You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » گومىنداڭ ئارخىپلىرىدا بىتىمدىن كېيىنكى سىياسىي كۈرەشلەر

گومىنداڭ ئارخىپلىرىدا بىتىمدىن كېيىنكى سىياسىي كۈرەشلەر

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1947-يىلى ئىيۇندا تەييارلانغان «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ۋەزىيەتى» ناملىق دوكلاتقا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. دوكلاتتا 1944-يىلى نويابىردا پارتىلىغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىدىن تارتىپ تاكى 1947-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغىچە بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيەتى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، نوپۇس ۋە جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈش قاتارلىق نۇقتىلاردىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. بولۇپمۇ 1946-يىلى 11 ماددىلىق تېنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن جەنۇب ۋىلايەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈرەشلەر ۋە بىزگە تونۇش تارىخىي شەخسلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

مەزكۇر يازما بۇ دوكلاتنىڭ «ئىلى ۋەقەسى» گە ئائىت قىسىمىنىڭ سىياسىي ۋەقەلەر بۆلۈمىگە ئاساسەن تەييارلاندى. مەزكۇر بۆلۈمدە بۇندىن بۇرۇن تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ كۆرۈلمىگەن كۈرەشلەر ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ ۋە يېڭىچە بىر ھۈججەتلىك مەنبە بولۇپ قالغۇسى. تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارايىدا ساقلىنىۋاتقان مەزكۇر ھۈججەتلەر ئەسلى مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، 2016-يىلى 10-نويابىر كۈنى مەخپىيلىكى قالدۇرۇلغان. 


جەنۇب ۋىلايەتلىرىنىڭ بىرىدىكى ئاممىۋىي يىغىلىشتىن بىر كۆرۈنۈش، 1947-يىلى (خىتاي مەركەزىي ئاگېنتلىقى)

بەشىنچى باب: تېنچلىقتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋەزىيەتى

مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) سېنتەبىردە جاڭ جىجۇڭ ئەپەندى شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئىلى تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم تالاش-تارتىش قىلىپ، مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 2-يانۋار ۋە 6-ئىيۇن كۈنى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 11 ماددىلىق تېنچلىق بىتىمى ۋە ئىككى پارچە قوشۇمچەسىنى ئىمزالىغان، 1-ئىيۇل كۈنى شىنجاڭ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت قايتىدىن تەشكىللىنىپ، بىر قانچە يىللىق ھەربىي توقۇنۇشلار ۋاقتىنچە توختىغان ئىدى. لېكىن ئىلى تەرەپنىڭ شىنجاڭغا بولغان سۈيقەستىدىن ۋاز كەچمىدى. پەقەت ھەربىي توقۇنۇشتىن سىياسىي ھۇجۇمغا ئۆتتى، خالاس. شۇڭا شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتى تېنچلىق بىتىمى ئىمزالىنىشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچار. پېقىر تۆۋەندە سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە شىنجاڭغا قارىتىلغان سۈيقەستلەر ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

سىياسىي جەھەتتىن:

«شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار پارتىيەسى (تەشكىلاتى)» نى تەشكىللەش سۈيقەستى

1. تۇرپان ناھىيە ھاكىمى ئابدۇراھمان (مۇھىتى) ۋە ساقچى ئىدارەسى باشلىقى ئەبەيدۇللا قاتارلىقلار ناھىيەدىكى 2- ۋە 3-تۈتۈن ئەتراپىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار پارتىيەسى (تەشكىلاتى)»نى تەشكىللەپ، بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى پارتىيەگە كىرىشكە دەۋەت قىلغان. ھازىر مەزكۇر تەشكىلاتقا 500 گە يېقىن كىشى ئەزا بولغان بولۇپ، مەقسىتى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملارنىڭ قورال-ياراقلىرىنى تارتىۋېلىش. ئۇلارنىڭ نىيىتى ئالا.

2. شىنجاڭ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لورمادى (罗尔马的) ئىلى تەرەپنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەخپىي رەھبەرلىك ئورگانى بولغان جەنۇبىي گۈلباغدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار پارتىيەسى (تەشكىلاتى)»گە قاتناشتۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇ يەنە بىز تەرەپنىڭ ئىسىتخباراتلىرىنى توپلىغان ۋە پارتىيەگە قاتناشقان ئەزالارغا ھەققىمىزدە بىمەنە تەتۈر تەشۋىقات قىلغان.

 ئۇيغۇر ئۇيۇشماسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان سۈيقەستلەر

1. تۇرپانلىق ئۇيغۇر ياش شاپاخان قاتارلىقلار روزا ھېيت ھارپىسى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى نامىدىن «تۇرپان ئاۋازى» تام گېزىتىنى چىقارغان بولۇپ، قىسقىچە مەزمۇنى «بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقى مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تەرەققىي قىلغان ئىدى. لېكىن ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىغاندىن بۇيان، خەلق كۈلپەتتە قالدى، مەدەنىيەت ئارقىغا چېكىندى. ھازىر گەرچە كۆرىشىمىز 11 ماددىلىق بىتىم بىلەن نەتىجىلەنگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ياشلار يەنىلا داۋاملىق تىرىشىپ، ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ چۈشەكلىرىنى تۈپتىن يوقىتىشى كېرەك» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى.

2. 2- يانۋار كۈنى ئەكسىيەتچىل ئۇنسۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى باش مەركىزىدە ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1) خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىمىنىنى بېسىۋېلىشى ۋە ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇملىرىنى بايان قىلىش.

2) ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىش مەقسىتىنى شەرھلەش.

3) مەركەزگە مايىل كىشىلەرنى ھاقارەت قىلىش ۋە كۆزدىن يوقىتىشتىن ئىبارەت بىمەنە بايانلار.

3. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 4-ئۆكتەبىر كۈنى، ئابلەھەت مەخسۇم رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى كۇلۇبىدا يىغىن ئېچىلدى ۋە تۆۋەندىكى ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلەر پىلانلاندى:

1) سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنى خىتايلارنى قوشمىغان ھالدا قايتىدىن سايلاپ چىقىش.

2) سوتتىن خانبابا (ئۇچقۇچى جىن شۆچىننىڭ قاتىلى)نى تېزدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش.

3) پۇل بېسىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن، ھۆكۈمەتتىن نەق پۇل ئىشلىتىشنى ۋە 50، 100 ۋە 200 دوللارلىق قەغەز پۇللارنى تارقاتماسلىقنى تەلەپ قىلىش.

4) ھۆكۈمەتتىن شىنجاڭدىكى قىسىملارنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش.

5) ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش.

4. تۇرپان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى لېتىپ 3-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنى قورال-ياراقلارنى بۇلاپ، سىڭگىم ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۇرپاندىن پىچانغا ئۇلىشىدىغان قاتناش لېنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا قۇتراتقان.

5. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمالىرىنىڭ كۆپىنچەلىرى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولۇپ، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، مەخپىي ھالدا رەئىس جياڭ جېشىغا قارشى، دۆلەت ۋە پىرقەگە قارشى، رەئىس جاڭ جىجۇڭغا قارشى ۋە مەركەزگە مايىل ئۇيغۇر زاتلارنى ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇندىكى ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا.

«مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى» نى تەشكىللەش

1. مائارىپ نازىرى سەيپىدىن (ئەزىزى)نىڭ قېرىندىشى ئابدۇلھەق (ئەزىزى) ئىيۇندا يەكەننىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئاۋىنشىڭ (阿文声) قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنى ئەزا بولۇشقا جەلپ قىلدى. شۇنداقلا قەشقەردىمۇ ئوخشاش سۈيقەست ئۈچۈن ئالاقە ئورناتتى.

2. ئابدۇلھەق (ئەزىزى) يەكەندە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، غوللۇق ئەزالاردىن مامۇت قاتارلىق توققۇز كىشىنى قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىدى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىستىخبارات توپلاپ يەتكۈزدى. مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى تەشۋىقات گۇرۇپپىسى، تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسى، ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ۋە مەمۇرىي گۇرۇپپادىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپاغا ئايرىلغان.

3. مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان يەكەنگە كەلگەندە ئىمىنئاخۇن ۋە مامۇت قاتارلىق كىشىلەرگە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەزا بولۇشقا دەۋەت قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

خانتەڭرى نەشىرىياتىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان سۈيقەستلىك پائالىيەتلەر

خانتەڭرى نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم تۇردى

1. خانتەڭرى نەشىرىياتى يېقىندا ئىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات تۈرىدىكى نۇرغۇن كىتاب ۋە ژورناللارنى سېتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىلىدا نەشىردىن چىقىدىغان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ تەشۋىقات كۈچى تولىمۇ زور بولۇپ، مەزكۇر گېزىت بىمەنە تەشۋىقات ماقالەلىرىدىن نۇرغۇن پارچە باسقان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۈچ پارچە ماقالەنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن ئەكسىيەتچىل:

1) جىڭ ۋە شىخۇ ئۇرۇشلىرىنىڭ غەلبەسىنى خاتېرىلەش يىغىنى ھەققىدىكى باش ماقالە

2) «خەلق بىزنىڭ كۈرىشىمىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق ماقالە

3) «ئىلىدا ئىلىم-پەن ئۇيۇشمىسى تەشكىللەندى» ناملىق ماقالە

2. خانتەڭرى نەشىرىياتىدىن پايدىلىنىپ قىلىنغان سىياسىي سۈيقەستلەر تۆۋەندىكىچە:

1) ئىمىننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار قانۇنسىز ھەرىكەتلەر

2) مەزكۇر نەشىرىياتنى سىياسىينىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇش

3) مەزمۇن جەھەتتىن مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش (民族自决)نى مەركەز قىلىش

خىتايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش

1. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئۆكتەبىردە ھاۋا ئارمىيە 16-باش مەركەزنىڭ ئۇچقۇچىسى جىن شۆچىن(金学勤) ئۇيغۇر ياش خانبابا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھاۋا ئارمىيەنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن سوت قاتىل خانبابانى قولغا ئالغان ۋە 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئوچۇق سوت ئېچىلغان. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى يىغىلىپ، سوتنى قاتىل خانبابانى قويۇپ بېرىشكە قىستىغان. سوت قۇبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچ سائەت 11 دە ئۇيغۇرلاردىن يەنە 1000 غا يېقىن كىشى يىغىلىپ، سوتنى قورشىۋالغان. مۇدىر جاڭ جىجۇڭ ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، سوتنى قاتىلنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغان. بۇ قاتىل قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامماغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كوچىدا نامايىش قىلغان ۋە يۇقىرى ئاۋازدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مارشىنى ئېيتقان. شۇنداقلا «خىتايلارنى يوقىتايلى! خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرايلى!» دەپ شۇئار توۋلىغان.

2. مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 1-ئىيۇل كۈنى تارباغاتاي قولدىن كەتكەندىن كېيىن. خىتاي خەلقى، ھەربىي-ساقچى ۋە مەمۇرىي خادىملار بولۇپ 1400 گە يېقىن كىشى سوۋېت چېگراسى ئىچىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. بۇندىن بۇرۇن سوۋېت تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم تالاش-تارتىش قىلىنغان ۋە قاتناش ۋە ھاۋارايى سەۋەبىدىنلا بۇ كىشىلەر ۋاقتىدا ۋەتىنىگە قايتالمىغان ئىدى. 6-ئىيۇن تېنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە كېلىشكەن ۋە پىلان تۈزگەن بولۇپ، تارباغاتاي ۋالىيسى مەسئۇل بولۇپ بۇ خىتايلارنى تارباغاتاي ئارقىلىق قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان ئىدى. بۇ بىر توپ خىتايلار 2-سېنتەبىر سوۋېت چېگراسىدىن بەش تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يولغا چىققان، 13-سېنتەبىر كۈنى تارباغاتاي ئەتراپىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن زوراۋانلار تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق سۈيقەست بىلەن ۋەھشىيلەرچە قىرىپ تاشلانغان. بۇ بىر توپ خىتايلاردىن پەقەت 70 كە يېقىن كىشى ئامان قالغان.

3. ماناسنىڭ ئىلى قىسىمىدا خىتايلار ھەممە يەردە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلمەكتە. ئىلى ۋەقەسىدىن بۇرۇن 37 مىڭ خىتاي بار بولۇپ، ھازىر ئالتە مىڭ كىشى قالغان. باشقالىرى قىرىپ تاشلانغان. شۇنداقلا ئىلى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى مىڭغا يېقىن خىتاي قاماققا ئېلىنغان. تېنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، بۇلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، سوۋېت تەرىپىدىن 24 ئەترەت قىلىپ تەشكىللىنىپ، شەرقىي شىمالغا ئەۋەتىلىپ، كومۇنىست باندىتلارغا قوشۇۋېتىلگەن.

4. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئىيۇلدا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» شىخۇدا ئىلى ئارمىيەسىنىڭ شىخۇنى ئالغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتېرەلىگەن ۋە «ھازىر تېخى ئىنقىلاب غەلبە قىلمىدى، خىتايلارنى زىمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقارغان چاغدىلا ئىنقىلاب ھەقىقىي غەلبە قىلغان بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەتكە يېقىن كىشىلەر ھاقارەتلەنگەن.

5. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەشەددىي ئەكسىيەتچىل ئۇنسۇرلار تېنچلىق سۆھبىتى ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كېيىن «شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭى. ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ جەھەتتىكى ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر زاتلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ جار سالغان، خىتايلارغا «خىتاي ھاكىمىيەتى چىرىك ھاكىمىيەت» دەپ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بارلىق جايلىرىدىن خىتايلارنى چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان، قەشقەردە قەستلەش گۇرۇپپالىرىنى تەشكىل قىلىپ، شۇ جايدىكى ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن، دۆلەت ئاتاسى (سۈن جۇڭشەن) نىڭ سۈرىتىنى يىرتىپ تاشلاش قاتارلىق ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلەردە بولغان.

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى شىخۇدا ئات ئۈستىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە، 1947-يىلى

ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتلار

1. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئاپرېلدا ساقچى مەكتىپىنىڭ ئۈچىنچى تارمىقىنىڭ رايونلۇق ئەترەت باشلىقى جالالىدىن قەشقەر مىللىي مائارىپ جەمئىيەتى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشماسىنىڭ دۇككانىدا شەرقىي تۈركىستانچىلىقنى تەشۋىق قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇختارىيەتىنى كۆككە كۆتۈرگەن ۋە ئالتاي مەجمۇئەسى قاتارلىق ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تارقاتقان.

2. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچى ۋە ماناس قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئىلى تەرەپنىڭ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات كىتابچەسى بايقالغان بولۇپ، كىتاب تاشلىقىدا «زۇلۇم ئاستىدا قېلىش گۇناھ، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلماسلىق نومۇس، ئازاتلىق ئۈچۈن ئالغا!» دەپ يېزىلغان. مەزمۇنى بولسا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشقا دەۋەت قىلىش ۋە خىتايلارغا ھاقارەت قىلىدىغان بىمەنە بايانلار.

3. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئىيۇلدا چارقىلىق ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئابدۇرېھىم چارقىلىق ناھىيەسىدە سۈيقەستلىك توپىلاڭ تەشكىللىگەن ۋە ئۇيغۇرلار ھەربىيگە مۇناسىۋەتلىك درامما قويۇۋاتقاندا سەھنىگە چىقىپ يۇقىرى ئاۋازدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ياشىسۇن!» دەپ توۋلىغان. شۇنداقلا ئۆز مەيلىچە تېنچلىق سۆھبىتىنى بۇزۇشنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن.

4.مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئاۋغۇستتا ئاۋات ناھىيە پىرقە مۇدىرى ئابدۇقادىر سابىت ئاۋاتتا ئۇيغۇر ياشلارنى توپلاپ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى زورلاپ تۇرۇپ تەستىلاپ ئىمزا قويغۇزغان.

5. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئىيۇلدا گۇما ناھىيە پىرقە كادىرى قابىل ئوسمان قاتارلىقلار گۇما ناھىيەسى ھەر قايسى ئورگانلاردىكى كادىرلارنى قانۇنسىز تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ياشلارنى جەلپ قىلىپ، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان، ھۆكۈمەت ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقان. شۇنداقلا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش ۋە خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق سۈيقەستلەرنى تەرغىپ قىلغان.

6. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 15-نويابىر كۇچا خەلق مەكتىپى مۇدىرى مەمەتئىمىن كۇچا ناھىيەسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قۇترىتىپ، مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى مائارىپ مەسئۇلى «مىكۇنتى» نى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئاممىۋىي يىغىندا ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، قان تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

7. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 3-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى نەنلىياڭ (قوشكۆۋرۈك) دا «گومىنداڭنىڭ ساختىپەز سىياسەتلىرىگە قارشى چۇقان» نامىدا بىر پارچە ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋارىقى بايقالغان بولۇپ، مەزمۇنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش، «شەرقىي تۈركىستان» ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش قاتارلىق بىمەنە بايانلار بىلەن تولغان.

8. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 31-دېكابىر كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرجىمانى خېلىشىن (何立信) قاتارلىقلار ئۈرۈمچى قازاق ئۇيۇشمىسى دەرۋازىسى ئالدىدا ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان بولۇپ، مەزمۇنى «ئالتاي ۋەكىلى لاتىف خىتايلارغا سېتىلغان، شەرقىي تۈركىستاننى ساتقان، ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بولمىسا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىدۇ» دېگەنلەر ئىدى. يەنە سالىسنىڭ ئىشىكى ئالدىغا «جاڭ جىجۇڭ تۈرك مىللەتلىرىنى بىر بىرىگە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىۋاتىدۇ. بىز جاڭ جىجۇڭغا سېتىلغان غالچالارنى تارمار قىلىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى شۇئار چاپلانغان.

9. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 31-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى نەنلياڭ (قوشكۆۋرۈك) دىكى ئۇيغۇر مەسچىتى (سايبويى مەسچىتى) ئالدى قاتارلىق جايلارغا قازاقچە شۇئار چاپلانغان بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1) ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان!؛ 2) ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلارى!؛ 3) شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئالدىدىكى توسالغۇلارنى بىتچىت قىلايلى!؛ 4) گومىنداڭ فاشىستلىرىنى يوقىتايلى!؛ 5) ئۈچ مەسلەككە (سەنمىنجۇيى) قارشى تۇرايلى! …

بۇندىن باشقا يەنە «يۈزسىز غالچالارنى يوقىتايلى!» دېگەن مەزمۇندىكى ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ۋارىقىمۇ بار.

10. تۇرپان ناھىيە ھاكىمى ئابدۇراھمان (مۇھىتى) ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى ئىلى ۋە سوۋېت تەرەپنىڭ پىلانلىشىدىكى ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1) ئاكتىپ ھالدا ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش

2) خۇپىيانە ھالدا قورال ياساش

3) ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ۋە ھۆكۈمەتكە ئاشلىق سېتىپ بەرمەسلىك

4) ھۆكۈمەتكە ۋە گومىنداڭغا قارشى تۇرۇش، خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش

5) شەرقىي تۈركىستان (جۇمھۇرىيىتى)نى ھىمايە قىلىش

ھۆكۈمەتكە قاتناشقان يۇقىرى دەرىجەلىك رەھبەرلەرنىڭ سۈيقەستلىك ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتلىرى

ئەخمەتجان قاسىمى قۇمۇل پارتىزانلىرىدىن سېيىت باتۇر ۋە ئونانباي باتۇرلار بىلەن بىرگە، 1946-يىلى

1) مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان (قاسىمى)

1. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئىيۇلدا شىخۇدىن ئۆتكەندە بۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا نۇتۇق سۆزلەپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتكەن:

« سىلەر ئىنقىلابچى ھەربىيلەر، قۇربان بېرىشتىن قورقمىدىڭلار. شەرقىي تۈركىستان خەلقى سىلەرگە قول قويىدۇ. ھازىر گەرچە ۋاقتلىق ھالدا خىتايلار بىلەن ھەمكارلىق قىلغان بولساقمۇ، ھىيلە-مىكىر خىتايلارنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەش تەس. ئەگەر خىتايلار نىيەتىنى بۇزسا بىز قورال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنى دۈشمەن بىلەن باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەتەننى قايتۇرۇپ ئېلىشقا تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

2. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 10-ئۆكتەبىر بايرىمى (خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى) مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلكەلىك ھۆكۈمەتنىڭ كېڭەيتىلگەن خاتېرىلەش يىغىنىدا مۇنبەرگە چىقىپ :«خىتاي جۇمھۇرىيىتىگە 35 يىل تولۇپتۇ. لېكىن شىنجاڭ ئۆلكە خەلقى بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمىنىلا ئاڭلىدى، ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىدى. شۇنداقلا ئېغىر زۇلۇملار ئىچىدە كۈلپەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكتىن ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي كۆرەشى مەيدانغان كەلدى» دېگەن. شۇنداقلا ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان تېنچلىق، بىرلىك، خەلقچىللىق ۋە ئىتىپاقلىق شۇئارلىرىنى چۈشەندۈرۈپ «ھازىرقى تېنچلىق يەنىلا قورال كۈچى بىلەن كېلىپ چىققان تېنچلىق؛ خەلقچىللىق بولسا پەقەت ئېغىزدىكى خەلقچىللىق بولۇپ ئەمەلىيەتتە يوق؛ بىرلىك بولسا زورلانغان بىرلىك بولۇپ، ئۆز مەيلى بىلەن بولغان بىرلىك ئەمەس؛ ئىتتىپاقلىق بولسا تەشۋىقاتتىكى ئىتتىپاقلىق بولۇپ، ھەقىقىي ئىتتىپاقلىق ئەمەس» دېگەن.

3. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 25-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىلى تەرەپنىڭ تۇڭگان پولكى كوماندىرى كېرەم ھاجىغا كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىنقىلابىي روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاراشەھەر موڭغۇل خەلقىنى تەشكىللەپ، خىتايلارغا يېقىنلاشماسلىققا دەۋەت قىلىشنى ۋە يەرلىكتىكى ئاخۇنلار ۋە ياشلارنى ئۆزىگە تارتىپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاپىلىغان.

4. خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىغا قاتنىشىش سەپىرىدە قۇمۇلدىن ئۆتكەندە، قۇمۇل توپىلىڭىنىڭ باشلىرىدىن سېيىت ۋە ئونانباي قاتارلىقلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۇنى قۇمۇلدىكى سايلام نازارەتچىسىگە تارقىتىشقا بۇيرۇغان. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توپىلاڭىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

2) مۇئاۋىن رەئىس بورھان (شەھىدى)

1. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئۆكتەبىردە قەشقەردە مەيدەسىگە ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» ھۆكۈمەتىنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق ئىزنەكىنى تاقاپ، خەلققە:« شىنجاڭنىڭ خەلقچىللىققە ئېرىشىشى ئىلى تەرەپنىڭ ئۈچ قېتىملىق ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسى، كۆپچىلىكنىڭ شەرقىي تۈركىستان (جۇمھۇرىيىتى)نى قۇرۇپ چىققىچە داۋاملىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

بورھان شەھىدى (سولدا) ۋە ئەخمەتجان قاسىمى

2. قەشقەردە سايلام نازارەت گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولغان چاغدا بۇ جاينىڭ ۋالىيسى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولغان:

1) ھۆكۈمەتكە مايىل ھەر مىللەت كىشىلىرى ۋە ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭغا ئەۋەتكەن مۇھىم ھەربىي-مەمۇرىي خادىملار ھەققىدە يالغان پاكىتلارنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ئالماشتۇرغۇزۇپ، ئورنىغا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى قويغان.

2) جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈپ، ياشلارنى مايىل قىلىپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» ئىنقىلابىي ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلغان.

3) ئىستىخبارات تورى شەكىللەندۈرۈپ، بىزنىڭ ھەربىي-مەمۇرىي ئەھۋاللىرىمىزنى رازۋېتكا قىلغان.

4) ئۇيغۇر ۋە قىرغىز مەكتەپلىرىگە باش ۋەكىل (سۈن جۇڭشەن)نىڭ سۈرىتى ۋە رەئىس (جياڭ جېشى)نىڭ سۈرىتىنى يىرتىپ تاللاش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ئىلى تەرەپتە نەشىر قىلىنغان «كۈرەش» مەجمۇئەسى قاتارلىق ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىشنى بۇيرىغان.

3. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) دېكابىردا يەكەندە خەلققە تەشۋىقات قىلىپ، خەلقنىڭ ھەربىي ئاشلىق سېلىقىنى تاپشۇرۇشىنى توسقان ۋە بۇ سەۋەبتىن جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ئاشلىق جەھەتتە قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان.

4. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) دېكابىردا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق نامازدا ئىلى ۋەقەسىنىڭ ئەھمىيەتى ھەققىدە ۋەز ئېيتقان ۋە «ئىلى ئىنقىلابى پۈتۈنلەي ھەققانىي ھەرىكەت بولۇپ، ئەھمىيىتى تولىمۇ زور. سۈن جۇڭشەننىڭ ئىنقىلابى بىلەن تەڭ دەرىجەدە» دېگەن.

3) مائارىپ نازىرى سەيپىدىن (ئەزىزى)

سەيپىدىن ئەزىزى، 1946، غۇلجا

1. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئۆكتەبىردە ئاتۇشتا سوۋېت رازۋېتچىكلىرى ۋە ئەكسىيەتچىلەرنى يىغىپ سۆھبەتلەشكەن ۋە ئەكسىيەتچىل ئىستراتېگىيەلەر ھەققىدە يوليۇرۇق بەرگەن.

2. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 15-نويابىر كۈنى قەشقەردە بايلارغا مەخپىي ھالدا ھەمكارلىشىپ، پۇقراچە كىيىنگەن مىللىي ئارمىيە ئەترەتلىرىنى قۇرغان، شۇنداقلا قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى قاسىمجان قەمبەرى (ئىلى توپىلاڭىدىكى مۇھىم شەخس) نى يېتەكچىلىكككە تەيىنلىگەن. بۇ تەشكىلات تۆۋەندىكى گۇرۇپپالارغا بۆلۈنگەن:

1) تەشۋىقات گۇرۇپپاسى: ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب مەقسىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

2) بۇزغۇنچىلىق گۇرۇپپاسى: خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىللىي زىدىيەتنى ئۇلغايتىدۇ.

3) قەستلەش گۇرۇپپىسى: ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خىتايغا مايىل كىشىلەرنى ۋە خىتايلارنى قەستلەيدۇ.

شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلات يەرلىك ھەربىي قىسىملارنى قۇرۇپ چىقىپ، خىتايلارنى قىرىپ تاشلاپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

3. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) دېكابىردا قەشقەردە مەخپىي ھالدا ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئىشسىز كىشىلەردىن 60 كىشىنى تەشكىللەپ، ئىلى تەرەپكە يوللاپ مەشىقلەندۈرگەن ۋە ئۇلارنى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ كادىرلىرى قىلىپ تەييارلىماقچى بولغان.

4. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) نويابىردا قەشقەردە ياشلارنى يىغىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقچىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئاجىز مىللەتلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ھېچقاچان زىمىن تەلىپى يوق ئىكەنلىكىدەك بىمەنەلىكلەرنى تەشۋىق قىلغان.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم (ئوڭدا) ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، 1947، ئۈرۈمچى

4) ئاقسۇ ۋالىيسى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم

1. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) سېنتەبىر-ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا بېرىپ ۋەزىپەگە ئولتۇرۇش سەپىرىدە ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋاراقى تارقاتقان ۋە بىمەنە بايانلاردا بولغان.

2. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 19-ئۆكتەبىردە ئونسۇ ناھىيەسىدە مەخپىي ھالدا ئەكسىيەتچىلەرگە كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوغدىغۇچى قىسىملارنىڭ قوراللىرىنى بۇلاشقا بۇيرۇق بەرگەن.

3. ئاۋات ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھەرىكەتلەردە بولۇشقا قۇتراتقان. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ناھىيەنىڭ مەسلىھەت كېڭىشى ئەزاسى توختى داموللا كالتەكچىلەر ئەترىتى تەشكىللىگەن، ئاكتىپ ھالدا ھۆكۈمەتكە قارشى قانۇنسىز ھەرىكەتلەردە بولغان.

4. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 16-ئۆكتەبىردە مەزكۇر رايوندا ئۇيغۇرچە «ئاقسۇ خەلقىگە مۇراجەت» ناملىق كىتابچەنى بېسىپ تارقاتقان. كىتابچەنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1) ئۆتمۈشتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتقان دەھشەتلىك زۇلۇملار، ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاللانىڭ ئەمرىگە ۋە كۆرسەتمەسىگە بويسۇنماي، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلاشمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان. ھازىر زۇلۇم چېكىگە يەتكەنلىكتىن ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ئىنقىلاب قىلدى ۋە بۈگۈنكىدەك غەلبەگە ئېرىشتى.

2) 11 ماددالىق تېنچلىق بىتىمى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جانى ۋە قانى بەدەلىگە كەلگەن.

3) خىتايلارغا بولۇشۇپ، بىتىمگە خىلاپلىق قىلغانلار خائىندۇر. خەلق ۋە ۋەتەننىڭ دۈشمەنىدۇر.

4) يىغىن ئېچىشتىن بۇرۇن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، سۈرەت (سۈن جۇڭشەننىڭ) كە قاراپ تازىم قىلماسلىق كېرەك.

5) خائىنلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ، ئىرادىمىز تەۋرەپ قالماسلىقى كېرەك.

6) بىر-بىرىمىز بىلەن «ئىتتىپاق ۋە تېنچ» بولۇشىمىز ۋە ۋەتەننى ھىمايە قىلىشمىز كېرەك.

7) بۇ قېتىملىق سايلامدا ۋىجدانلىق زاتلارنى سايلىشىمىز كېرەك. پاراخور، خائىن، ئالدامچى ئۇنسۇرلارنى سايلىماسلىقىمىز كېرەك.

5) قەشقەر ۋالىيسى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم

ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، 1947، قەشقەر

1. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 24-سېنتەبىر كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە مەزكۇر ناھىيە ساقچىخاناسىنىڭ چارلاشقا مەسئۇل مۇدىرى مامۇت ھەسەننى قەشقەر يېڭىشەھەر ۋە مارالبېشى ناھىيەلىرىنىڭ رازۋېتچىكلار باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، مەخپىي پائالىيەتلەرگە سالغان. بۇ ھەرىكەتلەر تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا مەركەزلەشكەن:

1) قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتىش

2) تۇرۇشلۇق قىسىملار ھەققىدە ئىستىخبارات ئىگەللەش

3) خەلقنى ھەربىي ئاشلىق سېلىقىغا قارشى قوزغاش

4) ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋەتىنى بۇزۇش

5) ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرىغا سەۋەب تېپىپ قارشى تۇرۇش

2. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) ئۆكتەبىردە قەشقەردە ئۇيغۇرلارنى سوۋېت ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغان ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب پارتىيەسى» (东土耳其斯坦民族革命党)نى قۇرۇپ، ئەكسىيەتچىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.


مەزكۇر ھۈججەتنىڭ ئەسلى نۇسخاسىدىن تاللانما:

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top