You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەخمەتجان قاسىمى: «يەر بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ»

ئەخمەتجان قاسىمى: «يەر بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ»

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى نۇقتىئىنەزىرى ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك كەڭ زىيالىيلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى تەرىپىدىن بىردەكلىككە ئىگە بولغان نۇقتىئىنەزەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇ جاينى ئىشغال قىلغۇچى، تاجاۋۇز قىلغۇچى، يەرلىك خەلقلەرنى ئەزگۈچى، يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغۇچى، يەرلىك خەلقلەرنى دىنىي، مىللىي جەھەتتىن خورلىغۇچى، ھاقارەت قىلغۇچى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلغۇچىدىن ئىبارەتتۇر (بۇ ھەقتە قارالسۇن: ئەلىخان تۆرىنىڭ بىر نۇتقى. چۆچەكتە سۆزلەنگەن. 1945-يىلى 8-ئاي. ئەخمەتجان قاسىمى؛ ماقالە ۋە نۇتۇقلار. 1992-يىلى. ئالمۇتا نەشرى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ «ئازاد شەرقىي تۈركىستان»، «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان»، «ئىتتىپاق»، «كۈرەش» قاتارلىق گېزىت ۋە ژۇرناللاردىكى ئەسلى ئورىگىنال ماقالە-نۇتۇقلىرىغا قارالسۇن) بۇنداق ئىدىيە ۋە نۇقتىئىنەزەرلەر «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» ۋە 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىنكى «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتلىرى، «كۈرەش» ۋە «ئىتتىپاق» ژۇرناللىرىدا تولۇق ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

«خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى» نۇقتىئىنەزىرى ئەخمەتجان قاسىمى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ تەرغىب قىلىندى. ئۇنىڭ بارلىق سۆز-نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدە «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى»، «خىتاي مۇستەبىتلىرى» نىڭ قىلمىشلىرى، ماھىيىتى، مەقسىتى ۋە باشقا تەرەپلىرى ئىزچىل ئەيىبلىنىدۇ (قارالسۇن؛ ئەخمەتجان قاسىمى؛ ماقالە ۋە نۇتۇقلار. 1992-يىلى، ئالمۇتا. 128 بەت ۋە ئەسلە ئورگىنالغا قارالسۇن) ۋەھالەنكى، بۇ ئاتالغۇلار 1980-يىللاردىن كېيىن خىتايدا ئېلان قىلىنغان ئۇنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ياكى يۇمشىتىلغان.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن بولۇپ، بۇ جاينى مۇستەملىكە قىلغۇچىلار دەل «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئىبارەتتۇر».

ئۇ، ۋەتەننىڭ نامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خەلقى» ئىكەنلىكى، «شىنجاڭ» نىڭ خىتاي تەرىپىدىن قويۇلغان نام ئىكەنلىكى نۇقتىئىنەزىرىنىڭ تەرغىباتچىسى ۋە ھىمايىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن: «شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئولتۇرۇپ كەلگەن جايلاردۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغانلىقىغا 3-4 مىڭ يىللىق دەلىللەر تېپىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى زامانلار ھەققىدە تارىخچىلار چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن كېيىن جاۋاب تاپار. شەرقىي تۈركىستان، ئالتىشەھەر، جۇڭغارىيە، يەتتىشەھەر، ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ياكى جەنۇب، شىمال، ياكى شىنجاڭ دېگەن ئەزەلدىن مۇشۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ، يەنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە ئېيتىلغان. ئاخىرقى «شىنجاڭ» دېگەن نام بىزنىڭ ئۆلكىمىزنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا ئېتىلىپ، تولۇق مۇستەملىكە ھالىغا چۈشۈپ خىتاي ئىمپېراتورلىرىنىڭ سەلتەنەتى تولۇق ئورنىتىلغاندىن كېيىن قويۇلغان نامدۇر. «شىنجاڭ» دېگەن نام «يېڭى دائىرە»، «يېڭى زېمىن»، دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. دېمەك، كۆرسىتىلگەن قارشىلىقلارنى بەربات قىلغاندىن كېيىن تولۇق ئىتائەت ئەتكۈزۈلگەن يېڭى بىر بۆلەك يەر خىتاي دۆلەت تۇپرىقىغا قوشۇلغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ» (ئەخمەتجان قاسىمى. يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق. 1948-يىلى، «ئىتتىپاق» ژۇرنىلى 2-سان. ماقالە -نۇتۇقلار، 1992-يىلى، ئالمۇتا، 29-بەت) دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ.

دېمەك، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر تارىخىي گەۋدە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ خىتاينىڭ ئىستىلا قىلىپ، ئىگىلىۋالغان زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلىق نام ئىكەنلىكىنىڭ تەبىرىنى بەرگەنىدى. دېمەك، ئۇنىڭ يەكۈنىچە، «شىنجاڭ ئەنە شۇ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىستىلا قىلىپ مۇستەملىكە قىلغان زېمىن» بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيادىكى باشقا مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىنلار خەلقىگە ئوخشاشلا مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھوقۇقى بار. ئۇنىڭ دائىم تەكىتلىگەن «ئەركىنلىك»، «ھۆرىيەت»، «ئازادلىق» ئۇقۇملىرى ئەمەلىيەتتىكى سىياسىي مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى خىتايلار ئىستىلا قىلىپ ئاتىۋالغان «شىنجاڭ» نىڭ ھەقىقىي ئىگىسى خىتاي ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «يەر بىزنىڭ، ۋەتەن بىزنىڭ، بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوق» (ئەخمەتجان قاسىمى، ماقالە-نۇتۇقلار. 1992-يىلى، ئالمۇتا، 29-بەت، سلاۋيان يېزىقىدا) دەپ كەسكىن ئەسكەرتىدۇ. بۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جاڭ جىجوڭ، سوڭ شىليەن قاتارلىق خىتاي ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر قەدەمدە تەكىتلەيدىغان «شىنجاڭ قەدىمدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى»، «بىزنىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىمىز بار»، «جۇڭگونىڭ 4 يۈز مىليون نوپۇسى بار، ئۇيغۇرلار ئاران 3 -4 مىليون خەلق»، «بىز جۇڭگو دۇنيادىكى 4 چوڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى»، «بىزنىڭ بىردەمدىلا بىر شەھەرنى تۈزلىۋەتكۈدەك ھەربىي كۈچىمىز بار» دەيدىغان ماختىنىشلىرى ۋە ھەيۋىلىرىگە بەرگەن قاتتىق جاۋابى ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى يەنە:« ئەمدى مەسىلە مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ھۆرلۈك، ئەركىنلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈستىدە كېتىپ بارىدۇ. بىزنىڭ يېرىمىزنىڭ نامىنى ھەرقانداق ئۆزگەرتكەن بىلەن ئەگەر خەلقىمىزگە سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرى بېرىلمەيدىغان بولسا، ئەمەلىيەتتىكى مىللىي ئېزىلىش يوقىتىلمايدىغان بولسا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شەكىل مەزمۇننى ھېچ ۋاقىتتا بەلگىلىمەيدۇ» (ئالمۇتا، شۇ ئەسەر، 29-بەت) دەپ تەكىتلەيدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ دۇنيادىكى مۇستەملىكىلەر ئىچىدىكى ئەڭ بىچارە مۇستەملىكە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «بىزنىڭ يۇرتىمىز مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇستەملىكىسىنىڭ مۇستەملىكىسى دېگەن ئىدۇق، بىزنىڭ يۇرتىمىزنى بېسىپ ئېلىپ، مۇستەملىكە قىلىپ ئالغۇچىلارنىڭ ھەر قەدەمدە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى-ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىدىن ئۆتەلمەستىن توختاپ قالغان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭلاشقا بىزنىڭ يۇرتىمىزنى ئىدارە قىلىشقا كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئېڭى قەدىمكى زامانغا سېلىشتۇرغاندا ئالغا كەتكەن، لېكىن بىزنىڭ زامانىمىزدىن ئايرىم مەسىلىلەردە 4-5 مىڭ يىل، ئومۇمەن 200-250 يىل ئارقىدا قالغان ئاڭدىكى ئادەملەر بولغاچقا ئۆلكە خەلقىنى ئوتتۇرا ئەسەر زۇلۇمدا ساقلايتتى.» (ئەخمەتجان قاسىمى؛ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ كۈچى: بىرلىشىشتە. ماقالە تارمىقى: خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش تەجرىبىسى. ماقالە -نۇتۇقلار، 1992-يىلى، ئالمۇتا، 88-بەت) دەپ ئەسكەرتىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ قالاق مۇستەملىكىچىلەر ئىكەنلىكى، خىتاي مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاڭ جەھەتتە دۇنيادىن 250-200 يىللار ئارقىدا قالغان قالاق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، دېمەك ناتىۋان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنە شۇ قالاق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قولىدا قالغانلىقى، مەزكۇر قالاق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدە قالدۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاشلا ئەنە شۇ مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغۇچىلارنى «مىللىي مۇناپىقلار» ، «مىللىي ساتقۇنلار» دەپ ئاتايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top