تۈرك كۈلتۈر دۇنياسىدا ئۇيغۇر ئەسكىرى مۇزىكىسى
دوكتور ھاشمەت ئالتۇن ئۆلچەك
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەھمەد سۇلۇق
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم پاراچ
قىسقىچە مەزمۇنى: تۈرك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان ھەربىي مۇزىكىنىڭ تۇنجى بارلىققا كېلىشى، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ھەربىي مۇزىكىسى، قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرى بولغان ھۇن ۋە كۆك تۈركلىرىگە ئوخشاش تۇغ مۇزىكىسى دەپ ئاتالغان. «تۇغ» ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك ھەربىي مۇزىكىنىڭ تۇنجى ئىسمىدۇر. تۇغ، بايراق ۋە دۇمباق قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرىدە مۇستەقىللىق ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ، دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان ئىدى. تۇغ كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولۇپ، تېخىمۇ تەرەققى تەرەققى قىلىپ، تەشكىلى بىر شەكىلدە ئوخشاش بولمىغان ئىسىملار بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ھەربىي مۇزىكىسى، بايراق، دۇمباق، خاقان
قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار مىلادى 744-يىلى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورخون، سېلېنگا ۋە تولا دەرياسى ئەتراپلىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 840- يىلى تۇڭباغا تاركان دەۋرىگە كەلگەندە خىتاينىڭ ئاغدۇرمىچىلىقى نەتىجىسىدە زەئىپلىشىشكە يۈز تۇتقان ۋە قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كانسۇ رايونىدا كانسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى (سېرىق ئۇيغۇرلار) نى قۇردى. قالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بولسا ئاسيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كۆچۈپ كېلىپ، بەش بالىق، تۇرپان ۋە تەڭرى تېغى ئەتراپىدا موقۇم ئولتۇراقلاشتى ۋە ئىدىقۇت (تۇرپان) ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇردى. شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى ئاسيا قىتئەسىنىڭ ئاساسى رايۇنلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆك تۈرك دۆلىتىنىڭ ئىزباسارى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن كۆپ دۆلەت قۇرغانلىقنى كۆرۈش مۈمكىن.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى 1206-يىلى قارا خىتايلارنىڭ ، 1209-يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە مۇھىم مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئۇيغۇرلارمۇ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەھەتتە موڭغۇللارغا موھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى موڭغۇللارنىڭ رەسمىي تىلى قىلىپ قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» (ئۇيغۇر ئىلى) دا ياشاپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى تۈرك دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆچمەن ھاياتتىن موقۇم ئولتۇراقلاشقان ھاياتقا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش مۇزىكا سەنئىتىدىمۇ ناھايتى موھىم تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى ، كۆك تەڭرى دىنى ۋە مانى دىنى قاتارلىق دىنىي ئېتىقادلارنى قوبۇل قىلغان.
ھەربىي مۇزىكا ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلاردا تۇغ مۇزىكىسى دەپ ئاتالغان ئىدى. تۇغ، بايراق ۋە دۇمباق قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىدە مۇستەقىللىق ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى ھىساپلىناتتى. ئىلگىرىكى تۈرك خاقانلىرى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قوماندانلىرىغا ۋە بەگلىرىگە مەلۇم مىقداردا تۇغ بىرەتتى. بۇ سەۋەپتىن «ئۈچ تۇغ تۈركلىرى» دىگەندەك ئىدىيوملار خىتايچە ۋە تۈركچە مەنبەلەردە دائىم دىگۈدەك ئۇچراپ تۇراتتى. تۈرك قاغاندىن تۇغ ئالغان قەبىلىلەر بۇنى باشقا قوشنىلىرىغا قارىغاندا ئەۋزەللىك ۋە ئىمتىياز سۈپىتىدە قوللانغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ، خاقاننىڭ تۇغ ئەۋەتىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇشى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ خان بولۇشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. «تۇغ» دېگەن بۇ سۆز يەنە «چالغۇ» مەناسىنىمۇ بىلدۈرىدىغان بولۇپ، تۈرك ھەربىي موزىكىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئىسمىدۇر. تۇغ گۇرۇپلىرى سەپلىرىنىڭ سانى ھوقۇق تۇتقۇچىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ بىرەتتى. يەنى، ئەگەر ھۆكۈمدار ئۈچ تۇغ ئىشلەتسە ، تۇغ قىسىملىرى ئۈچ قات بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۈيۈك گېنېراللارغا، ۋەزىرلەرگە، خاقاننىڭ خاتۇنلىرىغا ۋە خاقاندىن كىيىن كەلگەن يابغۇلارغىمۇ دۇمباق بىلەن بايراق بېرىلەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى خاقاننىڭكىدىن ئېشىپ كەتمەيتتى. ئۇيغۇر تۇغ گۇرۇپىسىدا دۇمباقنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر خىل پۈۋلەپ چالىدىغان چالغىلارمۇ بار ئىدى.
تۇغ – ئۆز ۋاقىتدا ئۇچىغا ئازىراق ئات قۇيرۇقى ئورنۇتۇلغان نەيزە ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر ئىسىم ئىدى. تۇغلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خاقان ۋە خانلارنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۇغلارنىڭ ئۈستىگە ئالتۇندىن قىلىنغان بۆرىنىڭ بېشى تاقىلاتتى. كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە، ئانادولۇ سەلچۇقلىرىغا ئوخشاش تۇغلارنىڭ بېشىدا بەزىدە كۈمۈش ھىلال ئاي بولاتتى، يەنە بەزىدە بولمايتتى.
تۇغ، تۈركىي تىللار دىۋانىدا «خاننىڭ ئالدىدا چېلىنغان ناغرا ۋە دۇمباق»، «قاراۋۇل دۇمبىقى» دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. «خان قاراۋۇل دۇمبىقىنى ئۇردى.» (خان تۇغ ئۇردى) دىگەن مىسال ئارقىلىق تۇغ سۆزىگە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. تۇغنىڭ يەنە باشقا مەنىلىرىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇمدۇر. بۈگۈن بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان بايراق (تۇغ) يەنە تۈركىي تىللار دىۋانىدا «ئالەم»، «توققۇز تۇغلۇق خان» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «توسما» ياكى «ھەر قانداق نەرسىنىڭ تۇۋىقى» دىگەندەك مەنىلىرىمۇ باردۇر.
تۈرك چۈشەنچىسى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىدە يەتتە رەقىمى موھىم ئورۇن تۇتىدۇ ۋە بەخىت ئامەت ئېلىپ كىلىدىغان سان دەپ بىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇنقى كۆكتۈرك دەۋرىدە قاغانغا ئائىت تۇغ قىسىملىرى يەتتە سەپ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كېيىن تۇققۇز سەپلىك قىسىمغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. چۈنكى قەدىمقى تۈركلەر ئاسماننى توققۇز قات دەپ ئىتىقات قىلاتتى.
ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى قانچىلىك كەڭ، مەرتىۋىسى قانچىلىك ئۈستۈن بولىشىدىن قەتئى نەزەر، توققۇز رەقىمى «ئامەت ئېلىپ كىلىدىغان سان» دەپ ئىتىقاد قىلىنىدىغان بولغاچقا بىر خاقان توققۇزدىن ئارتۇق تۇغ ئىشلىتەلمەيتتى. بۇ «ئامەت ئېلىپ كىلىش» چۈشەنچىسى تەرەققىي قىلىپ، تۇققۇزنى قۇتلۇق ۋە مۇبارەك بىر سان ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن. تۇغلار «بارچىن» ئىسمى بېرىلگەن رەخىتتىن ياكى ئاپلىسىن رەڭگىدىكى يىپەكتىن ياسىلاتتى. بۇ رەڭلەرمۇ «ئامەت ئېلىپ كىلىدىغان رەڭلەر» دەپ قارىلاتتى. بارچە يۈكسەك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ ھىساپلانغان ئوتتۇر ئاسيادىن ئانادولۇغا كۆچكەن ئوغۇزلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن، تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىق سىموۋلى سۈپىتىدە دۇمباق ۋە بايراق ئىشلىتىش ئادەتلىرى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن توققۇز رەقىمى، ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ قوللىنىلغان ئىدى. ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ مەخسۇس مۇزىكىچىلىرى تۇققۇز سەپلىك ئىدى. يەنى بىر چالغۇدىن قانچىلىك بولسا چالغۇچىلار شۇنچە سەپ ئىدى. قات سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى، پادىشاھقا مەخسۇس بولغان مۇزىكا گۇرۇپىسى ئىدى. بۇلار ياۋۇز سۇلتان سەلىم ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋىرلىرىدىن باشلاپ «مەھتەرانى تابلى ئالەمى ھاسسا» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىدى.
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈركلەردە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ۋە ئاخرىلىشىشى بىلەن خاقاننىڭ قۇرۇلتايغا كىرىش جەريانىدا دۇمباق چىلىنىپ تۇغلار تىكىلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغ قىسمىنىڭ «تۇغ ئۇرۇشى»، بىر ئۇرۇشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇرۇشقا ماڭغاندا ۋە ئۇرۇشتىن قايتقاندا چېلىناتتى. بۇ ئادەت، تۈركلەرنىڭ دۆلەت چۈشەنچىسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ۋەقەلەر ۋەياكى پەرقلىق ئەھۋاللاردا، دۇمباق بىلەن بىرلىكتە يەنە باشقا مۇزىكا ئەسۋاپلىرىمۇ خەۋەر بېرىش ئۈچۈش ئىشلىتىلەتتى. ئىگىلىك ھوقوق ۋە كۈچنىڭ سىمۋولى بولغان بايراق ۋە دۇمباقنىڭ قولدىن كىتىشى بولسا ھوقۇق ۋە ئەسكەرلەرنىڭ قولدىن كىتىشى دەپ ھىساپلىناتتى.
قەدىمقى تۈركلەر ئۈچۈن مۇقەددەس دەپ قارالغان بايراق بىلەن دۇمباق بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ھەر ئىككىسى «تۇغ» دەپ ئاتىلاتتى ۋە تۇغنىڭ خادىغا چىقىرىلىپ لەپىلدىتىلىشىمۇ «جەڭ سىگىنالى» دەپ بىلىنەتتى. «جەڭ سىگىنالى» بولغان تۇغنىڭ خادىغا چىقىرىلىپ لەپىلدىتىلىش ئادىتى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭمۇ ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتىدە جەڭ سىگىنالى بىرىلگەن ۋاقىتتا، مۇقەددەس تۇغ توپكاپى سارىيىدا مۇزىكىچىلار تەرىپىدىن تەرىپىدىن ئېلىپ كىلىنىپ تىكلىنەتتى. بۇ «جەڭ ئىلان قىلىش» ھىساپلىناتتى، ھەمدە «ئەسكەرلەرنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى ئەتراپىغا توپلىنىشى» دىگەن مەنانى بىلدۈرەتتى. تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ «ھوقۇق بەلگىسى» سۈپىتىدە دۇمباق ۋە بايراق ئىشلىتىش ئادىتى، تۈركلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تارقالدى. تۈركلەر قۇرغان ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇ قەدىمىي ئادەت ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتى.
11- ئەسىردە مەھمۇد قەشقىرىمۇ تۇغنى «دۇمباق ۋە ناغرا» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ۋە باشقا موزىكا ئەسۋاپلىرى توغرۇلۇق توختالمىغان ئىدى. پەقەت تۇغنىڭ ئىككىنجى ۋە ئەسلى مەناسى «بايراق» دىگەن بولاتتى. چىڭگىزخانمۇ كېچىلىك قاراۋۇللارغا بەرگەن ئەمىر ۋە بۇيرۇقلاردا، خاقانلىق چىدىرى ئالدىدا تۇغلار بىلەن دۇمباقلارنىڭ قۇغدىلىشىنى بۇيرۇق قىلغان. يەنى تۇغ بىلەن دۇمباق، بىر-بىرىدىن ئايرىلماس دۆلەتنىڭ ئىككى سىمۋولى ئىدى.
«تۇغ» سۆزىنى ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن بۇرۇنقى تۆتىنجى ئەسىردە ياشىغان، تۈرك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان ۋە تىلى خاقانىيە تۈركچىسى بولغان ھۇن دۆلىتىدە ئۇچرايدۇ. سىياسى ۋە مەدىنىيەت مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاي يىلنامىلىرىدىكى ھۇن تىلىغا ئائىت «تەڭرى، قۇت، ئەسكەر، تۇغ، قىلىچ» قاتارلىق ئىبارىلەر تۈركچە سۆزلۈكلەر بولۇپ، ئەڭ قەدىمقى تۈرك تىلى سۆزلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى.
8- ئەسىردە يېزىلغان ئورخۇن يېزىقلىرى ۋە «مويۇنچۇر» يىزىقىدا كۈلپۈگە ۋە تۇغ چالغۇلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئۇچرايدۇ. يېزىقلاردا تىلغا ئېلىنغان «تۇغ قىسمى» ئۆز نۆۋىتىدە «بايراق قىسمى» مەنىسىنى بىلدۈرگەن. يەنە شۇ مەنبەدە، تۈركلەرنىڭ ئوتتۇر ئاسيادىكى تۇغ قىسمىدا يەر ئالغان «زۇرنا، سۇناي، كاناي ياكى بۇغ (كاناي، نەفىر)، ناغرا، دۇمباق ۋە زىل قاتارلىق چالغۇلار تىلغا ئېلىنغان. بۇ چالغۇلاردىن ئۇيغۇر زۇرناسى، بۇرۇنقى زامانلاردا چوڭ ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسىلىپ، كىيىنكى زامانلاردا بولسا ئۈرۈك ياغىچى ۋە مىستىن ياسالغان پۈۋلەپ چالىدىغان بىر چالغۇ ئىدى.
خىتاي مەنبەلىردە مىلادىيدىن بۇرۇنقى ئىككىنجى ئەسىردە، بىر خىتاي گىنىرالى سىياسىي خىزمەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسيانىڭ كۇچا، بالاساغۇن قاتارلىق مۇھىم مەركەزلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئوردىسىغا مېھمان بولۇپ كەلگەن ئىدى. كىيىن ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشىدا ئۇيغۇرلاردىن ئالغان چالغۇلار بىلەن ئوردىسىدا «تۇغ قىسمى» نى قۇرغان. ئۇ گېنرالنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كەلگەن سازلار ئىچىدە «ھوۋ قىيا» دەپ ئاتىلىدىغان، ئالدى تەرەپكە ئىگىك بوينى ۋە پەدىسىدە تۈشىكى بولغان، ناھايىتى گۈزەل ئاۋاز چىقىرىدىغان، كاناي شەكىللىك بىر تۈرىنىڭ بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
كۆكتۈركلەردە بولغىنىدەك كىيىنكى تۈرك قاغانلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ دۇمباق ئۇرۇلغانلىقى بىلىنمەكتىدۇر. ئىبنى خالدۇن، تۈرك دۆلەتلىرىدە، ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا بىر تۇغ ۋە بايراق ئېلىپ مېڭىلغانقىنى، بەك جىق بايراقلارنىڭ بارلىقىنى ۋە دۇمباق ۋە ناغرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلىتلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەسكىرى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ چالغۇسى دۇمباق، نەۋبەت ئەنئەنىسى بولسا دۇمباق ۋە ناغرىنىڭ چېلىنىشى ئىدى. نۆۋەت ئەنئەنىسىنىڭ ئەڭ ئاۋال ھۇنلاردا بار ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىمۇ ھۆكۈمدار ئالدىدا چېلىنغان ناغرا ۋە دۇمباقنىڭ «تۇغ» دىيىلىدىغانلىقىنى، «خان تۇغ ئۇردى.» دىگەن ئىديومىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ «ھۆكۈمدار نۆۋەت چالدى» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇيغۇر دۆلىتىدىمۇ بۇرۇنقى تۈرك دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشاش نۆۋەت چېلىنغان ئىدى. بۇ ئادەتنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ بار ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش مۈمكىن.
نەۋبەت (نۆۋەت، ناۋبا، نائۇبات) سۆزى، لۇغەتتە «دەۋىر، پۇرسەت، توپلۇم، ئاپەت» ۋە «ئەسكىرى مۇزىكا توپلۇمىنىڭ چىدىرى ئالدىدا دۇمباق ئۇرۇپ چالغان مۇزىكا» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. تۈرك كۈلتۈرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان نەۋبەت چۈشىنچىسى ئويغۇتۇش، ئاگاھلاندۇرۇش، خەۋەر بېرىش ۋە ۋاقىت پەرقى قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسىدۇر.
قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرىدە ئۇرۇش ۋە مۇراسىملەردىن بۇرۇن خانلىق چىدىرى قۇرۇلىدۇ، تۇغ تىكىلىدۇ ۋە دۇمباق چېلىنىشقا باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن «تۇغ ئۇرۇلدى.» ئىديومى «خانلىق دۇمبىقىنىڭ ئۇرۇلۇشى» دىگەن مەنادا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر خاقانىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىك، تاللانغان، مۇقەددەس كىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ھەر كۈنى نەۋبەت ئۇرۇلۇشى ئۇيغۇر خاقانىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، سالام بىرىشنى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.
قەدىمقى تۈركلەر، تەڭرىگە ئات قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئاتنىڭ قىللىرىنى تۇغلىرىدا ئىشلىتەتتى. بەلكى تۇغنىڭ مۇقەددەس دەپ قارىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بۇ بولۇشىمۇ مومكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار قۇربانلىق قىلىنغان بىر ئاتنىڭ قىللىرىنى ساقلاشنى بەخىت-سائادەت ئېلىپ كىلىدۇ دەپ ئىشىنەتتى. بۈگۈنمۇ بۇ ئادەت داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاتنىڭ تاقىسىنى ساقلاش ياكى ئۇنى ئۆيىنىڭ بىر يېرىگە ئېسىپ قويۇش، ئۇ ئۆيگە ئامەت ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركلەر ئۆزلىرى ياشىغان پۈتۈن يەرلەردە ئىزىنى قالدۇرۇپ ماڭغان ۋە مەدەنىيىتىنى ئەتراپىغا يېيىپ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دائىم جانلىق بىر شەكىلدە ۋە تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ ماڭغان ئىدى.
ئۇيغۇرلار دەۋىرىدە مۇزىكا، كۆكتۈركلەر دەۋرىگە قارىغاندا ھەر تەرەپتىن تېخىمۇ بەك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇ ئومومىي خەلق ۋە شەخىسنىڭ ھاياتىدا، دىن ۋە دۆلەت مۇراسىملىرىنىڭ، بايرام، مەشرەپ ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ۋە كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ۋاز كىچىلمەيدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار، تۈرك موزىكا مۇڭىنىڭ مەنسى بىلەن ئوخشاش قىلىپ «كۆك» سۆزلۈكىنى قوللانغان ئىدى.
ئالتۇن دۇمباق قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقلىرىدا «ئالتۇن كۆۋرۈك» دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ بىر سەلتەنەت ناغرىسى ۋە دۇمبىقى بولسا كېرەك. شامان دۇمبىقى بولسا چوڭ بىر داپ ئىدى. قەدىمقى بىر ئۇيغۇر يازمىسىدا شۇنداق دىيىلگەن؛ «…ئالتۇن دۇمباقنى ھەركۈنى مۇشۇنداق ئۇرۇپ توقماقلاپ…» بۇ سۆزدىن شۇنى چۈشۈنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىتا ئالتۇن دۇمباق چېلىناتتى. بۇ يەردە دۇمباقنىڭ چەمبىرىنىڭ ئالتۇندىن ياكى ئالتۇن قاپلىمىدىن ياسالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. دۇمباقنىڭ چېلىنىشى«نەۋبەت» بىلەن ئوخشاش دەپ چۈشىنىلسە موۋاپىق بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار مۇھىم ۋەقەلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالتۇن دۇمباقنى ئىشلىتەتتى. چۈنكى ئالتۇن بىلەن ياسالغان دۆلەت زۇرنالىرى ۋەياكى دۇمباقلار قەدىمقى تۈرۈكلەردە خاقاننىڭ كۈچىگە ۋە شان شەرىپىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا دۇمباق قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان بولغاچقا، مۇقەددەس دەپ قارالغان ۋە دۇمباق بېرىلگەن ھۆكۈمدارنىڭمۇ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىلەتتى. تۇغ بولسا ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولۇشتىن باشقا يەنە، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى تۆۋەنلىكنى ئايرىشنىڭ بىر ۋاستىسى ۋە تۇتقان ئورنىنىڭ سىموۋلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان ئىدى.
چوڭ دۇمباقلار ۋە زۇرنالار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئۇرۇش ئەسۋاپلىرى بولۇپ، تۇغلار ۋە بايراقلار بىلەن بىللە ئىشلىتىلگەن ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىنغان ئىدى. بۇ ئادەت خىتايدىمۇ بار ئىدى. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تۈركچە يېزىلغان بىر تېكىستتە فەتىھ ۋە زەپەر دۇمبىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ تىكىست داڭلىق بۇددا سەيياھى سۈ تاڭنىڭ «ساياھەتنامە»سىدىن تەرجىمە قىلىنغان. خىتايچە ماتىرياللاردا پەقەت دۇمباق دىگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇرلار «خوش خەۋەر» ياكى «زەپەر» دۇمبىقىنى «ئۇتماق يىگەد مەلىگ كۆۋرۈگ» دەپ ئاتايتتى. قەدىمقى تۈركچىدە «ئۇيتماق» سۆزى، «يەڭمەك، غالىپ كەلمەك» دىگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، قۇتادغۇ بىلىگدە «ئۇتمۇش ئەر» دەپ كەلگەن. «ئۇتماق-يىگەدمەك» دىگەن بۇ ئىككى سۆز بىر ئىدىيومدىن ئىبارەتتۇر. «يىگەدمەك» سۆزىنىڭ ئەسلى مەناسى «يەڭمەك ۋە يۈكسەلمەك» دىگەن مەنالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
روگەر فىنچ ئۇيغۇر ھەربى مۇزىكىسىدا ئىشلىتىلگەن دۇمباق چالغۇسى ھەققىدە مۇنداق دىگەن: « ئۇلار ھەر كۈنى دۇمباق چالىدۇ ۋە بۇ ئادىتى بىلەن سېگىنال بىرىدۇ.» « ئاينىڭ ئون يەتىنجى كۈنى شەپەق قىزارغاندا شاھزادە كاليانامكارا ئەڭ چوڭ دۇمباقنىڭ ئېلىپ چىقىلىپ چېلىنىشىنى، ۋە نېمە ئىشلار بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بىرىشنى بۇيرىدى.» « ۋە ئالتۇن دۇمباق ئەتراپتىكى چىرايلىق نۇرلار بىلەن خۇددى قۇياشقا ئوخشاش نۇر چېچىپ تۇراتتى.»
تۇغ ئەترىتىدە قوللىنىلىدىغان يەنە بىر چالغۇ بولسا قالۇن، (زۇرنا، كىيىنكى ۋاقىتلاردا سۇنايمۇ دىيىلگەن) بولۇپ، ئەڭ قەدىمقى پۈۋلەپ چالىدىغان چالغۇلاردىن بىرىدۇر. بۇ چالغۇ قەدىمقى دەۋىردە يوغان باشلىق ھايۋانلارنىڭ ياكى قوچقارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسىلاتتى. كىينكى مەزگىللەردە ئاليومىندىنمۇ ياسالغان ئىدى.
ئۇيغۇر تۇغ ئەترىتىنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىش، ھاياجانغا سېلىش، ئۇرۇشلاردا قارشى تەرەپنى قورقۇتۇش قاتارلىق ۋەزىپىلىرى بولۇش بىلەن بىرگە، دۆلەت مۇراسىمى، كەلگەن مىھمانلارنى قارشى ئېلىش ۋە خوش خەۋەرلەرنىڭ ئۇقتۇرىلىشى قاتارلىق نەۋبەت ئۇرۇش ۋەزىپىلىرىمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدە تۇغ ئەترىتىنىڭ نەۋبەت چالغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۈمكىن. تۈركلەرنىڭ خاقانلىق چۈشەنچىسى بىلەن بىرلەشكەن نەۋبەت، ھەر ۋاقىت ھۆرمەت ۋە دىققەت بىلەن تىڭشىلاتتى. جاسارەتلىرنى دۇمباقنىڭ تىترەشلىرىدىن تاپقان ئاتىلىرىمىز، تاكتىكىلىرىنى دۇمباق ئارقىلىق بىلدۈرگەن ۋە دۇمباق ئارقىلىق ئەسكەرلەرنى ھاياجانغا سالغان ئىدى. خاقان بولۇش، دۇمباققا ئىگە بولۇش ۋە دۇمباقنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق دۆلىتىگە ئۆز ھۆكمىرانلىقىنى بىلدۈرۈش، بۇلار ئوخشاش مەنادا ئىدى.
تۈرك ھۆكۈمدارلارنىڭ ھوقۇق بەلگىسى سۈپىتىدە دۇمباق ۋە بايراق ئىشلىتش ئۇسۇلى تۈركلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئەسكىرى مۇزىكا قىسمى ئابباسىيلاردا، خارەزىم خانلىقىدا، سەلچۇقىيلار ئىمپاراتورلىقىدا، مەملۇكلاردا ۋە ئانادولۇ بەگلىكلىرىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. بۇ ئادەت ئوسمانلى دۆلىتى ئىچىدە كېڭىيىپ، يۈز يىلغىچە داۋام قىلغان. تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەت ئىزچىللىقىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە ، بۇ تارىخى ئەنئەنە ھېلىھەم ئۆز مەۋجۇتلىىقىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرمۇ ھايات.
خۇلاسە
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق بەلگىسى بولغان تۇغ قىسمى، خاقاننىڭ شان شەرپىنىڭ ئالامىتى بولۇپ ھىساپلىناتتى ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھاياجانلاندۇراتت. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغ، بايراق ۋە دۇمباق قەدىمقى تۈرك دۆلەتلىرىدە ئەركىنلىك ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلاتتى. ئەسكىرى مۇزىكا چالغۇلىرىدا بولغان دۇمباق ھەر دەۋردە مۇقەددەس دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئەسكىرى مۇزىكا، ئۇرۇشلاردا ئەسكەرلەرنىڭ تەرتىپى ۋە ئىنتىزامى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. چۈنكى ئەسكەرلەرنىڭ چىقىشى، ھەركىتى، تەرتىپى ۋە ئەسكىرى تاكتىكلىرىنىڭ ھەممىسى دۇمباقنىڭ چېلىنىشى بىلەن ئېلىپ بىرىلاتتى. دۇمباقلارنىڭ ۋە زۇرنالارنىڭ كۆكنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش چىقارغان قورقۇنچلۇق ئاۋازلىرى، دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ نېرۋا سستىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىسا، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، مىللىي تۇيغۇلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركلەرنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولسا، ئەسكىرى مۇزىكا جەھەتتىن كۈچلۈك بىر مىللەت بولىشىدۇر.