You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » «مىللىي ئارمىيە» مىزنىڭ ۋۇزۋۇد كاماندىرى، ھۆرمەتلىك ئاتام ئابدۇلھەق ئابدۇۋەلى كامال ھەققىدە ئەسلىمە

«مىللىي ئارمىيە» مىزنىڭ ۋۇزۋۇد كاماندىرى، ھۆرمەتلىك ئاتام ئابدۇلھەق ئابدۇۋەلى كامال ھەققىدە ئەسلىمە

«مىللىي ئارمىيە» مىزنىڭ ۋۇزۋۇد كاماندىرى، ھۆرمەتلىك ئاتام ئابدۇلھەق ئابدۇۋەلى كامال ھەققىدە ئەسلىمە

دادام تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 -يىلىغا بېغىشلايمەن

ئاپتورى: سەلىمە ئا. كامال

تەھرىرى: دوكتور مەغپىرەت كامال

مېنىڭ دادام – ئوتتۇرا بويلۇق، قارا قاشلىق، مەخمەلدەك قويۇق بۇرۇتلۇق كىشى ئىدى. 1944-يىلىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىز، ئىلى ئىنقىلابىدا ئارغىماق مىنىپ، قولىغا مىلتىق ئالغان. باسقۇنچى دۈشمەننى يوقىتىشقا ئاتلانغان بىر جەڭچى، ۋۇزۋۇد كاماندىرى ئىدى. ئۇ جەنۇبنى ئازاد قىلىشقا ئاتلانغان قوشۇن بىلەن مۇز داۋاندىن قانداق جاپالاردا ئاشقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. سادىر پالۋاننىڭ كىملىكىنى، قەھرىمان رىزۋانگۈلنى تۇنجى بولۇپ بىزگە يەتكۈزگەنىدى. دادامنىڭ پۈتۈن جەمەتىمىزنى پەخىرلەندۈرگەن يەنە بىر ئۆچمەس تۆھپىسى شۇكى: دادام 11 ئەۋلاد نەسەبنامىمىزنى يۈرىكىدە ساقلاپ، كاماللار جەمەتىمىزگە قىممەتلىك ئابىدە تىكلەپ بەرگەن مەسئۇلىيەتچان بىر ئىنساندۇر.

دادام خەتنى ھۆسنىخەتتەك چىرايلىق يازاتتى.  قۇل خوجا ئەھمەد (ئەھمەد يەسەۋېي) نىڭ «دىۋانى-ھېكمەت» كىتابىنى، رابغۇزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» سىنى، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» لەرنى ئوقۇيتتى.  ئۇ ئەركەكتەك قەھرى بار، دۇنياغا، تەبىئەتكە مۇھەببىتى، ئاپامغا چەكسىز ۋاپادارلىقى بار بىر ئىنسان ئىدى. 1961-  يىلىدىن باشلاپ، بارلىق كىرىم مەنبەسى ئۈزۈۋېتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى جاپالىق يىللاردا سەككىز قىزىنى پۈتۈن غەيرىتى بىلەن بېقىپ ئوقۇتقان، ھەتتا بەش قىزىنى، بىر نەۋرە ئوغلىنى ئالى مەكتەپلەرگە ئۈمىت ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن ئۇزاتقان مېھرىبان، ساپالىق بىر ئاتا ئىدى.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ داۋامىنى بۇ پ د ف ھۆججىتىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: «مىللىي ئارمىيە» مىزنىڭ ۋۇزۋۇد كاماندىرى، ھۆرمەتلىك ئاتام ئابدۇلھەق ئابدۇۋەلى كامال ھەققىدە ئەسلىمە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top