You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » تۈركىيەگە كىرىشى نېمە ئۈچۈن چەكلەندى!؟

تۈركىيەگە كىرىشى نېمە ئۈچۈن چەكلەندى!؟

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق

خالىس ئۆزدەمىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى نېمە ئۈچۈن چەكلەندى!؟

 

دولقۇن ئەيسا، مەن تەييارلىغان ۋىزيون پىروگىراممىسىدا بەزى چۈشەندۈرۈش ۋە تەنبەھلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن!

دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر داۋاسىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمۈر بويى خىتاينىڭ تۈرمىسىگە سولۇنۇپتۇ.

 

چەتئەللەردە ياشايدىغان باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىل ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئىككىنجى ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرۋاقىت تۈركىيەنى سېغىنىپ تۇردىغانلىقىنى، شۇنداق سېنىش ئىچىدىكى تۈركىيەگە ئۆزىنىڭ كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى چۈشۈنەلمىگەنلىكىنى، چەكلەشنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىسى بارلىقىنى ئېيتتى.

 

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز دولقۇن ئەيسانىڭ پۈتۈن دۇنيادا توسقۇنغا ئۇچۇرماستىن ياشىيالايدىغان تۇرۇپ، ئىككىنجى ۋەتىنى بولغان تۈركىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى چۈشۈنەلمىگەنلىكىنى، بۇ ۋەزىيەتتىن كۆڭلىنىڭ ناھايىتى يېرىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنگىلىيەدە 2021. يىلى 6. ئاينىڭ 4. كۈنىدىن 7. كۈنىگىچە بولغان تۆت كۈن ئىچىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن زۇلۇم ۋە ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى خەلىقارالىق ئىنسان ھەقلىرى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ چىقتى. 14 كىشى گۇۋاھلىق بېرىپتۇ ۋە مەھكىمىدە ئىشنىڭ ئەھلىللىرى بار ئىكەن، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرسى بولسا دولقۇن ئەيسا ئىدى.

ئەنگىلىيەدىكى سوت ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر سوتتۇر ۋە ناھايىتى ياخشى باشلىنىشنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سوتنىڭ بولىشى دۇنيا خەلىقى ئارىسىدىمۇ چوڭ بىر غۇلغۇلا قوزغىدى.

دولقۇن ئەيسا ھازىر خەلىقارالىق سەھنىدە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان خەلىقىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسانىڭ شەخسى بىر قانۇنى ۋە خەۋپسىلىك مەسىلىسى بولمىسا ئۇنداقتا تۈركىيەگە كىرەلىشى كېرەك.

تۈركىيە دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىككىنجى ۋەتىنىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى

دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشى ھەققىدىكى چەكلەش بىكار قىلىنىشى كېرەك. ياكى بۇ چەكلىمىنىڭ ھەقلىق بىر سەۋەبى بولسا بارلىق سەۋەپلىرى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇلىشى كېرەك. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.

مەزلۇمىڭ كۆڭلىنىڭ سۇنۇقلىقى ۋە كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنى ئېيتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

چەتئەللىكلەرگە ۋەتەنداشلىق بېرىش مەسىلىسى!

چەتئەللىكلەرگە ۋەتەنداشلىق بېرىش ۋە تۈركىيەنى كۈندىن كۈنگە تەھدىت قىلىپ كىلىۋاتقان مەسىلىلەر!

قېنىمىز جېنىمىز بولغان مەزلۇم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تۈركىيە ۋەتەندۇر. ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ زۇلۇم ۋە ئېرقى قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركىيە بۇنىڭغا قول-قانات سۇنىدۇ ۋە كېرەك بولغىنىنى قىلىدۇ.

بىز تىلغا ئالغان مەسىلە «چەئەللىكلەرگە» ۋەتەندالىق بېرىشتۇر.

تۈرك ۋەتەنداشلىقى ناھايىتى مۇھىمدۇر.

تۈركىيە بەكمۇ مۇھىمدۇر.

چەتئەللىكلەر تۈرك ۋەتەندىشى بولىشى ئۈچۈن 250 مىڭ دوللار قىممىتىدە يەر سېتىۋىلىش ياكى بىر مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ۋە بۇ پۇلنى تۈركىيەدە بەش يىل تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق تۈرك ۋەتەنداشلىقى ئالالايدۇ.

چەتئەللىكلەرگە بۇ خىل ئۇسۇلدا ۋەتەنداشلىق بېرىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى باشتىن بېرى يېزىۋاتىمەن ۋە سۆزلەۋاتىمەن.

خالىغان بىر كىشى 250 مىڭ دوللار بىلەن تۇپراق ۋە ياكى ئۆي سېتىۋىلىپ، 250 مىڭ دوللارنى بەش يىل تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرىشى بىلەنلا ۋەتەنداش بولماسلىقى كېرەك.

چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆي سېتىۋىلىشى، ئىستانبۇلدىكى ئۆي باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆسىشىگە سەۋەپ بولدى. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئۆزىمىزنىڭ پۇخرالىرىنىڭ ئۆي سېتىۋىلىشى چۈشكە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

چىگراداش دۆلەتلەردىن بۇ يول بىلەن ۋەتەنداشلىق ئالغانلار بولدى ۋە ئەڭ ئاۋال خىتايلار باشتا بولۇپ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە رۇسيەدىن كەلگەنلەر بولسا ئانتالىيا ۋە دېڭىز بويلىرىدىن يەر سېتىۋىلىپ ۋەتەنداش بولۇشى ناھايىتى مۇھىم ۋە خەتەرلىك بىر مەسىلىدۇر. خىتايلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا زاۋۇت ۋە يەر ئالغانلىقى ۋە ئىسىتراتىگىيەلىك پىلانلار بىلەن، شىركەت سېتىۋالغاندا شىركەتنىڭ ئۈنىۋانىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى، يەر سېتىۋىلىش جەريەنىدا يەرلىك شىركەتنىڭ نامىغا سېتىۋالغانلىقىنى ۋە تۈرك شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئىشلىتىشنى داۋام قىلغانلىقى ۋە باشقا ئىشچىلارنى ئاستا ئاستا خىتايدىن ئەپ كېلىپ تۈركىيەگە يەرلەشتۈرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەك كۆپ يەرلەردىن خەۋەر كېلىۋاتىدۇ.

 

بۇ بىر نورمال ئەھۋالمۇ؟

 

ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بۇدۇر.

 

تۈرك ۋەتەندىشى بولۇشنىڭ بەدىلى بۇندا ئەرزان بولمسلىقى كېرەك!

كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز.

ۋەتەنداشلىق پۇل\دوللارغا باغلانغان بىر ئىش بولالمايدۇ!

 

ئەگەر تېزراق ھەل قىلىنمىسا ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن.

 

باشقا دۆلەتلەردە مىسال ئالغىدەك بۇنداق بىر ئىش يوق.

تۈركىيە ھىچقانداق بىر دۆلەت بىلەن قىياس قىلنسا بولمايدۇ.

 

250 مىڭ دوللارغا تۈرك ۋەتەندىشى بولغىلى بولسا، چاناققەلەدە بۇرتلىرى تەرلىگەن «توكاتنىڭ 15 ياشلىق قەھرىمانلىرى» نېمە ئۈچۈن شېھىت بولدى؟ دەپ سورالغاندا نېمە دەپمۇ جاۋاپ بېرەرمىز؟

 

ۋەسسالام

 

مەنبە: ب ن ج مىديا خەۋەر تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top