13 – ئەسىردە ئۇنتۇلغان «تۈركان خاتۇن» – خارەزىم قىزى شەجەرىددۇر
سايرام ئوغلانى
1219 – يىلى چىڭگىزخان 200 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا قاراخانىلار ۋە قاراخىتايلاردىن كېيىن باش كۆتۈرگەن 3 – چوڭ دۆلەت خارەزىم خانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى.
1221 – يىلى بۇخارا قولدىن كەتتى. ئەڭ ئاخىرى 1224 – يىلى خارەزىم خانلىقى پۈتۈنلەي مۇنقەرز بولدى. يېڭىپايتەخت سەمەرقەند ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينىڭ پايتەختى، خارەزىم بوستانلىقىدىكى كونا پايتەخت ئۆرگەنچچوڭ ئوغلى جۇچىنىڭ پايتەختى قىلىپ ئايرىپ بېرىلدى. بىراق ئىككى ئوغۇل ئارىسىدىكى زىددىيەت تۈپەيلى،چىڭگىزخان ئوغلى چاغاتاينىڭ پايتەختىنى ئالمالىققا، يەنى ھازىرقى غۇلجا قورغاسقا كۆچۈرگۈزدى. جۇچىنىڭئوغلى باتۇخانمۇ پايتەختىنى يىراق كۈن پېتىشتىكى ئېدىل ۋە ئۇرال ۋادىسىغا كۆچۈردى.
خارەزىم خانلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ موڭغۇللارغا قارشى جەڭ قىلغان قەھرىمان ئوغلانلارنىڭ بەزىلىرى قىرىۋېتىلدى. بەزىلىرى ئەسىر ئېلىنىپ، كېينچە رىملىق ۋە مۇسۇلمان سودىگەرلەرگە ئەرزان باھادا سېتىۋېتىلدى.
1237 – يىلى جۇچىنىڭ ئوغلى باتۇخان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ، جەنۇبىي رۇسىيەنى ئىگىلەپ، غەرپكە يۈرۈش قىلدى. 1238 – يىلى ھەرقايسى رۇس كىنەزلىرىنى يوقىتىپ، 1239 – يىلى قىرىمنى ئالدى. 1240 – يىلىكىيېۋ رۇس خانلىقىنى يوقاتتى. 1241 – يىلى پولشا، چېخ، رۇمىنىيە، ۋېنگىرىيە ۋە سېربىيەلەرگە قەدەر ئىشغال قىلدى. ئەمما شۇ يىلى ئۆلگەن قاغان ئۆگەدەينىڭ خەۋىرى كېلىپ، يېڭى قاغان سايلاش ئۈچۈن، فرانسىيە بىلەن ئىتالىيىنى ئىشغال قىلىشتىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىپ، ھەر قايسى جايلاردا يېتەرلىك قوشۇن قالدۇرۇپ، 1242 – يىلى قاراقۇرۇمغا قايتىپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغان ئىنىسى بەركەخان بىر قىسىم ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى جەمەتى بىلەن قوشۇپ، قىرىمدا مۇسۇلمان سودىگەرلەرگە سېتىپ بەردى. بەركەنىڭ بۇ ياخشىلىقى ئوتتۇرا ئەسىردىكى موڭغۇللار ئىستىلاسى ۋە ئەھلى سەلپ ئىستىلاسىدىن قۇتۇلۇش كۈرىشىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى.
بۇ قېتىمقى «سودا باھانىسىدە سېتىلىپ، بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئىچىدە قىپچاقلىشىپكەتكەن ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان يەكچەشمە زاھىر بەيبارس بىلەن ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان «شەجەرىددۇر» مۇ بار ئىدى. چەۋەندازلاردىن كېلىپ چىققان زاھىر بايبارس خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان شەجەرىددۇر بىلەن بىللە ھازىرقى سۈرىيەدىكى ئەييۇبىلارغا سېتىلىدۇ. قولدىن قولغا سېتىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ھازىرقى دەمەشىقنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان نەجمىدىن سالىھ ئەييۇبىنىڭ قولىغا چۈشكەن.
نەجىمىدىن 1238 – يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى دەمەشىقنى ئىگىلەپ، 1239 – يىلى فېۋرالدا مىسىرغا ئەسكەر تارتىپ، ئەييۇبىلارنىڭ يەككە خاقانى بولماقچى بولغان. بىراق ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ نەسىھىتى بىلەن پەلەستىنگە كەلگەندە چېكىنىپ كەتكەن. ئەمما ئۇ يول ئۈستىدە تاغىسى ئىسمائىلنىڭ دەمەشىقنى تارتىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. نەجىمىدىن ئامالسىز قايتا ناپلىسقا چېكىنگەن. بىراق ئۇنىڭ قوشۇنى بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپلا چېچىلىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئاران نەچچە قوماندانلىرى ۋە 80 گە يېقىن قۇللىرى بىلەن قېپ قالغان سالىھ جىيەنى داۋۇتتىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. «كەرك» ھاكىمى داۋۇت ياردەم قىلغان قىياپەتتە ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇنى قولغا ئېلىپ، «كەرك» قەلئەسىدە (ئۆلۈك دېڭىزغا يېقىن جاي) تۇتقۇن قىلىپ قويغان.
ئەييۇبىلارنىڭ تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى شەرقتە موڭغۇللارنىڭ تەبرىزنى بازا قىلىپ 1230 – يىلدىن 1260 – يىلغىچە غەرپتىكى بىپايان غەربىي ئىسلام دۇنياسىغا تاجاۋۇز قىلىشىغا پۇرسەت بەرسە، ئەييۇبىلار بىلەن ئاناتولىيە سالجۇقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلار غەرپتە ئەھلى سەلپنىڭ قايتىدىن 1227 – يىلدىن1277 – يىلغىچە بولغان شەرققە يۈرۈش قىلىپ، قۇددۇسنى مەركەز قىلغان مۇستەملىكە رايون قۇرۇش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇرسەت بەرگەن. سالاھىددىن ئەييۇبى ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى تەخت تالاشلىرى نەتىجىسىدە قۇددۇسنى قايتا بېسىۋالغان ئەھلى سەلپ قوشۇنى 1239 – يىلى يازدا قۇددۇستا قەلئە سالغان. بۇئېنىقلا سابىق سۇلتان كامىل بىلەن 2 – فېرىدىرىك تۈزگەن كېلىشمىگە ئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىق ئىدى.
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئەييۇبىلارنىڭ غول قوشۇنىنى باشلاپ، 1239 – يىلى نويابىردا قۇددۇسقا يۈرۈش قىلغان. 21 كۈنلۈك قورشاپ ھۇجۇم قىلىشتىن كېيىن، 1239 – يىلى 7 – دېكابىر ئەھلى سەلپنى قوغلاپ چىقىرىپ، قۇددۇسنى يەنە بىر قېتىم قايتۇرۋالغان. بىراق ئۇنىڭ كۈچىيىپ كەتكىنىنى كۆرگەن تاغىسى، دەمەشىق ۋالىيسى ئىمادىددىن ئىسمائىل بىلەن مىسىردىكى سۇلتان ئادىل، داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان. داۋۇتمۇ قولىدىكى كوزىر نەجمىدىننى قويۇپ بېرىپ، سۇلتان ئادىل ۋە تاغىسى ئىسمائىل بىلەن قارشىلاشقان. ئادىل قېرىندىشى ئىسمائىل بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزى بىۋاستە ئەسكەر تارتقان. ئۇ تېخى مىسىر چېگرىسىدىن چىقمايلا، قوماندانلىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، سۇلتان ئادىلنى نەزەربەنت قىلىپ، دەرھال نەجمىدىنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، تېزرەك مىسىرغا كېلىپ، سەلتەنەتلىك ئەييۇبىلار تەختىگە ئولتۇرۇشىنى ئۆتۈنگەن.
1240 – يىلى 24 – ئاپرىل كەرك قەلئەسىدىكى تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلغان نەجىمىدىن سالىھ ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، دەرھال جىيەنى داۋۇت بىلەن كېچىلەپ يول يۈرۈپ، 1240 – يىلى 21 – ئىيۇن سۇلتان ئادىلنىڭ ھەربىي چېدىرىدا تەختكە چىققان. ئاندىن تېخىمۇ تېز يۈرۈش قىلىپ، ئەتىسى 22 – ئىيۇن قاھىرەگە يېتىپ كەلگەن. جىيەنى داۋۇتخان چېدىرىدىن ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان كەرەك قەلئەسىگە قايتىپ كەتكەن.
1240 – يىلى 22 – ئىيۇن نەجمىدىن سالىھ مەملۇكىيلار سۇلتانى بولدى. بىراق بۇنىڭغا ھەسەت قىلغان تۇزكور تاغىسى ئىسمائىل، بۇرۇن خىيانەت قىلىپ دەمەشىقنى تارتىۋالغان جىنايىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇپ «ئاۋۋال مۇشت كۆتۈردى». ئۇ نەجمىدىننى قويۇپ بېرىپ، تەختكە چىقىشىغا ياردەم بەرگەن ئارقا تېرىكى داۋۇتقا قارشى ئەھلى سەلپ بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. بۇنىڭ بەدىلىگە بوۋىسى سالاھىددىن فەتھى قىلغان بارلىق زېمىنلارنى ئۇلارغا قايتا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولغان. ئارقىدىنلا ھومۇسنىڭ ھاكىمى ئىبراھىممۇ بۇلارغا قوشۇلغان. ئىسمائىل ھەتتا سۈرىيە ۋە پەلەستىننىڭ ساھىللىرىنى ئەھلى سەلپكە تاپشۇرغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ دەمەشىققە كىرىپ ئەركىن قورال سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ قىلمىش خەلقنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ، شەيخۇلئىسلام ئىززىددىن ئابدۇسالام «ئەھلى سەلپكە قورال سېتىش ھارام!» دېگەن پەتىۋانى چىقىرىپ، دەمەشىق جامەسىدە ئىسمائىلنىڭ ئىسمىگە خۇتبە ئوقۇشنى مەنئى قىلغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئىسمائىل ئالىمنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. ئالىم مىسىرغا كەتكەن. سۇلتان نەجمىدىن سالىھ ئەييۇبى ئالىمنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئەمر ئىبنى ئاس جامىسىگە خاتىپ، مىسىرغا مۇپتى، قازى ۋە شەيخۇلئىسلام قىلىپ بەلگىلىگەن. بىراق سۇلتان نەجمىدىن داۋۇتقا ۋاختىدا يېتەرلىك ياردەم بېرەلمىگەچكە، داۋۇتمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. ھەتتا قۇددۇسنى ئەھلى سەلپكە قايتىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
1243 – يىلى ئەھلى سەلپ ئىتتىپاقداشلىرىدىن سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرى ۋە قۇددۇسنى تاپشۇرۇۋالغان. دەل شۇ يىلى ئۆگەدەيخاننىڭ موڭغۇل قوشۇنى ھازىرقى تۈركىيەگە، يەنى ئاناتولىيە سالجۇقىلىرىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، ئالائىددىن كەيقۇباتنىڭ ئوغلى غىياسىددىن كەيخۇسراۋنى ئېغىر مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ دۆلىتىنى تاكىسىۋاس ۋە قەيسەرىيەگە قەدەر ئىشغال قىلغان. كەيخۇسراۋ كونىستانتىنوپولغا قېچىپ كەتكەن. بۇلاردىن پەقەتموسۇل ۋالىيسى بەدرىددىنلا ئەھلى سەلپ بىلەن ئىتتىپاقلاشماي، موڭغۇللارغا ئەل بولغان. ھىلاكۇ 1258 – يىلى فېۋرالدا باغداتتا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ قىممەتلىك سوۋغاتلارنى ئېلىپ، ھىلاكۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سالامغا بارغان. ھەتتا ئەڭ ئېسىل بىر مۇنچاقنى ئۆز قولى بىلەن ھىلاكۇنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ، ئۆتكۈزۈپ قويغان. ئۇ 1259 – يىلى 31 – ئىيۇل ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى سالىھ ئىسمائىل ھىلاكۇغا كۈيئوغۇل بولغان. بىراق ئۇ ئەركە – نايناق بۇ قىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغاننى ئاز دەپ ئانچە -ئۇنچە «ئەدەپلەپ تۇرغاچقا»، ھىلاكۇ بىلەن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئۇ مىسىردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان. بىراق ھىلاكۇنىڭ تۇرشاۋۇل قىسمى ئۇنى چېكىنىشكە مەجبۇرلىغان. ئاقىۋەت ھىلاكۇ موسۇلنى ئون ئاي قورشاپ، ئاخىرىدا يالغان ئامانلىق بېرىپ، شەھەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن. بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە نەتىجىسىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان سۇلتان نەجمىدىن ئەييۇبى خوتۇنى شەجەرىددۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە چىقىش يولى تاپالماي تۇرغان جەڭگىۋار خارەزىم قالدۇقلىرىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر خارەزىم ئەسكەرلىرى ئەسلىدە 1221 – يىلدىن 1230 – يىلغىچە موڭغۇللارغا قارشى كۈرەش قىلغان خارەزىم شاھزادىسى سۇلتان جالالىدددىننىڭ غول قوشۇنى ئىدى. 1231 – يىلى ئۆكتەبىردە خارەزمشاھ جالالىددىن سالجۇقىلار سۇلتانى ئالائىددىن كەيقۇبات بىلەن ئەييۇبىلارنىڭ زەربىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قوشۇنى ۋە بالا – چاقىلىرى موڭغۇللار، ئەرمەنلەر، كۇردلار، سالجۇق بەگلىكلىرى، ئەييۇبىلار ۋە باغدات خەلىپىسىنىڭ ئارىسىدا قورشاۋدا بوغۇلۇپ ۋە قىسىلىپ قالغانىدى.
ھەيران قالارلىق يېرى، جالالىددىننىڭ سۈت ئېمىۋاتقان ئىككى ياشلىق كىچىك جىيەنى (سىڭلىسىنىڭ ئوغلى) سەيپىدىن قوتۇزمۇ دادىسى ۋە تاغىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن قولدىن – قولغا سېتىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى مىسىردىكى يۇرتلۇقلىرى بولغان خارەزملىك قۇللار ۋە يىراق تۇققىنى شەجەرىددۇر بىلەن جەم بولغان. مەزكۇر بوۋاق 1258 – 1260 – يىللاردا مىسىرغا سۇلتان بولۇپ، شۇ يىلى سېنتەبىر پەلەستىندە موڭغۇللارنى مەغلۇپ قىلىپ، چىڭگىزخاننىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغان ئۇلۇغ بوۋىسى ئالائىددىن مۇھەممەد، تاغىسى جالالىددىن مەنگۈبەردى ۋە دادىسىنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزغانىدى.
موڭغۇللارنىڭ قان ئىچەر قوشۇنغا قارشى
تەلەپكە بىنائەن خارەزم قوشۇنىدىن 10 مىڭ خىللانغان ئەسكەر، ھېسامىدىن بەركەخان قوماندانلىقىدا ھەيۋەت بىلەن فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بەئلەبەككە، غوتا ۋە دەمەشىققە ھۇجۇم قىلدى. خائىن ئىسمائىل شەھەرگە بېكىنىۋالدى. ئاندىن خارەزىم قوشۇنى چاخماق تېزلىكىدە جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، قۇددۇستىكى ئەھلى سەلپنىئېغىر چىقىمغا ئۇچرىتىپ، غەززەگە بارگاھ قۇردى. سۇلتان نەجمىدىن خۇشاللىق بىلەن ئۇلارغا ئات ۋە پۇلئەۋەتىپ، غەززەنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن. شۇنداقلا بايبارسنى قوماندان قىلىپ، سەرخىل قوشۇنى بىلەن خارەزم قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، دەمەشىققە ۋە ئەھلى سەلپكە قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن. بۇلارغا قارشى شامدىكى خائىن ئەييۇبىلار بىلەن ئەھلى سەلپ قوشۇنى غايەت زور قوشۇن بىلەن ئۇلارغا قارشى ئاتلانغان.
1244 – يىلى 17 – ئۆكتەبىر ئىككى تەرەپ غەززەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلغان. دۈشمەن ئۈچ سەپ بولۇپ، ئوڭ قانىتى ئەھلى سەلپ، سول قانىتى بىلەن مەركىزى سەپ خائىنلاردىن تۈزۈلگەنىدى. مىسىر قوشۇنى ئەھلى سەلپنى توسۇپ زەربە بېرىدىغان، خارەزم ئۇيغۇر قوشۇنى خائىنلارنى يوقىتىدىغان بولىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ داۋامى بولغان قەيسەر خارەزىم ئەسكەرلىرى بىر سائەت ئىچىدىلا شاملىق ئەييۇبى خائىنلارنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، ئاخىرقى يېرىم سائەتتە ئەھلى سەلپ قوشۇنىنى قورشاۋغا ئېلىپ بىتچىت قىلىدۇ. دۈشمەنلەردىن جەمئىي 30 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر ئۆلتۈرىلىدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن غەلىبە خەۋىرى قاھىرەگە يېتىپ كېلىدۇ.
خارەزم ئۇيغۇرلىرى (ئەينى چاغدا ئىدىقۇتنى مەركەز قىلغان بۇددىست ئۇيغۇرلار موڭغۇللار بىلەن ھەمكارلاشقان. قەشقەرنى مەركەز قىلغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئاساسەن بىتەرەپ تۇرغان. سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان غەربىيقاراخانىلاردىن كېلىپ چىققان خارەزم ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دۇنياسىغا ھامىيلىق قىلىپ، شەرقتە موڭغۇللار، غەرپتە ئەھلى سەلپكە قارشى ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. چىڭگىزخان بىلەن ئۇرۇشۇپ ھالاك بولغانخارەزىم شاھى ئالائىددىن مۇھەممەدنىڭ ئانىسى تۈركان خاتۇن دەل قاراخانىلارنىڭ مەلىكىسى ئىدى. شۇڭا خىتايلار ئىشلىگەن چىڭگىزخان ناملىق فىلىمدا بۇ دانا ئايال شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىلى بولغاچقا ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ئوبرازى قەستەن قاتتىق پەسلەشتۈرۈلگەن) يەنى ئاشۇ غەربىي ئۇيغۇر چەۋاندازلىرى بايبارس بىلەن بىللە غەلىبەسىرى ئىلگىرىلەپ، 1244 – يىلى 12 – نويابىر قۇددۇسنى ئاخىرقى قېتىمقايتۇرۋالغان. شۇندىن كېيىن تاكى 1917 – يىلى 9 – دېكابىر ئەنگلىيە بېسىۋالغۇچىلىك بولغان 700 يىلچە جەرياندا قۇددۇس قايتا قولدىن كەتمىگەن. ئەنگلىيە قۇددۇسنى خەلقئارا باشقۇرىدىغان شەھەر قىلىش تەكلىپى بەرگەن. بىراق 1948 – يىلى قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە، بۇ يەرنى 1967 – يىلى ئىشغال قىلىۋالغان. 2017 – يىلى 14 – ماي ترامپ قۇددۇسنى ئىسرائىل پايتەختى دەپ جاكارلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پېشانىسىگە قۇددۇس توغرىلىق يەنە نېمە ئىشلار پۈتۈلدى!؟ بۇنى ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بەلگىلەيدۇ! «ئەجداتلىرىمىز ئات چاپتۇرۇپ بارغان ھەر جايغا بىز ھەم بارىمىز!».
1245 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر خارەزم قوشۇنىنىڭ ھەيۋىسىدە دەمەشىق ئاخىرى قولغا كەلگەن. بىراق خارەزم قوشۇنى چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇلار قايتا ئىسيان كۆتۈرگەن. ئەمما بۇ قېتىم نەجمىدىن ئۆزى قوشۇن تارتىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، 1247 – يىلى 26 – مارت دەمەشىققە كىرىپ، قايتا تەرتىپ ئورناتقان.
1244 – يىلى 12 – نويابىردىكى ئېغىر ھەربىي مەغلۇبىيەت خۇددى 1187 – يىلى سالاھىددىن قۇددۇسنى قايتۇرۋالغاندىكى مەغلۇبىيەتتەك زور تەسىر قوزغاپ، 7 – قېتىملىق ئەھلى سەلپ ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان. 1245 – يىلى پاپانىڭ چاقىرىقى بىلەن ياۋروپا چەۋاندازلىرى قوشۇنى تەشكىللىنىپ، فرانسىيە پادىشاھى 9 – لۇئىسقوماندانلىقىدا 1248 – يىلى 25 – ئاۋغۇست فرانسىيىدىن كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇسقا قاراپ ئاتلانغان. ئۇيەردە يەنە بىر يىلدەك ئوبدان تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، 1249 – يىلى 5 – ئىيۇن شەنبە تاڭ سەھەردە مىسىرنىڭ «دۇميات ئۆلكىسى» دە تۇيۇقسىز قۇرۇقلۇققا چىققان. 1249 – يىلى ئاپرىلدا تېخىچە ھازىرقى سۈرىيەدە خائىن ئەييۇبىلارنى باستۇرۇۋاتقان سۇلتان نەجمىدىن بىرلا ۋاقىتتا مىسىردا نائىپلىق قىلىۋاتقان خاتۇنى شەجەدىددۇر** بىلەن ئىمپىراتور فېرىدېرىكنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋېلىپ، لۇئىسنىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. توسالغۇسىز ئىلگىرلەۋاتقان ئەھلى سەلپ قوشۇنى 1249 – يىلى 21 – نويابىر مەنسۇرەگە بېسىپ كىرىدۇ. بۇۋاقىتتا شەجەرىددۇر ئېرىگە ۋاكالىتەن چوڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. ئېغىر كېسەل تارتقان سۇلتاننەجمىدىن، ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، 22 – نويابىر تۇيۇقسىز ۋاپات بولىدۇ. داناخاتۇن دەرھال ئۈچ چوڭ قوماندانىنى چاقىرىپ، مەخپىي يىغىن ئېچىپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە سۇلتاننىڭ ۋاپاتىنى يوشۇرۇش توغرىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. خاتۇن ئېرى ئۆزىگە قالدۇرغان ئاق پەرمان قەغەزلىرىگە يارلىق يېزىپ، ۋاقىتلىق سۇلتان بولغان. بايبارس مەنسۇرەدە لۇئىسقا تۇزاق قۇرۇپ، ئۇتۇقلۇق ھالدا ئەھلى سەلپ قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان.
دانا ئايال پادىشاھ تېزدىن سۇلتاننىڭ چوڭ ئوغلى تۇرانشاھقا مەكتۇپ يوللاپ، دەرھال مىسىرغا كېلىپ، تەختكە چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئارىدا 1250 – يىلى 14 – فېۋرال يەنە بىر ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش بولغان. 17 – فېۋرالمىسىر قوشۇنى يەنە غەلىبە قىلغان. تۇرانشاھمۇ 27 – فېۋرال جەڭگاھقا يېتىپ كېلىپ، 28 – فېۋرال تەختكە چىققان. 1250 – يىلى 20 – ئاپرىل تۇرانشاھ ئەپچىل بىر تاكتىكا ئارقىلىق ئەھلى سەلپ قوشۇنىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، لۇئىسنى ئەسىر ئالغان. تۇرانشاھ ئۆگەي ئانىسى شەجەرىددۇر بىلەن ئۆزىنى تەختكە چىقىرىپ، دۈشمەندىن خالاس قىلغان قوماندانلارغا قوپال مۇئامىلە قىلغاننى ئاز دەپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغان. بۇنى سەزگەن شەجەرىددۇر پەلەستىنگە چىقىپ كەتكەن. نەتىجىدە مەملۇكىلار قوشۇنى قوماندانلىرى 1250 – يىلى 2 – ماي كۈندۈزدە تۇرانشاھنىڭ ھەربىي چېدىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. تۇرانشاھ ئۆزىنى سۇغا ئاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالالماي قانسىراپ ئۆلۈپ كەتكەن.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن مەملۇكىلار شەجەرىددۇرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى سۇلتان قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن سۇلتان لۇئىس بىلەن كېلىشم تۈزۈپ، 800 مىڭ دىنارغا قويۇپ بېرىدىغان، لۇئىسبۇنىڭ يېرىمىنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، قالغان يېرىمىنى سۈرىيەدىن كېتىشتىن بۇرۇن تۆلەيدىغان بولغان.
مەملۇكىلار خاتۇن سۇلتانغا بەيئەت قىلىپ، ئۇنى ئەييۇبىلار شاھى قىلىپ تىكلىگەن. قىسقىغىنا 84 كۈنلۈك ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە خاتۇن سۇلتان ئۆز نامىغا پۇل قۇيدۇرغان.
بىراق باغدات خەلىپىسى بىلەن شامدىكى ئەييۇبىلار ئۇنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىغان. ھەتتا خەلىپە: «ئەگەرھاكىمىيەت تۇتىدىغان ئەر كىشى قالمىغان بولسا، مىسىرغا باغداتتىن ئەر ئەۋەتىپ بېرەيلى!» دەپ بېسىم قىلغان.
تەخت ۋارىسى قىلاي دەپ تەييار قىلغان ئوغلى «خەلىل»* بولسا، 1250 – يىلى 6 – مايدا ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەچكە، ئۇ شۇ يىلى 6 – مايدىن 28 – ئىيۇلغىچە ئۈچ ئايغا يېقىن سۇلتان بولۇپ، ئىسلام تارىخدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ بولۇپ قالغان. گەرچە بىر قىسىم تارىخشۇناسلار دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ مەلىكىسى رازىيەنى تارىختىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ دەپ قارىسىمۇ، بىراق شەجەرىددۇر پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن تارىخىي شەخس بولۇشى سەۋەپلىك ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ بولۇشقا تېگىشلىك. رازىيە سۇلتان 1236 – يىلدىن 1240- يىلغىچە دېھلى سۇلتانلىقى نامىدا دەۋران سۈرگەن ھىندىستان ھۆكۈمدارى بولغانىكەن.
قىسقىغىنە ئۈچ ئايلىق ھۆكۈمرانلىق ھاياتىدا قەيسەر ئۇيغۇر مەلىكە ئۈچ چوڭ كۈچنىڭ قاتتىق قارشىلىقى، بېسىمى، تەھدىتى ۋە يولسىزلىقىغا دۇچ كەلگەن. بىرى مىسىردىكى داڭلىق ئۆلىما شەيخۇلئىسلام ئىززىددىن ئابدۇسالام باشچىلىقىدىكى دىنىي زاتلارنى ئاساس قىلغان ئۆكتىچىلەر ئەلرايى، يەنە بىرى تۇرانشاھنىڭ قىساسىنى ئالىمىز دەپ چۇقان كۆتۈرگەن سۈرىيە ئەييۇبىلار جەمەتى، ئەڭ ئاخىرقى چوڭ تەھدىت باغدات خەلىپىسى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى ئىدى. ئايال پادىشاھ يەنىلا يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن، تەختتىن ۋاز كېچىپ، ئىززىددىن ئايبېك دېگەن قوماندانىغا ئۆيلەندى.
1250 – يىلى 28 – ئىيۇل ئايبېك سۇلتان بولدى. يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئۆكتىچىلەر بېسىقىپ قالدى. بىراق ئايال پادىشاھ تېزلا ئېرىنى تىزگىنلەپ، خۇددى بۇرۇنقى قابىل ئاقساقاللارغا ئوخشاش پەردە ئارقىسىدىن ھاكىمىيەتنى باشقۇردى. بۈيۈك تارىخشۇناس «تەڭرى بەردى، خۇدابەردى» نىڭ ئېيتىشىچە: «مەزكۇر ئايال پادىشاھ ھەتتا ئېرىنىڭ بارلىق ھالەتلىرىنى تىزگىنلىگەن بولۇپ، ئېرى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز نە بىرئېغىز گەپ، نە ئۆزى چاغلاپ بىر ئىش قىلالمايتتى. باشقا خوتۇنلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى. ھەممە ئىش خانىم پادىشاھ تەرىپىدىن يۈرۈشتۈرۈلەتتى»…
خانىم پادىشاھ ئېرىنىڭ ياغاچ قۇلاق بەزى قوماندانلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن. بىراق خانىمنىڭ كۈچى ۋە تاكتىكىسى بىلەن بارلىق ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلىرىدىن خالاس بولغان قورچاق سۇلتان ئايبېك خانىم پادىشاھنىڭ قاتمۇ – قات ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. ئالدى بىلەن ئايبېك ھىلاكۇنىڭ قۇدىسى بولغان موسۇل ۋالىيسى بەدرىددىننىڭ قىزى بىلەن توي قىلماقچى بولغان. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن خانىم پادىشاھ ئېرىنى بىر ئاماللار بىلەن ئالداپ ئەكىلىپ،1257 – يىلى 11 – ئاپرىل سالاھىددىن قەلئەسىدە ئۆلتۈرۋەتكەن. ئەمما بۇ قېتىم ئېرىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئېرىنىڭ باشقا كۈندەش خوتۇنلىرى بىرلىشىپ، قەلئەدە خانىم پادىشاھنى تۇتقۇن قىلغان. ئاندىن كېيىن كېنىزەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قاتتىق ئۇرغۇزۇپ، ئۇنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان. ئۇلارنىڭ نەچچە كۈن توختىماي ئېغىر تاياق سېلىشى نەتىجىسىدە 1257 – يىلى 3 – ماي ئايال سۇلتان شەجەرىددۇر ئېغىر يارىلىنىپ قازا قىلغان.
داڭلىق مىسىرلىق تارىخشۇناس «تەڭرى بەردى ئوغلى» (1410 – 1470) خارەزىم قىزى شەجەرىددۇرغا مۇنداق باھا بېرىدۇ: «ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە ياخشى باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە قابىلىيەتلىك ئايال ئىدى. كىشىلەر قەلبىدە بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك ئورنى بار ئىدى. ياخشىلىق يوللىرىدا ئۇنىڭ ئىزلىرى قالدى. نامى تىللاردا داستان بولۇپ قالدى. ئۇ ئاياللار ئىچىدە كەم ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسى ئىدى ….».
باشقا مەملۇكىيلار تارىخچىلىرىمۇ ئايال پادىشاھنىڭ پائالىيەتلىرىگە مەدھىيەلەر ئوقۇپ كەلگەن. مۇشۇ مەدھىيەلەرلا بۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر سەركىسىنىڭ ئوبرازىنى بىلىشتە ھەقىقىي پاكىت ۋە ئىسپات بولالايدۇ.
شەجەرىددۇر سۇلتاننىڭ ھالقىلىق تارىخىي پەيتلەردىكى دانالىقى ۋە كەسكىنلىكى خۇددى ئىپارخانغا ئوخشىسا، مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى قاتتىق قوللۇقى ** ۋە قۇۋ دۈشمەنلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خۇددى ئەجدادى تۈركان خاتۇنغا ئوخشايدۇ.
ئىزاھاتلار:
1. تۈركان خاتۇن: مەلىكشاھنىڭ خاتۇنى تۈركان خاتۇن (1053 – 1094) غەربىي قاراخانىيلارنىڭ تۇنجى سۇلتانى ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ قىزى ئىدى. خارەزمشاھ ئالائىددىن مۇھەممەدنىڭ ئانىسى تۈركان خاتۇنمۇ قاراخانىلارنىڭ مەلىكىسى ئىدى. شەجەرىددۇر مانا شۇ جەمەتتىن قېپقالغان ئەڭ ئاخىرقى مەلىكە ئىدى.
2. شەجەرىددۇر: كېلىپ چىقىشى خارەزىم خان جەمەتىگە تەئەللۇق بولغان قىز شەجەرىددۇر سۇلتان نەجمىدىن تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان قۇل بولۇپ، سۇلتان نەجمىدىن 1239 – يىلى كەرك قەلئەسىدە نەزەربەنت قىلىنغاندا، شەجەرىددۇر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان. ئۇ 1240 – يىلى 22 – ئىيۇن مىسىردا سۇلتان بولغاندىن كېيىن، سۇلتان قەيەرگە ئەسكەر تارتسا، ئورنىغا خاتۇنى شەجەرىددۇرنى نائىپ قىلىپ قوياتتى. مۇشۇ دانالىق ئاخىرىدا مىسىرنىڭ 1249 – يىلىئەھلى سەلپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شەجەرىددۇر 7 – قېتىملىق ئەھلى سەلپ ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، لۇئىسنى ئەسىر ئالدى. لۇئىس ئۇنىڭدىن ساق قۇتۇلۇپ قايتىپ كېلىپ، خۇداغا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ھازىرقى بۈۋى مەريەم چېركاۋىنى سالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ جىيەنى سەيفىدىن قوتۇز 1260 – يىلى پەلەستىندە ھىلاكۇ قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇنىڭ يۇرتدىشى بايبارس 1262 – يىلدىن 1278 – يىلغىچە ھەم موڭغۇللار ھەم ئەھلى سەلپ ئۈستىدىن ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىسىرنى بازا قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنى ئىككى چوڭ بالا – قازادىن قۇتقۇزدى. «نۆۋەتتە مىللىتمىىز مۇشۇنداق ئەزىمەتلەرگە مۇھتاج بولۇپ زارلىماقتا!».
شەجەرىددۇر ۋاپاتىنىڭ 764 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياد ئېتىلدى ۋە ئەسلەندى. ئۆزىمىزگە ئىگە چىقىشقا باشلىدۇق. ئەرەبلەر بېقىۋالغان سەرخىللارمۇ ئاز ئەمەسكەن. ئەرەب قورچاقلىرى كۈچەيتكەن يۈز يىلدىن بۇيانقى تۈركىي توپلۇمغا بولغان دۈشمەنلىك سەۋەبىدىن ھە دېسە مىللىتى پارس ئىدى دەپلا بۇرمىلاپ تارىخ يېزىپ، ھاياتى ۋە تۆھپىسى ھەققىدە توختالمايلا ئۆتۈپ كەتكەن تالاي سەرخىللىرىمىزنى كۆردۇق. شۇڭلاشقا ئەمدى كۆكبۆرىنىڭ ئۆز كەچمىشىنى ئۆزى يازىدىغان ۋە تارىخىي شەخسلىرىگە ئىگە چىقىدىغان ۋاقتى كەلدى.
مەنبەلەر:
ئىسلام ئىنىسكلوپېدىيىسى
ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى
ئاناتولىيەدىكى دۆلەتلەر تارىخى
موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى
ئىلخانىيلار خانلىقى تارىخى
سۇلتانۇل ئۆلىما ئىزددىدىن ئابدۇسالام
ئەلبىدايە ۋەننىھايە
ئەلكامىل فىتتارىخ
تارىخى مەقرىزى
خۇدابەرداخۇننىڭ مەملۇكىيلار تارىخى
ئىبنى خەلدۇننىڭ مۇقەددىمىسى
مۇقەددىمە ئىبنى خەلكان
خارەزمشاھ دۆلىتى تارىخى
قاراخانىيلار، سالجۇقىيلار ۋە خارەزمشاھلارنىڭ تۇققاندارچىلىق ۋە قۇدىلىق مۇناسىۋىتى
ئاخىرقى دېڭىزغا يۈرۈش قىلىش
باتۇخان
تارىخىي رەشىدى
ئەھلى سەلپ ئۇرۇشلىرى قامۇسى
2021 – يىلى 3 – ماي دۈشەنبە.