You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » بىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى!

بىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى!

ئۇيغۇر ئاكادىميىسى ۋەخپى رەئىسى پەرھات تەڭرىتاغلى: «بىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى!»

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 11 دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەنھەركەت ۋە تەرەققىيات جەمىئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ۋەخپىنىڭ قېتىلىشى بىلەن، ئىستانبول ئاتاكۆيدىكى تۈركىيە مىللىي ئولىمپىيات كومىتىتىنىڭ ئالدىدا «خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قارشى بايقۇت قىلىش نامايىشى» ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش نۇتقى ۋە ئاخبارات باياناتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى. تۈرك تىلىدىكى مەدەنىيەتكە ئىسىم قويغان جەمئىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، مۇھەببەت، تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول قويۇش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭدا قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەستىقلاشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا، بىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىمىز. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ھوقوقى خىتايدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەك.»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top