You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتايدا يولغا قويۇلغان تىل سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى

خىتايدا يولغا قويۇلغان تىل سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى

گۈلشاھ بۇلۇت [1] (ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئونىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مىھراي ئوسمان

قىسقىچە مەزمۇن: تىل سىياسىتى، بىر سىياسىي ئورگان ئىچىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىغا قارىتا ئىجرا قىلىنغان پىروگراممىلاردۇر. دۆلەتلەر مىللىي كىملىك ​​يارىتىش، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە تىلنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتتا ئىشلىتىلىشىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تىللارغا قارىتا بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىدۇ. مىللىي بىرلىكىنى ساقلىغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورتاق تىلنىڭ ئورنى، ئىشلىتىش رايونى ۋە رايونلىرىنى بەلگىلەيدۇ. دۆلەت ئىجتىمائىي تىل-مەدەنىيەت ساھەسىدە ئورتاق تىلنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ۋە ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تىلنىڭ قوللىنىلىشىنى قوللايدۇ. دۇنيا يەر شارىلىشىشىنىڭ تېزلىشىشى بەزى تىللارنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ نوپۇزلۇق ئورۇنغا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۆلەت باشقۇرۇشتا سىياسىي، ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي كۈچى بولمىغان ۋە نوپۇسى ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى تۆۋەن تىل سىنىپىغا كىرىدۇ. دۆلەتلەر يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايدۇ. لېكىن، سىياسىي ئورگانلار بۇ قانۇنلار بىلەن تىلغا تېخىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ تىلىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۆلۈك تىل بولۇش ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليارد 300 مىليون. 200 گە يېقىن مىللەت ياشايدىغان دۆلەتتىكى خىتايلار نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ماقالىمىزدا، كوممۇنىستىك تۈزۈمىدىكى بۇ دۆلەتتە، خىتايدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن تىل سىياسىتىنىڭ تارىختىن ھازىرغىچە بولغان تارىخى جەريانى كۆرسىتىلىدۇ ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. ئاخىرقى قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە يۈرگۈزگەن تىل سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىتاي، تىل سىياسىتى، ئۇيغۇرلار، مائارىپ، ئىجتىمائىي-مەدەنىي بەلگىلىمىلەر

كىرىش

كىشىلەر دۇنيادىكى ۋەقەلەرنى، مەۋجۇت ياكى ئىشلەپچىقىرىلغان جىسىملارنىڭ ئۇقۇمى ۋە ھېسسىي ھالەتنى ئىپادىلەشتە تىلنى بىر قورال سۈپىتىدە قوللانغان. ئۆز-ئارا ئالاقە ئۈچۈن سۆزلەردىن ياكى سۆزلەردىن ھاسىل بولغان چوڭراق تىل بۆلەكلىرىدىن پايدىلانغان. ئىنسانلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقىلىشى ھەر بىر قوۋمنىڭ تىلىنى باشقا قوۋمنىڭ تىلىدىن پەرقلىق قىلغان. تىللار تەبىئىي شەكىللىنىش جەريانىدا، ئوخشاش ئەھۋال ياكى ئۇقۇمنىڭ ئوخشىمىغان فونېما ۋە شەكىللەر بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇقەررەر بولغان.

دۇنيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارىخىدىن بۈگۈنگە قەدەر، قوۋملار تىلنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تارقىتىشنىڭ قورالى قىلىپ كەلگەن. كوللېكتىپ ھالدا ياشاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تاشقى دۇنيانىڭ خەۋپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلاردا بەزى دۆلەت سىستېمىسىنى ئورناتقان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىشى نەتىجىسىدە، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر ياشايدىغان يەرلەر باشقا بىر قوۋم تەرىپىدىن تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەر خىل تۆۋەن ۋە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بارلىققا كەلگەن. دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تىلى بىلەن باشقۇرۇلغان تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ توقۇنۇشتا، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر دائىم تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ تىلىغا سەل قارىغان ياكى بەزى سىياسەتلەر بىلەن تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىي ئالاقىسىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان. «ھېچقايسىمىز، خۇددى بىز ئىلگىرىكى تارىخىمىزنى پۈتۈنلەي تاشلاپ باشقا بىرىنى ئاسانلا تاللىيالىغاندەك، باشقا بىر تىلنى تاللىيالمايمىز. بىز ئىلگىرىكى بىلىم، تىل ۋە كىملىك ​​ۋە ئۆزگىچە مىراسلىرىمىزنى ھېكايىمىزدىن مۇنداقلا ئۆچۈرۈپ ئاتالمايمىز، داغ كەلتۈرەلمەيمىز. بىز ۋارىسلىق قىلغان نەرسە – مەدەنىيەت، تارىخ، تىل، ئەنئەنە، كىملىك ​​تۇيغۇسى يوق قىلىۋېتىلەلمەيدۇ، ئەمما پارچىلارغا ئايرىلىپ قايتىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ، قايتا يېزىلىدۇ ۋە يېڭى يۆنىلىشكە يۈزلەندۈرىلىدۇ» (چامبەرس، 2014: 43-44). شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دەۋرىمىزدىكى يەر شارىلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، كىملىككە بولغان ئېھتىياج ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوغداشنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئاچقان دەپ ئېيتالايمىز.

ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۆز تىلىنى قوغداش ۋە تارقىتىشى دەپ قارالغان تىل سىياسىتى، سىياسىي ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئۇ تىلنىڭ قانۇنىي ئورنىنى بەلگىلەيدىغان بىر يۈرۈش پىلان لايىھەدۇر. بۇ پىلان لايىھەلەردە ئورتاق تىل بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار بولۇپ، مائارىپ، خەت-ئالاقە، ئاخبارات ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان تىل، ئۇنىڭ ئورنى ۋە قوللىنىلىدىغان رايونلار بېكىتىلگەن بولىدۇ. شۇڭا تىل سىياسىتى تىلنىڭ ئورنى، تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە تىلدا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىل سىياسىتى دۆلەتنىڭ قانۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئاخبارات، مائارىپ قاتارلىق سىستېمىلار بىلەن شەكىللىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى مىللىي كىملىككە قارىشى دىققەتنى پەيدا قىلىدۇ.

تىل پىلانى، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۈچۈن تىل سىياسىتىنىڭ تەلىپى سۈپىتىدە تەدرىجىي ھالدا شەكىللىنىدۇ. تىلنى تەڭشەش دۆلەت ئىچىدىكى تىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ تەشكىللىك ئىزدىنىشى دەپ بېكىتىلگەن ۋە بۇ دائىرىدە ھەر خىل تىل تەڭشەش ئۇسۇللىرى كۆزدە تۇتۇلغان (ئىمەر، 1990:155). بۇ نۇقتىدىن تىل پىلانىنىڭ ئىككى ئۆلچىمى بار. ئىچكى نۇقتىدىن ئالغاندا، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى ئۈچۈن يېزىق سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، تىل قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. لېكىن، تىل مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغاچقا، بۇ مەسىلىنىڭ سىرتقى ئۆلچىمىمۇ بار. يەنى، مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مەسىلىلەرگە ئۆز نۇقتىئىنەزەرىنى چىقىش قىلغان ھالدا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بار.

ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس تىل سىياسىتى بار، دۆلەتلەر بۇ سىياسەتلەرنى يوشۇرۇن ياكى ئېنىق يولغا قويىدۇ. ئېنىق بولغان سىياسەت قانۇن ھۆججەتلىرى، قانۇنلار، رەسمىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلار تەرىپىدىن يولغا قويۇلىدۇ. يېپىق سىياسەتلەردە بولسا، بەزى تىللار قوللاشقا ئېرىشىدۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە خەتەرلىك دەپ قارالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى بولسا ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ سىياسەتلەر ئادەتتە يازما شەكىلدە يولغا قويۇلمىغان ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا دائىم مۇنازىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

خىتايدا يۈرگۈزۈلگەن تىل سىياسىتى

خىتاي خەلق ئاممىسىغا تىل سىياسىتى قوللىنىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون. كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھۆكۈمرانلىق خىتاي مىللىتىنىڭ قولىدا. خىتايلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن% 92 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دۆلەتتە خىتاي مىللىتىدىن باشقا 105 مىليون نوپۇس بار. خىتاينىڭ كۆلىمى 9 مىليون 706 مىڭ 961 كىلومېتىر بولۇپ، بەش ئاپتونوم رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، نىڭشيا، گۇاڭشى قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردۇر.

خىتايدىكى كۆپ ساندىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بار. لېكىن، خۇيزۇلار ۋە مانجۇلارنىڭ تىلى ھازىر ئۆلۈك تىل بولغاچقا، ئۇلار خىتايچىنى ئانا تىل سۈپىتىدە قوللىنىدۇ (ۋاڭ-فىللون، 2009:1).

ماندارىن خىتايچىسى، بېيجىڭ ۋە خىتاينىڭ شىمالىي شېۋىسىنى ئاساس قىلغان ئۆلچەملىك بىر تىلدۇر. باشقا مىللەتلەر 200 گە يېقىن ئوخشىمىغان تىلنى قوللىنىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 30 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ يېزىق تىلى بار. بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە يىگىرمىسىنى 1000 دىن ئاز كىشى قوللىنىدۇ (ۋاڭ-فىللون، 2009:1). بۇنىڭدىن ئېنىق ئېيتالايمىزكى، خىتايدا قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەتەر ئاستىدا.

1956-يىلى، خىتايدا ماندارىن خىتايچىسى (پولىنگۋا) دۆلەت تىلى دەپ بېكىتىلىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كەڭ تارقىتىلىشقا باشلانغان. يەر شارىلىشىش تېزلىشىشى بىلەن خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى، خىتايچىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ۋە مودىلىشىشىغا سەۋەب بولغان.

1. ئىمپېرىيە دەۋرىدە رايوندىكى خەلقلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تىل سىياسىتى

خىتاينىڭ خەلققە يۈرگۈزگەن مەدەنىيەت، تىل ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى قەدىمكى دەۋرلەرگە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە باشلانغان دەپ ئېيتالايمىز. ئۇ دەۋرلەردىمۇ ئوخشىمىغان سەۋەبلەر ۋە ئۇسۇللار بىلەن بەزى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.

خىتاينىڭ ئەڭ قەدىمكى يازما ھۆججەتلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللارغا تۇتىشىدۇ. بۇ يازما ھۆججەتلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوللىنىلغان بەزى سىياسەتلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان. جۇ سۇلالىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1100-256-يىللار ئەتراپىدا بىلىنگەن تۇنجى خىتاي خاندانلىقىدۇر. ئۇ ۋاقىتلاردا، خىتايلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆزلىرى بىلەن ۋەھشىيلەر دەپ ئاتىۋالغان خەلقلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا پەسكەش ۋە ھاقارەتلەيدىغان لەقەملەرنى قويغان. ئۇ ۋاقىتلاردا خىتايدا كۇڭزى ئىدېئولوگىيەسىنى كېڭەيتىش، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى خىتاي ئەمەس ئاز سانلىقلارغا جازا سۈپىتىدە قوللىنىشقا شارائىت ھازىرلىغان. بۇ دەۋرنىڭ ھۆججەتلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 206-يىلدىن مىلادى 220-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاينىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى دېھقانچىلىق ئويمانلىقلىرىدا كۇڭزى تەلىماتلىرىنى خىتاي ئەمەس مىللەتلەرگە تارقىتىش، رايوننىڭ تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇنلارنى قوللىنىش ۋە يەرلىك ئورگانلاردا خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ھەر خىل ئىنستىتۇتلار قۇرۇلغان. خىتاينىڭ شىمالى ۋە غەربى قىسىملىرىنىڭ يەرلىرى شەرقىي ۋە جەنۇب قىسىملىرىدەك مۇنبەت بولمىغاچقا، خىتايلار شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى رايونلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغان. خىتاينىڭ شىمالى ۋە غەربىدە كۆپىنچە كۆچمەن خەلقلەر ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار خاندانلىققا نىسبەتەن تەھدىت ھېسابلىناتتى. شۇڭلاشقا خىتاي سۇلالىسى تارىختىن بۇيان بۇ رايوندىكى خەلقلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان (برۇخن 2008: 2). خاندانلىقنىڭ مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىمپېرىيەنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي رايونلاردىكى خەلقلەرگە تېخىمۇ مۇرەسسە قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەۋەب بولغان.

خىتاينىڭ شەرق ۋە جەنۇبتىكى باستۇرۇش سىياسىتى، شىمال ۋە غەربتە ئېلىپ بېرىلغان مۇرەسسە سىياسىتى رايونلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. دېھقانچىلىق يەرلىرى مۇنبەت بولغان جەنۇبىي ۋە شەرق رايونىدا، خىتايچە دۇنيا قارىشى، مەدەنىيىتى ۋە تىلى تېخىمۇ تېز ۋە ياخشى بىر ھالەتتە تارقالغان. ئەمما، كۆچمەن خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان شىمال ۋە غەرب رايونلىرىدا مۇرەسسە سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. شۇڭا، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ (شەرق ۋە جەنۇب) تارقىلىشى خىتايلارنىڭ بۇ رايوندا تارقىلىشىنى بەلگىلىگەن (برۇخن 2008: 2). شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ سىياسەتلەر تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ ئوخشىمىغان مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلماقتا.

جوۋ سۇلالىسىدىن كېيىن كەلگەن ئالتە سۇلالىلەر دەۋرىدە، خىتايلار جەنۇب ۋە شەرقىي جەنۇبتىن خىتاي نوپۇسى ئاز بولغان شىمالدىكى رايونلارغا كۆچۈشكە باشلىغان. بۇ كۆچمەنلەر شىمالىي رايونلاردا ياشايدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ (برۇخن 2008:2). خىتايلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە خىتايلار كۆپىيىپ، خىتاي تىلى خىتاينىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغىچە تارقالغان. خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن كۆرسىتىدىغان تەسىرى، كۇڭزى تەلىماتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، سۇلالىلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن بۇددىزم ۋە مانىئىزم دىنلىرى بىلەن خەلقلەرنى ئۆز-ئارا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى ۋە بۇ ختايلىشىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن.

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادى 618-907)، خىتايلار غەربتىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇ رايونلاردا خىتايلار يولغا قويغان مۇرەسسە سىياسىتى خىتاي تىلىنىڭ تارقىلىشىغا مەيدان ھازىرلىغان. مەسىلەن: ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەزى ئىمتىھانلارغا قاتناشتۇرۇلغان ۋە بۇ ئىمتىھانلار خىتاي تىلىدا ئېلىنغان (برۇخن 2008:3).

7-8-ئەسىرلەردە، ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتۈكەن رايونىدىن جەنۇبقا تۇرپان ۋە كەڭسۇ رايونىغا كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكتۈركلەردىن پەرقى شۇكى، ئۇلار مانى دىنى ۋە بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارنى قوبۇل قىلغانىدى. بۇنىڭدا، جۇغراپىيە جەھەتتىن ئۇلارغا قوشنا بولغان خىتايلارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەقلىد قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان. مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن دىنىي تېكىستلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئالىملىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.

تاڭ سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتايدا ئۈچ دۆلەت بارلىققا كەلدى. بۇلار، جەنۇبتا خەن قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىنغان سۇڭ سۇلالىسى، شىمالدا قىتان (قارا خىتاي) قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىنغان لياۋ سۇلالىسى، غەربتە تاڭغۇت قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىنغان شىيا دۆلىتى ئىدى. لېكىن، بۇ دۆلەتلەر سۇڭ سۇلالىسى (مىلادى 960-1279) نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتى سەۋەبىدىن بەزى ئىمتىيازلار بېرىلگەن. مەسىلەن؛ ياۋ ۋە مياۋ خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان يەرلەر ئاپتونومىيە دەپ ئېلان قىلىنغان، ئەمما باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا باشلانغان (برۇخن 2008:3).

13-ئەسىردە خىتاي رايونىغا ئېلىپ بېرىلغان موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە پائالىيىتى بىر مەزگىل توختاپ قالغان. موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىقى جەريانىدا، جەمئىيەت 4 دەرىجىگە ئايرىلغان: 1. موڭغۇللار، 2. خىتاي ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، 3. شىماللىق خىتايلار، 4. جەنۇبلۇق خىتايلار. لېكىن، موڭغۇللارنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى قۇبىلاي خاندىن كېيىن ئۇزۇن داۋاملاشمىغان ۋە ھەر خىل ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاخىرلاشقان (ئېبېرخارد، 2007:268).

خىتاينىڭ غەرب-شىمال ۋە شەرق-جەنۇب رايونلىرىغا قوللىنىلغان ئىككى تەرەپلىك سىياسىتى كوممۇنىزمدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى خاندانلىق چىڭ سۇلالىسى (1616-1911) غىچە داۋاملاشقان. چىڭ سۇلالىسىدە، مانجۇ تىلى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي ئورگانلىرىدا رەسمىي خەت-ئالاقە تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مانجۇلارمۇ خىتايلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا باشلىغان. 1800-يىللارنىڭ بېشىدا، ھۆكۈمەت خىتاي رايونىدىكى بارلىق مانجۇ ئورگانلار ۋە ھۆججەتلەرنى چەكلىگەن (برۇخن 2008:3). بۇنىڭ تەسىرىدە، مانجۇلار ئۆز تىلىدىن ۋاز كېچىشكە باشلىغان ۋە مانجۇ تىلىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆلۈك تىلغا ئايلانغان.

2. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (كوممۇنىزم) دەۋرىدە رايون خەلقلىرىگە قوللىنىلغان تىل سىياسىتى

1921-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى. بۇ مەزگىلدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى بىلەن بىرگە، مەخپىي ئارىلىشىشلارمۇ بولغان (دۋيېر 2005: 7). ج ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى ) قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا مىللەت ئۇقۇمى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ سەۋەبتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل مەسىلىسى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بىر مىللەت ئۇقۇمىنى يارىتىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

خىتاينىڭ رايوندىكى باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ئىمپېرىيە دەۋرىدىن بۇيان ھەم مۇرەسسە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە شەكلىدە ئىزچىل داۋام قىلغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كوممۇنىستىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى سىياسىي ئەھۋالى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتتىن زور ئۈمىدلەر كۈتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى يولغا قويۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى لېنىنىزم ۋە ستالىنىزم ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭغا ئاساسەن، جەمئىيەت ئاۋۋال كاپىتالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغان سوتسىيالىزمغا ئۆتىدۇ. كوممۇنىزم بولسا يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشان. بۇ باسقۇچتا جەمئىيەتتىكى بارلىق سىنىپلار ۋە پەرقلىقلەر يوقىتىلىپ، جەمئىيەت بىر-بىرىگە قوشۇلىدۇ. لېكىن، بۇ ئۇزۇن بىر جەريان (بروخن 2008:4). خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى تەشكىل قىلغانلىقتىن، ھۆكۈمەت تىللارنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە قوللىغان. لېكىن، كېيىنكى يىللاردا ئاسسىمىلياتسىيە پائالىيىتى تەدرىجىي يولغا قويۇلۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاكتىپ ئۈنۈملەر يوق قىلىنغان.

كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تىل سىياسىتىنى ئاساسەن ئۈچ باسقۇچ بويىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ:

1) كۆپچىللىك باسقۇچى 1 (1949-1957)

2) خىتاي مونوپوللۇق باسقۇچى (1958-1977)

3) كۆپچىللىك باسقۇچى 2 ( 1978-يىلدىن بۈگۈنگىچە)

(1) كۆپچىللىك باسقۇچى 1 (1949-1957)

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەلىبە خۇشاللىقى بىلەن باشلانغان. ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىياتقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئەركىن مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنلاشقا تىرىشقان. بۇ مەزگىلدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر بەش ئاپتونوم رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇلار، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، نىڭشيا، گۇاڭشى رايونلىرىدۇر. دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئاپتونوم رايون ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رەسمىي ئالاقە ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئانا تىلىنى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 1956-يىلىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلەتكەنلىكى، ماندارىن خىتايچىسىنى پەقەت خىتايلارلا ئىشلىتىدىغان تىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان (ۋاڭ-فىلون 2009:3).

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى تىل سىياسىتى، ئۇزاق مۇساپىلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. بۇ باسقۇچتا يېڭى كونترول سىستېمىسى، جەمئىيەت ۋە ئەڭ مۇھىمى بىر مىللەتلەر بىرلىكىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ھۆكۈمەت بۇ مەزگىلدە بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئوبيېكتىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبى، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى دەپ قارالغانلىقىدىندۇر (دۋيېر 2005: 7). ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىملىكى مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاچقۇچ دەپ قارىلىپ، ئاساسىي قانۇندا ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ھوقۇق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ مەزگىلدە يېزىقسىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. سوتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئېلىنغان، رادىئو پىروگراممىلىرى ئىشلەنگەن، گېزىت ۋە كىتابلار نەشر قىلىنغان. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل تەتقىقاتى باشلانغان، تىل-يېزىش سىستېمىسىدا ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان، تىللارنىڭ گىرامماتىكىلىق كىتابلىرى يېزىلغان (برۇخن 2008:6).

بۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلگەن. بىر كىشىنىڭ ھاكىمىيەتنى مونوپول قىلىشى بىلەن «بۈيۈك سەكرەپ ئالغا ئىلگىرىلەش» 5 يىللىق تەرەققىيات تۈرى مەغلۇپ بولغان (بروخن 2008:6). بۇ مەغلۇبىيەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بۇ بىر مۆتىدىل سىياسەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ۋە بىر دەۋرنىڭ تاقىلىشىنى ئاخىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولغان.

(2) خىتاي مونوپوللۇق باسقۇچى (1958-1977)

1950- يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1960-يىللارنىڭ بېشىدا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى يۈز بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن تىل سىياسىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. بۇ مەزگىلدە، خىتايچە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىمۇ بىردىنبىر ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. قوش تىل مائارىپ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە ۋە سوتسىيالىزمغا قارىشى دەپ قارالغان.

بۈيۈك ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوللىنىلغان مۆتىدىل سىياسەتلەر توختىغان. لېكىن، بۇ مەغلۇبىيەتكە قارىماي، ماۋ زېدوڭ ھېچقانداق كۈچىنى يوقاتمىغان (برۇخن 2008:6).

بۇنداق بىر مۇھىتتا، خىتاينىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مۆتىدىل سىياسىتىنىڭ ئورنىنى زالىم ۋە مۇستەبىتچى سىياسەت ئالغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە تىللارنىڭ بىر چەمبەر ئىچىگە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بەزى ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى چەكلەنگەن، مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ توختىتىلغان.

«خىتاي تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئىملا پىلانى» ناملىق تەتقىقاتتا، خىتاي تىلىنىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا قوللىنىلىدىغان بىردىنبىر تىل بولۇشىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى كۆرەلەيمىز. بۇ تەتقىقاتتا، ماندارىن خىتايچىسىنى لاتىنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ ئېلىپبەسىنىمۇ لاتىنچە خەت سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان. بۇ ئۇسۇللار خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ۋە خىتايچە سۆزلەر ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىغا كىرىشكە باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تىل پەرقىنى خىتايغا نىسبەتەن توسالغۇ دەپ قاراشقا باشلىغان ۋە بۇ پائالىيەتلەرنى بارغانسېرى كۆپەيتكەن. خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ خىتايچىغا بېقىنغان بولۇپ، خىتايچە خىزمەت تېپىش ۋە ئىشلەشتىكى توسالغۇ بولۇپ قالغان (برۇخن 2008: 6). بۇ دەۋردە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. دېمەك، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاينىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تىل توسالغۇسىنى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ قورالى بولۇپ قالغان.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە سىنىپ پەرقىنى تۈگىتىش باھانىسى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى قوللىنىلغان، 1970-يىللاردا بەزى رايونلۇق كېڭەشلەردە ئاساسىي قانۇندىكى ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىنغان ۋە مىللەتچىلىك چەكلەنگەن. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەس كۆرىدىغان سىياسەتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئېزىشكە داۋام قىلىنغان.

(3) كۆپچىللىك باسقۇچى 2 ( 1978-يىلدىن بۈگۈنگىچە)

1970-يىللارنىڭ ئاخىرى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى بىر قەدەر مۆتىدىل سىياسەتلەر دەۋرى بولغان. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1980-يىللارنىڭ بېشى، خىتاينىڭ ئىسلاھاتنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى دەۋرى بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بەزى قانۇنلارنى چىقارغان، 1982-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى ماددىلار ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن. يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بارلىق خەلق باراۋەردۇر… ھەر قانداق بىر مىللەتكە زۇلۇم قىلىش ياكى كەمسىتىش  (قانۇن ئارقىلىق) چەكلىنىدۇ… رايون ئاپتونومىيەسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەمەلىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ رايونلاردا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاپتونومىيەلىك قانۇنلارنى ئىجرا قىلىدۇ. بارلىق مىللىي ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېغىز ۋە يېزىق تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە ئۆز ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ياكى قوغداش ئەركىنلىكى بار »(دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2014: 12).

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى 1984-يىلى يولغا قويۇلغان. بۇ قانۇندىكى 6 ماددا بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە تىلى قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. لېكىن، ماندارىن خىتاي تىلى يەنىلا خىتاي دۆلىتىدە ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئۆگىنىش مەجبۇرىيىتى بار تىل سۈپىتىدە كۈچكە ئىگە قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە، مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 37-ماددىسىدا، ماندارىن خىتاي تىلىنى مائارىپتا ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

37- ماددا: «مەكتەپ (سىنىپ) ۋە باشقا مائارىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلغاندا، تاراتقۇلاردا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەر ۋاقىت ئۆز تىلىنى ئىشلىتەلەيدۇ. خىتايچە پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشقان ئورتاق تىل بولغاچقا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىدىن باشلاپ، خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى خىتايچە خەت نۇسخىسى بىلەن ئۆتۈشكە بولىدۇ» (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2014:13). 

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر بۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىققان. گۇاڭشى، نىڭشيا ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرى بۇ ھەقتە بەزى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، تىبەت رايونىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە زاڭزۇ تىلىنى، ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئېتىبارەن زاڭزۇ تىلىدىن باشقا، ماندارىن خىتايچىنى ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە ئوقۇتۇش قارار قىلىنغان (ۋاڭ-فىليون، 2009: 3-4). لېكىن، بۇ قارارلار ئاساسەن قەغەز يۈزىدە قالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا بولغان سەلبىي تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولمىغان. ماندارىن خىتايچىسى رەسمىي ھالدا مەجبۇرلانمىغان بولسىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قورالى سۈپىتىدە داۋاملىق ئىشلىتىلگەن.

بۇ قانۇن بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشىگە رەسمىي كاپالەتلىك قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەت بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدا ماسلاشماسلىق كۆرۈلگەن. گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشى قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا توسالغۇلارغا ئۇچرىغان. بۇ توسالغۇلارنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار. بىرىنچى، ئاپتونوم رايونلاردىكى نامراتلىق نىسبىتى خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى. نامراتلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئاساسلىق توسالغۇ. 1994-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ ئەڭ نامرات يېرى غەربىي قىسىمى. بۇ، 5 ئاپتونوم رايون، 20 ئاپتونومىيەلىك مەمۇرىي ئورۇن ۋە 49 ئاپتونوم ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، تەخمىنەن %80 ئاز سانلىق مىللەت نامرات ھېسابلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشكە قۇربى يەتمەيدۇ. ئاز ساندىكى ئائىلىلەر بالىلىرىنى شەخسىي مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتەلەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتىنىڭ خىتاي بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، خىتاي بالىلىرىنىڭ ساۋات چىقىرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان (ۋاڭ- فىللىيون 2009:4).

2003-يىلى، دۆلەت مائارىپ تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى چەت رايونلاردىكى مەكتەپلەردە ئاساسىي ئېھتىياجلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. % 37.8 مەكتەپتە ئۈستەل ۋە ئورۇندۇقنىڭ كەمچىللىكى، % 22.3 سىنىپنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، % 32.5 مەكتەپتە ئادەتتىكى ئوقۇش بويۇملىرىنىڭ كەمچىللىكى بايقالغان. بۇنىڭدىن باشقا، رايوندىكى نامراتلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى لاياقەتلىك قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى تېپىشنى قىيىنلاشتۇرغان (ۋاڭ فىليون 2009:4).

1986-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. لېكىن، يەرلىك ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتلەر زۆرۈر ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنى يولغا قويغىلى بولمىغان.

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئائىلىلەر دۆلەت تەمىنلىگەن مائارىپقا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشنى خالىمىغان. مەسىلەن: خىتايلار ئارىسىدا 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ساۋاتسىزلار نىسبىتى %21.5، تىبەتلەرنىڭ بولسا % 69.4. ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە بېرىلگەن دەرسلەر خىتايلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىدە تۈزۈلگەن كىتابلار بىلەن ئۆتۈلىدۇ. دەرس كىتابلىرى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مائارىپنىڭ مەقسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تارىخىدىن يىراقلاشتۇرۇش. شۇڭلاشقا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەربىيە ئالالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لاياقەتسىزلىكى ۋە خىتاي ئىدېئولوگىيەسىنى تارقىتىش سىياسىتىدىن ئائىلىلەر مەمنۇنىيەتسىز. بۇ سەۋەبتىن، ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بالىلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشى ئۈچۈن مەسچىت ياكى موناستىرلارغا ئەۋەتىدۇ. بۇ يەرلەردىكى دەرسلەر مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ماس ھالدا ئۆز تىلى بىلەن ئۆتۈلىدۇ (ۋاڭ- فىللىيون 2009:5).

1996-يىلغا كەلگەندە، خىتايچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلغا ئايلاندۇرۇلغان. 1996-يىلى، خىتايدا دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى يولغا قويۇلغان. بۇ ئىمتىھان 6 ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خىتاي تىلى بىلەن ئېلىنىشقا باشلىغان. لېكىن، قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش ئۈچۈن خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان (ۋاڭ – فىللىيون 2009:6).

خىتاي تىلىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇمىيلىشىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتايلىق بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بىر يول بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بېشىدا خىتايلار بولغاچقا، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايچە ئۆگىنىشنى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قاراشقا مەجبۇر بولغان.

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قۇرۇلغان بىر قىسىم يەرلىك خىتاي ئورگانلىرى، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى ئىشلىتىشنى قالاقلىق، خىتاي تىلىنى بولسا مەدەنىيەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىش زۆرۈر دەپ قارىغان. ئىدارە- ئورگانلار بۇ پوزىتسىيەسى بىلەن ئاساسىي قانۇندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ھۆرمەت قىلىش شەرتىگە خىلاپلىق قىلغان.

بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى، خىتاي تىلىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ بىرىدۇر. خىتايدا 20 ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى قوللىنىدىغانلارنىڭ نوپۇسى 1000 غا يەتمەيدۇ. ھازىر بۇ تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولۇپ، ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايچە پاراڭلىشىدۇ. ياشلار ئۆز رايونىدىن ئايرىلىپ، خىتايلار ياشايدىغان رايونلارغا بېرىپ ئىشلەشنى تاللايدۇ. بۇنداق بولغاندا، كەلگۈسى 50 يىلدا خىتايدا سۆزلىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ سانىنىڭ يېرىمىنىڭ ئازلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۇيغۇرلارگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن تىل سىياسىتى

ئەسىرلەر بويى كەڭسۇ ۋە تۇرپان رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ رايوندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. 1949-يىلى، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايون شەرقىي تۈركىستان خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگەن. 1957-يىلى بۇ رايونغا ئاپتونومىيە سالاھىيىتى بېرىلگەن. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 600 مىڭ. 2010-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىليون 810 مىڭ. بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار رايون نوپۇسىنىڭ% 43 نى تەشكىل قىلىدۇ. خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى نوپۇسلار بىلەن بولغان نىسبىتى% 6 بولغان بولسا، بۇ سان 2010-يىلىغا كەلگەندە % 41 كە يەتكەن (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2014: 6). رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، تىل سىياسىتىنىڭ ئەكس تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 20 يىلدىن كېيىن ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كوممۇنىزمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپ يولغا قويۇلغان. 1959-يىلىدا، ھۆكۈمەت ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدا خىتايچە تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇشىنى مەجبۇرى قىلغان. 1966-يىلى باشلانغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە، قوش تىل مائارىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش تىلى خىتايچە بولغان. ئۇيغۇرلار 1966-يىلغىچە ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەن بولسا، 1966-يىلدىن كېيىن بىر مەزگىل لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللانغان.

ماۋنىڭ ئۆلۈمى ۋە 70-يىللاردا خىتاينىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئاسسىمىلياتسىيە پائالىيىتىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرگەن. گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرى قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي يېتەرسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى رايونلۇق ئاپتونومىيەلىك قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلار پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا قالغان.

«ئاپتونوم رايونلاردىكى مىللەتلەر ئۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىز ۋە يېزىق تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،  ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى قوغداشتا ئەركىن.» (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2014:12).

1990-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە  1991-يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى ۋە بۇ رايوندىكى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان، مۇنبەت تۇپراقلىرى ۋە غەربنىڭ تەھدىتى ئۈچۈن توساق رايون رولىنى ئويناش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ (داغچى ۋە كەسكىن، 2013: 16). خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز كۆچۈش ھەرىكىتى بىلەن رايوننىڭ مىللەت قۇرۇلمىسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بېرىلغان ئوقۇتۇشقا قارايدىغان بولساق، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭلا ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، تەبىئىي پەنلەرنىڭ بولسا خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز (ئەمەت 2008:3). دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مەكتەپلىرى، مىللىي مەكتەپلەر ۋە بىرلەشمە مەكتەپلەر بولۇپ 3 خىل مەكتەپ بار. خىتاي مەكتەپلىرىدە ئاساسلىقى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدۇ، دەرسلەرنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار خىتاي تىلىدا بېرىدۇ. مىللىي مەكتەپلەرگە پەقەت ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىلا تىزىملىتىلىدۇ ۋە ئوقۇتۇش تىلى بەزى پەنلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىلى (مەسىلەن: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) بىلەن، باشقا پەنلەر خىتاي تىلىدا ئۆتىلىدۇ. ئارىلاش مەكتەپلەردە، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە ئوقۇيدۇ. بۇ مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، لاياقەتلىك ئىمتىھانلىرىمۇ خىتاي تىلىدا ئېلىنىدۇ (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2014: 7). بۇنىڭدىن چىقىرىلىدىغان خۇلاسە شۇكى، ئاپتونوم رايونلاردا گەرچە قوش تىللىق مائارىپ تاللاشتەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ رايونلاردا يەككە تىل سىياسىتى يېپىق ھالەتتە يولغا قويۇلغان.

2002-يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى يېڭى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاي تىلى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىلىدۇ. 2002-يىلى 9-ئايدا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتۇش تىلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى خىتاي تىلىدا (ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىرىدىن باشقا) بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىر تىللىق ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن، كونا يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  HSK سىنىقىدىن (خىتاي تىلى ئىقتىدار سىنىقى) چوقۇم ئۆتكەن بولۇشى تەلەپ قىلىندى. بۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ (خىتايچە لاياقەتلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ) خىزمىتىدىن ئايرىلىشىغا ياكى پېنسىيەگە چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 2010-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا ئاز دېگەندە 1000 ئوقۇتقۇچى خىتاي تىلى سىنىقىدا لاياقەتلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن بوشىتىلغان (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2014: 9-10). ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئىقتىدار سىنىقى بولماستىن، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ​​قوش تىل مائارىپىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان.

خىتاي تىلىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردە مەجبۇرى بولۇشى بىلەن بۇ تىل رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن نوپۇزلۇق ھالەتكە كەلگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شىمالىي خىتاي دىئالېكت تىلىدا (ئورتاق تىل) يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىش مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان، بۇ دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن زۆرۈرىيەت بولغان (كاراجا 2007: 234). يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتايلارنىڭ ئىدارە- ئورگانلار ئالاقىسىدا خىتاي تىلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ياشلارنىڭ باشقا خىتاي رايونلىرىغا ئوخشاش خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە سەۋەبچى بولغان.

خۇلاسە

دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان خىتاينىڭ تارىختىن ھازىرغىچە ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن تىل ۋە مەدەنىيەت سىياسىتى ئىجابىي بولماستىن، بەلكى مىللەتلەرنى يوقىتىدىغان ئاساستا داۋام قىلماقتا. تىل خىتايلارنىڭ تارىختىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە قارشى  يۈرگۈزگەن سىياسىتىدىكى ئۈنۈملۈك قورال بولۇپ كەلگەن. دەسلەپتە كۇڭزى دىنىي تەلىماتلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئۆز تىلىنى يولغا قويغان خىتايلار گەرچە ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانۇن بىلەن قوغدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن. بۇ جەھەتتە دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە تىللىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە مۇقىم تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئوقۇتۇشتا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى قوللىنىش، ئانا تىلدا تەربىيەلەش ۋە مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنى ئۆگىتىش ياشلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن رايونلاردا ئوقۇتۇشنىڭ ئوخشاش شەرت-شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇشى، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنى بىلىشى ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشى لاياقەتلىك نەسىللەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلايدۇ.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈچ باسقۇچتا يولغا قويۇلغان تىل سىياسىتىنى تەكشۈرگەن تەتقىقاتچىلار، خىتايدىكى ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان 200 گە يېقىن مىللەت تىلىنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. شۇڭلاشقا، 50 يىلدىن كېيىن بۇ تىللارنىڭ سانىنىڭ يېرىمى ئازىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئورگانلار، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادىن يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان تىللارغا دىققەت قىلىشى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ تىللارنى قوغدىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاپتونوم رايون چېگراسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى خىتاينىڭ سىياسىتىدىن قوغداش ئۈچۈن تىرىشماقتا. مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئائىلە ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى سۆيىدىغان ياشلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۇيغۇر تىلنىڭ ياشلار ئارىسىدا نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ مۇھىم قاتلاملىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشمەكتە.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Çi̇n’de Uygulanan Di̇l Poli̇ti̇kalari ve Uygur Türkleri̇ni̇n Durumu

[1] gulsahbulut22@gmail.com ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئونىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top