You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەپەككۇر تارىخى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەپەككۇر تارىخى

دوكتور رەفائىل ئايۋازئوغلۇ ئەخمەتلى (ئەزەربەيجانلىق پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرېھىم پاراچ

قىسقىچە مەزمۇنى: تۈرك تارىخى ۋە ئىجتىمائىي تەپەككۇرىدا ناھايىتى موھىم ئورۇن تۇتقان ئۇيغۇرلار، كۆك تۈركلەرنىڭ داۋامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا ياشىغان ۋە بۇ يەردە يۈكسەك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئىدى. مەلۇم تارىخى دەۋرلەردە ، مەلۇم سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارىخى مەنبەلەردە نۇرغۇن مەلۇماتلار بار.

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار كۆچمەن ۋە موقۇم ئولتۇراقلاشقان قارلۇقلارغا، ھاتاي دۆلىتىنى قۇرغان قىتان قەبىلىلىرىگە مەدەنىيەت جەھەتتىن ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ھەتتا قىتان (لىياۋ) دۆلىتىنى قۇرغان قەبىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن شۇنچىلىك يېقىن قان ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى بولغان. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۈگۈنكى سېرىق دەريانىڭ شىمالى قىسمىدىكى گەنسۇ، چىڭخەي، شەنشى ئۆلكىلىرىدىن تارتىپ، تارىم دەرياسىنىڭ شىمالى قىسمىغىچە بولغان ئىنتايىن كەڭ زىمىندا ياشىغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ تىنىمسىز بېسىملىرى نەتىجىسىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3. ئەسىردە موڭغۇلىيەنىڭ سېلىنگا رايۇنى ئەتراپىغا چېكىنگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا بۆيۈك ھون ئېمپىراتۇرلىقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئېمپىراتۇرلۇقنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قوشۇلغان ئىدى. بۇرۇنقى دەۋرىلەردىكى باشقا تۈركلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كوللېكتىپ پىكىر تارىخى، ئۇلار ياراتقان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ داستانلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي تەپەككۇر، كۆك تۈركلەر.

ئۇلۇغ ھون ئېمپىراتۇرلۇقى دەۋرىدىن باشلاپ، ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەرياسى ئەتراپىدىن ئارال كۆلى بويلىرىغىچە تارقالغان ۋە ھەر قايسى دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، ھونلارنىڭ «تۆلەس» تارمىقىغا تەۋەدۇر.

ھون ئېمپىراتۇرلۇقى ئىچكى زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن پارچىلانغاندىن كىيىن، ھاكىمىيەت ھونلارنىڭ ۋارىسى بولغان تابغاچ خاندانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇيغۇرلارمۇ تابغاچ دۆلىتىنى قۇرغان بىرلەشمىگە ئايرىم يەتتە قەبىلە بىلەن بىرلىكتە قېتىلدى. تابغاچلاردىن كىيىن ھوقۇق پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆك تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. كۆك تۈرك ئېمپىراتۇرلۇقىنى تەشكىل قىلغان 50 تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى. كۆك تۈرك ئېمپىراتۇرلۇقى يىقىلغاندىن كىيىن، 627- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار قارلۇق، باسمىل ۋە توققۇز ئوغۇز قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرىنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، كۈچلۈك بولغان بىر قوشۇن تەشكىللەپ، 744- يىلى كۆك تۈرك ئېمپىراتۇرلۇقىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇردى. بۇ ئۇيغۇر دۆلىتى ياغلاقار، ئۇتۇرقۇر، تۇرلۇمۋىيار، ئاۋۇچاغ، قورسار، خوگارسۇ، يابۇتقار ۋە ئايارەت قاتارلىق توققۇز قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، قۇرغۇچىسى بويلە قاغان ئىدى.

745- يىلى تۈرك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالمىشىشى نەتىجىسىدە، ئۆتۈكەندە بىر خاقانلىق قۇرغان ئۇيغۇر قاغانى قۇتلۇق كۆل بىلگە (بەزى مەنبەلەردە بويلە قاغان) قارلۇق ۋە باسمىللارنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، قەبىلە سانىنى 11 گە يەتكۈزدى. ئورخۇن ياقىسىدا پايتەخت ئوردۇبالىقنى بەرپا قىلغان قۇتلۇق كۆلبىلگە 747- يىلى ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مويۇنچۇر تەختكە چىقتى. مويۇنچۇر ھوقۇق تۇتقان 12 يىل جەريانىدا شىمالدا قىرغىزلار بىلەن، غەرپتە قارلۇقلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەن تۈركەشلەر، شۇنداقلا باسمىللار بىلەن، ئۇنىڭدىن باشقا سەككىز ئوغۇز، توققۇز تاتار ۋە چىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ھاكىمىيىتىنى يىنسەي، چۇ-تالاس، ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسمى ھەمدە كەرۇلەنگىچە كىڭەيتتى. ئوغۇللىرىنى شاد ۋە يابغۇ قىلىپ بەلگىلىدى . خىتايغا ھوجۇم قىلىپ، ئۇلاردىن باج ئالدى.

751- يىلى ئەرەپ ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا قانلىق بىر جەڭ بولغان بولۇپ، تالاس قارلۇقلىرى تەرىپىدىن قوغدالغان خىلافەت قوشۇنلىرى خىتاينى ئەجەللىك مەغلۇپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە خىتايلاردىن تازىلانغان بۇ يەرلەرنى ئەرەپلەر ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلار ئۆز قولغا ئالدى. تالاستىكى مەغلۇبىيەتتىن كىيىن خىتايدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. ئانىسى تۈرك بولغان ئەنلۇشەن ئىسىملىك بىر قۇماندان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 755- يىلى 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن لوياڭنى، 757- يىلى چاڭئەننى ئىگەللىدى ۋە ئۆزىنى «ئېمپىراتۇر» دەپ جاكارلىدى. بۇ ۋاقىتتا يەنى 757- يىلى ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇر، خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى خانى سۇ سىتۇتڭنى قوللاپ، لوياڭنى قايتۇرۇپ ئالدى ۋە ئۇ خىتاي خانىغا قايتىدىن تەختىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي خانىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، خىتايلار ھەر يىلى ئۇيغۇرلارغا 200 مىڭ توننا يىپەك تاپشۇرۇشقا قوشۇلغان.

759- يىلى مويۇنچۇر ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا بۆگۈ قاغان (759-779) چىقتى ۋە دىققىتىنى زىددىيەت ئىچىدىكى خىتايغا قاراتتى. بۆگۈ قاغاننىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بولسا، بويۇنتاۋلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتايغا پۈتۈنلەي ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىدى. تبەتلەرنىڭ ھوجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرۇۋاتقان خىتاينى قوغداش باھانىسىدا، تۆلەس تۈرك نەسلىدىن بولغان خىتاي قۇماندانى پۇكۇ (بۇكىي) نىڭ تەكلىپى بىلەن بۆگۈ قاغان 763- يىلى لوياڭغا قوشۇن تارتتى ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، خىتاينى ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىشقا قىستىدى. بۆگۈ قاغان بۇ يۈرۈشتە، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى خىتاينىڭ پۈتۈن رايۇنلىرىدا خالىغانچە ئايلىنىپ، خالىغىنىچە مال ئېلىپ سېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈردى . بۆگۈ قاغاننىڭ خىتايغا بولغان بۇ سەپىرى، تۈرك مەدەنىيتى تارىخى نوقتىسىدىن ناھايتى چوڭ نەتىجىلەرگە سەۋەپ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ قاغان پايتەخت ئۆتۈكەنگە قايتقان ۋاقىتتا، مانىي دىنىنى تۈركلەر ئارىسىدا تارقىتىش ئۈچۈن تۆت نەپەر مانىي دىنى راھىبىنى بىللە ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. بۆگۈ قاغان بۇ راھىپلارنىڭ تەسىرىدە ئىنتايىن قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە بۇددا دىنىنىڭ ئورنىغا، مانىي دىنىني ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ «دۆلەت دىنى» قىلىپ بېكىتتى . تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا بۇنىڭ سەۋەبى، دىنىي جەھەتتىن تۈركلەر بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت. چۈنكى بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان خىتايلار ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، ئۆزىنى قوغداشتا پاسسىپ رولغا ئىگە بولغان بۇددا دىنى، تۈركلەرنىڭ جەڭ قىلىش جاسارىتىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن ئىدى.

قىرغىزلارغا قارشى ئۇرۇشتىمۇ زەپەر قازانغان بۆگۈ قاغاننى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان باقان باغا تارخان ئۆلتۈرۈپ، 779- يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا خاقان بولدى (779-789) ۋە «ئالپ قۇتلۇق بىلگە قاغان» دەپ ئاتالدى. ئۇ قەيسەرلىكى ۋە جاسارىتى بىلەن قىرغىزلارنى ئىككىنچى قېتىم قايتا مەغلۇپ قىلدى ۋە بىر خىتاي مەلىكىسى بىلەن توي قىلدى. بۇ توينىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان زىددىيەتلىرى ئاخىرلاشتۇرۇلدى ۋە «دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن قانۇن تۈزگەن» قاغانغا ئوخشاش تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولدى.

باغا تارخاندىن كىيىن تەختكە چىققان كۈلۈگ بىلگە (789-790) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى قۇتلۇق بىلگە (790-795) تېبەت ۋە شاتو تۈركلىرىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كىيىن تەختى تەۋرەپ قالدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئۆتۈكەندە قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. ۋەزىيەتنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلگەن قوشۇن قۇماندانى ئالىپ قۇتلۇق بىلگە تەختكە چىقتى (795-805) . ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن تەختكە چىققان ئاي تەڭرىدە قۇت بۇلمۇش كۈلۈگ بىلگە (805-808) دەۋرىدە ئىقتىسادى پائالىيەتلەر جانلىنىپ، دۆلەتتە موقۇملۇق ئەسلىگە كەلدى. ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسىيانىڭ مۇھىم سودا شەھەرلىرىگىچە سىڭىپ كىردى.

ئۇيغۇر قاغانلىقى ئالپ بىلگە قاغان (821-832) دەۋرىدە، تۈركىستانغا ھوجۇم قىلىپ كەلگەن تىبەتلەرگە زەربە بەرگەن . قاغانلىققا تەۋە بولغان قارلۇقلارغا يېڭى بىر يابغۇ تەيىنلەنگەن ۋە سوغدى رايۇنىغىچە بولغان زىمىنلاردا سودا مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. تاشقى سىياسەت نوقتىسىدىن تولىمۇ تەمكىن بولغان ئالىپ بىلگە قاغان، پايتەخت قارابالغاسۇندا بىر تاشپۈتۈك ياساتتى. كىيىن دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ، قاغان ئالىپ بىلگە 832- يىلى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان (832-839) مۇ، ۋەزىر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىسياندا ئۆلدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، 20 يىلدىن بىرى يېنسەي رايۇنىدا يېڭى بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ۋە ئورخۇن ئەتراپلىرىدا بېسىم پەيدا قىلىۋاتقان قىرغىزلار 840- يىلى ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھوجۇم قىلىپ، پايتەخت قارابالغاسۇننى ئىگەللىدى ۋە قاغاننى ئۆلتۈردى. ئۆتۈكەندە دۆلىتى يىقىلغان ئۇيغۇرلار توپ-توپ بولۇپ يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشتى ۋە خىتاي چېگرالىرىغا، ئاۋات تىجارەت مەركەزلىرى بولغان ئىچكى ئاسىياغا، بەشبالىق، تۇرپان، كۇچار ۋە باشقا يەرلەرگە كۆچتى. قاغان ئائىلىسىدىكى ئىككى ئاكا-ئۇكا تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنغان بۇ كۆچ ھەرىكىتىدىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى دەۋرى باشلاندى.

كۆچۈش جەريانىدا، ئۆزلىرى تەرىپىدىن قاغان سايلانغان شاھزادە ۋۇخى تېگىننىڭ (841-846) ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار، بىر بۆلۈك قىرغىزلار ۋە خىتايلار تەرىپىدىن مەجبۇرلانغاندىن كىيىن، بىر قىسمى خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىردى، يەنە بىر قىسمى بولسا 5- ئەسىردىكى قەدىمىي يۇرتلىرىغا كېتىشتى . كىيىنچە ھەر ئىككىسى ئۇ يەرلەردە يېڭىدىن دۆلەتلەرنى قۇردى. ئەمما بۇلار باشقا تۈرك دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ھاكىمىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلاپمۇ باقمىدى. شۇنداق بولغاچقا چوڭ سىياسىي توقۇنۇشلارغىمۇ ئارىلاشمىدى . پەقەت خىتاينى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا قوشنىلىرى بىلەن دوستلۇق ۋە سودا ئالاقىلىرىنى داۋاملاشتۇردى. بىر قىسىم نەسەپداشلىرى 150 يىلدىن بىرى كەڭسۇ رايۇنىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا كىلىپ، بۇ يەرنىڭ مەركىزى بولغان گەنجۇدا ئولتۇراقلاشتى ۋە ئۇلارمۇ بۇ يەردە خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ، ئۇلار بىلەن سودا تىجارەتلەردە بولدى. خىتاي پادىشاھلىرىنىڭ مەلىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر شاھزادىلەر توي قىلىپ، تۇغقانلىق ئورناتتى. 906- يىلى تاڭ خاندانلىقىنى يىقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان چىققان، مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈرك نەسلىدىن بولغان «بەش سۇلالە» دەۋرىدىكى (906-960) ئۇيغۇر قۇماندان تەگىن، مەشھۇر «مىڭ ئۆي ئىبادەتخانىلىرى» بار بولغان دۈنخۇاڭ مەركىزى شەھرىنى ئېلىپ، ئۆزىنى بۇ يەرنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلىغان ئاسىي گېنىرالنى تىرىك تۇتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەربى تارمىقى ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇردى.

سودا-تىجارەتنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىياسىي كۈچى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ئېشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن سۈرمىدى. 940- يىلى قىتانلارنىڭ، 1028- يىلى تاڭغۇتلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولدى. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى كىيىنكى مەزگىللەردە كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى نامايەن قىلالمىغان بولغاچقا، تارىخى مەنبەلەردە ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بىرىلمىگەن. ئاخىرى 1226- يىلى چىڭگىزخان ئېمپىراتۇرلۇقىغا قېتىلىپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇرلار، كىيىنكى ۋاقىتلاردا «سېرىق ئۇيغۇرلار» دەپ ئاتالغان. چىڭگىزخان دەۋرىدىن كىيىن بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان يېڭى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغان بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ خىتاينىڭ غەربىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئىچكى ئاسىيانىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان تۇرپانغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغى، بەشبالىق، تۇرپان، خاگو ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار 840- يىلى قارابالغاسۇندا تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تۇغقىنى مەنگىلىنى 856- يىلى ئۆزلىرىگە خاقان قىلىپ تىكلىدى.

قاغان سايلىمىدىن كىيىن، بۇ جايلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار 911- يىلى «ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى» نى قۇردى. خىتاي بۇ دۆلەتنى رەسمىي ئىتراپ قىلىپ، يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولغان ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبى چېگراسى تىبەت بىلەن چېگرالىناتتى، غەربى چېگراسى بولسا قارلۇقلارنىڭ تۇپراقلىرىغىچە يىتىپ باراتتى. ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خاقانى «ئىدىقۇت» دەپ ئاتىلاتتى. «ئىدىقۇت» سۆزى — بەخىتلىك دىگەن مەناغا ئىگە ئىدى.

سىياسىي ئابرۇيىنىڭ بارغانسېرى يۈكسىلىپ بېرىشى ۋە ئىچكى ئاسىيانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا تۈگۈنلىرىدىن بىرىگە جايلاشقانلىقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكى نەتىجىسىدە، ئىقتىسادى ساھەدە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى، مانىي دىنىنىڭ كېڭىيىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى مۇھىم ماتېرىياللار، خىتاينىڭ شىمالى سۇڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەرىپىدىن 981- يىلى ئۇيغۇر دۆلىتى پايتەختى ئىدىقۇتقا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ۋاڭ يېتۈنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرىدە ئۇچرايدۇ. بۇ خاتېرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر.

سېرىق ئۇيغۇرلار مانىي دىنىنى تاشلاپ، يىراق شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ دىنلىرىدىن بىرى بولغان بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەم مانىي دىنى، ھەم بۇددا دىنى، ھەمدە خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولغان نىستورىيان مەزھىپىدىن پايدىلانغان ئىدى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈرك تىلىنى ئۇنۇتقان ۋە ھىجرىيە 7- ئەسىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قوللانغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن ئەرەپ ئېلىپبەسىنى بىرلىكتە ئىشلىتىپ، تۈرك تىلىنى بۈگۈنگىچە قوغداپ كەلگەن. گەرچە ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، بۇ دىننى خىتايغىچە تارقاتقان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك تۈركلەردىن پەرقلىق يېرى شۇكى، جەنۇپتىن كىلىدىغان ھەر خىل تەسىرلەرگە چېگرالىرىنى كەڭرى ئاچتى. ئۇيغۇرلار كۆك تۈركلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مىراسلىرىغا ئىگە بولۇپ، كۆك تۈرك ئېلىپبەسى بىلەن بىر قاتاردا يەنە ئۈچ ئېلىپبەنى بىللە قوللاندى ۋە نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ۋە دىنى قىممەتكە ئىگە دۇنياۋى ئەدەبىيات ياراتتى. ئۇيغۇرلار تۈرك ئەدەبىي تىلىنى بىر قانچە تاش پۈتۈكلەردىن تەركىپ تاپقان كۆك تۈرك ئەدەبىي تىلىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۇتۇپخانىلارنى لىق تولدۇرغان نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يارىتىش ئارقىلىق، تۈرك تىلىنى مەدەنىيەت تىلى سەۋىيەسىگە كۆتۈردى.

ئۇيغۇرلار جەنۇبتا مۇئامىلە قىلغان مەدەنىيەتلەر ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي مەدەنىيتى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرى كۆپ ھاللاردا سىياسىي مەخسەتنى ئاساس قىلاتتى. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا مانىي دىنىدىن ئىبارەت كۈچلۈك بىر دىن ۋە مەدەنىيەت قۇرالىنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. مانىي دىنىنى قوبۇل قىلغان، ھەتتا راھىپلىق ھوقۇقىنىمۇ ئۆز قولىدا تۇتقان ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا خىتاينىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە كىڭەيگەن ۋە مانىي دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى قۇرۇپ، بۇ ئىبادەتخانىلاردا دىن تارقىتىش ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر خاقانىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى سىياسىي ئورنى ۋە كۈچى ئارقىلىق قوغدىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچا ۋە تۇرپانغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە قاراتقان سىياسىتى پۈتۈنلەي باشقا بىر خاراكتېرغا ئىگە ئىدى. ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ جەنۇبى چېگراسى بۇ شەھەرلەر بىلەن يانمۇ-يان بولغاچقا، مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپلا باشلانغان ۋە ئۇيغۇرلار بۇ شەھەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. تېبەتلەرنىڭ پات-پات بۇ شەھەرلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ھوجۇملىرىمۇ ئۇيغۇر قاغانى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن. بۇ شەھەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر-تېبەت توقۇنىشى 749- ۋە 805- يىللاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاخىرقى توقۇنۇش بۇ رايۇنلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ئىدى. بۇ مەسىلىلەرگە ئىلمىي ۋە سىياسىي نوقتىدىن ئەھمىيەت بىرىدىغان تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: «قارىماققا تۇرپان ۋە كۇچا شەھەرلىرى 9. ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاندەك كۆرۈنىدۇ . ئەمما دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىگە يۈكسەك ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان پىكىرلەر ۋە دىنى خادىملار بۇ شەھەرلەردىن يىتىشىپ چىقاتتى.»

«مانىي دىنى تۈركلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولغان» دەپ قارايدىغان تەتقىقاتچىلارغا ئىلمىي شەكىلدە جاۋاب بەرگەن مەشھۇر تەتقىقاتچى، ئالىم باھائەددىن ئۆگەل شۇنداق دەيدۇ: ئەمەلىيەتتە مانىي دىنى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى تىجارەتچىلەر ۋە شەھەرلىكلەر ئۈچۈن خاس بولغان بىر دىن ئىدى. قوي ۋە ئات سۈتلىرىنىڭ ئارقىسىدا يۈرىدىغان، قىشتا قىشلاقلاردا، يازدا يايلاقلاردا يۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بىرىشى كىرەك بولغان، مانىي دىنى مۇرتلىرىنىڭ ئەكسىچە سۈت ۋە گۆش يەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دىن ۋە بۇ دىننىڭ كۆز قارىشى بىلەن ماسلىشىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ دىننىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرى تۈركلەرنىڭ دائىم پائالىيەتچان بولغان ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە ئاكتىپ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن باشتىن ئاخىرى زىت بولغان بىر ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ دىننىڭ ئۇيغۇر پايتەختىدە قاغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم بىلىم ئىگىلىرىدىن باشقا كىشىلەرگە تارقىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر مانىي راھىپلىرىنىڭ، ئۆز دۆلىتى ئىچىدىنمۇ بەكىرەك باشقا دۆلەتلەردە جانلىق پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر خاقانى خىتاي پايتەختىدىمۇ مانىي ئىبادەتخانىلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقارغان ۋە بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس ئۇيغۇر ئۇستىلار ئالاھىدە نازارەت قىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يۈكسەك ئەقلى قابىلىيەتلىك بىر ھاياتقا قەدەم ئالغان ئۇيغۇرلار، مانىي دىنىنى تارقىتىش باھانىسىدا، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى تورلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرق تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى، ئاققويۇنلار (بايىندىرلار)، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئوردىلىرىدا ئەلچىلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنى ھەرگىزمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە يەر ئالغان تۇرپان بوستانلىقىنىڭ شىمالىدىكى تاغلار ۋە جىلغىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئادەتلەنگەن كۆچمەنلىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولسا، تۇرپاننىڭ جەنۇبىدىكى مۇنبەت تۇپراق ئۇلارنى جاپا تارتماستىن ھايات كەچۈرۈشكە قىزىقتۇراتتى. بۇ بوستانلىقلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن ماددىي بايلىقلار ۋە مەنىۋى ئېتىقاد، ئۇلارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇراتتى، شۇنداقلا تۇرپان ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلەر يارىتىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق ئىدى. ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر بۇ جايدا مەيدانغا كەلگەن ۋە بۇ جاي «ئالتۇن رايون» دەپ ئاتالغان. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ «گاراخوتو» ۋە «خوشو» دەپ ئاتالغان ئىككى شەھرى بار ئىدى. «ئىدىقۇت شەھرى» دەپ ئاتالغان قوچۇ شەھرى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان ۋە ئۇيغۇر خاقانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بۇ شەھەردە ياشاپ ئۆتكەن ئىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر خاقانلىرىغا «ئىدىقۇت» ئۇنۋانى بېرىلەتتى.

مۇستەھكەم قەلئەلەر بىلەن قورشالغان بۇ شەھەرنىڭ ھازىر پەقەت خارابىلىرىلا قالدى. بۇ شەھەرنى قېزىش جەريانىدا مانىي دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر قويۇلغان بىر ئوردا بايقالغان بولۇپ، مەشھۇر تەتقىقاتچى ئا. ۋون بىلەن جوگ بۇ يەردىن نۇرغۇنلىغان تاش مەتبە ئەسەرلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇلارنىڭ «چوتسچو» نامىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ جايدىن تېپىلغان ئەسەرلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. تۇرپان بوستانلىقىنىڭ ئەڭ باي ۋە ئەڭ چىرايلىق ۋادىسى بولغان تۇيۇقتىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قوليازما ئەسەرلىرى تېپىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار «قوليازمىلار ئۆيى» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، كۆك تۈرك ھەرپى بىلەن يېزىلغان قوليازما ئەسەرلىرىمۇ بار ئىدى.

ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئەسلىدە، يىراق شەرق مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. ھەقىقىي ئۇيغۇر مەدەنىيتى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنىپ، 10- ئەسىرلەردە تەرەققىي قىلغان ۋە 11-، 12- ئەسىرلەردە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇيغۇرلار مەيلى ئۇرخۇن ۋادىسى ياكى تۇرپاندا، چۇ ۋادىسى ياكى بەشبالىقتا بولسۇن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى ياراتقان. ئۇ دەۋردىكى خىتاي ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار پەقەت ھەققانىيەتچى ۋە ئىپپەتلىك كىشىلەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئىنتايىن ئەقىللىك، ھەممىنى قىلالايدىغان، شۇنداقلا مېتال ئىشلەش ۋە باشقا ساھەلەردە ناھايىتى ئۇستا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئا. ستەينگە ئوخشاش داڭلىق ساياھەتچى ۋە بىلىم ئىگىلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ۋە كەسىپتىكى يۇقىرى ماھارىتى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇندىن بىرى تارقىلىپ كەلگەن ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر مەدەنىيەتنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.» دەپ ئېيتقان.

شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان قارا قالپاقلارنى ئۇيغۇر خاقانى ناھايىتى كاتتا مۇراسىم بىلەن قارشى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «قارشى ئالىمىز!» دىيىش بىلەن بىرگە، 100 تۆگە، 600 ئات ۋە 3000 قوي سوغا قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار قارا قالپاقلارنىڭ مەركىزى قىسمىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ خانى ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھاكىمىنى چاقىرىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. بەزى قىتانلارنىڭ دەرىجىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇمۇ قارا قالپاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئىسپاتلاردىن بىرىدۇر. قىتانلار ھەم ئۇيغۇر ھەمدە خىتاي يېزىقىنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى تەڭ قوللانغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار چىڭگىزخاننىڭ دۆلەت قۇرۇشى ۋە ئەتراپقا تىزلىك بىلەن كېڭىيىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ نامىنى ئاڭلاپلا، ئۇرۇش قىلماي ئۇنىڭغا قېتىلغان ئىدى. چىڭگىز ئېمپىراتۇرلىقىدا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى قوللۇنىلغان بولۇپ، بۇ ئىمپىراتۇلۇقنىڭ دۇنياۋى دۆلەت بولىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تۆھپىلىرى بار ئىدى. بۇلارغا دىققەت قىلغان جۇۋەينى ۋە رەشىدەددىنگە ئوخشىغان تارىخچىلار ئۇيغۇرلارغا يۇقىرى باھالارنى بەرگەن. داڭلىق تەتقىقاتچى رۇبرۇك، ئۇيغۇرلارنىڭ 1253- ۋە 1255- يىللىرىدىمۇ بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىرىستىيان دىنىنىڭ نىستۇرىيان مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭمۇ ۋە كىيىنكى مەزگىللەردە مۇسۇلمانلارنىڭ بولغانلىقىنى قوشۇمچە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار دەۋرىدە تۈركلەر موقۇم ئولتۇراقلاشقان مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قاراقۇچۇ، قارابالغاسۇن، بەشبالىق، قاراشەھەر، كاشىغەر، خوتەن، ياركەنت، تۇرپان، قۇمۇل، غۇلجا، ئۈرۈمچى، كۇچا، ئاقسۇ، سۇشۇ، كانچۇ، چەرچەنگە ئوخشاش كاتتا تۈرك شەھەرلىرى قۇرۇلغان ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئىدى. تېرىقچىلىق، سانائەت، سودا ۋە سەنئەت يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. پىلانلىق بىر شەكىلدە بۇ شەھەرلەر بىر-بىرلىرىگە باغلانغان. ئۆستەڭلەر قېزىلىپ، ئەڭ يىراق ۋە قۇرغان يەرلەرگىچە سۇ يەتكۈزۈلگەن. ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، تام رەسىمى سىزىش، سېتىقچىلىق، گىلەمچىلىك، پار-پۇرچىلىق قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، چىڭگىزخان ۋە تېمۈر ئوغۇللىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاساسى ئورۇندا قوللانغان. ئۇيغۇرلار يېزىقلارنى كۆك تۈركلەردەك ياغاچقا، تاشقا يازماستىن، قەغەزگە يازغان.
گەرچە مانىي دىنى ۋە بۇددا دىنى جەڭ قىلىشقا ماھىر ۋە كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭ قىلىش روھىنى زەئىپلەشتۈرگەن بولسىمۇ، دىنى مۇزىكا، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىغىنىدەك، بۇ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەپەككۇر تارىخىنى ئۆگىنىشتىمۇ ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. تۇرپاندا ئېلىپ بېرىلغان قېزىش جەريانىدا تېپىلغان ماددىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ۋە كائىناتقا بولغان تونۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئېڭىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار قولغا چۈشۈرگەن ئۇيغۇر تام رەسىمى (تام رەسىملىرى – R.A.) دىكى چالغۇ ئەسۋابىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابى بولغان قوبۇز ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇرلار قوبۇزنى توي ۋە بايرامدا، شۇنداقلا ئات بىلەن ساياھەت قىلغاندا چالاتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بولغان 12 موقامى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار «توي» دەپ ئاتىلىدىغان زىياپەت ۋە بايراملاردا مۇزىكا ۋە ئۇسۇل ئوينايدىغانلىقىنى يەنىلا تام رەسىملىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز . ئۇلار كۆك تۈركلەرنىڭ «خۇشاللىق بايرىمى» ئادەتلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

مەيلى قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى ساياھەت قىلغان ۋە ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى يازغان ساياھەتچىلەر بولسۇن، ياكى زامانىۋى تەتقىقاتچىلار بولسۇن، ئۇيغۇرلاردا تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىنمۇ تىياتىر سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇرلاردا كىچىكلىتىلگەن سىزما سەنئىتىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۇرپاندىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تېپىلغان ئىبادەتخانىلارنىڭ تاملىرىدىكى رەسىملەردە، ئۇيغۇر كىچىكلىتىلگەن سىزما سەنئىتىگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەر بار. بۇ سىزمىلاردا تۇران ۋە كىچىك ئاسىيا «تۈرك تىپى» نىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر كىچىكلىتىلگەن سىزما سەنئىتى ھىندى، پارىس ۋە ئەزەربەيجان سىزما سەنئىتىگە مەنبە ۋە ئۆرنەك بولغان. رەسىم سەنئىتىدە، رېئال رەسىمنىڭ تۇنجى ئۆرنىكىنىمۇ ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان بولۇپ، تام، يىپەك، كەندىر، رەخت، تاختا ۋە قەغەزلەرگە سىزغان. ئۇيغۇر رەسساملىرى پۈتۈن رەڭلەرنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆك ۋە قىزىل رەڭلەرنى ئەڭ كۆپ قوللانغان. بۇ كىچىكلىتىلگەن سىزما رەسىملەردە ئۇ دەۋرلەرنىڭ كىيىنىش شەكلى، مۇزىكا ئەسۋابلىرى ۋە ئۇسۇللار ئەكىس ئېتىدۇ .

ئۇيغۇرلار ھەيكەلتىراشلىقتىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مانىي دىنىنى قوبۇل قىلغان دەۋرلەردە، ئادەم بويى چوڭلۇقىدىكى ھەيكەللەرنى ۋە ئىنتايىن كىچىك بولغان ھەيكەللەرنى ياسىغان. كىيىنكى مەزگىللەردە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيكەللەرنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى زىننەتلىگەن بۇددا ھەيكەللىرى ياسالغان. ئۇيغۇرلاردا توقۇمىچىلىق ۋە گىلەمچىلىك سەنئىتىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. قۇچۇ ۋە خوتەن شەھەرلىرى گىلەم توقۇشتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەركەزلەردىن ئىدى.

ئۇيغۇرلاردا بىناكارلىق سەنئىتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن شەھەرلىرىنى 20 مېتىرلىق قەلئە تاملىرى بىلەن قورشاش ئارقىلىق، سىرتقى كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىدىن ساقلانغان. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن شەھەرلەرنى قۇرغان ۋە ئۇلارنى ئوردا-ساراي، ئىبادەتخانا قاتارلىقلار بىلەن ئاۋاتلاشتۇرغان. ئۇلار بۇ ئوردا-ساراي ۋە ئىبادەتخانىلارنى پىلاستېردىن تاج شەكلىدە قىلىپ، ئۆگزىسىنى ھەر خىل زىننەتلەر بىلەن بېزىگەن. ئۇيغۇرلار قەلئە تاملىرى بولغان شەھەرلەردىكى ئولتۇراق يەرلەرنى «بالىق» دەپ ئاتىغان. شەھەرنىڭ ئۈچ قات تېمى يەتتە خەندەك بىلەن قورشىلاتتى. بىنالار، تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە ھۇجرا ئۆيلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گۈمبەزلىك چىدىرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، تۈۋرۈكلىرى كۆپۈنچە ياغاچتىن قىلىنغان ۋە ئوخشىمىغان رەڭلىك بوياق، ھەمدە رەسىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن.

ئۇيغۇرلار خىتايدىن كىيىن تۈنجى بولۇپ قەغەزنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئەرەپلەر قەغەزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگۈنۈپ، ياۋروپاغىچە تارقاتقان. ئۇيغۇرلار كىتاپ بېسىش ئۇسۇلىنى خىتايلاردىن ئۆگۈنۈپ، ناھايىتى كۆپ كىتابلارنى باسقان. ئۇيغۇرلاردىن نەپىس ۋە راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان كىتابلار، ھەر خىل تېمىدىكى سەنئەت تۈسىنى ئالغان ئەسەرلەر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت سەنئىتىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئالتۇن، كۆمۈش، مىس، تۆمۈر قاتارلىقلاردىن ھەرخىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇلار تۆمۈردىن ھەر خىل قۇرال ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساش بىلەن بىرگە، تۆمۈردىن كەمەر ياساپ، ئۇنى قىممەتلىك تاشلار بىلەن زىننەتلىگەن. ئۇستىلارنىڭ ئالتۇن ۋە كۆمۈشتىن ياسىغان زىننەت بويۇملىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uygur Türklerinin Sosyal Fikir Tarihi

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top