You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا

كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا

ئالماس ھاجى
(1) كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا

كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى كۆپ. يىغىپ ئېيىتقاندا، كىتاب سىزنىڭ زىھنىڭىزنى ئاچىدۇ، ھىس ـ تۇيغۇلىرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇپ، پاراسەتلىك، پەزىلەتلىك بولىشىڭىزغا تۈرۈتكە بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ۋە دۇنيانى چۈشۈنۈش يوللىرىنى ئىگەللەيسىز، شەيئىلەرنى تونۇش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ پەرقىغە بېرىش ئىقتىدارىڭىز ئاشىدۇ. ئادالەت ۋە ھەقىقەت مىزانلىرى قەلبىڭىزدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەقىدە ئىتىقادىڭىز مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلىرىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز زۆرۈردۇر.

بۇ يازمىدا بالىلارنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قانداق يىتىلىدۈرۈش كېرەك، دىگەن مەسئىلە ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز.

ئادەملەر ياخشى نەرسىگە ھېرىسمەن بولىدۇ، بەزىدە يامان نەرسىلەرمۇ كىشىلەر خاراكتىرىدىن ئورۇن ئېلىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئالدىنقىسىنى تەربىيەلەپ، كېيىنكىسىگە ئورۇن بەرمەسلىك كېرەك. بالىلاردا كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەنلىكنى يىتىلدۈرۈشتە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۆلگە بولىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئاتا ئانىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولىشى تەبىئى ھالدا بالىلاردا كىتابقا بولغان قىزىقىشنى قوزغايدۇ. ئاتا ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بۇ قىزىقىشنىڭ ياخشى ئادەتكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆلگە بولۇپ تەسىر كۆرسۈتۈش ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. بالىلارنىڭ قىزىقىشى قوزغالغاندا ئۇنىڭغا ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلۈش، تىگىشلىك شەرت ـ شارائىتلارنى ھازىرلاپ قىزىقىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ـ ئائىلە تەربىيەسىدىكى مۇھىم مەسئىلىدۇر.

ھازىر ھەممە ئائىلىدە كىتاب جاۋىنى ۋە يېزىق ئۈستىلى بولۇش قېلىپلىشىپ قالدى. ئەگەر مۈمكىن بولسا بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىدە ھەر بىرىنىڭ ئايرىم – ئايرىم بولغىنى ياخشى. ئاتا ئانىلار ئۇلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان كىتابلارنى ئېلىپ بىرىپ، كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەش ۋە بۇنى داھىمى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا ھەركەت قىلىش لازىم. بۇ جەرياندا بالىلار بىلەن ئۇلار ئوقۇۋاتقان كىتاب مەزمۇنلىرى ھەققىدە قىسقا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىشى، بالىلارغا قانداق ۋەقە، قايسى ئوبرازلارنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىگەللەپ، ئۇلارغا مەسلىھەت بىرىپ تۇرىشى كېرەك. سۆھبەت جەريانىدا ھەرگىز تەنبىھىچى بولماي، ئۇنىڭ يېشىغا ماس ھالدا سىرداش، سۆھبەتداش بولىشىڭىز لازىم. بالىڭىز سىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن خۇرسەن بولسۇن، ئۆزىنى كىتابتىكى قەھرىمانلاردىن ئۈلگە ئالغاندەك، چوڭ بولۇپ قېلىۋاتقاندەك ھىس قىلسۇن.

ئاتا ـ ئانا ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىلارنىڭ بالا ئىكەنلىكىنى، بالىلارغا خاس خۇي، قېلىقلىرى بارلقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. ئۇلارغا بىسىم قىلماسلىقى، زورلاش، كەم سۇندۇرۇش خاراكتىردىكى ئۇسۇللارنى قوللۇنۇشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەشتە قىزىقتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىغا تايانغان ياخشى. بالىلارغا كىتاب ئوقىغاندا قىسقىچە خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىشنى ئۆگۈتۈپ ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز، بۇنىڭ بالىلارنىڭ پىكىر قىلىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ. بالىلار ھىسىياتقا تايىنىپلا ئىش قىلىدىغان، ئوي پىكىرىنى توغرا، راۋان ئىپادىلەپ بىرەلمەي دۇدۇقلىنىدىغان ئەھۋاللاردىن خالى بولىدۇ.

بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئۈچ ياشلىق بالىلاردىن باشلاپ شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەكىللەنگەن ھىرسمەنلىك ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدۇ. ئەلبەتتە، ئۈچ ياشلىق بالا خەت تونىيالمىغانلىقى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيالمايدۇ، لېكىن،ئاتا ئانىسى ھەر كۈنى ئونىڭغا ئوقۇپ بىرىدىغان رەسىملىك كىتابلاردىكى قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇنىڭغا يادا بولۇپ كىتىپ، كېيىن كىتابنى ۋاراقلاپ سۆرەتكە قاراپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولۇپ كىتىدۇ. بۇ ھال ئۇنى كىتابقا دوست قىلىپ يىتىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بالىلارنىڭ تىلى راۋان، تەپەككۈرى چوڭقۇر، زىھنى ئۆتكۇر بولىدۇ. ھەق ئادالەت كۆز قارىشى ۋە ئەقىدە ئىتىقادى كۈچلۈك بولىدۇ.

خوش، ئوقۇرمەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە كىتاب جاۋىنى بارمۇ؟ سىز ئايدا قانچە كىتاب ئوقۇيسىز؟ بالىلىرىڭىز كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەنمۇ؟ سىز بۇ مەسئىلىگە ئادەتتىكىچە قاراپ قالىماڭ، كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇش ـ مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسئىلە. بەلكىم سىز پولشا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشى تەسۋىرلەنگەن «ئۇچار ئۇنۋىرسىت» دىگەن كىتابنى ئوقىغان بولغىتىڭىز، تارىختا ئۇچ ئىمپىرىيە بېسىۋېلىپ بۆلىشىۋالغان، تىلى ۋە يېزىقى يوقۇتۇلغان، دۇنيا خەرىتىسىدىن دۆلىتىنىڭ نامى ئۆچىرىلگەن پولشا خەلقى مائارىپتىن، ئىلىم ـ پەندىن، كىتابتىن قۇدرەت تېپىپ مۇستەقىل بولغان، دۆلەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇڭا سىز ئۆيىڭىزدىكى كىتاب ئىشكابىنىڭ مۇستەقىل، ھۆر ۋەتىنىمىزنى قۇرۇشتا بىر دېتال بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ. شۇنى بېلىشىڭىز كېرەككى، سىز مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ھەرقانچە ئاكتىپ پائالىيەتچان، پىداكار بولۇڭ، ئەگەر ئائىلىدىكى كىتاب ئىشكابىڭىزغا ۋە بالىلىرىڭىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىشنى ئەستىن چىقارسىڭىز ياكى سوس قارىسىڭىز سىز ماڭغان ئىزلارنى بالىلىرىڭىز، نەۋرە، چەۋرىلىرىڭىز تاپالمايدۇ، نىمىشقا دىدىڭىزما؟ چۈنكى، ئۇلار سىزنىڭ ئىزلىرىڭىزنى تونىمايدۇ. بۇ قانلىق، دەرتلىك ئىزلارنى تونۇشنى ئۇلارغا سىز ئۈگەتمىگەن بولىسىز!

(2) كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ زىيىنى كۆپ

ئالدىنقى يازمىدا كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا يازغان ئىدىم. بۇ يازمىدا كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ زىيىنى توغرىسىدا يازماقچىمەن.

بىز كىتاب ئوقۇشقا ۋە تەربىيەلەش ـ تەربىيەلىنىشكە ياخشى ئەھمىيەت بەرمەي قاششاقلىق ۋە نادانلىق ئىلكىدە قالغان مىللەت. بۇنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتتۇق، تا ھازىرغىچە تارتىۋاتىمىز. چۈنكى بىز ئەينەككە قاراپ ئۆزىمىزنى تۈزەشنى ئانچە خالاپ كەتمەيمىز. ئەسلىدە، كىتاب بىزگە ئەينەك بولاتتى، تەلىم ـ تەربىيەدىن كۆپ نەرسىلەرنىڭ پەرقىغە يىتىشنى ئۈگۈنەتتۇق. لېكىن، بىز ئۇنداق قىلالماي كەلدۇق. شۇڭا، مەنمەنچىلىك، يالغانچىلىق، ھەشەمدەرەمگە بىرىلىش، ھەر خىل ساختا كۆرۈنۈشلەردە ئىپادىلىنىش بىزنى چىرمىۋالدى. بىز يا ئۆزىمىزنى تاپالماي، يا ئۆزلۈگىمىزدەك بولالماي يۈرۈۋاتىمىز. ئەسىرلەر بۇيى داۋام ئىتىپ كىلىۋاتقان مۇستەملىكە ھاياتى، بىز دۇچ كىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، زولۇم ۋە ئىسكەنجىلەر بىزنى شۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. بىز كىتاب ئوقۇمايدىغان، ئىلىم ـ پەنگە ئىنتىلمايدىغان بولۇپ قالدۇق. دۈشمەنلىرىمىزنىڭ مەقسىتى شۇ ئىدى. بىزنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ، مەنىۋىيەت ۋە روھى جەھەتتىن سۇندۇرۇش ئىدى. كىتاب ئوقۇماسلىق، ئىلىم ـ پەنگە ئىنتىلمەسلىك ئىللەتلىرى ئەسلى تاجاۋۇزچى خىتايلار تەرىپىدىن بىزگە يۇقتۇرۇلغان ئىللەتتۇر. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاڭنى ئېچىش ۋە ئاڭنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. كىتاب ئوقۇش يەنە داۋاملىق كىتاب ئوقۇشىمىز، ھەر ساھە بويىچە ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى ئىگەللىشىمىز لازىم. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بوۋىمىز يۈسۈپخاس ھاجىپ «بىلىم ـ بەخىتنىڭ ئاچقۇچى» دىگەن ھۆكۈمنى دۇنياغا جاكالىغان ئىدى. شۇنىڭدىن بەش ئەسىر كېيىن ياۋرۇپالىقلار «بىلىم كۈچ» دىگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىزدىن بەش ئەسىر كېيىن بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياۋرۇپالىقلار بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرساق بۇنىڭ پەرقىغە يىتەلەيمىز. دىمەك، بىز بىلىم ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بىرىدىغان، بىلىم ئارقىلىق بەختىنى تاپىدىغان مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدۇق. لېكىن، بىز ئۇ يولنى داۋاملاشتۇرالماي قالدۇق. ئەمدى بۈگۈنكى ھالىمىزغا قاراڭ.

«يېقىندىن بېرى ئونۋىرسىتنى تاماملىغان ۋە ھازىر ئونۋىرسىتتا ئوقۇۋاتقان 30 نەچچە ياش بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم. سۆھبەت ئارىسىدا ئۇلاردىن، يېقىندىن بېرى قايسى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى سورىدىم. قىززىق يېرى ياق، قىززىق يېرى ئەمەس، ئېچىنارلىق يېرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىتاب ئوقۇمۇدۇق، دەپ جاۋاپ بەردى»،-دەپ ھەسرەت ۋە ئېچىنىش بىلەن سۆزلەپ بەردى يازغۇچى مەممەتتۇرسۇن ئۇيغۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دىگەن ئىككى توملۇق كىتابىنى ئون يىلدا يېزىپ تاماملىغان ئىدى. يېقىندا يېزىپ تاماملىغان مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخى ئەسلىمە ئەسىرى نەشىرگە تەييارلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يۈرەك باغرى پۇچۇلىنىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى، ئۇ ئۇن يىللاپ ئەجىر قىلىپ مىللەتنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتاب يېزىپ، كىتاب ئوقۇمايدىغان قېرىنداشلىرىغا سۇنغان ئىدى. يازغۇچى ئۈچۈن كىتابىنىڭ ئوقۇرمەنسىز قېلىشىدىن چوڭ ئازاپ بولمايدۇ.

ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان نەشىرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئازلىقىدىن ئەپسۇسلانسىمۇ، نەشىرياتچىلىقنى مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ يادرولۇق خىزمىتى دەپ قاراپ ئۆز يولىدىن ھەرگىز تايمىدى، توختاپ قالمىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىنى بىر نەرسە تاتىلايتى: «مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى، قىممىتى زور ئىلمىي ئەسەرلەرنى، مەدەنىيىتىمىزگە ۋە ئەدەبىياتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك نادىر ئەسەرلەرنى 300 دىن 500 دانىگىچە نەشىر قىلساقمۇ ئىككى ئۈچ يىلدا ئاران ئاخىرى ئۈزۈلىدۇ»- دىدى ئۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن. 30 – 40 مىڭ ئۇيغۇر ياشاۋاتقان ئىستانبۇلدىكى ئەھۋال بۇ ئىدى.

ۋەتەندە بۇ كىتابلارنى ئوقۇيمەن دەپ ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئوقىغاندا خىتايلار ياكى ئۇيغۇر ساتقۇنلار بىلىپ قالسا تۇرمىگە قامايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ كىتابلاردىن خالىغانچە پايدىلىنالايدۇ، بىراق، ئۇلار بۇ ئىمكانىيەتتىن قانچىلىك پايدىلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى، تارىخىمىزنى قانچىلىك بىلەتتۇق؟ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھىنى ئويغۇتىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتىنى قوزغايدۇ، دەپ ئوقۇشنى چەكلىگەن بۇ كىتابلار مۇھاجىرەتتە، ئەركىن دۇنيادا نىمىدىندۇر يەكلىنىپ ۋە بۇ تۈپەيلى غەيرى چەكلىنىپ، يىللار بويىچە چاڭ بېسىپ يېتىپتۇ. يۇقارىقى مىساللاردىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان پوزۇتسىيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.

كىتاب ئوقۇش ئومۇملاشمىغان مىللەتنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولىدۇ. مىجەز خاراكتىرى غەلىتە، گەپ ـ سۆزلىرى قوپال، رەڭگى روھى سەت ۋە خۇنۇك بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان كىشىلەر سىلىق مۇلايىم بولىدۇ، پاقىراپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا پاكىزە، رەتلىك كىيىنگەن، مەدەنىيەتلىك، چىرايلىق بولىدۇ. بىز شۇنچە تېگى ئېسىل، چىرايلىق مىللەت ئىدۇق، لېكىن ھازىر كۈندىن كۈنگە سەتلىشىپ، دۆتلىشىپ، خۇنۇكلىشىپ كىتىپ بارىمىز. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىز كىتابتىن، ئىلىم ـ پەندىن، مەدەنىيەتتىن ۋە تەرەققىياتتىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتىمىز.

كىتاب ئوقۇش دىگەن سۆزنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى نۇقۇل ھالدا بىر قانچە كىتابنى ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقىش دەپ چۈشۈنۈش تۇلا ئاددى چۈشەنچە بولۇپ قالىدۇ. كىتاب ئوقۇش كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا شەرىئەت بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللەش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇش دىگەنلىك بولىدۇ. كىتاب ئوقۇسىڭىز سىزدە شۇنداق ئىقتىدار يىتىلىپ چىقىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىك كىتابلار بۇنىڭ ئاساسى بولىدۇ، لېكىن، ھەممىسى ئەمەس. شۇڭا، مەكتەپتە ئوقۇغانغا قانائەتلىنىپ كىتاب ئوقۇشتىن توختاپ قالسىڭىز بولمايدۇ.

دىمەك، كىتاب ئوقۇمىسىڭىز زىھنىڭىز ئۆتكۈر بولمايدۇ، ئەقىل ـ پاراسىتىڭىز يىتىلمەيدۇ، ئەخلاق ـ پەزىلىتىڭىز ئىنسان گۈزەللىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمان بولالمايدۇ، رۇخسارىڭىز نۇرغا تولمايدۇ. كىتاب ئوقۇمىسىڭىز مەنىۋىيىتىڭىزدىكى ئەخلەتلەرنى كۆرەلمەيسىز، ئۆزلۈگىڭىزنى تونىيالمايسىز، شەيئىلەرنىڭ پەرقىغە يىتەلمەيسىز، ئەتىراپلىق تەرەققى قىلالمايسىز ۋە مۇكەممەل ئادەم بولالمايسىز. شۇڭا كىتاب ئوقۇڭ، كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ، ئائىلىڭىزدە كىتاب ئىشكابى بولسۇن،  ئىشكابىڭىز نادىر كىتابلارغا، ئائىلىڭىز خاتىرجەملىك، خۇرسەنچىلىككە تولسۇن، ئامىن!

(3) كىتاب ئوقۇغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

كىتاب ئىنسان ئەقلىنىڭ جەۋھىرى، ھايات يوللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى، تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ غەزىنىسى، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى، قەلبىڭىزگە نۇر چاچقۇچىدۇر.

كىتاب ئوقۇغاندا مۇھىمى كىتابتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. مىنىڭچە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىق كەلگىنىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ:
1-ئالدى بىلەن ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان كىتابلارنى تاللاپ رەتكە تۇرغۇزۈپ پىلانلاشتۇرۇۋالسا ياخشىراق بولىدۇ. بۇنداق پىلان يېڭى كىتابلارغا ئورۇن قويغان ھالدا تۈزۈلگىنى مۇۋاپىق. كىتاب ئوقۇش پىلانى تۇرمۇش تەرتىپلىرى قاتارىغا قويۇلغاندا ئۇنۇمدارلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ پىلان كىتاب ئوقۇغۇچىغا ھەيدەكچى بولىدۇ، ئۇنى كىتابتىن نەپ ئېلىشقا، بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىشكە يىتەكلەيدۇ.
2-ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇشقا مۇقۇم ۋاقىت ئاجرىتىش. بۇنداق قىلغاندا كىتاب ئوقۇش داھىمىلىققا، ئادەتكە ئايلىنىدۇ. كىتابنى دوست تۇتۇشتا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، چۈنكى كىشى ھەركۈنى تەكرارلىنىشتا بۇنىڭغا كۈنۈپ قالىدۇ. كۈنگەن ھەممىدىن يامان، ئۇنى تاشلىغىنى بولمايدۇ.

3-كىتاب ئوقۇغاندا مۇھىم دەپ بىلگەن جايلارغا بەلگە قويۇپ مېڭىش كېرەك. ھەركىم ئۆزى ئويلىغىنى بويىچە كىتابتا ئۆزىگە كېرەك جايلارنى تۈرگە ئايرىپ بەلگە قويۇپ مېڭىش كېرەك. مەسىلەن، خاتىرلەپ ئېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار، ئەسلەتمە مەزمۇنلار، سېلىشتۇرمىلار، ئىزدىنىشكە تىگىشلىك تەرەپلەر، گۈزەل سۆز ـ ئىبارىلەر، ئەقلىيە سۆزلەر قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا كىتابنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

4-كىتاب ئوقۇشتا خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. بۇ كىتاب ئوقۇشتىكى ھالقىلىق مەسئىلە. خاتىرە قالدۇرغاندا مەزمۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ خاتىرە قالدۇرغان ياخشى. مەسىلەن:

1) ئەقلىيە سۆزلەرنى ئايرىم خاتىرلەپ ماڭغاندا، بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ خاتىرە ئەقىل غەزىنىسىگە ئايلىنىدۇ.

2) ئەسلەتمە مەزمۇنلارنى خاتىرلەپ ماڭغاندا، سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىز، مەسئىلىلەرنىڭ پەرقىغە بىرشىڭىزغا ياردەم قىلىپ تەپەككۇرىڭىزنى قاناتلاندۇرىدۇ، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشقا ئۈگىتىدۇ.

3) كىتابتىن ئالغان تەسىراتىڭىزنى يېزىپ ماڭسىڭىز سىزنى مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشقا يىتەكلەپ، ھەقنى تونۇيدىغان، ۋىژدان سورىقىنى بىلىدىغان، كۆز قاراشلىرىڭىزنى دادىل، ئوقۇمۇشلۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ.

يۇقۇرىدىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۈگۈنۈش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نوقۇل ھالدا كىتاب ئوقۇش بولۇپ قالسا ئۈگۈنۈش ئۈنۈمدارلىقى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. شۇڭا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇقتىلار بويىچە يىتەكلەش لازىم.

2021-يىل 5-سىنتەبىر، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top