You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر تېبابىتى قامۇسىدا چاي ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى

ئۇيغۇر تېبابىتى قامۇسىدا چاي ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى

دوكتور تۇبا گۆنەل سۆنمەز

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق

ئۇيغۇرچە تەرجىمە تەھرىرى: قەلبىنۇر تەبەسسۇم

قىسقىچە مەزمۇنى: تارىخى شامان دىنى دەۋرىدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىغا تۇتىشىدىغان ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇيغۇر ئاشپەزلىك مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئالاھىدىلىكى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئاساس قىلغان «قۇۋۋەت نەزەرىيىسى» ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم بەدىنى ئوت، تۇپراق، سۇ ۋە ھاۋانىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشىدىن بىر پۈتۈن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىدىكى «خىلىت» (سەپرا، قان، بەلغەم ۋە سەۋدا) تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئادەم ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئاساسەن توغرا ۋە قەرەللىك ئوزۇقلىنىشى كېرەك. بۇ مەقسەتتە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى داۋالاش ئۈچۈن ھەر خىل مەجۈنلەر، سۇيۇقلۇق دورىلار، شەربەتلەرۋە چايلار تەييارلىنىدۇ ۋە بۇ يېمەكلىكلەر «داۋايى غىزائى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەتقىقاتىمىزدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چاي مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ساقلىقنى ساقلاش  رولى بولغان چايلار تونۇشتۇرۇلدى ۋە باھالاندى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىۋىپلىرى، ئۇيغۇر تېبابىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى چاي ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىدە چاي

كىرىش

ئۇيغۇر تېبابىتى «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساغلاملىقنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان تەبىئىي، سېھىرلىك ۋە دىنىي ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى»، «ئاممىۋى داۋالاش» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن (ئاجىپاياملى 1978: 54). ئۇزۇن ۋە كۈچلۈك بولغان مەدىنىيەت تارىخىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىبابىتى، ئىىسلامدىن ئىلگىركى ئېتقادنى ئاساس قىلغان ئەنئەنە ۋە ئادەتلەربىلەن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ دەۋردە شامانلار، يامان روھلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارالغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ھوقۇق بېرىلگەن كىشىلەر ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ شامانلار بۇ ۋەزىپىنى «تىۋىپ» ۋە «ئەمچى» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرگە قالدۇردى. بۇ «تىۋىپ»، «ئەمچى»لەر شامانلار قوللانغان ئۆسۈملۈك رېتسېپلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلقكىنى بارلىققا كەلتۈردى (باتماز  2013: 29).

ئۇيغۇر تېبابىتى  نەزەرىيەۋى  ۋە ئەمەلىي تىبابەتچىلىك (داۋالاش) تىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، دورا بىلەن داۋالاش پەقەت ئادەم ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندىلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئاخىرقى چارە دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەم مۇتلەق ساغلام ياكى مۇتلەق كېسەل بولالمايدۇ، ئادەم بىر قەدەر ساغلام ۋە بىر قەدەر كېسەل بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ (ئابرال 2005: 85). بۇ سەۋەبتىن، ھەتتا كېسەل بولمىغان كىشىلەرمۇ ھەرخىل قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق سالامەتلىكىنى قوغداشقا موھتاجدۇر.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم بەدىنى ئوت، تۇپراق، سۇ ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىدە بولىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ تەسىرىدە ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل «خىلىت» لار ئىشلىنىپ، ھاياتي پائالىيەتلەر داۋاملىشىدۇ. گەرچە ئوت،تۇپراق، سۇ ۋە ھاۋا قارمۇقارشى بولسىمۇ، ئۇلار تەبىئەتتە بىر-بىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىدىكى «خىلىت» تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىنساننى ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئاساسەن توغرا ۋە قەرەللىك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك (دەرۋىش 2004: 32، باتماز 2013: 29). بۇ چۈشەنچە «قۇۋۋەت نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇيغۇرتىبابىتىدە يېمەكلىكلەر بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. پەقەت ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان كاۋاپ، پولو ۋە لەغمەن قاتارلىق يىمەكلىكلەر «غىزايى مۇتلەق» تۈرىگە كىرىدۇ. ھەم قورساق تويغۇزۇش ھەم داۋالاش خۇسۇسىيىتى بولغان، سىڭىشلىك بولغان، ئاساسلىقى كېسەللىكتىن يېڭى ساقايغان كىشىلەر، ئاجىز بالىلار ۋە ھامىلە ئاياللارنىڭ يىيىشى كېرەك بولغان قوي گۆشى، بۇغداي ئۇنى، سۈت ۋە ھالۋا قاتارلىق يىمەكلىكلەر «غىزايى داۋا» دەپ ئاتىلىدۇ. «داۋايى غىزا» پەقەت داۋالاش خارەكتىرلىك تاماقلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بادام، ياڭاق، نوقۇت قاتارلىق يىمەكلىكلەر ئۇننىڭ قورۇلىشى بىلەن تەييارلانغان تالقانلار، قىزىل گۈل، رەيھان، ئانار، ئەنجۈر، ئالما ۋە بىيە قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ خىلمۇخىل ئۆسۈملكلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ تەييارلانغان شەربەتلەر، مۇراببالار ۋە چايلار بۇ خىلغا كىرىدۇ. (ئابرال 2005: 85-88، ئۆگەر ۋە تەك 2016: 20-22). بۇ مەقسەتتە، نۇرغۇن چايلار كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، گۆش، سۈت، تۇخۇم، ھەسەل، قېتىق، مېۋە، كۆكتات ۋە ئۆسۈملۈك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن تەييارلىنىدۇ.

1. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى چاي

چاي ئۇيغۇر تېبابىتىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. توي ۋە مۇراسىملارغىچە، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشتىن كۆڭۈل ئېچىشقىچە بولغان ھەر ساھەدە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 89).

ئۇيغۇرلاردا چاي ئىچىش ئۈچۈن چايخانا دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنلار بار. چاي، چايخانىدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن دەملىنىدۇ. يەنە كېلىپ، قۇرۇق يىمىش ۋە چاي ئۆيدىكى مېھمانلارغا سۇنۇلغان نازۇ-نېمەتلەر ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مېھمانغا سۇنۇلغان چاينىڭ ئايرىم قائىدە-يوسۇنلىرى بار. چاي كۆپۈكسىز بولۇشى، پىيالە بىلەن سۇنۇلىشى ۋە چاي ھەربىر مىھمانغا ئايرىم-ئايرىم سۇنۇلىشى كېرەك (ھەبىبۇللاھ 2000:145). ئۇيغۇر تىلىدىكى چاي مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنى ئۇيغۇر مۇقاملىرى، خەلق ناخشىلىرى، مەشرەپ ۋە ئۇسۇللار (خەلق ئۇسسۇلى) دا كۆرگىلى بولىدۇ. بەشتىن يەتتىگىچە چاي پىيالىسى باش ئۈستىگە قويۇلۇپ ئوينالغان چىنە تەخسە ئۇسۇلى، چوڭ بىر تەخسىگە قويۇلغان ساماۋەرنىڭ باش ئۈستىگە قويۇلۇپ ئوينالغان ساماۋەر ئۇسۇلى ۋە مەشرەپلەردە چاي سۇنۇلۇش جەريانىدا قارمۇقارشى ئېېيتىلغان چاي بىيىتلىرىنىڭمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشىدىغان «سۆز» مۇراسىمى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن كىچىك چاي ۋە چوڭ چېيى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى كىشىنىڭ نارازىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ۋە ئۆز-ئارا چاي تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى نارازىلىقىنى يوقىتىشنىڭ سىمۋولىدۇر. لوپنۇر رايونىدىكى خۇشخەۋەرنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن گۈل چېيى، يېقىن دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇربانلىق قىلىش ۋە چاي بېرىش ئارقىلىق سۇنۇلغان «ئىللىق چاي» ئۇيغۇر تۈركلىرىدىكى چاي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ(ئۇدمىش 2008b: 73-82). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «چاي قەنت بىلەن، ئىش پەم بىلەن» دېگەندەك ماقال بار (ھەبىبۇللا 2000: 145).

ئۇيغۇر چايلىرى ئاساسەن قارا چاي، كۆك چاي، سىيادان چېيى ۋە كىسەك چاي دەپ تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنغىنى قارا چايدۇر. چايلار قۇرۇتۇلغان زەنجىۋىل، دارچىن، سىيادان ۋە قارىمۇچ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن دەملىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكنارمۇ چاي دەملەيدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرىدۇر(ھەبىبۇللا 2000: 145-146). ھەر خىل داۋالاش ۋە قوغداش ئىقتىدارلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بۇ چايلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  چاي تەييارلىغاندا، ئۇنىڭدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مىقدارى ۋە قايناش دەرىجىسى ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەڭ ياخشىسى چاينىڭ قاينىشى 60-70 سېلسىيە گرادۇس بولۇشى كېرەك. تەبىئىتى ئىسسىق ۋە ئىللىق تەبىئەتلىك چايلار قىش ۋە ئەتىيازدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ياز ۋە كۈزدە سوغۇق چاينى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىللىق، ئىسسىق ۋە سوغۇق تەبىئەتنىڭ ئىپادىلىنىشى چاينىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەسىلەن، قىزىل چاي ئىللىق تەبىئەتتىكى چايلارنىڭ بىرىدۇر (ئەزىز 2010: 67-69).

2. ئۇيغۇر تېبابىتىدە چاي

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئاساسلانغاندا، چاي ئىچىش دائىم بەدەنگە كۈچ قوشىدۇ، كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نەپەس پۇراشنى پەسەيتىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. چاي تەركىبىدىكى ھەر خىل تەركىبلەر ئارقىلىق ئاشقازان، ئۈچەي ۋە مۇسكۇللارنى يۇمشىتىدۇ. مايلىق ۋە ئېغىر تاماقلاردىن كېيىن چاي ئىچىش راھەت بولىدۇ. چاينىڭ پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا ئېغىز قۇرغاقلىشىش ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چاينى ئاچ قورساققا ۋە ئەتىگەندە دورا بىلەن ئىچمەسلىك كېرەك، ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە  چاينى سۇس دەملەپ ئىستېمال قىلىش كېرەك (ئەزىز 2010: 67).

ئۇيغۇر تېبابىتىدە قوغداش ۋە داۋالاش رولى ئۈچۈن دائىم ئىشلىتىلىدىغان چايلارنى تۆۋەندىكىدەك تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:

 2.1. سۈت چايلىرى

ئۆچكە، قوي ۋە كالا سۈتىدىن تەييارلانغان بۇ چايلاردا نۇرغۇنلىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار. سۈت ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تەڭشەپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ يۈرەك ۋە كۆزگە پايدىسى بار، شۇنداقلا تېرىنى ياشارتىدۇ (ئۇدمىش  2008a: 89).

ئەتكەن چاي: ئۇ سۈت، قارا چاي، تۇز، خام قايماق ۋە سېرىق ماي بىلەن ياسالغان. قارا چاي دەملىگەندىن كېيىن، بىر قاچىغا قۇيۇلۇپ، پىشۇرۇلغان سۈت ۋە تۇز سېلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن سېرىق ماي ۋە خام قايماق قوشۇلۇپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ چاي تەييارلىنىدۇ. ئەتكەن چاي ئىچىشكە يېقىشلىق، ھارغىنلىقنى پەسەيتىپ، خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 89).

سۈت تۇخۇمى چېيى: تۇخۇم، سۈت، قارا چاي ۋە ھەسەلدىن ياسالغان. تۇخۇمنى بىر قاچىدا چىلىپ، قاينىتىلغان سۈتنى ئايرىم قاچىغا بۇ تۇخۇم بىلەن ئارىلاشتۇرىلىدۇ، دەملەنگەن قارا چاي ۋە ھەسەل سېلىنىدۇ. بۇ چاي ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋە ۋىتامىن مول ئىچىملىكتۇر ​​(ئۇدمىش2008a: 89).

سۈت مېغىز  چاي: بادام، ياڭاق، ھەسەل، سۈت ۋە قارا چاي بىلەن ياسالغان. بادام ۋە ياڭاق يۇمشۇتۇلۇپ، پوستى سويۇلىدۇ، ئاندىن ھاۋاندا سوقۇلىدۇ، ئازراق ھەسەل ۋە سۈت چاي قوشۇلىدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بۇ چاي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ (ئۇدمىش 2008a: 90، ھاجى 2009: 25).

2.2. ئۆسۈملۈك چايلىرى

ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە يىلتىزىدىن تەييارلانغان ئۆسۈملۈك چايلىرى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، تەبئىي ياكى ئارىلاشما ھالەتتە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

تەبئىي چاي

قىزىلگۈل چېيى: قىزىلگۈل ياكى يوپۇرماق بىلەن دەملەنگەن بۇ چاينى بىرئاز تىندۇرۇپ ئىچىشتە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. قىزىلگۈل چېيى يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ئېغىزدا يېقىملىق پۇراق قالدۇرىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 90).

پىننە چېيى: ئۇ پىننە يوپۇرمىقىدىن ياسالغان. سېرىقراق رەڭلىك بۇ چاينىڭ خۇشپۇراق پۇرىقى بار. ئۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە پايدىلىق بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 90).

رەيھان چېيى: ئۇ تاغ رەيھىنىنىڭ گۈل ۋە يوپۇرمىقىدىن ياسالغان. ئۇنىڭ رەڭگى قىزىلغا يېقىندۇر. ئۇ نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدە ۋە ئۇيقۇنى كونترول قىلغۇچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ (ئۇدمىش2008a: 90).

ئارىلاشما چاي

ئىسسىق، سوغۇق ۋە ئىللىق ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان بۇ چايلارنىڭ ئاساسلىق رولى داۋالاش بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى بىللە دەملەپ ياكى ئايرىم دەملەنگەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىسا بولىدۇ (ئۇدمىش2008a: 91).

2.3. مېۋە چايلىرى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە مېۋە چايلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەسىلەن مېۋىنىڭ قۇرۇتۇلغان، يېڭى ۋە پوستىسى بىلەن تەييارلىغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا دائىم ياقتۇرىدىغان مېۋە چايلىرى:

ئۆرۈك قېقى چېيى: قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك قېقى ئالدىنقى كۈنى كەچتە قىزىق سۇغا چىلانغاندىن كېيىن دەملىنىدۇ. بۇ چاي ئۆت كىسلاتاسىنى تەڭشەپ، جىگەر كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 91).

ياڭاق چېيى: يېڭى ياڭاقنى قاينىتىپ يۇمشىتىلىدۇ، ئاندىن پوستىنى سويۇپ، ھاۋاندا سوقۇلىدۇ. ئۇنىڭغا قىزىق قارا چاي قوشۇلۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ بولكا ياكى ھەر خىل خېمىر يېمەكلىكلەرنىڭ يېنىدا ئىچىلىدۇ. ياڭاق چېيى يۈرەك، بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇ ھالسىزلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە ئاجىزلىقنى يوقىتىدۇ. (ئۇدمىش  2008a: 91-92).

چىلان چېيى: چىلاننى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قارا چاي قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. ئوچاقتىن ئالغاندىن كېيىن بىر ئاز دەم يىگەندىن كېيىن ئىچىلىدۇ. چىلان چېيى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، باش ئاغرىقىغا پايدىلىق، قاننى يېڭىلايدۇ ۋە قان بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 92).

2.4. قەنت چاي

قەنت چايلىرى سۈت چېيى ۋە ئۆسۈملۈك چايلىرىغا ناۋات، ھەسەل ياكى ئۇۋاق شېكەر قاتارلىق ھەر خىل تاتلىق تۈرۈملەرنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان. بۇ چايلار تەركىبىدىكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان، مەسىلەن ھەسەل چېيى ۋە ئەقىدە چېيى (ئۇدمىش 2008a: 92).

2.5. يوپۇرماق چاي

چاينىڭ يوپۇرمىقىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تەييارلانغان ھەر قانداق چاي مۇشۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماقلىق چاينىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى:

قارا چاي: چاينىڭ يوپۇرمىقى ۋە بىخىدىن ياسالغان. ئۇنىڭ رەڭگى قېنىق قوڭۇر بولۇپ، دەملەنگەن رەڭگى ئوخشاش بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ قارا چاي دەپ ئاتىلىدۇ. قارا چاي ھارغىنلىقنى پەسەيتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 92). ئۇ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يۈرەك رىتىمىنى تەڭشەيدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ (ھاجى 2003: 44).

يېشىل چاي: چاينىڭ يوپۇرمىقىنى يىغىۋالغان ھامان قورۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى يېشىل ۋە سېرىققا يېقىندۇر. ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «دورىلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتالغان (ئۇدمىش 2008a: 92).

قىزىل چاي: بۇ چاي دەملەنگەندىن كېيىن يوپۇرمىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ (ئۇمىش 2008a: 92).

2.6. باشقا چايلار

تۇخۇم چېيى: تۇخۇمنى بىر قاچىغا چالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۇز سېلىنىدۇ ھەمدە پىشۇرۇلغان قارا چاي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. تۇخۇم چاينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ (ئۇدمىش 2008a: 93).

شورپا چېيى: قوي گۆشى ياكى يىلىكى تۇز بىلەن قاينىتىلىپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا قارا چاي قوشۇلۇپ يەنە قاينىتىلىدۇ. گەرچە بۇ چاي سۈيدۈك يولى قالايمىقانلىشىش ۋە زۇكامغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئارقىلىق بەدەنگە كۈچ بېرىدۇ (ئۇمىش 2008a: 93).

قۇۋۋەت چېيى: ئۇ مۇۋاپىق مىقداردا قارا چاي، ياڭاق، قاتتىق شىكەر، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە دارچىننى ئارىلاشتۇرۇپ دەملەپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. قۇۋۋەت چېيى بۆرەك، ئاشقازان كېسەللىكلىرى ۋە بەل ۋە پۇت ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە بەدەنگە كۈچ بېرىدۇ (ئۇمىش 2008a: 93).

ھۇممەل چېيى: قارا چاي دەملىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شامىسى سۈزۈلىدۇ. ئايرىم بىر يەردە قۇيغۇرق يېغى ۋە ئۇن قورۇلۇپ دەملەنگەن قارا چاي ئوچاقتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن قوشۇلىدۇ. بۇ چاي نان چىلاپ ئىچىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە قىش پەسلىدە ياخشى كۆرىلىدۇ ۋە بەدەننى ئىسسىق قىلىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ (راخمان قاتارلىقلار. 1996: 45).

3. كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان چايلار

زۇكام، يۆتەل، كېكىردەك ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت، قاندا خولېستېرىن يۇقىرلاش، قان بېسىم، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە قان ئازلىق قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ھەر خىل چايلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ رېتسىپلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

زۇكام: (15 گرام يېڭى زەنجىۋىل، ئالتە تال غول پىياز، بىر چامغۇر)

پاكىزلانغان ۋە توغرالغان چامغۇر 300 مىللىلېتىر سۇغا تاشلىنىدۇ ۋە 200 مىللىلېتىر سۇ قالغۇچە قاينىتىلىدۇ، ئاندىن يېڭى زەنجىۋىل ۋە غول پىياز كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنۈپ، 100 مىللىلېتىر سۇ قالغۇچە قاينىتىلىدۇ ۋە چاي قىلىپ ئىچىلىدۇ.

100 گرام يېسىۋىلەك، ئىككى پىياز، 20 گرام زەنجىۋىلنى مۇۋاپىق مىقداردا قاينىتىپ، سوقۇپ ئىچىلىدۇ.

تۆت تال غول پىياز ۋە ئىككى پارچە زەنجىۋىلنىڭ ئاق قىسمىنى قاينىتىپ، سوقۇپ ئىچىلىدۇ.

60 گرام پىيازنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن ئۈچ قېتىم تاشقىچە قاينىتىپ، سۈيى ئىچىدۇ (ھاجى 2003: 50-51).

يۆتەل: ئازراق ئاچچىق سۇ بىلەن ئىككى تۇخۇم قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.

30 گرام يېڭى زەنجىۋىل ۋە 10 گرام رەيھان 200-300 مىللىمېتىر سۇدا قاينىتىدۇ. ئاغزىنى ئىتىپ ئون مىنۇت دەملەنگەندىن كېيىن، يېتەرلىك قارا شېكەر قوشۇلۇپ ئىچىلىدۇ (ھاجى 2003: 54-55).

قۇسۇش: (3-5 تال يۇمغاقسۈت، 5 گرام زەنجىۋىل، 100 گرام گۈرۈچ)

زەنجىۋىل بىلەن گۈرۈچنى بىر قىسىم سۇدا قاينىتىلىدۇ، ئۈستىگە يۇمغاقسۈت ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇپ دەملىنىدۇ، ئاندىن شامىسى ئايرىۋېتىلىپ ئىچىلىدۇ.

(10 گرام زەنجىۋىل، 30 گرام ئارپا)

زەنجىۋىلنى بەش مىنۇت قاينىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئارپا قوشۇلۇپ دەملىنىدۇ. شامىسى ئايرىلىپ ئىچىلىدۇ (ھاجى  2003: 64-65).

قان ئازلىق: 20 گرام ئىت ئۈزۈمى ئون چىلان بىلەن بىر سائەت قاينىتىلىپ ئىچىلىدۇ ( ھاجى2003: 75).

ئاشقازان ئاغرىقى: ئاز مىقداردا كاۋا پېلىكى سوقۇلۇپ، چاي دەملىنىدۇ ۋە ئىچىلىدۇ (ھاجى 2003: 78).

ئۇيقۇسىزلىق: (30 گرام بادام مېغىزى، 50 گرام ياڭاق مېغىزى، 50 گرام ئاق شېكەر، 50 گرام ئۈزۈم شەربىتى)

بادام ۋە ياڭاق سوقۇلغاندىن كېيىن، باشقا تەركىبلەر قوشۇلۇپ ئۈزۈم شىرنىسى بىلەن تۆۋەن ئوتتا ئون مىنۇت قاينىتىلىدۇ (ھاجى2003: 89).

250 مىللىلېتىر سۈت، ئىككى تۇخۇم ۋە ئازراق قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ قاينىتىلىدۇ (ھاجى 2009: 26).

بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى: (5 گرام ئىت ئۈزۈمى، 3 گرام يېشىل چاي)

تەركىبلەر مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن قاينىتىلىپ دەملىنىدۇ ۋە ئىچىدۇ (ھاجى 2003: 95).

يۈرەك سانجىقى: 30 گرام شاپتۇل قېقى، ئون دانە چىلان، 15 گرام ئۈزۈم 200 مىللىلېتىر سۇدا 2-3 سائەت قاينىتىلىدۇ (ھاجى 2009: 28).

قان بېسىمى: 20 گرام چىلان، شاپتۇل قېقى، قارا ئۈرۈك، 10 گرام ئۇرۇقسىز ئۈزۈمنى قاينىتىپ بىللە ئىچىلىدۇ (ھاجى 2009: 37).

تۇغۇت سانجىقى: يىگىرمە قارا ئۆرۈك، 100 گرام يېشىل چاي 750 مىللىلېتىر سۇدا قاينىتىلىدۇ. سۇنىڭ مىقدارى 500 مىللىلېتىرغا چۈشكەندە، سۈزۈلۈپ ئىچىلىدۇ (ھاجى 2009: 72).

پالەچ: (30 گرام قۇرۇق ئۈزۈم، 30 گرام ئالما، 60 گرام جىگدە ھەسىلى)

ئۈزۈم ۋە ئالما 500 مىللىلېتىر سۇدا قاينىتىلغاندىن كېيىن، جىگدە ھەسىلى ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلىدۇ (ھاجى 2009: 91).

خۇلاسە

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى چايلىق رىتسىپلىرىنىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىشى، ئۆزىنى «چايخۇمار» دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چاينى مەدەنىيىتىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى تېىىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ئەمىلىيەتتىمۇ بۇنى مەرىكىدىن تارتىپ توي-تۆكۈن، مۇراسىملارغىچە، مىھمان كۈتىۋىلىشتىن كۆڭۈل ئېچىشقىچە بولغان ھەر ساھەلەردىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى ئېتىقاد سىستېمىسىدىن باشلانغان ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇيغۇرچە تائام مەدەنىيىتى ۋە يېمەك-ئىچمىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئادەمنىڭ مىجەزىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ مىجەزىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ دېگەن نەزەرىيە، بۇ خۇسۇستىكى يەنە بىر كۆرۈنەرلىك نۇقتىدۇر. بۇ مەقسەتتە ھەر خىل سۈت، ئۆسۈملۈك، مېۋە، قەنت ۋە يوپۇرماق چايلىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ. چاينىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە بەدەنگە كۈچ قوشۇش ۋە ھارغىنلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن، چاي تۇخۇم، سۈت، ھەسەل، بادام ۋە ياڭاق قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن دەملىنىدۇ ۋە ھەر خىل ئىسىملار قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلدارلىق، بالا ئېمىتىش ۋە قان ئازلىق قاتارلىق ئەھۋاللاردا، چاينى سۇس ئىچىش ياكى ئاز ئىچىشكە ئائىت بەزى چەكلىمىلەر بار.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق سىستېمىلارنىڭ (نەپەسلىنىش، ھەزىم قىلىش، ئايلىنىش، لىمفا، كۆپىيىش ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش) كېسەللىكلىرىنىڭ داۋاسى ئۈچۈن چاي رېتسېپلىرى بارلىققا كەلگەن. بۇ رېتسېپلاردا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئېغىرلىقىدىن، قايناش ۋاقىتىغىچە بولغان نۇرغۇن تەپسىلاتلارنىڭ بولۇشى ئۇيغۇر تېبابىتىدە تاسادىپىيلىق ئەمەس؛ بۇ ئىشەنچلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

مەنبە:  Uygur Halk Hekimliği Uygulamalarında Çay ve İşlevleri

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top