You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » مەن ياقتۇرغان ئەسلىمە: «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار»

مەن ياقتۇرغان ئەسلىمە: «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار»

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي سوتى سودىيەلىرى ۋە خادىملىرى

ئاپتورى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

بەزى يېقىنلىرىم مەندىن نېمىشقا ئىستانبۇلغا كۆپ بارىدىغانلىقىمنى سورىشىدۇ. بۇ سوئالغا مەن ئۆزۈممۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن. بەلكىم  ئىستانبۇلغا گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇرغان مەرمەر دېڭىز ساھىلى مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدە دائىم زاھىر بولىدىغان گۈزەل دېڭىز مەنزىرىسىنى ئەسلەتسە كېرەك. شۇڭىمۇ  ھەر قېتىم ئىستانبۇلغا بارسام قەلبىمدىكى جاراھەتنىڭ ئازراق بولسىمۇ مەلھەمگە ئېرىشكەنلىكىنى ، ئون نەچچە يىللىق سېغىنىش ۋە تەلپۈنىىشمنىڭ  بىرئاز بولسىمۇ پەسەيگەنلىكىنى، زارىقىشتىن  چارچىغان روھىمنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئەمىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.  ئادەتتە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئارمانلارنى ماداردىن كەتكۈزىدىكەن. ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ۋاقىت چىقىرالماي مىسكىنلىككە يەم بولىمەن.

بالىلىقمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە كىتاب ئوقۇشتىن باشقا ئەڭ ھۇزۇرلۇق ئىشنى ھېس قىلىپ باقماپتىمەن. بەزىدە سەپەر قىلىشنى پەقەت كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجىراتقىنىمدەك ھېس قىلىمەن. ھەر قېتىم ئىستانبۇلغا بارسام ئوقۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن كىتابلىرىمنى  ئوقۇۋېلىشقا پۇرسەت چىقىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان دېڭىز ساھىلىدا ياكى باغچىلاردا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشتىن شۇنچىلىك راھەتلىنىمەن. بەزىدە ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا بۆلىكى بىلەن ئاسىيا بۆلىكى ئارىلىقىدا توختىماي قاتناپ تۇرىدىغان پاراخوتنىڭ ھاۋالىق بۆلمىدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇرلىنىمەن .

بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئىستانبۇلغا قىلغان ئىككى ھەپتىلىك سەپىرىم تېخىمۇ ئۆزگىچە بولدى. تۈركىيە خەلقى ۋىرۇس سەۋەبى بىلەن 17 كۈن ئۆيىگە تولۇق بەنىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئىستانبۇل كوچىلىرى، دېڭىز ساھىلى ، باغچىلىرى، ئاپتوبۇس ۋە مېترولىرى يالغۇز ماڭىلا قالغان ئىدى. مەن خۇددى ئىستانبۇلنىڭ يېگانە پادىشاھىدەك ھەممە يەردە ئەركىن-ئازادە غۇلاچ تاشلاپ يالغۇز ئۈزۈپ يۈردۈم. مۇنداقچە ئېيتقان ئىستانبۇل خۇددى مېنىڭ شەخسىي ماكانىمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا كوچا ئايلىنىپ چارچىغان ۋاقتىمدا يول ياقىسىدىكى خالىغان بوش ئورۇندۇقنىڭ بىرسىدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇدۇم.

ياش ۋاقىتلىرىمدا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇيتتىم ، ھازىر ئاساسەن تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن ئوقۇيمەن. بۇ قېتىم ئوقۇغان 3 پارچە كىتابىمنىڭ بىرسىمۇ تارىخىي ئەسلىمىدۇر. ھاكىم تۇرسۇن سادىروف تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار» ناملىق  بۇ ئەسلىمە 16 يېشىدىن باشلاپ ئىنقىلابقا قاتناشقان ھاكىم تۇرسۇننىڭ 1945-يىلىدىن  1950-يىلىغىچە بولغان جەرياندا بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ تاكى ئەمەلدىن قېلىشىغىچە بولغان جەرياندىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا يورۇتۇپ بەرگەن.

ھاكىم تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار» ناملىق  بۇ ئەسلىمىسى مۇشۇ دەۋرىگە شاھىت بولغان باشقا شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلۇپ بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور ئەسلىمىسىدە  ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان ۋەقەلەردىن سىرت يەنە  بىر سەپتە كۈرەش قىلغان  سەپداشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ، مىجەز-خۇلقىنى ۋە ئوي –خىياللىرىنى چىنلىق بىلەن  تەسۋىرلىگەن. ئاپتورنىڭ  قەلىمى ئاستىدىكى ئېلىخان تۆرە ، ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف  غېنى باتۇر ۋە ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا بولغان بىر قىسىم رۇس كوماندىرلارنىڭ ئىش ھەرىكەت ۋە سۆزلىرى رومانلاردا تەسۋىرلىنىدىغان نۇقسانسىز غايىۋى قەھرىمانلاردەك ئەمەس، بەلكى يېنىمىزدىكى  رېئال ئادەملەردەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

مەن ئەسلىمنى ئوقۇش جەريانىدا مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان ياشلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىدىن، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن ھاياجانلانسام، بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس جانباقتىلارنىڭ ھەييارلىقىدىن سەسكەندىم، زىخرۇللام نادىروف ، موڭغۇل يىگىتى كاپىتان چىدە قاتارلىق ئۇرۇشتا جان پىدالىق كۆرسەتكەن  ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ئۇچرىغان  ناھەقچىلىقلىرى ۋە تارتقان كۈلپەتلىرىدىن  يۈرىكىم ئۆرتەندى. كۈنەس يايلاقلىرىنىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بىئاراملىق قاپلىغان كۆڭلۈمگە مەلھەم تاپتىم. رىزۋانگۈل قاتارلىق بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى، مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلمىلىرى، ماڭا تونۇش ۋە ناتونۇش بولغان يەر ناملىرى ۋە ۋەقەلەرنىڭ جەريانلىرىدىن بىلىمگە ئىگە بولدۇم. بولۇپمۇ ئەسلىمىدە تىلغا ئېلىنغان  مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق پاراتلىرىدىن بۇغۇزىمغا يىغا قاپلاشتى.

«مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار» ناملىق  بۇ ئەسلىمىنىڭ ئاپتورى ھاكىم تۇرسۇن ئاكىمىز 1929-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسى 4-كوچىدا دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇش يېشىغا تولغاندا غۇلجا ئۈمىد مەكتىپىدە، كېيىن «شۆتاڭ» دا ئوقۇغان. 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان. تېخى 16 ياشقىمۇ تولمىغان بۇ پىداكار ياش غۇلجىدىكى ئورۇسلاردىن تەشكىللەنگەن رۇس قوشۇنىنىڭ تەركىبىدىكى ساناقلىق 4 ئۇيغۇرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن  ھەرەمباغ، ئايرودۇرۇمدا ئېلىپ بېرىلغان 86 كۈنلۈك پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن.

غۇلجا شەھىرى ئازاد بولغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە غۇلجا 2- ئازاد نىشانلىق ئاتقۇچى پولكىنىڭ رازۋېدكا گۇرۇپپىسىغا تەقسىملىنىپ، قاچقان دۈشمەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن رۇس ۋە سوپاخۇننىڭ ئەسكەرلىرىدىن  تەشكىللەنگەن  ئالاھىدە گۇرۇپپىغا تاللىنىپ، دۈشمەننىڭ ئارقىغا سېپىگە ئۆتۈپ پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە يالغان شەپە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئەمما ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئېغىر يارىلىنىپ، ھاياتى ئېغىر خەۋىپكە دۇچ كەلگەن. سەپداشلىرىنىڭ پىداكارلىقى بىلەن مىڭ بىر جاپادا ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىغا نىمجان ھالەتتە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. سەپداشلىرى ياش ھاكىم تۇرسۇننى ئۆيىگە تاشلاپ كەتكەن چاغدا، ئۇنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئەمما ھاكىم تۇرسۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن ئەسلىگە كېلىپ، مىللىي ئارمىيەگە قايتقان.

ھاكىم تۇرسۇن ئاكىمىز، 11- يېتىمدىن كېيىن غۇلجا 1-زاپاس ئاتقۇچى پولكىنىڭ 1-باتالىيونىدا پىلىموتچى گۇرۇپپىسىنىڭ كوماندىرى، باتالىيون ئىشتاب باشلىقى، غۇلجا شەھەرلىك گارنىزون قوماندانلىق ئىشتابىدا كاتىپ ، مىللىي ئارمىيە ئالى سوتىدا كاتىپ ، تەپتىش بولۇپ ئىشلىگەن. ھەممىدىن بەكرەك تىلىغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ھاكىم تۇرسۇن ئاكىمىز مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش  مۇراسىمىنىڭ  بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللىقىدا رەسمىي پاراتتىن ئۆتكەن ساناقلىق ئەسكەرلەرنىڭ بىرى بولغان ۋە تۆتىنچى، بەشىنچى يىللىقىدا كوماندىرلار سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان. 1953-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. كېيىنكى ھاياتىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەسلىمىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى، ئەسلىمىدە خېلى كۆپ يەرلىك شىۋىلەر ۋە بىر قىسىم بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان ئاتالغۇلار ئۇچرايدۇ . بۇ تىل تەتقىقاتىمىز ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  ئەسلىمىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا نەشرگە تەييارلىغۇچى تەرىپىدىن بىر قىسىم قىستۇرمىلار ۋە ئىزاھاتلار بېرىلگەن بولۇپ، مەلۇم ۋەقەلەرنى چۈشىنىشكە خېلى كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەن. ئەسلىمىگە تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇنمۇ كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئەسلىمىنىڭ تارىخىي قىممىتىگە يوقۇرى باھا بەرگەن. مەن بۇ ئەسەرنى تارىخقا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم ئەسەركەن دەپ قارىدىم.

ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ھايات كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ،شانلىق تارىخىمىزنىڭ بىر پارچىسىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن ھاكىم تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.


قوشۇمچە:

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي سوتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەتجان مەخسۇم (قول قوشتۇرۇپ تۇرغان كىشى) ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن بىرگە، 1947-يىلى ئىيۇل، غۇلجا

يەندىيەنچىڭ تۈزگەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قانۇنچىلىق تارىخى» (三区革命法制史) ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي سوتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1945-يىلى 13-ماي كۈنى تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلغان «جىنايى ئىشلار قانۇنى مەجمۇئەسى»نىڭ خىتايچە تەرجىمەسىدىن ئۆرنەك.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top