You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەخمەتجان قاسىمى: بىز گومىنداڭنىڭ ناخشىسىنى ئېيتمايمىز!

ئەخمەتجان قاسىمى: بىز گومىنداڭنىڭ ناخشىسىنى ئېيتمايمىز!

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: مەزكۇر يازما ئابدۇراھمان ئەبەي ئەپەندى تۈزگەن «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسىمىدىن ئېلىنىپ تەييارلاندى. «سەنمىنجۇيى» (三民主义) گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ناخشىسى شۇنداقلا ئۇ ھاكىمىيەت تۇتقان خىتاي جۇمھۇرىيىتى (جۇڭخۇا مىنگو) نىڭ دۆلەت شېئىرى بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە شۇ تەرىقىدە رەسمىي سورۇنلاردا ئورۇندىلىپ كەلمەكتە. يازغۇچى ئەلقەم ئەختەم سۆزلەپ بەرگەن مەزكۇر ھېكايىدە 1946-يىلى 1-ئىيۇل كۈنى قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك» بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئاقسۇغا يەرلىك سايلام جەريانىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى رەسمىي يىغىننى خىتاي دۆلەت شېئىرى بىلەن باشلاشنى رەت قىلغانلىق ۋەقەسى بايان قىلىنىدۇ. بىتىم تۈزۈلگەن كېيىنمۇ ئازاد بولغان ئۈچ ۋىلايەتتە خىتاي بايراقلىرىنىڭ ئېسىلماسلىقى، مىللىي ئارمىيەنىڭ فورما، كاكار ۋە باشقا بەلگەلىرىدە ئۆزگىرىش بولماسلىقى، شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ ئىزچىل قوللىنىلىشى ۋە مىللىي ئىنقىلاب تەشۋىقاتلىرىنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە ئەۋج ئېلىشى گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساراسىمىگە سالسا، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئەمەلىي مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشلىرى ۋە مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن قىلغان سىياسىي كۈرەشلىرىگە پاكىت بولۇپ قالغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىي مەيدانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر جانلىق پاكىتتۇر. 


بىز گومىنداڭنىڭ ناخشىسىنى ئېيتمايمىز!

1946-يىلى «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالىنىپ، ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش بىلەنلا، ئۇنىڭغا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۈنىگە نەچچە پارچە ئەرز خەت كېلىشكە باشلىدى. بۇ خەتلەردە: گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ «11 ماددىلىق بىتىم»نى تۆۋەندە ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقى، پات ئارىدا بولىدىغان ھاكىم سايلىمىغا ئۆز قولچوماقچىلىرىدىن كېڭەش ھەيئىتى قۇرۇۋېلىپ، سايلامنى مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقى، «11 ماددىلىق بىتىمنى ئىجرا قىلىمىز، خەلق سايلىمى ئارقىلىق ھاكىم سايلايمىز» دېگۈچىلەرنى ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ «نەشىكەش، قىمارۋاز» دېگەن بەدناملار بىلەن قولغا ئېلىۋاتقانلىقى يېزىلغانىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ھەربىر ئەرز يازغۇچىغا بۇ ناھەق ئىشلارنىڭ پات ئارىدا ھەل بولىدىغانلىقى، ھەر بىر ناھىيىنىڭ ھاكىمى ئەمەلدارلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئەمەس، خەلق سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ خەت يازدى ھەمدە ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى كېڭەش ھەيئەتلىرىگە ھاكىم سايلىمىنى ئادىل قىلىشنى، ئىشنى ئادىل ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلق سايلىمى قىلىشنى جېكىلەپ يوليورۇق چۈشۈردى. لېكىن بۇ چارىنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئاخىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئەرز خەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭغا دەرھال بىر خىزمەت ئۆمىكى ئەۋەتىپ، خەلق سايلىمىنى ئادىل ئېلىپ بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. گومىنداڭ دائىرىلىرى دەلىل-ئىسپات ئالدىدا بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلماي مۇمكىن بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سايلامنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئۆمەك تەشكىللىدى. ئۆلكە رەئىسى جاڭ جىجۇڭ ئۆمەك باشلىقى، ئەخمەتجان قاسىمى مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولۇپ يولغا چىقتى.

ئەخمەتجان قاسىمى قاراشەھەر، كورلا، كۇچاردا ئۆزى خەلق ئارىسىغا كىرىپ، سايلام ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ناھەق قولغا ئېلىنغانلارنى تۈرمىدىن بوشاتتى. خەلقنىڭ ئەرز شىكايەتلىرىنى ھەل قىلدى. شۇڭا خەلق ئارىسىدا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ئابرويى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. خەلق نامايىش قىلىپ: «ياشىسۇن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى!»، «ياشىسۇن باراۋەرلىك!»، «11 ماددىلىق بىتىمنى تولۇق ئىجرا قىلايلى!» دەپ شۇئار توۋلاشتى. خەلقنىڭ بۇ شادلىقى گومىنداڭ تەرەپنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ قويدى. شۇڭا ئۇلار ئاقسۇغا ئالدىن خەۋەر بېرىپ، ئالدىن پۇختا تەييارلىق قىلدى. ئۇلار ئاقسۇدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھەيۋىسىنى بىر چۈشۈرمەكچى، ھەتتا ئوبدان بىر ئەدىبىنى بېرىپ، مۇشۇ ئاقسۇدىلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولدى.

ئاقسۇدا گومىنداڭچىلارنىڭ تەييارلىقى خېلىلا پۇختا ئىشلەندى. ئۇلار دېھقانلارغا ئون كۈنگىچە شەھەرگە كىرمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئاندىن بىر تۈركۈم مىللىي مۇناپىقلارنى پۇلغا سېتىۋېلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئاقسۇغا كىرىشى بىلەنلا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىغا قارشى نامايىش قىلدۇردى … ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ خەلقنىڭ شەھەرگە كىرىپ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىشىنى توسۇپ قالالمىدى. خەلق شەھەرگە كەلكۈندەك بېسىپ كىردى. بۇ شۇم پىلانى بۇزۇلغان گومىنداڭچىلار ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، قولىدا يىڭنىنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان خەلقنى كالتەكلەشكە باشلىدى. بىچارە ئاقسۇ خەلقى باش-يۈزلىرى كالتەك زەربىسىدىن يېرىلىپ، ئۈستى-باشلىرى قىپقىزىل قان ھالەتتە تۇرۇپمۇ يەنە ئەرز خەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئەخمەتجان قاسىمى تەرەپكە يۈگۈرەيتتى … لېكىن قاتمۇ-قات مۇھاسىرە ئۇلارنى ئۇچراشتۇرمىدى. گومىنداڭ دائىرىلىرى قوغداش باھانىسى بىلەن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى ئالمان-تالمان ۋالىي مەھكىمىسىگە باشلىدى. ئەخمەتجان قاسىمى خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىدەك بىردەم-بىردەم كەينىگە قاراپ، بوينىنى سۆرىگەندەك مەجبۇرىيەت بىلەن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ كۆك دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى…

كەچلىك تاماقتىن كېيىن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مەجلىسخانىسىدا ئاقسۇ ۋالىيسى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرىگە ئاقسۇدىكى خىزمەتلەردىن دوكلات بەرمەكچى بولدى. ۋەكىللەر ۋە ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىن زالىغا كىرىپ كۆرسىتىلگەن يەردىن ئورۇن ئالدى. يىغىننى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىبى باشقۇردى. ئۇ يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە بىرىنچى بولۇپ دۆلەت شېئىرىنى باشلىدى. يىغىن زالىدىكىلەر گۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ناخشىغا تەڭكەش بولدى. ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى ئولتۇرغان ئورنىدىن مىدىرلاپمۇ قويمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئورنىدىن تۇرۇپ «سەنمىنجۇيى» نى ئېيتىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئورنىدىن تۇرماي غەزەپ بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالدى-دە، يەنە دەرھال ئېسىنى يىغىپ ئولتۇرىۋالدى. ناخشا تاماملانغاندىن كېيىن ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدا ئولتۇردى. ئەخمەتجان قاسىمى غەزەپ بىلەن شىرەنى شۇنداق قاتتىق ئۇردى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى:

-بۇ قانداق يىغىن؟- دەپ ۋارقىرىدى ئەخمەتجان قاسىمى يىغىن باشقۇرغۇچى باش كاتىپقا قاراپ،- بىلەمسەن، بۇ گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ يىغىنى بولمىسا نېمىدەپ «سەنمىنجۇيى» نى ئېيتىسەن. بىز گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە تەسلىم بولۇپ كەلمىدۇق. تەڭ ھوقۇقلۇق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ، بۇ يەردىكى ھەق-ناھەق ئىشلىرىنى تەكشۈرگىلى كەلدۇق. بىز بايا ئاشۇ چوڭ يولدا كالتەكلەنگەن خەلقنىڭ ۋەكىلى. بىز بۇ يەردە سېنىڭ ناخشاڭنى توۋلىمايمىز. باراۋەر ھوقۇق بىلەن ھەق-ناھەق ئۈستىدە دەۋالىشىمىز. ھازىرقى «سەنمىنجۇيى» بىلەن باشلانغان يىغىن ئىناۋەتسىز!

گومىنداڭ تەرەپ بايىقى ناخشىنى بىكار قىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئەپۇ سورىدى ھەمدە يىغىننى يېڭىدىن باشلىدى. ئۇلار نەچچە كۈن قىلغان تەييارلىقلار بىلەن ئەخمەتجاننى مات قىلالماستىن ئۆزلىرى مات بولدى. 

(بۇ ھېكايىنى يولداش ئەلقەم ئەختەم سۆزلەپ بەرگەن)

مەنبە: «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر» 2-قىسىمى، ئابدۇراھمان ئەبەي،خەلق نەشىرىياتى، 1986-يىلى ئۆكتەبىر 1-نەشىرى، 1987-يىلى ئىيۇل 1-بېسىلىشى.


خىتاي جۇمھۇرىيىتى (جۇڭخۇا مىنگو) نىڭ دۆلەت مارشى «سەنمىنجۇيى» (三民主义):

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top