You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بايرىمى: 5-ماي بالىلار بايرىمى!

ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بايرىمى: 5-ماي بالىلار بايرىمى!

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىدىكى تېخى ئومۇملىشىشقا ئۈلگىرەلمىگەن ئەڭ يېڭى بايرىمى – يەنى دوپپا بايرىمىنى ھەر خىل، رەڭدار، بىر-بىرىدىن گۈزەل، نەپىس، جەلپ قىلارلىق دوپپىلىرىنى كىيىپ چىرايلىرىدىن شاد-خۇراملىق كۈلكىلىرىنى ياغدۇرۇپ، خۇددى ئۆز رېئاللىقىدا ھېچنېمە بولمىغاندەك ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدىكى يەنە بىر بايرىمى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بېكىتىپ تاكى خىتاي كومپارتىيەسى ئىشغالىيىتىگىچە ئۆتكۈزگەن بايرىمىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرمىگەن بولسا كېرەك.

5-ئاينىڭ 5- كۈنى تارىخىمىزدىكى ئاخىرقى مۇستەقىل دۆلىتىمىز، يەنى ئاي يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقىلىق مۇستەقىل دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بالىلار بايرىمىدۇر! بۇ بايرام شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «12-نويابىر ئىنقىلابى»، يەنى دۆلەت بايرىمى، «8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان ئارمىيە بايرىمى» قاتارلىرىدا بىردەك بەلگىلەنگەن 5-ماي بالىلار بايرىمى كۈنى ئىدى.

مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەيئىتى 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 113-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، جۇمھۇرىەت قۇرۇلغان 12-نويابىر كۈنىنى ئىنقىلاب بايرىمى، يەنى دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، شۇنىڭدەك ئارقىدىن 8-ئاپرېل كۈنىنى ئارمىيە بايرىمى كۈنى قىلىپ قارارلاشتۇرغانىدى.

5-ماي بالىلار بايرىمى كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان ئۈچ ۋىلايەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلمىغانىدى. تارىخىي شاھىتلىرىڭ قەيت قىلىشىچە، 1949-يىلى 5-ماي كۈنى بۇ بايرام بىرىنچى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت بالىلارنىڭ مىللەتنىڭ كېلەچىكى، ئۈمىدى ۋە ئۇلار بەختىيار ياشىشى شۇنىڭدەك ئەركىنلىك بەھرىمەن بولۇشى كېرەك دېگەن ئىدىيە بىلەن بالىلار بايرىمىنى بېكىتكەنىدى. 5-ماي بالىلار بايرىمى 1948-يىلى 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولغان سىياسىي-ئاممىۋى تەشكىلات «ئىتتىپاق» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى رەئىسلىكىدىكى «ئىتتىپاق» تەشكىلىي ھەيئىتى تەرىپىدىن رەسمىيلەشتۈرۈلگەن ۋە قارارلاشتۇرۇلغانىدى.

تارىخىي شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، 12-نويابىر ئىنقىلابىي بايرىمى، يەنى دۆلەت بايرىمى كۈنى پۈتۈن ئىدارە-جەمئىيەتلەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، مەكتەپ بالىلىرى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يېڭى كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى ئوينىتىپ بايراملىق كەيپىياتىغا چۆمدۈرەتتى. غۇلجا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلاتتى. كوچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرى ئېسىلىپ، شەھەر بايرام كەيپىياتىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەكتەپلەردىكى پائالىيەتلەردە بايراقلار ئېسىلاتتى. بالىلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا كىچىك بايراقچىلارنى كۆتۈرگەن ئاجايىپ يۇقىرى كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى. 5-ماي بالىلار بايرىمىدىمۇ ئەنە شۇنداق كەيپىياتنىڭ داۋاملىشىشى بەلگىلەنگەنىدى.

1950-يىلىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان بۇ بايراملارنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەندە 5-ماي بالىلار بايرىمىمۇ بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەندى.

1949-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا يىغىن ئېچىپ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايرام گىتلېر فاشىزمىنىڭ بالىلارنىمۇ قىرغىن قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن ھەم مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1-ئىيۇن كۈنىنى بالىلار بايرىمى قىلىپ بولغاندىن كېيىن،خىتاي 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 1 -ئىيۇن بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى ۋە 1950-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى 1-قېتىملىق بايرىمىنى ئۆتكۈزدى. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 3 ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ماي بالىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزمەسلىك بەلگىلىنىپ، كىشىلەر خۇددى 12 -نويابىر بايرىمىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇر بولغاندەك بۇ كۈننىمۇ بارا-بارا ئۇنتۇپ كەتكەنىدى.

5-ماي بالىلار بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12-نويابىر ، 8-ئاپرېل بايراملىرى ھەم يەنە باشقا بايراملارنى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى قېزىش ئارقىلىق يەنىمۇ تەتقىق قىلىش كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى، يەنى 12-نويابىر ئىنقىلابى بايرىمى 5 قېتىم، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى بايرىمى 5 قېتىم، 5 -ماي بالىلار بايرىمى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.

ئەمما بۇلار ئىچىدە جۇمھۇرىيەت ۋە ئارمىيە بايرىمى كۈنى ھېچقاچان ئۇنتۇلمىغان بولۇپ، بۇ بايراملار تاكى ھازىرغىچە ھەر خىل شەكىلدە ھەر يىلى تەبرىكلىنىپ كېلىنمەكتە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top