ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۇنجى مارشالى ۋە رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ھەم ئۇنىڭ ئىدىيەۋى پىكىرلىرى (1)
نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
20-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىدە تۈركىي قېرىنداش خەلقلەرمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇردى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز تالانتى، قابىلىيىتى، جەڭگىۋارلىقى ۋە پىداكارلىقلىرىنى كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئوغلانلىرى مۇستەقىللىق، ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ رەھبەرلىك سەپلىرىدىن ئورۇن ئالدى. كەڭ ئۇيغۇر خەلقى بۇلارنى ھېچ ئايرىماستىن ئۇلارغا يۈكسەك ھۆرمەت كۆرسەتتى ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەر ساھەلەردە ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى قوللىدى. 1944-يىلى پارتلىغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، ھەممە قېرىنداش خەلقلەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. 1931-يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئالىي رەھبىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانىدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلار نىلقا، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى شىددەتلىك جەڭلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى، بەرگەن شېھىت-قۇربانلىرى بەدىلىگە خىتاي مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەلىخان تۆرىنى جۇمھۇر رەئىسى قىلىپ تىكلىدى. ئەلۋەتتە، قەھرىمان غېنى باتۇر ۋە باشقا مىڭلىغان غۇلجا خەلقىنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، پىداكارلىقلىرى ۋە تۆكۈلگەن قانلىرى بولمىغان بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلمىغان بولار ئىدى ۋە ئەلىخان تۆرىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تارىخقا پۈتۈلمىگەن بولار ئىدى.
1945-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن شىمالىي رايونلارنى ئاساسەن ئازاد قىلىپ، ئىنقىلاب ئوتلىرىنى جەنۇبتىكى قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ ئەتراپلىرىغىچە كېڭەيتكەن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرى، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ 80% كە يېقىن قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆكۈمىتى، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 114-سانلىق قارار ماقۇللاپ ئەلىخان تۆرىگە مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئۇنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي قوماندانى سۈپىتىدە تىكلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي ئاسىيا رايونى تارىخىدىكى تۇنجى مارشال دۇنياغا كەلدى.
ئەلىخان تۆرە 20-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا تۇنجى مارشالى بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن غەربىي تۈركىستان، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئارىسىدىن چىققان بىرىنچى مارشال ئىدى. جۈملىدىن ئۇ بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان خەلقى تەرىپىدىن ئۆزبېك خەلقى ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى مارشال، ئۆزبېك خەلقىنىڭ بۈيۈك دۆلەت ئەربابى، مۇتەپەككۇرى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانماقتا. شۈبھسىزكى، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولىدا كۈرەشكە ئاتلىنىپ مىڭلىغان ئوغلانلىرىنى قۇربان قىلمىغان بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولمايتتى ۋە ئەلىخان تۆرە ساغۇنىيمۇ جۇمھۇر رەئىس ۋە مارشال دېگەن نام بىلەن مەركىزىي ئاسىيا، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا يېزىلمىغان بولار ئىدى.
ئۆزىگە ساغۇنىي تەخەللۇسى قوللانغان يەنى ئەلىخان تۆرە شاكىرخوجا ئوغلى 1884-يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل بويىدىكى توقماق شەھىرى، يەنى قەدىمى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى بالاساغۇن شەھىرى ئەتراپىدا تۇغۇلغان. ئېتنىك جەھەتتىن ئۆزبېك دېيىلسىمۇ، لېكىن مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا پەرغانە ۋادىسىدىكى 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ تاكى 1870-يىللارغىچە داۋاملاشقان مانجۇ ئىستېلاسىدىن قېچىپ پەرغانە ۋادىسىغا ماكانلاشقان قەشقەرىيەلىكلەر، يەنى ئۇيغۇرلارغا تۇتاشسا كېرەك.
ئەلىخان تۆرە سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن 1931-يىلى سوۋېت تۈرمىسىدىن قېچىپ غۇلجىغا يەرلىشىپ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە شەۋكەتلىك قىسمىنى باشلىغان ھەم ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھايات مۇساپىسىدە ئۆزىگە خاس دىنىي، مىللىي، دۆلەتچىلىك، سىياسىي، تارىخ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى شەكىللەندۈردى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئىدىيەلىرىنى 1944-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشتى. ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇ خىل ئىدىيەلىرى 1944-1946-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق قوراللىق كۈرەشلىرى ۋە دۆلەت، ھاكىمىيەت قۇرۇش ھەم يۈرۈشتۈرۈش تەرەققىياتى جەريانىدا كۈچلۈك ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئۇنىڭ ئىدىيەلىرى مەتبۇئاتلار، يىغىلىش ۋە يىغىنلار ھەم باشقا تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق خەلققە يېتىپ كېلىپ، ئازادلىققا، مۇستەقىللىققا ئىنتىلىۋاتقان ۋە شۇ يولدا كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.
ئەلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە ئىدىيەۋى دۇنياسىنى، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى 1966-1973-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە يازغان «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئۆزىنىڭ تاكى 1937-يىلىغىچە، يەنى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن كۇچاردا قولغا ئېلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ھايات مۇساپىسىگە ئائىت ئەسىرىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق ئىپادە قىلغانىدى. بۇ ئەسەر 2003-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى «شەرق نەشرىياتى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلىندى.
كەمىنە 1990-يىلى موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى، يەنى كېيىنكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تارىخ دوكتورۇلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشنى باشلىغان ۋاقتىمدا موسكۋادىكى چوڭ كىتابخانىدىن ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ ئۆزبېك تىلىدىكى «تۆمۈر تۈزۈكلىرى» ناملىق ئەمىر تۆمۈر ھەققىدىكى تەرجىمە ئەسىرىنى كۆرۈپ سېتىۋېلىپ ئوقۇغانىدىم. بۇ ئەسەر ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي تەرىپىدىن پارىسچىدىن ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، سوۋېت ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تاشكەنتتە نەشر قىلىپ تارقاتقانىدى. ئەلىخان تۆرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل ئۆزبېك تىلىدىكى مەزكۇر ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەلىخان تۆرە ھەققىدىكى ئىزىدىنىشلىرىم كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىدى.
«تۈركىستان قايغۇسى» ئەلىخان تۆرىنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ قوللانمىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ماتېرىيالدۇر. شۇنىڭدەك ئەلىخان تۆرە ئىدىيەۋى پىكىرلىرىنىڭ جەۋھەرلىك توپلامىدۇر.
ئەسەر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېئونىد برېژنېۋ دەۋرى، يەنى تۇرغۇنلۇق دەۋرى بولغان 1966-1973 -يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتىن سوۋېت-خىتاي دۈشمەنلىكى يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىشى كۆز بىلەن كىرپىك ئارىسى ھالىتىگە كەلگەن ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇر قەرتى» نى ئويناشقا كىرىشكەن مەزگىل ئىدى. تاشكەنتتە بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ئاكتىپ ئۆز خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. بۇ ھەم ئۆزبېكىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋە خارجى رادىيوسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇرلاردىن، 1947-1949-يىللىرى ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مەسلىھەتچىلىككە ئەۋەتىلگەن خېلەم خۇدابەردىيېف تەيىنلەنگەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان تەشۋىقات-تەرغىباتلار ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەن ۋاقىتلار ئىدى.
دېمەك، ئەنە شۇنداق ۋەزىيەت شارائىتىدا ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي بۇ ئەسىرىنى تاماملاپ، 3 يىلدىن كېيىن، يەنى 1976 -يىلى 28-فېۋرال كۈنى ۋاپات بولدى. مۇئەللىپنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى بولۇشىغا قارىماي پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئۆز ئۆيىدە خۇپىيانە ھالدا يېزىپ پۈتتۈرگەن «تۈركىستان قايغۇسى» دا ئەلىخان تۆرىنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلىرى يەنى ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن بىلگەنلىرى تەسۋىرلىنىدۇ.
ئەسەردە ئەلىخان تۆرە باشتىن ئاخىرى پۈتۈن تۈركىستان بىر گەۋدە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە تۈركىستاننىڭ ئىككى قىسمى يەنى شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي تۈركىستان ئايرىلماس بىر گەۋدىدۇر. شۇڭا ئۇ ئۆز ئەسىرىگە «تۈركىستان قايغۇسى» دەپ نام قويغان. لېكىن ئەلىخان تۆرە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئۇيغۇرىستان، غەربىي تۈركىستان بىلەن ئۆزبېكىستان سىياسىي جۇغراپىيەۋى كىملىكىنى قوللىغان شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغانىدى.
2004-يىلى ئەلىخان تۆرەنىڭ «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئۆزبېكچە ئەسىرى قولۇمغا تەگدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەرنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ، ئەلىخان تۆرىنىڭ دەسلەپكى ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەۋى پىكىرلىرىنى ئۆگەندىم.
2005-يىلى، يەنى بۇنىڭدىن 15 يىل مۇقەددەم 6-ئايدىن باشلاپ ئەلىخان تۆرىنىڭ «تۈركىستان قايغۇسى» دىكى ئاساسىي جەۋھەرلەرنى توپلاپ، خەلققە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا 15 بۆلۈملۈك پروگرامما ھازىرلىدىم.
شۇ ۋاقىتقىچە نۇرغۇن كىشىلەر ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇ ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ھەم ئىدىيەۋى قاراشلىرىدىن بىخەۋەر ئىدى. ھەتتا كۆپلىگەن ئۆزبېكىستانلىقلار، ئۆزبېكلەرمۇ ئۆزلىرىدىن مۇنداق بىر بۈيۈك زاتنىڭ چىققانلىقى، ئۇنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ياشاپ ۋاپات بولغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۆزبېكلەر 1950-1970-يىللاردا ئەلىخان تۆرىنى تېخى ياخشى تونۇمىغان ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئالمۇتا-فرۇنزىلاردىن بېرىپ ئۇنى يوقلايتتى.
مانا ئەمدى ئۆزبېكىستان ئەلىخان تۆرىنى ھەقىقىي يوسۇندا تونۇپ ئۇنى بۈيۈك ئۆزبېك ئالىملىرى، مۇتەپەككۈرلىرى، دۆلەت ئەربابلىرى، ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا تىزىپ چەكسىز ئىپتىخارلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ياتسىراپ قالغان قەبرىسىنى مەرمەردىن قىلىپ قايتىدىن تىكلىدى.
دېمەك، 2005-يىلى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئەلىخان تۆرە ھەققىدە 15 قىسىملىق مەخسۇس رادىئو پروگراممىسى ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا مۇئەللىپ تەرىپىدىن ئاڭلىتىلدى.
كېلەركى قىسىملاردا ئەلىخان تۆرەنىڭ ھايات مۇساپىسى جەريانىدا تىكلىگەن بىر يۈرۈش ئىدىيەۋى پىكىرلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.