You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » جاڭ جىجۇڭ: مەدەنىيەت، تەشۋىقات ۋە مائارىپ خىزمىتى ھەققىدە تەكلىپ

جاڭ جىجۇڭ: مەدەنىيەت، تەشۋىقات ۋە مائارىپ خىزمىتى ھەققىدە تەكلىپ

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1947-يىلى مارتتا جاڭ جىجۇڭ تەرىپىدىن جياڭ جېشىغا يوللانغان «شىنجاڭ مەسىلەسى ھەققىدە تەپسىلىي تەكلىپلىرىم» ناملىق دوكلاتنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە تەشۋىقات خىزمەتىگە مۇناسىۋەتلىك 6-تەكلىپىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى. مەزكۇر تەكلىپتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە بىتىمدىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئىجرائاتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيالىي ياشلارنىڭ مىللىي ھېسىيات ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراش ۋە مايىللىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ساھەلەردە ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تارىخقا نەزەر سالساق، جاڭ جىجۇڭنىڭ بۇ تەكلىپىدە تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن «خىزمەت» لەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاستە ۋە ياكى گومىنداڭغا مايىل كىشىلەر تەرىپىدىن ۋاستىلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. «غەربىي-شىمال مەدەنىي قۇرۇلۇش جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى -«سانايى نەفىسە» نىڭ تەشكىللىنىشى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكەلىرىدە ئويۇن قويۇشى، قۇيۇق خىتاي تەشۋىقاتى تۈسىنى ئالغان دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تەشۋىقات يەر ئالىدىغان گېزىت-ژورناللارنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەزكۇر تەكلىپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولمىسا كېرەك. مەزكۇر تەكلىپتە خىتاي تەرەپ گەرچە ياش ئۇيغۇر زىيالىيلارىنى «ئىچكىرىگە مايىل» ۋە «ئايرىلىش تەرەپدارى» دەپ ئايرىغان بولسىمۇ، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى مەيدانىنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 


خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيەتى 1947-يىلى تۈزگەن ئەدەبىيات دەرسلىكى «ئوقۇما كىتابى»دىن بىر دەرس

ئالتىنچى، مەدەنىي قۇرۇلۇش مەسىلەسى توغرىسىدا

خەلقنىڭ قەلبىدە ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئويغىتىش ئۈچۈن مەدەنىي قۇرۇلۇش روھىي جەھەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر مەمۇرىي مەھكىمە قاتارلىقلار مەدەنىي مۇلازىمەت ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇلارغا مەخسۇس ۋەزىپە يۈكلىدى ۋە ئەمەلىي خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىدى. بۇ تۈردىكى مەدەنىي مۇلازىمەتلەر كىتاب ۋە ژورناللارنى تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش، فىلىم ئىشلەش ۋە فىلىم قويۇش ئەترىتى قۇرۇش، (خىتاي، ئۇيغۇر، موڭغۇل، روس قاتارلىق ھەر خىل تىللاردا) باسماخانا قۇرۇش، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە درامما-تىياتىر ئۆمىكى قۇرۇش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن ئۇيۇشمالىرىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكەلەرگە بېرىپ ئوقۇشىغا ۋە باشقا تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرگە كېتىدىغان مەبلەغ ۋە خىراجەت تولىمۇ زور بولۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد ئاجرىتىشىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز.

غەربىي شىمال مەدەنىي قۇرۇلۇش جەمىيىتى نەشىر قىلغان «تىيانشان (تەڭرىتاغ) مەجمۇئەسى»

چۈشەندۈرۈش:
بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت پىسخىكالىق جەھەتتىن شىنجاڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس مۇناسىۋەتىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت خىزمىتى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئاساسلىق خىزمەتتۇر. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان زىيالىيلاردىن كۈچلۈك مىللىي ھېس-تۇيغۇسى بولمىغان كىشىلەر يوق بولسىمۇ، ئۇلارنى چەتئەلگە ئېغىپ كەتكەنلەر ۋە ئىچكىرىگە مايىللار دەپ ئايرىش مۇمكىن. لېكىن مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش جەھەتتە بۇ ئىككى تەرەپ بىردەك. بولۇپمۇ قارشى تەرەپ ئىزچىل ھالدا مىللىي ھەرىكەتنى شىنجاڭنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر قورالى قىلىش ئىشلىتىپ كەلگەنلىكتىن، ئەلۋەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھېسلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنداقلا ئاسسىمىلاتسىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە خىتايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ.

ئىلى تەرەپنىڭ تېنچلىق سۆھبەتى جەريانىدا قويغان شەرتلەر ئىچىدە ھەر دەرىجەلىك مەكتەپلەردە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش، ھەر دەرىجەلىك مەمۇرىي ئورگانلاردا ئۇيغۇر تىلى بىلەن دۆلەت تىلىنى تەڭ قوللىنىش قاتارلىقلاردا چىڭ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، ئەمەلىيەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەتىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيەسىگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن بولغان. شۇنداقلا ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت قايتا تەشكىللەنگەندە ئىلى تەرەپ ئەڭ ئاۋۋال مائارىپ نازىرى ۋەزىپەسىگە ئىلى تەرەپنىڭ كادىر تەۋسىيە قىلىپ تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. مائارىپ نازىرى ۋەزىپەگە ئولتۇرغاندىن كېيىن دەرھال جىددىي قول سېلىپ ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى (بولۇپمۇ تارىخ ۋە جۇغراپىيە دەرسلىكلىرىنى) ئۆزگەرتىشكە كىرىشتى، ھەتتا ئىلى تەرەپنىڭ ۋەقە مەزگىلىدە تۈزۈپ تارقاتقان دەرسلىكلىرىنى پۈتۈن ئۆلكە مەكتەپلىرىدە ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى. ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق سىياسىي پروگراممادا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مائارىپ ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، قاتتىق كونترول قىلىپ تۈزەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى. لېكىن تېخىچە ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مەخپىي ھالدا ھەر قايسى دەرسلىكلەرگە مىللىي زىدىيەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كىرگۈزىۋەتكەنلەر مەۋجۇت. بۇنىڭدىن كۆزلىگەن مەقسەت ئۇزۇن مەزگىللىكتۇر. بۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ يوليورۇق بېرىپ قۇترىتىۋاتقانلار بار. بۇندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكەسىنىڭ مەدەنىيەت خىزمەتلىرىنىڭ مۈشكۈللىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە مىنگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ياڭ زىڭشىن ۋە جىن شۇرىن قاتارلىقلار دەۋرىدىكى خەلقنى نادانلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى چەتئەلگە ئېغىپ كەتكەن سىياسەتلەر تۈپەيلى، شىنجاڭنىڭ مائارىپىدا ئەزەلدىن ھەر قايسى مىللەتلەرگە دۆلەت كۆز قارىشى سىڭدۈرۈلۈپ باقمىغان. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ياش كادىرلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەل مەدەنىيەتىگە مەستخۇش بولۇپ، ۋەتەننى كۆزگە ئىلمايلا قالماستىن بەلكى يىرگىنىدۇ. شۇنداقلا ۋەتەندىن ئايرىلىش خائىشى بار. بۇ بىر نەسىل غۇلجا ۋەقەسىدىن بۇيان مىللىي ھەرىكەتنىڭ مەركەزىي كۈچلىرىگە ئايلاندى. ھازىرمۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەر جايلاردا ئوچۇق-ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان» مۇستەقىللىق ھەرىكەتىنىڭ تەشۋىقات ۋە تەشكىللەش خىزمەتلىرى ئەسلى بۇ خىلدىكى ياش زىيالىيلارنى يادرو قىلغان. مىللىي ھەرىكەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە بۇ خىل ھېسىياتنىڭ ھەر قايسى تەبىقەلەردە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىدەك يۈزلىنىش يوشۇرۇن كۆزگە چېلىقىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئىچكىرىگە مايىل زاتلارنىڭ ھەممىسىگە «خىتاينىڭ غالچىسى»، «مىللىي مۇناپىق» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، خەلق ئامماسىنىڭ ھېسىداشلىقىدىن قۇرۇق قالىدىغان بولۇپ، قارشىلىق قىلىشقا مادارى ياكى جۈرئىتى يوق. مانا بۇ ھازىرقى سىياسەتتە ئەڭ چوڭ كىرىزىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيەتىنىڭ تەشۋىقات يىغىنلىرىدىن بىرى

بۇنىڭدىن قالسا شىنجاڭ ئۆلكەسىدە مەدەنىي تەشۋىقات خىزمەتى جەھەتتە خىتايلاردا تۇغما كەمچىلىك بار. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى ۋە دىنىي ئېتىقادى خىتايلار بىلەن تەبىئىي ھالدا توسۇق شەكىللەندۈرگەن. بۇندىن بۇرۇنقى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مەدەنىيەت تەشۋىقاتىدە بولسۇن خىتاي تىلى ۋە يېزىقى ئاساس قىلىنغان. بۇندىن بۇرۇن ھېچقاچان ئالاھىدە ئوبېكىتلارغا ماسلىشىشقا دىققەت قىلىنمىغان. ھەممە ئەمەللەر بوشقا كەتكەن. پەقەتلا سۈركىلىش جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەردىن چىققان زىيالىي ياشلار ئىشلىتىلگەن. ئىچكىرىگە مايىللاردىن مەدەنىيەت فرونتى قۇرۇپ چىقىپ، ئايرىلىش تەرەپدارلىرىغا قارشى سېلىش بىردەمدىلا مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كېيىن مەدەنىيەت خىزمەتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدا توسالغۇلارنىڭ بولۇشى ئېنىق.

بۇندىن باشقا ئويلىشىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا سوۋېت تەرەپنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت خىزمەتىگە بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسى. شىڭ شىسەي مەزگىلىدىكى قارىغۇلارچە سوۋېتكە يېقىنلىشىش سىياسەتى نەتىجەسىدە شىنجاڭ ئۆلكەسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى مەدەنىيەتىنى خىتايغا قارىغاندا ئىلغار دەپ قارىغان. ئاساسەن شۇنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسى ناھايىتى پۇختا. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ھەر خىل مەدەنىي قۇرۇلۇشلار ۋە كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي ساقلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان چارە-تەدبىرلەر خەلقنى بۇنىڭغا ئىنتىلدۈرگەن. ھېلىھەم سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتقان كىتاب ۋە گېزىت-ژورناللار، شۇنداقلا سۈرەتكە ئالغان كىنو-فىلىملەر توختىماستىن شىنجاڭغا كىرىپ تۇرماقتا. ئەمما بىز تەرەپتىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلەنگەن ھېچقانداق بىر خىزمەت يوق. ئارىلاپ-ئارىلاپ تارقىتىلغان بىر-ئىككى پارچە كىتاب ۋە كىنولار بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا. ھەتتا بۇلارمۇ ئاساسەن خىتاي تىلىدا تارقىتىلغان بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرگە نىسبەتەن ھېچبىر تەسىرى يوق. بۈگۈنكى شىنجاڭدا گەرچە يۇقىرى تەبىقە كىشىلەر باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەلىك ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ كېتەلمەستىن، قوشنا دۆلەتنىڭ ۋەھشىي ئەپتى-بەشىرەسىگە نىسبەتەن تولىمۇ قورقۇنچ ئىچىدە بولسىمۇ، بىر قىسىم ياش زىيالىيلار مەلۇم تەرەپكە (سوۋېت ئىتىپاقىغا) نىسبەتەن مەپتۇنلۇق ۋە ھېرىسمەنلىك ئىچىدە تۇرماقتا. شۇنداقلا ۋەتەنگە نىسبەتەن بولسا كەمسىتىش ۋە ياتلىشىش ھېسىياتىدا بولۇپ، مەلۇم تەرەپنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈپ، يات دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشى بولغانلىقىدىن پەخرلەنمەكتە. بۇ ئىككى خىل كىشىلەرنى بىر يەرگە ئەكەلگەندە كىمنىڭ ئۈستۈن كېلىدىغانلىقى ۋە يېڭىش-يېڭىلىش ناھايىتى ئايدىڭ. شۇڭا شىنجاڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات خىزمەتى شۇنچىلىك مۇھىم ۋە شۇنچىلىك مۈشكۈل. بىز ئەمەلىيەتكە قاراپلا مەيۈسلىنىپ قالماستىن، پۈتۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن جىددىي ھالدا ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك.

– جاڭ جىجۇڭ

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى


مۇناسىۋەتلىك ھۈججەت ۋە سۈرەتلەر:

سانايى نەفىسە سەنئەتچىلىرى نەنجىڭ سەھنىسىدە

سانايى نەفىسە ئەزالىرىدىن قەمبەرخانىم قاتارلىقلار نەنجىڭدە سۇڭ مېيلىڭ بىلەن بىرگە

مەسئۇد سابىرى بايقوزىنىڭ «ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت تەشۋىقات ھەيئىتى» قۇرۇش ھەققىدە خىتاي مەمۇرىي مەھكىمەسى (پالاتاسى)غا يوللىغان ئۇيغۇرچە تېلىگرامماسى

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەسلى نۇسخاسىدىن بىر نەچچە بەت:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top