You Are Here: Home » ئانا تىل » ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟

ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟

ئاپتورى :ئالىم ئەھەت

دۇنيادا ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. شۇڭا، پىكىرىم سەل تېيىز بولسىمۇ، ھاياجان سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىۋاسىتە تەھرىرلىمەي يازغان بولغاچقا كەچۈرۈڭلار، قېنى باشلاي ئەمىسە.

10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لايىھىلەپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودىنى بېكىتىپ (ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئورۇن بېكىتىپ بەرمىگەن بولغاچقا)، كىرگۈزگۈچ ياساپ، كېيىن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە لۇغەت ياساپ باققان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىم ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، ئاددىي سەۋەبى مۇنداق:

(1) كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا مەلۇمكى،
كومپيۇتېردا ئىككىلىك سىستېما قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىمۇ 2 گېگابايت، 4 گېگابايت، 8 گېگابايت،..32 گېگابايت دېگەندەك ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلار دەل ئىككىنىڭ دەرىجىلىرىدۇر (2،4،8،16،32). ASCII كودىدا لاتىنچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەرنى پاراللېل رەتلىك قىلىش ئۈچۈن زورمۇ-زور ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلار بار ئىدى، ناۋادا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئايرىم رايوندا كود بېكىتىلىدىغان بولسا، ASCII كودىدىنمۇ رەتلىك ئورۇنلىشىپ، بىر رايونىغا شۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ گۈلى-گۈلىگە كېلىدۇ. (مەن ئەلكاتىپ 1.0 دە شۇنداق قىلىپ، USCII كودى دەپمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم). بۇنداق يېزىقنى يەنە تاپالامسىز؟

(2) سۆز قوشۇمچىلىرى
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدىلا I am from Kashgar دېگەن جۈملىدىكى from (دىن، تىن) نى بەك تەستە قوبۇل قىلغان، تېخى ئالدىدىكى am دېگەننىچۇ؟ ئەگەر بۇ جۈملىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە توغرا كەلسە، «مەن قەشقەردىن» (ئىككى سۆز بىلەن) دەيمىز، ئىش تامام. تېخى ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىدى يېنىدىكى «جۇڭگو بانكىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Bank of China بولۇپ، «of» دېگەن نېمە ئۇ؟ كومپيۇتېرغا ئىنگلىزچە Windows نى قاچىلىغاندا، My Computer دەپ چىقاتتى. ئۇيغۇرچە «كومپيۇتېرىم» دېسەكلا تامام. بىزدە بۇنداق شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىۋاسىتە سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىلدىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق. ئۇيغۇرچە جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ساناش توغرا كەلسە، بەك توغرا تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىنگلىزچىدە ئۇنداق ئەمەس. of, the, to, from,…. دېگەنلەر ساناشقا تەسىر قىلىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدەك باشقا تىل-يېزىقنى تاپالامسىز؟

(3) مىقدار سۆز
خەنزۇ تىلىدا بىر دانە ئۈستەل، بىر نەپەر ئادەم دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەردە زورمۇ-زور مىقدار سۆز ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي بولىمىز، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە بۇنداق زورمۇ-زور ئىشلىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت بىر ساپاق ئۈزۈم، بىر خالتا سۈت ،…دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مىقدار سۆزنى زورلاپ ئىشلەتمەيمىز، بۇنداق قۇلايلىقلار يەنە قانداق تىللاردا بار؟

بەلكىم، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تېيىز كۆز قارىشىم سەۋەبىدىن سىڭگەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۆزىنىڭ تىلىنى ماختاش، سۆيۈش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزغا باشقىچە قارايدىغانلارغا ھەيران قالىمەن.

يېقىندىن بۇيان تىلىمىزغا بولغان ھەر خىل خىرىسلار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلەر «ھەمزە»نى تاشلىۋېتەيلى دېسە، يەنە بەزىلەر ھەرپ شەكىللىرىمىز ئېنىق ئەمەس دەپ، يەنە بەزىلەر ئېلىپبە تەرتىپىمىز توغرا ئەمەس دېيىشمەكتە. يەنە بەزى نوپۇزلۇقلار مۇنداقمۇ دېيىشمەكتە، ئالىم ئەھەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈپتىكەنتۇق، بۇ جەدىۋەلدە، «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا، بۇ ئىككىنى ھەرپنى قىسقارتىپ، «ژ» نى «ج» بىلەن، «ف» نى «پ» بىلەن ئىپادىلەيلى، ھەمزە بىلەن جەمئىي ئۈچ ھەرپنى تاشلىۋېتەيلى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. مەن 2004-يىلى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھېسابلاپ چىقمىغان ئىدىم، يەنە بەزىلەر ئىنگلىز تىلىدا 48 تاۋۇش 26 ھەرپ بار ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ 32 ھەرپ 16 تاۋۇش قىلايلى دىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەن بەزى چالا تەرجىمانلارنىڭ دائىم مۇنداق تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

(1) ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.
(2) دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى.
(3) يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى.
(4) دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى.
(5) سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
(6) ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن

مېنىڭچە،
(1) -جۈملە «ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دىكى «يۈز بەردى»دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى، شەخس ،..نى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول، بىر پېئىلنى 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدۇ، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى (توغرا)

قايسى كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەردە تېخى مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىردە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى»، توۋا دەپ قاپتىمەن. «ئىچكىردە كەلكۈن كەلدى» دېسە تامام. «كەلكۈن» دەپ مەخسۇس بىر ئاتالغۇ تۇرسا، ئېلان ئورنىدا دەپ قوياي، ئۇلار «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداق بولماس ئىدى بەلكىم. (يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش مودا ھازىر).

(2)-جۈملە «دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دىكى «نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى»دېگەن قانداق گەپ؟ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ كومپيۇتېردا تەرجىمە قىلغانمىكىن دېسەم، بۇنداق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتال تېخى ئېلان قىلىنمىدى. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىدى (توغرا)

(3)-جۈملە «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دىكى «چوڭقۇر قانات» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىما خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ «ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ»، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا)

(4)-جۈملە «دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى» دىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى «يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي» دېگەن سۆزنى«يەر تەۋرەشكە چىداملىق» دەپ ئۆزگەرتتى، ئەمما، ئالدىدىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەننىڭ ئورنىغا، «پۇل خەجلەپ» دېسە بولماسمىدى؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىچىدە خەجلىمىگەن ئەمما، كەنت باشلىقلىرىغا پارا بەرگەن پۇللارمۇ بولغاچقا، «خەجلەش»نىڭ ئورنىغا «پۇل سەرپ قىلىپ»دەمدۇق؟ بۇنى مەن بىلمىدىم. مېنڭچە، مۇنداق دېيىش كېرەك:
دېھقانلار ئاز پۇل خەجلەپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى (توغرا)

(5)-جۈملە «سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دىكى «سىزنىڭ…بولدى»دېگەنگە قارىغاندا، بۇ ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىق. مەن ئۈستىدە دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تەرەپلىرى بار، مەن يەنە بۇلارنى بىلوگىمدا داۋاملىق يېزىشىم مۇمكىن، بۇ جۈملىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز.
ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز

«مۇۋەپپەقىيەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسىنى مانا مەن دېگەن ئادەممۇ توغرا يازالمايدۇ، شۇڭا، «غەلبىلىك» دېگەننى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ۋە ئۈچ بوغۇم قىسقىراپ، سۆز مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ جىق ئورۇننى ئېگەللىمەيدۇ. لېكىن، «سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز» ياكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز»نىمۇ ئويلىشىپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. «غەلبىلىك بولدى»، «غەلبىلىك ھالدا»،…دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن زامان قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

(6)-جۈملە «ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دىكى «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن»دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت» دېسەكلا تامام، مېنىڭچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى مۇنداق دېيىش كېرەك:
ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن (توغرا)

ئۆز ئانا تىلى ساۋادى چالا بولغان يېڭى تەرجىمانلىرىمىز، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بەك پىششىق ئۆگىنىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئادىتىنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرمەكچىمۇ بولدىمۇ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بەك كام تېپىلىدۇ، بۇنى يازغانسېرى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت قايتىدىن كۈچەيدى، شۇڭا، «ئۇيغۇر تىلى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى، بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەيلى، زامانغا ماسلاشمايدۇ، كومپيۇتېرغا بولمايدۇ،…دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالسام بىئارام بولىمەن. شۇڭا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئەمدى بىلوگىمدا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالمىغايمەن.

مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك ھەم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، «دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى»-دەپ خەۋەر بېرىپ، دوپپا كەيمىگەندەكلا ئىش يەنى تېخى شۇ يىغىن تۈگەپ 10 مىنۇتتىن كېيىنكى ئايرىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا يوق (ئەلكۈيىدىكى زىيارەتنى كۆرۈپ بېقىڭ). لېكىن، دوپپا دېگەن مۇنداق ياخشى نەرسە دەپ بىر پاتمان سۆزلەپ بەرسەكمۇ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، زورمۇ-زور ئۆتكۈزگەن بايرامدەك، رەسىمگە چۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ، ئۆپچە تاماق يەپلا يېنىپ كېلىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ھەم قايىل قىلالمايمىز. نۇرغۇن چىقىم قىلغاننى ئاز دەپ يەنە باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىمىز.

تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى توغرا تەتقىق قىلايلى، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنايلى!

مەنبە: ئالىم ئەھەت يانبىلوگى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top