You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرى ، ئېتىقادى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىدىكى ھايۋان سىمۋولى

ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرى ، ئېتىقادى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىدىكى ھايۋان سىمۋولى

دوكتور تۇغبا گۆنەل سۆنمەز (نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەھمەد

قىسقىچە مەزمۇنى: جەمئىيەتنىڭ تارىختىكى ھەر خىل «شەيئىلەر» گە بەرگەن سىمۋول ۋە مەنالىرى ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە بەزى مەدەنىيەت كودى شەكلىدە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ ، شۇ ئارقىلىق بىللە ياشاش ئارزۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ سىمۋول ۋە مەنىلەرنىڭ قېلىپلاشقان شەكىللىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن سىمۋوللار مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتەك بىر فۇنكسىيەلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تىلغا ئېلىنغان سىمۋوللار ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنى ھايۋانلارنىڭ سىمۋولى بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل رىۋايەتلىرى ، ئېتىقادى ۋە مۇراسىملىرىدا بۆرە ، شىر ، يولۋاس ، ئېيىق ، بۇقا ، ئات ۋە تۆگە قاتارلىق نۇرغۇن ھايۋانلار يەر ئالغان دېيىشكە بولىدۇ. «ئەجداد» ئوبرازى بىلەن بارلىققا كەلگەن ۋە قوغدىغۇچى بىر روھقا ئايلانغان بۇ ھايۋانلارنىڭ ۋەھشى ۋە كۈچلۈك فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ، جەمئىيەتنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى ۋە كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنى كونترول قىلىش ئارزۇسى قاتارلىق سەۋەبلەر بۇ ھايۋانلارنىڭ سىمۋولغا ئايلىنىشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. تەتقىقاتتا ، ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرى ، ئېتىقادى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىدىكى «ئىجابىي» ئوبرازلار بىلەن ئېنىقلانغان ھايۋانلارنىڭ سىمۋوللىرى توتېزىم ۋە «ئەجداد» تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە تەكشۈرۈلگەن ، ھەمدە بۇ سىمۋوللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ھاياتىدىكى رولى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سىمۋول ، ھايۋانلارنىڭ سىمۋولى ، توتېمىزىم ، ئۇيغۇرلار

كىرىش سۆز

سىمۋوللار جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت توشۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىياتتىن سەنئەتكە ، پەلسەپەدىن ئاسترونومىيەگە قەدەر نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ ، مەدەنىيەت كودى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

سىمۋول ئۇقۇمى لۇغەت مەنىسىدىن باشقا ، مەنىداش دەپ قارالغان سۆزلەرگە ئالاھىدە مەنا بېرىش ئارقىلىق تۈرگە ئايرىلغان؛ «تەبىئەتنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان سىمۋوللار » ، «ئۇ مەدەنىيەتتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرىگە يوشۇرۇنغان سىمۋوللار » ، «سان سىمۋولى (ياكى سىمۋوللۇقى)» ، «ھەرپ سىمۋولى (ياكى سىمۋوللۇقى)» ، «رەڭ سىمۋولى» ، «دۆلەت سىمۋوللىرى، مىللىي سىمۋوللار»  ۋە « سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك سىمۋوللار» قاتارلىق بەزى شەكىللەردە ئىشلىتىلىدۇ (Çoruhlu ، 2014: 5). سىمۋوللار بەزىدە مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى سەۋەبىدىن كىشىلىك ھاياتتا ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن قۇرۇلغان جەمئىيەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە تېخىمۇ ئەمەلىي رول ئوينايدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ھاياتى بىلەن پاراللېل ھالدا شەكىللەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىگە ئورناپ كەتكەن سىمۋوللار ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك سىمۋوللارنىڭ بىرى ھايۋانلارنىڭ سىمۋوللۇقى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ، ئۇلار ياشايدىغان جۇغراپىيە ، تەۋە بولغان ئېتىقاد سىستېمىسى دائىرىسىدە شەكىللەنگەن ئاغزاكى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ، خەلق ئېتىقادى ، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مۇراسىملىرىغا قارايدىغان بولساق ، نۇرغۇن ھايۋانلار سىمۋوللۇق رولى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە يەر ئالغان دېيىشكە بولىدۇ. تەتقىقاتىمىزدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەسلىمىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋە كۆپىنچە «ئاكتىپ» ئوبرازلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ھايۋانلارنىڭ سىمۋوللۇق قىممەت قارىشى ۋە ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت فۇنكسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە بۇ ھايۋانلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە باھالاشتىن ئىلگىرى ، تىلغا ئېلىنغان سىمۋوللۇق ئوبرازلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان «توتېم» ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇۋاپىق.

1. توتېمىزىم ۋە ھايۋان سىمۋوللۇقى

جەمەت تۇرمۇشىدا ياشىغان ئىپتىدائىي جەمئىيەتلەردە تۇرمۇش ئۇسۇلى سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن توتېمىزىم ، جەمەت ، توتېم ۋە جادى ئۇقۇمى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. جەمەت ، توتېم ئىسمى بىلەن ئاتالغان ۋە ئوخشاش بىر نەسەبتىن كەلگەن كىشىلەر توپى بولۇپ ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئانا ، دادا ۋە قېرىنداش شەكلىدە ئەمەس ، بەلكى بىر توتېمدا ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. جەمەت ئەزالىرى ئۆزلىرىنى توتېم بىلەن تۇغقان دەپ قاراش بىلەن بىرگە ھەر بىر ئەزا جەمەتنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇ قوبۇل قىلغان توتېمنىڭ تۇغقانلىرى (Yörükan ، 2009: 20). توتېم ، جەمەتى تەرىپىدىن مۇقەددەس دەپ قارالغان بولۇپ ، توتېم بىلەن جەمەتلەر ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىدۇ (Tanyu ، 1983: 155). توتېم ئۇ تەۋە گۇرۇپپىنىڭ سىمۋولىدۇر ۋە مۇقەددەستۇر. جادۇ بولسا ئىنسان ، ھايۋان ياكى جىسىملاردا بولىدىغان، بەزىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ دەپ قارالغان شەكىلسىز كۈچ بولۇپ ، توتېم بىلەن جەمەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشىنى تەمىنلەيدىغان ۋە توتېمنى مۇقەددەس قىلىدىغان «شەيئى»دۇر (يۇرقان ، 2009: 20).

توتېمىزىم بىر گۇرۇپپا ياكى جەمەتنىڭ بىر ھايۋان ، ئۆسۈملۈك ياكى جىسىمغا سېھىرلىك تۇغقاندارچىلىق ئارقىلىق باغلىنىشى نەتىجىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت ، چەكلەش ، ۋە مۇراسىملارنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. «توتېزىم» دېگەن سۆز «توتام» سۆزىدىن كەلگەن. بۇ سۆز ئەسلىدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئالگونكىنسلارنىڭ سۆزلىشىدىغان تىلىدىن كەلگەن بولۇپ بۇ تىلدىكى تەلەپپۇزى «توتام» ، «ئوتوتېمان» ۋە «تودايم». توتام بۇ تىلدا تۇغقاندارچىلىق ، ئائىلە سىمۋولى دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ، بىر ئادەمنىڭ قوغدىغۇچى روھى دەپمۇ مەنىسى بار. تۇنجى بولۇپ 1791-يىلى John Long ئىسىملىك ​​بىر ئىنگلىز تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ، كىيىنچە ئىلىم تىلىغا ئۆتكەن »(مىسال ، 1995: 38).

ئۇيغۇر تەتقىقاتچى راخمان ئابدۇرېھىم توتېمىزىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تىزىپ چىقتى:

1) توتېمىزىم ھايۋانلار ، دەرەخلەر ، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىكى ، ئۇ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ مەنبەسى بولغانلىق كۆز قارىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئېتىقاد شەكلى.

2) توتېمىزىم ئېتىقادى كىشىلەرنىڭ قانداش تۇغقاندارچىلىق تەسەۋۋۇرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن «ئەجداد» ئەقىدىسىنى ئاساس قىلىدۇ. توتېمزىم ئېتىقادى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ، ئىپتىدائىي كىشىلەردە تۇغۇلۇش، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە قائىدىلەر توغرىسىدىكى قاراشلار سىستېمىلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارا نىكاھلىنىش ۋە ئۆيلىنىش چەكلەنگەن. ئوخشاش ئەجدادتتىن كەلگەن كىشىلەر ئوخشاش نەسەبكە تەۋە.

3) توتېم سىمۋولى شۇ نەسەبنىڭ ئاقساقىلىنىڭ تاجى. نەسەبنىڭ ئاقساقىلى سايلانغان ياكى ئاقساقاللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە ، توتېمنىڭ سىمۋولى بولغان باش تاجى سايلانغان ئاقساقالغا مۇراسىم بىلەن بېرىلىدۇ. بۇ نەسەب ئاقساقىلىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4) توتېمىزىم ئەقىدىسى نەسەب ۋە قەبىلە ئىچىدە توتېم سىستېمىسىغا ئىگە. توتېمزىمغا بولغان ئېتىقاد پەيدا بولغاندىن كېيىن ، توتېمنى قوغداش ، توتېم (توتېم ھايۋىنى) نىڭ گۆشىنى يېمەسلىك ۋە توتېمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىق قائىدىلىرى بىكىتىلگەن؛ ئەكسچە بۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار جازالىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، نەسەب ۋە قەبىلە ئەزالىرى ئىچىدە شاماننىڭ رەھبەرلىكىدە توتېمنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ھادىسىسى ، توتېم ھايۋانلىرى ۋە باشقا توتېم جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى تەقلىد قىلىنغان مۇراسىملارمۇ مەۋجۇت.

5) توتېم ئۆزى تەۋە بولغان نەسەب ياكى قەبىلىگە نامىنى بېرىدۇ، يەنى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى نەسەب ۋە قەبىلىلەر توتېملىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

6) توتېم نەسەب ياكى قەبىلىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئىپتىدائىي دەۋردە نەسەب ياكى قەبىلە ئىچىدىكى كاتتا مۇراسىملاردا ، ھەر بىر نەسەب ياكى قەبىلە ئۆز توتېمىنىڭ تېرىسىنى ، باش سۆڭىكىنى ياكى توتېمنى ئىپادىلەيدىغان ئىشارەتنى مۇقەددەس دەپ قارالغان دەرەخلەرگە ياكى ئاقساقاللارنىڭ ئولتۇرىدىغان يېرىنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قوياتتى. ئۇ شۇ نەسەب ياكى قەبىلىنىڭ سىمۋولى ئىدى. ھەتتا نەسەب سىمۋولىنىڭ نەسەب ۋە قەبىلە ئەزالىرىنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە قويۇلغان ئەھۋاللارمۇ بولغان (ئابدۇرېھىم ، 2006: 35-36)

ئىپتىدائىي جەمئىيەتلەردە ، جەمەت بىرلىكىنىڭ ئورتاق توتېمى بولغاندىن باشقا ، جەمەت ئەزالىرىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس توتېمى بولغان ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى توتېملىرى بىلەن تىلغا ئېلىناتتى. بۇ بىر نەسەب ياكى جەمەت ئەزالىرىنى باشقا نەسەب ۋە جەمەت ئەزالىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. باشقا نۇقتىدىن ئېيتقاندا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بىر جەمەت بىر قانچە يېقىن نەسەبلەردىن تەركىب تاپقان. ئەمەلىيەتتە ، بىر جەمەتتە بىر قانچە توتېم بار. ھەتتا، بىر نەسەبتە پەقەت شەخسكە ئائىت توتېمنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەگەر نەسەب ئىچىدە بۆلۈنۈش كۆرۈلسە ، تەبىئىي ھالدا توتېممۇ بۆلۈنۈپ كېتىدۇ ياكى نەسەب سىستېمىسى ئىچىدە بۆلۈنگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭغا باراۋەر ھوقۇق ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ (مىسال ، 1995: 42 ؛ ئابدۇرېھىم ، 2006: 34-35).

توتېمىزىم ئەقىدىسىدە جىسىملار توتېم ئاساسىدا مۇقەددەس ياكى مۇقەددەس ئەمەس دەپ تۈرگە ئايرىلىدۇ. مەسىلەن ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ۋە چاچ ئالاھىدە مۇقەددەس نەرسىلەردۇر. توتېم «مۇقەددەس نەرسە» نىڭ ئۆزى. دەرۋەقە ، بەزىدە توتېمنىڭ تەسۋىرى توتېم مەخلۇقنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇقەددەس ھالغا كىلىدۇ ۋە مۇقەددەسلىك توتېم سۈپىتىدە ئۇنىڭ تەسۋىرىدىن ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆتىدۇ. نەتىجىدە ، ئىنسان ئۆزىنى توتېم تۈرىدىكى ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك دەپ قارايدۇ ، بۇ ئىسىمى ئېلىنغان كىملىك ​​تەبىئىي سالاھىيەتكە ئايلىنىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا ، كېنگورۇ جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى ئۆزىنى كېنگورۇ دەپ ئاتىغاندا ، ئۇ بۇ خىل ھايۋاننىڭ كىملىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ (Challaye, 1998: 13).

توتېمىزىم كىشىلەرنىڭ يارىتىلىش مەنبەسىنى ئىزدەش نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلىدىغان ۋە ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى دائىرىسىدە شەكىللەنگەن ئىپادىلەش بولۇپ ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسىنى ھايۋانلار ، ئۆسۈملۈكلەر ياكى جىسىملار بىلەن باغلايدىغان بىر تەسەۋۋۇر. بۇ ئېتىقاد ئۇقۇمى بىلەن ئىپتىدائىي خەلقلەر ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ، تەبىئىي قانۇن ۋە ھادىسىلەرنى سىرلىقلاشتۇرۇپ مۇقەددەسلەشتۈرگەن. توتېمىزىمنىڭ سىستېمىلاشتۇرۇلۇشى بىلەن توتېم بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى يېراق-يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇغقاندارچىلىق ۋە قانداشلىق (قان ئارقىلىق باغلىنىش) ئۇقۇمى شەكىللەنگەن. ھازىرغىچە ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلاردا «توتېم» ۋە «توتېمىزىم» ئېتىقادى توغرىسىدىكى بەزى نۇقتىلاردا پىكىر ئىختىلاپلىرى1 بولسىمۇ توتېمزىم ئىپتىدائىي كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى «ئەجداد» تەسەۋۋۇرى ۋە قان رىشتىسى بىلەن باغلىنىش، ۋە تۇغقاندارچىلىق ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ھايۋانلار ، ئۆسۈملۈكلەر ياكى باشقا جىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىدە دېگەن ئورتاق قاراش بار. توتېم نەسەب ياكى قەبىلنىڭ سىمۋولى بولغاندىن باشقا ، ئۇنى ئۆزى تەۋە بولغان جەمەتنىڭ ئورتاق پسىخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى دەپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. توتېمىزىم ئىپتىدائىي كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى ئاددىي چۈشەنچە ۋە گۇمانلىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

2. ئۇيغۇرلاردىكى ھايۋان سىمۋوللۇقى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئېتىقاد سىستېمىسىدا ھايۋانلارنىڭ سىمۋوللۇقى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. تارىخىي مەنبەلەر ، رىۋايەتلەر ۋە ئەپسانىلەر ، بۈگۈنكى ئەنئەنىلەر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر ئارقا كۆرۈنۈشىدە ، ئۇيغۇرلار خەلق ئېتىقادى ، ئۆرپ-ئادەت ، داستان ۋە رىۋايەت كەبى ئاغزاكى ئەسەرلىرىدە بۆرە ، يولۋاس ، شىر ، ئېيىق ۋە قۇش قاتارلىق ھايۋانلارنى «ئەجداد» تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە سىمۋول قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.

2.1. بۆرە

ئۇيغۇرلاردىكى مۇھىم ھايۋان بولغان «بۆرە» بەزى رىۋايەتلەردە چىشى ، بەزى رىۋايەتلەردە ئەركەك دەپ تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەھۋال ئاتىلىق ۋە ئانىلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

«تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئاشىنا نەسەبىدىن. ئۇلار دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. ئەمما پۇتى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا ھايات قالدى ۋە بىر چىشى بۆرە ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلدى. ئاندىن بۆرە ئۇ بالىدىن ھامىلىدار بولغان. ئوغۇل بالا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ، بۆرە ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ شىمالىدىكى بىر تاغقا چىقىپ ، ئۇ يەردە ئون ئوغۇل تۇغقان. ئۇلارنىڭ بالىلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ ، يۈزلىگەن ئائىلىگە يەتتى. ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ، ئۇلار تاغ ئۆڭكۈرىدىن چىقىپ ، جۇرجانلارغا بويسۇندى. ئۇلار ئالتۇن تاغنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتى ». شەكلىدە بىر رىۋايەت بار (راخمان ، 1986: 40-42).

بۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان يەنە بىر رىۋايەت:

«تۈركلەر ئىلگىرى غەربىي دېڭىزنىڭ غەربىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ نەسەبى ئاشىنا دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئۇلار باشقا بىر قەبىلە ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇنلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. ئەمما پۇتى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا چىشى بۆرىنىڭ بېقىشى بىلەن ھايات قالدى ۋە چوڭ بولدى. بۆرە بۇ بالىدىن ھامىلدار بولدى ، ئاندىن بۇ بالا ناتونۇش ئەسكەرلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا بىر ئەۋلىيا ئۇ بۆرىنى ئىدىقۇتنىڭ غەربى ۋە غەربىي دېڭىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان شىمالدىكى بىر تاغقا ئېلىپ باردى. بۆرە ئۇ يەردە ئون ئوغۇل تۇغدى. ئۇلارنىڭ بالىلىرى چوڭ بولۇپ كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى بولۇپ ، ئاشىنا شىر شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ۋاقتى كەلگەندە ، ئاشىنا شىر تاغدىن چىقىپ جۇرجانلارغا بويسۇندى ». شەكلىدە (راخمان ، 1986: 40-42). بۇ ئىككى رىۋايەتتە ، ئانا ئەجدات ئوبرازى ئانا بۆرىنىڭ سىمۋولى بىلەن ئىپادىلەنگەن.

جۇنامە ، تۈركلەرنىڭ تەزكىرىسىدە: «تۈركلەرنىڭ بايرىقىدا ئالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشى بار ، خىزمەتچىلەر ئۇنى «فولى» دەپ ئاتايدۇ ، يەنى بۆرە دېگەن مەنىدە. بۇ ئۇلارنىڭ بۆرىدىن كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز. بۇ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنىڭ نىشانىسىدۇر». دېگەن جۈملىلەر يەر ئالىدۇ. «1957-يىلى ، دورومجائوغلۇ 570-يىلغا تەۋە تۈرك خاقان مويۇنچۇرنىڭ ئابىدىسىنى تاپقان. بۇ يادىكارلىققا كۆك بۆرىنى ئىمىۋاتقان بالىنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان » (راخمان ، 1996: 138-139).

يەنە ئوغۇزخان داستانىدا «[… تاڭ ئاتقاندا ، قۇياشقا ئوخشاش بىر نۇر ئوغۇزخاقاننىڭ چېدىرىغا كىردى ، بۇ نۇردىن كۆك رەڭلىك تۈكلىرى ۋە كۆك رەڭلىك يايلىسى بار چوڭ ئەركەك بۆرە كەلدى … كۆك رەڭلىك تۈكلىرى ۋە كۆك رەڭلىك يايلىسى بار چوڭ ئەركەك بۆرە مېڭىۋاتاتتى ۋە (قوشۇن) بۆرىگە ئەگىشىپ كىلىۋاتاتتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، كۆك رەڭلىك تۈكلىرى ۋە كۆك رەڭلىك يايلىسى بار بۇ چوڭ ئەركەك بۆرە توختاپ قالدى. ئوغۇزخانمۇ ھەربىيلىرى بىلەن بىللە توختىدى…] » دېگەن بايانلار يەر ئالغان. (Bang ve Rahmeti, 1936: 18-19).

ئۇيغۇرلارنىڭ پەيدا بولۇشى ناملىق رىۋايەتتە بۆرىنىڭ «ئەجداد» تەسەۋۋۇرى بىلەن باغلانغانلىقى كۆرۈلىدۇ: يۇقىرى نەسەپلىك كونا قىزىل تۇرالارنىڭ ئەۋلادلىرى… خۇن تەڭرىقۇتنىڭ ئايالى ئىككى قىز تۇغقان ، بۇ قىزلار تولىمۇ چىرايلىق. ئۇ رايوندىكى كىشىلەر قىزلارنى پەرى دەپ ئاتايدۇ. ھون تەڭرىقۇتى: بۇ قىزلىرىنىڭ بۇ ئىنسانلارلا توي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار تەڭرى بىلەن توي قىلسۇن دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ، تەڭرىقۇت ھون دىيارىنىڭ شىمالىدا كىشىلەردىن يىراق بىر يەرگە ئېگىز بىر قەلئە ياسىتىپ ، قىزلىرىنى قەلئەگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. قىزلىرىنى تەڭرىنىڭ كىلىپ ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن ، قىزلارنىڭ ئاپىسى قىزلىرىنى كۆرمەكچى بولغاندا ، تەڭرىقۇت: «بۇ مۇمكىن ئەمەس ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلدى» دەيدۇ. يەنە بىر يىلدىن كېيىن ، بىر قىرى بۆرە پەيدا بولۇپ ، قەلئە ئەتراپىدا كېچە-كۈندۈز ھۇۋلايدۇ. بۆرە قەلئەنى ئويۇپ ، ئۆزىگە بىر ئۇۋا ياسايدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ كىتىۋىرىدۇ لىكىن بۆرە ھەرگىز ئايرىلمايدۇ. بىر كۈنى كىچىك قىز ئاچىسىغا: «دادام مېنى بۇ قەلئەگە ئورۇنلاشتۇرغاندا ، ئۇ مېنىڭ تەڭرى بىلەن توي قىلىشىمنى ئارزۇ قىلاتتى. ھازىر بۇ بۆرە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئىلاھى مەخلۇق ياكى پەرىشتە» دەيدۇ ، ۋە قەلئەدىن چىقىپ بۆرە بىلەن بىرلەشمەكچى بولىدۇ. سىڭلىسىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ئاچىسى بەك قورقۇپ سىڭلىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە سىنڭ بۇ ھايۋان بىلەن بىرلىشىشىڭ ئەجدادلىرىمىز ۋە ئاتا-ئانىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت ، دەيدۇ. سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ ، ئۇ قەلئەدىن چىقىپ بۆرە بىلەن بىرلىشىدۇ ۋە بۆرىدىن بالىسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپ بىر دۆلەت قۇرىدۇ (راخمان ، 1986: 90-92 ؛ Öger ، 2008: 528).

ئوخشىشىپ كىتىدىغان يەنە بىر رىۋايەت مۇنداق: قەدىمكى ھۇن ھۆكۈمرانلىرىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىككى قىزى بار ئىدى. بۇ قىزلار بەك چىرايلىق بولۇپ ، ئۇلار پەقەت تەڭرىنىڭ ئايالى بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ئىدى. قىزلارنىڭ دادىسى بولغان ھۇن ھۆكۈمدارى مۇنداق قىلدى: قىزلىرىنى كىشىلەردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، يۇرتنىڭ شىمالىدا ناھايىتى ئېگىز چېدىر ياساپ ، قىزلىرىنى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ھۆكۈمدارنىڭ قىزلىرى بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن دۇئا قىلىنىپ چاقىرىلغان تەڭرى ئاخىرى بىر كۆك بۆرە شەكلىگە كىردى. كۆك بۆرە بۇ قىزلار بىلەن توي قىلدى. توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر بۇلاردىن تۇغۇلدى. توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى كۆپەيدى (Bilge ، 2008: 48-49 ؛ Öger ، 2008: 528).

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئېتىقاد سىستېمىسىدا كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنگەن بۆرە سىمۋوللۇقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بەزى ئادەتلەردىمۇ بايقالغان. ھەقىقەتەنمۇ ، ئۇيغۇرلار «تەلەي ئېلىپ كېلىدۇ ، بالايى قازادىن ساقلايدۇ» دېگەن چۈشەنچە بىلەن بۆرىنىڭ ئوشۇق سۆڭىكىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ ، ھەتتا ئۇنى تۇمار قىلىپ بويۇنلىرىغا تاقايدۇ ۋە «قارا باسمىسۇن» دەپ بۆرىنىڭ سۆڭىكىنى بالىلارنىڭ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا قويىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 164). دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئادەت بولسا ، يېڭى تۇغۇلغان بالا بۆرە تېرىسىگە ياتقۇزىلىدۇ (راخمان ، 1996: 139). بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جىنسىنى سوراشقىمۇ «بۆرە» ئوبرازى ئىشلىتىلىدۇ. يەنى: بوۋاقنىڭ جىنسىنى بىلمەكچى بولغان دادا «بۆرىمۇ ياكى تۈلكىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. دەپ سورىدى. ئەگەر بوۋاقنىڭ جىنسى ئوغۇل بولسا بورە دېيىلىدۇ ، قىز بولسا تۈلكە دېيىلىدۇ (Öger, 2012: 1693).

2.2. يولۋاس-شىر

گەرچە شىر ياكى يولۋاسنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا « نەسەپ ئەجدادى » دەپ قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «تونا» (يولۋاس تىپىدىكى بىر ھايۋان) دەپ ئاتىلىدىغان ھايۋاننىڭ «فامىلى» ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلار مەۈجۇت (DLT III: 368).

ئۇيغۇرلار «تونا» نى پىلنى ئۆلتۈرگەن دېگەن ئاساستا مۇقەددەس دەپ قارىغان. شۇنداقلا ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «تونا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەبىلىنىڭ بارلىقىنىڭ بىلىنىشى بۇ توتېمنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆز قارىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، يەن شېنمىن: «ئۇيغۇر بىرلىكىدىكى تونا قەبىلىسىنىڭ بۇ ھايۋاننىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ، تونا قەبىلىسىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ يولۋاسنى ئۇلارنىڭ توتېمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس » دېگەن بايانلار بۇ كۆز قاراشىنى قوللايدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 165).

شىرنىڭ «ئەجداد» ۋە نەسەب سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى دەدە قورقۇت كىتابىنىڭ «باساتنىڭ يەكچەشمىنى ئۆلتۈرۈشى» بابىدا ئۇچرايدۇ: ئوغۇزلار تۇيۇقسىز دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ۋە كىشىلەر ۋەيران بولۇپ يۇرتىنى تاشلاپ قاچقاندا ئارۇزنىڭ ئوغلى غايىب بولىدۇ. ئۇلار دۈشمەننى يوقىتىپ يۇرتىغا قايتقاندا ، ئانا شىرنىڭ يۈتۈپ كەتكەن بالىنى بىقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇلار بالىغا باسات دەپ ئىسىم قويىدۇ … ئاندىن باسات چوڭ بولىدۇ ، قەبىلىسىگە ئاپەت ئېلىپ كەلگەن يەكچەشمىنى ئۆلتۈرۈپ خەلقىنى خۇشال قىلىدۇ (Ergin ، 2011: 15-17). بۇ رىۋايەتتە شۇ نوقتا ئېنىقكى ، ئانا شىر بىقىپ چوڭ قىلغان باسات كېيىنچە تەڭداشسىز كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە قەھرىمانغا ئايلىنىپ ، پۈتكۈل خەلقنى قوغدايدۇ. ئانا شىرنىڭ ھىمايىسى باساتنىڭ تەڭداشسىز بىر قەھرىمانغا ئايلىنىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل.

تارىختا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «شىرخان» ۋە «ئاسلانخان» دېگەن ناملار بىلەن تونۇلغان خاقانلارنىڭ ئىسملىرى نەسەپ ئەجدادى تەسەۋۋۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ (Bilge، 2008: 52).

ھازىرقى قۇمۇل ۋە لوپنۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ ئەقىدىنىڭ ئىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شىر ئۇسسۇلى » 2 تىپىلىدۇ.

2.3. ئېيىق

«باتۇر ئېلى قۇربان» ناملىق رىۋايەتتە «ئېيىق» نىڭ نەسەپ سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەنلىكى بايقالدى. رىۋايەت دېيىلىشىچە بىر ئانىنىڭ مەلىكە ئىسىملىك ​​بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى ، ئانىسى قىزىنى ئېلىپ ئوتۇن كېسىش ئۈچۈن تاغقا چىقىدىكەن. ئۇلار ماتروسنىڭ ياردىمىدە پاراخوتقا چىقىپ دەريادىن ئۆتۈپ قويۇق ئورمانغا كىلىدىكەن. بۇ يەر قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ ، ياۋايى ھايۋانلار بۇ يەردە ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئىككەيلەن تاغقا چىقىۋاتقاندا ، ئاپىسى ئالدىدا مېڭىپ كىتىپتۇ، مەلىكە ھاجەت قىلىش ئۈچۈن ئارقىدا قاپتۇ. ئاپىسى تاغنىڭ ئېتىكىگە كەلگەندە ، ئولتۇرۇپ قىزىنى ساقلاپتۇ ئەمما قىزى كەلمەپتۇ. ئانىسى  كەينىگە قايتىپ كەپتۇ لىكىن قىزىنى ھېچبىر يەردىن تاپالماپتۇ. تېخىمۇ ساقلاشقا جۈرئەت قىلالماي ، پاراخوتقا چىقىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئانا كېچىچە توختىماي يىغلاپتۇ. ئەسلىدە، مەلىكە ئېھتىياجىنى كۆرۈپ ، ئاپىسى ئۇنى ساقلاۋاتقاندا ، بىر ئاق ئېيىق تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ جىمجىت ھالدا قىزنىڭ بوينىنى چىشلەپ قىزنى تاغقا ئېلىپ كىتىدىكەن. ئېيىق نۇرغۇن تاغ ۋە نۇرغۇن دەريالاردىن ئۆتۈپ ، مەلىكنى چوڭقۇر بىر ئۆڭكۈرگە سولاپ قويۇپتۇ. مەلىكە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆڭكۈرنى ئاچماقچى بوپتۇ ئەمما ئۇ تاشنى قىمىرلىتالماپتۇ. بوشلۇقتىن قارىسا ، پەقەت بىر تىك قىيا تاش كۆرۈنۈپ ، باشقا يەر كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ ئانىسىنى سېغىنىپتۇ ، پۇرسەت تېپىپ بۇ يەردىن چىقىشنى ئويلاپتۇ ، بەك قايغۇرپتۇ ۋە يىغلاپتۇ. بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ تاشقا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ، ئۇ يېنىدىكى ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، يېنىدا ئاق ئېيىقنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئېيىق ياۋا مېۋىلەرنى قىزنىڭ ئاغزىغا ساپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، مەلىكە تاغدىكى ئۆڭكۈردە ياۋا ھايۋانلاردەك ياشاشقا باشلاپتۇ. ئاق ئېيىق ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ ئۆچكە ، بۇقا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئېلىپ كېلىپ بۇ قىزنى بېقىپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن ، بۇ قىز بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ ، ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى ئانىسىنىڭكىگە ئوخشايتتى ، ئەمما ئۇنىڭ بەدىنىدە سېرىق تۈك بار ئىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا «ئېلى قۇربان» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئېلى قۇربان چوڭ بولغاندا دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىپ ، ئانىسىدىن سوراش ئارقىلىق ئەھۋالنى بىلىپتۇ. بىر پۇرسەت تېپىپ دادىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئانىسىنى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كەپتۇ ، ئاندىن ئېلى قۇربان ئۇ يەردە نۇرغۇن قەھرىمانلىق كۆرسىتىپتۇ ۋە خاقان بولۇپ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 167-168 ؛ Bilge ، 2008: 52-53).

2.4. ئات

ئات ھازىرقىغا ئوخشاشلا قەدىمكى دەۋرلەردىمۇ تۈرك دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئايرىلماس دوستى ۋە كۆك تەڭرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ، ئات بىلەن ئاسمان ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى ئېنىق. (Roux, 2011: 35). بۇنىڭدىن باشقا ، ساكارلار دەۋرىدە ئاتنىڭ كاتتا مۇراسىملاردا قۇربانلىق قىلىنىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ «ئەڭ تېز يۈگۈرەيدىغان» ۋە «قۇياش بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان» بولىشى ئىدى. ئۇيغۇرلار ئىچىدە «ئاق ئات» ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھايۋان دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئاق رەڭلىك ھەربىي قىسىملارنىڭ ھەربىي ھۇجۇملاردا سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ ، ئۇيغۇر رىۋايەتلىرىدە ئاق ئاتقا «جەڭ ئىلاھى» نىڭ مىنگەنلىكى رىۋايەت قېلىنلغان (راخمان ، 1996: 464).

ھازا راسىپ (مىڭ ئات) رىۋايىتىدە ئاتنىڭ ئىلاھىي ئالاھىدىلىكى تەسۋىرلەنگەن: دېھقانچىلىق رايونىدا مىڭ (دانە) ئۇچىدىغان ئات بار ئىكەن. بۇ ئۇچىدىغان ئاتلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ، ئۇلار سۇ ئىچىدىغان بۇلاققا مەست قىلغۇچى دورا قويۇلۇپتۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا بۇ يەرگە ئۇچۇپ كەلگەن ئاتلار تۇتۇلغان ئىكەن. ئىنسانلار ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى سۇندۇرۇپ ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان ئىكەن. شۇڭلاشقا ، تىلغا ئېلىنغان بۇ يەرنىڭ ئىسمى «ھازا راسىپ» (مىڭ ئات) بولغان ئىكەن (راخمان ، 1986: 40).

يەنە بىر كۆرۈنەرلىك نۇقتا شۇكى ، بايكال كۆلى ئەتراپىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىدە ئات تەسۋىرى كۆپ قوللىنىلغان (راخمان ، 1996: 139). بۇنىڭدىن باشقا ، ئارخولوگىيەلىك قېزىشلاردا قېزىۋېلىنغان ماتېرىياللاردا ، بىردىن ئارتۇق قەبرىدىن قوراللىق ئات جەسەتلىرى تېپىلغان (ئابدۇرېھىم ، 2006: 122)

ئورخون ئابىدىلىرىنىڭ «كۈلتىگىن مەڭگۈ تاش» تا ، كۈلتىگىننىڭ بايىرقۇنىڭ ئاق ئېتىغا مىنىپ ئۇرۇشقا قاتناشقاندا غەلىبە قىلغانلىقى ئېيتىلغان (ئېرگىن ، 2005: 21-23)

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رىۋايەت ۋە ئادەتلەردىكى «ئات» ئۇقۇمىغا قارايدىغان بولساق ، ئاتنىڭ ئىلاھلىق سۈپىتى سەۋەبىدىن مۇقەددەس قىلىنغانلىقى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك مۇساپىسىدە ئۇنىڭ ئىگىسىنى يېتەكلەيدۇ دېگەن ئەقىدە كۆرۈلىدۇ.

2.5. بۇقا

ئىسلامدىن ئىلگىرىكى تۈرك جەمئىيەتلىرىدە « نەسەپ ئەجدادى » سىمۋولى بۇقا ياكى ئىنەك بولۇپ ، ئىسلام دىنىدىن كېيىنمۇ بۇقا ۋە ئۇي ھەر خىل دەۋرلەردە قەيسەرلىك ، باتۇرلۇق ۋە كۈچنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە ، قەدىمكى تۈركلەر ۋە باشقا سەھرا خەلقلىرى ئارىسىدا ساۋۇت ۋە قورال كەشىپ قىلغان دەپ قارالغان Ch’ih-yo ئىسىملىك ​​قەھرىماننىڭ بېشى يولۋاس ، ئەجدىھا ۋە ياۋا بۇقىغا ئوخشايدىغان ماسكا سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ دەۋردە ، ياۋا كالا ياكى قوتاز دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇقلۇق بۇغا قۇيرۇقىنىڭ تۇغ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان، بۇ دەۋردە تۇغ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى ئىدى. ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىدىن ئېلىنغان بۇ تۇغلار چۇلاردا (Chou) بولۇش بىلەن بىرگە كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ (Çoruhlu ، 2014: 134-135).

يەنە كېلىپ ، ئوغۇزخان داستانىدىكى كالا ، بۇقا ۋە ئاتلارنىڭ تەسۋىرىنى مەنىسىز رەسىم دەپ ئويلاش مۇمكىن ئەمەس. ئوغۇزخان تەسۋىرلەنگەندە ، ئۇنىڭ پۇتى بۇقانىڭ پۇتىغا ئوخشىتىلغان. ئەمەلىيەتتە ، Roux ئوغۇزخاننى «ياش بىر بۇقا» بىگى دەپ تەسۋىرلەيدۇ: «… ئۇ ياش بىر بۇقا بىگىدۇر. قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇ ئوخشىمىغان ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇقىنىڭ پۇتى ، بۆرىنىڭ ساغرىسى ، سامۇرنىڭ مۆرىسى ، ئېيىقنىڭ كۆكرىكى ۋە پۈتۈن بەدىنى تۈك بىلەن قاپلانغان. شۇڭلاشقا ، ئۇ بىر گېمافرودىد مەخلۇق بولۇپ ، بەلكىم ئوخشىمىغان ئەجدادلارنىڭ توتېم تەسۋىرى بولۇشى مۇمكىن »(2011: 102).

«يەرشارى ۋە ئىلاھىي بۇقا (كالا)» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر رىۋايىتىدە ، تۈرك مەدەنىيىتىدىكى كۈچنىڭ ئوبرازى بولغان بۇقىغا تەڭرى تەرىپىدىن يەر شارىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى بىرىلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ: « يەر يۈزى يارىتىلغاندا ، ئاسماندىكى ئايال ئىلاھ ھاۋانى ، چاڭ-توزان ۋە ئىس-تۈتەكنى سۈمۈرگەندىن كېيىن تۈكۈرۈپتۇ ، ئېغىزىدىن چوڭ بىر شار يۇمۇلۇنۇپ چۈشۈپتۇ. ئۇ يەر شارى. ئايال تەڭرى يەر شارىنى تۈكۈرگەندىن كېيىن (شارى) ئاسماندىن چۈشۈپ كىتىپتۇ ، چۈنكى ئۇ بەك ئېغىر ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھايىتى تېز تۆۋەنلەپ ئاسماندىن ئۇزاقلىشىپ كىتىپتۇ. ئايال تەڭرى يەر شارى يىراقلاپ كەتكەنلىكتىن ئۇنى تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەپ يەر شارىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئويلاپتۇ. ئۇ بۇقىنى مۈڭگۈزى بىلەن يەر شارىنى كۆتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ ۋە يەرشارىنىڭ توختىماي ئۇزاقلىشىشى ۋە تۆۋەنلىشىنى توختىتىپتۇ. ئايال تەڭرى يەنە ئاسماندىن بىر چوڭ تاشپاقىنى چۈشۈرۈپتۇ ۋە نەپەس ئالغاندا چىققان ھاۋادىن ھاسىل بولغان سۇ ئۈستىدە تۇرۇپ بۇقىنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىپتۇ. بۇقا يەر شارىنى بىر مۈڭگۈزى بىلەن كۆتۈرىدىكەن ، ئەمما مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەر شارىنى كۆتۈرۈشتىن چارچاپ ئۇنى بىر مۈڭگۈزىدىن يەنە بىر مۈڭگۈزىگە ئالماشتۇرىدىكەن. ھەر قېتىم ئالماشقاندا يەر تەۋرەپ كىتىدىكەن » (ئابدۇرېھىم ، 2006: 124).

بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ رىۋايەتنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دەرۋەقە ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەر ئاستىدا تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر كۆك ئىنەك دۇنيانى توشۇيدۇ دېگەن رىۋايەت بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئىنەك بىر مۈڭگۈزى چارچىغاندا يەرشارىنى يەنە بىر مۈڭگۈزىگە ئىتتىرىدىكەن ، ئىنەكنىڭ بۇ ھەرىكىتى جەريانىدا يەر قاتتىق تەۋرىنىدىكەن ، كالا ھەر يەتتە يىلدا بۇ ھەرىكەتنى تەكرارلايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، بۇقا تېرىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «تۇمار» دەپ قارىلىدۇ. ئەنئەنە بويىچە سېھىر قىلىنىش ياكى كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن موللا تەرىپىدىن ياسالغان ۋە ئىچىدە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بولغان تۇمار بۇقا تېرىسىگە ئورىلىشى كېرەك (ئابدۇرېھىم ، 2006: 125 ، 294).  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان يەنە بىر خەلق ئىتىقادى شۇكى ، ئەگەر بىر ئادەم چۈشىدە بۇقىنى كۆرسە  بالادىن قۇتۇلىدۇ (راخمان ، 1996: 149).

2.6. تۆگە

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تۆگە ھەققىدىكى ئېتىقادنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلامدىن كېيىن شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە بىر قىسىم خەلق ئېتىقادى ۋە مۇراسىملىرىدا ئورۇن ئالغان.

ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۆگە يۇڭى قارا باسمايدۇ ، قەست (يامان سېھىر) ئۆتمەيدۇ ، بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ دېگەن چۈشەنچە بىلەن تۇمار سۈپىتىدە كارىۋاتقا قويۇلىدۇ. ئۇلار يەنە تۆگە يۇڭىدىن تۇمار ياساپ بويۇنلىرىغا ئىسىۋالىدۇ ، بولۇپمۇ بالىلارنى قوغدايدۇ دېگەن قاراش بىلەن ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويىدۇ. تۆگە يۇڭىدىن كىيىم توقۇپ كىيگەندە ، يامان روھلار بەدەنگە كېسەللىك ئېلىپ كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلاش يەنە بىر خەلق ئېتىقادىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا تۆگىدە جىبرائىلنىڭ ئوبرازى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن (ئابدۇرېھىم ، 2006: 126) ؛ سېمىز تۆگىگە مىنىپ چۈش كۆرگەن كىشىنىڭ تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ ؛ ئەگەر ھامىلدار ئايال تۆگە گۆشى يېسە ، تۇغۇتى كېچىكىدۇ دېگەندەك ئېتىقادلارمۇ بار (راخمان ، 1996: 97 ، 149). كىشىلەرنىڭ تۆگە ھەققىدىكى ئېتىقادىنىڭ ئىزىنى ئېنىق بايقىغىلى بولىدىغان تۆگە ئۇسسۇلى3 ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپلىرىدە دائىم ئوينىلىدۇ.

2.7. قوي-ئۆچكە

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قويلارنىڭ ئىلاھىي ئوبرازى ۋە قويلارنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ئاز بولسىمۇ ، «ئوغۇزنامە» دە ئوغۇزخاننىڭ قۇرۇلتايدا قىرىق غۇلاچ كىلىدىغان ئىككى تاغنىڭ ئۈستىگە ئاق ۋە قارا قويلارنى ئايرىم باغلاتقۇزغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ (Bang  ۋە  Rahmeti، 1936: 32). قويلار قەدىمكى تۈركلەرنىڭ قۇربانلىق مۇراسىمىدا مۇھىم ئورنى بار بولۇپ ، Roux نىڭ ئەسىرىدىكى رىۋايەتتە تۆۋەندىكى بايانلار كىرگۈزۈلگەن: «تۈركلەر بولسا كۆك تەڭرىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يىغىلاتتى… ئۇلار نۇرغۇن قوي ۋە ئاتلارنى بوغۇزلايتتى. بۇ مۇراسىم بىر تاغدا ، ئەمما كۆپىنچە تامىر دەرياسى بويىدا ئۆتكۈزۈلەتتى »( Roux ، 2011: 88).

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر شامانلارنىڭ پېرىخونلۇق پائالىيەتلەردە قوي ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. يەنى ، شامانلارنىڭ داۋالايدىغان پېرىخونلۇقىدا «ئاق جان» (ئاق قوي) ، «قارا جان » (قارا قوي) نامى بىلەن ئوقۇش تولىمۇ مۇھىم. شۇڭا ، شامانلار بىمارغا ئاق ياكى قارا قوينىڭ (تەمسىل سۈپىتىدە) كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر ئەقىدە يايلاق-قىشلاق شەكلىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرۈلىدۇ. ئەقىدىگە كۆرە ، ھامىلىدار ئايال تۇغۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ، ئېرى قوي سويۇپ ، بويۇن سۆڭىكىنى پۈتۈن پاچاق بىلەن بىللە پىشۇرۇپ ، پاكىز تازىلاپ ئۆينىڭ تېمىغا تىك شەكىلدە قويۇپ قويۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن، يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ بوينى تېز تۇتىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ ، ئەگەر بويۇن سۆڭىكى تامغا يانتو قويۇلسا ، بالىنىڭ بوينى ئەگرى بوپ قالىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 127). شۇنداقلا ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چۈشىدە بىر توپ قوينى كۆرۈش ئادەمنىڭ باي بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر (راخمان ، 1996: 149).

ئۇيغۇرلار ئىچىدە جىنلارنىڭ كىشىلەرگە كەچتە ئاق ئۆچكە سۈپىتىدە كۆرۈنىدىغانلىقى ، ئۇلارنى كۆرگەن كىشىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقى ياكى ساراڭ بوپ قالىدىغانلىقىغا دائىر ئېتىقاد بار. يەنە كېلىپ ، ئۆچكە گۆشىنى بەك كۆپ يېگەندە ، كىشىلەر «ئىسىرى»5 (مەلۇم خىل پىسخىكىلىق قالايمىقانچىلىق) بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 127).

2.8. ئىت

ئىت گەرچە ئىسلامدا بولۇپمۇ شافىئىيلار ئارىسىدا ناپاك ھايۋان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ ، تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ كونا مەدەنىيەت ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ ، رىۋايەتلەردە « تۆۋەن تەبىقە» سۈپىتىدە ئىتقا ھۆرمەت بىلەن قارىغان (Caferoğlu ، 1961: 1).

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئىت توغرىسىدا «باراك» سۆزى بار بولۇپ، «بەك تۈكلۈك ئىت. تۈركلەرنىڭ ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا ، كەركەس قۇش قېرىغاندا ئىككى تۇخۇم تۇغىدىكەن. ئاندىن تۇخۇملارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدىكەن ۋە تۇخۇمنىڭ بىرىدىن باراك چىقىدىكەن. بۇ ئىتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بەك يۈگۈرەيدىغىنى ۋە ئەڭ ياخشى ئوۋ ئوۋلايدىغىنى بولىدىكەن. يەنە بىر تۇخۇمدىن بىر بالىسى چىقىدىكەن ، ۋە بۇ ئەڭ ئاخىرقى بالىسى بولىدىكەن» شەكىلدە بىر رىۋايەتكە يەر بىرىلگەن (DLT I: 377).

ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىت ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:

رىۋايەتتە دېيىلىشىچە ئادەم ۋە بۇغداي ئىلگىرى جەننەتتىن قوغلانغان ئىكەن. ئەڭ ئالدىدا ئاسماندىن يەرگە چۈشكەن بۇغداي باشىقى ئۇرۇقلانغان ئىكەن. بىر كۈنى ، بىر موماي نەۋرىسىنىڭ تاھارەتنى نان بىلەن سۈرتۈپ ، ناننى تاشلىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ، بۇغداي ئاللاھقا: «ئى ئاللاھ! سەن مېنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ. قۇللىرىڭ مېنى ئاياق ئاستى قىلىشقا باشلىدى. مەن بۇنداق خورلۇققا چىدىمايمەن » دەپ پەريات قىپتۇ.

بۇغداينىڭ پەريادىنى ئاڭلىغان خۇدا پەرىشتىلەرگە: «سىلەر دەرھال يەر يۈزىگە چۈشۈپ ، بۇغدايلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئاسمانغا ئېلىپ كېلىڭلار». – دەپ بۇيرۇپتۇ. پەرىشتىلەر يەر يۈزىدىكى بۇغدايلارنى يىغىپ نۆۋەت بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بۇغدايغا كەلگەندە ، ئىت بۇنى ھېس قىلىپ ئاللاھقا تۆۋەندىكىدەك دۇئا قىپتۇ: «قۇدرەتلىك ئاللاھ ، قالغان بۇغداينى ماڭا قالدۇرغىن. ئەگەر بارلىق يېمەكلىكلەرنى (يەر يۈزىدىن) يىغىۋالساڭ مەن نېمە يەيمەن؟ ». ئىتنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغان ئاللاھنىڭ يۈرىكى يۇمشاپ پەرىشتىلەرگە: «تەلەپ قىلغان (بۇغداي) نى ئىتقا قويۇپ قويۇڭلار » دەپ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپتۇ. ھازىر بىز يەۋەتقان بۇغداي ئەسلىدە خۇدا ئىتقا قالدۇرغان ئوزۇقلۇق ئىكەن (ئابدۇرېھىم ، 2006: 128). يۇقارقى رىۋايەتتىكى ئېتىقاد تەسەۋۋۇرىغا قارايدىغان بولساق ، ئىسلامنىڭ تەسىرىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. رىۋايەتتە ، ئىت ئىنسانىيەتنىڭ ياردەمچىسى ۋە نىجاتكارلىق بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان.

ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خەلق ئېتىقادى ۋە ئادەتلەرگە قارايدىغان بولساق ، ئىتنىڭ ئاق كۆڭۈل ۋە قوغدىغۇچى بۇرچى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندە (ئېلىۋېتىلگەندە) ، ئانىلار ئۇنى ناننىڭ ئارىسىغا قويۇپ ئىتقا بېرىدۇ ۋە ئىتتىن تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە يېڭى چىش تەلەپ قىلىدۇ:

چۈشكەن چىشنى ئۆزۈڭ ئال،

شۇنچىلىك چىش ماڭا بەر.

يەنە بىر ئادەت بولسا ، رەختنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان ئىت پوقىنى بىلەيزۈك ياكى تۇمار ئورنىدا بالىلارغا تاقاپ قويۇش ياكى ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە تىكىپ قويۇش. شۇنداق قىلغاندا ، بالىغا كۆز تەگمەيدۇ ۋە قارا باسمايدۇ دەپ قارىلىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 129).

2.9. قۇشلار

يىرتقۇچ قۇشلار: ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈركۈت ئائىلىسىگە تەۋە يىرتقۇچ قۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن رىۋايەت ۋە ئادەتلەر بار. يىرتقۇچ قۇشلار تۈرك مەدەنىيىتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ، بىر قىسىم يىرتقۇچ قۇشلار ئوغۇزلارنىڭ توتېمى ماھىيىتىدىدۇر. دەرۋەقە ، كۈن خاننىڭ ئوغۇللىرى قايې ، بايات ، ئالكاۋلى ئاۋۇل ۋە قارا ئاۋۇل ؛ لاچىن ، ئاي خاننىڭ ئوغۇللىرى يازېر ، دۆگەر ، دۇردۇرگا ۋە ياپۇرلې؛ بۈركۈت ، كۆك خاننىڭ بالىلىرى باياندۇر ، بەجەنە چاۋۇلدۇر ۋە چەپنى ؛ شۇڭقار ، تاغ خاننىڭ ئوغۇللىرى سالۇر ، ئەيمۈر ، ئالايۇتلۇ ۋە ئۈرگۈر؛ ئۈچ قۇش توتېملىرى بىلەن سىمۋول قىلىنغان (توگان ، 1982: 50-52).

قەدىمكى دەۋردىكى قېيا تاش رەسىملىرىدە ، قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار ئىچىدە ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر شامانلىرىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا قارچىغا ۋە لاچىن قاتارلىق قۇشلار مۇقەددەس ئوبرازلاردۇر. مەسىلەن ، ئالتاي رايونىدىكى كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ تانبالى (تامچە تاش) ئۆڭكۈرىدە سىزىلغان رەسىملەردە ، بېشىغا پەي تاقىغان ۋە قالپاق كەيگەن ، پېشانىسىدە قىسقا سىزىقلار بولغان ئىنسان تەسۋىرلىرى تىپىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ، تۈمەن دەرياسى قىرغىقىدىكى كونا قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ئايالنىڭ بىشىغا ئۇچلۇق كىگىز قالپاق كىيگۈزۈلگەن بولۇپ ، قالپاقنىڭ يان تەرىپىگە قۇش پەيلىرى قىستۇرۇلغان (Hoca ، 1995: 12 ، 47). ئەمەلىيەتتە ، باش كىيىمىگە چاپلانغان قۇش پەيلىرى شۇ نەسەبنىڭ سىمۋولى.

ئۇيغۇر شامانلىرى روھ كۆچۈرۈش ۋە پىر ئوينىتىش قاتارلىق پېرىخونلۇق پائالىيەتلىرىدە بىمارنىڭ ئاغرىغان قىسمىغا لاچىن ياكى قارچىغانىڭ پەيلىرىنى سۈركىگەندە ئادەم بەدىنىدىن يامان روھ چىقىپ كىتىدۇ دەپ قارايدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 176).

ئاققۇ: ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھېكايە ۋە رىۋايەتلەردە سىمۋوللۇق قىممەتكە ئىگە يەنە بىر ئوبراز «ئاققۇ». مەسىلەن ، «نىشدۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» ناملىق رىۋايەتتە: «… نىشىدۇنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ ، تۆت ئوغلى تۇغۇلغان ، بىر ئوغلى ئاققۇغا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كەتكەن» (راخمان ، 1996: 140 ؛ ئابدۇرېھىم 2006: 177).

توخۇ: ئوغۇزنامەدىكى بەزى چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ سىمۋوللۇق تەسەۋۋۇرى بىرلەشتۈرۈلگەندە ، توخۇنى «نەسەپ ئەجدادى» دەپ قوبۇل قىلىدىغان نەسەبلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئويلاش مۇمكىن. مەسىلەن ، «ئوغۇزنامەدە»… « قىرىق غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى دەرەخلەر تىكىلدى. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن ۋە بىر كۈمۈش توخۇ ئېسىلدى… » دېگەندەك چۈشەندۈرۈشلەر مەۈجۇت (Bang ve Rahmeti ، 1936: 31-31). مەلۇم بولغىنىدەك ، «توتېم» دەپ قوبۇل قىلىنغان جىسىملار ئۇ نەسەبنىڭ «سىمۋولى» ۋە «ئىسمى» بولۇپ ، نەسەپ ياكى قەبىلە ئارىسىدىكى چوڭ يىغىلىشلاردا ھەر بىر نەسەپ ياكى قەبىلە توتېم جىسىملىرىنى ئېگىز جايلارغا ئېسىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا ، ئوغۇزخاننىڭ قىرىق غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى دەرەخلەرگە ئاستۇرغان ئالتۇن توخۇ ۋە كۈمۈش توخۇنىڭ « نەسەپ ئەجدادى » بولۇشى ئىھتىمالغا يېقىن.

كۆك كەپتەر: ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇقەددەس قارالغان ھايۋانلارنىڭ بىرى كۆك كەپتەر. كەپتەر ھەققىدىكى ئېتىقاد ۋە قائىدە-يوسۇنلار ۋە كەپتەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر «نۇھ توپانى» ، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام، سۇتۇق بۇخراخان ، قۇمات پاششىم قاتارلىق دىنىي ھادىسىلەر ۋە كىشىلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ (Öger and Köse, 2014: 168). كۆك كەپتەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەركەت ۋە تەلەينىڭ سىمۋولى بولۇپ ، بۇ تېمىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: قەدىمكى دەۋرلەردە ، بىرەيلەن بۇغداينى قاچىلارغا قويۇپتۇ ، لىكىن ئۇ بۇغداينى تۈگىتەلمەپتۇ. ئۇ كىشى ھەيران بولۇپ قارىغىنىدا ، قاچىنىڭ ئۇچىغا قونغان بىر كۆك كەپتەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇيغۇرلار بۇ كۆك كەپتەرنى سىمۋول سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ ، بۇغداينى تېرىغاندىن باشلاپ ھوسۇل ئالغۇچە سىمۋول قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ ھېكايىدىكى ئادەت بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا دېيىشكە بولىدۇكى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى يېزىلىرىدا بۇغدايدىن ھوسۇل ئالغۇچە بولغان مەزگىلدە ئېتىزلىقتا كۆك كەپتەر بېقىلىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 150-151).

ئۇيغۇر شامانلار «روھ كۆچۈرۈش» ئادىتىنى ئېلىپ بىرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قولى پۇتى ئاغرىپ كەتكەن بىمارنى داۋالاش جەريانىدا ، بىمارنىڭ ئاغرىغان پۇتىغا كۆك كەپتەرنى ئاق يىپ بىلەن باغلاپ ، يامان روھلارنى قوغلاپ چىقىرىش قەسىدىسىنى ئوقۇيدۇ. ئېتىقاتقا كۆرە ، بۇ قەسىدە ئوقۇلغاندا ، بىمارنىڭ قولى ۋە پۇتىغا كىرگەن يامان روھلار كۆك كەپتەرگە ئۆتىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 150-151). بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقى يەرلىك داۋالاش ئىلىپ بارغاندىمۇ ئوخشاش شەكىلدە كەپتەر قوللىنىدۇ ، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئەھۋاللار ئاجىزلىق ، ئاشقازان كېسەللىكلىرى ۋە رېماتىزمدۇر (راخمان قاتارلىقلار. 1996: 154-156).

قارلىغاچ: قارلىغاچ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ياخشىلىق قۇشى» دەپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ، بۇ چۈشەنچە بىلەن قارلىغاچ قوغدىلىدۇ. قارلىغاچقا زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنىڭ قول-پۇتلىرى تىترەيدۇ ۋە شۇ پىتى قىپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 152). بۇندىن باشقا ، قارلىغاچ ئۇۋىسى بولغان ئۆيگە خۇشاللىق كېلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۆيلەردىكى قارلىغاچ ئۇۋىسىغا زىيان يەتكۈزمەسلىككە دىققەت قىلىنىدۇ (راخمان ، 1996: 142).

2.10. پاقا

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھايۋانلارنىڭ بىرى «پاقا» بولۇپ ، پاقا بالىلارنىڭ «قوغدىغۇچى روھى» دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن ، بالىلارنىڭ بىر يىرى ئاغرىغاندا ، ئىشتىھاسى تۇتۇلغاندا ياكى دائىم يىغلىغاندا ، ئىككى پاقا بالىنىڭ قوينىغا سىلىنىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۆشۈككە ياتقۇزىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ، بالىلارنىڭ كېسەللىكلىرى ، يامان روھلار ۋە جىنلار قوغلىۋىتىلدى دەپ قارىلىدۇ (ئابدۇرېھىم ، 2006: 134).

خۇلاسە

ئورتاق تىل ۋە ئورتاق تۇرمۇش رايونىغا ئىگە شەخسلەرنىڭ ئېتىقاد ئۇقۇمىمۇ ئىجتىمائىي ئەسلىمە بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە ئوخشاش بىر نەسەب ئەزالىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرى ، ئېتىقادى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىدىكى سىمۋوللۇق ئوبرازلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ.

« نەسەپ ئەجدادى » تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە سىمۋول قىلىنغان ھايۋاننى دوراش ، تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆگىنىش ۋە بۇ ھايۋانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەريانىدا ، ئۇ ھايۋاننىڭ خاراكتېرىنى ئالغان «ھايۋانات تەبىئىتى» ئاستا-ئاستا ئۆزى تەۋە بولغان نەسەپ ياكى قەبىلە ئارىسىدا ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئايلانغان. نەتىجىدە ، «ئەجداد» ئۇقۇمى ئەجدادلارنىڭ مىجەزى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئەھۋال نەسەب ئىچىدىكى ئورتاق پسىخولوگىيىلىك قۇرۇلما بىلەن ئوخشاش خاراكتېرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ، مەنىۋى بىرلىكنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېتىقاد ، مۇراسىم ۋە ئادەتلەردىن باشقا ، ئوخشىمىغان ھايۋانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېتىقاد ۋە ئادەتلەرمۇ بار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلار «نەسەپ ئەجدادى» دەپ قوبۇل قىلغان ھايۋانلار كۆپىنچە ياۋايى ۋە كۈچلۈك ھايۋانلاردۇر. رىۋايەتلەردە بۆرە ، يولۋاس ، شىر ۋە ئېيىقتىن تۇغۇلغان ياكى بۇ ھايۋانلار تەرىپىدىن بىقىلغان بالىلار چوڭ بولغاندا ئۆزگىچە قەھرىمانغا ئايلانغانلىقى ، يىرتقۇچ ياۋايى كۈچلەرنى مەغلۇب قىلىپ خەلقىنى كۈچەيتكەنلىكى ، خەلقىنى يېتەكلەپ ۋە قوغدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ، ئۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ئۇقۇمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ چۈشەنچە ياۋايى ۋە كۈچلۈك ھايۋانلاردىن قورقۇش ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىگە تەقلىد قىلىش شەكلىدە ئوتتۇرغا چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تەبىئەتنى كونترول قىلىش ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېتىقادى ۋە ئادىتى ، قائىدە-يوسۇنلىرى ۋە رىۋايەتلىرىدە كۆرۈلگەن ھايۋان سىمۋوللۇقى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئېتىقاد سىستېمىسى ۋە ئىسلام دەۋرىدىكى مۇقەددەسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «ھايۋان سىمۋوللۇقى» نى تەشكىل قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سىمۋوللار سەھرا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يۆتكىلىدۇ ۋە ئۇلار قايسى ئېتىقاد سىستېمىسىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قايتىدىن جانلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uygur Türklerinin Anlatma, İnanç ve Ritüellerinde Hayvan Sembolizmi

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top