ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىدىكى رولى
پىروفېسسور ۋارىس چاقان (ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەزىمەت مۇھەممەت
چىڭگىزخان تەرىپىدىن موڭغۇل ئېمپىراتورلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، موڭغۇل دۆلىتى ھىندىستاننىڭ چېگرىلىرى، شەرقتىكى ئوكيانۇس قىرغاقلىرىدىن، غەرپتىكى تۇناي دەرياسىنىڭ بويىغىچە، شىمالدا سبىرىيە يايلاقلىرىدىن، جەنۇپتا ھىندىستانغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
چىڭگىزخانننىڭ زامانىدا، چىڭگىزخاننىڭ ئېمپىراتورلىقىغا تارىخىي «بەشبالىق شەھىرى»، «قوچۇ (تۇرپان)»، «قاراشەھەر»، «قەشقەر» ۋە «خوتەن» ۋە بولۇپمۇ ئالتاي رايونىدىن قوشۇلغان مىڭلارچە بۇددىست ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش سەنئىتى ۋە ماھارەتلىرىغا ئىگە تەجرىبىلىك دۆلەت ئەرباپلىرى، داڭلىق دېپلوماتلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلەر، موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دېڭىزچىلار، بىناكارلىق ئۇستىلىرى،تىلشۇناسلار،شائىرلار ۋە خېلى كۆپ ساندا ئالىملارمۇ بار ئىدى.
نايمانلار بىلەن قىلىنغان بىرقېتىملىق ئۇرۇشتا چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى ۋە مۈھۈردارى تاتاتۇڭا، چىڭگىزخاننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە چىڭگىزخان ئۇنىڭغا باش مەسلىھەتچىلىك ۋە مۈھۈردارلىق مەنسىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ. چىڭگىزخاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان تاتاتۇڭا موڭغۇللارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ۋە ئېمپىراتورلىقنىڭ باشقۇرۇشتىكى كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ، دۆلەتنى كۈچلۈك بىر تەشكىلات قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلغان. ئۇ يەنە موڭغۇللارنىڭ كۈلتۈر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغىمۇ تۆھپە قوشقان. مەسىلەن، ئۇ موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنىڭ رەسمىي يېزىقىنى كەشىپ قىلغان. تاتاتۇڭا يەنە چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇستازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر ھەرپلىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى موڭغۇل دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى بارچۇق سەنەتتېكىن، 1210- يىلى موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنىڭ پايتەختىگە زىيارەتكە كېلىدۇ ۋە زىيارەتتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەشبالىق رايونىدىن مىڭلارچە كىشىلەرنىڭ موڭغۇل دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇمدۇر. ئۇيغۇر قوماندانلار شەرق ۋە غەرپتە 1219-1225- يىللىرى ئارىلىقىدا قىلىنغان ھەممە ئۇرۇشلاردا چىڭگىزخانغا يېتەكچىلىك قىلغان. چىڭگىزخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىمۇ ھاكىمىيەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، تۇراقايا، پولات قابا ۋە مەخمۇت يۇلاۋاچقا ئوخشاش داڭلىق دۆلەت ئەرباپلىرىمۇ بار ئىدى.
چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بىر بولغان قۇبلاي، بۈگۈنكى بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، مىڭلارچە ئۇيغۇر دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە ئېنژىنېرلارنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەردە ئىشلىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە لى شىشەن (1231-1280)، ساڭ ئا ( ؟-1291)، ئەخمەت مەڭگۈتېكىن، شىبان (1197-1266)، ۋە ئەختەرىددىنغا ئوخشاش كىشىلەر ئەڭ ئالدىدا كەلمەكتە.
بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ موڭغۇل دۆلىتىدە ئوينىغان رولى بايان قىلىنىدۇ.
كىرىش
شىمالىي ئاسىيا قەۋملىرىدىن بولغان موڭغۇللار 13- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭ بىر ئەسكىرىي ۋە سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەيران قالارلىق بىر سۈرئەتتە ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەرنى بىر-بىرلەپ يوقىتىپ، دۇنيادا يېڭى بىر تەرتىپ شەكىللەندۈرگەن ئىدى. موڭغۇللارنىڭ ھايات شەكلى ۋە ئېتىقادلىرى ياۋرو-ئاسىيادىكى مەدىنىي دۆلەتلەردىن پەرقلىق بولغىنىغا ئوخشاش، قىياپەتلىرىمۇ غەيرىي تۇيۇلغىدەك شەكىلدە پەرقلىق ئىدى. ئۇلار غەرپلىكلەر تەرىپىدىن دائىم ۋەھشىي، قانخور، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىسى قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەندى. موڭغۇللارنىڭ بۇ قەدەر يامان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىشى، ئۇلارنىڭ موڭغۇللارغا بولغان قورقۇشلىرى، ئەندىشىلىرى ۋە ئاداۋەت-نەپرەتلىرىنى يوشۇرۇشىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىدى.
يايلاق كۆچمەن خەلقنىڭ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىشلىرى، كۈتۈلمىگەن زامانلاردا ۋەقەلەرنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراشلىرى، يەرلەشكەن مەدەنىي دۆلەتلەرنى چوڭ غەلىبىلەر بىلەن مەغلۇپ قىلىشلىرى، پۈتۇن مەدەنىي دۇنيانىڭ ۋە ئۇلارنىڭ نۇقتىسىدىن قارايدىغان تارىخچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاسىيانىڭ سەھرالىرىدىن كېلىپ، دۇنيالىرىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگەرتىۋەتكەن بۇ ئىنسانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى، قانداق ياشايدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىزدىنىشكە باشلىدى. تارىخچىلار، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلىرىنى ئىزدەنگىنىدە، يۈز يىللاردىن بېرى نۇ ئىنسانلار ھەققىدىكى سەلبىي قاراشلارنىڭ، ئەيىپلەشلەرنىڭ، ئېنىقلىما ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ نەقەدەر ھەقسىز ۋە بىرتەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
موڭغۇللارنىڭ دەسلەپتە تۈركلەردىن پەرقلىق بىر جۇغراپىيە، پەرقلىق بىر ھايات كەچۈرىۋاتقىنىدا، ياشاۋاتقان جۇغراپىيەسىنىڭ پايدىسىز شەرتلىرى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى كۆچۈشى، بۇ كۆچۈشلەرنىڭ نەتىجىسىدە تۈركلەر بىلەن تۇرالغۇ جۇغراپىيەلەرگە يەرلىشىشى، تۈركلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىشى ۋە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياشاش شارائىتلىرى، تۈركلەرنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا ياشاشقا باشلىشى، تۈركلەردىن بوشىغان ساھەلەردە باشقۇرۇشنى تۈركلەردىن ئۆتكۈزىۋېلىشى، قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ تەشكىلاتىنى تۈرك دۆلەت تەشكىلاتىغا قارىتا شەكىللەندۈرىشى، ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىنىڭ قەدىمقى تۈرك ئەنئەنىلىرىگە ئوخشىشى، تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ قېرىنداش قەۋم پىكرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ھالبۇكى موڭغۇللارنىڭ ئەجدادلىرى دەسلەپتە تۈرك يۇرتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يايلاق ۋە ئورمانلاردا قەدىمقى تۈركلەرگە قوشنا ياشىغانلىقى، كېيىن مۇھىم بىر قىسمىنىڭ چوڭ تۈرك ھاكىمىيەتلىرىگە كىرگەنلىكى، ئاندىن تۈركلەرنىڭ غەرپكە يۈزلىنىشى بىلەن بوش قالغان يايلاقلاردا قېلىپ قالغان بەزى تۈرك قەۋەملىرىنىڭمۇ قوشۇلۇشى بىلەن ھاكىمىيەت قۇرغانلىقى، چىڭگىزخاننىڭ يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە كۆپ قىسىم تۈرك قەۋەملىرىنىڭ موڭغۇل دۆلىتىنىڭ باشقۇرىشىنى قوبۇل قىلىشى، كېيىن تۈركلەرنىڭ كەينىدىن تۈركىستانغا كەلگەن موڭغۇللارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ تۈركلىشىشى، شۇنىڭدەك ئىككى خەلق ئارىسىدىكى تەسىرچانلىقنىڭ ئۇزۇن يىللار سۈرىشى، بۇ سەۋەپتىن موڭغۇل دۆلىتىنىڭ تۈرك- موڭغۇل كۆرىنىشى بېرىشى ھەقىقەتتۇر. (توگان، 1981،223). چۈنكى چىڭگىزخاننىڭ يۈرۈشلىرى ۋە بۇ يۈرۈشلەردىن كېيىن قۇرغان دۇنيا ئېمپىراتورلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان موڭغۇل دۆلەتلىرىنىڭ تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەت تەشكىلاتىدىن پەرقسىز ئىدى.
چىڭگىزخان ۋە ئۇيغۇرلار
چىڭگىزخان موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى پۈتۈن تاتار قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بۈيۈك موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىققاندىن ئېتىبارەن، ئەتراپىدا قابىلىيەتلىك، بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. دەل بۇ ۋاقىتتا شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ زېمىنلارغا يېيىلغان ئۇيغۇرلار دۆلەت باشقۇرۇشتا، كۈلتۈردە ۋە تىجارەتتە يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان بىر تۈرك جەمئىيىتى ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ زامانىنىڭ كۈچلۈك بىر ھۆكۈمدارى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان چېگرىسى ئىچىدىكى بەشبالىق، قوچۇ (بۈگۈنكى تۇرپان)، قاراشەھەر، كۈسەن، قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان ئىدى. مەنبەلەردىن چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك باش ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان قىتان شاھزادىسى يىلۇ چۇساي چىڭگىزخانغا: «بىر قوشۇنغا ئوق ۋە ئوقيا ياسايدىغان بىر ئۇستا كېرەك بولغىنىدەك، دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ يېتىشكەن بىر دۆلەت ئەربابى بولىشى كېرەك» (موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى، 1995،43،169) دېگەندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلاغا قىززىققانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ داڭلىق سىياسەتچىلىرىنى، دۆلەت ئەرباپلىرىنى، ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئاقسۆڭەكلىرىنى، ئېنژىنىرلىرى، كۆپ تىللىق دىپلومات ۋە تەرجىمانلارنى، تارىخچى ۋە خەتتاتلارنى موڭغۇل دۆلىتىدە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەر بەرگەنلىكى بىلىنمەكتە.
1204- يىلى چىڭگىزخان ئالتاي رايونىدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، نايمان خانى ئىنانچ بىلگىنىڭ ئوغلى تايان خاننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇستازى ۋە نايمان خانلىقىنىڭ ئەدلىيە نازىرى ۋە نايمان خانىنىڭ مۈھۈردارى ئۇيغۇر تاتاتۇڭانى ئەسىر ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىپلا قالماي يەنە يېڭى قۇرۇلغان موڭغۇل دۆلىتىدە نايمان خانلىقىدا قىلغان ئەدلىيە نازىرلىق ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ۋە ئۇيغۇر قانۇنلىرىنى ئۆگىتىشكە بۇيرۇيدۇ (ئارسال،1947،167). چىڭگىزخاندىن كېيىن باشقا موڭغۇل بەگلىرىمۇ ئۇيغۇر ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئوغۇللىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن موڭغۇللارنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىكىلەر ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تەسىرىدە تۈركلىشىشكە باشلايدۇ.
چىڭگىزخان ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلىرىغا موڭغۇل ۋە تۈركلەرنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىغا ئائىت ئەنئەنىۋى قانۇنىي ئاساسلارنى يىغقۇزۇپ، بىر قانۇن مەجمۇئەسى تۈزگۈزۈپ، بۇ مەجمۇئەنى مىس لەۋھەلەرگە يازدۇرىدۇ. كېيىن چىڭگىزخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن تۈزۈلگەن قانۇن مەجمۇئەلىرى ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلىرى تەرىپىدىن توپلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇن ئاساسلىرى بىلەن بىرىكتۈرۈلۈپ، قانۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ قانۇنلار چىڭگىزخاننىڭ تونۇلغان مەشھۇر قانۇنىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. چىڭگىزخاننىڭ قانۇنىدىكى بەزى قانۇنىي ئاساسلار قا موڭغۇل كۆز- قاراشلىرى ۋە چىڭگىزخاننىڭ شەخسىي پىكىرلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان بەزىبىر قائىدىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالسىمۇ، چىڭگىزخاننىڭ قانۇنى يەنىلا قەدىمقى تۈركلەرنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرىنى مەنبە قىلغان بىر قانۇن ھېساپلىنىدۇ.
چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرچىنى موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنىڭ رەسمىي يېزىقى قىلىپ يولغا قويىدۇ. بۇندىن بۇرۇن ھېچبىر رەسمىي يېزىقى بولمىغان موڭغۇللار يېزىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە كۈلتۈر ساھەسىدە تەرەققىياتلار مەيدانغا كېلىشكە باشلايدۇ. ئېمپىراتورلىقنىڭ تەۋەسىدىكى پۈتۈن خەت – ئالاقە چىڭگىزخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇر ھەرپلىرى ئاساسىدىكى موڭغۇلچە بىلەن يېزىلىشقا باشلايدۇ. چىڭگىزخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان چاغاتاي، ئالتۇن ئوردا ۋە ئىلخانلىقلار دۆلىتىدە ئۇيغۇرچىنى رەسمىي دۆلەت تىلى ۋە يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىدۇ.
ئۇيغۇرچە پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. بۇ ھالەت چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار، قىپچاقلار ۋە تاتار تۈركلىرى تەرىپىدىن ئاسسېمىلياتسىيە بولىشىنى ۋە مۇسۇلمانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىن 1210-يىلى ھەرلىن دەرياسى بويىدىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ، چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلانىڭ بەشبالىق رايونىدىن (ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جىمسار ئەتراپى) نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئەرباپلىرى ،ئېنژىنېرلار،ئالىملار ۋە ئەسكىرى تەجرىبىسى بولغان كىشىلەر موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنىڭ ئىدارى ۋە ئەسكىرى ۋەزىپىلىرىنى ئېلىشقا باشلايدۇ (ئوسمان، 2002،318). چىڭگىزخاننىڭ 1215- يىلى جىن سۇلالىسىغا قىلغان يۈرۈشىدە بۇ ئۇرۇشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر قوماندانلار قاتناشقان ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. كېيىن چىڭگىزخاننىڭ 1219-يىلىدىن 1225- يىلىغىچە تۈركىستانغا قىلغان سەپەرلىرىدە ئىدىقۇتلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلەر ئەسكەرىي مەسلىھەتچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرى تۇرا قايا، بولات قاپا بولۇپ، تۇرا قاپا بەشبالىق ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ، ئەسكەرىي ئىلىم، ئىستىراتېگىيەدە ۋە ئۇرۇش سەنئىتىدە زامانىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا كەلگەنلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ چىڭگىزخاننىڭ خارەزىم سەپىرىگە قاتنىشىپ، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ خارەزىم شاھلارنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بولات قايامۇ چىڭگىزخاننىڭ تۈركىستان سەپەرلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ ۋاپاتىغىچە ئۇنىڭ يېنىدا ئەسكىرىي مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىدى. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، 4- ئوغلى تۇلىخانننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە ياردەمچىسى بولدى. بولات قايا چىڭگىزخاننىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە جەنۇبىي خىتاينىڭ باشقۇرۇلىشىغا مەسئۇل بولدى.
مۇسۇلمان تۈرك ۋالىيسى مەخمۇت يالاۋاچ
چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى ئۆگەداي مەزگىللىرىدە (1206-1254) موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە ئۆتىگەن شەخسلەردىن بىرى مۇسۇلمان تۈركلەردىن بولغان خارەزىملىك مەخمۇت يالۋاچتۇر. مەنبەلەرگە قارىغاندا خارەزىمشاھ مۇھەممەدنىڭ دۆلىتىدىن كەلگەن ئۈچ سودىگەر، موڭغۇل پايتەختىدىن دۆلىتىگە قايتىدىغان چاغدا، چىڭگىزخان قول ئاستىدىكىلەرگە خارەزىم دۆلىتىگە بېرىپ، تىجارەت قىلالايدىغان ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارغا سەرمايە بېرىپ خارەزىم دۆلىتىگە بېرىشنى بۇيرۇيدۇ. چىڭگىزخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاللانغان تىجارەتچىلەرنىڭ سانى، گۈۋەينىنڭ ئېيتىشىچە 450 مۇسۇلماندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ (جۈۋەينى،1999،117)، بۇلارنىڭ ئارىسىدا خارەزىملىك مەخمۇت يالۋاچ، بۇخارالىق ئەلى غوجا، ئوترارلىق يۇسۇف گەمىرگالار بار ئىدى (بارتولد، 1990،421). بۇ ھادىسىدىن كېيىن مەخمۇت يالۋاچ موڭغۇل دۆلىتىنىڭ ئومۇمىي ۋالىي دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ. مەخمۇت يالاۋاچنىڭ ،چىڭگىزخاننىڭ خىزمىتىگە، چىڭگىزخان پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن كىرگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ (موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى). يەنە بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا مەخمۇت يالاۋاچ، چىڭگىزخاننىڭ خىزمىتىگە، خارەزىم دۆلىتىگە ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇنلا كىرگەن دېيىلىدۇ (كۈسەنوۋا، 2007، 230). مەخمۇت يالاۋاچ چىڭگىزخاننىڭ سادىق بىر خىزمەتچىسى بولغانلىقى ۋە خارەزىملىك بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خارەزىملىك ئەلچىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتىلگەن. چىڭگىزخان، مەخمۇت ۋە ئوغلى مەسۇت يالاۋاچلارغا شەھەر باشقۇرۇشتا ناھايىتى تەجرىبىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا، باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان قىتانلارنىڭ ئىدارى ۋە مەھكىمە ئىشلىرىنى تاپشۇرغان (سپۇلەر،1988،43). مەخمۇت يالاۋاچ چىڭگىزخان تەرىپىدىن خانبالىق (بېيجىڭ) شەھىرىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى. قوغداش ئىشلىرىمۇ ۋالىينىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، مەخمۇت يالاۋاچ بىلەن ئوغلى مەسۇت يالاۋاچنىڭ ۋەزىپىلىرى بەكرەل ئىقتىساد باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۆگەداي قاغاننىڭ دەۋرىدە (1229-1241) ئۇلۇغ قاغاننىڭ نامىدىن تۈركىستان ۋە ماۋۇرەننەھىر رايونىنى باشقۇرغان ئىدى. مەخمۇت يالاۋاچنىڭ بۇ رايونغا ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قوقەند رايونىدا تۇرغانلىقى بىلىنمەكتىدۇر (كافالى، 2002، 209).
ئۆگەداي خاننىڭ ھۆكۈمدارلىق يىللىرىدا مەخمۇت يالاۋاچنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئانچە يوق. پەقەت ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە قوقەند رايونىدا تۇرۇپ، تۈركىستان ۋە ماۋۇراننەھىر رايونلىرىنى ئۇلۇغ قاغان نامىدىن ئىتىسادىي، ئىدارىي ۋە سىياسىي ئىشلىرىنى نازارەت قىلغانلىقى ۋە ئىدارىي تەشكىلاتلاردا باقساق سېستىمىسىنى يولغا قويغانلىقى بىلىنمەكتە. ئۇزۇن مەزگىل تۈركىستان شەھەرلىرىنى باشقۇرغان مەخمۇت يالاۋاچنىڭ باشقۇرۇش سېستىمىسىدىكى تەسىرىنىڭ ئۇلۇسنىڭ ئىگىسى بولغان چاغاتاي خاندىنمۇ چوڭ ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا (كافالى، 2002، 345). 1238- يىلى ماۋۇراننەھىردە مۇسۇلمانلارنىڭ، موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەتلىرىگە قارشى يۈز بەرگەن تارابىي قوزغىلىڭىدا ماخمۇت يالاۋاچنىڭ ۋەقەنى تىنىچلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، بۇخارا خەلقىنى موڭغۇللارنىڭ چوڭ بىر قەتلىئامىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقى ۋە بۇ ۋەقەدىن كېيىن چاغاتاي خان بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەپلىك ماۋۇراننەھىردىن كەتكەنلىكى بىلىنمەكتە. مەخمۇت يالاۋاچنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە جۈۋەينى مۇنداق دەيدۇ: «ئۆگەداي، ماخمۇت يالاۋاچنى خىتاي ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىغا، ئوغلى مەسۇتنى جەيخۇن ساھىللىرىغىچە ماۋۇراننەھىر، ئۇيغۇر ئىدىقۇت رايونى، خوتەن ۋە قەشقەر رايونلىرىغا ھۆكۈمدارلىق قىلىشقا تەيىنلىدى» (جۈۋەينى، 1999،137). ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خانبالىق (بېيجىڭ) تا ۋەزىپە ئۆتىگەن موڭغۇل ئېمپىراتورلۇقىنىڭ بۇ تۈرك ھۆكۈمدارى 1254-يىلى ۋاپات بولدى.
يۈەن سۇلالىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇرلار
چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبىلاي خان 1279- يىلى خىتاينىڭ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىپ، بېيجىڭنى مەركەز قىلغان يۈەن سۇلالىسىنى (1279-1368) قۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتە ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. قۇبىلاي خان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى زامانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن داڭلىق ئۇيغۇرلار تۆۋەندىكىچە: لىن شى شەن (1231-1280)، ساڭگا (؟1291)، ئەخمەت (؟-1282)، ئىل يىغمىش (؟-1320)، مەڭگۈ تېكىن (؟-1290)، شىبان (1197-1276)، مەنسۇر ۋە ئەختەرەددىن (؟-1290).
لىن شى شەن: ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىقتا تۇغۇلغان بولۇپ، قۇبىلاي خاننىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ، 1259-يىلى مۆڭكۈ ئۆلگەندىن كېيىن، بۇقا (قۇبىلاي خاننىڭ قېرىندىشى) قاراقۇرمدا ئۆز ئالدىغا قۇرۇلتاي ئېچىپ ئۆزىنى قاغان ئېلان قىلغاندا، لىن شى شەن قۇبىلايغا ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ كەيفىڭدە ئۆزىنى قاغان ئېلان قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە قۇبىلاي خان ۋە بۇقا خاننىڭ تۆت يىل داۋام قىلغان تەخت كۈرىشىدە، قۇبىلاي خاننىڭ غەلىبە قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن قۇبىلاي خان ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىگە باش مەسلىھەتچى قىلىپ ئىشلىتىدۇ ھەمدە دۆلەت باشقۇرۇشتا ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىدۇ.
مەنسۇر: قۇبىلاي خاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى مەسلىھەت سالىدىغان ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇبىلاي خاننىڭ باش ۋەزىرلىك تەكلىپىنى رەت قىلىپ، قۇبىلاي خانغا چوڭقۇر ۋە مول بىلىمى بىلەن خىزمەت قىلغان بىرىدۇر.
مەڭگۈ تېكىن: قۇبىلاي خاننىڭ ئۇستازى بولۇپ، ئۇ قۇبىلاي خانغا دۆلەت باشقۇرۇش ھەققىدە دەرس بەرگەندىن سىرت ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە تىبەتچە تىللارنى ئۆگەتكەن.
شىبان: يېتىشكەن دېلومات بولۇپ، قۇبىلاي خاننىڭ دېپلوماتىك ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قۇبىلاي خاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا مەسئۇل باش مەسلىھەتچىسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە دۆلەتنىڭ مەخپىي خىزمەتلىرىنىمۇ قىلغان.
ئەخمەت: خوتەن ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ، قۇبىلاي خاننىڭ مۇسۇلمان رايونلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ۋەزىرلىرىدىن بىر بولغان. ئەسكىرى بىلىمىدىن سىرت يەنە ئىلىم ساھەسىدىمۇ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋەزىرلەر ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان.
ئىل يىغمىش: يۈەن سۇلالىسىدا قۇبىلاي خان، تېمۇر خان ۋە ئېسەن خانلار زامانىدا (1271-1320) دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئۇيغۇر دېڭىزچىدۇر. ئۇ بىرقانچە قېتىم ھىندى ئوكيانى ۋە تېنچ ئوكيانغا دېڭىز سەپىرى قىلغان. ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى دۆلەتلەرگە يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە بارغان ۋە ئۇ دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىملەر تۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە 1272- يىلىدىن باشلاپ دېڭىز يولى بىلەن، ھازىرقى سېرىلانكا، ماۋرىيە (ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى)، ھىندىچىنى ئاراللىرى ۋە ھېندىنوزىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە بارغان ۋە بۇ دۆلەتلەر ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلار ۋە ئۇ دۆلەتلەرنىڭ قىممەتلىك خۇرۇچلىرىنى خانبالىققا ئېلىپ كەلگەن. ئىل يىغمىش دېڭىز يولى بىلەن قىلغان بايقاشلىرىدىن كېيىن، قۇبىلاي خان شەرقتە ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇپ دۆلەتلىرىگە كەڭ كۆلەملىك سەپەر باشلىغان. ئىل يىغمىش قۇبىلاي خاننىڭ پۈتۈن دېڭىز سەپەرلىرىگە قېتىلىپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ سەپەرلەردىن قايتقاندىن كېيىن، قۇبىلاي خان ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن ۋە 1320- يىلى ۋاپات تاپقىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.
ئەختەرەددىن: مەشھۇر ئۇيغۇر ئېنژىنىرى بولۇپ، قۇبىلاي خاننىڭ ساراي ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. قۇبىلاي خان 1279- يىلىدا بۈگۈنكى بېيجىڭنى پايتەخت قىلغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ بىناكارلىقىنى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇشىنى ئەختەرەددىن قىلغان. بۇرۇن قىتانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان لىياۋ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان بۇشەھەر ئەختەرەددىننىڭ بىناكارلىقى بىلەن قايتىدىن قۇرۇلۇپ، «خانبالىق» نامىنى ئالغان .
خۇلاسە
چىڭگىزخان بۈيۈك موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە كۈلتۈر نۇقتىسىدىن موڭغۇللاردىن ئۈستۈن بولغان ئۇيغۇرلارنى دۆلەتتە ۋەزىپىلەرگە قويغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مول دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى، كۈلتۈرلىرىنى، يېزىق ۋە تىللىرىنى موڭغۇللارغا ئۆگەتتى. ئۇيغۇرلار باشتا ئەسكىرى ساھەدىن باشلاپ، دۆلەت تەشكىلاتىدا، تىل ۋە يېزىقتا موڭغۇل كۈلتۈرىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. قىسقا ۋاقىتتا، موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي چېگرىلىرىدا ئۇيغۇرچە كەڭ تارقالغان بىر تىلغا ئايلاندى. موڭغۇللارنىڭ دۆلىتى، بېشىدا ئۇيغۇرلار بولۇشى بىلەن بىرلىكتە بىللە ياشىغان باشقا تۈركىي قەۋملەرنىڭمۇ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن تۈرك – موڭغۇل ئېمپىراتورلىقى ھالىغا كەلدى. موڭغۇل تاجاۋۇزىدىن كېيىن تۈركىستان، ماۋۇراننەھىر ۋە دەشتى قىپچاق رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان موڭغۇللارنىڭ موھىم بىر قىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى بىلەن تۈركلەشتى. ئۇيغۇر قانۇنچىلىرىنىڭ ھەسسىسى بىلەن موڭغۇللار، قەدىمقى تۈرك قانۇنىدىن ئالغان قانۇنلارنى يېزىقچە ھالغا ئەكىلىپ، چىڭگىزخان قانۇنىنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى.
ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uygur Türklerinin Moğul İmparatorluğundaki Rolü