You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 24: مىراس تەۋسىيە

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 24: مىراس تەۋسىيە

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

يىگرمە تۆرتىنجى باب: مىراس تەۋسىيە

*    *    * 

ئۇ ئىدى بىلگىنلەر گۈزەل ئارزۇسى،

سەپ باشىدا بار ئۇستاد خەمىت تۆمۈر؛

ئۇيغۇرلۇق ئىلىم- پەن رەفاھى ئۈچۈن،

چالىشقان ئەۋلادلار ئۇلاپ كۈچ ئۆمۈر.

*    *    * 

ئىزمىر شاھى گويا ئالىم ئىنايەت،

چارەك ئەسىردىن جىق زامان بۇيانەت؛

نەشىر قىلغان ئون ئىككى كىتابىدا،

جۇلالانۇر ھالال ئەمگەك بىغايەت.

*    *    * 

 (“كاشغارىيە سەلكىنلەرى” 10- ۋە 93-بەتلەر. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

ئۇيغۇر يازىقى تەكلىماكان ئىملا قائىدەسىنىڭ مەيدانغا كەلىشى

2019-يىل 11-ئايلاردا، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلىي ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ پروفەسسورى دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندى ماڭا تەلىفون بەرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر يازىقىدا توختاماي ئىملا ئۆزگەرتىش كەسەلىگە خاتىمە بەرىش ئۈچۈن،  سۆز تۈپى ئۆزگەرمەيدىغان شەكىلدە يازىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەشەببۇسنى شۇ يىلى سىنتەبىر ئايىدا قۇرۇلغان “كۆكتۇغ” تور بەتىدە ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى ۋە مەنىڭ بۇ تەشەببۇسنى قوللاپ ماقالە يازىشىمنى ئۇقتۇردى. مەن ھىچ ئىككىلەنمەيلا بۇ تەشەببۇسقا بولۇشلۇق ئاۋاز قوشىدىغانلىقىمنى ۋە ماقالە يازىشقا ھەر قاچان تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم.

شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، مەن: “بۇ ئىشنى بىرەر تور بەتىدە ئۆزىمىزنىڭ قارارى بويىچەلا قىلغاندىن كۆرە،  ئالدى بىلەن، ئىلمىي ئاساسى مۇكەممەل بىر ئىملا قائىدەسى تۈزۈپ، ئۇنى ئۇيغۇر دۇنياسىدا مۇتلەق ئىناۋەتى بار بىر ئىلمىي تەشكىلاتنىڭ قوللاشى ۋە قارار چىقارىشى بىلەن قىلساق، تەخىمۇ ياخشى بولىدۇ؛ مەنىڭچە، بۇ ئىشنى ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ تەشكىلىي يەتەكچىلىكىدە قىلساق” دەگەن تەكلىپنى بەردىم ۋە ئەگەر مەزكۇر ياڭى ئىملا قائىدەسىنى يازىش ۋەزىپەسىنى تەشكىل ماڭا تاپشۇرسا، بىجانۇدىللىق بىلەن بەجا كەلتۈرىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.

مەنىڭ بۇ تەكلىپ ۋە ئىپادەمگە ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندى خوشھاللىق بىلەن قوشۇلدى ۋە ئۆزىنىڭ دەرھال ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفەسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن مەسلىھەتلەشىپ، ئەڭ تىز پۇرسەتتە جاۋاب بەرىدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى مەنىڭ بىۋاسىتە ئىلتىماس يازىپ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى، ئالىمجان ئىنايەتكە سۇنسام، تەخىمۇ  ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەيتتى. مەن مائقۇل دەپ، ھايال بولماي، ئالىمجان ئىنايەتكە رەسمى ئىلتىماس يازىپ، ئىلخەت ئادرەسىغا ئەۋەتتىم.

ماڭا ئالىمجان ئىنايەتتىن ئىزىن-ئىجازەت خەتى ياكى تاپشۇرما- تەئلىمات ئۇقتۇرۇشى كەلمەدى. بىراق، ئابدۇرەشىد جەلىلدىن سۈيلەش تەلىفونى كەلدى ۋە “مەن ئالىمجان مۇئەللىم بىلەن سۆزلەشتىم، قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىملا قائىدەسىنى تۈزىۋەرسەڭىز بولىدۇ” دەدى، مەن ئابدۇرەشىد جەلىلنىڭ گەپىگە چىن پۈتتۈم ۋە ئىشەندىم. چۈنكى ئۇ مەنىڭ بىر ئۇيغۇر قارىنداشىم. بىز ئۇيغۇرلار ئەڭ ئالدى بىلەن، قارىنداشلىق يۈرەكىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزگە ئىشەنىشىمىز لازىم. بۇ مەنىڭ بىر ياشام ئەقىدەم.

خوش، شۇنداق قىلىپ، مەن “ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” دەپ ئاتالغان ياڭى ئىملا قائىدەسىنى تۈزەشكە باشلادىم. بۇ جەرياندا، گىرمانىيەدە ياشاۋاتقان بىلىم ئادەملەرىمىزدىن ئەھمەد خوجام بەكىنىي ۋە ئايگۈل ئەھمەد خانىملارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەئمىنلەش بويىچە قىلغان خالىسانە ياردەملەرىگە مۇشەررەپ بولدۇم، بۇ يەردە، مەزكۇر قارىنداشلارىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئەيتىمەن!

مەن 1953-يىلدىن تارتىپ، مۇشۇ كۈنىمىزگىچە بولغان ئارالىقتا ئەلان قىلىنىپ ئىشلەتىلگەن ئۇيغۇر يازىقى ئىملا قائىدەلەرىنىڭ ھەممەسىنى دەگۈدەك تاپىپ، سالىشتۇرۇپ ئىنچىكە تەتقىق قىلدىم. ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، توققۇز ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۈزۈپ چىققان “ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى”  (لايىھە) نى مەنىڭ تەشەببۇسكارلارىم شۇنداقلا ئەمەلىيەتتە، مەنى مۇشۇ تارىخىي ئەھمىيەتلىك بۈيۈك خىزمەتكە ئۇيۇشتۇرغۇچىلارىم بولغان ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ۋە ئالىم ئىنايەت ئەپەندىلەرگە مىلادىيە 2020-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇردۇم.

” ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” ھەققىدە ئوبزۇر ۋە تەقرىزلەر

تەقرىز 1

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستازىم،

سالامەت ياخشى تۇرغاندىلا، ئىنشاللاھ.

تەييارلانغان ئىملا قائىدەسى (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى <لايىھە>) نى ئوقۇپ چىقتىم. قۇتلۇق بولغاي. مىللەتنى چوڭ بىر پالاكەتتىن قۇتۇلدۇردىڭىز دەپ قارايمەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئۇلۇغ بىر ئىش ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى. سىزنى بۇ بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئەمگىكىڭىز ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن!

بۇ ماقالىنى كىچىك بىر كىتاپچە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆرۈۋاتىمەن. بۇ ماقالىنى كۆشە يازمىلىرىنىڭ بىرىنچى ماقالىسى قىلىپ ئىلان قىلايلى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدە ئىلان قىلىمىز. بۇ چوڭ ئەمگىكىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولسۇن!

ماقالىدا دىگەنلىرىڭىزگە قوشۇلىمەن. يالغۇز بىر ئىككى نوقتا بار. بۇ شەخسىي كۆزقارىشىم. بىرى: ئىشتا، تىلدا، دىلدا، چىشتا دەگەن سۆزلەردىكى “ئى” تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ئەمەس، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش دەپ ئويلايمەن. بۇ چاغاتايچە يازىقنىڭ خاتا ئوقۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى چاغاتايچە يازىقتا “ا” ھەم “ئا” ھەم “ئە” ئوقۇلۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ” اشلار” سۆزىنى ھەم “ئىشلار” ھەم “ئىشلەر” دەپ ئوقۇش مۇمكىن. ئۆزبەكچەدە بۇنىڭ مىسالى بار. مەسىلەن  چاغاتايچە  “يازكان” سۆزىنى “يازگەن” دەپ ئوقۇۋالىدۇ. بىزدىمۇ “يەزگەن” دەيدىغانلار بار. شۇڭا بۇ سۆزلەرنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا ئۆرنەكلىرى بولۇشى مۇمكىن. تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىم. مېنىڭ تەكلىپىم بۇ سۆزلەرنىمۇ `ئىشتە`، ‘دىلدە”، “تىلدە”، “چىشتە” دەپ تۈزەتسەك قانداق بولار؟

ئىككىنچى پىكرىم: ئەرەپچە سۆزلەردىكى ھەمزە ئۈچۈن ئايرىم بىر تاۋۇشنى ئۇيغۇر فونىتىك سىستمىسىغا ئېلىپ كىرىش ئۇيغۇن بولمىسا كېرەك. چۈنكى بۇ ھادىسە پەقەتلا ئەرەپچە سۆزلەردە مەۋجۇد.  بۇ پەقەت مېنىڭ كۆزقارىشىم .

سىزنى تەكرار قۇتلۇقلايمەن ئۇستازىم.

سالام، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن: پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

2020-يىل 14-ئاپرىل، ئىزمىر.

تەقرىز 2

“كۆكتۇغ ” ئىلاۋەسى:

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، كۆكتۇغ نەشىر ھاياتىغا باشلاغاندىن بەرى، بىز كۆكتۇغلۇق زىيالىيلار تىلىمىزنىڭ، دىلىمىزنىڭ ساپلىقى، خۇشلۇقى، ۋە ئىپادە قۇۋۋەتى ۋە ھاياتى كۈچىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ھەققىدە ئىزچىل ياڭىچە پىكىر ۋە تەپەككۇرلارغا ئاچىق بولۇپ كەلدۇق ۋە مۇشۇنداق يازمالارنى نەشىر قىلىپ كەلدۇق. “قوينى قاسساپ سويسۇن” پەلسەپەمىز بويىچە، ئۆز ساھە مۇتەخەسسىسلەرىنىڭ پىكىر، تەكلىپ، تەۋسىيە ۋە تەنقىتلەرىگە دائىما ئاچىق بولۇرمىز. بۇ ۋەجدىن، تىلىمىز، دىلىمىز، پەلسەپەمىز ۋە مىللىي مەۋجۇدلۇقىمىزنى كۈچلەندۈرىدىغان؛ خاتالارنى تۈزەتىش، تەرتىپلەش مەقسەت قىلىنغان ئىلمىي كۆز قاراشلار ئوتتۇراغا قويۇلغان ماقالەلەرنى بار كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز.

بۈگۈن بىز ناھايەتى خۇرسەنلىك ۋە مەمنۇنىيەت بىلەن، تىلىمىزنىڭ ئەڭ ئاز يەتتە يۈز يىللىق تارىخى، پەلسەپەسى، گرامماتىكاسى، سۆزلۈك بايلىقى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستادى پروف.در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئۇستازنىڭ ئەللىك يىللىق تەتقىقاتلارىنىڭ بىر مىۋەسى سۈپەتىدە ھازىرلانغان “ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” (لايىھە)نى كۆكتۇغدا تۇنجى بولۇپ نەشىر قىلىش ئىمكانىيەتىگە ئەرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن، ناھايەتى خۇرسەنمىز!

بۇ لايىھەنىڭ كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلىدىغان ئۇيغۇر تىللىق ئىنسانلار ئىچىدە، يارىم ئەسىرلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تىل تەتقىقاتى بىلەن يۈرەك قانىنى سەرپ قىلغان ئەڭ نوپۇزلۇق تىلشۇناس تەرەپىدىن ئوتتۇراغا قويۇلغانلىقىنىڭ مەناسى بولسا باشقاچەدۇر ۋە ئەڭ ئىلمىي بولۇش بىلەن بىرگە بىلىم ئەتىكاسى يەنى ئەخلاقىغا ئەڭ ئۇيغۇندۇر.

ئەلبەتتە، ئۇستازنىڭ ئەتراپىدا، تىل ۋە كۈلتۈر ساھەسىدە تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرغان ھەر ساھە زىيالىيلارى جەم بولۇپ، ئۇشبۇ لايىھەنىڭ ئاخىرقى نۇسخاسىنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشىنى ۋە مەتبۇئات، مەديا ھەمدە نەشىرىياتچىلىق ئىشلەرىمىزدە ئۆزگەرمەس بىر ئىملا قوللانماسىغا ئايلانىشىنى تۆرت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز.

بىز كۆكتۇغلۇقلار بۇ لايىھەنى قوبۇل قىلدۇق. مىللەتىمىزگە ھازىردىن باشلاپ خەيىرلىك بولسۇن!

پروفەسسور دوكتور ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

2020-يىل 14-ئاپرىل، ئەنقەرە.

ئۇيغۇر ئىلىم-ئىرپان دۇنياسىدا، ئۆزلەرىنىڭ ژىرىك ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرى بىلەن تونۇلۇپ كەلىۋاتقان مەزكۇر ئالىملارنىڭ بولۇشلۇق قىزغىن قوللاش ئوبزۇرى ۋە تەقرىزلەرىنى ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر ياڭى ئىملا قائىدەمىزنىڭ زۆرۈرلۈكى، رىئال ئەھمىيەتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن تەستىق شۇنداقلا، ئانا يۇرت سىرتىدا، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن باسىلغان قۇتلۇق قەدەم، دەپ ھىسابلايمىز، ئەلۋەتتە.

ئۆگرەنىشىمچە، پروفەسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەمەلىيەتتە، ئانا يۇرت سىرتىدا ئۇيغۇر يازىقى ئىملاسىنى ئىلىمغا ئۇيغۇن قىلىپ توغرالاشنى ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان باشلامچى ئالىمدۇر. ھىكايەت: 2010-يىلى، مەن ئالىمجان ئىنايەتتىن بىر ئىلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇنىڭدا: “بىز تۈركىيەدىكى بىلىم ئادەملەرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىملا قائىدەمىزنى ئىلىمغا ئۇيغۇن قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇش، بۇ ئارقالىق، ئۇيغۇر يازىقىدا تۈشمۇتۈشتىن ئىملا قائىدەسى ئۆزگەرتىش ئىللەتىگە باشلامچى بولۇپ خاتىمە بەرىشنى ئويلاشىۋاتىمىز. سىز ئۇيغۇر ئىملاسى تەتقىقاتى بويىچە كۆپ ئەمگەك قىلغان ئىلىم ئادەملەرىنىڭ بىرسى بولۇش سالاھىيەتىڭىز بىلەن، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ باقساڭىز ئىكەن” دەيىلگەن ئىدى.

مەن دەرھال جاۋاب يازىپ، بۇ تەشەببۇسنى يۈزدە يۈز قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم ۋە شۇ يىلى ئاتاقلىق بىلىم ئادەمى جەلىل تۇراننىڭ غەمخورلۇقى بىلەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان “<مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين>دىن <مەئارىفۇل لۇغەتەين>غىچە” ماۋزۇلۇق كىتابىم ئىچىدەكى “ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج” ماۋزۇلۇق ئەسەرىمنى كۆرۈپ باقىشىنى تەۋسىيە قىلدىم.

2019-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، “كۆكتۇغ مۇنبەرى” دە ئەلان قىلىنغان “ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغراسىدا” ماۋزۇلۇق ئەسەر شاھىد بولۇپ تۇرۇپتۇكى، پروفەسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت مەزكۇر تەشەببۇسنى مول پاكىتلار بىلەن ئاساسلاپ ماقالە يازىپ، مەخسۇس ئاچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان، شۇنداقلا، مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئادەملەرى ئاراسىدا ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. دەمەكچىمەنكى، كۈنىمىزدە رويابقا چىققان “ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مەيدانغا چىقىشى ئالدى بىلەن پروفەسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىزچىل ئىزدەنىشى ۋە باشلامچى بولۇپ تەشەببۇس قىلىشى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەمگەكتۇركى، شەرەپ ئالدى بىلەن ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىگە مەنسۇبتۇر!

پروفەسسور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىقى ئىلمىي ساھەسىدە قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بەرىكەتلىك ئەمگەكلەرى داۋامىدا، ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەتىنىڭ دەۋرىمىز ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتى يولىدا ئوينايدىغان رولىنى ئەڭ چۈشەنگەن ۋە تولۇق ئىدراك قىلغان ئىلىم ئادەملەرىنىڭ بىرى بولۇش سالاھىيەتى بىلەن، ئۆزى باشچىلىق قىلىۋاتقان “كۆكتۇغ مۇنبەرى” ئارقالىق، ئۇيغۇر يازىقى ئىملاسىنى بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي باشلاپ ياراتقان ئىلمىي شەكلى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئەمگەكلەرى ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغىچە ھەممە ئۇيغۇرنىڭ تەشەككۇرىغا مۇناسىپتۇركى، شەرەپ ئوخشاشلا ئەۋۋەلەن ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندىگە تەئەللۇقتۇر!

“يالغۇز ئاتنىڭ داڭى (داڭقى) چىقماس، داڭى چىقسامۇ چاڭى چىقماس”، شەكسىزكى، دوكتور ئەركىن تارىم، دوكتور ئابلەت سەمەت، دوكتور مەغپىرەت كامال، دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلىق، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلىق، دوكتور راھىلە قەشقەرىي… قاتارلىق مەملىكەت سىرتىدا ئۇزۇن يىل ئىلىم قازغان تىلشۇناس ئالىملارمۇ قوشۇلۇپ ھەممەمىز بىر يەڭدىن قول، بىر ياقادىن باش چىقارالاساقلا، بىزنىڭ ئىلىملىك ئورتاق ئارمانىمىز يارىم يولدا قالماس!

مەنىڭچە، ھىچقايسىمىز كىچىك بالا، قوشۇمچە مەھسۇلات ئەرمەس، ئەڭ ئاز يىگىرمە- ئوتتۇز يىللىقتىن تىلشۇناشلىق، يازىقشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق بىلىملەرى مەئرەكە-مەيدانىدا ئات ئويناتقان چەۋەندازلار، ئۆز ئىمكانىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تەگىشلىك تۆھپەلەر ياراتقان پىداكارلارمىزكى،  ئالىمجان ئىنايەت زامانىمىزنىڭ خەمىت تۆمۈرى، ئابدۇلجەلىل تۇران ئەپەندى بولسا، زامانىمىزنىڭ مىرسۇلتان ئوسمانى بولۇشقا ھەقلىق ۋە سالاھىيەتلىكتۇر!

مىراس تەۋسىيە

شۇنداق، “ئۇيغۇر يازىقى تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى”نىڭ مەيدانغا كەلىشى ھەرگىزمۇ مەنىڭ شەخسى تۆھپەم ئەرمەس، بەلكى پروفەسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە پروفەسسور دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندىلەر باش بولغان ئانا يۇرت سىرتىدىكى ئىلىم ئادەملەرى ئۆزلەرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىلمىي تەتقىقاتى ئاساسىدا، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن تەشكىللەشى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى ئارقالىق ۋۇجۇدقا چىققان كوللىكتىپ ئەمگەك نەتىجەسىدۇر، خالاس.  ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەمگەك ئانا يۇرتتا پۈتكۈل ئۆمۈرىنى ئۇيغۇر تىل-يازىقى تەتقىقاتىغا سەرپ قىلغان ئۇستاز ئالىملارنىڭمۇ تەۋسىيەسى ۋە ئارمانى ئىدى.

ھىكايەت: 2005-يىل سىنتەبىر ئايى، ئوقۇتقۇچىلار بايرامىنىڭ ئەرپە كۈنلەرى ئىدى. بەيجىڭدە ئىشلەيدىغان كىچىك قىزىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن ئۇستاز خەمىت تۆمۈر مەنى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئائىلەلىكلەر قوروسى ئىچىدىكى ئۆيىگە چاقىرتىپتۇ، دەرھال باردىم. ئەگىز قەۋەتلىك ئىككىنجى بىنانىڭ ئالدىدىكى كىچىك بىنا (点式楼)ئۈچىنجى قەۋەت ئون بىرىنجى ئۆيگە سالام بىلەن كىردىم. ئۇستاز خەمىت تۆمۈر خانىمى نۇرنىسا مۇئەللىمە بىلەن بىلەن ئۆيدە ئىكەن. قىزغىن تىنچلىق سوراشىشلاردىن كەيىن، نۇرنىسا خانىم بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۆيدە ئۇستاز بىلەن خىلۋەت قالدۇق.

ئۇستاز بۇ بىر ئىككى يىلدىن بۇيان سالامەتلىكىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى شۇڭا، بەيجىڭدىكى چوڭ دوختۇرخانالارغا سالامەتلىك تەكشۈرتكەچ، كىچىك قىزى سائادەت خەمىتنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئەيتتى ۋە ئارقادىنلا، رەسمى ماۋزۇغا كۆچۈپ، مۇنداق دەدى:

– “تىل ۋە تەرجىمە” ژۇرنالىمىزنىڭ مۇشۇ 2005-يىللىق بىرىنجى سانىغا باسىلغان “ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچەمىنى بەكىتىش ھەققىدە” (بۇ مەنىڭ ھەلىقى “ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج” ماۋزۇلۇق ماقالەمنىڭ تەھرىر تەرەپىدىن ئۆزگەرتىپ، قويغان ماۋزۇسى) دەگەن ماقالەڭىزنى مەنمۇ، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندىمۇ كۆردۇق، ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتۇق. ياخشى يازىپسىز.

ئۇستاز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مىنۇتچە جىم تۇرىۋالغاندىن كەيىن، تولامۇ ئەستايىدىل تەلەپپۇز بىلەن سۆزىدە داۋام ئەتتى:

– ئەمما، ماقالەڭىزدىكى ” سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، 1953 – يىلى ئىشلەنگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبە ۋە ئىملاسى» دا، «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ مۇئەييەن تىل تەلەپپۇز شارائىتىدا، ئۆزلىرىدىن تۆۋەنرەك تەلەپپۇز قىلىنىدىغان » ä، å » لەرگە ئاجىزلىشىش ھادىسىسىنى يېزىقتا، ئېنىق ھالدىكى «ئې، ئې» لارغا ئۆزگىرىدىغان قىلىپ ئىپادىلەشنى نىزاملاشتۇرۇپ قويۇش ئەمەلىيەتتە، بىر تارىخىي گۇناھ بولغان. بىز بۇ گۇناھنى يۇيۇپ تاشلىشىمىز، يېزىقىمىزدىكى «ئا، ئە ¬ ئې، ئى» ئۆزگىرىشىنى قەتئىي يوقىتىشىمىز لازىم. مېنىڭچە، بۇ قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان كىچىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) غا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىنى ئاداققىي جەھەتتىن قوغداپ قالالىشى ياكى قالالماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان جىددىي ھەم مەسئۇلىيەتلىك  زور بىر ئىشتۇر!” (قاراڭ: شۇ ماۋزۇلۇق ئەسەرگە) دەگەن بايانىڭىز بىزگە ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق تەگدى.

– ئۇستاز بۇ يەردە مەن ھەرگىزمۇ سىزنى كۆزدە تۇتۇپ دەمەدىم،- مەن دەرھال ئىزاھلاما بەرمەكچى بولدۇم. بىراق، ئۇستاز مەنى قۇلاق سالىپ ئاڭلاشقا ئىيما قىلغان ھالدا، تولامۇ تەمكىنلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ دەدى:

– ئاشۇ 1953-يىلدىكى ئۇيغۇر يازىقى ئىملاسىنى بەكىتىش يىغىنىدا مەنمۇ بار ئىدىم. ئانىق ئەسىمدە، ئەسلىدە ئىككى كۈن پىلانلانغان ئاخىرقى بەكىتمە يىغىنى ئۈچ كۈنگە سوزۇلۇپ كەتتى. شىنجياڭ ئىنستىتۇتى (كەيىنكى ئۇنىۋەرسىتىت) ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرەشىد ئىسلام بىلەن رەھمەتۇللاھ جارى ئەپەندىلەر ياشتا بىزلەردىن چوڭ، چاغاتايچە ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغان ئابرويلۇق ئالىملار ئىدى شۇ زاماندا. ئابدۇرەشىد ئىسلامنىڭ خەلق ئىچىدە “ئابدۇرەشىد داموللام” دەيدىغان ھۆرمەت نامىمۇ بار ئىدى. ئۇ كىشى “چاغاتاي يازىقى ئەلىپبەسىنى داۋاملىق ئەينەن ئىشلەتىش كەرەك، بىز تارىخىي ئىزچىللىققا ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم” دەگەن پىكىردە چىڭ تۇردى. رەھمەتۇللاھ جارى ئەپەندى بولسا، “ھەرپلەر ئىچىدىكى <ئىتقى، ئىزغى> دەگەنگە ئوخشاش ساپ ئەرەبچە سۆزلەردىلا ئىشلەتىلىدىغان ھەرپلەرنى يازىلىشى ئاسان قىلىپ ئىسلاھ قىلساقمۇ بولىدۇ، بىراق، “ئا، ئە”لەر ئۆزگەرىشىنى ئاغىزدا دەيلى، ئەمما يازىقتا ئىپادەلەمەيلى” دەگەن پىكىردە مەھكەم تۇردى.

بىراق، بىز شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت تەقەززاسى تۈپەيلىدىن، يۇقىرى دەرىجەلىك تەشكىلدىن بەكىتىپ بەرگەن “يازىق كەڭ ئىشچى-دەھقان خەلق ئامماسىنىڭ تەلەپپۇز ئادەتىگە مۇۋاپىق بولۇشى لازىم؛ خەلق ئامماسىدىن ئايرىلىپ قالغان موللاملار يازىقى بولمىش ئاتالمىش چاغاتاي يازىقىنىڭ رامكاسىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاش كەرەك؛ يازىق ئۆزگەرتىشتە، جەزمەن ئامماۋى لۇشىيەن <يول>دا ماڭىش زۆرۈر” دەگەن سىياسىي شوئارنى ھىچقايسىمىز رەد قىلىپ كەتەلمەدۇق ئەينى زاماندا.

– پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ سەكسەنلىك يىللارىغا كەلگەندە، بىز ئاشۇ 1953-يىلى ھەقىقەتەنمۇ خاتا قىلغانلىقىزنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇق.- ئۇستاز سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سەل توختاۋالدى ۋە ئالدىدىكى چايدىن ئىككى ئوتلام ئوتلاۋالىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بولۇپمۇ “دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك”نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنى ئىشلەش جەريانىدا، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ قوشۇلۇپ ھەممەمىز ئاشۇ سۆز تۈپىنى يازىق ئىملاسىدا ئۆزگەرتىۋەتىدىغان خاتا ئىملانى جەزمەن تۈزەتىش كەرەكلىكى توغراسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن ئىدۇق. بىراق، قولايلىق ئىمكان ۋە پۇرسەت بولمايلا كەلدى. ھەتتا، مۇشۇ ئالدىنقى يىللاردىكى ئىملا ياڭىلاش بولغاندامۇ، مىرسۇلتان ئەپەندىملەر خۇددى “نەزەرىيەسى، قەھۋەسى” قىلىپ يازغاندەك، “ئاتا، ئانا” لارنىمۇ يازىقتا،  “ئاتاسى، ئاناسى” قىلىپ يازىپ، تەلەپپۇزدا، “ئاتىسى، ئانىسى” دەيىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەستىقلاشقا يوللاغان. بىراق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى باشلىقلار: “ھە، سىلەر تىل-يازىقتا ئورتا ئاسىيا دۆلەتلەرى بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلماقچىمۇ-ھە؟” دەپ، قەتئىي قوشالماپتۇ. ۋاي دەرىخا!

ئۇستاز مۇشۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ، ئۇزاققىچە ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى.

مانا بۇ مەنىڭ شاگىرت بولۇش سالاھىيەتىم بىلەن، ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر بىلەن ئىلمىي ئارمانلارىمىز ھەققىدە ئاخىرقى قاتىم ئۇزاق مۇڭداشىشىم بولۇپ قالدى، 2006-يىل 15-سىنتەبىر كۈنى، ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئۆزىنىڭ تەۋسىيە ۋە ئارمانلارىنى سىز-بىزلەرگە ئامانەت قالدۇرۇپ، يەتمىش بەش ياشىدا، ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولۇپ كەتتى.(ئىننە لىللەھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئو:ن!)

2013-يىلى، ئۈرۈمچىدە، “ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى” بولدى. بىر ئەسىرلىك تەتقىقات پىلانى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بۈيۈك توپلانتى بولغاندىكىن دەپ، مەن يەنەلا ئاشۇ ئۇيغۇر يازىقى ئىملاسىدا مەھمۇد كاشغەرىي ياراتقان ئىلمىي قائىدە ھەقىقەتىگە قايتىش پىكىرىم بايان قىلىنغان ئىلمىي ماقالەم بىلەن يىغىنغا قاتناشتىم. مەزكۇر ئىلمىي ماقالەمنى ئوقۇشتىن بۇرۇن مۆھتەرەم ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوۋنى زىيارەت قىلدىم. يىغىنغا ئالىپ كەلگەن ماقالەمنى كۆرسەتتىم. ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندىم ماڭا تەئلىم بەرىپ: “مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا. بۇ ماقالەڭىزنى يىغىندا ئوقۇش بىلەنلا كۇپايە قىلماي، مەخسۇس ئىلمىي دوكلات قىلىپ تەييارلاپ، تىل-يازىق كومىتىتمىزنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىرىنجى قول باشلىقلارىغامۇ سۇنۇڭ” دەدى. مەن ئۇستازنىڭ تەئلىماتىنى بەجا كەلتۈردۈم.

ئەمدى، يازمامنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سەمىمىي كۆڭۈللۈك ئوقۇرمەنلەرىم قوشۇلۇپ ھەممەمىز بىلىپ يەتتۇقكى، “ئۇيغۇر يازىقى تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” ئەمەلىيەتتە، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ۋە خەمىت تۆمۈر قاتارلىق ئۆمۈرۋايەتلىك تىلشۇناس ئالىملارىمىزنىڭمۇ ئارمانى ۋە جىددى تەۋسىيەسى ئىكەنلىكىدە ھىچبىر شەك ۋە شۈبھە يوقتۇر!

“ئۇيغۇر يازىقى تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى”نىڭ نۆۋەتتىكى رىئال ئەھۋالى

“ئۇيغۇر يازىقى تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” (لايىھە) مىلادىيە 2020-يىل 14-ئاپرىل كۈنى، تۈركىيەدىكى “ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تورى” بىلەن “كۆكتۇغ مۇنبەرى تورى”دا، بىرلا ۋاقىتتا رەسمىي ئەلان قىلىندى.

مەزكۇر ئىملا قائىدەمىزنىڭ تۈزگۈچىسى بولۇش سالاھىيەتىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىجراسى ئۈچۈن، ئاشۇ ئەلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپلا ئەمەلىي ئەمگەكىم بىلەن پىداكار بولۇشۇم مەنىڭ ھەققىم ۋە ئىنسانىي، ۋىجدانىي مەجبۇرىيەتىم بولىدۇ، ئەلبەتتە. شۇ ۋەجدىن، مەن ” <تارىخى ھەمىدى> ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر” ماۋزۇلۇق ئون يەتتە بابلىق بىر ئەسەرنى مۇشۇ ئىملا قائىدەمىز بويىچە يازىپ ، “كۆكتۇغ مۇنبەرى تورى”دا، ئۇلاپ ئەلان قىلدىم.  بۇ ئەسەر ياقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخشۇناس ئالىمى مۇسا سايرامىي  1908-يىلى يازغان شاھ ئەسەر “تارىخى ھەمىدىي” ئۈستىدە كۆپ قاتلاملىق مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن كەڭ سەھىپەلىك ژىرىك ئەمگەك بولۇش قىممەتى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى.

ئارقادىن، “شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى” ماۋزۇلۇق يىگىرمە بەش بابلىق بىر ئەدەبىي خاتىرە يازىپ، “ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تورى”دا ئۇلاپ ئەلان قىلىۋاتىمەن. بۇ ئەسەر يىگىرمەنجى ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يارىمىدا ئۇيغۇر يۇرتىدا تۇغۇلۇپ، ئەقىل ياشىغا يەتكەندە پەننىي مەكتەپتە ئەلا ئوقۇپ چوڭ بولغان، مىللەت ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش سالاھىيەتىنى قازانغاندىن كەيىن، ساق قىرىق يىللىق ئۆمرۈنى ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بىر ئىلىم ئادەمىنىڭ  ئىلمىي ھايات خاتىرەسى بولۇش ئالاھىدەلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا نائىل بولدى ۋە بولماقتا.

ئەڭ مۇھىمى، مەنىڭ بىردىنبىر شىئىرىي دىۋانىم “كاشغارىيە سەلكىنلەرى” تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرەپىدىن مۆھتەرەم ئابدۇلجەلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ ئىنايەتى بىلەن نەشىر قىلنىپ، ئالەمگە تارقاتىلدى. بۇ ئەسەر تەكلىماكان ئۇيغۇر ئىملا قائىدەسى بىلەن يازىلىپ  نەشىر-ئەپكار تاپقان تۇنجى كىتاب بولۇپ، تارىخنىڭ كىتابلىقىدا ۋە ئۇيغۇرۇمنىڭ كۆڭۈل شاتلىقىدا ساقلانغۇسى، ئامىين!

ئاندىن، پروفەسسور، دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق مەزكۇر ئىملا قائىدەسىنىڭ باش تەشەببۇسكارلارىدىن بولۇش سالاھىيەتى بىلەن، ئۆزىنىڭ نادىر يازمالارىنى ئىزچىل ھالدا، مۇشۇ ئىملا قائىدەمىز بىلەن يازىپ كەلمەكتە. مەن مۇشۇ ياڭى ئىملا قائىدەمىز بويىچە يازىپ ئەلان قىلغان “ئىلىم، ئۇستاز ۋە شاگىرت” ماۋزۇلۇق نەسىرىم ئابدۇرەشىد قارلۇق ئەپەندى لىدەرلىكىدىكى “كۆكتۇغ ئاۋازلىق ئەسەرلەرى” توپلامىدا، 2020-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈن ئەسەر قىلىپ تارقاتىلدى ۋە ئاڭلارمەنلەر تەرەپىدىن سۆيۈنۈپ ئاڭلاندىكى، بۇ ئەسەرنىڭ تارقالاشى ئەمەلىيەتتە، تەكلىماكان ئىملا قائىدەسىنىڭ ئاغىز تىلىمىزغا، تەلەپپۇزغا مۇتلەق تەئسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئانىق مىسالى بىلەن دەلىللەپ كۆرسەتتى!

ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئىجرائىيەت رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى “ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تورى”نىڭ 2021-يىل 2–ئاينىڭ 5–كۈنىدىكى سانىدا، “<ئۇيغۇر نەۋائىي> ناخشاسىنى تۆۋەندەكى يوتىيۇپ ئۇلانىشىدىن ئاڭلايالايسىز” دەگەن بىر جۈملەنى مۇشۇ مۇبارەك ئىملايىمىز بويىچە يازىپ، بىزنى قوللادى (سۈرەتكە تارتىۋالدىم).

ئۇندىن باشقا بىرەر كىمسەنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەمىز بىلەن ئەسەر يازىپ ئەلان قىلغانلىقىنى مەن كۆرمەدىم. بۇ خىل يازماسلىقنى ئالدىراپلا بىزنى قوللاماغانلىق دەپمۇ قاراپ كەتمەيمەن. چۈنكى، ھەممەمىز ئىئتىراپ قىلىدىغان ئىلمىي ئورگانىمىز ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تەشكىل نامىدىن يىغىن ئاچىپ، قارار چىقارىپ، ھۆر دۇنيادىكى خەلقىمىزگە پەرمان چۈشۈرمەدى تەخى. شۇ تاپتا، كەڭ زىيالىيلارىمىز ئىلمىي ئورگانىمىزدىن بولۇشلۇق خىتاب كۈتىۋاتىدۇ، دەگەن چۈشەنچەدەمەن.

تەلقىنلىق يەكۇن

ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” (لايىھە) ئەمەلىيەتتە، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، خەمىت تۆمۈر قاتارلىق بىر دەۋر ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭمۇ ئارمانىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، مۇبارەك ئۇيغۇر يازىق تىلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك خاس ئىلمىغا ئۇيغۇن بولغان دۇرۇس ئىملا قائىدەسىدۇر.

“ئۇيغۇر يازىقى تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” (لايىھە) ئانا يۇرتىمىزدىكى تىل-يازىق ئورگانىمىز ئىلاجسىزلىقتىن يولغا قويالماغان ۋە بۇ ياقىن يىللاردا يولغا قويالىشى مۇمكىن بولماغان ئەھۋالدا، بىر بۈيۈك زۆرۈرىيەتنى ئۆزلەرىنىڭ ھۆر ئىمكان مۇھىتىدا باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرگەن قىممەتلىك ئىملا قائىدەسىدۇركى، ئانا يۇرتتىكى زىيالىيلارىمىز بۇ مۇبارەك قەدەم ئۈچۈن بىزدىن خوشھال بولىدۇ، سۆيۈنىدۇ، ئەجدادلارىمىز بىزدىن رازىي بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

“ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى” ئەمەلىيەتتە، “دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك” ۋەكىللىك قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىل –يازىق مەدەنىيەتى تارىخىدا ئالتە يۈز يىل ئىشلەتىلگەن، تىل ئۇستادلارىمىز ئەلىشىر نەۋائىي، ئاماننىساخان نەفسىي ۋە مۇسا سايرامىيلار قوللانغان چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ يازىقتا سۆزلەم تۈپىنى ئۆزگەرتمەسلىك، جانلىق تەلەپپۇزدىكى “-ئا، -ئە← -ئې (e)، -ئى (i)” ئۆزگەرىشىنى ئاغىز تىلىمىزدا ساقلاپ قالىپ، يازىقتا ئىپادەلەمەسلىك ئىلمىي پرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىلادىيە 1953-يىل ئۈرۈمچىدە تۈزۈپ ئەلان قىلىنغان “ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى” سادىر قىلغان سەۋەنلىكلەرنى توغرالاش ۋە شۇ تۈپەيلى ئون يىلدا بىر قاتىم ياڭى ئىملا قائىدەسى تۈزىدىغان بولماغۇر ئادەتكە خاتىمە بەرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ بىباھادۇركى، بىز پەقەت “دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك“نىڭ ئىملا پىرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلالاساق، ئاندىن ئۇ بىزنىڭ دىۋانىمىز بولىدۇ. بولماسا، دىۋان قولىمىزدىن كەتىدۇ، قارىنداشلارىم. زاكون شۇ: يا “كاشغەرىي” دەيەلمەسەڭ، يا “ياركەند” دەپ يازالماساڭ، ئۇلار قانداقمۇ سەنىڭ بولىدۇكى!

ئانا يۇرت سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارى ھەمىشە ئەرگەشمە بۆلەك، قوشۇمچە مەھسۇلات بولماي، ئۆزلەرىنىڭ ھۆرلۈك ئىمكانلارىدىن ھەقلىق پايدالانىپ، باشلامچىلىق بىلەن، ئومۇمىي مىللەتكە بەھرى يەتكۈزىدىغان ئىقباللىق بىرەر ئىشنى روياپقا چىقارسا، ھەممە تەرەپتىن دورۇس ۋە ساۋابلىق بولىدۇكى، بۈگۈن تۇتۇش قىلىۋاتقان مۇشۇ ئىشىمىز بىر پۇرسەتتۇر، بەلكى ھەقىقەتەنمۇ غەنىيمەتتۇر، مەنىڭچە!

ئەلبەتتە، مەنىڭ ئاڭىمدا، ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىڭ سەۋىيەسى ھەقلىق رەۋىشتە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ يەردە، ھەلىقىدەك “مەن (بىز) قىلالماغان ئىشنى ساڭامۇ قىلغىلى قويمايمەن ھەم قىلدۇرمايمەن” دەيدىغان ئەبگار ئىللەت يوقتۇر، دەپ ئويلايمەن.

2021-يىل 28-ماي، سان ديەگو.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top