You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئازادلىق ئوردېنى

ئازادلىق ئوردېنى

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: مەزكۇر يازما ئابدۇراھمان ئەبەي ئەپەندى تۈزگەن «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسىمىدىن ئېلىنىپ تەييارلاندى. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق «ئازادلىق» ئودېنى تاقىغان، مانچىستىر بۆك ۋە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقىغان ئوبرازى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن بىر نۇرلۇق سىما بولۇپ قالغان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن شۇ قىياپىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ھېلىھەم ساراسىمىگە سېلىپ، ئاڭلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ۋە ئاتالمىش «جىنايەت»لىرىگە «پاكىت» قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابقا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن يەتتە قېتىم تەقدىرلەنگەن بولۇپ، ئالغان مېداللىرىنى تولۇق ئاسقان ھالدىكى سۈرەتلىرى ھېلىھەم مەۋجۈت. لېكىن ئەخمەتجان قاسىمى بۇ ئوردېن-مېداللارنى سورۇنلارغا قاراپ تاقىغان ۋە بۇ ئارقىلىق مەلۇم مەنىدە ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشقان. مەسىلەن، 1946-يىلى ئاۋغۇستتا جاڭ جىجۇڭ غۇلجاغا كەلگەن چاغدا ئەخمەتجان قاسىمى باشقا مېداللىرىنى تاقىماستىن، پەقەتلا «ئىستىقلالىيەت (مۇستەقىللىق) ئۈچۈن كۈرەش» ئوردېنىنى تاقاپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە شۇر ئارقىلىق سىياسىي ئىرادىسىدىن شەپە بەرگەن ئىدى. ئەرشىدىن تاتلىق سۆزلەپ بەرگەن مەزكۇر ھېكايىدە ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى نېمە ئۈچۈن قەلبىمىزگە ئورناپ كەتكەن ئوبرازىدىكى «ئازادلىق» ئوردېنىنى دائىم تاقايدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىدۇ.


ئازادلىق ئوردېنى

ئەخمەتجان قاسىمى ئىنقىلابتىكى زور تۆھپىلىرى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەتتە قېتىم ئوردېن-مىدال بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى. لېكىن ئۇ مەيدىسىگە دائىم «ئازادلىق» ئوردېنىنىلا تاقاپ يۈرەتتى.

1949-يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى. «ئىتتىپاق»تىكى خىزمەتچىلەر غۇلجا شەھىرىدە داغدۇغىلىق كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ھەممىدىن كۆپ ئورەك كولىدى. ئۇ كەتمەن چېپىشتا ئاجايىپ چەبدەس ئىدى.

دەم ئېلىش ۋاقتىدا ياشلار ئەخمەتجان قاسىمىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشتى. ئەخمەتجان قاسىمى خۇددى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردەك تەمكىن ئولتۇرۇپ، ئاجايىپ ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ياشلارغا دۇنيا ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرەتتى. دەل شۇ چاغدا بىر ياش ئويلىمىغان يەردىن بىر سوئالنى سوراپ قالدى:

-ئەخمەت ئەپەندىم،-دېدى ئۇ،-سىز ناھايىتى جىق ئوردېنلار بىلەن مۇكاپاتلاندىڭىز، ئەجەبا باشقىلارنى تاقىماي، دائىم مۇشۇ «ئازادلىق» ئوردېنىنىلا تاقايدىكەنسىز؟
بۇ سوئال باشقىلارنىمۇ قىزىقتۇردى.

ئەخمەتجان قاسىمى ئىچ-ئىچىدىن ھوزۇرلىنىپ بىر كۈلۈمسىرىدى. ئۇ تازا ھوزۇرلىنىپ كۈلگەندە كۆزلىرى نۇرلىنىپ، چىرايىنى تەبەسسۇم قاپلايتتى.
-يىگىت،-دېدى ئۇ ھېلىقى ياشنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ،- ئىنسان ئۈچۈن جاھاندا ئازادلىقتىن ئۇلۇغ، ئازادلىقتىن بەختلىك نەرسە يوق. تۈمەن مىڭ يوقسۇللار قاتارىدا مەنمۇ شۇ ئازادلىققا تەشنا… ھازىر يېرىم ئازاد بولدۇق. يەتتە ۋىلايەتتىكى خەلقىمىز يەنىلا ئازاب ئىچىدە ھوقۇقسىز، ئەركسىز قۇل بولۇپ ياشاۋاتىدۇ… ئۇلار بۇ ئازادلىققا بىزدىنمۇ بەتتەر تەشنا. بىز شۇ ئازادلىق ئۈچۈن مىلتىق كۆتۈرۈپ كۆرەش قىلىۋاتىمىز. شۇڭا مەن ئازادلىقنى ھەممىدىن ئارتۇق بىلىمەن. ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. شۇڭا بۇ «ئازادلىق» ئوردېنىنىمۇ مەيدەمدىن چۈشۈرمەيمەن!

ئازادلىق ھەققىدىكى بۇ گەپنى ئاڭلىغان ياشلار ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەيدىسىدىكى ھېلىقى «ئازادلىق» ئوردېنىغا باشقىدىن ھەۋەس بىلەن قاراشتى. «ئازادلىق» ئوردېنى بولسا قوياش نۇرىدا ئالتۇن نۇر چېچىپ تېخىمۇ چاقناشقا باشلىدى.

(بۇ ھېكايىنى ئەرشىدىن تاتلىق سۆزلەپ بەرگەن)

مەنبە: «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر» 2-قىسىمى، ئابدۇراھمان ئەبەي،خەلق نەشىرىياتى، 1986-يىلى ئۆكتەبىر 1-نەشىرى، 1987-يىلى ئىيۇل 1-بېسىلىشى.


ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بارلىق ئوردېن-مىداللىرىنى تاقىغان ھالىتى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئوردېن-مىداللاردىن بىر تۈركۈم

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top