You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇر داستانلىرىدىكى تارىخى رېئاللىقلار

ئۇيغۇر داستانلىرىدىكى تارىخى رېئاللىقلار

پىروفېسسور دوكتور سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرېھىم پاراچ

قىسقىچە مەزمۇنى: تۈركىستان مەدەنىيەت تارىخىدا تۈنجى بولۇپ ئەقىلگە كېلىدىغىنى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق ، يېزىقچىلىق، رەسساملىق، مۇزىكا ۋە سەنئەتلىرى شۇنداقلا، شەھەرلىشىش، دېھقانچىلىق، مەتبەئەچىلىك، قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلىرى تۈرك مەدەنىيتى ۋە دۇنيا مەدەنىيتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئېغىز ئەدەبىياتىدا ناھايىتى قىممەتلىك مىساللار ساقلىنىپ كەلمەكتە. داستانلار بولسا مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى – جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جانلىق ۋەقەلەرگە ئورۇن بىرىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمما بۇ، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ۋەقەنى داستان تۈرىگە ئايرىش دېگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئالاھىدە شەرتلەر لازىم. بۇ شەرتلەر ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىرى «داستان» دىيىلىدۇ ۋە تارىخىي ھادىسىلەر خاتىرىلەنگەندە بۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۈركىستان، ئۇيغۇر، داستان، ئۇيغۇر داستانلىرى

كۆك تۈرك قاغانلىقىدىن كىيىن قەدىمىي تۈرك تۇپراقلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىشلار، شەك-شۈبھىسىز تۈرك تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ يەردە بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى سۆزلەش ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا ئالاقىدار داستانلار ھەققىدە بىر قانچە مەسىلىنى يورۇتۇپ بىرىش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ قارالغان داستانلار ھەققىدىمۇ توختىلىمىز.

مەلۇم بولغىنىدەك، داستانلار توغرىسىدا تۈرك مەدەنىيتى ناھايىتى رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدەك مول داستانلارغا ئىگە بولغان خەلقلەرنىڭ تارىخىمۇ ئوخشاشلا شانلىق بولىدۇ. بۇ نوختىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، تۈركلەرنىڭ تارىخى بەك كۆپ داستان، ھېكايىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رېئال ئەھۋاللارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە داستانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، خەلق بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرگە كەڭ ئورۇن بىرىشتۇر. بۇ ئەھۋاللار تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىگە ئائىت نۇرغۇن داستانلار يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتايچە ۋە فارىسچە مەنبەلەردە بۇ ۋەقەلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن . بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ «تۈرەيىش» ۋە «كۆچ» داستانىدۇر. «تۈرەيىش» داستانىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى «تارىخىي جاھان گۇشا» ۋە «جامىئۇتتەۋارىخ»  تىن بىلدۇق ۋە بىز بۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغانلارنى بىرمۇ بىر تەھلىل قىلىپ ئۆتۈشكە تىرىشىمىز. شۇنداق بولسىمۇ، ئالدى بىلەن بۇ ھىكايىلەرنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ زىيىنى يوق.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇرخۇن دەرياسى بويلىرىدا بارلىققا كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ مەنبەسى بولسا، قاراقۇرۇم دەپ ئاتىلىدىغان تاغدۇر. ئۇ يەردىكى ئۆگۈدەي قاغان سېلىشقا بۇيرۇق بەرگەن شەھەرنىڭ ئىسمىمۇ شۇنداق ئاتالغان. بۇ تاغدىن ئوتتۇز ئېقىن ۋە دەريا ئېقىپ چىقاتتى. ھەر ئېقىننىڭ بويىدا بىر قەبىلە يەرلەشكەن بولۇپ، ئورخۇن ئېقىنى بويلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئىككى قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيگەنسىرى باشقىلارغا ئوخشاش بىر يەرگە كىلىپ، ئۆز ئىچىدىن بىرسىنى باشلىق قىلىپ سايلاپ، ئۇنىڭغا بوي سۇنغان ئىدى.

موشۇ ھالەتتە 500 يىل ئۆتتى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئېنىق بىر رەھبىرى ۋە ياكى ئاقساقىلى يوق بولۇپ، مەلۇم بىر ۋاقىتلاردا ئىچىدىن بىر قەھرىمان چىقاتتى دە، ئۆز قەبىلىسىگە رەئىس بولاتتى. ئاخىرى قەبىلىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بىر پادىشاھ سايلاپ چىقىش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۆگۈنى ئۆزلىرىگە قاغان قىلىپ سايلىدى. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا بۆگۈ قاغان ئاپراسىيات دەپ قارىلىدۇ. ئورخۇن ۋادىسىدىكى بىر قۇدۇققا بۇ ئىسىم بىرىلگىنىدەك، قاراقۇرۇمنىڭ يېنىدىكى بىر غارغىمۇ موشۇ ئىسىم بىرىلگەن ئىدى. بىچەن ئىسىملىك بىر پالۋان كىشى بۇ قۇدۇققا تاشلانغان بولۇپ، ئېقىن بويىدىكى «ئوردۇ بالىق» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرنىڭ ئىسمىمۇ شۇنداق ئىدى. كۈنىمىزدە بۇ شەھەر «كۆك بېلىق» دىگەن ئىسىم بىلەن ئاتالماقتا. بۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى غارلارغا ئوردۇلارنىڭ رەسىملىرى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ غارلار ئۆگۈدەي قاغان دەۋرىدە ئويۇلغان ئىدى. تاشلارنىڭ ئاستىدا بىر قۇدۇق، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدا چوڭ بىر تاش لەۋھە تېپىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈستىدە بەزى يېزىقلار بار ئىدى. قاغان بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بۇيرۇق بەردى. بۇ يەرگە كەلگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھېچ بىرى بۇنى ئوقۇيالمىدى. بۇ ۋاقىتتا خىتايغا يېقىن چېگرادا ياشايدىغان بىر تۈرك قەۋمى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە ئادەمنى ئېلىپ كەلدى ۋە بۇ يېزىق بۇلارنىڭ يېزىقى ئىكەنلىكى بىلىندى. بۇ يېزىق شۇ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى:

قارا قۇرۇمدىن باشلانغان ئىككى دەريا باردۇر. بىرسى توغلا، يەنە بىرسى سېلىنگا دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇ دەريالار كاملانچۇ دەپ ئاتىلىدىغان يەردە بىرلىشىدۇ. دەريالارنىڭ ئارىلىقىدا (قىيىن ۋە قارىغاي) ئىككى دەرەخ بار ئىدى ۋە قىشتىمۇ بۇلار ياپراق تاشلىمايتتى. مېۋىلىرىنىڭ تەمى ۋە شەكلى خۇددى قارىغاي ئۇرۇقىغا ئوخشاپ كېتەتتى . بىر كۈنى بۇ ئىككى دەرەخنىڭ ئارىسىغا ئاسماندىن بىر نۇر چۈشتى. ئارقىدىن يېنىدىكى تاغلار ئاستا-ئاستا چوڭىيىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خەلق ھەيرانۇ ھەس بولۇپ قېلىشقان ئىدى. ئۇيغۇرلار كاتتا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ئۇ يەرگە قاراپ ماڭدى ۋە ئۇ يەرگە يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ناھايىتى مۇڭلۇق مۇزىكىلارنى ئاڭلىدى. ھەر كۈنى كېچىسى بۇ يەرگە بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇ نۇرنىڭ ئەتراپىدا 30 قېتىم چاقماق چېقىشقا باشلىدى. يەنە بىر كۈنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ئايرىم ئايرىم سېلىنغان بەش چىدىر كۆرۈندى. بۇلارنىڭ ھەر بىرسىدە بىر ئىككىدىن كىچىك بالا بار ئىدى. ئۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلار تويۇپ ئاشقىدەك مىقداردا سۈت بىلەن تولدۇرۇلغان ئېمزەكلەر ئېسىلغان ئىدى. چىدىرنىڭ ئۆگزىسى كۆمۈش بىلەن قاپلانغان بولۇپ، پۈتۈن ئەمىر-ئۆمەرا ۋە خەلقلەر بۇ ئاجايىپ غەلىتە ئەھۋالنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن يۈگۈرۈشۈپ كىلىشكە باشلىدى ۋە بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى كۆرگەندىن كىيىن تىزلىنىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كىچىك بالىلارنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىشتى. ئۇلارنى بېقىپ، تەربىيەلەپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئىنىكئانىلارغا بەردى. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇلارغا ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن مۇئامىلە قىلشتى. ئۇ بالىلار سۈتتىن ئايرىلىپ، گەپ قىلغىدەك بولغاندا، ئۇيغۇرلاردىن ئاتا-ئانىلىرىنى سوراشتى. ئۇلارغا ئۇ ئىككى دەرەخ كۆرسىتىلدى. خەلقلەر ئۇ بالىلارنى ئېلىپ ئۇ ئىككى دەرەخنىڭ يېنىغا بېرىشتى. بالىلار ئۇ ئىككى دەرەخنى كۆرۈش بىلەن تەڭ، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلارغا كۆرسىتىدىغان ھۆرمەتنى كۆرسىتىشتى ۋە دەرەخنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، يەرنى سۆيۈشتى. بۇ ۋاقىتتا دەرەخ زۇۋانغا كىلىپ: «ياخشى مىجەز ۋە ياخشى ئەخلاق بىلەن يىتىلگەن پەرزەنت مانا موشۇنداق بولىدۇ ۋە ئاتا-ئانىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن، نامىڭلار مەشھۇر، شۆھرىتىڭلار ئەبەدىي بولسۇن» دېدى.

بۇ مەيدانغا ھازىر بولغان كىشىلەر، بۇ بالىلارغا خان ئەۋلاتلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلشتى ۋە بۇ يەردىن شەھەرگە قايتقۇچە بۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە ئىسىم قويۇشتى. ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى سۇنگۇر تىگىن، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى كوتۇر تېگىن، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى تۈكەل تېگىن، تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمى ئور تېگىن، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمى بۆگۈ تېگىن بولدى. بۇ بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىكى ئىلاھىي مۆجىزىلەرنى كۆرگەنلەر، بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرىنىڭ پادىشاھ قىلىپ سايلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى ئۇلار «خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن» دەپ قارالغان ئىدى. بۇ بالىلار ئارىسىدا بۆگۈ تېگىن چىرايلىقلىقى، بەستلىك ۋە سەۋرچانلىقى ، ئىرادىلىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىكتە باشقىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى ۋە يېزىقلىرىنى بىلەتتى. پۈتۈن خەلق ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەشتە بىرلىككە كەلدى ۋە ناھايىتى كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. ئۇ دۆلىتىنى ئادالەت بىلەن باشقۇردى. زۇلۇم-سىتەملەرنى يوق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى سادىق كىشىلەر، ئەسكەرلەر، مال-مۈلۈكلەر كۈنسېرى كۆپىيىپ باردى. خۇدا ئۇنىڭغا پۈتۈن تىللارنى بىلىدىغان بىر قاغا ئەۋەتكەن بولۇپ، قەيەردە مۇھىم بىر ئىش بولسا ئۇ قاغىلار شۇ يەرگە بېرىپ، ئۇ ئىشنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە كۆزەتكەندىن كىيىن، كىلىپ پادىشاھقا خەۋەر بېرەتتى .

بىر كۈنى كېچىسى بۆگۈ قاغان ئۇخلاۋاتقاندا دەرىزىدىن بىر (نۇر ئىچىدە) قىزنىڭ كۆرىنىشى پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ كەتتى ۋە بۇ ئەھۋالدىن قورقۇپ كەتكەن بۆگۈ قاغان، قىزنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىپ، ئۇخلاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئىككىنچى كۈنى كېچىدە قىز يەنە پەيدا بولدى. سەھەردە قاغان ۋەزىر-ۋۇزارالىرىنى چاقىرىپ، مەسلىھەت سالدى. بۇ ئەھۋال ئۈچىنچى كۈنى كېچىسىمۇ يەنە يۈز بەردى ۋە قىلىشقان مەسلىھەت بويىچە قىزنى ئېلىپ، ئاق تاغقا چىقىتى ۋە سەھەر ۋاقتىغىچە قىز بىلەن ئۇ يەردە قېلىپ، پاراڭلاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردە قىز بىلەن يەتتە يىل، ئالتە ئاي، 22 كۈن قالدى. ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا قىز ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى: «شەرقتىن غەرپكىچە بولغان پۈتۈن جايلار سىنىڭ ھۆكمىرانلىقىڭ ئاستىدا بولىدۇ.

ئۆزۈڭگە پۇختا بول، بوشاڭلىق قىلما، ئەتراپىڭدىكىلەرنى قەدىرلە »بۆگۈ قاغان پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ئۇلاردىن 300 مىڭ كىشىنى ئىنىسى سۇنگۇر تېكىنگە تاپشۇرۇپ، قىرغىز ۋە موڭغۇل تۇپراقلىرىغا ھوجۇم قىلىشقا بۇيرىدى. كوتۇر تېگىننى يۈز مىڭ ئەسكەر بىلەن تاڭغۇت تەرەپكە، تۈكەل تېگىننى تېبەتكە ئەۋەتتى. ئۆزى بولسا 300 مىڭ ئەسكەر بىلەن خىتايغا قاراپ يولغا چىقتى. يەنە بىر ئىنىسى ئور تېگىننى بولسا پايتەخىتتە، ئۆز تەختىدە قويدى. پۈتۈن قوشۇن غەلب-نۈسرەت بىلەن قايتىشتى. قولغا چۈشكەن غەنىيمەتلەرنىڭ ھەددى-ھىسابى يوق ئىدى. دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن ئادەملەر ئېلىپ كىلىنىپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئورخۇن ۋادىسىدا، «ئوردۇ بالىق» دەپ ئاتالغان بىر پايتەخت شەھەر بىنا قىلدى. شەرق تەرەپتىكى پۈتۈن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتتى.

بىر كۈنى كېچىسى قاغان ئۇخلاۋېتىپ بىر چۈش كۆردى، چۈشىدە ئاپئاق كىيىملىك (مانىي دىنى مۇرىتى) بىر مويسىپىتنى ئۇچراتتى. ئۇ قاغانغا يېقىنلىشىپ، قارىغاي مېۋىسى چوڭلۇقىدىكى بىر قاشتېشىنى بەردى ۋە شۇنداق دېدى: «ئەگەر سەن بۇ تاشنى پۇختا ساقلىيالىساڭ، پۈتۈن دۇنيا سېنىڭ باشقۇرۇشىڭغا ئۆتىدۇ»بۆگۈ قاغاننىڭ ۋەزىرىمۇ شۇ كۈنى كېچىسى ئوخشاش چۈشنى كۆردى. سەھەردە پۈتۈن كىشىلەر يىغىلىپ، بۇ قېتىم غەرپتىكى دۆلەتلەرگە ھوجۇم قىلىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى. بۆگۈ قاغان تۈركىستانغا يىتىپ كەلگەندە، سۈيى ئىنتايىن مول، يېشىللىقلارغا پۈركەنگەن، كەڭ بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچراتتى. ئۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە دەۋرىمىزدە «كۈز بالىق» دەپ ئاتىلىۋاتقان «بالاساغۇن» شەھرىنى قۇردى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەسكەرلىرىنى ئەتراپلارغا ئەۋەتىپ، 12 يىل ئىچىدە ئەتراپتىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. ئۇنىڭغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت قالمىدى. شۇنچىلىك ئۇزاقلارغىچە كەتكەن ئىدىكى، ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر خىل مەخلۇقلارنى ئۇچراتتى. ئۇ يەردىنمۇ ئۆتۈپ، ئادەم ياشىمايدىغان يەرلەرگىچە يىتىپ كەلدى ۋە ئارقىغا قايتتى. قۇماندانلار قايتقان ۋاقتىدا، قولغا ئالغان دۆلەتلەردىكى مەلىكىلەرنى خانغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ قايتتى. پەقەت ھىند پادىشاھى بەك كۆرۈمسىز بولغاچقا قوبۇل قىلىنمىدى. غەنىيمەتلەر ئەمىرلەرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە ئاساسەن ئۈلەشتۈرۈپ بىرىلدى. ئەسىر ئېلىنغان پادىشاھلارنىڭ ھوقۇقى باج تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئۆز قولىغا بىرىلدى.

بۆگۈ قاغان ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنتايىن بەختلىك بىر ھايات دەۋىر سۈردى. بەشبالىقتىكى ھەر بىر ئۆيدە «ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن» دەپ قارالغان دەرەخنىڭ شېخى تېپىلاتتى. داستاندا باش پىرسۇناژ بولۇپ تىلغا ئېلىنغان بۆگۈ قاغان ھەققىدە سۆز قىلىشنىڭ ھېچبىر زىيىنى يوق. گەرچە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان ۋە ئۇنى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېلىپ كەلگەن ئوغلى مويۇنچۇر (كەڭىرىتكۈچى، تارقاتقۇچى) بولغان بولسىمۇ، ئەمما مويۇنچۇر مانى دىنىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بۆگۈنىڭ تارىختا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنداق بولغاچقا مانى دىنىغا ئائىت ئەسەرلەردە بۆگۈ قاغاننى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.

ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە بولسا، «ئىل تۇتمۇش بۆگۈ ئۇلۇغ قاغان» ئۇنۋانى بىرىلگەن بۇ ئۇيغۇر ئىمپېراتورى ناھايىتىمۇ تەلەيلىك بىر كىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى بولغان مويۇنچۇر قاغاننىڭ چوڭ ئوغلى قۇتلۇق بىلگە يابغۇ 758 يىلى ئۆلۈپ، ياكى ھوقۇقتىن قالدۇرۇلۇپ، ئىنىسى بۆگۈ ھوزۇر ۋە كۈچ قۇۋۋەت ئىچىدىكى دۆلەتنىڭ تەختىگە ھېچقانداق زەخمەتكە ئۇچرىمايلا ئولتۇردى. بۆگۈ قاغان دەۋرىدە كۆپلىگەن سىياسىي ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىم دەپ قارالغىنى بولسا خىتايغا ئېلىپ بېرىلغان يۈرۈشلەر بولسىمۇ، ئادەمنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى تەرەققىيات ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ياشاش ئۇسۇلىدىكى ھالقىلىق ئۆزگۈرۈشلەردۇر. خىتايلار بىلەن بولغان سودا تىجارەتنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن قىممەتلىك ماللارغا ئېگە بولغانغا ئوخشاش، ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئادەتلەندى. قاغان خەلقتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئوردىسىدىن چىقمايدىغان بولدى. ئالتۇن، كۆمۈش ۋە مەرۋايىتلار كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى. قاغان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەنبەسى بولغان خەلقنى تۆۋەن ۋە پەس كۆرەتتى. دادىسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئۇنۇتقان ئىدى. دادىسى مويۇنچۇر قاغان «خەلقكە ئىتىبار بىرىش، كۆچمەنلەردىن ئايرىلماسلىق» ھەققىدە نەسىھەت قىلغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئات ئۈستىدە ئۇرۇش قىلىپ، ۋاقتى كەلسە پادا باقىدىغان ئاياللارمۇ گىرىم قىلىشقا، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكە ھەۋەس قىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەختىگە ياغلاقارلاردىن بولمىغان تۇڭا تاركان چىقتى. بەلكى بۇ ئەھۋال بىز تۇڭا فامىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغان ئاشىختە (ئارسىلانلار) لەرنىڭ تۈنجى قېتىم ھاكىمىيەت تەختىگە ئولتۇرۇشى بولۇپ ھىساپلىنىشى مۇمكىن .

داستاندا ئۇچراتقان بۆگۈ ۋە ئۇنىڭ تۆت ئىنىسىنىڭ خاراكتېرىدىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئىزلىرىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن . مەلۇم بولغىنىدەك ئوغۇز ۋە ئوغۇز ئەۋلادلىرىنىڭ قارىشىدا تۈرك پادىشاھى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانىدۇر. ئوغۇزنىڭ بوۋىلىرى ھىساپلىنىدىغان قاراخان، ئورخان، كورخان، كۈزخان قاتارلىقلار، شۇنداقلا بەزى ئوغۇزخان داستانلىرىدا تۈرك دادىنىڭ تۆت ئوغلىنىڭ بولىشى تۈركلەرنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولىشى بىلەن باغلىق بولغان بىر ئەھۋالدۇر. چۈنكى تۈركلەر دۇنيانى ئاساسلىق تۆت تەرەپ دەپ چۈشىنەتتى ۋە تۈرك خاقانلىرىمۇ بۇ تۆت تەرەپنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھۆكۈمرانلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ مەركىزىدە بولسا ئەڭ ئۇلۇغ قاغان بار ئىدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۆگۈ قاغان شەرققە ، سۇنگۇر تېگىن شىمالغا، تۈكەل تېگىن غەرپكە، كوتۇر تېگىن جەنۇبقا قوشۇپ تارتىپ ماڭغاندا، ئور تېگىن دۆلەتنىڭ مەركىزى بولغان پايتەختتە قالغان ئىدى.

تۈرەيىش داستانىدا بىز ئۇچرايدىغان يەنە بىر مەسىلە، «ئوتتۇز دەريا، ئوتتۇز ئېقىن، ئوتتۇز چاقماق مەسىلىسىدۇر. تۈرك كۈلتۈرىدە كۆپلىگەن سانلارنىڭ مەنىسى بولسىمۇ ئەمما ئوتتۇزنىڭ ئارتۇق مەنىسى يوق. ئۇنداق بولسا داستاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ھەر سۇلۇق يەرنىڭ بويلىرىدا بىر قەبىلە ئولتۇراقلاشقانلىقى سۆزلەنگەندەك، بۇ ئەھۋالمۇ كونكىرت مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك تۈرك تارىخىدا ئوتتۇز سانى بىلەن خاتىرىلەنگەن ، پەقەت كۆك تۈرك يېزىقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئوتتۇز تاتار» سۆزى ئۇچرايدۇ. بۇمۇ بۇمىن قاغاننىڭ ئۆلۈم مۇراسىمى سەۋەبى بىلەن كۆل تېگىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرىدا «بۇمىن دۆلەت قۇرۇپ، ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولدى، مۇراسىم ئۆتكۈزدى ۋە ئاخىرىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىغا ھازا تۇتۇپ يىغلىغۇچىلار شەرقتىكى كۈن چىقىدىغان يەردىن بۆك خەلقى (كوريەلىكلەر)، چۆل خەلقى (گوبىي چۆللۈكىدە ياشايدىغان تۈركلەر)، خىتايلار، تېبەتلەر، ئاۋارلار، رومالىقلار، قىرغىزلار، ئىسىملىرى چىدىر سۆزىدىن كەلگەن ئۈچ كۇنكانلار (كۈنىمىزدىكى ساخا تۈركلىرىنىڭ ئەجدادى)، ئوتتۇز تاتارلار، قىتانلار (موڭغۇللارنىڭ ئەجدادى)، تاتابىلار (قىتانلار بىلەن قانداش) كېلىپ يىغلىغان ۋە ماتەم تۇتقان ئىدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق مەشھۇر قاغان ئىدى» دىگەن جۈملىلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ.
بۇ يەردە ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان «ئوتتۇز تاتار» لارنىڭ شىۋەي قەبىلىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى موڭغۇللار دەپ قارايدۇ. ئەمما بىز بۇنىڭغا گۇمانى نەزەردە قارايمىز. كۆك تۈرك دەۋرىدىكى ئوتتۇز تاتارلار ۋە ئۇيغۇر دەۋرىدىكى ئوتتۇز تاتارلارنىڭ ئەھۋاللىرى سېلىشتۇرساق، ئۇلار خۇددى تۈرك قەۋمىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشاش بىلىنىدۇ. موڭغۇللارنىڭ ئاشكارا بولمىغان تارىخىدا بولسا ئۇلار موڭغۇللارغا چىش تىرنىقىغىچە دۈشمەن بولغان، باشقا بىر خەلق بولۇپ كۆرىنىدۇ. شۇڭا تارىخ بويىچە ئارىلىرىدا قانلىق ئاداۋەت بولغان بۇ ئىككى قەۋمنىڭ يىلتىزلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېغىز ئېچىش، ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.

خىتاي مەنبەلىرىدە ئىسىملىرى «تاتان» دەپ يېزىلغان، جۇەن جۇەن ھۆكۈمدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىنغان (بۇنىڭغىمۇ گۇمان بىلەن قاراش كېرەك. چۈنكى خىتايچىدا ر ھەرىپى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تاتا شەكلىدە يېزىلىدۇ) بۇ قەۋمنىڭ ئىسمىى پەللىئوت دىگەن كىشى دۇڭخاڭدا تاپقان تېكىستلەردە «تاتتارا» شەكلىدە ئۇچرايدۇ. قەشقەرلىكلەرنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم تۈركولوگلار تاتارلارنى تۈرك دەپ ئىتراپ قىلغىنىدا، يەنە بىر قىسىملىرى ئۇلارنى موڭغۇل دەپ قارىماقتا. بەزى ئىسلام مەنبەلىرىدە توققۇز ئوغۇزلار بىلەن (ئۇيغۇرلار) ئوخشاش ئىرقتىن ھىساپلانغان تاتارلار ئادەتتە باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق تۈزۈشكەن ئىدى. نەتىجىدە ئوتتۇز ئېقىن بويىدا ئولتۇراقلاشقان بۇ قەبىلىلەرنىڭ تاتارلار بولىشى ئېنىق. يېزىقلار ۋە تارىخى ۋەقەلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن خوشنا ۋە سېلىنگا دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىدە ئۇچرىتىمىز.

ئەڭ قىزىقارلىق يېرى، بالىلار ياشىغان چىدىرلارنىڭ ئۆگزىسىنىڭ كۈمۈشتىن بولۇشى. مەسىلەن: چور (شۇ) داستانىدا سۇ ۋە قۇشلارنى ياخشى كۆگەن خاقاننىڭ كۆلچىكى كۆمۈشتىن ئىدى. بۇ داستاندا يەنە ئىسكەندەرنىڭ بىر ئەسكىرى تۈرك ئەسكىرى ئۇرغان بىر قىلىچ زەربىسى بىلەن ئۆلگەن ۋە كەمىرىدىن ئالتۇنلار تۆكۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇز قاغان جۈرجەت دۆلىتىگە سەپەرگە چىققان ۋاقىتتا، يولدا تاملىرى ئالتۇندىن، دەرىزىلىرى كۆمۈشتىن، ئۆگزىسى تۆمۈردىن بولغان بىر ئۆينى كۆرگەن ۋە بۇ ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى ئاچقان كىشىگە تۆمۈردى كاگۇل دەپ ئىسىم قويغان ئىدى. داستاننىڭ قىزىقارلىق قىسىملىرىدىن بىرسى بولسا، ئۇلۇغ تۈركنىڭ چۈشىدە بىر ئالتۇن ئوقيا بىلەن ئۈچ كۆمۈش ئوقنى كۆرىشىدۇر.
شۇڭلاشقا تۈرك داستانلىرىدا كۆپ كۆرىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەر بىرى بولسا ئوخشىمىغان ئېلېمېنت ماددىلار بولۇپ، بۇمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.

تۈرك مىللىتى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دەرەخ بىلەن شۇنچىلىك بىرلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، ھەتتا داستانلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىغان. ئەمما ئۇيغۇر داستانلىرىدا تىلغا ئېلىنغان دەرەخنىڭ تۇغۇشىغا دىققەت قىلىغان ۋاقتىمىزدا، چۆچەككە ئائىت ئېلېمېنتلارنىڭمۇ بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دەرەخ ھوزۇر، خاتىرجەملىك، جىمجىتلىق، بەخىت ۋە تېتىكلىككە سەۋەپ بولىدىغان بولغاچقا، تۈركلەر ياشىغان ھەرقانداق يەردە دەرەخلەرنى كۆرۈش مۇمكىن .

داستاندا تىلغا ئېلىنغان سېلىنگا بىلەن، دەۋرىمىزدە موڭغۇللار تۇئۇل دەپ ئاتايدىغان توگلاينى بىلىمىز. قانداقلا بولمىسۇن ئىككىسى ئۇچراشقان يەردە بار بولغانلىقى سۆزلەنگەن كاملانچۇنىڭ ئورنى تېخى ئېنىق ئەمەس. پەقەت مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدە «كاملانچۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەر بار، ئۇ يەر تۈركىستانغا يېقىندۇر» دىيىلگەن. توگلا ۋە سېلىنگاغا كېلومېتىرلەرچە ئۇزاقلىقتىدۇر. 2001، 2003 ۋە 2018- يىللىرى موڭغۇلىيەگە قىلغان زىيارىتىمىز جەريانىدا ئورخۇن، توگلا ۋە سېلىنگا دەريالىرى ئەتراپىدا زىيارەتتە بولدۇق. راستتىنلا ئۇنىڭدا دىيىلگىنىدەك توگلا ۋە سېلىنگا ئەمەس، بەلكى ئورخۇن بىلەن توگلا تۇتۇشىدىكەن. ئەپسۇس، كاملانچۇ دىيىلىدىغان بىر يەر بىلەن ئۇچراشمىغان بولساقمۇ، بۇ يەردە مېۋىسى پوستلۇق بولسىمۇ يېگىلى بولىدىغان قارىغاي تۈرى بار بولۇپ، ئىككى دەرەخنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن نۇر ۋە ئوتتۇز قېتىم چاققان چاقماق ھەققىدە بىر ئاز توختۇلۇش ئارتۇقچە ئەمەس.

تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى داستانلىرى ۋە ئىتىقات قىلغان دىنلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولۇپ كەلگەن بۇ مۇبارەك نۇر، تۈرك ئېتىقادى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ؛ ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بولغان قوياش ۋە نۇر بىلەن، خۇدانىڭ نۇرىنىڭ ئەكىس ئىتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. قەدىمقى تۈرك دىنىنىڭ جەننەتكە كىرىشنى ئىپادىلىگەن «ئۇچماق» ۋە «چەكسىزلىك» ئەھۋاللىرىمۇ بىر مۇبارەك نۇر دۇنياسىدۇر. مەسىلەن: مانىي دىنىدىكى يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇققا ئوخشاش ئىككى قارمۇ-قارشىلىق بىلەن بىرگە ئىسلامىيەتنىڭ كۆڭۈللەرنى يورۇتقان نۇرىمۇ تۈركلەرنى جەلپ قىلغان ئىدى. ئۇلار تۈرك ئادەتلىرىنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن، يېڭى قوبۇل قىلغان دىنلاردىكى پاكىزلىق ۋە كىشى سۆيگۈسىنى بىرلەشتۈرۈشنى بىلگەن ۋە دۇنيانى توغۇرلۇققا يىتەكلىگەن بىر مەشئەل بولغان ئىدى.

بۇ جەرياندا داستاننىڭ باش ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ئوردىبالىق، قاراقۇرۇم، كۆكبالىق، بالاساغۇن ۋە كۇزبالىق قاتارلىق بەزى شەھەرلەر تىلغا ئېلىنغان. ئاساسەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تۆۋەن ئوخشاش يەرلەردۇر. ھونلار ۋە كۆك تۈركلەر دەۋرىدە، ئوردۇبالىق دەپ ئاتالغان بۇ مەركەز، ئۇيغۇر دەۋرىگە كەلگەندە قارابالغاسۇن، موڭغۇللار دەۋرىدە قارا قۇرۇم ۋە كۆكبالىق دىيىلگەن بولۇپ، چىڭگىزخان پايتەختنى بۇ قەدىمىقى پايتەختنىڭ يېنىغا سالغان ئىدى. داستاندا ئوردۇ باللىقنى بۆگۈ قاغاننىڭ قۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ توغرا ئەمەس. بۆگۈ پەقەت ئەسلىدە بار بولغان شەھەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مانىي بۇتخانىلىرى بىلەن تېخىمۇ بېيىتقان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىمۇ مەلۇماتلار بار. بۇ يەردىكى چدىرلار بىلەن بىرگە ياغاچ ۋە خىشلاردىن قىلىنغان بىنالار بار ئىدى. ئەرەپچە مەنبەلەردە، تۆمۈردىن قىلىنغان 12 چوڭ دەرۋازىنى ۋە دۇكانلارنى كۆرسىتىدۇ. شەھەرنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق، ئولتۇراق رايۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاغان ئوردىسى سېپىللار بىلەن قورشالغان ئىدى. مەركەزنىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى شەرق تەرەپتە بولۇپ، ئەتراپى بىلەن بىللە تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كەلگۈدەك دائىرىگىچە ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى بىر پىلان بىلەن قىلىنغان ئىدى. ئادەتتە بۇلارنىڭ قۇرۇلمىلىرى تەكشۈرۈلگەندە، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پادىشاھ ئوردىسى بولىشى تەبئى ئىدى. بۇلارمۇ بىر ئىچ تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىلىۋاتقان، قاتلاملىرى كۈنسېرى يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقان تۈركلەرنىڭ بۇ تارىخىي پايتەختى قوغداشقا موھتاج .

كۇزبالىق بىلەن بالاساغۇن ئىككىسى بىر يەردۇر. بۇ شەھەر ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى توقماق شەھىرىنىڭ غەربى جەنۇبىدا بولۇپ، تۈركى تىللار دىۋاندا ئوخشىمىغان يەرلەردە كۇزئۇلۇش ۋە كۇزئوردا دەپ خاتىرىلەنگەن . بىراق بالاساغۇننىڭ يېقىن ئەتراپلىرىدا بىر ئوردا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بەلكى بۇ ھەقىقىي مەركەز بولىشى ۋە بالاساغۇن بىلەن ئولتۇراق رايۇنلارمۇ بۇنىڭ ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن .

قانداقلا بولمىسۇن، تۈرەيىش داستانىدا، ئوردۇ بالىققا ئوخشاش بالاساغۇنمۇ بۆگۈ تەرىپىدىن سېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، تۈرك خانلىقلىرى ئۈچۈن مەركەز بولغان بۇ يەرگە ئائىت مەلۇماتلار يەتتىنچى ئەسىرگە تۇتىشىدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ توقماق (ئاق بېشىم) ئەتراپى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. نەتىجىدە، بالاساغۇن بۆگۈ قاغاندىن خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىمۇ بار بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىمۇ تەڭرى تاغلىرىنىڭ غەربىگە بەك ئىچكىرىلەپ ئۆتمىگەن ئىدى.

داستاندا ئۇچرايدىغان «تەڭرى بۆگۈ قاغانغا پۈتۈن تىللارنى بىلىدىغان بىر قاغا ئەۋەتكەن ئىدى. قەيەردە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش يۈز بەرسە، بۇ قاغىلار ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىشنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە كۆزىتەتتى ۋە كىيىن خانغا خەۋەر قىلاتتى.» دىگەن جۈملىلەردىكى قاغا بولسا، سىمۋوللۇق مەناغا ئىگە بولۇپ، قۇشلار ئىچىدىكى سۆزلەشنى بىلىدىغان بىر قۇشتۇر. بۇ بىزگە پۈتۈن تۈرك دۆلەتلىرى ۋە پادىشاھلىرى قىلغانغا ئوخشاش، بۆگۈ قاغاننىڭمۇ باشقا يات دۆلەتلەردە مۇھىم بىر جاسۇسلۇق تورىنىڭ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. دېمەك قەدىمقى تۈرك يۇرتلىرىدا كەڭ كەتكەن بىر خەۋەرلەشمە ۋە پوچتا تورى بار بولغان. دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە، بولۇپمۇ چېگرا رايۇنلىرىدا كۆك تۈركلەر دەۋرىدە «قاريا» دەپ ئاتىلىدىغان، ئوت قالايدىغان قەلئەلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، دۈشمەن ئەھۋالىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەنگە ئوخشاش، بۇ يەرلەردە ۋەزىپىگە قويۇلغانلار ئارقىلىق، بىر يەردىن باشقا بىر رايۇنغا ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا مەلۇمات يەتكۈزىلەتتى. كىيىنكى دەۋرلەردىكى تۈرك ۋە موڭغۇل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇپ، ئىسمى تىلغا ئېلىنغان يەرلەردە ۋەزىپىگە قويۇلغانلار بەزى پىيادە، بەزىدە قاتناش ۋاسىتىسى بولغان ئات ۋە قۇشلار بىلەن ئەھۋالغا قاراپ، تۇمان ۋە نۇردىن پايدىلىنىپ، خەۋەرلەرنى مۇناسىۋەتلىك يەرگە يەتكۈزەتتى. بىر مېھمانخانا ياكى مەنزىل نوختىلىرىدا ئەھۋالغا قاراپ يۈزلىگەن ئاتلار بېقىلاتتى. دۆلەت مەركىزىدىن باشقا مەھەللە ياكى باشقا دۆلەتلەردىن دۆلەت پايتەختكە بارىدىغان خەۋەرچىلەر بۇ مەنزىللەرگە كەلگىنىدە، ئاتلىرىنى ئالماشتۇراتتى ۋە بىر خادىم ئۇلارغا يەنە بىر مەنزىلگە يىتىپ كەلگۈچە ھەمراھ بولاتتى. ئۇ يەردىن ئۆز ئېتىنى ئېلىپ ئارقىسىغا قايتاتتى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، ھېچ توختىماستىن، قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە كۆزلىگەن مەنزىلگە يىتىپ باراتتى.

داستاندىكى «بىر كۈنى كېچىسى قاغان چۈشىدە ئاپئاق كېيىملىك بىر مويسىپىتنى كۆردى. ئۇ قاغانغا يېقىنلىشىپ، قارىغاي مېۋىسى چوڭلۇقىدىكى بىر قاشتېشىنى بەردى ۋە «ئەگەر سەن بۇ تاشنى ياخشى ساقلىيالىساڭ، پۈتۈن دۇنيا سىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭ ئاستىدا بولىدۇ» دىگەنلىكىنى ئۇچراتقان ئىدۇق. بۇ يەردىكى «ئاپئاق كىيىملىك مويسىپىت» سۆزى بولسا مانىي دىنىنىڭ تەسىرى بولىشى مۇمكىن .

بىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئاز مەلۇمات بىرىشنى توغرا تاپتۇق. ئۇيغۇرلار قەدىمقى تۈرك دىنىدىن تارتىپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇددا دىنى ۋە مانىي دىنىغا ئوخشاش دىنلارغا ئىتىقاد قىلغان ئىدى. بىراق مانىي دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن بۇددا دىنى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئاسان تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇلار 762- يىلىدىن كىيىن مانىي دىنىنى قوبۇل قىلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، خىتايدا مەيدانغا كەلگەن تۈرك ئەۋلادىدىن بولغان ئەنلۇشەن ئىسىملىك بىر بەگنىڭ ئىسيان قىلىشى نەتىجىسىدە تۈرك ئەسكەرلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، خىتاي دۆلىتىگە ياردەمدە بولغان بۆگۈ قاغان بۇ يەردە مانى دىنىنى قوبۇل قىلغان ئىدى ۋە تۆت نەپەر مانىي دىنى راھىبىنى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئېلىپ كىلىپ، بۇ دىننىڭ تۈركلەر ئارىسىدا تارقىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە سەككىزىنچى ئەسىردە تۈركلەرنىڭ مانىي دىنىنى قوبۇل قىلىشى پەقەت بىر دىنى ئىتىقاد مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى، سىياسى ئارقا كۆرىنىشكىمۇ ئىگە. خىتايغا قارشى مانىي دىنى مۇرىتلىرىنى قوغداش ئارقىلىق، تۈركلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ھەر قانداق ئەھۋالدىن قەتئىي نەزەر مەيلى بۇددا دىنى دەۋرى ياكى مانىي دىنى دەۋرى بولسۇن، تۈركلەر ھېچقاچان «بىر خۇدالىق» تىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئېنىق مىساللىرى، كۆك تۈرك يېزىقلىرىدا تىلدا ئېلىنغان «قاغان ئۇنۋانلىرى» دا كۆرىلىدۇ.

مانىي دىنىغا ئائىت بولغان تېكىستلەردە بىرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ئىتىقاد بۆگۈ قاغان بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەتراپىدىلا ساراي دىنى بولۇپ قالغان بولۇپ، تۈركلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىغان ئىدى. ئۇتۇق قازىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ دىن ياراتقۇچىنى يەككە-يىگانە دەپ قارايدىغان تۈركلەرنى ئىككى خۇداغا ئىشىنىشكە بۇيرۇيتتى. بۇلارنىڭ بىرى يورۇقلۇق (نۇر ئالىمى)، يەنە بىرى بولسا زۇلۇمات (يامانلىق) نى سىمۋۇل قىلاتتى. ئاددىي بىر ھاياتتا ياشىغان، ئاتنى ئۆزىگە دوست تۇتقان، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى دائىم ئالدىنقى ئورۇندا قويىدىغان بىر كىشىگە، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئەلۋەتتە ئىنتايىن تەس بىر ئىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى ئارىدا قالغان تۈركلەر ھەم بۇ دىندىن، ھەمدە بۆگۈ قاغاندىن ئۆزلىرىنى تارتقان ئىدى.

ئوردۇبالىقتا بىر مانىي دىنى ئىبادەتخانىسى بار ئىدى. قارابالغاسۇن خارابىلىكى ئىچىدە ھېلىھەم بۇنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن . يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالاھىدە قوغدالغان بولۇپ، تىبەت تىلىدا «ئۇلۇغ» دىگەن مەنادىكى «لاما» سۆزىدىن كەلگەن. تىبەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنى بون بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بىرلەشمىسى بولغان، زىمىن بىلەن ئاسماندا كۆپلىگەن تەڭرىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان بىر ئېتىقادتىكى لامائىزىمنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا تەسىرى بولغان ئىدى. بۇددا، مانىي، خىرىستىيان، لاما، ئىسلام دىنى ۋە تۈركلەرنىڭ مىللىي دىنى بولغان كۆك تەڭرى ئىتىقادىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەھۋالدۇر.

داستاندا تىلغا ئېلىنغان «ئاپئاق كىيىملىك مويسىپىت» نىڭ مانىي دىنى راھىبى ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرەيىش داستانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە، داستاننىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان «ئادەمگە ئوخشايدىغان مەخلۇقلارغا ئۇچراش» ئەھۋالىدۇر. بۇ يەردە سۆزلەنگىنى، ئوغۇزخان داستانىدىكى «ئىت باراق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەۋمنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە 13. ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەنگۈ قاغاننىڭ يېنىغا بارغان ئەرمەن پادىشاھى خەتۇمنىڭ ئەسلىمىلىرى خاتىرىلەنگەن بەزى تارىخى ئەسەرلەردە، ئۇنىڭ خىتاي تەرەپلەردە ئەقىللىك ئاياللارنى، بەدەنلىرى تۈكلۈك ۋ كۈچلۈك بولغان ئەخمەق ئەرلەرنى ئۇچراتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئاياللار تۇغقان ئوغۇللارنىڭ ئىتقا، قىزلىرىنىڭ نۇرمال ئاياللارغا ئوخشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ يەردىكى خەلق ۋە يۇرتنىڭ ھىندىستان ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بىرىلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، داستانلار ۋە ئەسلىمىلەردە مانا مۇشۇنداق بەتبەشىرە ئىنسانلارنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى راستتۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرەيش داستانىدىن باشقا ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىن يۆتكۈلۈپ كۆچمەن بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم ئىككى ھىكايە باردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىن جۈۋەيىننىڭ بىلگەنلىرى پەقەت تولۇق بولمىغان شەكىلدە بىرىلگەن بولۇپ، شۇ ھالەتتە ئىدى.

ناھايىتى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، يۇرتىدىكى ئىككى دەرەخنىڭ ئارىلىقىغا بىر چىدىر سالدى ۋە چىدىرنىڭ ئىچىدە بالىلىرىنى رەت تەرتىپى بىلەن ئولتۇرغۇزدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر چىراق ياقتى. يىغىلغان كىشىلەرگە بۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ كىشى چىدىرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا، شۇ ھامان تىزلىنىپ ھۆرمەت بىلدۈردى ۋە يېنىدىكىلەرگىمۇ شۇنداق قىلىشنى دېدى. نادان ۋە بىلىمسىز خەلق بۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە باشلىدى ۋە بالىلارنى ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن تەربىيەلەپ چوڭ قىلىشتى. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى. كۈنلەر ئۆتۈپ، بىر ۋاقىت كەلگەندە، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارغا بوي سۇنىدىغان ئەتراپتىكى قەۋملەر ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ئىتلارنىڭ ھاۋشىشى ، كالىلارنىڭ مۆرىشى، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مەرىشى، قۇشلارنىڭ سايرىشى، بالىلارنىڭ يىغلىشى، ئىش قىلىپ پۈتۈن نەرسىلەردىن «كۆچ، كۆچ» دىگەن ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىشتى. ھەر قانداق قونالغۇدا يەنە شۇ ئاۋازنى ئاڭلايتتى. ئاخىرىدا باشقا بىر يۇرتقا كەلگىنىدە، ئۇ ئاۋاز توختىدى. نەتىجىدە ئۇ يەرگە بەش مەھەللىلىك بىر شەھەر قۇردى. بۇ يەرنى «بەشبالىق» دەپ ئاتاشتى. بۇ شەھەر بارغانسېرى كەڭرىشكە باشلىدى. دەسلەپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بەگ بولدى.» ئۇيغۇرلارنىڭ «كۆچ داستانلىرى» نى خىتاي مەنبەلىرىدىمۇ ئۇچرىتىش مۈمكىن. بۇنىڭدا تۈۋەندىكىدەك تىلغا ئېلىنغان.

تۇرپان ئۇيغۇر قاغانلىقى «ئىدىقۇت» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلارنىڭ بوۋىلىرىمۇ قەدىمقىي ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان <قاراقۇرۇم> دىن ئىدى. يۇلۇن تىگىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا، خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن جەڭ باشلاندى. ئۆز خەلقىنى راھەت ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، خىتايلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي مەلىكىسىدىن بىرنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئارقىلىق، ئارىدا تۇغقانچىلىق ئورناتتى. ئەسكەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن قايتۇردى. ئوغلىنىمۇ بىر خىتاي مەلىكىسىگە ئۆيلەندۈردى . بۇ خوتۇن قاراقۇرۇمدىكى بىر تاغدا ياشىدى. بۇ تاغ «خوتۇن ئولتۇرغان تاغ» ۋە «تەڭرى قۇلىنىڭ تېغى» دىگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتالغان ئىدى. ئۇنىڭ جەنۇبىدا قىيالىق يەرلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى «قۇتلۇق تاغ» ئىدى. بۇنىڭ مەنىسى: «بەخت ۋە سائادەت كەلتۈرگۈچى» دىگەن بولاتتى.

بۇ جەرياندا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەلچىلىرى كەلدى. ئۇلار ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە مەلۇمات توپلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۆز-ئارا«قاراقۇرۇمنىڭ بۇنداق قۇدرەتلىك ۋە باي بولىشى، بۇ تاغنىڭ سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن، شۇڭا بىز بۇ تاغنى يوق قىلىپ، تۈركلەرنىڭ دۆلىتىنى ئاجىزلتىشىمىز لازىم» دىگەن پىكىردە بىردەكلىككە كەلدى. ئۇلار بۇ مەقسەتلىرىگە يىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قاغانىغا: «سىز بىزنىڭ بىر مەلىكىمىز بىلەن ئۆيلەندىڭىز، بۇ سەۋەپ بىلەن بىزگە بەزى ياردەملەرنى بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ تاغنىڭ تاشلىرىنى دۆلىتىڭىزدە ھېچكىم ئىشلەتمەيدىكەن، شۇڭا بۇ تاشلاردىن بىز پايدىلىنايلى» دىيىشتى ۋە بۇ ھەقتە قاغان بىلەن كىلىشىم تۈزۈشتى. ئۇلار ئۇ تاشلارنى خىتايغا ئېلىپ كىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما، تاشلار بەك چوڭ بولغاچقا ئۇنى يۆتكەشكە مۇمكىن بولمايتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار تاشلارغا ئوت ياقتى ۋە ئۈستىگە كىسلاتا تۆكۈشتى. تاشلار پارچىلانغاندىن كىيىن، ئاندىن خىتايغا توشىدى. تاشلار ئېلىپ كىتىلىپ، ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا پۈتۈن ھايۋانلار ۋە قۇشلار «كۆچ، كۆچ» دەپ ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى. يۇلۇن تېگىن بولسا 15 كۈن ئىچىدە ئۆلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققانلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈشكە باشلىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار تۇرپانغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. تۇرپاننىڭ يەنە بىر ئىسمى «قۇچۇ» ئىدى. ئۇلار بەشبالىق رايونىنىمۇ ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئالدى.»

قاشتېشى ياكى يادا تېشى بىلەن «قۇتلۇق» ھېكايىسى ، ھەر ئىككى داستاندا ئۇچراتقان يەنە بىر ئەھۋالدۇر. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە «بىر كۈنى كېچىسى قاغان ئۇخلاۋېتىپ، چۈشىدە ئاپئاق كىيىنگەن بىر مويسىپىتنى كۆردى، ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، قارىغاي مېۋىسى چوڭلۇقىدا بىر قاشتېشىنى بىرىپ، شۇنداق دېدى.» ئەگەر سەن بۇ تاشنى ياخشى ساقلىساڭ، پۈتۈن دۇنيا سېنىڭ ئىلكىڭدە بولىدۇ. مانا مۇشۇنىڭدەك، قاشتېشى ياكى يادا تېشى تۈرك داستانلىرىدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىبارىلەردىن بولۇپ، بىزچە بولغاندا بىرى يەنە بىرىنى ئەسكە سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇبارەك تاغ تەڭرىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇغان، بەرىكەت ۋە ھوسۇل بەرگەن بىر سىمۋولدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئەرەپچە مەنبەلەردە، خوتەن ئەتراپىدىكى ئىككى يەردىن قاشتېشى چىقىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىر خىلى «كۈچ تېشى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، تۈركلەر قىلىچلىرىنى، كەمەرلىرىنى ۋە ئات ئىگەرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتايچە ماتېرياللارغا قارايدىغان بولساق، تۆتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە بەشىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ ئوردۇس رايۇنىنىڭ جەنۇبىدا ھاكىمىيەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان، ھونلارنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «خىسىيا» خاندانلىقىنىڭ تۈنجى بىگى تەڭرىكەن بونجۇق (ھەلىيەت پوپۇ)، ئۆز ئەجدادىنى خىتاينىڭ ئەپسانىۋى سۇلالىسى خىسىيا بىلەن چاتىدۇ. بىزنىڭچە بۇ شۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىققان ئىش ئەمەس. ئېھتىمال بۇ خاندانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرى ياكى بىر پارچىسى ئەڭ ساپ تۈركلەردۇر. بىز تەڭرىكەن بونجۇققا ئائىت بولغان مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلغاندا ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «بەك قەدىمقى زامانلاردا خىتاي داۋالغۇش ئىچىدە قالغاندا، ئاتام تايۇغا (ئۇلۇغ يابغۇ) تەڭرى قاشتېشى بىرىش ئارقىلىق ئۇنى ئۇ بىچارە كىشىلەرگە پادىشاھ قىلغان ئىدى.

ئىسلام مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان، يادا تېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ھېكايىدىمۇ، «نۇھ پەيغەمبەر پۈتۈن دۇنيانى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرگەندە، ئوغلى ياپەسكە سىلاۋ ۋە تۈرك يۇرتلىرىدىن تارتىپ، خىتايغىچە بولغان يەرلەرنى بەرگەن ئىكەن. بۇ جەرياندا ياپەس زۆرۈر تېپىلغاندا يامغۇر ياغدۇرۇش ئۈچۈن تەڭرىدىن بىر دۇئا ئۈگىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولغان. بۇ ۋاقىتتا ياپەس ئۈگىتىلگەن ئۇ دۇئانى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر تاشقا يېزىپ، بوينىغا ئېسىۋالغان ئىكەن». يەنە بىر ھېكايىدە بولسا ياپەس دادىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر دۇئانى ئۈگىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. نۇھ پەيغەمبەر تەڭرىگە يالۋەرگەندىن كىيىن، جىبرائلنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇ دۇئا ئۈگىتىلگەن. نوھ بۇ دۇئانى بىر تاشنىڭ ئۈستىگە ئويۇپ، ئوغلىغا بەرگەن ئىكەن. بۇ تاشنى بىر سۇغا تاشلاپ، ئۇ سۇدىن كېسەل بىر ئادەم ئىچسە، ئۇنىڭ كېسەللىكى ساقىيىپ كىتىدىكەن. يىللار ئۆتۈپ بۇ تاش ياپەسنىڭ نەسەبىدىن بولغان ئوغۇز، قالاچ ۋە ھازارلارغا بىرىلگەن ئىكەن. كىيىن مىراس تالىشىپ، ئوتتۇرىدا جىدەل چىققان. ئاخىرىدا بۇ تاش ئوغۇزلارنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر قالدۇرۇلغان. بۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر كۈنى تاشنىڭ كىمدە قالىدىغانلىقى توغرىسىدا چەك تاشلانغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوغۇزلار بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر تاشنى تېپىپ، ئۈستىگە ئوخشاش خەتنى يازدى. چەك تۈرككە (ياكى قالاچقا) چىقتى. ئەمما ئۇلارغا يالغان تاشنى بىرىپ، ئۇلارنى ئالدىدى. تۈركلەر بۇ تاشقا ئىرىشكىنىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى. بىر قانچە يىلدىن كىيىن، بۇ تاشنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئەمما بارلىق ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ يامغۇر ياغمىدى. تۈرك ئالدانغانلىقىنى بىلدى. نەتىجىدە ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن تەشكىللەپ، قېرىنداشلىرىغا قارشى ئاتلاندى. قاتتىق جەڭدىن كىيىن، تۈرك تاشنى قايتۇرۇپ ئالغان ئىكەن.

ئەلۋەتتە قاشتېشى ياكى يادا تېشى ۋە مۇبارەك تاغلار تۈرك داستانلىرىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئىبارىلەر بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە قاشتېشى ياكى يادا تېشىغا ئىگە بولۇش، بۇلارنى بىرلىرىگە بىرىش ۋە ياكى يوقۇتۇپ قويغىنىدا خەلقنىڭ بېشىغا چوڭ بىر بالا-قازانىڭ كىلىشى قاتارلىقلار تۈركلەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن باشلاپ داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ئەنئەنە ئىدى. بۇ يەردە ھۆكۈمرانلىق چۈشەنچىسى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ناھايىتى كۆپ تەكىتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە مۇبارەك تاغنىڭ نۇرىمۇ تەڭرىدىن كەلگەن بولاتتى. يەنى، ۋەتەننىڭ ھەر بىر غېرىچ تۇپرىقى ئۇلۇغ ۋە قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭدىن ئەسلا ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.

تۈرەيش ۋە كۆچ داستانلىرىدا بىز ئۇچرىتىدىغان بەشبالىق بولسا ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئولتۇراق رايۇنى ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەتراپىدا قېيىقلار بىلەن ئايلىنىدىغان بىر كۆل بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل مەدەن پىششىقلاپ ئىشلەش سېخلىرى بار ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى بۇ يەر ھەققىدە توختۇلۇپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ شەھرىدۇر» دەپ تىلغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا بەشبالىق ئۈچۈن تارىختا تۈرك، خىتاي ۋە تېبەتلەر ئارىسىدا ئىنتايىن دەھشەتلىك كۆرەشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ يەر خىتاي مەنبەلىرىدە «پەيتىڭ» دەپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى، ئۈرۈمچى ئولتۇراق رايۇنلىرىدۇر. بۇ بەش شەھەرنىڭ قەيەرلەر ئىكەنلىكىنى ۋ. مىنورسىك «ھۇدۇدۇل ئالەم» دىگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىزچە، كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار دەۋرىدە بۇ ئولتۇراق رايۇنلار ناھايىتى كەڭ يەرلەرگىچە تارقىلالمايتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايلار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا تۇرپان ۋە بەشبالىقنى ئوخشاش ئىسىم بىلەن خاتىرىلىگەن ئىدى. ئاسىيانىڭ شىمالى بىلەن تۈركىستاننى بىرلەشتۈرگەن يولنىڭ ئېغىزىدا بولۇپ، تۈركىستاننىڭ تېرىقچىلىق ۋە تىجارەت شەھەرلىرى بىلەن ئورخۇن ئارىسىدىكى كىسىشمە نوختىسىغا توغرا كىلىدۇ. بىلگە قاغان، ھويتۇ تامىر1، 2، 7، كۆل ئىچچور قاتارلىق يېزىقلاردا بۇ يەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇچۇرتۇپ قالىمىز. بولۇپمۇ كۆل ئىچچور ۋە ھويتۇ تامىر يېزىقلىرى بۇ بەشبالىق زىيارەتلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كۆچ داستانلىرىدا بەزىدە قۇچۇ شەھرىنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرپانغا كۆچۈپ كىلىشى ۋە بۇ شەھەرنىڭ يەنە بىر ئىسمىنىڭ «قۇچۇ» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. مىران تېكىستلىرىدىمۇ ئىسمى ئۇچرايدىغان قۇچۇ بالىق تۇرپان ئويمانلىقىدا بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىغا، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىگە توغرا كىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كاۋچاڭ ئىسمى بىلەن تونۇلغان شەھەر 460- يىللىرىدا خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغاندىن كىيىن، ئىسمى خىسى چوۋ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇنداق قىلىپ كاۋچاڭ ئىسمى تۇرپاندا چاغاتاي دەۋرىگىچە ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن شەھەرنىڭ ئىسمى «خوۋچوۋ» يەنى «قۇچۇ» دىيىلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم بولغان بوستانلىق رايۇنلىرىدىن بىرىدۇر.

كۆچ داستانىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئىچىدە توختىلىشقا توغرا كىلىدىغان يەنە بىر تېما بولسا، ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كىتىش مەسىلىسىدۇر. بىلگىنىمىزدەك 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۆتۈكەن ئۇيغۇر قاغانلىقىدا ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كېسەللىك، سۇيىقەست ۋە ياكى ئۇرۇشلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، كۆچ داستانلىرىدا بېشىغا كەلگەن ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى بولسا، خاقانلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋاپات بولۇپ، موقۇملۇقنىڭ يوق بولىشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

نەتىجىدە، تۈركىستان مەدەنىيەت تارىخىدا تۈنجى بولۇپ ئەقىلگە كىلىدىغىنى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق ، يېزىقچىلىق، رەسساملىق، مۇزىكا ۋە سەنئەتلىرى شۇنداقلا، شەھەرلىشىش، دېھقانچىلىق، مەتبەئەچىلىك، قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلىرى تۈرك مەدەنىيتى ۋە دۇنيا مەدەنىيتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئېغىز ئەدەبىياتىدا ناھايىتى قىممەتلىك مىساللارنى ساقلىنىپ كەلمەكتە. داستانلار بولسا مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى-جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جانلىق ۋەقەلەرگە ئورۇن بىرىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمما بۇ، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ۋەقەنى داستان تۈرىگە ئايرىش دىگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئالاھىدە شەرتلەر لازىم. بۇ شەرتلەر ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىرى «داستان» دىيىلىدۇ ۋە تارىخىي ھادىسىلەر خاتىرىلەنگەندە بۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، بىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان تۈرەيىش ۋە كۆچ داستانلىرىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشتۇق.

ئاخىرىدا، داستانلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دەۋرىگە ئائىت بولغان ئىزلىرىنى كۆرىمىز. تۈرەيش داستانىدا بۆيۈك ئۇيغۇر قاغانىلىقىنىڭ شانلىق مەزگىللىرى، كۆچ داستانلىرىدا بولسا، ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن باشلىرىغا كەلگەن ئاپەتلەر ۋە ئانا ۋەتىنىنى تەرىك ئىتىپ، ئاسىيانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە كەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uygur Türklerinin Destanlarındaki Tarihi Gerçekler

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top