىن يەنىلا ياپونلارنىڭ شەرقتىن ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، زور تۈركۈم جەڭگىۋار قوشۇنلىرىنى سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقتىن يۆتكەشكە جۈرئەت قىلالمىغان. بۇ چاغدا يەنىلا سورگې سىتالىننى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇچۇر يوللاپ، ياپونلارنىڭ تاكى گېرمانلار موسكۋانى ئىشغال قىلمىغۇچە سوۋېتقا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەخپىي قارارنى مەلۇم قىلغان. شۇندىلا تەقدىرىنىڭ موسكۋا بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان سىتالىن قاتتىق خۇشال ھالدا سىبىرىيەدىكى قەھرىتان قىشتا تاۋلانغان.

1939-يىلدىكى نومىنكان ئۇرۇشىدا پىشقان ئەسكەرلىرىنى موسكۋاغا يوشۇرۇنچە يۆتكەپ كېلىپ، موسكۋانى جان تىكىپ قوغداپ، مۇشۇ ئارمىيەنىڭ كۈچى بىلەن گېتلىرنى چېكىنىشكە مەجبۇرلىغان. ئارقىدىنلا ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغان سىبىرىيە مۇز ئارمىيىسى چاقماق تېزلىكىدە مانجۇرىيەدىكى ياپون چېگرىلىرىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋاللار ياپونلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار ھەربىي مەخپىيەتلىكنىڭ پاش بولۇپ قېلىپ، پۇرسەتنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، قاتتىق تىنتىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق سورگېنى ئۇتۇقلۇق تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سورگېنىڭ ئاشنىسى (گېرمان ئەلچىسىنىڭ خوتۇنى) شۇ چاغدا ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇچۇر مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغاننى ئاز دەپ، سورگېمۇ ھەم گېرمانىيە ھەم ياپونىيە تەرەپنىڭ كۆزىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. 1941-يىلى 18-ئۆكتەبىر تۇتۇلغان سورگېنى ياپونلار «گېرمان جاسۇسى» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق قاتتىق قىيناش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سىتالىننىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

گەرچە سىتالىن ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىم ئارقىلىق ئۇنى تامامەن قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەسلىدە ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن دۆلەت بولغان ئەزەربەيجاندا تۇغۇلغان ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بىرى بولغانلىقى، دەسلەپتە گېرمانىيە ئۈچۈن جان پىدا قىلغانلىقى، كېيىنچە دۆلىتىگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىگىمۇ خىيانەت قىلىشى ۋە قارام ياپونلارغا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىسپاتلانسا ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا ئورۇسلارنى قۇتقۇزۇپ قالغان قەھرىماننىڭ كەلگۈسىدە سىتالىن بولماي، سورگې بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن تېنىۋالغان. شۇڭا ئۆز دۆلىتىگە خىيانەت قىلغان بۇ جاسۇس ياپون سامورايلىرى قولىدا 1944-يىلى 7-نويابىر ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان. كېيىنچە ئورۇسلار ئۇنىڭ مىسلىسىز تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلىپ، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

رىچارد سورگې 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى توكيونىڭ سۇگامو تۈرمىسىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ ئارىدىن 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە ۋە روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەكىلى ئۇنىڭ قەبرىسىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ (باش سۈرەت، ئوڭدا) 29-ماي چارشەنبە كۈنى سورگېنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى. (سولدا) روسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلىرى ۋە روسىيەنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىخايىل گالۇزىنمۇ بار. شويگۇ بۇ ھەپتە توكيودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تاكېشى ئىۋايا ۋە تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىرى سېرگېي لاۋروف ۋە تارو كونو بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان.

ئىلگىرى ياپونىيىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئاخبارات مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان سورگې دۆلىتى تەرىپىدىن بۇ خىل ئۇسۇلدا شەرەپكە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ھاياتى 1933-يىلدىن باشلاپ ياپونىيە باش مىنىستىرى شاھزادە فۇمىمارو كونونىڭ ئىشخانىسى، شۇنداقلا ياپونىيە باش شتابى ۋە ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىشىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. سورگېنىڭ 1941-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى قولغا ئېلىنغانغا قەدەر قىلغان ئىشلىرى، ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ روسىيەنىڭ ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىن سورگېنىڭ ياپون ۋەگېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق ئورگىنىغا سىڭىپ كىرگەندەك ئۈنۈملۈك ئىشلارغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش جەريانىدىكى ئەنسىرىشى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ بېرلىن، موسكۋا ۋە شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان.

سورگېنىڭ ھېكايىسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بۇنى ئوقۇڭ. (قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېزىتى «كراسنايا زىۋېزدا» (قىزىل چولپان) تېلېۋىزىيە تارمىقىنىڭ توكيو مۇراسىمى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى چېكىپ ئېچىڭ).

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى سېرگېي شويگۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مەسلىھەتكە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا ياپونىيە ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تاكېشى ئىۋايا بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

روسىيە-ياپونىيە سۆھبىتىنىڭ كۈن تەرتىپى يەرشارى ۋە رايون بىخەتەرلىكى، رايوندىكى ھەربىي-سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە يەنە دۆلەت ۋە ھەربىي ساھەدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

رىچارد سورگې تۇنجى بولۇپ ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ تەخمىنىي ۋاقتىنى دوكلات قىلغانلارنىڭ بىرى. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى، ئۇ 1941-يىلى ياپونىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا كىرمەيدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن ئۇچۇرلار ئىدى. تارىخچىلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ موسكۋاغا يېقىن قىزىل ئارمىيەنىڭ غەلىبىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. سورگې 1941-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ياپونىيەنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇزۇن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بەرگەن دارغا ئېسىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1964-يىلى سورگې ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

تاما قەبرىستانلىقىدىكى سورگېنىڭ قەبرىسى مۇكەممەل شارائىتتا ساقلانغان، بۇ يەرگە گېرمان ۋە ياپون تىلىدايېزىلغان يۇمىلاق ئۈستەل تاش ئورنىتىلغان. («رىچارد سورگې» ۋە ھايات ۋاقتى).

بۇ تاشنىڭ ئۈستىگە رۇس تىلىدا: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى رىچارد سورگې» دېگەن خەت يېزىلغان سىلىقلانغان قارا مەرمەر تاش تاختاي بار بولۇپ، ئالتۇن يۇلتۇز مېدالى ۋە زەيتۇن شېخى تەسۋىرلەنگەن. مەرمەر تاش تاختاي ئۈستىدىكى تۇخۇم تېشىنىڭ ئالدىدا ئايالى خاناكو ئىشىينىڭ كۈلى بار بىر تەرەت تۇڭى بار.

ھېچقانداق روسىيە ھەربىي ئوفىتسېرى ياكى ھەر قانداق دۆلەتتىكى ئاخبارات خادىمى سورگېغا ئوخشاش ياپونىيىگە قارشى ئۈنۈملۈك كارغا كېلىپ باقمىغان. ياپونلار سورگېنىڭ جازا ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى 7-نويابىر تاللىدى، چۈنكى بۇ ئىنقىلابنىڭ 34 يىللىقى ئىدى. (1917-يىلى 7-نويابىر لېنىن باشچىلىقىدا بولشېۋىكلەر ئۇتۇقلۇق ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن). ياپونىيە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى توككونىڭ رەسمىي گۇۋاھلىقىغا قارىغاندا، سورگنىڭ ياپون تىلىدا سۆزلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزى تۆۋەندىكىدەك بولغان: «[ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ] قىزىل ئارمىيە! خەلقئارا كومپارتىيە! سوۋېت كومپارتىيىسى!».

مەن بىر يىلدىن بېرى ئىزدىنىپ يۈرۈپ، تولۇق ئېنىقلاپ چىققان قىممەتلىك خۇلاسە

«توكيو سوتى 1943-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى روسىيە پۇقراسى رىچارد سورگېنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. كېيىنكى يىلى 7-نويابىر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، روسىيە ۋە ئامېرىكا بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاپ قويغاندىن كېيىن، سورگېنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياپونىيەنىڭ پېئارل خاربور پورتىغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە گىتلېرنىڭ بارباروسا ھەرىكىتى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنلىكى بايقالغان. ئۇ 1964-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى دېگەن نامغا ئېرىشكەن».

ئىبرەت: مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز 1937-يىلى 30-ماي پاجىئەلىك شەكىلدە قىرىپ تاشلانغان مەمتېلى ئەپەندى ۋە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي قاتارلىق 300 نەچچە مىللەت سۆيەر ئالىمىنى ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەپ باققىنى، 1938-يىلى 25-دېكابىر سىتالىن تەرىپىدىن قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن يۇقىرىقى پاجىئەلەرنىڭ باش جىنايەتچىسى قادىرھاجىغا بىردەك كۈچلۈك لەنەت ئوقۇپ كەلگىنى يوق. ئەمما ئورۇسلار يىراق توكيودا ئۆلتۈرۈلگەن مىللىي قەھرىمانىنى دۆلەت مىنىستىرى دەرىجىسىدە ھۆرمەتلەپ ياد ئەتمەكتە. (بۇ يىل 30-ماي مەمتېلى ئەپەندى باشلىق مۆتىۋەرلەرنىڭ تراگېدىيىلىك ھالاكىتىنىڭ 83 يىللىقى، شۇنداقلا بۇ يىل 25-دېكابىر قادىر ھاجىنىڭ لەنەتلىك ھالاكىتىنىڭ 82 يىللىقىدۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىرى بىلەن ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ پەرقى بولمىغان مىللەت ئەبەدىي راۋاج تاپالمايدۇ. مىللىي مۇناپىقلارمۇ ئۇنداق مىللەتتە ساماندەك كۆپ چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كاشىلىنى ھەلقىلىش ئۈچۈن، مەسىلىنى ماھىيەتتىن تۈزەش لازىم).

«تارىخىنى بىلمىگەن مىللەتلەر يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر!». – مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك

دۇنيا ۋەزىيىتى، شۇنداقلا خەلقىمىز ھالقىلىق پەيتلەردە تۇرۇۋاتىدۇ. بىزدەك ئىستىقبالى بار مىللەتتە ھەر ۋاقىت كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلەر، ھەمدە ئۇلاردىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ ۋەتەن خائىنلىرى ۋە مىللىي مۇناپىقلار چىقىپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى نازۇك ۋە زىل ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ئەڭ زىيانلىق ۋەتەن خائىنلىرى دەل يۇقىرىقى كىشىگە ئوخشاش يات ئەللەرنىڭ قىممەت قارىشىغا مەستانە بولۇپ ئاكىسىراپ قالغان، ئۆزگىلەرگە قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان، دۆتلۈكتە يۇقىرى پەپلىگە يېتىپ، ئۆز دۆلىتىنى، سىياسىي ۋە مىللىي ئىستىقبالىنى شەخسىي ئىستەكلىرى ئۈچۈنلا كۆزىنى مىت قىلماي دۈشمەنگە ساتالايدىغان ئۇيغۇر سىياقلىق، دۈشمەن ساۋاتلىق، ئۇيغۇر روھىدىن خالىي ھالدا پۇختا ياساپ چىقىلغان «روبوت ئۇيغۇرلار» دۇر. ئۇلارنى ھەر قانداق مەخپىيەتلىكى ۋە سالمىقى بولغان ئاپپاراتلارغا يېقىن كەلتۈرمەسلىك، ئىچىگە كىرىۋالغانلىرىنى تازىلىۋېتىش كېرەك. شۇندىلا ئىشىمىز ئالغا باسىدۇ. ئۇنداق قىلالمىساق، يۇقىرىقىدەك «نىياز ھېكىمبەگ» دىن بىرى چىقىپ، شەخسىي ئارزۇسى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلمايلا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە بۈيۈك ئارزۇسىنى بەربات قىلىۋېتەلەيدۇ. ئاقىۋەت خەلقىمىز يەنە 150 يىل قان يىغلاپ، يېڭىدىن ئاسارەت ئاستىدا قالىدۇ .

يېقىنقى 150 يىللىق پاجىئەلەرمۇ دەل شۇنداق كالۋا ئىنسانلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن مىللىي مەنپەئەتنى قۇربان قىلىۋېتىشتە ئۇدا يەتمىش يىل (1877-1947) دۇنياۋى رېكورت ياراتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان.

سۈرەتتە: روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئارمىيەنىڭ باش مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە روسىيە ھەربىي ۋەكىللەرئۆمىكى ئەزالىرى توكيودىكى تاما قەبرىستانلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ئەمەلدارى رىچارد سورگېنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويدى. 2019-يىلى 29-ماي.

مەنبە:

1. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تورى + ئەنگلىيە مۇھاپىزەتچىلەر (گاردىيان) گېزىتى.

2. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەۋىرى: 2019.05.30 .05:55

2020-يىلى 27-ئاپرىل. دۈشەنبە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top