ئەخمەتجان قاسىمى – ئەلىخان تۆرە: «جاسۇسمۇ» ياكى «مىللىي روھىيەت تۈۋرۈكلىرىمىزمۇ؟»
نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
كىرىش سۆز
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ ئۆز ئىچىدىن «خائىن»، «ساتقۇن» ۋە «جاسۇس» ئىزدەش پسىخىكىسىغا كەمبەغەل ئەمەس ئەھۋاللار مەۋجۇت. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە 40-50 يىل بىرگە ياشاپمۇ ئۆز ئىچىدىن جاسۇس، ساتقىن ئىزدەپ تېپىشقا، جاسۇس گۇماندارلىرىنى بايقاشقا ئىنتىلىش خاھىشلىرى بار. جاسۇس، ساتقۇن دېگەن ئاتالغۇ بەزىدە ناھايىتى ئاسانلا ئېغىزغا ئېلىنىدۇكى ھېچ پاكىتسىز، ئاساسسىز ھالدىلا ئۆزى بىلەن پىكىرى ۋە مەيدانى ئوخشىمىغان ۋە ياكى مۇخالىپەت ھالىدا ئوتتۇرىغا چىققانلارنى «جاسۇس» دەۋىتىشتىن يانماسلىق ئەھۋالىنىڭ بارلىقى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىپ كېلىنمەكتە. ۋەھالەنكى جاسۇسلار ۋە ساتقۇنلارنى يوق دېيەلمەيمىز، ئەمما جاسۇسنى چوقۇم شۇ ئۆزىگە قارشى قوللىنىلغان دۆلەت ئېنىقلاپ تۇتالايدۇ.
ھەتتا جاسۇسلۇق، ساتقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلەش دائىرىسى ۋە تارىخى ناھايىتى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي روھى تۈۋرۈكلىرىنىڭ سۇندۇرۇلۇشىغا يول ئېچىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ سادىر بولۇۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. تارىخىمىزدا ھەقىقەتەن خائىنلار، جاسۇسلار، ساتقۇنلار يېتەرلىك، بىز ئۇلارنىڭ بىر قىسم مەشھۇرلىرىنى نەق پاكىتى بىلەن ساناپ بېرەلەيمىز. ھەقىقەتەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇلار ۋە كېيىنكى ھەر خىل سىياسىي رەڭ ئاستىدىكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مەۋجۇتلۇق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدىن سانسىزلىغان قەھرىمانلار بىلەن پاراللېل ھالدا كۆپلەپ ساتقۇن، خائىن ۋە جاسۇسلار چىققانىدى ھەم ھازىرمۇ چىقىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىنماستۇر!
ئەسەرنىڭ تامامىنى بۇ پ د ف ھۆججىتىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: ئەخمەتجان قاسىمى – ئەلىخان تۆرە «جاسۇسمۇ» ياكى «مىللىي روھىيەت تۈۋرۈكلىرىمىزمۇ؟»