You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۆگەدەي قاغان ۋە رەقىبى جالالىددىن

ئۆگەدەي قاغان ۋە رەقىبى جالالىددىن

سايرام ئوغلانى

ئۆگەدەي قاغان چىڭگىزخاننىڭ 3 – ئوغلى بولۇپ 1186 تۇغۇلغان. 1227 – يىلى 18- ئاۋغۇست دادىسى چىڭگىزخان تاڭغۇت يۈرىشىدە ئۆلگەندە تەختكە چىققان. 1241-يىلى 11 – دېكابىر دانا ئۆگەدەي قاغان ئۆلگەن.  «ئەگەر ئۇ يەنە بىر يىل ياشىسا ئىدى موڭغۇللار پۈتۈن ياۋروپانى تولۇق ئىگىلىگەن بولاتتى». (ياۋروپا تارىخشۇناشلىرى بىرلىككە كەلگەن قاراش : ئاتىللادىن كېيىنكى ۋەھىمىلىك زات).

1218- يىلى چىڭگىزخان (1162-1227 – يىللار) غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى باش سانغۇن جەبە نوياننى 20 مىڭ ئەسكەر بىلەن كۈچلۈككە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتكەندە، قۇچۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (1208-1235) مۇ بۇ يۈرۈشكە ئاۋاز قوشۇپ پۈتۈن قاراخانىلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان كۈچلۈكنى ئۆلتۈردى. ئاندىن دىنىي ئەركىنلىك جاكارلاپ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى. ئارقىدىنلا چىڭگىزخان 1219 – يىلى ئۆزى بىۋاستە 200 مىڭ موڭغۇل ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىنىمۇ ئۆز قولىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەينى چاغدا چىڭگىزخاننىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ياردىمىدە قايتىدىن قەددىنى رۇسلىۋالغان بىردىنبىر تۈركىي مىللەت يەنىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ۋە قاراخانىلار قاغانلىقىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان پالاكەتلەرگە سۈكۈت قىلغان، ھەتتا كۈچلۈك بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر ئىككى قاراخانىلارنى يوقاتقان خارەزىم خانلىقى (1097 – 1221) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام دۇنياسى موڭغۇللارنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىدا دەسسەپ چەيلىنىپ، ساناقسىز ئاھالىلەر قاراياغاچتەك قىرىلىپ كەتتى.

ھەممىگە مەلۇمكى، چىڭگىزخان 1221 – يىلى خارەزىم شاھلىقىنى يوقىتىپ، دەشتى قىپچاقتىكى كۆچمەن قەۋملەرگە ھۇجۇم قىلغان. موڭغۇل قوشۇنى 1223 – يىلى ئىيۇندا ئورۇسلارنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلغان.

1223- يىلى 31 – ماي جەبە بىلەن سۇبوتاي باشچىلىق قىلغان قوشۇن ئورۇس – قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن كالكا دەرياسى بويىدا جەڭ قىلغان. چىڭگىزخان 1221 – يىلى خارەزىم خانلىقىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىككى يىل ئۇدا قوغلاپ زەربە بېرىپ، شاھزادە جالالىددىننى ھىندىستانغا، قالدۇق قوشۇنلارنى ئىرانغا، قىپچاق قەبىلىلىرىنى قارا دېڭىز بويلىرىغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان. ئىككى نويان دەشتى قىپچاقنى كېسىپ ئۆتۈپ قىپچاق بەگلىرىگە ھوجۇم قىلىشقا كەلگەندە بىزدىنلا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئورۇس – قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن. ئەمما زېرەك موڭغۇللار ئارىسىدىكى تۈركىي چەۋەندازلار ۋە كاماندازلارغا تايىنىپ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. كېيىنچە چىڭگىزخاننىڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان 1236 – يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا تۇنجى ئورۇس خانلىقى 1239 – يىلى يوق قىلغان. 1240 – يىلى پۈتۈن ياۋروپا ۋەھىمىدە قالغان.

1223- يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوچىخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر – تاتار بىرلەشمە ئارمىيىسى قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەندە، كالكا دەرياسى بويىدا ئورۇس – قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئۆگەدەي قاغان قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئىسلام دۇنياسىغا جازا يۈرۈشى قىلىش ھەققىدە قۇرۇلتاي ئاچقان. قۇرۇلتايدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن قەشقەر ۋە سەمەرقەندتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك نويانلار قارشى چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۇرۇش ئاچسا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدىغان مەركىزىي ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاغاننى ئورۇسلارغا ۋە ياۋروپاغا ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرگەن. 1236 – يىلى جوچىخان ئوغلى باتۇخان ئۇيغۇرلاردىن بىر زەربىدار ئەترەتنى يول باشلىتىپ، 1237 – يىلى ئورۇسلارغا ھۇجۇم قىلغان. 1238 – يىلى ۋىلادىمىر كىنەزى ئىسكەندەر تەسلىم بولغان. ئەمما قىرىم ۋە كىيېۋدىكى ئورۇسخان قارشى چىققان. ئاقىۋەت، 1239 – يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ، 1240 – يىلى ئورۇسلارنى مۇنقەرز قىلغان باتۇخان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپاغا كىرىپ، 1241 – يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىنلا غەربىي ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن.

1241- يىلى 9 – ئاپرىل تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنى تۇرشاۋۇل قىلغان موڭغۇل قوشۇنى باغدار نوياننىڭ باشچىلىقىدا داڭلىق ھېنرى باشچىلىقىدىكى پولشا – گېرمان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي ياۋروپاغا كىرىشتىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان. غەزەپلەنگەن كاتولىك دۇنياسى موڭغۇللارغا ئەل بولغان ئورۇسلارنى باش جىنايەتچى، موڭغۇللارنى كاتولىك دۇنياسىغا باشلاپ كەلگەن مىللىي مۇناپىقلار دەپ قاراپ، گېرمان ئەھلى سەلپ ئارمىيىسى قۇرۇپ، ئورتودوكۇس مەزھىپىدىكى ئورۇسلارغا دىنىي ئۇرۇش قوزغىغان. بىراق 1242 – يىلى مۇز كۆل ئۈستىدە ئورۇس كىنەزى ئىسكەندەر ياروسلاۋ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي قاغان ئۆگەدەيخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تۈپەيلى، باتۇخان غەربكە يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن.

يۇقىرىقى ئىسكەندەرنىڭ غەلىبىسىمۇ باتۇخاننى چېكىنىش قارارى بېرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. چۈنكى ئەگەر ئىسكەندەر خائىنلىق قىلىپ، ئېتىل ۋە ئۇرالنى بېسىۋالسا، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ شەرق بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالاتتى. شۇڭا باتۇخان تېزلىكتە ئۇرال ۋە ئېتىل بويىغا قايتىپ كېلىپ، بارلىق ئىستراتېگىيىلىك جايلارغا ئەسكەر قويغان. ئەپسۇس، ئۇنىڭغا قايتا غەرپكە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتى نېسىپ بولمىغان. بەلكى ئۇنىڭ جىيەنى ھىلاكۇخان ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ قوللىشى بىلەن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان موڭغۇللاردىن قان ئىچەر قوشۇن تەشكىللەپ، ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلغان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىلار ۋە خارەزمشاھلارنىڭ تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان جەڭگىۋارلار موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەم دىنىي ھەم مىللىي قېرىنداشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىشقا قارشى ئىدى.

1242-يىلى پولشانى ئېلىپ، مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى ئاستانىسى بېرلىن بىلەن رىمغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، ئۆگەدەينىڭ قازا قىلغان خەۋىرى كېلىپ، ئامالسىز چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي ياۋروپا ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان.ئىسكەندەر تاكى 1260 – يىللىرى ئۆلگىچە سادىق بولۇپ، ئورۇس خەلقىنى ساقلاپ قالغان.

چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمىدىن پايدىلىنىپ تىرىلگەن خارەزىمشاھ

1227- يىلى ئاۋغۇستتا چىڭگىزخان ئۆلدى. ئىمپىرىيە خەۋپتە قالدى. 1229 – يىلى ئۇنىڭ ئەڭ چرۋۋەر ۋە دانا ئوغلى ئۆگەدەيخان تەختكە چىقتى. ئۇ تېزلا جۇچى جەمەتى بىلەن چاغاتاي جەمەتىنى ياراشتۇرۇپ، جۇچى جەمەتىنى ياۋروپانى بويسۇندۇرۇشقا، تولۇي جەمەتىنى خىتاينى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ جەمەتىنى موڭغۇلىيەدىكى مەركەزنى ساقلاشتا قويۇپ، ئاكىسى چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ خانلىقىنى غەرپكە يۈرۈش قىلغان ئىككى جەمەتنىڭ ئارقا سەپ بازىسى قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ موڭغۇللار قايتىدىن ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىۋېلىپلا، ئۇرۇش باشلىدى.

1229 – يىلى موڭغۇللار يېڭىدىن قايتا تىرىلگەن خارەزمشاھ ئوغلى جالالىددىننى ئىراندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالى، ئەزەربەيجان ۋە كۇردىستانغا سۈرۈۋەتكەن. بىراق موڭغۇللار 1230 – يىلى شىمالى خىتاينى بېسىپ ياتقان جۇرجىت ئالتۇن خانلىقى (1124 – 1236) غا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغاچقا، جالالىددىن تەبرىزدە قايتا تىرىلىپ، ئاناتولىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى سالجۇقىلار خانلىقى (1087 – يىلى سالجۇقنىڭ چەۋرىسى داۋۇد مەلىكشاھنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇپ چىققان. 1242 – يىلى ھىلاكۇخانغا قاراشلىق قورچاق ئەلگە ئايلانغان. 1309 – يىلى پۈتۈنلەي يوقالغان) نىڭ سۇلتانى ئالائىددىن كەيقۇبات (1220 – 1237 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) بىلەن ئەييۇبىلار سۇلالىسى (1187 – 1250) نىڭ ئاتامانلىرىغا موڭغۇللارغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتىپ كۆرگەن. لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپ ئالالماي، ئۇلارغا قاراشلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا 1230 – يىلدىكى يەسسى چىمەن ئۇرۇشىدا سالجۇقىلارنى مۇنقەرز قىلاي دەپقالغان. ھالقىلىق پەيتتە بۇ يەرگە بەش يىل بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن تۈركمەنلەر، جۈملىدىن ئەرتوغرۇل بىلەن قەبىلىسى بۇ ئۇرۇشتا سۇلتاننى قوللاپ ئۇرۇشۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان. (بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇ ھازىرقى «سۆگۈت» نى مەركەز قىلغان ۋىزانتىيە چېگرىسىغا بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەن. كېيىنچە ئەرتوغرۇل ئىزچىل ھالدا ئىلخانىلارغا قاراشلىق قورچاق سالجۇقىلار دۆلىتىگە بىر ئۆمۈر ساداقەتمەن بولغان.

ئوغلى ئوسمان بىر مەزگىل بۇ خىل ساداقەتنى داۋام قىلىپ، 1295 – يىلى ئىلخانىلار خانى غازانخان دۆلەت بويىچە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، پۇرسەت كەلدى دەپ قاراپ، 1299 – يىلدىن باشلاپ غازانخانغا قاراشلىق قورچاق سالجۇق ئېلىدىن يۈز ئۆرىگەن. كېيىنچە ئىلخانىلار 1309 – يىلى كونيانى ئىشغال قىلىپ، قورچاق سالجۇق خانلىقىنى بىۋاستە باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 1329 – يىلى ئەبۇ سەئىدخان تەرىپىدىن ئاناتولىيە باش ۋالىيسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر سانغۇن ئالائىددىن ئەرەتنا 1335 – يىلى ئاناتولىيەدە سالجۇقلاردىن كېيىن، ئوسمانىلاردىن بۇرۇنقى تۇنجى دۆلەتنى قۇرغاندىن كېيىن، ئوسماننىڭ ئوغلى ئورخان خاتىرجەم ھالدا مەرمەرە دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن غەربىگە كېڭىيىشكە باشلىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر سەركەردە ئالائىددىن ئەرەتنا ئوسمانىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئالدىنئالا غايەت زور ئاساس سالغان.

مەغلۇپ بولغان جالالىددىن كۇردىستانغا چېكىنىپ، بارلىق قوشۇننى ئارام ئېلىشقا قويۇۋەتكەن. بۇنى پۇرسەت بىلگەن 1230 – يىلدىكى ئاخلات قورشاۋىدا بىر قىسىم قەدىردانلىرى ھالاك بولغان ئىنتىقامچى كۇردلار ئۇنى كۇردىستان تاغلىرىدا قورشاپ يوقاتقان. 1231 – يىلى ئۆكتەبىر جالالىددىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، موڭغۇللار بەش يىل ئارام تېپىپ، ئامۇ دەرياسى بويىدىكى غول كۈچىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئەۋەتىپ، 1236 – يىلى ئالتۇن خانلىقىنى يوقىتىپ، موڭغۇل خەلقىنىڭ يۈز يىللىق ئىنتىقامىنى ئالغان. ئاندىن شۇ يىلىلا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، 1237 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان باشچىلىقىدا تۇنجى قېتىملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. باتۇخان 1238 – يىلى قىپچاقلار بىلەن موسكۋا كىنەزلىكىنى، 1239 – يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنى، 1240 – يىلى كېيىۋ رۇس دۆلىتىنى، 1241 – يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپانى بويسۇندۇرۇپ، 1242 – يىلى غەربىي ياۋروپانىمۇ تولۇق ئىشغال قىلىش ئۈچۈن پولشاغا كىرىپ، جەنۇپتا ئىتالىيەنى، ئوتتۇرا يۆنىلىشتە گېرمانىيەنى ۋە غەربىي يۆنىلىشتە فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيەنى ئىشغال قىلماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز چوڭ قاغان ئۆگەدەي بىلەن مەركىزىي ئاسىيانى سوراۋاتقان چاغاتايخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن. ئارىلىق يىراق بولغاچقا، 1241 – يىلى 11 – دېكابىر ۋاپات بولغان ئۆگەدەي قاغاننىڭ ئۆلۈمى 1242 – يىلى ئاپرىلدا ئاران پولشا – گېرمان چېگرىسىدىكى باتۇخانغا يېتىپ كەلگەن. ئاقىۋەت گېرمانىيە ئامان قالغان.

باتۇخان ھازىرقى گېرمانىيەگە يېقىن كراكوۋ (پولشادا) دىن چېكىنىپ، قاغان سايلاش ئۈچۈن يىراق موڭغۇلىيەگە قايتقان. بىراق ئۆگەدەينىڭ خوتۇنى تۈركىنا خاتۇن نائىپ قاغان بولۇپ، تاكى 1246 – يىلى ئوغلى كۆيۈكخان چوڭ بولغىچە تەختنى ئىگىلەپ تۇرغان. بۇ ئارىدا گۆدەك كۈيۈكخان جەڭگىۋار نويانلىرىنى 2 – قېتىملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىپ، خارەزمشاھلارنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقىتىشقا بۇيرىغان. موڭغۇللار 1242 – يىلىلا كۆسەداغ ئۇرۇشى ئارقىلىق ئاناتولىيە سالجۇقلىرىنى قارام ئەلگە ئايلاندۇرۇپ بولغانىدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئۇدۇل باغداتقا يۈرۈش قىلىپ 1243 – يىلدىن 1246 – يىلغىچە نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپمۇ شەھەرنى ئالالمىغان. بۇ ھال موڭغۇل ئىمپىرىيىسى ئۈچۈن نومۇسلۇق ئىش دەپ قارالغان. بىراق كۆيۈكخان بۇ چاغدا تاغىسى باتۇخانغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغاچقا، موڭغۇللارنىڭ كەڭ كۆلەمدە غەرپكە يۈرۈش قىلىشى ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتكەن. كۆيۈكخان 1248 – يىلى باتۇخانغا قارشى يۈرۈش قىلىۋاتقىنىدا يول ئۈستىدە چۆچەكتە قازا قىلغان. قىزىق يېرى، ئۇنىڭ تەختىنىمۇ خوتۇنى ئوغۇل قايمىش ئىگىلەپ ياتقان. بۇ خوتۇننى باتۇخان 1251 – يىلى ئاغدۇرۇپ، قاغانلىقنى ئۆگەدەي جەمەتىنىڭ قولىدىن تولۇي جەمەتى قولىغا ئېلىپ بەرگەن. شۇڭلاشقا تولۇينىڭ تۆت ئوغلى مۆڭكۈخان، قۇبلايخان، ئارىق بۇقا ۋە ھىلاكۇلار ھەممىسى باتۇخاننى ئىنتايىن چوڭ بىلگەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top