You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ھەزرىتى ئەلى قەستكە ئۇچراشنىڭ ئالدى كەينىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە مۇسۇلمانلار

ھەزرىتى ئەلى قەستكە ئۇچراشنىڭ ئالدى كەينىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە مۇسۇلمانلار

سايرام ئوغلانى

كىرىش سۆز

ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك ۋە ئىبرەتلىك سەھىپىلىرى بولغان ئىز باسار تۆت خەلىپە دەۋرى بىزگە نىستەبەن خېلىلا تۇتۇق بىر تېما بولۇپ، تېخىچە بىزنىڭ ھەر قايسى ئامىللار ۋە ئۇنۋېرسال ئەھۋاللارنى چىقىشقىلىپ بۇ مەزگىلنى تونۇپ چىقىشىمىز ۋە شۇ ئاساستا ھازىرقى ئايىغى چىقماس پىتنە – پاساتلاردىن يىراقتۇرۇپ، ئۆز يولىمىزنى ۋە ئىشىمىزنى تېپىۋېلىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. چۈنكى ئەينى چاغدىكى ۋەقەلەر بۈگۈنمۇ تولۇق پايدىلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، بىز ئۈلگە قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان تالاي نۇقتىلار بولغاندىن سىرت، بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ماماتلىق كىرىزىسلارمۇ شۇ چاغدىكى ھالقىلىق كەسكىن كىرىزىسلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

ئىسلام تارىخىدىكى تۆت چوڭ ئىز باسار خەلىپە ھېساپلانغان تۆت ئۇلۇغ ساھابىنىڭ بىرى بولغان ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر 644 – يىلى 3 – نويابىر پارس مىللەتچىسى تەرىپىدىن بامدات نامىزىدا پىچاقلاپ شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمانمۇ 656 – يىلى 17 – ئىيۇن ئۆز ئۆيىدە توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن پىچاقلاپ قەتلى قىلىندى. ئاخىرقى ئىز باسار خەلىپە ئىمام ھەزرىتى ئەلىمۇ 661 – يىلى 26 – يانۋار تاڭ سەھەردە خاۋارىج (سىياسىي جەھەتتىن ھەربىي دېموكراتچى گۇرۇھ، ئىدىيە جەھەتتىن ئەڭ دۆت ۋەخەتەرلىك جاھالەت گۇرۇھى) ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن كۇفە مەسچىتىدە قەستلىنىپ، 28 – يانۋار قازا قىلدى. نەتىجىدە ئاۋام بىردەكلا 29 – يانۋار خەلىپىنىڭ 625 – يىلى پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاختىدا تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى ئىمام ھەسەننى بەشىنچى خەلىپە قىلىپ سايلىدى. بىراق ئىمام ھەسەن ئۇرۇش قىلمايلا، ئورنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تاللىدى. ئۇنىڭ بۇ قارارىغا 626 – يىلى 10 – يانۋار تۇغۇلغان ئىنىسى ئىمام ھۈسەيىن قاتتىق نارازى ئىدى. ئۇنداقتا ئىمام ھەسەن نېمە ئۈچۈن ئالتە ئايدىن كېيىنلا، ھاكىمىيەتنى تىنچلىق بىلەن ئەينى چاغدىكى ئەڭ چوڭ توپىلاڭچى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن؟ گەپنى يەنىلا ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەستكە ئۇچرىشىدىن، ھەتتا ھەزىرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

1. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەستكە ئۇچرىشى ۋە ئوغلى ئىمام ھەسەننىڭ خەلىپە بولۇشى

مىلادى 661 – يىلى 26 – يانۋار، ھىجىرىيە 40 – يىلى رامىزاننىڭ 19 – كۈنى ئەمدىلا مەسچىتكە كىرگەنھەزرىتى ئەلى بامدات ۋاختىدا كۇفە مەسچىتىدە يوشۇرۇنۇپ پۇرسەت كۈتكەن خاۋارىج ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن 40 كۈن زەھەرگە چىلاپ قويۇلغان زەھەرلىك خەنجەر بىلەن پىچاقلانغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى رامىزاننىڭ 21 – كۈنى زەھەر ۋە ئەجەللىك زەخمىلەر سەۋەبىدىن شېھىت بولغان. ئەتىسى رامىزاننىڭ 22 – كۈنى، يەنى 29 – يانۋار ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئىمام ھەسەن خەلىپە بولغان. بىراق ئۇ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى يالغۇز قويغىنىنى كۆرۈپ، يەنىمۇ بىھۇدە قان ئۆز ئارا تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى ئۇمەييەلەر جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى، بۇرۇنقى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوغلى، شۇ چاغدىكى توپىلاڭچى شام ۋالىيسى مۇئاۋىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ ئادىل سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان خەلىپىلىك تۈزۈم ئاتىدىن بالىغا مىراس بوپ قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان. 661 – يىلى يازدا باشلانغان بۇ ئەھۋال تاكى 1924 – يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى يىمىرىلگىچە داۋام قىلغان.

بىز ئالدى بىلەن يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن بۇرۇنقى ۋەقەلەر ۋە ھادىسسىلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى خوپ كۆردۇق.

2. ئىز باسار تۆت خەلىپىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەر

ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا ئەلەيھىسسالام (571 – 632) 22 يىللىق پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاماملاپ 632 – يىلى 8 – ئىيۇن دۈشەنبە باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىز سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ۋاكالىتەن نامازدا ئىمام بولۇپ ئىبادەتكە يېتەكچىلىك قىلغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىسىدىق (573 – 634) تۇنجى خەلىپە (پەيغەمبەرنىڭ ئىز باسارى) بولۇپ سايلانغان. بىراق ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەبىلىلەر دىندىن يېنىۋېلىشقا، ھەتتا پايتەخت مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ئىككى يىللىق سىياسىي ھاياتى ئاساسەن ئىچكىي جەھەتتىكى ھەر خىل توپىلاڭلارنى تىنجىتىش، تاشقىي جەھەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى جاھانگىر بولغان پارس ساسانىلار ئىمپىرىيىسى (226 – 651) بىلەن شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى (395 – 1453) گە قارشى ئۇرۇشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى خەلىپە 15 كۈن ئۇدا قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، 634 – يىلى 23 – ئاۋغۇست دۈشەنبە كەچ باقىي ئالەمگە سەپەر قىلدى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى دۆلەت قىل ئۈستىدە قالغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتى ھازىرقى ئىئوردانىيەدىكى يەرمۇك دەرياسى بويىدا ماماتلىق ئۇرۇشقا ھازىرلانغان 36 مىڭ جەڭچىگە باغلىق ئىدى. ئۇلارغا قارشى 240 مىڭ سەر خىل شەرقىي رىم قوشۇنى تۇراتتى. ياراملىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى سەپتە ئىدى. شۇڭلاشقا ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سايلام ئارقىلىق سايلاشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، ھەزرىتى ئۆمەرنى ئۆزىنىڭ خەلىپىسى قىلىپ تەيىنلەپ، بۇ ھەقتە ۋەسىيەت قىلىپ ۋاپات بولدى. ھەزرىتى ئۆمەر 24 – ئاۋغۇست خەلىپە بولۇپلا يەرمۇك ئۇرۇشىدا 4000 مىڭ شېھىت بەدىلىگە 70 مىڭ دۈشمەن ئەسكىرىنى يوقاتقان داڭلىق قوماندان خالىد ئىبىنىۋەلىدنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ھەزرىتى ئەبۇ ئۇبەيدەنى قويغان. ھەزرىتى خالىد گەرچە قولىدا ھەربىي ھوقۇق ۋە ئارمىيە بولسىمۇ، بىراق ئىسيان كۆتۈرمەي خەلىپىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۆزى ئاددىي ئەسكەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان .

ھەزرىتى ئۆمەر (584 – 644) ئىسلام تارىخىدا تەڭدىشى يوق دۇنياۋى سىياسەتچى ۋە دانا ھۆكۈمدار بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە قەدىمكى ئىككى جاھانگىر ئىمپىرىيەنىڭ بىرى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈپ، يەنە بىرى پەسكويغا چۈشكەن. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىكى ئىككى ئىمپىرىيەنىڭ ئۈچ ئەسىرگە سوزۇلغان ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن خەلىپىلىككە تەيىنلىنىپ، ئەتىسى مەرھۇم خەلىپىنى دەپنە قىلىپلا، ئالدىنقى سەپتىكى ئارمىيەنى قايتا تەرتىپكە سالغان. بۇ چاغدا يەرمۇك ئۇرۇشى** مۇسۇلمانلارنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

خەلىپە ئۆمەر فارۇقنىڭ دەۋرىدە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق، ساسانىلار تەۋەسى (ئىراق، ئەرمەنىيە، گىرۇزىيە ،ئەزەربەيجان، ئىران، داغىستان ۋە خۇراسان)، شەرقىي رىمغا قاراشلىق سۈرىيە، لىۋان ، پەلەستىن، ئىئوردانىيە ۋە مىسىر قاتارلىق جايلار مۇستەملىكە كۈچلەردىن ئازات قىلىنغان. تولىمۇ ئەپسۇس، 644 – يىلى 3 – نويابىر چارشەنبە سەھەر بامدات نامىزىغا ئىمام بولۇۋاتقاندا، بىرىنچى سەپتە تۇرغان ئىچىدىكى نىھاۋەندلىك قاتىل** فەيرۇز (تۆمۈرچى قۇل بولۇپ، ئەرەبچە ئىسمى ئەبۇ لۇئلۇئە ئىدى) تەرىپىدىن زەھەرلىك خەنجەر بىلەن ئۇدا ئالتە قېتىم پىچاقلانغان. مەسچىت ئىچى قاراڭغۇ بولغاچقا، جامائەت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەچكە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان بۇ سۇيقەستنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، قاتىل يەنە پىچاقشىلتىپ نەچچە ساھابىنى پىچاقلىغان. ئۇلاردىنمۇ يەتتە ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلار ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بوشقىنا ئىڭرىغىنىنى ئاڭلىغاندا ئاللىبۇرۇن كېچىككەنىدى. ھەر ھالدا ساھابە ھەزرىتى ئابدۇرراھمان ئەۋف سەللىسى بىلەن قاتىلنى بوغۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى خەنجەرگە قول ئۇزاتقان ھامان، قاتىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. خەلىپىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئابدۇرراھمان نامازنىڭ ئاخىرىنى ئۆزى ئىمام بولۇپ ئوقۇپ تۈگەتكەن. ئاندىن قانسىراپ كەتكەن ۋە يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش باشلانغان. قاتىل بۇ پاجىئەدىن سەل بۇرۇن ھەزرىتى ئۆمەرگە ئاشكارا تەھدىت سالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەزكۇر پارس قۇلغا قارىتا ھېچقانداق ئۆزىنى قوغداش تەدبىرى قوللانمىغان ئىدى.

ماھىر بىر تېۋىپ قانسىراپ كەتكەن ھەزرىتى ئۆمەرگە دورا ئىچۈرگەندە، دورا پىچاقلانغان جايلاردىن ئېقىپ چىقىپ كەتكەن. ئەينى چاغدا ئىلغار ئوپراتسىيە شارائىتى بولمىغاچقا، تېۋىپمۇ ھەزىرىتى ئۆمەرگە «ۋەسىيىتىڭنى قىلىۋالغىن» دېگەن. ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال خەلىپە بولۇشقا سالاھىيىتى تولۇق توشىدىغان ئالتە كىشىلىك سايلام گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئوغلىنى قەتئىي نامزات بولماسلىق شەرتى ئاستىدا، كۆزەتچىلىكە قويۇپ، تەڭ چىقىپ قالسا، بىر ئاۋاز بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كېچە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى يېڭى خەلىپىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلاپ چىققان. ئۇ دەل ھەزرىتى ئوسمان ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۈچ كۈن قاتتىق ئاغرىق ئازابى تارتىپ، 6 – نويابىر قازا قىلغان .

3. ئاخىرقى ئىككى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار ھەققىدە

ھەزرىتى ئوسمان (577 – 656) ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىنكى 3 – خەلىپە بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرگەن. بىراق ئۆزى قاتتىق ھايالىق، سەمىمىي ۋە يۇۋاش بولغاچقا، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت ئىچىدە ئېغىرمالىمانچىلىق چىقىپ، ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىمكانسىز ھالغا كېلىپ قالغان. ئاقىۋەت بۇ خىل بوشاڭلىقنىڭ بەدىلىنى كېيىنكى ۋە ئاخىرقى ئىز باسار خەلىپە ھەزرىتى ئەلى جېنى بىلەن ئۆتىگەن. توپىلاڭچىلار ھاجىلار سىياقىدا مەدىنىگە قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى قورشىۋالغان چاغلاردىمۇ ھەزرىتى ئوسمان ساھابىلەرگە قەتئىي قورال ئىشلەتمەسلىك بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، پاسسىپ ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. ئۇنى قوغدىغىلى كەلگەن ھەزرىتى ئىمان ھەسەن بىلەن ئىمام ھۈسەيىن باشلىق يىگىتلەرنىمۇ ئۆيىگە قايتۇرۇۋەتكەن. خەلىپىنىڭ باغرى يۇمشاقلىقىدىن خورىكى ئۆسۈپ كەتكەن توپىلاڭچىلار ئاخىرى 656 – يىلى 17 – ئىيۇن ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، خەلىپىنى چېپىپ تاشلىغان. ۋەزىيەت پۈتۈنلەي قولدىن چىقىپ كەتكەچكە، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئاۋام خەلق بارلىق ئېغىر مەسئۇلىيەتنى بىراقلا ھەزرىتى ئەلىگە ئارتىپ قويغان. توپىلاڭچىلارمۇ تېزدىن يېڭى خەلىپە سايلانمىسا، مەدىنىدىكى بارلىق ساھابىلەرنى قىرىپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان. چۈنكى شامدىن ھەزرىتى مۇئاۋىيەنىڭ مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى مەدىنىگە بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلگەنىدى.

ئاۋامنىڭ قاتتىق تەلىپى ۋە يالۋۇرۇشى بىلەن ھەزرىتى ئەلى يەنىمۇ قان تۆكۈلىشى ۋە بىر پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ نائىلاج ھەممە ئادەم قاچىدىغان زور يۈكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ، 599 – يىلى 17 – مارت تۇغۇلغان ھەزرىتى ئەلى 656 – يىلى 28 – ئىيۇن خەلىپە بولۇپ بەش يىلغا يېقىن ئەڭ قاتتىق بالا – قازالار ۋە دەرت – ئەلەملەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىنى ئەڭ ئىلغار ۋە تەقۋا مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان ئەڭ ئىپلاس ۋە ئازغۇن لەقۋالار قولىدا قەستلىنىپ قازا قىلغان. بۇ دەھشەتلىك سۇيقەست ھىجىرىيە 40 – يىلى رامىزاننىڭ 19 – كۈنى تاڭ ئاتار (661 – يىلى 6 – يانۋار) يۈز بەرگەن. ئاقىۋەت ئىسلام تارىخىدىكى پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە بولغىدەك ئىلغار سىياسىي تۈزۈم ئاخىرلىشىپ، ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈم قايتا تىرىلگەن. يۇقىرىقى تۆت خىل سايلام تۈزۈمى تېخى ساناقلىق تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك ئەللەردىلا ئەمەلىلەشمەكتە. باشقىلىرى ساپلا مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئەللەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

4. ئەينى چاغدىكى ئىسلامچە سايلام تۈزۈمى

ئىسلام تارىخىدا دۆلەت باشلىقى سايلاشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى بىزگە ئەبەدىي ئۈلگە بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە بۇ خىل ئەركىن ۋە ئادىل سايلام تۈزۈمى پەقەت تەرەققىي قىلغان بىر قىسىم غەرپ ئەللىرىدىلا باشقا نام بىلەن شۇ پېتى قوللىنىلىپ كېلىنمەكتە. ئەكسىچە ئاھالىسى تەرىپىدىن ئىسلام دۆلىتى دەپ قارىلىدىغان تۈرك – ئىسلام ئەللىرىدە تېخىچە شەكلى ئۆزگەرگەن، بىراق ماھىيىتى ئۆزگەرمىگەن مۇستەبىتلىك تۈزۈم داۋام قىلماقتا. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتايدا تېخىچە ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيانقى مۇتلەق نوپۇزلۇق دىكتاتورلۇق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇستەبىتلىككە تويۇنغان پادىشاھلىق تۈزۈم باشقا ماركىلار بىلەن ئىزچىل داۋام قىلماقتا. چۈنكى خىتايدا سايلام، ھۆرلۈك، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى پەقەتلا يوق. خىتاي سىياسىي پەلسەپىسىدە ھەممە ئاۋام – خەلق پادىشاھنىڭ مۈلكى، يەر – زېمىنمۇ پادىشاھنىڭ مۈلكى. ھۆكۈمران گۇرۇھ ئۇلارنى خالىغانچە بوزەك قىلىش ۋە يوقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بولغىنى ئۇنىڭ بۇ خىل يىرگىنىشلىك سىياسىي تۈزۈمى ئۇنىڭ تەسىرىدە قالغان ئاجىز ۋە قالاق تۈرك – ئىسلام ئەللىرىنىڭ تۈزۈلمىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئۇنداقتا بۇندىن 1390 يىل بۇرۇنقى ئىسلامچە سايلام تۈزۈمى قانداق ئىدى؟

1. مىللەت ۋەكىللىرى (پارلامېنت ئەزالىرى) ۋە غوللۇق سېناتورلار ياكى ئاقساقاللار كېڭىشى بىۋاستە سايلاش. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى شۇنداق سايلانغان.

2. ئۇرۇش دەۋرى ياكى دۆلەتنىڭ ماماتلىق پەيتلىرىدە دۆلەت باشلىقى ئۆزى بىۋاستە تەيىنلەش. ھەزرىتى ئۆمەر شۇنداق تاللانغان.

3. دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ئەرباپلىرى (كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ئاقساقاللار كېڭىشى) بىۋاستە سايلاش. ھەزرىتى ئوسمان شۇنداق سايلانغان.

4. ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىپ سايلاپ چىقىش. ھەزرىتى ئەلى شۇنداق سايلانغان.

ئەسلىدە ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز 632 – يىلى 8 – ئىيۇن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ساھابىلەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىز باسارى قىلىپ سايلىدى. 634 – يىلى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دۆلەتنىڭ جىددىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەزرىتى ئۆمەرنى ئۆزىگە ئىز باسار قىلىپ ۋەسىيەت قالدۇرغانىدى. 644 – يىلىھەزرىتى ئۆمەر بامدات نامىزىدا قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئالتە كىشىلىك ھەيئەت قۇرۇپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئېھتىيات ئۈچۈن نازارەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. نەتىجىدە ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە سايلانغان. 656 – يىلى ھەزرىتى ئوسمان ئۆيىدە توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، مەدىنە ئەھلى چوڭ ساھابىلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەزرىتى ئەلىنى زورلاپ خەلىپە قىلىپ سايلىغان. دۆلەت بۇنداق ئېغىر كىرىزىسكە پاتقاندا ھەر كىم بۇنداق زور مەسئۇلىيەتتىن قاچقانىدى.

657 – يىلى 26 – ئىيۇل خەلىپە ھەزرىتى ئەلى بىلەن ئىسيان كۆتۈرگەن كونا شام ۋالىيسى ھەزرىتى مۇئاۋىيە ئارىسىدا فىرات دەرياسى بويىدا سىففىن ئۇرۇشى باشلانغان. بۇ ئۇرۇش ئۇدا ئۈچ كۈن داۋام قىلىپ ، سۈلھى بىلەن ئاخىرلاشقان. بىراق ۋەزىيەت يەنە ئوڭشالمىغان.

661 – يىلى ھەزرىتى ئەلى كۇفە مەسچىتىدە شېھىت قىلىنىپ، يېڭى خەلىپە بولغان ئوغلى ئىمام ھەسەن ئالتە ئايدىن كېيىن ھەزرىتى مۇئاۋىيەنى چاقىرىپ، خەلىپىلىكنى ئۇنىڭغا شەرتلىك ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 680 – يىلىھەزرىتى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغان. بىراق ئەسلىدە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان خەلىپە دەل شۇ يىلدىن بېرى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئوغلى يەزىد دەۋرىدە قىسقىلا 3 يىل ئىچىدىلا زور تارىخىي خاتالىقلار سادىر بولدى. 683 – يىلى يەزىدمۇ بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتتى. ئاقىۋەت ئۇمەييەلەر سۇلالىسى (661 – 750) غايەت زور مالىمانچىلىققا پاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۇمەييەلەرگە قارشى چىقتى. نەتىجىدە ۋەزىر مەرۋان ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئوغلى بىلەن قىسقىلا 2 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا شەرقنى قايتا بىرلىككە كەلتۈردى. 685 – يىلى 11 – ئاپرىل بارلىق شام ئەھلى ئاشۇ مەرۋاننىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇمىلىككە بەيئەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنىڭ 5 – خەلىپىسى بولۇپ قالغان. نەتىجىدە ئۇمەييەلەر خەلىپىلىرى مەرۋان ئۇرۇقىدىن داۋاملاشتى. ئابدۇلمەلىكمۇ 705 – يىلى ۋاپات بولغىچە ئۇمەييەلەرنىڭ سەلتەنىتىنى قايتىدىن پۇختىلاپ، گۈللىنىش مەنزىرىسى پەيدا قىلدى. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاۋام يەنىلا ئىزچىل ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ كەلگەن ھەزرىتى ئەلى ۋە ھەزرىتى ئابباس جەمەتىنى قوللاشقا ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ، 750 – يىلى ئۇمەييەلەر سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ، ئابباسىيلار (750 – 1258) سەلتەنىتى تىكلەندى.

751 – يىلى 27 – ئىيۇلدىن 2 – ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلغان مەشھۇر تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ يۈز يىللىق ئاداۋىتى يۇيۇلۇپ، تۈركلەرنىڭ ئىسلاملىشىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى. 874 – يىلى ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان سامانىلار خانلىقى (874 – 999) قۇرۇلدى. 920 – 932 – يىللىرى قەشقەردىكى قاراخانىلار قاغانى ساتۇق بۇغراخانمۇ دۆلەت بويىچە ئىسلام دىنىغا كۆچتى. 999 – يىلى قاراخانىلار 125 يىللىق سامانىلار خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ، پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادىكى بوستانلىقلارغا ئىسلام دىنىنى تارقاتتى. كېيىنچە ئۇلارنىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپتە غەزنەۋىلەر ۋە غەربىي ئاسىيادا سالجۇقىلار مەيدانغا چىقىپ، شۇ جايلاردا ئىسلام دىنىنى تارقاتتى. شىمالىي ئاسىيادىكى قىپچاقلارمۇ ئىسلامغا كىرىپ، غەربىي سىبىرىيەدىن تاكى قىرىمغىچە بولغان جايلارنى ئىسلاملاشتۇردى. موڭغۇللار دەۋرىدە ئۇيغۇرلار يۇقىرىقى جايلارنىڭ ھەممىسىدە سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، ئۇ يەرلەرنىڭ كېيىنكى 500 يىللىق تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئايرىلماس ۋە ۋاز كېچىلمەس ھاياتلىق پەلسەپىسى ۋە ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندى.

قوشۇمچە مەزمۇن

ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

1. ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ھەزرىتى ئەلى 599 – يىلى ئەيىيازدا تۇغۇلغان بولۇپ، 11 يېشىدىلا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ رېكورت ياراتقان. ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ بۇتقا تازىم قىلىپ باقمىغان يىگىت 622 – يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل ئادا قىلىپ پىيادە ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە سالامەت يېتىپ كەلگەن. 624 – يىلى 13 – مارتتىكى بەدرى ئۇرۇشىدا دوئېلغا چۈشكەن ئۈچ ئەزىمەتنىڭ بىرى بولغان ھەزرىتى ئەلى شۇ يىلى مايدا ھەزرىتى فاتىمە بىلەن نىكاھلىنىپ، ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانىدى. 630 – يىلدىكى خەيبەر ئۇرۇشىدا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈپ، پۇختا قەلئەلەرنى ئۆزى بىۋاستە فەتھى قىلغان. ئۇ پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاختىدىكى بارچە ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەن. 656 – يىلى 28 – ئىيۇل ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئورنىغا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن خەلىپە بولغان. بىراق كېيىنكى بەش يىلدەك دەۋرىدە ئۇدا قاتتىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان.

مىلادى 661 – يىلى 26 – يانۋار، ھىجىرىيە 40 – يىلى رامىزاننىڭ 19 – كۈنى ئەمدىلا مەسچىتكە كىرگەن ھەزرىتى ئەلى بامدات ۋاختىدا كۇفە مەسچىتىدە يوشۇرۇنۇپ پۇرسەت كۈتكەن خاۋارىج ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن 40 كۈن زەھەرگە چىلاپ قويۇلغان زەھەرلىك خەنجەر بىلەن پىچاقلانغان. ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى رامىزاننىڭ 21 – كۈنى زەھەر ۋە ئەجەللىك زەخمىلەر سەۋەبىدىن شېھىت بولغان. ئورنىغا ئوغلى ئىمام ھەسەن خەلىپە بولغان. بىراق ئۇ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى يالغۇز قويغىنىنى كۆرۈپ، يەنىمۇ بىھۇدە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى ئۇمەييەلەر جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى، بۇرۇنقى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئوغلى، شۇ چاغدىكى توپىلاڭچى شام ۋالىيسى مۇئاۋىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ ھۆر ۋە ئادىل سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان خەلىپىلىك تۈزۈم ئاتىدىن بالىغا مىراس بوپقالىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان. 661 – يىلى يازدا باشلانغان بۇ نادىر ئەھۋال تاكى 1924 – يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى يىمىرىلگىچە داۋام قىلغان.

2. قەيسەر ۋە جەسۇر ئايالى ھەزرىتى فاتىمە

ھەزرىتى پاتىمە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەزرىتى خەدىچەدىن 604 – يىلى 27 – ئىيۇل تۇغۇلغان كىچىك قىزى بولۇپ، 624 – يىلى مايدا ھەزرىتى ئەلى بىلەن نىكاھلانغانىدى. ئىككى ئىمامنىڭ ئانىسى ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ جەمەتى ۋە ئۇرۇق – ئەۋلادى ئاساسلىقى مۇشۇ ئىككى ئىمامدىن تارقىلىپ كۆپەيگەن ئىدى. سەككىز يىللىق ئائىلە تۇرمۇشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ سۈيۈملۈك ئاتىسى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز 632 – يىلى 8 – ئىيۇن ۋاپات بولدى. ھەزرىتى فاتىمە شۇ كۈندىن باشلاپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىپ، ئاخىرى 632 – يىلى 28 -ئاۋغۇست 28 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ تولىمۇ جەسۇر ۋە قەيسەر قىز بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى بىر ۋەقەلىكتىن، ھەمدە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى كۆرسەتكەن باھادىرلىقلاردىن تولۇق كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

615 – يىلنىڭ بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل يېڭى سويۇلغان تۆگىنىڭ ئىچ – باغرى ۋە ئۈچەي – قېرىنلىرىنى كەبە يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقان پەيغەمبىرىمىز رۇكۇغا ئېگىلگەن پەيتتە ئۈستىگە ئارتىپ قويىدۇ. بۇنى كۆرگەن ھېچبىر ساھابە نىجاسەتنى ئېلىپ تاشلاشقا دەررۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ نەرسىلەر بەك ئېغىر بولغاچقا پەيغەمبىرىمىز شۇھالىتىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. ئاخىرى كىچىك قىزى ھەزرىتى پاتىمە يۈگۈرۈپ كېلىپ، زور جاسارەت ۋە كۈچ بىلەن مىڭ تەستە نىجاسەتنى ئېلىپ تاشلاپ، ئارقىدىن تاماشا كۆرۈۋاتقان قۇرەيش مۇشرىكلىرىنى، بولۇپمۇ جاھالەتنىڭ پىرى ئەبۇ جەھىلنى قاتتىق رەسۋا قىلىدۇ. 11 ياشلىق كىچىك قىزنىڭ قەيسەرلىكىدىن ۋە ئۆزىنى رەسۋا قىلغىنىدىن ھەيران قېلىپ، رەسۋا بولۇپ تاتىرىپ كەتكەن ئەبۇ جەھىل نامەردلىك بىلەن بۇ نازۇك غۇنچىگە قول كۆتۈرىدۇ. ئەمما سەل ۋىجدانى بار، خىجىل بولغان بىر قىسىم ئىنساپلىق مەككە مۇشرىكلىرى ئۇنى توسۇپ قېلىپ، كىچىك قىزدىن ئەبۇ جەھىلنىڭ ئورنىدا كەچۈرۈم سورايدۇ.

3. چوڭ ئوغلى ئىمام ھەسەن

مىلادى 625 – يىلى 28 – فېۋرال (ھىجىرىيە 3 – يىلى رامىزاننىڭ 15 – كۈنى) ئىمام ھەسەن تۇغۇلغان. ئىمام ھەسەن ھەزرىتى ئەلى بىلەن ھەزرىتى پاتىمەدىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغۇل بولۇپ، ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. ئۇ 661 – يىلنىڭ بېشىدا دادىسى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن خەلىپە بولغان. بىراق ئۆزئارا قايتا قان تۆكۈلۈشنى خالىماي، ئالتە ئايدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيانغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

«ھەسەن ۋە ھۈسەيىن جەننەت يىگىتلىرىنىڭ باشلامچىسى ۋە سەركىسىدۇر». – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.

4. جەننەت ئەھلىنىڭ سەركىسى ئىمام ھۈسەيىن

مىلادى 624 – يىلى مايدىكى چوڭ بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئامراق قىزى، ئەڭ ئامراق ئاسراندى ئوغلى ۋە جىيەنى ھەزرىتى ئەلىگە ياتلىق بولدى. 625 – يىلى ئۇلاردىن ئىمام ھەسەن تۇغۇلدى. 626 – يىلى 10 – يانۋار يەنە بىر ئوغلى ئىمام ھۈسەيىن تۇغۇلدى.

661 – يىلى ھەزرىتى ئەلى قەستلەنگەندىن كېيىن، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۇمەييەلەر جەمەتى تىزگىنلىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى 680 – يىلدىن باشلاپ چىرىكلىشىپ ۋە كۈنسىرى لاياقەت ۋە سالاھىيىتىنى يوقاتقاچقا، ھەزرىتى ھۈسەيىن مۇستەبىت ۋە زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى تۇغ كۆتۈرۈپ چىقتى. ئاقىۋەت 680 – يىلى 14 – ئۆكتەبىر كۈنى ھازىرقى ئىراقنىڭ كەربالا چۆلىدە ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ داغ «كەربالا ۋەقەسى» يۈز بەردى. ئىمام ھۈسەيىن شۇ كۈنكى ئۇرۇشتا يۈزگە يېقىن يىگىتى بىلەن 4000 مۇنتىزىم قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلىپ، مەرتلەرچە شېھىت بولدى. ئۇنىڭ ھەققانىيەت ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن تىز پۈكمەس روھى تارىختىن بۇيانقى بارلىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ شېرىن چۈشىنى بۇزۇپ كەلدى.

ھىجىرىيە كالېندارى بويىچە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ 1402 يىللىقى، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 1360 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە تەييارلاندى.

2021 – يىلى 3 – ماي. دۈشەنبە

1442 – يىلى رامىزاننىڭ 21 – كۈنى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top