مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈش ـ بىزنىڭ چىقىش يولىمىز
ئالماس ھاجى
مائارىپ ـ تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلىنىش جەريانىدىن تەركىپ تاپقان، ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، تەپەككۈرىنى قاناتلاندۇرىدىغان؛ كىشىلىك ھاياتنى تەرەققىياتقا، گۈللىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائى جەريان بولۇش سۈپىتى بىلەن مائارىپ يەنە ئەستايىدىللىقنى ۋە ئىزچىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدىغان روھى بىناكارلىقتۇر. «مائارىپنىڭ نەتىجىسى دەرھاللا، ھەتتا بىرقانچە يىلدىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسىرى زور. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ ئىجابى تەسىرى كۆرۈلگەندە بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى كۈچلەندۈرىۋەتكىدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان مائارىپ بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ».
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلار تارىختىن بىرى ياشاپ كەلگەن گۆھەر زىمىن ـ شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلىك ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن، بۇ زىمىننىڭ ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى مىللەت گەۋدىسى بىلەن يوقۇتۇش ۋە تەل تۆكۈس ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتەردى. «يىغىشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى يېغىشتۇرۇش»، «بىرىنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» ۋە «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، «2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەرخىللەر قاتلىمىغا مەنسۇپ بولغان 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىلەرگە ۋە جازا لاگىرلىرى» غا قامىدى. دەھشەتلىك قىيىن-قىستاق، ئادەم چىدىغۇسىز نەزەربەند قىلىش، جىسمانى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن سۇندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنۇپ، بىر قىسمىنى ئۈلتۈردى، بىرقىسمىنى ئىچكىرى خىتاي تۈرمىلىرىگە يۆتكەپ ئىزدىرەكسىز يوق قىلدى، بىر قىسمىنى قىيناش ۋە ئازاپتىن ئەسلىگە كىلەلمىگىدەك دەرىجىگە يەتكۈزۈپ، قاراڭغۇ زىندانلىق تۈرمىلەرگە باقىۋەندە قىلدى.
بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلىرى ـ يۇرت باشلىرى،دىنى ئۈلىمالىرىمىز،جامائەت ئەربابلىرى، ئوقۇتقۇچىلار،ئالىملار، مۇتەخەسسسلەر، يازغۇچى، شائىرلار، داڭلىق سودىگەر ـ كارخانىچى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرى دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچراپ، ئېرقى قىرغىنچىلقنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولدى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى سەركىسىز، باشسىز ۋە تەربىيەسىز قالدۇرۇپ، سەرخىللىرىدىن جۇدا بولغان، مىللىي روھى تۇنجۇققان، ئۇمۇرىتقىسى ئىزىلگەن مىللەتكە ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئېرقى قىرغىنچىلىقنىڭ دەھشەتلىك زەربىسىدە خەلقىمىز نەچچە ئون يىللاپ ئەسلىگە كىلەلمىگىدەك دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. بۇ زىيانكەشلىك ئالدى بىلەن مائارىپتا ۋە شۇ مائارىپتا يىتىشىپ چىققان سەرخىللىرىمىزنىڭ دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچراپ يوق قىلىنىشدا كۆرۈلدى.
تارىختىن بىرى نۇرغۇن چەكلىمە ۋە زىيانكەشلىكلەر تۈپەيلى مىللىي روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويالمىغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە، مۇستەملىكە مائارىپىدىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر پۈتۈنلەي يوق قىلىنىپ، مۇستەملىكە مائارىپى ئىچىدە ئاتالمىش ئۇيغۇر مائارىپى دەپ نام بىرىلگەن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشمۇ يوق قىلىندى. بىر مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ھۇل تېشى مائارىپتۇر. مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مائارىپى تەرەققىي قىلغان مىللەت ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ قۇدىرەت تاپىدۇ، ئەكسىچە مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپ يولىنى تاپالمىغان مىللەت ـ مائارىپى مەغلۇپ بولغان مىللەت ۋەيرانچىلىق، پاراكەندىچىلىك كوچىسىدىن چىقالمايدۇ.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن باشتىن ئاخىر بىزنىڭ مائارىپىمىزنى تىزگىنلەپ، ھەر جەھەتتىن بۇغۇپ قىرقىپ كەلدى. ئارىمىزدا ساتقۇن مۇناپىقلارنى يىتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن «قوش تىللىق» مائارىپنى يولغا قويۇپ، تىل – يېزىقىمىزنى قاتاردىن چىقىرىش ئۈچۈن زىمىن ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە مائارىپىدا ئاتالمىش ئۇيغۇر مائارىپى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ سەپتىن چىقىرىلدى. ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىركىدەك بەزى يوچۇق ۋە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي روھتا تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلىنىشتىن ئېغىز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرىنى خىتايچە تىل ۋە كوممۇنىستىك روھ بىلەن خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا شۇ دۆلەت مەكتەپلىرىدە تەربىيەلىنىپ، خوشال ـ خوراملىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن ئۆزلۈكىدىن ياتلىشىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى تۇمانلاشتۇرىدىغان ئاچچىق رىياللىق. شۇڭا، ھازىرقى مۇھىم ۋە جىددى مەسىلە ـ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش، ئەۋلادلىرىمىزنى قانداق قىلىپ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە لايەقەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش مەسىىلىسى بولۇپ قالدى.
بۇ يازمىدا ھازىرچە پەقەت تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلىدۇ.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپرەك، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى تۈرك مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. شەخىسلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر ئېچىلغان بولسىمۇ، بۇ خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا يەنىلا تۈرك مەكتەپلىرىدە داۋام قىلىشتىن باشقا يول يوق. ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشتا بىر قانچە نۇسخا ئىلىپبە كىتابى ۋە تىل ـ ئەدەبىيات كىتابى نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، لىكىن، بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى ۋە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك كىتاپلىرى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مۇنتىزىملاشمىغان ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. ئىقتىسادى جەھەتتە داھىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان راسخوت يىتىشمەسلىك مەكتەپ ئاچقۇچىلارنىڭ قول پوتىنى چۈشەپ، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار داھىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە ئورۇندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قورئان ئۈگىنىش كۇرسىلىرى ئېچىلغان بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، بەزىلىرى خېلى ياخشى شارائىتقا ئىگە بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئەمەس. مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقا مەكتەپلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش مەسئىلىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغان ئەھۋاللار ماۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش – مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش، مائارىپىنىڭ تەكشى يۆلىنىشتىكى ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە ھەم يەتكىلى بولىدۇ.
يېقىندا، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپىلىرى بىرلىشىپ، مىللىي ئاڭ ۋە مىللى روھنى يىتىلدۈرۈپ، كۆچمەنلىك ھاياتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىدىن ئاستا ئاستا يىراقلىشىشتەك رىيالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ، ئوقۇش مۇكاپاتى بىرىش، چىقىمىنى كۈتۈرۈپ مەخسۇس كۇرسلاردا تەبىيەلەش، قەرەللىك مەخسۇس تېمىلاردا دوكىلات ئويۇشتۇرۇش، كىتاپ ئوقۇشقا يىتەكلەش ۋە دالا پائالىيىتىگە تەشكىللەشتەك مىللىي روھتا تەربىيەلەش مەقسەت قىلىنغان تولۇقلىما مىللىي مائارىپ تەربىيەسى ـ «ئۈمۈت تەربىيەلەش پىروگىراممىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش، ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇپ ئەۋلاتلىرىمىزغا ئىگە چىقىش يولىدا ئېلىنغان بۈسۈش خاراكتىرلىق قەدەم بولدى. چۈنكى، بىزنىڭ «چەتئەلدىكى سانى ئاز بولغان بالىلىرىمىزنى ئۇنۋىرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىم ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق، سانىمىزنىڭ ئازلىقىنى سۈپىتىمىزنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن تولۇقلاشتىن باشقا يولىمىز يوق.» ئىدى (-ئابدۇرەھىم دۆلەت). شۇڭا، ۋاقىتنى ئۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىشىمىز لازىم ئىدى. بۇ ناھايىتى جايىدا ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان قوزغۇلۇش بولدى.
چۈشىنىشىمچە، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇشتا ئالدى بىلەن ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرك مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈرك مائارىپىغا يانداشقان ھالدا ئۇيغۇرچە سىنىپ ياكى مەخسۇس كۇرسلارنى تەشكىللەپ مىللىي ئاڭ ۋە ئۆزلۈك تەربىيىسىنى يولغا قويۇش، قۇلايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، تۈرك مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرچە سىمىنا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ، سېستىمىلاشقان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى ھەم ئۇيغۇر تارىخى دەرسلىكىنى ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ـ «ئۈمۈد تەربىيەلەش پىرۇگىراممىسى» نىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ئىدى. بۇنداق قىلغاندا ھەر قايسى دۆلەتلەردە باشقا تىللاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي شارائىت تەسىرىدە ئاستا ئاستا ئۆزلۈكىدىن ياتلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئاساسىي مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بىرىش ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ئاڭ يىتىلدۈرۈش ۋە ئاساسىي بىلىم دەرسلىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقۇرى سۈپەت ۋە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشكە ياردەم بىرىدۇ.
«ئۆمۈت تەربىيەلەش پىروگىراممىسى» دا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئاز بولىشىدەك يىتىشمەسلىكنى، سۈپەت يۈكسەكلىكى يارىتىش ئارقىلىق تولۇقلاش؛ مىليون ئادەم قىلىدىغان ئىشنى بىر ئادەم قىلالايدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ رىكورد يارىتىش شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مەقسەت ۋە نىشانى بىر قەدەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ۋە ھەتتا دوكتۇر ۋە پىروفىسسۇر بولۇپ يىتىشىپ چىققىچە بولغان جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا باشتىن ئاخىر ئىگە بولۇش، يەنى، ئۇلارغا بولغان ئىقتىسادىي ياردەمنى ۋە تەلىم -تەربىيەنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرىغا يەتكۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ. 2019-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى 50 كە يېقىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىنى ئىككى كۈن مۇزاكىرە قىلدى ۋە بۇ ھەقتە ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» ۋە «ئۇيغۇر ئانا تىل فوندى» قۇرۇلۇپ پىلانلار تۈزۈلدى، ئەمما تەتقىقاتچىلارغا ئاجرىتىغان ماددىي مەبلەغنىڭ يىتەرسىزلىكى ۋە ئانا تىل دەرسلىك كىتاب تۈزۈش ساھەسىدىكى تەجرىبىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كەملىكى سەۋەبلىك قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى چەتئەلدىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەسپى جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش جەھەتتە بەلگلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلدى. بۇ ئانا تىل مائارىپىنىڭ دەسلەپكى سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېتىلغان تۇنجى قەدەم ئىدى، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى چەتئەلدىكى ھەر بىر ئويغۇر ئائىلىسىنىڭ قوللاشقا تېگىشلىك مۇھىم ئورگانلىرىدىن بىرىدۇر. يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولىشىدا كەسپىي خادىملار بىلەن مالىيە مەسىلىسى ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭچە تۆۋەندىكىدەك مۇئەسسىسەلەر تەسىس قىلىنىشى ۋە مائارىپنى قوللاپ- قۇۋەتلەشكە ئومۇمى خەلق سەپەرۋەر قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن :
1) مائارىپ خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان «ئۇيغۇر مائارىپ كومىتىتى (ۋەخپىسى)» تەسىس قىلىنىشى لازىم. بۇنىڭ ھەيئەتلىرى كەسپى خادىم بولىشى، ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئىتىراپ قىلىدىغان ۋەكىل خاراكتىرلىق خادىملاردىن تەشكىل تاپقان بولىشى لازىم.
2) مائارىپنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» تەسىس قىلىنىپ، مائارىپنىڭ پۈتۈن راسخوت، چىقىملىرىنى ھەل قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈلۈش كېرەك.
3) مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ فوندىغا ھەر ئايدا مۇۋاپىق مىقتاردا بەدەل پۇلى تۆلەشنى يولغا قويۇپ، بۇنى ئۇيغۇرلۇق سالاھىيەت بىلەن ھەرقانداق ئىش بىجىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش لازىم.
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يىتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈشكە، تەشكىلىي ئاپاراتلارنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا، سېستىمىلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇ خىزمەتنىڭ پىلانچانلىقىغا، ئىزچىللىقىغا، ئۇزۇن مۇددەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا «ئۇيغۇر مائارىپ كومتىتى» نى قۇرۇش، «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» نى روياپقا چىقىرىش ھازىرقى ئەھۋالدا شەرتسىز زۆرۈرىيەتتۇر!
«ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» نى رۇياپقا چىقىرىشتا بەدەل پۇلى يىغىش، خەيرى ئىھسان قوبۇل قىلىش، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئورگانلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانىنى 50 مىڭ دەپ مۆلچەرلىگەندە، ھەر ئايدا كىشى بېشىدىن 20 لىرادىن بەدەل پۇلى يىغىلسا بىر ئايدا بىر مىلىيۇن لىرا پۇل يىغىلىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچىلەردىن كېلىدىغان پۇلنى ئاز دىگەندە بىر مىليۇن لىرا دەپ ھىساپلىساق ئايدا ئىككى مىليۇن لىرا بولىدۇ، بۇ پۇل تۆۋەنرەك خىراجەت بىلەن خامچوت قىلغاندا مۇئەسسىسەلەرنىڭ راسخوتلىرىگە، 90 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە كەسپى خادىمنىڭ مۇئاشىغا، 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بىرىشكە يىتىپ قالىدۇ. ئىش شۇنداق باشلانسا، كېيىنچە بۇ ئېقىن چوڭىيىدۇ، ئەلبەتتە، ئاللاھ خالىسا. بىزدىكى مۈمكىنچىلىك ۋە ئىمكانىيەتلەرنى، مىنىڭچە، مۇشۇنداراق مۆلچەرلىگىنىمىز ياخشىراق. ئەلبەتتە، بۇساننى قولغا كەلتۈرۈش ئانچە ئاسان ئەمەس، لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. سەۋەبىنى قىلساق، تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
بىز دەۋاتقان مىللى روھ ـ ئانا يۇرتنى ـ ۋەتەننى سۆيۈش، مىللىتىنىڭ ئەر كىنلىكىنى، ئار ـ نومۇسىنى، غۇرۇرىنى، مىللىي قەدىرىيەتلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى جان تىكىپ قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. بىز دەۋاتقان مىللىي روھ ـ مىللىي مەنپەئەتنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بىر نىيەت، بىر دىل بىلەن ئىتتىپاق بولۇش، كەڭ بىرلىك سەپ تۈزۈپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى تۇرۇش؛ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋەتەننى ئازات قىلىش دىمەكتۇر.
مۇھاجىرەتتىكى تەلىم ـ تەربىيەگە ۋە تەشۋىقاتقا بۇنداق مىللى روھىنى سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش ـ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر، مۇھاجىرەتتە ئائىلە تەربىيىسى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ مائارپنى ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ۋە بۇنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەت يۈكسەكلىكىدە تونۇش ـ مىللىي روھنى يىتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى. تەلىم ـ تەربىيەدىكى ئەڭ مۇھىم مەسئىلە مۇنتىزىملاشقان، سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشدۇر. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى تارقاق ھالدا ئۆز ئالدىغا مەكتەپ ئېچىپ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى، ياكى بۇمۇ بىر پۇل تېپىشنىڭ يولى دەپ قاراپ ياردەمسىز، يۆلەكسىز تاشلاپ قويۇش توغرا ئەمەس. ئۇلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كۈچلۈك ۋە يىتەرلىك ئىقتىسادى مەنبەگە ئىگە قىلىش لازىم. كېرەك بولسا خەيىر ـ ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ مەبلەغ ياردىمىنى ئۇيغۇر مائارىپ فوندىغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ئەگەر، ئەۋلادلىرىمىزدا ئۇيغۇر روھىنى يىتىلدۈرۈشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتمىساق، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇش يولىغا قاراپ ماڭغان بولىمىز، مۇستەقىللىق دەۋاسىمىز ئىگىسىز قالىدۇ.
شۇڭلاشقا، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش ۋە ئونى توغرا يولغا قويۇش، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش بىز چوقۇم مېڭىشقا تىگىشلىك يول،بىز پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ يول ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ھەر ساھە بويىچە تەربىيەلىنىپ يىتىشىپ چىقىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. بىز پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا كۈچلۈك بولالايمىز. بىزگە كېرەكلىك ئالىي مەلوماتلىق ئوقۇتقۇچىلار، سىياسى ئەرباپلار، تەشكىلاتچىلار، ھەربى قوماندانلار، ھەرساھە مۇتەخەسسلىرى، ئىلىم ـ پەن خادىملىرى ھەممىسى پەقەت مائارىپ ساھەسىدە تەربىيەلىنىپ يىتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇلار مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا مىللىي روھقا تويۇنۇپ بىلىم ئالسا ئۇيغۇرنىڭ سەرخىللىرى، ئۇقۇمۇشلۇقلىرى، يېتەكچىلىرى، ئاۋانگاردلىرى بولىدۇ. مىللىي رۇھقا تويۇنمىسا ئۇيغۇر روھى يىتىلمىگەن ،ئۇيغۇرغا ئەسقاتمايدىغان، نامىدا ئۇيغۇر زىيالىي بولىدۇ. بۇ يەردىكى موھۇم مەسئىلە مۇھاجىرەتتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلىپ مىللىي روھنى سىڭدۈرۈپ تەربىيەلەش مەسئىلىسىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ مەسئىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىزگە، داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ .
ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇشتا مۇنتىزىملاشقان كەسپى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قورۇپ چىقىش مەسئىلىسى بۇ خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتىكى ھالقىلىق مەسئىلە. بۇ مەسئىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا ئىقتىسات موھۇم رول ئوينايدۇ. كەسپى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بىرىلىدىغان خىزمەت ھەققى باشقا ئورۇنلاردا بىرىلىدىغان خىزمەت ھەققى بىلەن تەڭ بولىشى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ قوشۇننىڭ تەركىۋى تولۇق، سۈپەت تەلىۋى مۇۋاپىق، ئورنى مۇقۇم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەسئىلە «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ.
ھازىر ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنى ئېچىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەكتەپ يېتەكچىلىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان ۋەخپە، دەرنەكلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يادىرولۇق كۈچى ھىساپلىنىدۇ. ئولار قانچە يىلدىن بىرى بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئاز بولمىغان نەتىجە، ھاسىلاتلارنى يارىتىپ، مەلۇم تەجىرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولدى. مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سېپىنى تولۇقلىشىمىز، دەرسلىكلىرىنى تولۇقلاپ بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، سېستىمىلاشقان، پىرۇگىراممىلاشقان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىمىز لازىم. ئۇلارنى ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشتا مەبلەغدىن بۇيۇن قىسىپ قالمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بۇ يەنە «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» نى يولغا قويۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ .
دىمەك، «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى. ئەگەر «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» نى ياخشى يولغا قويالمىساق مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش ماڭدامدا قېيىنچىلىق ۋە تۇسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇر «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» نى قوللاپ قۇۋەتلەشنى ئۆزىنىڭ ۋىژدانى بۇرچى دەپ تونىشى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە كۈچ قوشىۋاتىمەن دەپ قارىشى لازىم. مەسئىلىگە مۇشۇنداق يۈكسەكلىكتە قارىغاندا، ئاندىن بۇ ئىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دەسلاپقى پىكىر ـ قاراشلىرىم. بەلكىم، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىم يىتەرسىزلىكى تۈپەيلى مەسئىلىگە چوڭقۇرلاپ كىرەلمىگەندىمەن، قاراشلىرىمنىڭ جايىدا بولمىغان تەرەپلىرى بولىشى تەبىئى. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ تولۇقلىشىنى، يېڭى مەزمۇن، تەكلىپلەر بىلەن بېيىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەممىمىز بۇ مەسئىلىگە كۆڭۈل بۆلەيلى، بۇ ھەقتە باش قاتۇرايلى، ئىزدىنەيلى، پىكىرلىشەيلى، ئۆزئارا ياردەملىشەيلى. «نان تىگىدىغان ئىش» نى قىلىشايلى.
قېرىنداشلارنىڭ بۇ يازمىنى ھەمبەھىرلەپ قويىشىنى، ۋاسساپ توپلىرىغا تارقىتىپ قويىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.
2021-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل