You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئەخمەتجان قاسىمى: مائارىپ ئادەمگە ئۆز-ئۆزىنى تونۇتىدىغان پەن

ئەخمەتجان قاسىمى: مائارىپ ئادەمگە ئۆز-ئۆزىنى تونۇتىدىغان پەن

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئابدۇراھمان ئەبەي ئەپەندى تۈزگەن «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسىمىدىن ئېلىنىپ تەييارلاندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بەش يىل جەريانىدا مائارىپقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ۋە مەكتەپ شارائىتلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن دائىم بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇرۇشى ئۇنىڭ زامانداشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ۋە نۇرغۇن ھېكايەلەر بىزگە مىراس قالغان. ئەخمەتجان قاسىمى مەزكۇر ھېكايەدە خىتاي مۇستەملىكەچىسى ياڭ زىڭشىننىڭ خەلقىمىزنى نادانلىقتا قالدۇرۇش ئارقىلىق قانداق ئىدارە قىلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مائارىپنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. 


مائارىپ ئادەمگە ئۆزىنى ئۆزىگە تونۇتىدىغان پەن

ئەخمەتجان قاسىمى مائارىپچىلار بىلەن بىر يەردە بولۇپ قالسا ياكى مائارىپ توغرىسىدا سۆز قىلسا داۋاملىق مۇنداق بىر ھېكايەنى نەقىل قىلىپ سۆزلەيتتى:

– يولداشلار، بۇرۇن يۇرتىمىزنى ياڭ (زىڭشىن) دېگەن بىر كىشى سورىغان. ئۇ بىزنىڭ يۇرتنى 1000 چېرىك بىلەن ئون نەچچە يىل خاتىرجەم سوراپ خېلى نام قازانغان. بىر قىسىم مۆتىۋەر كىشىلىرىمىز ھېلىمۇ ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

بىر قېتىم خان ياڭنى بېيجىڭغا چاقىرتىپتۇ. ياڭ ئوردىغا كىرىپ خانغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپتۇ. خان ئۇنىڭدىن تازا رازى بولماپتۇ.

– سەن ۋاقتىدا ھوشۇڭنى تاپ، بولمىسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالارسەنمىكىن؟ -دەپتۇ خان غەزەپلەنگەن ھالدا.

– بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ -دەپتۇ ياڭ ھەيران بولۇپ.

خان كەسكىن ھالدا شۇنداق دەپتۇ:

«شىنجاڭ» يېڭى ئېچىلغان يەر ھەم مۇرەككەپ جاي. ئەگەر بىرەر توپىلاڭ بولۇپ قالسا سېنىڭ 1000 چېرىكىڭ نېمە قىلالايدۇ؟ سەن دەرھال چېرىكنى كۆپەيتمىسەڭ بولمايدۇ

ياڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ-دە:

– خان ئالىيلىرى، مەنچە بولسا مۇشۇ 1000 چېرىكنىمۇ تارقىتىۋېتەيمىكىن دەيمەن. ئۇ يەرلىك خەقلەرنى چېرىك بولمايمۇ باشقۇرغىلى بولىدۇ-دەپتۇ. 

– بۇ نېمە دېگىنىڭ؟-دەپتۇ خان ھەيران بولۇپ، -چېرىكى يوق ئەمەلدار ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟-دەپتۇ.

– بىزنىڭ ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرالايدۇ، -دەپتۇ ياڭ ئىشەنچ بىلەن.

– ئېيتە قېنى، جەمئىيەتنى قانداق باشقۇرىسەنكىن؟-دەپتۇ خان قىزىققان ھالدا.

– مەن خەلققە دىنىي ئەركىنلىك بېرىمەن ۋە باشقا سورىغان نەرسىلىرىنى بېرىمەن- دەپتۇ ياڭ.

– ھەممىنى بېرىۋەرسەڭ، بىر كۈنى ئۇلار سەندىن ھوقۇقۇڭنىمۇ بەر دەپ سورىمامدۇ؟

-ئۇ خەق ھوقۇقۇڭنى بەر دېمەيدۇ،- دەپتۇ ياڭ،- چۈنكى مەن ھەممىنى بەرگەن بىلەن مائارىپنى بەرمەيمەن. 

– مائارىپنى بەرمىگەننىڭ نېمە پايدىسى؟-دەپ سوراپتۇ خان مەنسىتمىگەن ھالدا.

ياڭ ناھايىتى ھوزۇرلانغان ھالدا شۇنداق دەپتۇ:

– مائارىپى يوق مىللەت كۆمتۈرۈپ قويغان قازاننىڭ ئاستىدىكى قوڭغۇزغا ئوخشايدۇ. جاھان مۇشۇ دەپ يۈرىۋېرىدۇ. نادان خەلقنى باشقۇرماق ئاسان. ئۇلارنى قويغا ئوخشاش خالىغان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنلا مەن ئۇلارغا مائارىپنى بەرمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان ھەرقانداق ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى دەرھال نەزەربەنت قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئامالىم بار. ئىككى ناداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئازراق بىر مەنسەپنى تاشلاپ قويىمەن. ئۇ مەن ئالىمەن دەيدۇ. بۇ مەن ئالىمەن دەيدۇ. ھەرگىز بىر-بىرىگە ئۆتۈنمەيدۇ. ھەتتا دۈشمەنلىشىدۇ. ئاندىن مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ بىر-بىرىنى چاقىدۇ. ئۇ كەلسىمۇ سېنىڭ توغرا، چىڭ تۇر دەيمەن. بۇ كەلسىمۇ سېنىڭ توغرا، چىڭ تۇر دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسى توختىماي ئېلىشىپ، مېنى ئۆزلىرىگە شەپقەتچى خۇدا قىلىۋالىدۇ…مەن يۇرتنى ئەنە شۇنداق سورايمەن.

خان بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق خوشال بولۇپ كېتىپتۇ-دە، ياڭنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:

– بۇ ناھايىتى ياخشى چارە ئىكەن. يۇرتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ناھايىتى ياخشى چارەسىكەن. سەن ئالتۇندىنمۇ قىممەت بۇ چارە-تەدبىرىڭنى دەرھال يېزىپ چىق! باشقىلارمۇ ئۆگەنسۇن،-دەپتۇ. 

شۇنىڭ بىلەن ياڭ خاننىڭ ئېسىل ئورداسىدا يېتىپ، «خان ئورداسىدا يېزىلغان خاتېرىلەر» دېگەن كىتابنى يېزىپ، شىنجاڭنى باشقۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. 

ئەخمەتجان قاسىمى ھېكايەسىنى ئېيتىپ شۇ يەرگە كەلگەندە ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتەتتى-دە، تېخىمۇ جاراڭلىق قىلىپ سۆزلەيتتى.

– يولداشلار، ياڭ بىزنى ئەنە شۇنداق سورىغان. ئۇ ھەر قايسى يەرلەرنىڭ دوتەي، ئامباللىرىنى پۈتۈنلەي دىنىي زاتلاردىن تەيىنلەيتتى. ئۇ تۆۋەننى كۆزدىن كەچۈرسە ياكى يىغىن ئاچسا دوتەي، ئامباللاردىن «ناھىيەڭدە قانچە مەسچىت بار» دەپ سورايتتى. مەسچىتنى كۆپ سالغان ئامبال، دوتەيلەرنى مۇكاپاتلايتتى. مەسچىتنى ئاز سالغانلارنى جازالايتتى ياكى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلايتتى. شۇڭا ياڭنىڭ دەۋرىدە يۇرتىمىزدا مەسچىت 4000 غا يەتكەن ئىدى. ھازىرقى بىر قىسىم مۆتىۋەر زاتلارنىڭ ياڭنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇنىڭدا. بىز ياڭنى دورىمايلى. خەلقنى، بولۇپمۇ بالىلارنى مائارىپقا باشلايلى. مائارىپ ئادەمگە ئۆزىنى ئۆزىگە تونۇتىدىغان پەن. (بۇ ھېكايەنى ئابدۇغوپۇر ئىمىن سۆزلەپ بەرگەن)


شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى غۇلجا شەھەر تاتار مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىقلىل قۇرباننىڭ 1948-1949 ئوقۇش يىلىدىكى كۆرسەتكۈچى (مەنبە: ئىقلىل قۇربان ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق تۈركچە كىتاب)

ياڭ زىڭشىن مەقبەرىسى (مەنبە: «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ژورنىلى)

ياڭ زىڭشىننىڭ مەقبەرىسىگە ئورنىتىلغان مىس ھەيكىلى (مەنبە: «چىنى تۈركىستان ئاۋازى» ژورنىلى)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top