You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » 5-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇقتۇرۇشى

5-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئاقارتىش ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان تارىخى شەخىسلەر ۋە ئەدىبلەرنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە، بولۇپمۇ كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، 2016 – يىلى 15 – مايدىن ھازىرغىچە تۆت قېتىم «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، 2016-يىلىدا «يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋى، ئەلىشىر ناۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتېلى تەۋپىق»، 2017-يىلىدا «موللا مۇسا سايرامى، ھۈسەيىن تەجەللى، قۇتلۇق شەۋقىي ۋە ئابدۇقادىر داموللام»، 2018-يىلىدا «ئەھمەد يۈكنەكى، تۇغلۇق تۆمۈرخان، سابىت داموللام ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر» قاتارلىق 13 تارىخى شەخىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى.

2019- يىلى 5-مايدىكى 4-قېتىملىق «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» مەخسۇس خىتاينىڭ جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان ئۇيغۇر ئەدىب، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىغا بېغىشلاندى. بۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم «دوتسېنت ئىلھام توختى، پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت ۋە يالقۇن رۇزى» قاتارلىق خىتاي تۈرمىسى ۋە جازا لاگىرلىرىدىكى مىللىي ئاقارتىش جەڭچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئويغۇتۇش يولىدىكى پىداكارانە ئىش – ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلدى. ئالدىنقى قېتىملىق بۇ يىغىنلارنىڭ تارىخى شەخسىيەتلەر ۋە ھايات مىللىي ئاقارتىش چەڭچىلىرىمىزگە بولغان تونۇشىمىزدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىرلىرى بولدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نى ئويۇشتۇرىشىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تارىختا ۋە كۈنىمىزدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي روھنى ئويغۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسەد قىلىندى.

5-قېتىملىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش يىغىنى مۇھاجىرەتتە تىلشۇناسلىق، تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ «ئىبراھىم مۇتىئى، مىرسۇلتان ئوسمان، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ۋە زوردۇن سابىر» ھەققىدە ئىلمىي دوكىلاتلىرى بىلەن داۋام قىلىدۇ.


5-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» دا خاتىرلىنىدىغان شەخىسلەر ۋە لىكسىيە بەرگۈچى تەتقىقاتچىلار:

يىغىن رىياسەتچى: دوكتور مەغپىرەت كامال

تىلشۇناس ۋە مائارىپچى ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى – دوكتور ئابلەت سەمەت (قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى مۇدىرى)

تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسماننىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى – دوكتور گۈلنار ئەزىز (خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى)

يازغۇچى ۋە شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى – پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى)

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى – دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقىرى (ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى)

يىغىن ۋاقتى: 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى يەكشەنبە ئىستانبۇل ۋاقتى 17:00

ئەسكەرتىش: يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فېيىسبۇك سەھىپىسى ۋە يوتىيۇب قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.


مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىپ، قىممەتلىك تارىخى شەخسىيەتلىرىمىز ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top