You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-نۆۋەتلىك يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-نۆۋەتلىك يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2021-يىلى 19-ئىيۇن شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ يېڭىدىن سايلىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىلغان بۇ يىغىن ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى. ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيانقى ئۈچ يىلدا قىلىنغان خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر زىيالىلار توپلانغان كۈچلۈك بىر ئىلمىي ئورگانغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاكادېمىيەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوينىغان رولىنىڭ مۇھىم ۋە مىللىي ۋەزىپىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

يىغىندا، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىدارى ھەيئەت كومىتېتى ئەزالىرى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئاكادېمىيەنى ۋەخپىگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلىپ كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، 2021-يىلى 9-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپى تەستىقلىنىپ، تۈركىيە دۆلەتلىك رەسمىي گىزىتىدا ئىلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يىغىندا، پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىچكى نىزامنامىسىدىكى رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى نۆۋەت بولىدىغانلىقى پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەكرار رەئىس نامىزاتى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ خىزمەت دوكىلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرى ھەممىسى بىردەك ئىستىپا بەردى ۋە 5-نۆۋەتلىك يېڭى ئاكادېمىيە رەئىسى دېمۇكراتىك شەكىلدە يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.

سايلامدا، 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە شۇنداقلا خىتاي تەتقىقاتى ئېنىستىتوتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 3 يىللىق خىزمەت لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يۇشۇرۇن ئاۋازدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك رەئىسى، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىردەك، پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋەخپىسىنىڭ 11 كىشىلىك كېڭەش ھەيئىتى رەئىسى (ۋەقىپ مۇتەۋەللى ھەيئىتى رەئىسى) بولۇپ سايلاندى.

ئاكادېمىيەنىڭ سايلام قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، يېڭىدىن سايلانغان ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن بىرگە 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىمۇ بېكىتىپ چىقىلدى.

سايلامدا دېمۇگراتىك پىرىنسپلار ئاساسىدا سايلانغان ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغان دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىللىق پائالىيەت پىلان – لايىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاكادېمىيەنىڭ مەۋجۇت مۇھىم ئىلمىي خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى خىتاي تەھدىتىگە قارىشى بىر قاتار تەدبىر خارەكتىرلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىگە قاراشلىق مەھمۇد قەشقىرى نامىدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت نىشانى قىلىدىغانلىقىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيالىلارغا خاس ئادىل ۋە دېمۇكراتىك ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى سايلام، ئاكادېمىيە ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد – ئارزۇلىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2021-يىلى 19-ئىيۇن، ئىستانبۇل

سايلامدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top