You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇ ۋادىسىغا كۆچۈشى

ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇ ۋادىسىغا كۆچۈشى

ئاپتورى: ۋىللىئام كلارك ۋە پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ

ئىنگلىزچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچىلار: دوتسېنت دوكتور ئادەم ئۆگەر ۋە زۇلھايات ئۆتكۈر

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق

ئۇيغۇرچە تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم پاراچ

قىسقىچە مەزمۇنى: بۈگۈنكى كۈندە، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى قازاقىستاننىڭ شەرقىدە ئوخشىمىغان ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسى بار. خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرىسى 19-ئەسىردە تۇنجى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ روسىيە ئىمپېرىيىسىگە كۆچۈپ كەلگىنىدىن تارتىپ بىر قانچە قېتىملىق كۆچۈشنى مۇۋاپىق موھىت تەمىن ئەتكەن جىلغىنىڭ كېسىشىش نوختىلىرىدىن بىرىدۇر.  ئەڭ قەدىمكى كۆچمەن مەھەللىسى 1880-يىللاردىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇيغۇر ئائىلىلىرى چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن يىراقلىشىش ئۈچۈن روسىيە ئىمپېرىيىسىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئىككىنچى گۇرۇپپا 1950-ۋە 1960-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىدۇر. 1954-يىلدىن 1963-يىلغىچە، ئىلى ۋادىسىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېلىشى بىر چوڭ تارىخىي ۋەقە ئىدى. بۇ كۆچۈش ھەرىكىتى ئىلى ۋادىسىدىكى خىتاي ۋە روسىيە چېگرىسىدىكى كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ھەرىكەتتۇر. ئىلى ۋادىسى خەلقئارا چېگرانى كېسىپ ئۆتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، بۇ تېمىدا تارىخىي تەتقىقات ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ھېلى ھەم تېمىدا ئىنگلىزچە ماتېرىياللارغا ئېرىشىش يەنىلا  چەكلىكتۇر. بۇ كۆچۈش خىتاي-سوۋېت چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئۇ يەنىلا شۇ دەۋردىكى ئىككى كوممۇنىست كاتتىباش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ ئازبىلىنگەن بىر قىسمىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدا ھالقىلىق رول ئوينىدى، بۇ پاكىت دىئاسپورا تەتقىقاتى ئۈچۈن دىققەت تارتىدۇ. بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى 1950- ۋە 60-يىللاردا خىتايدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان، ئەينى ۋاقىتتا كۆچۈپ بارغان ياكى كۆچۈپ بارغانلارنى ياخشى تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تارىخى ۋە ئېتنوگرافىك ۋەزىيەتنى يورۇتۇشتۇر.

كۆچمەنلەرنىڭ تارىخى كەچمىشى

ئىلى ۋادىسى يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار تەرىپىدىن يەتتەىسۇ (يەتتە دەريا) دەپ ئاتالغان مول دېھقانچىلىق رايونىدۇر. بۇ جىلغا ھازىر خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارا چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە باشقا چېگرا رايونلىرىغا ئوخشاش، زوراۋانلىق ۋە ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتۈش ئادىتى بار. تۇنجى چوڭ كۆچۈش 1881-1884-يىللىرىدىكى كۆچمەنلەر ھەرىكىتى بولۇپ، روسىيە-خىتاي چېگراسىدا زوزوڭتاڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەركەتلەردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن بىر قانچە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىسيانلىرى بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى 1864-1877-يىللىرى ئارىسىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى (قەشقەر) دىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ياقۇپ بەگ پادىشاھلىقىدۇر. ياقۇپ بەگ فەرغانە ۋادىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇردىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى خوجىلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئۆزبەك پۇرسەتپەرەستلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ غەلبە قازانغاندىن كىيىن خوجىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تارىم ۋادىسىدا بىر قاتار يەرلەرنى قولغا كەلتۈردى. 1871-يىلى ئۇنىڭ قوشۇنلىرى  ھۆكمىرانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىنى ئىگەللىدى. روسىيە ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بوران-چاپقۇنلۇق ۋەزىيەتتىن ئۆزىنىڭ سىياسى تەسىرىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن پايدىلاندى ۋە 1871-يىلى ئىلى ۋادىسىنىڭ چىڭ رايونىدىكى تارانچى (ئۇيغۇر) سۇلتانلىقىنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. روسىيە دائىرىلىرى بۇ مۇسۇلمان دۆلەتنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمدار سۇلتان ئابىل ئوغلۇنى ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بارلىق مال-مۈلكى بىلەن بىللە، ھازىر ئالمۇتا دەپ ئاتىلىدىغان، روسىيەنىڭ گارنىزون بازىرى ۋېرنىيغا ئەۋەتىۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئالمۇتانىڭ ئۇيغۇر شەھەر رايونى بولغان سۇلتان قۇرغان، ئىلگىرىكى ئالما-ئاتا بۇ دەۋرگە ئائىتتۇر.

ئېۋگېن شۇيلېر روسىيە ئىشغالىيىتىدە 10 يىل جەريانىدا ئىلى ۋادىسىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكىلىق دىپلوماتدۇر. ئۇ خىتاي ۋە مانجۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان قەبىھ زوراۋانلىقلارنى دوكىلات قىلغان ئىدى. سۆھبەتنى قوبۇل قىلغان بىر تۇڭگان رەھبىرى مۇنداق دىگەن: «بىز بۇ شەھەرنى ئىككى يىل قورشاۋغا ئالغاندىن كىيىن ئاخىرى ئېگەللىدۇق. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۇ يەردە 75،000 (75 مىڭ) ئادەم بار ئىدى، ئەمما كەچتە قارىساق شەھەردە ھايات قالغان  ھېچكىم قالمىدى.». شويلېرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىكى كۆز قاراشلىرى 1877-يىلى ئىلى ۋادىسى ھەققىدە دوكلات تەييارلىغان تۇنجى غەرب ساياھەتچىسىنىڭ ئەسىرى سۈپىتىدە «تۈركىستان» نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ قورقۇنچلۇق تەپسىلاتلىرى، ئۆچ ئېلىشتىن قورقۇش ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئائىلىلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىغا قايتىش ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى. 1881-يىلى، ئىشغالدىن ئون يىل كېيىن، ساينىت سانت پېتىربۇرگ شەرتنامىسىگە ئاساسەن، روسىيە ھۆكۈمىتى ئىلى ۋادىسىنىڭ چىڭ رايونىنى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قايتۇردى. زوزۇڭتاڭ كونتروللۇقىدىكى خىتاي ئارمىيىسى ئاللىقاچان رايوننىڭ باشقا جايلىرىنى ئىشغال قىلىپ  بولغان بولۇپ، 1885-يىلى «شىنجاڭ» ئىسمى بىلەن بىر ئۆلكىگە ئايلاندى.

چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلى ۋادىسىنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن بۇ يەرلەردە كەڭ كۆلەمدە زوراۋانلىق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. شەرتنامىنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلى ۋادىسىنىڭ غەربى قىسمىنى روسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ غۇلجا رايونىنىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قايتىپ كېلىشى، ئۆچ ئېلىشىىدىن قورقىدىغان ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلماسلىقنى تاللىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەۋەپ بولدى.  1881-1884- يىللىرى روسيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كۆچۈرۈشنى تەشكىللىدى.. بۇ مەزگىلدە، 44 مىڭ 373 ئۇيغۇر غۇلجا رايونىدىن ئىلى ۋادىسىنىڭ روسىيە تەرىپىگە كۆچۈپ كەلدى.

ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ياركەنت شەھىرىنى ۋە توقسانغا يېقىن كىچىك قىشلاق ئولتۇراق رايونلارنى قۇردى. ياركەنت، ئاقسۇ، چاريىن، مالىباي، قورام ۋە قاراسۇدىن ئىبارەت يەتتە شەھەر ۋە ۋارنىي شەھرىدەتۆت ئولتۇراق رايونى قۇردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلار رۇس ۋە قازاقلار بىلەن بىللە ئىلى ۋادىسىنىڭ رۇسيە قىسمىدا ئۈچ ئاساسى رايوننىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

كېيىنكى كۆچمەنلەر ھەرىكىتى ياكى «كۆچ كۆچ» 1918-يىلدىن كېيىن بولشېۋىك ئىنقىلابىنىڭ داۋالغۇش نەتىجىسى سۈپىتىدە يۈز بەردى. بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرلار يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش سىياسىتىنى تەشكىللىدى. خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بايانداي ۋە تاشكەنت-سازدىن ئىبارەت ئىككى يېزىدا ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش تۇيغۇسى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئەسكەرلەر يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان قىزىل ئارمىيە بىلەن ئىتتىپاقلاشقان بولۇپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئاڭلىغان ئائىلىلەر نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىپ، خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان دېھقانچىلىق يېزىلىرىغا كۆچۈشكە باشلىدى. شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن قوزغىتىلغان ۋە شۇ يەردىكى زوراۋانلىقنىڭ بىر قىسمى بولغان «ئاتۇ يىلى» ياكى «ئات / ئۆلتۈرۈلگەن يىل» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەنى ھازىرغىچە سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ ئازابلىق ۋەقە «ئاتۇ» دەپ ئاتالغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بۇ مەسىلىنى ئاممىۋى ياكى رەسمىي سورۇنلاردا مۇنازىرە قىلىش چەكلەنگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا، قازاقلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۇئامىلە يوق ئىدى. 1920- يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1930- يىللارنىڭ بېشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن خىتايغا ئۇيغۇر ۋە قازاق ئائىلىلىرىنىڭ يەنە بىر نوپۇس ھەرىكىتى يۈز بەردى. بۇ ئائىلىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈرك خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قېچىۋاتاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتى ياكى كىملىك ​​ھۆججىتىنى ئېلىپ يۇرتىغا ۋە يېزىلىرىغا قايتىش ياكى بالىلىرى بىلەن جەم بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 1930-يىلدىن 1931-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى ۋادىسىنىڭ خىتاي رايونىغا كۆچۈشى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

1932– يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنى قورشىۋالغان تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى مەغلۇب قىلدى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىرى شۇنداق كېڭەيگەن ئىدىكى، بەزى ئالىملار ئۇيغۇر دىيارىنى ھەقىقەتەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسى بولىدۇ دەپ قارىغان. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە قازاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدە دېگۈدەك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەمىنلىگەن ۋە مەسلىھەتچىلەر ئەۋەتكەن. بىز زىيارەت قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان پىلانىدا ئۇيغۇر خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە سودا خارەكتىرلىك ئىشلەتكەنلىكىنى ئاچچىق بايان قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى گۈللەنگەن دەۋرى 1944-1949-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستانغا قوشنا بولغان ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي (چۆچەك) قاتارلىق ئۈچ رايوندا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» (ETR) نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ قىسقا مۇددەتلىك جۇمھۇرىيەت 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۆتىنچى چوڭ نوپۇس ھەرىكىتى 1954-يىلى كىرىشتىن باشلانغان ۋە 1963-يىلى ئەتىيازدا چېگرا تاقىلىپ بولغۇچە داۋاملاشقان. بۇ قېتىم كۆچمەنلەرنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەردى ۋە خىتايدىن سوۋېتكە بولدى. بۇ دولقۇننىڭ دەسلەپكى كۆچمەنلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن چېگرادىكى بۇرۇنقى ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن  سوۋېت ئىتتىپاقىىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن، سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتىنى ئېلىپ يۈرگەن بۇ كۆچمەنلەر توپى كەلگۈسى ئون يىلدا «خەلقنىڭ دۈشمىنى» دەپ ئاتالغان. 1950-ۋە 60-يىللاردا خىتايدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تارىخى مەزمۇنى كۆچمەنلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

كوممۇنىستلارنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى ۋە 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چەتئەلنىڭ ياردىمىگە بەك موھتاج ئىدى. رەئىس ماۋ 12-ئايدا تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىپ، موسكۋاغا بېرىپ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ستالىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى ۋە ئېكىسپېدىتسىيەسى مېۋە بەردى. موسكۋا-بېيجىڭ كېلىشىمى 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئون يىلدا خىتاينىڭ تاشقى ۋە ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئاساسى قىلىنغان. ماۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار تەمىنلىگەن ئىقتىسادىي ياردەمگە موھتاج ئىدى، ئەمما ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك لاگېردىكى يېتەكچى ئىدىيەۋى ئورنىغا نارازى ئېدى. ياردەم بولىقى بولغان ھەربىي كۈچ، 300 مىليون دوللار قەرز ۋە ھەربىي، سانائەت، مائارىپ قاتارلىق ھەر ساھەدىكى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا غايەت زور تەسىر قوزغىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ مۇتەخەسسىسلەر، رايوندىكى «بىڭ تۇەن» ياكى «ئەسكەرلەر دېھقانچىلىق مەيدانى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسى (PCC) بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان. بۇ يېزا ۋە شەھەر تەشەببۇسلىرىغا بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدى. 1956-يىلى مايدا، يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت دېھقانچىلىق ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارمىقى PCC نىڭ ھاۋالىسىنى قولىغا ئالدى ۋە ۋاڭ جېننىڭ رەھبەرلىكىدە بولدى. 1960-يىلى، 182 دانە PCC  دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى بىر ھەسسە ئاشۇردى. بۇ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئورگان ۋە يېزا-بازارلاردىكى سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بەردى.

سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى بىڭتۈەننىڭ دېھقانچىلىق ۋە سانائەت پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى. كرىستوفېرسوننىڭ ئېيتىشىچە، 1952-يىلدىن 1957-يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئالتە ھەسسە ئاشقان. 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ سانائەت ئۆزگىرىشى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئېغىر سانائەتنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ 1949- يىلى ئۈرۈمچى پەقەت تۆت كىچىك سانائەت كارخانىسى بولغان گارنىزون شەھىرىدىن بۇ رايوننىڭ 60 مىڭ ئاھالە، يېرىم مىليون خەلقى بولغان سانائەت پايتەختىگە ئايلانغان. ئۈرۈمچى رايونىدا دېھقانچىلىق ۋە قۇرۇلۇش ئىنجىنىرلىقى ئورنى قۇرۇلغان. تۇنجى سانائەت تۈرلىرىنىڭ بەزىلىرى ليۇداۋان كۆمۈر كېنى، ئاۋغۇست بىرىنچى تۆمۈر ۋە پولات زاۋۇتى ۋە ئىيول تۇنجى توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئىدى. بۇ زاۋۇتلارنىڭ ھەر بىرىدە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى بار بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرى مەقسەتلىك تەكلىپ قىلىنغان.

ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە، ۋىزا چەكلىمىسى بىكار قىلىندى ۋە نۇرغۇن سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى بارلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولدى. بۇ كۆچمەنلەر 1954-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن يېتىپ كېلىشكە باشلىغان، ھەمدە ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش بېرىلدىغانلىقى جاكارلانغان. ھۆكۈمەت يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر بىرىگە 3000 رۇبلى ۋە چارۋا ياردەم پۇلى بەرگەن.

مۇختەر، بۇ بالدۇر كەلگەنلەرنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. مۇختەرنىڭ دادىسى ئالما-ئاتانىڭ شەرقىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان شېلېكتا چوڭ بولغان، 1949-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ بالىلىرىنى تاشلاپ قايتىپ كەلگەن. مۇختەر ياش كادىر سۈپىتىدە ئىلى ۋادىسىدىكى ياشلار بىرلەشمىسى (كومسومول) غا ئەزا بولغان ۋە 1950-1952- يىللىرى يەر ئىگىلىرىگە قارشى ئىسلاھات ھەرىكىتى (يەر ئىسلاھاتى) نىڭ بىر قىسمى بولغان ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان. كېيىن ئۇ ئىلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ۋە 1952- يىلدىن 1954- يىلغىچە ئۇ يەردە ئوقۇغان. مەكتەپتە رۇسچە ياكى خىتايچە ئوقۇتقۇچى يوق ئىدى. مەكتەپ مۇدىرى ۋە چوڭ سىڭلىسى دادىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولماقچى بولۇپ، بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۈلجىدىكى كونسۇلىغا ئىلتىماس سۇنغان. ئۇلار تۇنجى بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر توپىنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار 100 ئائىلە كېمە بىلەن شىمالىي قىرغىزىستانغا بارىدۇ. ۋىزا ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ۋە سىڭلىسىغا تەييارلىق قىلىشقا 10 كۈن ۋاقىت بېرىلگەن. ئۇلار بارلىق كۆچمەنلەر بىلەن چوڭ يىغىنغا قاتناشقان ئىدى. بۇ يەردە سەپەرنىڭ تەپسىلاتلىرى چۈشەندۈرۈلدى.

ھۆكۈمەت مۇختەردىن شىمالىي قازاقىستاننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان رايونىغا بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئۇ پەقەت ئىككى ئايدىن كېيىنلا شەلەككە كېلەلەيتتى. ئۇ يېزىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 250 رۇبلى ياردەمگە ئېرىشتى. ئايلىق مائاشى 10 دىن 20 رۇبلىغىچە بولدى. بۇ پۇل بىلەن بىرلا ۋاقىتتا 10 قوزا سېتىۋېلىشقا يىتەتتى. مۇختەر بۇ پۇلنى دادىسىغا ئۇنىڭ تويى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بەردى. ئۇ ئۆمۈر بويى رۇس تىلى ئۆگەنمىگەن، كېيىن كەنت مەكتىپىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ھازىر ئۇ پىنسىيەگە چىقتى. بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە قوش تىلدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈردى.

1954– يىلى 2. ئايدا مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا «قازاقىستان زېمىنى پىلانى» نى ئېلان قىلىپ، شىمالىي قازاقىستان، غەربىي سىبىرىيە ۋە ئالتاينىڭ سەھرالىرىنى دېھقانچىلىق يېرىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان. 1954-1957- يىللىرى ئارىسىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە بۇ يەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەن. برېجنېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ يىللاردا بۇ رايونلارنى ئايلىنىپ يۈردى. برېجنېف بۇ سەپەردە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1954-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەركىزى كومىتېتنىڭ رەئىسلىكى بىر يەرگە جەم بولۇپ، قازاقىستان ۋەزىيىتى ۋە مىس كانىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر ۋە ئۇلىنىشلار توغرىسىدىكى ۋەزىپىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. مەن ئىككى كۈندىن كېيىن ئايروپىلان بىلەن ئالما ئاتاغا كەلدىم. » ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىلدە، ئۇرۇش سەۋەبىدىن نوپۇس ئازايدى، دېھقانچىلىق ئىشلىرى زەئىپلىشىشكە باشلىدى. بۇ سەۋەبتىن مەركىزى ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ ئىشچىغا موھتاج بولدى. ئۇ نەزىرىنى تىككەن رايونلارنىڭ بىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇغقانلىرى بولغان خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئىدى. ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شىمالىي قازاقىستاندىكى ئېچىلمىغان زېمىنلارنى ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەر ئارقىلىق كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىپ قىلىشقا باشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانغا قىزىقىپ، ئىلى ۋادىسىدىكى خىتايغا قارشى ئېلېمېنتلاردىن قۇتۇلۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى ۋە قازاقلار بۇ رايوندىن چىقىپ كەتتى. 1952-يىلدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى بىلەن «سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرى» ئارقىلىق پاسپورت تارقاتتى. كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتىغا ئېرىشكەنلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈشكە باشلىغان. بىرىنچى گۇرۇپپىلار 1954-يىلى كۆچۈشنى باشلىغان، ئەمما 1955-يىلى بۇ ھەرىكەت ئوموملۇشۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرگە ئېرىشكەن. 1955- ۋە 1956- يىللاردا مىڭلىغان سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى بارلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىلى ۋادىسىدىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن.

بىزنىڭ ئەڭ پايدىلىق زىيارىتىمىزنىڭ بىرى سۇلتان ئاكا غاپپاروف بىلەن بولغان بولۇپ، ئۇ غۇلجادىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇلخانىسىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئېنىق سىياسەت يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 1950- يىللارنىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا ئۇلار كۆچمەن بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنى تېپىشتا قىينىلاتتى. 1957-1958-يىللىرىدىكى «چوڭ سەكرەش» دەپ ئاتىلىدىغان رادىكال سىياسەتلەر، شەھەر-يېزىلاردىكى ئورتاق ئىشلىتىش پروگراممىسى ۋە سىياسىي قولغا ئېلىش سەپەرۋەرلىكى، ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى ۋە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن ئۇلار دۆلىتىدىن ئايرىلىشقا تەييار ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ بىئاراملىقى ۋە نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچمەن بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئىدى. سۇلتان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كونسۇلخانىلىرىدا يىلدا 10 مىڭ كۆچمەن ئىلتىماسى كىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇڭلاشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتىغا ئېرىشىش مۇساپىسىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىقىغا رەسمىي ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچىمەن بولۇشنى دەۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋىت نوپوسىغا ئېلىنغان. سۇلتان ئاكا 1950- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئائىلىسىدىكىلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتكەن ۋە 1960-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشىغا يول قويماسلىقىدىن ئەنسىرەپ 1960-يىلى غۇلجىدىن ئايرىلغان.

بىز زىيارەت قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (ETR) قۇرۇلغان چاغدىكى ئەمەلدارلار ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى  يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن  بولۇپ، ئۇنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك كۈچلۈك قوشۇنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قوشۇلدى. ماسىمجان زۇلپىكاروف ETR ئارمىيىسىنىڭ سابىق كاپىتانى بولۇپ، 1955- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلاشقان. ماسىمجان 1925- يىلى ئالمۇتانىڭ شەرقىگە 110 كىلومىتىر كېلىدىغان شەلەك رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1931-يىلى ستالىن تازىلاش جەريانىدا بالىلىرى بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق ۋە قورقۇنچ سەۋەبىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈشنى تاللىدى. ئۇ 1944-يىلى يەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن ۋە ئۇ يەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» باشلىدى. ماسىمجان قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلدى. ئۇ 14 ياش ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىگە كىرگەن ۋە توققۇز يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن كاپىتانلىققا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ 1949-يىلى 12-ئايدا مۇزداۋاندىن ئۆتكەندە داۋاندىكى قاراۋۇلخانىنىڭ قوماندانى بولغان. كېيىن ئۇ غۈلجىدا باش دېرىكتور بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قاراۋۇلخانىدىكى مۇلازىمىتىنى تەرجىمىھال رومانى «مۇزداۋان» دا تەسۋىرلىگەن.

ETR ئارمىيىسى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قوشۇلغاندا، ماسىمجان قولغا ئېلىنىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىپ، ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ كېتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ETR نىڭ نۇرغۇن خادىملىرى تۈرمىگە تاشلانغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىدىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى سەيپىدىن ئەزىز ئارىلىشىپ ئۇنى تۈرمىدىن قاچۇرغان. ماسىمجان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «قەستەن خاتالىق سادىر قىلغانلار باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا ئەگەشكەنلەرگە قارىغاندا خەتەرلىك، ئۇلار ئىككىنچى تۈردە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ». 1951- يىلى ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قوماندانى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئارمىيەدىن ئايرىلىپ مەمۇر بولۇشنى قارار قىلدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سەيپىدىن ئەزىزدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان ۋە مېتال ئاساسى بار ئىدى، ماسىمجان بۇ ئورۇننى تاللىدى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ سوۋېت دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرەتتى. ئۇ: «مەن دۇچ كەلگەن جازانىڭ كىيىنكى خەۋىپى سەۋەبىدىن كەتمەكچى بولدۇم» دېدى. 1955- يىلى سوۋېت دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن. كۆپ قىسىم كۆچمەنلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، ماسىمجان تېخىمۇ ئىلغار مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان بولۇپ، ئالمۇتادىكى ئاباي پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، درۇجبادا مەكتەپ مۇدىرى ۋە قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. ماسىمجان زۇلپىقاروف ھازىر قازاقىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا رادىكال دەۋىر

خرۇشېۋنىڭ 1956-يىلى ستالىنغا ھۇجۇم خارەكتىرلىك سۆزى (1953) ۋە ئۇنىڭ چوقۇنىشىنى چۆرىدىكەن پىكىرى ماۋنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشەلمىگەن. مايۈننىڭ سوتسىيالىستىك لاگېرنى باشقۇرۇشتا شەخسىي ئارزۇسى بار ئىدى. خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدىيىۋى ۋە سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىگە ئوچۇق-ئاشكارە خىرىس قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىرى روشەن ھالدا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى سىياسىي پائالىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدى. ماكمىللېن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ج ك پ نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلىنى ۋە سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تاللىشى ئوخشاش مەقسەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ قارالغان مىللەتلەرنى ۋە ئۇيغۇر دىيارى ئاھالىلىرىنى تەنقىدلەش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى تاللىغان». ئۇ ئىچكى سىياسەتتە تېخىمۇ رادىكال پوزىتسىيەنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا باشلاندى. «يۈز گۈل» پائالىيىتى دەپ ئاتالغان ساداقەتمەن زىيالىيلارغا قارىتىلغان ھەرىكەت 1956- يىلى باشلانغان ۋە 1957- يىلى 6- ئايغىچە داۋاملاشقان. ماۋ بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن بەك كۆپ سۆزلىگەنلەرنى جازالاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى. 1957- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، خىتاي كومپارتىيىسى 300 مىڭدىن ئارتۇق زىيالىينى پۈتۈن مەملىكەتتە «ئوڭچىل» دەپ ئاتىدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ بىر قىسىم داڭلىق ئاكادېمىكلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل ئۇسۇلدا بەلگە قويۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى «بۆلگۈنچىلەر» دەپ ئاتالغان.

1957– يىلى ماۋ قوزغىغان «يۈز گۈل» ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلغان. كېيىن ئۇلار دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دەپ ئاتالغان ۋە نۇرغۇنلىرى ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەن. خىتايدىكى نۇرغۇن زىيالىيلار «ئوڭچىلار» دەپ ئەيىبلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە قازاق رەھبەرلىرى بار ئىدى. 1958-يىلى ماينىڭ ئاخىرىدا بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاز سانلىق كادىرلار يەرلىك مىللەتچى دەپ ئېلان قىلىندى ۋە ئىشتىن بوشىتىلدى. ماكمىللېن مۇنداق دېدى: «يۈز گۈل ھەرىكىتى» يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ قارالغانلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيىسىنى ئەكسىگە ئۆزگەرتتى. خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا قاچان ئېلىپ بېرىلسا، ھەر ۋاقىت ئۆزگىچە جىددىيلىك پەيدا بولدى. خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ھەرىكەت خىتايلارنىڭ سىرتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ قارالغان مىللەتلەرنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» خاھىشىغا مەركەزلەشتى.

كۆچمەنلەر مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كۆپ بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال سىياسى ۋە ئىقتىسادىى سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. «چوڭ سەكرەش» ۋە «خەلق جەمئىيىتى» ھەرىكىتى بۇ سىياسەتلەردىن پەيدا بولۇپ، كۆچمەنلەر ئېقىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى GLF (چوڭ سەكرەش) دادىل ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەرىكەت بولۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت ياراتتى. خرۇشېۋ ئوچۇق-ئاشكارە «چوڭ سەكرەش» نى نىشانلاپ، ج ك پ رەھبەرلىرىنى ئەيىبلىدى.

سەپەرۋەرلىكنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى دېھقانچىلىق سىياسىتىنىڭ خاتا باشقۇرۇلۇشى بولۇپ، بىر نەچچە يىل داۋاملاشقان ئازاب ۋە ئاچارچىلىق ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئاچارچىلىق GLP نىڭ دېھقانچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، 1959- يىلدىن 1962- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا 20 مىليون ئادە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئىدى. بۇ رادىكال سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي داۋالغۇش نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە قازاق ئائىلىلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈش خىيالىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇچۇر مەنبەلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ يىللاردا قارىلاش سىياسىتى ۋە بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىنى بېقىشىنىڭ قانچىلىك تەسكە توختايدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئائىلە تۇرمۇشىدا پەقەت مەكتەپتە ياكى رەسمىي ئورۇنلاردا ئىسسىق تاماق يېيەلەشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى. چۈنكى ئۆيدە يېمەكلىك كۆپ ئەمەس ئىدى. 13 ياشلىق بالىلار ۋە چوڭلار خىزمەت ۋە سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسىغا ئەۋەتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماددىي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان تەشۋىقاتلىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە قازاق ئائىلىلىرىگە مەجبۇرى قوبۇل قىلدۇرۇلدى.

20– ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاياتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەر، ئىنقىلابقا ئائىت نادىر فىلىملەر ۋە گېرمانلارغا قارشى «بۈيۈك ۋەتەن ئۇرۇشى» خىتاي كىنوخانىلىرىدا توختىماي قويۇلدى. ئابلەت كامالوفنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق كىنولىرىنىڭ رېپېرتېرىنى بىلىدۇ. يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى دېھقانلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدىغان «كولخوز» تېمىسىدىكى فىلىملەرمۇ بار. يەنە بىر تەشۋىقات قورالى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان سوۋېت ئەدەبىياتى ئىدى. ئوخشاش تەشۋىقات تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئاساسلىق ئەدەبىي شېئىرلار، رومانلار ۋە ھېكايىلەر ئۇيغۇر ۋە قازاقچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دەرسلىك ۋە باشقا مائارىپ ماتېرىياللىرىغا قوشۇلدى. ئەلۋەتتە، رادىئو تارقىتىشمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاياتىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇيغۇر رادىئو ئىستانسىسى ئالمۇتا ۋە تاشكەنتتە قۇرۇلدى. تاشكەنت رادىئو پروگراممىلىرى مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلىرىغا خىتاب قىلدى.

شەھەر ۋە يېزىلاردىكى نورمال سودا ھاياتى رادىكال سىياسەتنىڭ تەسىرىگە مەركەزلەشتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائىتى 1958- يىلىنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ دۆلەت كۆرسەتمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا تاقىلىپ قالدى. مەكتەپ، زاۋۇت ۋە ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى ھەرىكەتنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تاقىلىپ قالدى. بۇ سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇشمۇ تەس ئىدى. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بۇ ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۇرمۇش ئاللىبۇرۇن ئۆزگەرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى بار ياكى پاسپورت ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئائىلىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچمەن بولۇش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى. چېگراغا يېقىن باشقا ئائىلىلەر پاسپورت ئالماي چېگرادىن ئۆتۈشنى ئويلاشقا باشلىدى.

نىجاتجان ۋە ئۇنىڭ ئايالى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان تۆتىنچى ئەۋلاد ژەنىراسيونىدۇر. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ 1957- يىلى ئۇيغۇر دىيارى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى ماقالىنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. كادىرلار سىياسىي يىغىنلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن مىللەتلەرگە ئايرىلدى. نىجاتجان رادىكال دەۋرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇيغۇر كادىرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى بىر نەرسە دېگىنىدە «يەرلىك مىللەتچى» ياكى «يۇرتلۇق مىللەتچى» دەپ ئاتالغان. ئۇ كەمسىتىلمەي سىياسىي يىغىنلارغا قاتنىشالايدىغان بولدى، ئەمما ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغقانلىرىنىڭ بولۇشى سەۋەبىدىن ئەنسىرەپ قالدى. 1959-يىلى 12-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېمەكلىك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر كېلەركى يىلى مارتقىچە تاقىلىپ قالدى. شۇ يىلى ئەتىيازدا، ئۈرۈمچىدىكى ئالتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن قەشقەر ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەلدى. سانائەت ئىنىستىتۇتىدىكى 12 سىنىپنىڭ 45 ئوقۇغۇچىسى جەنۇبقا يۆتكەلدى. 1961- يىلى يازدا ئاچارچىلىق پەسەيگەندە، ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە قايتۇرۇلدى. نىجاتجان كومپارتىيىنىڭ سېكرېتارى تەشكىللىگەن ئاددىي كوممۇنىزم مۇراسىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن توي قىلدى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېتىش رۇخسىتىگە ئېرىشتى. 1962- يىلى 3- ئايدا نىجاتجان 24 ياشقا كىرگەندە ئۈرۈمچىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كېڭەيتىشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يادرو قورالى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قارارى ئىدى. 1959- يىلى خرۇشېۋ ئىلمىي بىلىملەرنى چەكلەشكە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئالىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىدى. بۇ يادرو ئۇرۇشى توغرىسىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ئىختىلاپ سەۋەبىدىن ئىدى. ماۋ ئۇرۇشنىڭ كوممۇنىزم ھەرىكىتى ئۈچۈن پايدىلىقلىقىغا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولدى. ئۇ بۇ مۇقەررەر پۇرسەتتىن پايدىلاندى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ خىل ئۇرۇش يۈز بەرگەن بولسا، خىتاينىڭ نوپۇسى كۆپ بولىدۇ. ئەمما روسىيە رەھبەرلىرى بۇنىڭ دۇنيانىڭ ئاخىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى. خىتايلار 1950- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تېخنىكىسىغا زور مەبلەغ سالغان ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغان. ھازىر ئۇلار ئاشلىق بىلەن قەرزىنى تۆلىشى كېرەك. ئۆز خەلقى ئاچ قالغاندا، خىتاي ئاشلىق ئېكسپورت قىلىپ، پەن-تېخنىكا تۈرلىرىگە پۇل تۆلىدى. چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆز-ئارا سۈركۈلۈش كۈچەيدى.

1960– يىلى يازدا، خىتايدىكى ئىنژېنېرلار، تېخنىكلار، ئالىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى قايتۇرۇۋېلىندى. بۇ سان 1390 ئادەم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەمئىي 4000 ئادەمگە يەتتى. خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان، سانائەت تۈرلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن پىلان تۈزۈلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئېنىق، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا يەنە ئۈچ يىل ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدى. ئۇيغۇر ئائىلىلىرى سىياسىي تەرەپلەرنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى. بىز زىيارەت قىلغان بەزى ئىشلار شۇكى، خىتاي خەلقى ھەممە يەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتى بار بولغان؛ ئېشەك، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتىغا ئالماشتۇرىدىغان دېھقانچىلىق ئائىلىلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى بەزى ئائىلىلەر رەسمىي كۆچمەنلەر سۈپىتىدە بولۇشنى كۈتمەيتتى.

ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئائىلىسى ئەينى ۋاقىتتا قانۇنسىز چېگرادىن قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۆمەر پىنسىيەگە چىققان شوپۇر بولۇپ، ئۇ قۇرامىغا يەتكەن ئىككى قىزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ، ئۇ ئىلىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن بولۇپ، 14 يېشىدا ETR ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئۇ 1950-يىللاردا ئازادلىق ئارمىيە بىلەن ETR بىرلەشكەن ئارمىيەدە ئۈچ يىل ئەسكەر بولغان. ئۇ 1954-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ پەلسەپە (ماركسىزم ۋە لېنىنىزم) فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ئۈچ يىللىق مائارىپنى تاماملىغان. خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش كوممۇنىستىك پارتىيە ياش ئۇيغۇرلارنى، قازاق ئەر-ئاياللارنى ئىشقا ئالاتتى، بولۇپمۇ ھازىرقى سەرخىللارغا سادىق بولمىغان نامرات ئائىلىلەردىن قوبۇل قىلاتتى.

ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ ئايالى پاتىگۇل 1957- يىلى كومپارتىيىنىڭ كاتىپى تەرىپىدىن «زامانىۋى توي» دەپ ئاتىلىدىغان توي مۇراسىمىدا توي قىلغان. ئاندىن ئۇلار مەخپىي ھالدا موللامنى ئىسلام نىكاھى (توي) قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇ ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىلى ۋىلايىتىگە يېقىن بىر يېزىدا مەمۇر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۆمەر ئۆزىنىڭ مەلۇم سىياسىي خىزمەتتىن كېيىن تەنقىد ئوبىكتى بولغانلىقىنى ھېس قىلدى. كېيىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرى بولغان مەكتەپ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا قارشى 21 كۈنلۈك سىياسىي ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۆمەر سىنىپتىكى نامراتلار ئىچىدىكى ئەڭ نامرات ئىدى. ئۆمەر يەنە ئوڭچىل دەپ بەلگە قويۇلغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئايرىلدى. 1961- يىلى ئۆمەر ئۈرۈمچى نېفىت ئىنستىتۇتىدا ماركسىزم مائارىپى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشتى. بۇ ئەڭ ناچار جەريان ئىدى. چوڭلار ھەر ئايدا 200 گرام گۈرۈچ ۋە ئۇندىن باشقا 2 كىلوگىرامدىن ئارتۇق گۆش ئالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتى ۋاقىتلىق بولغاچقا، ئۇلار پاتىگۈلنىڭ يۇرتى چۆچەك (تاچېڭ) كە كۆچۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ يەردە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھاجىتى يوق بولغاچقا، ئۇ دېھقانچىلىق مەيدانىغا دېھقان بولۇپ ئەۋەتىلگەن ئىدى.

1962– يىلى ئەتىيازدا ئۆمەر  1930- يىللاردا بۇ يەرگە كەلگەن ۋە چېگرادىن مەخپىي قېچىپ قايتىپ كېلىشنى پىلانلىغان قازاق گۇرۇپپىسى ھەققىدە ئاڭلىغان ئىدى. بىر كۈنى كەچتە ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قېچىشنى پىلانلاۋاتقان بۇ گۇرۇپپىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدا 21 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار چېگرانى بويلاپ 16 كىلومىتىر مېڭىپ، 1962- يىلى 12- ئاپرېل يېرىم كېچىدە چىگرانى كېسىپ ئۆتتى. چېگرانى ساقلاۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى يوق ئىدى. ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى ئۇلارنى كۈتۈش ئۆيىگە ئېلىپ باردى ۋە پايتەخت ئالما ئاتاغا تېلېفون قىلىپ، بۇ گۇرۇپپىنى نېمە قىلىشنى قارار قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرۇش ھوقۇقى تەستىقلاندى. ئىلگىرى، گۇۋاھنامىسى يوق كۆچمەنلەر خىتاي دائىرىلىرىگە قايتۇرۇلغان. ئۆمەر باشقىلار بىلەن بىللە قايتىپ ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت سورىدى. ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇلمىدى، ئەمما چېگرا قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن ئۆمەرنىڭ ئايالى ۋە قىزى 15 كۈندىن كېيىن يەنە بىر گۇرۇپپا گۇۋاھنامىسى يوق كۆچمەنلەر بىلەن كەلدى، پۈتۈن ئائىلىگە مەڭگۈلۈك تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېرىلدى، ئۆمەر گەرچە ئوقۇغان بولۇشىغا قارىماي، يېقىندا سېمىپالىتىنسك ئەتراپىدىكى ۋىرگىن زېمىنى دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئەۋەتىلدى. ئۇ يەردە ئۇيغۇر مەھەللىسى ياكى ئۇيغۇر ئاھالىسى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇلارنى بۇ يەردە قېلىش نىيىتى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ئاندىن ئالمۇتاغا يېقىن درۇجبانىڭ ئۇيغۇر شەھەر ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلدى. ئۆمەر باشقا ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئوخشاش ھۆكۈمەت ئورگىنىدا شوپۇر بولۇپ ئىشلىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چېگرا ئېچىلغاندا، ئۆمەر بىر نەچچە قېتىم ئۇيغۇر يۇرتىغا بېرىپ تۇغقانلىرىنى يوقلىدى.

29 – ماي ۋەقەسى

1962– يىلى كۈزدە سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، كۆچمەن بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن خورگوسقا چېگرا ئاچتى. بۇ پائالىيەت شۇ دەۋردىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز پائالىيەت ئىدى. «چېگرانى ئېچىش» سۆزى ئۇيغۇر، قازاق ۋە خۇي (تۇڭگان) مەھەللىلىرى ئارىسىدىكى ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش قىزىقىشقا ئايلاندى. نۇرغۇن ئائىلىلەر بىر نەچچە كۈن تۇرۇش ئۈچۈنلا ھەممە نەرسىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈشكە تەييارلىق قىلدى. ئۇ كۈنلەردە بارغانلارنىڭ كۆپىنچىسى چېگراغا يېقىن جايدا ياشايدىغان دېھقانلار ئىدى. 1962- يىلى ئەتىيازدا چېگرادىن ئۆتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ مۆلچەرى ئوخشىمايدۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلىرى تەخمىنەن 100مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئالمۇتادىكى قوشنىلىرىمىزنىڭ بىرى ئۇيغۇر نېفىت ئىنژېنېرى باتۇر بولۇپ، ئۇ 1950- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى نېفىت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باتۇر قارامايغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن تەرەققىي قىلغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى نېفىتلىكتە ئىشلىدى. 1959-1960- يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرى ئايرىلغاندىن كېيىن، روسىيەدە تەربىيەلەنگەن تېخنىك ئىشچىلار ئۈچۈن تۇرمۇش قىيىنلاشتى. باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئايالى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى قارار قىلدى، 1962-يىلى ئەتىيازدا ئۇلار چېگرادىن ھالقىغان ئاممىۋى كۆچمەنلەرگە قوشۇلدى ۋە يولغا چىقتى.

غۇلجىنىڭ شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەر شەھەر ئاپتوبۇس بېكىتىدىن چىگرا رايونى چېڭپەنزېغا بارىدىغان 64 كىلومېتىرلىق يول ئۈچۈن بېلەت سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى. ئاپتوبۇسلار 5- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە پىلاندىكىدەك بولغان، ئەمما تۇيۇقسىز يولۇچىلارنىڭ بېلىتى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىنغان. كۆچمەنلەر يىغىلىپ بۇ ئەھۋالغا نارازلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ئۇلار ئىلى قازاق ئاپتونوم رايونىنىڭ رايونلۇق مەمۇرىي ئىشخانىسىغا باردى. نامايىشچىلار بىنانى بۇلاپ، ئاندىن كومپارتىيىنىڭ بىناسىغاقاراپ ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇلار بىناغا يېقىنلاشقاندا، كوممۇنىستىك پارتىيە بىناسى بىلەن بىللە ئىلى ھەربىي رايونىدىن كەلگەن قورالىقلارنىڭ ئوقلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ يەردە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. كېيىن يارىلانغانلارنىڭ بەزىلىرى شەھەر دوختۇرخانىلىرىدا قولغا ئېلىندى. ھەربىي ھالەت قانۇنلۇق دەپ ئېلان قىلىندى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۇنى «ئىنقىلابقا قارشى قوزغىلاڭ» دەپ ئاتىدى. نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر قولغا ئېلىندى، جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىندى، تۈرمىگە سولاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارماقچى بولغانلارمۇ بار ئىدى. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، پارتىيىدىن قوغلانغان ۋە ئۆز نۆۋىتىدە خىزمىتىدىن بوشىتىلغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر يازغۇچىسى، خىتاي خەلق ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ ئەزاسى زۇنۇن قادىرى 20 يىل تۈرمىدە ياتقان. سوۋېت ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى ئون يىلدا ياخشىلىنىشقا باشلىغاندا، چېگرادىن ئۆتۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان قىزىنىڭ ئۇنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىندى ۋە ئالمۇتادا ئالەمدىن ئۆتتى.

5– ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى بارلارنىڭ كۆچمەن بولۇشىغا رۇخسەت قىلدى. ئابلەت كامالوفنىڭ ئائىلىسىدە (بۇ ماقالىنىڭ ئورتاق ئاپتورى) پەقەت ئۇنىڭ چوڭ سىڭلىسى ھەنىپنىڭ پاسپورتى بار ئىدى. 1963- يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلى ۋادىسى سىرتىدىكى بارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورت ئىگىلىرىنى تازىلاشنى بۇيرۇدى. بىز «سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى» نى بەلكىم بالا ياكى بالىلارنى كۆرسىتىدىغان ھۆججەت دەپ قارىغىنىمىزدا، ئۇ بۈگۈنكى ئويلىغىنىمىزدىن سەل پەرقلىنىدۇ. ھەنىپنىڭ پاسپورتىدا توققۇز كىشى تىزىملىككە ئېلىنغان، ئەمما ھۆكۈمەت يولدىشىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭمۇ تىزىملىككە كىرىشىگە يول قويمىغان، ئۇ ئايرىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا، ھۆكۈمەت رۇخسەت بەرگەن ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى پاسپورتقا قوشۇلغان. ئۇلار چېگرا تاقاشتىن ئىلگىرى 1963- يىلى 4- ئاپرېل غۇلجىدىن ئايرىلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن خىتايغا ياكى قارشى تەرەپكە قايتىش ھوقۇقى بېرىلمىگەن.

بىز زىيارەت قىلغان ئائىلىلەر ئىچىدە، ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى 1950- يىللارنىڭ ئاخىرىدا يولغا قويۇلغان رادىكال سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئائىلىلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ھېكايىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىشتە ناھايىتى ئىبرەتلىكتۇر. ئەخمەتجاننىڭ دادىسى ئابدۇللا ستالىننىڭ سىياسىتى نەتىجىسىدە كۆچمەنلەر ئېقىمىغا قاتناشقان. 1930- يىلى ئۇ 18 ياش ۋاقتىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ يەردە توي قىلىپ، بەش بالىلىق بولغان. ئەخمەتجان 1945-يىلى تۇغۇلغان، بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى. 1957- يىلى ئابدۇللا بىرىنچى باسقۇچلۇق قولغا ئېلىنغان ۋە ئوڭ قانات، سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغان دەپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئېغىر كۆمۈر توشۇيدىغان لاگېرغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئاخىرى جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىپ، 1959- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاپىسى بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن، ئەس ھوشىنى يوقىتىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئازابلىنىپ قازا قىلغان.

ئەخمەتجاننىڭ ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن قۇرۇلغان مەھەللە باشقارمىسى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىگىلىدى ۋە ئۇنى خىتاي ئائىلىسىگە بەردى. دادىسىنىڭ سەلبىي سىياسىي بەلگىسى بولغاچقا، بالىلار «بەزگراجدان» (خىتاي نوپوسىدىن چىقىرىۋېتىش) دەپ ھاقارەتلەنگەن ۋە ئۇلار تۇرغان جايدا ھېچقانداق تۇرۇش خېتى تارقىتىلمىغان ئىدى. ئەخمەتجان كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئۇلار ئۈچۈن قىيىن ئۈچ يىل بولدى. ئۇنىڭ بىر ئېشەك ھارۋىسى بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تۇشۇپ پۇل تاپتى. ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى تېخى ئۈچ ياشمۇ ئەمەس ئىدى، ئۇ توختىماي ئاپىسى ئۈچۈن يىغلاپ تۇراتتى. بۇ ئارىلىقتا نۇرغۇن كىشىلەر ئاچارچىلىقتا قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قوشنىلىرىمۇ بار ئىدى. قۇرامىغا يەتكەن ئىشچىلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقتىن، بالىلاردا ئازراق قولايلىقلار بار ئىدى. 1962- يىلى 11- ئايدا تۇرمۇش قىيىنلىشىپ، شۇ يەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇلىدىن ياردەم سوراشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پاسپورتى يوق، ئەمما دادىسىنىڭ بەزى ھۆججەتلىرى بار ئىدى. كونسۇلخانا ئۇنىڭ 1963- يىلى كۆچمەن بولۇشىغا يول قويدى. كونسۇلخانا پاسپورت ھۆججىتىگە يەنە توققۇز تۇغقان قوشۇش پۇرسىتى بەردى.

ئۇ شىبو رايونىدىكى چاپچال گۈرۈچ ئېتىزىدا ئىشلەپ، ئېشەك ھارۋىسىدا يېمەكلىك توشۇغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ بۇغداي ئېتىزىغا يېقىن تونېللارغا ئاشلىق يوشۇرغان چاشقانلارنى ئوۋلىغىنىنى ئەسلەپ بەردى. چېلەك ۋە گۈرجەك بىلەن تونېللارغا كىرگەندىن كېيىن بىر چېلەكتىن ئاز بولمىغان ئاشلىق ئېلىپ قايتىپ كىلەتتى. بەزىدە ھەتتا ئۈچ چېلەكمۇ بولغان. ئۇ ئۇلارنى شۇ يەردىكى سۇ زاۋۇتىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنغا تېگىشكەن. ئەخمەتجان ئېشەك ھارۋىسىنى 30 كىلومېتىر كىلىدىغان ئىككى كومىنىستنىڭ ئارىسىدا ھەيدەشنى داۋام قىلدى.  1962- يىلى 1- ئاينىڭ بىر كۈنى، ھاۋا بەك سوغۇق بولۇپ، قار يېغىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ماشىنىنى ھەيدىشى ناھايىتى تەس ئىدى. كېچىدە يولدا بۆرىلەر بار ئىدى، شۇڭا ئەخمەتجان كېچىدە يالغۇز قېلىشتىن قورقاتتى. ئۇ كوممۇنىستنىڭ يېنىدىكى يولدا كېتىۋاتقاندا ئوخشاش ياشتىكى بىر ئوغۇل بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇ بالا ئەگەر ئۇنىڭ يېنىدا بولكا بولسا، كۆكتات ۋە بولكىنى ئۇنىڭ بىلەن ئالماشتۇرغان بولساق دېدى. ئەخمەتجان ئۇنىڭغا بىر پارچە نان بەردى ۋە بىر كېچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇش بەدىلىگە ئۇنىڭغا يەنە بىر پارچە نان بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ھەر بىر ئادەمگە بىر بېلەتتىن ئۈچ بولكا سېتىۋالغىلى بولاتتى، ئۇ بېلەت بىلەن سېتىۋالغان بولكا بەك قىممەتلىك بولكا ئىدى.

بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئوسمانجان بولۇپ، ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر تۇرغان يەرگە ئېلىپ باردى. ئۇلار يەنە «بەزگراجدان (ۋەتەنداش ئەمەس)» ئىدى. ئۇلار كومىنىست پونكىتىدا دېرىزىسىز كۆمۈر ئۆيىنى ئۆزىگە ئۆي قىلىپ، شۇ يەردە تۇراتتى. ئۇنىڭ ئانىسى قارىغۇ بولۇپ، ئىككى كىچىك بالىسى بار، بىرى 5 ياشلىق بالا مۇسا ۋە 7 ياشلىق قىز زەيتۇنام ئىدى. ئۇلار ھەم يالىڭاچ ئىدى. يالىڭاچ بەدىنى كۆمۈر توپىسى بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئوسمان تۇبېركۇليوز بىمارى ئىدى. ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىمۇ، پۇلىمۇ، دورىسىمۇ يوق ئىدى. ئەخمەتجان قىزنىڭ: «ئاكا، نان بېرىڭ!»  ياكى “ئاكا، ماڭا ئازراق نان بېرىڭ!” دىگىننى ھېلىمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان ئىدى. ئاندىن ئانىسى: «ئوغلۇم، ماڭا بىر پارچە بېرەلەمسەن؟» دېدى. ئاندىن بالىمۇ شۇنداق دېدى.

ئەخمەتجان ئۇلاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارماقچى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى. ئانا يىغلاشقا باشلىدى. – سىڭلىم ئۇ يەردە! ئۇ: «ئەگەر بارمىساق، بۇ يەردە ئۆلىمىز» دېدى. ئەخمەتجان پاسپورت ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئانا ئۇلارنىڭ پۇلسىز قانداق كېتىدىغانلىقىنى سورىدى. ئەخمەتجان كېلەر دۈشەنبە كۈنىگىچە تەييارلىقنى تاماملىشى كېرەكلىكىنى، كېلىپ ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۇ سەپىرىنى باشلىدى.

ئەخمەتجان شۇ كۈنى سەھەر بىر موماينىڭ يىغلىغانلىقىنى كۆردى. ئەخمەتجان: «ھامما سىزگە نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «ئەگەر خۇدا ماڭا ياردەم قىلمىسا، نېمە قىلالايسەن؟» دەپ جاۋاب بەردى. ئەخمەتجان «مەن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىشنى خالامسىز؟». دېدى. – «ئىچىگە كىرىڭ» – دېدى ھامما.

مۇقەدىس ھامما باي ئايال بولۇپ، ئەخمەتجان ئۆمرىدە بۇنداق بايلىقنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئالمۇتادا چوڭ بولغان، ھازىر قايتىپ كەتمەكچى بولغان. ئەمما ئۇنىڭدا ھېچقانداق ھۆججەت يوق بولۇپ، قايتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۈچ قىزى ئاللىقاچان توي قىلىپ بولدى، ئۇلار يېقىن ئەتراپتا تۇراتتى. ئەخمەتجاننىڭ پۇتىدا مۇۋاپىق ئاياغمۇ يوق بولۇپ، تېرىلەرنى پۇتىغا ئورىۋالغان ئىدى. ئۆينىڭ ئىسسىقىدا، تېرە ئەتراپىدىكى مۇزلار ئېرىپ يەرگە چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ بەك خىجىل بولدى، ئەمما مۇقەددەس ھامما ئۇنىڭ قول ۋە پۇتنى ئۆزى يۇيدى. ھامما ئۇنىڭ پايپاقنى سالدۇرۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدى. ئۇ ئۆمرىدە ئەزەلدىن ئىچ كىيىملەرنى كىيىپ باقمىغان ئىدى. ھاممىسى ئۇنىڭغا ئىچ كىيىم قاتارلىق نۇرغۇن كىيىملەرنى بەردى. بۇ گۈزەل ئىشلار شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۇ يالىڭاچ بالىلار ۋە قارىغۇ ئانىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن يۈز بەردى.

ھاممىسى ئۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا 10 نان بەردى. ئەخمەتجان دۈشەنبە كۈنى ئۇنى فوتوگرافقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھامما: «سىز كەتكۈچە مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن» دېدى. مۇقەددەس ھامما گېپىدە تۇردى. ئۇ ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ، كۆمۈر ئىسكىلاتىدا ئولتۇرىدىغان ئائىلىنىڭ، شۇنداقلا بىللە يولغا چىقىدىغان 23 يولۇچىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن ئىئانە قىلغۇچى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەخمەتجان خىتايدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارماقچى بولغان، ئەمما گۇۋاھنامىسى بولمىغان يەنە ئىككى ئائىلىنى تاپتى. ئۇلارنىمۇ مۇقەددەس ھامما بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆرسەتتى.

چوڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاچقا، ئۇلار 1963- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە تۆت ئاي ساقلىدى. ھۆججەتلىرى تەييار بولدى. ئەخمەتجان «ئەگەر ئۇلار بۇ گۇرۇپپا بىلەن بىللە بارالمىسا، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ» دەپ قارايتى ۋە ئۈچ يىلدىن كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى يۈز بەردى. ئۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغقانلىرى بار كىشىلەر قاتتىق ئازابلانغان ئىدى. مۇقەددەىس ھامما 1976- يىلى ئالمۇتادىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن قايتا توي قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئەخمەتجاننى تۇغقانلىرىغا تونۇشتۇرغاندا: «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، ئۇنى بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئورنىدا كۆرۈڭلار!» دېدى. ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە تېخىچە بىر بىرى بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ.

خۇلاسە

ئەڭ ئاخىرقى مۇھاكىمە قىلىنغان كۆچمەنلەر 1954- يىلدىن 1963- يىلغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەنلىرىدۇر. 1962-يىلى كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشتىن ئىلگىرى، پەقەت كۆچمەنلەر تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ۋىزا بېرىلسە بولاتتى. ئەمما كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كونسۇلخانىلىرى بۇ جەريانلارنى ناھايىتى ئەركىن ھالدا شەرھلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتناشمىغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ۋىزا ئالالايدىغان بولدى. بىز بۇ سىياسەتنىڭ 1949- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن 1930- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى دەپ ئۆتتۈق. 1962- يىلدىن بۇرۇنقى كۆچمەنلەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان زىيالىيلارنىڭ ئائىلىسى بار بولۇپ، ئۇلار ETR نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1962– يىلى كۆچمەنلەر مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى نىشان قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئېنىقكى، خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى ئاخىرىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى بۇزىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىي ھەرىكەت تەشكىللەپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 1950- يىللارنىڭ بېشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشىنى قوللىغان ۋە شىمالىي قازاقىستاندا مىس زاپىسى ئېچىشقا ئادەم كۈچى ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەھۋالنى قارشى ئالغان ئىدى. ئەمما 1962- يىلى ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. 1962- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇيغۇرلار كۆپىنچە شىمالىي قازاقىستانغا ئەۋەتىلمىگەن. ئۇلار ئالما ئاتا، سېمىرېچ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوخشىمىغان شەھەرلەرگە ئەۋەتىلگەنىدى. پەقەت ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار شىمالىي قازاقىستانغا ئەۋەتىلگەن، ئەمما ئۇلار تەلەيسىز بولۇپ، نۇرغۇنلىرى ئاخىرىدا سېمىرېچقا كۆچۈپ كەلگەن. 1963- يىلى ئابلەت كامالوفنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قاراگاندى ۋىلايىتىگە ئەۋەتىلگەن، ئەمما كېيىن ئۇلار سىڭلىسىنىڭ ئېرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ياردىمىدە ئالمۇتادا تۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا نىسبەتەن، 1950- ۋە 60- يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇ كۆچمەنلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يېڭى ھايات ئاتا قىلدى. سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىدى. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېلىپ، مەدەنىيەت ساھەسىگە قوشۇلدى. يېڭى كۆچمەنلەر ھەر ساھەدە تۆھپە قوشتى. كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز كەسپىدىكى مۇتەخەسسىسكە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئاپتورلار بار. زىيا سەمەدى، شائىر خېلىل ھەمرايېف، مەشھۇر مەسىمجان زۇلپىقاروف ۋە قازاقىستان خەلق يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن پاتىگۈل سابىتوف ئەڭ داڭلىق كىشىلەردۇر. يەنە كېلىپ ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار، سەنئەتچىلەر، مۇزىكانتلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەنگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي ئىشلىرىغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەر «ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، بۇ يەردە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ خىتايغا قارشى كەيپىيات ياراتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن دۈشمەن بولغاندا بۇنىڭدىن پايدىلانغان ئىدى. پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى يۈ. مۇخلىسوفنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق كىتابچىسى تارقىتىپ، خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا خىتايغا قارشى بولغان ھېسسىياتنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكىنى مەقسەت قىلغان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، بۇ تەشكىلاتلار 1996- يىلى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى شاڭخەي كېلىشىمىگە قوشۇلغاندا قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىشىنىڭ ئاقىۋىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئالدىنقى ۋاقىتلاردا ئۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كۆچمەنلەر «يەرلىك» دەپ ئاتالغان. بۇلار كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1950- ۋە 60- يىللاردىكى كۆچمەنلەر «خىتايلىق (خىتايدىن كەلگەنلەر)» دەپ ئاتالغان ۋە ئۇ ئىككى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانىدى. بىرىنچى، بۇ گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. «يەرلىك» لەر تېخىمۇ رۇسلاشقان. يېڭى كەلگەنلەر رۇس تىلىنى بىلىشتە ئاجىزراق بولغان. ئاخىرىدا، يېڭى كۆچمەنلەر تىپىك قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ سوۋېت جەمئىيىتىگە كىرىشى تېخىمۇ تەسكە توختىغان. كىيىن بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە پسىخولوگىيىلىك پەرقى كىچىكلەشكە باشلىغان، بولۇپمۇ ياشلاردا. ھازىر، «خىتايلىق» دىيىش ئۇيغۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسى 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئېچىلدى. ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارالىق چېگرادىن ئۆتۈپ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، سودا قىلماقچى بولغانلار بىلەن يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنى يۈز بەردى. ئۇيغۇرنىڭ ئىككى مەھەللىسىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشى ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بەردى.

مەنبە: Orta Asya sınırlarına Uygur göçü

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top