You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا رومان ژانىرى

ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا رومان ژانىرى

دوكتۇر گۈلزادە تەڭرىتاغلى (مىمار سىنان گۈزەل-سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكشۇناسلىق بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: رازىيە مۇھەممەت

ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت يىلتىزىغا ئىگە بىر تۈرك خەلقىدۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى بۇددىست ۋە مانىخىست ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن باشلىنىپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ”قۇتادغۇبىلىك“، ”تۈركى تىللار دىۋانى“، ”ئەتەبەتۇلھەقايىق“ قاتارلىق شاھ ئەسەرلەر بىلەن داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شىئىرىي ئەسەرلەر يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار رومان بىلەن كېيىنرەك تونۇشقان. شەرقتىكى بىكىنمە بىر خەلق بولغان ئۇيغۇرلار ھەر دەۋىردىكى ئوخشىمىغان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رومان بىلەن ئۇچرىشىشىنى كەينىگە سۈرۈۋەتكەن ۋە رومان ژانىرىنىڭ ئورنىنى يەرلىك قىسقا تىپتىكى ھىكايىلەر تولدۇرۇپ تۇرغان. 1930- ۋە 1940- يىللىرىدا تۇنجى رومان تىپىدىكى ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ ئەمما ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئېلان قىلىنمىغان. بۇ  دەۋىردە يېزىلغان رومانلاردىن ”قانلىق يەر“ رومانىنى ماقالىمىزدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. [1]

خىتاي ئەدەبىياتىنى پىششىق بىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى خىتاي تىلى ئارقىلىق تۈرك، روس ۋە ياۋرۇپا رومانلىرى بىلەن تونۇشقان. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمھالى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى بايقىۋالماق قېيىن ئەمەس. بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆيدۈرۈلگەن ۋە شۇ دەۋىردىكى ھاكىمىيەتنىڭ پىكىر ئېقىمىدىن باشقا پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۈن يازغۇچىلار جانلىرى بىلەن بەدەل تۆلىگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا نۇرغۇن ئۇيغۇر رومان يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىدىكى پىكىرلىرى سەۋەپلىك گۇناھكار سانىلىپ ھاياتىنى سۈرگۈنلەردە ۋە ياكى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزگەن.

1976- يىلدا ماۋ خىتاينىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئېچىلغان 11- نۆۋەتلىك 3- خەلق قۇرۇلتىيىدا  (1978- يىلى) ئېلىنغان قارار بىلەن دۆلەت سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ۋە  سىياسىي جەھەتتە بىر ئاز ئەركىن قويۇۋېتىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. مەدىنىيەت زور ئېنقىلابى دەۋرىدە ئېغىر قېيىن–قىستاق، دەرت–ئەلەملەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلار بۇ قېتىملىق يېغىندىن كېيىن ئۆز يازغۇچىلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قايتىدىن قەلەمنى قولىغا ئالالىغان ۋە قىسمەن ئەركىنلىك ئىچىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا باشلىغان. مۇشۇ تارىختىن كېيىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىجتىھاد بىلەن يېڭىدىن يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلىغان ۋە ئالتە-يەتتە يىل ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق روماننى ئېلان قىلغان ۋە بۇ ئېلان قىلىنغان رومانلارنىڭ كۆپىنچىسى تارىخىي رومانلاردۇر. يازغۇچىلار بۇ تارىخىي رومانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋىرى يوق ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى رومان شەكلىدە ئۈگىتىشكە باشلىغان. بۇ دەۋىردە يېزىلغان رومانلار داڭلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىشتىن بەكرەك ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ باشلانغۇچ ئەسەرلىرىدۇر.

”ئۇيغۇر رومانچىلىقى“ تىمىسىدىكى ئىلمىي ماقالەم پۈتۈشكە ئاز قالغاندا 1943-يىلى يىزىلغان مەمتىمىن توختى ئايۇپنىڭ ”قانلىق يەر“ ناملىق رومانى قولۇمغا تەگدى. ئاپتور بۇ ئەسىرىنى 1943- يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلان قىلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەن، كېيىنرەك بۇ ئەسەر خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلنىپ، 1951- يىلى خىتايدا  چىقىدىغان غەربىي شىمال ئەدەبىيات-سەنئەت ژورنىلىنىڭ تۆتىنجى ۋە سەككىزىنجى سانلىرىدا خىتاي تىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەسەر 1986-يىللىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ، 1989- يىلىدا ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ روماننىڭ ئېلان قېلنىشىنىڭ بۇنچىلىك ئوزۇنغا سوزىلىشى ۋە بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار شۇ دەۋىردە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلنىشى ۋە نەشىر قېلنىشىنىڭ  نە قەدەر قېيىن ئېكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق بىر مەزمۇن بار: ئاپتور 1943- يىلى قەشقەردە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇرچە بىلىدىغان شىياۋ يۈ نەن ئىسىملىك بىر خىتاي بۇ روماننى ئوقۇغان ئىكەن ۋە خىتايغا قايتقاندىن كېيىن ئەسەرنىڭ خىتايچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ، ئۇ تەرەپتە ئېلان قىلدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىكەن. شىياۋ يۈ نەن 1949- يىلى خىتاي كومنىستىك پارتىيسى ھاكىميەت بىشىغا چىقىشقا ئاز قالغاندا مالايسىياغا چىقىپ يەرلىىشپ قالغانىكەن. 1950- يىلى بۇ روماننىڭ خىتاي تىلى نۇسقىسى شەرقىي تۈركىستانلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى تەرجىمانلار تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، غەرىبىي شىمال ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىينىڭ كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتىلىدۇ. غەرىبىي شىمال ئەدەبىيات-سەنئەت ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى خۇ سەي تاسادىبىي بىر پۇرسەتتە بۇ تەرجىمىنى ئوقۇپ قالىدۇ ۋە روماننى ئىنتايىن  ياخشى كۆرۈپ ژورنالدا ئېلان قىلىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، 1986- يىلغا كەلگەندە مۇشۇنداق بىر روماننىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئۇيغۇر يازغۇچىلار كۆپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئەسلى ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇ روماننىڭ خىتاي تىلىدا ئېلان قىلغان نۇسخىسىنى تاپقان ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. رومان 1993- يىلغا كەلگەندە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

بۇ روماننىڭ ئاپتورى مەمەت توختى ئايۇپ قەشقەردە تۇغۇلغان، ئوقۇشىنى ئۈرۈمچىدە تاماملىغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىردىن بولغان شاڭخەي، شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا كىنو–فىلىم ھەققىدە تەلىم ئالغان. شەرقىي تۈركىستانغا قايتقاندىن كېيىن ژورنال چىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، نەشىرياتلار بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان بىرى بولسىمۇ لېكىن ئۆزى ئۇيغۇرچە يازغان روماننى نەشىر قىلدۇرالمايدۇ. بۇ روماننىڭ نەشىر قىلنىش جەريانىدىكى قېيىنچىلىقلارغا قارايدىغان بولساق، شۇ دەۋىردە  يېزىلغان ئەمما نەشىر قىلنىش ئىمكانىيتىگە ئېرىشەلمىگەن باشقا ئەسەرلەرنىڭمۇ بارلىقىنى قىياس قىلماق تەس ئەمەس.

مەمەت توختى ئايۇپنىڭ ”قانلىق يەر“ رومانى 1930- يىللاردىكى قەشقەردە مۇستەبىت خىتاي ھاكىميىتى ئاستىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارسىدا يۈز بەرگەن بىر ئاشىق ھىكايىسىنى باش تىما قىلغان.

روماندا ئاپتور بىر ئاشىق پاجىئەسىنى تىما قىلىپ شۇ دەۋىردىكى بەزى باي ئەمما جاھىل يەرلىك كۈچلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن فاشست خىتاي مۇستەبىتلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يەرلىك خەلقنى قانداق بوزەك  قىلغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەلەر قەلەمگە ئېلىنغان. روماندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن. روماندا يەنە تەبىئەت تەسۋىرىمۇ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك قوللىنىلغان.

كۈنىمىزگىچە يېزىلغان ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ ئىچىدە تارىخىي رومانلار كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مىللىي كىملىكنى قوغداش ئۈمۈدى بىلەن يېزىلغان بۇ رومانلار تۈرك (ئۇيغۇر) جەمئىيتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەنىلەرنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ تەتقىقات تىمىمىزدا تىما قىلىنغان رومانلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

سۇتۇق بۇغراخان – سەيپىدىن ئەزىزى

ئىز – ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئويغانغان زېمىن – ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە – خىۋىر  تۆمۈر

بالدۇر ئويغانغان ئادەم – خىۋىر تۆمۈر

ئاشۇ كۈنلەردە – ئابدۇساتتار ھامىدىن

ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر – تۇردى سامساق

چالا تەككەن ئوق – ئابدۇللا تالىپ

ئۇنتۇلغان كىشىلەر – ئەخەت تۇردى

سىرلىق دىلو – زۇنۇن تاھىر

رومانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇپلا قالماي ھەجىمىمۇ بىر ئاز چوڭ بولۇپ بەت سانى  450 بەتتىن ئاشىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان رومانىنىڭ بەت سانى بولسا 1008 بەت بولۇپ ھەممدىن زور ھەجىملىك رومان ھىساپلىنىدۇ. رومانلارنىڭ بۇ قەدەر ئۇزۇن بولشىمۇ يازغۇچىلارنىڭ يېڭى رومان ئۇسلۇبىنى ئەمەس بەلكى ئەنئەنىۋىي ھىكايە ئاڭلىتىش شەكلىنى ئۆرنەك قىلغانلىقىدىندۇر.

بۇ رومانلارنىڭ ئىچىدە زۇنۇن تاھىرنىڭ ”سىرلىق ئوردا“ رومانىلا رازۋىتكا رومانىدۇر. ئەمما بۇ رومانمۇ 1980- يىللارنى تارىخىي ئارقا كۆرىنىش قىلغان ھالدا يىزىلغان. روماندا مەجبۇرىيەتلىرىگە سەل قارىغان، ئەمىلىنى شەخسىي مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى بىلەن، ھەقىقىي، دۇرستلۇق بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى ھەققىدىكى ۋەقەلەر قەلەمگە ئېلىنغان. بۇ روماندىن باشقا رومانلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە رومانلاردىكى تارىخىي دەۋىرلەر مۇنۇ شەكىلدەدۇر:

(1) قاراخانلار دۆلىتى دەۋرى: سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ باشچىلقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلشى (10-ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمى) سۇتۇق بۇغراخان.

(2) تۆمۈر خەلىپە باشچىلقىدىكى قۇمۇل ئېنقىلابى: ”ئىز“ رومانىنىڭ تىمىسى بولغان تۆمۈر خەلىپە يىغىلىقى ”بالدۇر ئويغانغان ئادەم“ رومانىدا يىغىنچاق شەكىلدە قەلەمگە ئېلىنغا ۋە ”قانلىق يەر“ رومانىدا تىلغا ئېلنىپ ئۆتكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1767- يىلىدىن باشلاپ 97 قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق كۆرەش ئېلىپ بارغان. بۇ ئەھۋال خىتايلاردا ”شەرقىي تۈركىستاندا ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كىچىك، ھەر ئوتتۇز يىلدا بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى قارشىلىق ھەركىتى بولىدۇ“ دېگەندەك بىر سۆزنىڭ پەيدا بولشىغا سەۋەپ بولغان. 1914 – يىلى قۇمۇلدا پارتىلغان ”تۆمۈر خەلىپە يىغىلىقى“مۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ يىل داۋاملاشقان ۋە تۆمۈر خەلىپىنىڭ قەھرىمانلىق ھىكايىسى ”ئىز“ رومانىنىڭ باش تىمىسى قىلىنغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ”ئىز“ رومانى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان مىللىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئويغىنىش ھەركىتى بولغان، ئەمما نەتىجىسى تىراگىدىيە بىلەن ئاياقلاشقان ”تۆمۈر خەلىپە يىغىلىقى“نى ھۆججەت شەكلىدە تىما قىلغان. روماندا 1911- يىلىدا قۇمۇلدا مەيدانغا كەلگەن چىڭ-مانجۇ ھۆكىمىتىنىڭ ھەدىدىن ئاشقان زۇلىمىغا قارشى تۆمۈر خەلىپە باشچىلقىدا خىتاي مۇستەملىكلىرى ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرىدىن بولغان شاھ مەخسۇت ۋاڭغا قارشى قىلىنغان كۆرەش تەپسىلى ۋە ئېنچىكە شەكىلدە يېزىلغان.

(3) خوجىنىياز ھاجى باشچىلقىدىكى (1928-1942-يىللىرى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن) ئىككىنجى قېتىملىق قۇمۇل ئېنقىلابى بولسا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىككىنجى رومانى بولغان ”ئويغانغان زېمىن“ رومانىنىڭ تىمىسىدۇر. بۇ روماندا 1933- يىلى 11-ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە يېقىلىشى قەلەمگە ئېلىنغان. ”ئاشۇ كۈنلەر“ رومانىدا بولسا قىسقىچە تىلغا ئېلنىپ ئۆتكەن. مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تۇرپاندا شېھىت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى ھەر ئىككى روماندىن تاپالايمىز. ”ئىز“ رومانىنىڭ داۋامى بولغان ”ئويغانغان زېمىن 1-2-“ رومانى 18 يىلدىن كېيىن ئوخشاش يەردە قوزغالغان خوجىنىياز ھاجى باشچىلقىدىكى  مىللىي ئويغىنىش ھەركىتىنى تىما قىلغان. ئوقۇرمىنىنى بەزىدە كۆز ياشلىرىغا بوغۇدىغان، يەنى بەزىدە ئىپتىخارلاندۇرىدىغان، يەنە بەزىدە بولسا ئىبرەت دەرسلىرى بېرىدىغان بۇ رومان تارىخىي رىئاللىقنى كۆپتۈرۋەتمەستىن بايان قىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ۋە خوجىنىياز ھاجىدىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي شەخسنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىلىرى، خاتالىرى بىلەن تىلغا ئېلنىدۇ ۋە ھەر ئىككىسى خەلق ئىچىدىن چىققان قەھرىمانلار سۈپتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.

(4) ئۈچ ۋېلايەت ئېنقىلابى: 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنجى (1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى) مۇستەقىل جۇمھۇرىيتى بولغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريتى قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرلىق باسقۇچى، قۇرۇلۇشى ۋە يېقىلىشىدىن (1940-1944-يىللىرى ئارىسى) ئىبارەت بىر تارىخىي دەۋىرنى يورتۇپ بەرگەن. ”ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر“، ”چالا تەككەن ئوق“، ”ئاشۇ كۈنلەر“، ”ئۇنۇتۇلغانلار“ قاتارلىق ئۈچ ۋېلايەت ئېنقىلابىنى قەلەمگە ئالغان بۇ رومانلاردا شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى بولغان ”11 ماددىلىق ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمى“ تىما قىلىنغان. يازغۇچى ئەخەت تۇردى ”ئۇنتۇلغانلار“ رومانىدا 1940-يىللاردىكى قەشقەر شەھرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.  يازغۇچى تۇردى سامساق بولسا ”ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر“ رومانىدا قەشقەرلىك  ئابدۇررەھمان ئىسىملىك ياش يىگىتنىڭ ھاياتىنى تىما قىلغان ھالدا، 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىنى ۋە ”ئۈچ ۋېلايەت ئېنقىلابى“نى قەلەمگە ئالغان. يازغۇچى رومانىدا تىلغا ئالغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ دەۋىرنىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن ئېنىق ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن.

(5) 1942-يىلىدا ئالتايدا قوزغالغان ئالتۇن يىغلىقى بولسا ”چالا تەككەن ئوق“نىڭ تىمىسىدۇر.

(6) مەدەنىيەت زور ئېنقىلابى (1966-1976-يىللىرى ئارىسى): يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان رومانلاردىن باشقا مەدەنىيەت زور ئېنقىلابىنى تىما قىلغان رومانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار: ”ئىزدىنىش 2“ زوردۇن سابىر؛ ”گۈلئايىم“ سەمەت دۇگايلى؛  ”تەڭرىنىڭ ھۆكىمى“ توختى ئايۇپ؛  ”بەيگىچىلەر ھەققىدە قىسسە“ مەمەتئىمىن سابىر.

يۇقارقى تىزىملىك بىزگە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن خېلى كۆپ يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت زور ئېنقىلانبىنى تىما قىلغان ھالدا ئەسەرلەر يازغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ مەدەنىيەت زور ئېنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىغا قانچىلىك زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

خىتايدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بىرىلغان مەدەنىيەت ئېنقىلابى ئىسمى بىرىلگەن بۇ چوڭ ۋەقە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت يوق قىلىش ۋەقەسى بولۇپ، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك، ئەقلى يەتمىگۈدەك  ۋەقەلەر سادىر بولغان، پۈتۈن خەلقنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى بۇزغان ۋە مەنىۋىي ھاياتىنى خاراپ قىلغان بىر ۋەقەدۇر. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئۇيغۇر جەميىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن قىممەت قاراشلىرىنى يوق قىلىپ،  مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ۋە ئىنسانلار ئارسىدىكى نورمال ئالاقىنىمۇ  بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. يازغۇچىلار بۇ رومانلارنى مەدەنىيەت زور ئېنقىلابىدىن خەۋىرى بولمىغان ياشلارنىڭ شۇ دەۋىردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن خەۋەردار بولىشى ۋە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلشى ئۈچۈن يازغان. ”ئىزدىنىش“ رومانى 1980-يىلى زوردۇن سابىر تەرپىدىن خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان ۋە بىرىنجى قىسمى 1984-يىلىدا، ئىككىنجى قىسمى بولسا 1990-يىلىدا نەشىر قىلىنغان. ”ئىزدىنىش“ رومانىنىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قىسمىدا ئاپتور 1950-يىللاردىن 1970-يىللارغىچە بولغان ئارلىقتىكى ۋەقەلەرنى يازغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە زىيالىلارنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ۋە ئورتاق تەقدىر-قىسمەتلىرىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە چوڭ ئىلگىرلەشلەرگە  ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ رومان شۇ دەۋىرنى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. يازغۇچى روماندا قەلەمگە ئالغان ۋەقەلەرنى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن، روماننىڭ چىنلىقى يۇقۇرى ۋە ۋەقەلىك تولىمۇ راۋان.

توختى ئايۇپنىڭ ”تەڭرىنىڭ ھۆكمى“ ناملىق رومانىمۇ مەدەنيەت زور ئېنقىلابى مەزگىلىدىكى بىر ئائىلنىڭ تىراگىدىيەلىك ھاياتىنى تىما قىلغان. نادىر داڭلىق بىر شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ خاراپ بولىشى بۇنىڭ ئۆزى بىلەنلا كەتمەي يەنە ئىككىنجى نەسىل ئوغلىنىڭمۇ ھاياتىنى خاراپ قىلغانلىقى، بەخىتلىك بىر ئائىلنىڭ بۆلىنىشىگە سەۋەپ بولغان بىردىنبىر گۇناھكارنىڭ دۆلەتنىڭ خاتا سىياسىتى، يەنى مەدەنيەت زور ئېنقىلابىدۇر. مەدەنىيەت زور ئېنقىلابىدا تەتقىقاتچى، شائىر، رەسسام، مۇخبىر، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق مىڭلارچە زىيالىلار نادىرغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان. بۇلاردىن تەلەيلىك بولغانلار ساق قالغان، ئەمما يەنە مىڭلارچە زىيالى بۇ مەدەنىيەت ئېنقىلابى مەزگىلدىكى قېيىن-قىستاقلاردىن ساق چىقالماي قۇربان بولغان. روماندا نادىر بىلەن بىر كامىردا ياتقان ئوقۇش-يىزىشنىمۇ بىلمەيدىغان سەھرادىن كەلگەن بىر كىشىنىڭ سىياسىي خاتالىققا باغلىنىپ ئۆلتۈرۈلىشى ئىنساننى ھەقىقەتەن چۆچىتىدۇ. سىياسەتنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنىمۇ بىلمىگەن بۇ يېزىلىق كىشىنىڭ ئات ھارۋىسىنىڭ تامغا ئىسىقلىق ماۋزىدۇڭنىڭ رەسمىنى جىجىپ تاشلىغانلىقى سەۋەپلىك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلنىشى شۇ دەۋىردىكى رىئاللىقنىڭ نە قەدەر بىر ھالغا كىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. مەدەنىيەت زور ئېنقىلابى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئىنتايىن  كۆپ بولۇپ،  قانچىلىك كىشىنىڭ مۇشۇنداق يوقىلاڭ باھانىلەر سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

مەدەنىيەت زور ئېنقىلابىنىڭ يېزىلاردىكى ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن كۈلپەتلىرىنى تىما قىلغان رومان ”ياچىۋەك ھەققىدە قىسسە“ دە ئاپتور بۇ مەزگىلدە ئىنسانلار ئارسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەقىلگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىنى ۋە ياشلارنىڭ بىر-بىرىلىرىگە نىسبەتەن ئەپۇ قىلغۇچىلاردىن بولشى لازىملىقى ھەققىدە ئەزىزنى مىسال قىلىپ يىزىپ چىققان، ھەمدە ئەپۇچانلىقنىڭ ئىسىل ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر خىسلەتلەردىن ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ روماندىن ئۇيغۇرلاردىكى (ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش ھەر ئىنساننىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش ئىسىل ئىنساننىڭ ئىشى) دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ رومانمۇ بىر دەۋىرنىڭ تارىخىينى ئەكىس ئەتتۈرگەن روماندۇر.

يۇقاردىكى رومانلاردىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئادالەتنىڭ، ئىنسانلار روھى ئەھۋالىنىڭ ۋە جەمئىيەت تۈزۈلمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ رومانلار 1970-يىللاردىن كېيىن نەشىر قىلىنغان. ياشلار تەرىپىدىن تارىخي رومان دەپ قارالغان بۇ رومانلار دەۋىر رومانلىرىدۇر. يازغۇچىلار ئۆز دەۋرىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىش جەريانىدا شۇ دەۋىرنىڭ تارىخىي ئەھۋالىنىمۇ بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن.

يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەسلىدە بۇ رومانلارنىڭ كۆپ قىسمى يازغۇچىلارنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن دەۋىر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، بۇ رومانلارنى تارىخىي رومان دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىنتايىن تىز سۈرەتتە ئۆزگىرشلەرگە شاھىت بولۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تارىخىنى ئېغىز تىلى شەكلىدە ساقلاپ قالماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىنى مەكتەپلەردە ئۆگىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىن تارىخىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىنمۇ خەۋەرسىز ياشىماقتا. يازغۇچىلار تەرىپىدىن دەۋىر تارىخ رومانلىرى ھىساپلىنىدىغان رومانلار ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تارىخىي رومان ھىساپلىنىدۇ.

بۇ رومانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بولغىنى ھۆججەت خاراكتىرىدىكى ”ئىز“ رومانىدۇر. 1950-يىللاردا يازغان ئىز ناملىق شئرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچى  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بۇ شىئىر بىلەن ئوخشاش ئىسىمدە يازغان ”ئىز“ ناملىق رومانى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ چۆللەردە ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ئەجداتلارنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى بىر-بىرلەپ تېپىپ چىققان ۋە خەلقىگە سۇنغان. شىئىرى بىلەن بۇ رومان ئارىسىدا تولىمۇ روشەن باغلىنىش بار بولۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ”ئىز“ رومانىنى يېزىش جەريانىدا تېپىپ چىققان تارىخىي ئىزلار ئاساسىدا يەنە بىر داڭلىق رومانى بولغان ”ئويغانغان زېمىن 1-2″قىسمىنى يېزىپ چىققان.  رومانلىرىدا شەرىقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ۋەقەلەرنى يىلنامە تەرتىپى بويىچە قەلەمگە ئالغان ئاپتور ”ئويغانغان زېمىن“ رومانىنىڭ ئىككىنجى قىسمىنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىدا روماننىڭ  ئۈچىنجى قىسمىنى يېزىشتىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ۋاز كەچكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزۈرىسىنى بىلدۈرىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىنىڭ يىزىلماسلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ، ئەمما ھېچكىم بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ بۇ روماندىكى مەزمۇنلاردىن راھەتسىز بولغانلىقى ھەممەيلەنگەن ئاشكارا بولغان سىردۇر. كېيىنچە سەيپىدىن ئەزىزى تەرىپىدىن قارخانىلار دەۋرىنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بەرگەن ”سۇتۇق بۇغراخان“ ئىسىملىك رومان نەشىر قىلىنىدۇ. ئۇزۇن يىللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەئىسى بولغان، خىتاي كومنىستىك پارتىيسىگە خىزمەت قىلغان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇ روماننى يېزىپ چىقىشى نۇرغۇن زىيالىلارنى ۋە خەلقنى خۇشال قىلىدۇ.

ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ھىكايە (پروزچىلىق) تەرەپلەردە خېېلى زور مۇۋاپىقيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئەمما رومانچىلىق جەھەتتە قەدەم ئالا-ئالماي ھەر خىل سىياسىي سەۋەپلەر ۋە كېيىنچە ئوتتۇرغا چىققان سولچىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە باستۇرىشى نەتىجىسىدە ئىلگىرلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ۋەزىپە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مىراس قالىدۇ. 1943-يىلىدىكى ”قانلىق يەر“ رومانىدىن كېيىن، قىيۇم تۇردىنىڭ 1978-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ”كۆرەشچان يىللار“ ناملىق رومانى ، ئۇزۇن بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا رومان يىزىشقا باشلىغان تارىخىنىڭ باشلانغۇچىدۇر. ھالبۇكى، رومان تۈركىيەدە بۇنىڭدىن 120 يىل بۇرۇن يەنى 1870-يىللاردىن ئىتىبارەن يېزىلىشقا باشلىغان.

”كۆرەشچان يىللار“ رومانىدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى كەلگەندىن كېيىن 1950-يىللاردا ئېلىپ بارغان كومۇنا دەۋرىدىكى يىزا ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتور رومانىدا سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۈستۈنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئاپتور بۇ  ئەسىرىدە يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سېنزور پىسخىكىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرغان. ئەسەر پىكىر ئەركىنلىكى تېخى تولۇق ئەمىلىلەشمىگەن ۋە كىشىلەر بۇنىڭغا ماسلىشىپ بولالمىغان بىر دەۋىردە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن نۇقسانلاردىن خالىي بولالمىغان. ھەر بېتىدىن توقۇلما بىر ئەسەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرغان بۇ ئەسەردە ئاپتور سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ھەددىدىن زىيادە كۈچىگەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئەسەر چىنلىقىنى يوقاتقان، خەلق نەزىردىمۇ ئىناۋىتى بولمىغان. بۇ پەقەت قىيۇم تۇردىنىڭلا ئۇسلۇبى بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا (سىياسىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن) كۆپ ئۇچرايدىغان ئورتاق بىر ئادەتتۇر. بۇ دەۋىردە پۈتۈن خىتاي ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا ئەھۋاللار ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھاكىميەتنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ قالغان ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مانا مۇشۇنداق تار دائىرە ئىچىدە قالغان. ئۇيغۇرلاردا نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى باشلانغان ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بار بولسىمۇ ، لېكىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ تەسىرىدىن كېيىن  ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىدا چېكىنىش كۆرۈلگەن. 1949-يىلى خىتاي ھاكىميىتى، يەنى ماۋزىدۇڭ ھاكىميىتى تىكلەنگەندىن كېيىن زور كۆلەمدە قەدىمىي ئەسەرلەر كۆيدۈرىلگەن. شۇ تارىختىن بىرى كومىنىستىك ھاكىميەتنىڭ تەشۋىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئەسەر ئېلان قىلىنمىغاچقا، كۆپ ئەسەر يېزىلمىغان. بۇ ئەھۋال ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان.

”كۈرەشچان يىللار“ رومانىنىڭ باشقا ئۇيغۇر رومانلىرىغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى، روماندىكى دۈشمەنلەرگە ”شەرقىي تۈركىستان“ قۇرۇش خىيالىنىڭ ئورنىغا كونا مىللىي ھاكىميەتنىڭ قايتىپ كېلشىنى ئارزۇ قىلىش خىيالى يۈكلەنگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس بەلكى خىتايلارنىڭ چۈشەنچە شەكلىدۇر. ئاپتور خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئارلاشتۇرۋەتكەن. ئاپتورنىڭ ئىلگىرى يازغان بىر ئەسىرىدىكى چۈشەنچىلەرمۇ مانا مۇشۇنداق تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ ۋەقەلەر گەرچە كىچىك بولسىمۇ لېكىن ئاپتورنى ئۆزى قوينىدا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ پىكىر، چۈشەنچىسىدىن يىراقلاشتۇرۋەتكەن. بۇ خىل تەپسىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ماس كەلمەسلىكى ھېكايىنى چىنلىقتىن يىراقلاشتۇرۋەتكەن. بۇ ئەسەر 60-70-يىللاردىكى خىتاي كومنىست ئىدىلوگىيىسى يۇغۇرۇلغان رومانلارنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر خالاس. تارىخىي رومانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ۋە شانلىق تارىخى بارلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئابىدەلىرىدىن پەخىرلەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بۇ تۈردىكى يازغۇچىلادىن ئىلگىرى خىتايلارغا خىزمەت قىلغان ، كېيىن ئۇيغۇر تارىخىنى مەدھىيەلەيدىغان ئەسەرلەرنى يازغانلارمۇ بار. سەيپىدىن ئەزىزى قەلەمگە ئالغان ”سۇتۇق بۇغراخان“ رومانى بولسا  ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ يارقىن دەۋرى بولغان قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ سۇتۇق بۇغراخان دەۋرى (10-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى) ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، شۇ دەۋىرنىڭ تارىخى ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا تارىخىي رومانلارنىڭ يېزىلغان ۋاقتى 1900-يىللاردىن كومىنىست خىتاينىڭ ھاكىميەت بېشىغا چىققان 1950-يىللارغا قەدەر 50 يىللىق تارىخ ھەققىدە بولۇپ، بۇ دەۋىر ئۇيغۇر مىللىي كۆرىشىنىڭ تازا ئەۋجگە چىققان مەزگىلىدۇر. يازغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى بەكرەك كۆپ قەلەمگە ئالغان.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ ”ئىز“ ناملىق رومانىدا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى چوڭ ئىنقىلابلاردىن بىرى بولغان «تۆمۇر خەلىپە» ئىنقىلابى (1900-1920) نى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئەمما خىتايلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ  نادانلىقى سەۋەبىدىن پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان. مىللىي قەھرىمان تۆمۈر خەلىپە ئەڭ ئاخىرىدا خىتايلارنىڭ توزىقىغا چۈشىدۇ. تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئاخىرىدا توزاققا چۈشىش سەۋەبى بولسا لى شى فۇ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ دىننى دەستەك قىلىپ تۆمۈر خەلىپىنىڭ دىنىي ھىسياتىدىن پايدىلنىشى بولۇپ، تۆمۈر خەلىپە بۇ تۇڭگاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ قالىدۇ. روماندا بۇ توزاقنى ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكىمەت رەھبىرى ياڭ زىڭ شىڭ قۇرغان. تەقۋادار تۆمۈر خەلىپە لى شى فۇ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ ئۆز يېنىغا جاسۇس ئەۋەتىشىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ۋە ھەممە مۇسۇلماننى ئۆزىگە ئوخشاش پاكىز ۋە راستچىل دەپ قالغان.

لى شۇفۇ تۇرپاندا تۇغۇلغان بولۇپ ئۇيغۇر تىلىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئوبدان بىلىدۇ ، ھەمدە گۇچۇڭدىكى تۇڭگان (خىتايدىكى مۇسۇلمان مىللەت) بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام قائىدىلىرىنى ياخشى بىلىدىغان بىرىدۇر. دادىسى ئۇنى يۇقۇرى مەرتىۋىلىك بىرى بولسۇن دەپ خىتاي مەكتىپىدە (شىياۋ تاڭ)دا ئوقۇتقان. ياڭ زىڭشىڭ ئۇنىڭغا:“سىز مېنىڭ تۆمۈر خەلىپە يىغىلىقىنى باستۇردىغان ئەڭ ئاخىرقى ئامالىمسىز. بۇ چارە ئىسلام دىنىدىن قانداق پايدىلنىشنى بىلشىڭىز بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەگەر قۇرئان ئارقىلىق تۆمۈر خەلىپىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ بەرسىڭىز ۋە تۆمۈرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كىلەلىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىزنى كەلگۈسىدە پارلاق بىر ئىستىقبال ساقلاپ تۇرىدۇ“ ( ئىز، 347-بەت)دېگەن. ۋە ياڭ زەڭشىڭنىڭ جاسۇسىنى تۆمۈر خەلىپىنىڭ يىنىغا يەرلەشتۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىدا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىسلام دىنى، دۈشمىنىنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولشىنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن گۇمانلانمايدۇ. مىللەت ئىشىنىدىغان قەھرىمان ساددىلىقى سەۋەبىدىن دۈشمىنىنىڭ نېمىلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ساختا مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنقىلاپ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ خاراكتىر بىر نەچچە روماندا تەكرار-تەكرار تىلغا ئىلىنغان.

”ئىز“رومانىدىكى تۆمۈر خەلىپە ئىنقىلابىدا ياش بىر ئەسكەر  سۈپتىدە تىلغا ئىلىنغان خوجىنىياز ھاجى ئىز رومانىنىڭ داۋامى بولغان ئويغانغان زېمىن رومانىدا تۆمۈر خەلىپە بىلەن ئوخشاش بىر جايدا قايتىدىن خەلىققە باشچىلىق قىلىپ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلىپ چىقىدۇ ۋە بۇ مىللىي كۆرەش تېز سۈرەتتە كېڭىيىپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئومۇملىشىپ،  ئاخىرىدا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ (1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئېلان قىلشىنى قەلەمگە ئېلىنغان.

ئۇرۇشتا كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ قەھرىمان خىتاي ۋە روسيەنىڭ سىياسىي قىلتاقلىرىنى تونۇپ يىتەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن 20 يىل ئىلگىرى تۆمۈر خەلىپە ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى قايتا تەكرارلىغان.

يىللار ئىلگىرى ياڭ زىڭشىڭ قانداق قىلىپ تۆمۈر خەلىپىنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ، ئۇ قوزغىغان ئىقىلابنى باستۇرغان بولسا، بۇ قېتىمدىمۇ شىڭ شىسەي ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن خوجىنىياز ھاجىنى قىلتاققا چۈشۈرگەن ۋە ئىنقىلاپ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

روماندا تۆمۈر خەلىپە ئىنقىلابىدا ساق قالغان ئىككى ئەسكەر، يەنى خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئەنسارنىڭ بۇ قېتىممۇ ئوخشاش خاتالىقنى تەكرالىشىنىڭ ئالدىدا ئىككىسى ئارسىدا ئېلىپ بىرىلغان بولۇپ، خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئەنسارىي بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە بېرىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەنسارى بولسا بۇنى رەت قىلىپ توقسۇندا قالىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇ تاللىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، تۆمۈر خەلىپە بىلەن ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىماسلىقنى ئېيتىدۇ. سۆھبەت مۇنۇ شەكىلدە بولىدۇ:

”-ياق، بارمايمەن.تۆمۈر ئاكام ۋە ئامانقۇللارنىڭ قانلىق كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزغان ئۇ جايغا بىرىپ ئۇلارنىڭ مازارلىرىنى كۆرمەسلىكىم مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى.

خوجىنىياز ھاجىنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلدى. ئالدى چىقىپ تۇرىدىغان ئەسكەر شەپكىسى بىلەن تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنگەن يۈزى تەرىپلىگۈسىز بىر ئىپادىنى ئالغانىدى. يېشىل رەڭلىك ئەسكەر فورمىسىنىڭ ئۈستىدىكى گىنراللىق ئالتۇن مىدالى پارقىراپ تۇراتتى. خوجىنىياز ھاجى ئەسكەر فورمىسىنىڭ ئۈستىگە باغلىۋالغان كەمىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتتى. بىردەم جېمجىتلىقتىن كېيىن، مۇنداق دېدى:

-بۇنداق غەلىتە خىياللارنى ئويلىما! بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشتە قالدى، سەنمۇ بىلىسەن. شىڭ شىسەي بىلەن 11بېتىملىق كىلشىم ئېمزالىدۇق. بۇ كىلشىمگە چوڭ بىر دۆلەت (روسيە) كېپىل بولدى.

-ھاجى ئاكا، مەن ئاقسۇدىكى ۋاقتىمدىمۇ ساڭا دېگەن، بۇ كىلشىم ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاندىنمۇ ئىشەنچلىكمۇ؟! لى شىفۇ دېگەن قېرى تۈلكە تۆمۈر ئاكامغا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلمىغانمىدى؟ ئاندىن نېمە بولدى؟ بۇ ئىسىڭدە يوقمۇ؟  بارىدىغان بولساڭ ئۆزۈڭ يالغۇز بار، مەن بارمايمەن. “ (ئويغانغان زېمىن، 376-بەت)

بۇ قۇرلار ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىش ۋە ئۇلارغا دۈشمەننىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتايلار تولىمۇ ھىلىگەردۇر. ئۇيغۇرلار داۋاملىق خىتايلارنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر قەھرىمانلىرى باتۇر، ئۇلار ئويۇننى بىلمەيدۇ. ھەمىشە خىتايلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. مۇستەقىللىقىنى قولدىن بىرىپ قويىشى ۋە مەغلۇپ بولشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى بولسا: 1- نادانلىقىدىن. 2- ئىچكى نىزالار سەۋەبىدىن. 3- دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان خائىنلار سەۋەبىدىندۇر.

ئويغانغان زېمىن رومانىدا خوجىنىياز ھاجىغا يىزىلغان بىر پارچە خەت: ”سىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇق، ئاللاھقا ئامانەت ھاجى ئاكا! بىزدىن رازى بولۇپ كېتىڭ. بۇ دۇنيادا كۆرۈشەلمىسەك ئۇ دۇنيادا كۆرۈشكىلى نىسىپ بولغاي. بىز بەك ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس بىر داۋانى باشلىغان ئىدۇق، شۇڭا خەلقمۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن بىزنىڭ ئارقىمىزدىن ماڭغانىدى. ئاللاھ بىزگە زەپەر ئاتا قىلغانىدى. ھەي كاشكى.. ئاخىردا بىز مەغلۇپ بولدۇق. مەغلۇپ بولشىمىز ئۆزىمىزنىڭ نادانلىقىدىن بولدى. نادانلىقىمىز سەۋەپلىك ئالداندۇق، يەنە تەكرار ئالداندۇق. دۈشمەنلىرىمىزنىڭ بىزگە قۇرغان توزاقلىرىنى بىلەلمىدۇق. ھېچكىممۇ بىزدەك ئەخمەق بولماس. ئەتە مەھشەر كۈنىدە مىڭلارچە شېھىدلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارامىز؟!! ئاللاھقا نېمە دەپ جاۋاپ بىرەمىز؟!! سۆزلىرىم بەكرەك قوپال بولۇپ قالدى، مېنى كەچۈرۈڭ.“ (ئويغانغان زېمىن 2-قىسىم. 436-بەت).

بۇ خەت شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان قەھرىمان گىنىرال مەھمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن يېزىلغان. مەخمۇت مۇھىتىمۇ خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن بىرى. بۇ بولسا خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە يەرلەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا يازغان ئەڭ ئاخىرقى مەكتۇپبىدۇر. ئويغانغان زېمىن رومانىنىڭ ئىككىنجى قىسمىنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىدا يەر ئالغان بۇ مەكتۇپ بۇ دەۋىر تارىخىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ سىگنالىدۇر.

بۇ روماننى ئوقۇغانچە بىلگە قاغان مەڭگۈ تاشلىرىدا يىزىلغانلارنىڭ نەقەدەر توغرا ئېكەنلىكىنى تېخىمۇ ھىس قىلغىلى بولىدۇ. خىتايلار  7-ئەسىردىن باشلاپ ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللانغان ۋە ئىزچىل مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇيغۇرلار بىلگە قاغاننىڭ سۆزىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئوخشاش خاتالىقنى يىللارچە تەكرارلىغان. ئۇيغۇرلار ھەر زامان دۈشمەنلىرى بىلەن قارمۇ-قارشى تۇرۇپ كەلگەن، شۇڭا ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولىشى كىرەك. شۇڭلاشقا يازغۇچىلار رومانلىرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ تىلى ئارقىلىق خەلققە نەسىھەت، ئۆگۈت بەرگەن. مانا بۇ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تارىخيى رومانلىرىدىكى ئاساسلىق ئېلمىنتلاردىن بىرىدۇر. ئاپتورلار مانا مۇشۇ يول ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ھەقتە بىلىمگە ئىگە قىلغان ۋە ئۇلارغا يول كۆرستىشكە تىرىشقان. خۇددىي بىلگە قاغاننىڭ ئورخۇن يىزىقلىرىدا يازغىنىغا ئوخشاش:

خىتايلارنىڭ سۆزى تاتلىق، خۇددىي يىپەك رەختكە ئوخشايدۇ. تاتلىق تىلى، يۇمشاق يىپەك رەختلىرى بىلەن ئۇزاقتىكى مىللەتلەرنى  ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. يىقىنلاشقاندىن كېيىن زەھىرى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئىلىملىك ئىنساننى، جەسۇر ئىنساننى راۋاج تاپقۇزمايدۇ. بىر ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئائىلسى، قەبىلىسى، ھەتتا پۈتۈن مىللىتى ئۇنى قوينىغا ئالمايدۇ. تاتلىق سۆزىگە، يۇمشاق رەختىگە ئالدىنىپ نۇرغۇن تۈركلەر يوق بولدى، ئالدانساڭلار يوق بولسىلەر“. ”ھەي تۈرك، ئوغۇز بەگلىرى، ياخشى قۇلاق سىلىڭلار! ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسە، يەر تىشىلىپ كەتمىسە، تۈرك مىللىتىنى، تۇپرىقىنى، قانۇنىنى كىم يوق قىلالايدۇ؟! ھەي تۈركلەر! ئۆزۈڭلارغا قايتىڭلار!“

1262 يىل ئىلگىرى ئورخۇن ئابىدىلىرىدە يېزىلغان بۇ نەسىھەتلەر ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ خۇلاسىسى ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بۇ رومانلار يەنىلا بۇ ئۆگۈتلەرنىڭ چىنلىقىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە نامايان قىلماقتا.

بۇ رومانلارنىڭ ھەممىسىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نۇختا-پىرىنسىپلىرى كۆرسىتىلمەكتە. خىتايلارنىڭ بەزى سىياسەتلىرى بەزىدە قارماققا خەلق ئۈچۈندەك كۆرىنسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا خەلقنىڭ مەنپەتىگە زىيانلىق بولۇپ چىقىدۇ. بۇنى ياشىماي تۇرۇپ بىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. شۇ ئىشلار يۈز بىرۋاتقىنىدا ، ئۆتمۈشنى خاتىرلەش، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىش ھەر ۋاقىت ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

”ئىز“ رومانىدا قۇمۇلدا كۆتۈرۈلگەن بۇ قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھاكىميىتىنىڭ خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى يىزىلغان:

(1) ھاكىميەت بېشىدىكىلەر خەلقنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۇپراق تەقسىم قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇنىڭ بىر توزاق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندالغانلىقىنى خىيال قىلىپ قوزغىلاڭنى توختىتىدۇ. ئەپسۇس، ئاخىرىدا تەقسىملەنگەن بۇ تۇپراق ئۈنۈمسىز تۇپراق بولۇپ چىقىدۇ.

(2) تېرىلغۇ يەرلەردىن ئېلىنىدىغان باج ئالدىن بېكىتىلىدۇ. لېكىن ئۈنۈمسىز تۇپراقتىن ئېلىنغان ھوسۇل بۇ باجنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار يىغىلغان قەرزلەر بىلەن قۇلغا ئايلىنىدۇ.

(3) دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە لازىمەتلىكلىرى پەقەت خىتايلارغىلا بېرىلىدۇ ، ئۇلارغا باج كەچۈرۈم قىلنىدۇ.

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىغا قىلغان نۇرغۇن ناھەقچىلىكلىرىنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى تارىخىي رومانلاردا مانا مۇشۇنداق شەكىلدە تىلغا ئېلىنغان. ھازىرمۇ خىتايلارغا تەۋە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار مۇشۇ تارىخىي رومانلاردىكى ۋەقەەلىكلەر ئارقىلىق خەلق كۆڭلىنى ئويغىتىدۇ. بۇ رومانلارنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر بۇرۇنقى زاماندا خىتايلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىغا قىلغان ساناقسىز ناھاقچىلىكلىرىنى ھازىر ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىردىكى ئەھۋال بىلەن سىلىشتۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىشى بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر يازغۇچىلار كونا دەۋىردىكى ۋەقەلىكلەرنى داستان، ھىكايە شەكلىدە بايان قىلىپ كىشىلەرنى ئويغىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. رومان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەقەت گۈزەل-سەنئەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ موھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مىللى ئالاھىدىلىكلىرىنى، كەچۈرمىشلىرىنى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ۋە دۈشمەنلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق شەكىلدە تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغاندۇر. ئاپتورلارنىڭمۇ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ شاھىتلىرىدىن بولىشى ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى ھۆججەت ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بۇ ئەسەرلەر بىلەن ئىپادىلەش قابىليىتىنى نامايەن قىلماقتا ۋە ھىكايە ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. يازغۇچىلار بۇ رومانلاردا خەلق داستانلىرىدىن ۋە خەلق قوشاقلىرىدىنمۇ ئىنتايىن  ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلانغان.  بۇ داستان ۋە قوشاقلار

خىتاي- مانجۇ تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى، خەلقنىڭ تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. رومانلاردا يەنە ھىكمەتلىك سۆزلەر، ماقال-تەمسىل، ئىدىيوملاردىن كۆپلەپ قوللىنىلغان. رومانلاردا كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى ئىسمى بېرىلگەن ، ھەتتا قىسقا ئۇچۇرلارمۇ قوشۇلغان. لەتىپىلەرگىمۇ ئورۇن بىرىلگەن. قىسقىسى، بۇ رومانلارنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن چوڭقۇر ئوزۇقلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ۋەقەلەرنىڭ ئېقىمى ۋە ئېيتىش مەقسىتىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېپوسىدىن (داستانلىرىدىن) مىساللارنى بېرىشنىمۇ ئۇنۇتمىغان.

”سىيت نوچى داستانى“دا ئاقسۇلۇق خىتاي ۋالىي قەھرىمان ئۇيغۇر ئوغلانى سىيت نوچىدىن قەشقەرنى ۋالىيسىغا (خىتاي) يەتكۈزىشى ئۈچۈن مەكتۇپ ئەۋەتكەن. داستاندا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم پەرمانى يىزىلغان بۇ خەتنى، ئىچىگە ھېچ قاراپ باقماستىن قەشقەر ۋالىيسىغا كۆتۈرۈپ بارغان گاڭگۇڭ، مەرت سىيت نوچىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. تاغلارنى ئۆرىۋەتكىدەك كۈچلۈك، قەھرىمان يىگىت سىيت ئۆزىنىڭ راستچىللىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم پەرمانى يىزىلغان خەتنىڭ ئىچىنى ئىچىپمۇ كۆرمەستىن قەشقەر ۋالىيسىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئايلارچە يول يۈرگەندىن كېيىن ئامانەتنى جايىغا يەتكۈزىدۇ. ئۆزىگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ توزاق قۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۆز خەلقىدەك ساپ، پاكىز دەپ ئويلىغان سىيت نوچى ئۇنىڭدىن قىلچە گۇمانلانمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قولىدىكىنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم پەرمانى ئېكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان سىيت نوچى ئاخىرىدا دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۆز دەۋرىدىكى قەھرىمانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان بۇ پاك يۈرەك ياش ئۆزىنىڭ نادانلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھېكايە روماندا بىر مەھبۇسنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

”-ھەي، ياش يىگىت. قارىماققا ئالاھىدە بىرىدەك تۇرىسىز، قېنى دەڭ، كىمسىز؟“ دەپ سورايدۇ بىر ياشانغان بوۋاي. ئۇنىڭ سىيت نوچى ئېكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قايتا قۇچاقلىشىپ سالاملاشقانمىش. ھال ئەھۋالىنى سورىغانمىش. سىيتنى ئۆزىنىڭ مېھمىنى بولۇشقا تەكلىپ قىلغانمىش، سىيت نوچى بولسا ئۆزىنىڭ ئالدىرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا راۋان بولغانمىش. ياشانغان كىشى سىيتكە مۇنداق دېگەنمىش“ ”ھەي ئوغلۇم! قولۇڭدىكى مەكتۇپ ئىچىمدە غەلىتە تۇيغۇلارنى پەيدا قىلدى. ئەجەبا ئېچىپ ئوقۇپ باقساق بولماسمۇ؟“ دېگەنمىش. سىيت نوچى مۇنداق جاۋاپ بەرگەنمىش:

ئامانەتكە خىيانەت، نامەرت ئىشىدۇر.

پالاكەتنىڭ ياخشى كۆردىغىنى، قورقۇنچاق كىشىدۇر.

گەر كەلسە ئەجەل، جېنىمنى ئالار.

سۇلار كېتەر، تاشلار قالۇر“  (چالا تەككەن ئوق، 21-بەت)

خىتايلار بۇ خىل ھىلە-مىكىرلىرىنى جەڭ مەيدانىدىمۇ قوللىنىدۇ. تارىختىن قالغان تۆۋەندىكى مىسالدا خىتايلارنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىپ كەلگەن ھىلە-مىكىرلىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۋالالايمىز.

”تاڭ ئەمدىلا يورۇغانىدى. ئايرىدورۇمنىڭ شەرقى تەرىپىگە ئون كىلومىتىرچە قالغان يىراقلىقتا توپا-چاڭلارنى توزىتىپ كىلۋاتقان مىللى ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرى يىقىنلاشماقتا ئىدى. ئۇلار ئايرودۇرۇمغا يىقىنلاشقاندا بۇ يەردە مۆكىنىپ ياتقان دۈشمەن ئاق بايراقنى چىقىرىپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. كەينىدىنلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مىلتىقلىرىنى ئېتىشقا باشلىدى“.

مىللىي ئارمىيە ئاق بايراقنى كۆرگىنىدە بۇنىڭ بىر توزاق ئېكەنلىكىنى بىلەلمىدى. ئۇلار ئاق بايراققا ئىشەندى. ئەتراپ تۈپتۈز ئىدى. بىر نەچچە يۈز كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھىلگەر ئاق بايراقچىلار مىللىي ئارمىيە ئۇلارغا يىقىنلاشقىنىدا تۇيۇقسىز ئوق ياغدۇرۇشقانىدى. خىيالى تۇرۇپ قالغان مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ ئەھۋالنى بىلىپ بولغىچە ئۇلارنىڭ ئارسىدىن نۇرغۇن كىشى شېھىت بولدى. بىكاردىن-بىكارغا قانلار ئاقتى. كەينىگە چېكىنىشتىن باشقا ئامالى قالمىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن كۇچاردىن كەلگەن ما تۇۋەنجاڭنىڭ رەھىمسىز ئەسكەرلىرى پۇرسەتتىن پايدىلنىپ باي ناھىيەسىنى پۈتۈنلەي ئوققا تۇتتى. ئەھۋال ھەقىقەتەن ئاپەت ھالىغا كەلگەنىدى. خىتاي ئەسكەرلىرى قانلار ئىچىدە غەنىيمەت توپلاش كويىغا چۈشتى. كوچىدا كۆرگننى ئۇرۇپ پەشۋالايتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەكلىرىنى پارچە-پارچە قىلۋەتكەنىدى. بالىلارنى مىلتىقلىرىنىڭ ئۇچىغا سانجىپ كۆڭۈل ئېچىۋاتاتتى. بوۋاقلارنى ئىككى پۈتىدىن يەرگە قارتىپ تۇتۇپ ئىككى پارچە قىلۋاتاتتى.

ئۇزۇن ئۆتمەي مىللىي ئارمىيەنىڭ يېڭى قىسىملىرى يېتىپ كەلدى. مىللىي ئارمىيە بۇ يەردىكى ئەرلەر بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ زورايدى ۋە كۈچلەندى. كۈچلۈك مىللىي ئارمىيە دۈشمەنلىرىنى يەر چىشلەتتى. ئەجەل قاينىمىغا چۈشكەن خىتاي ئەسكەرلىرى لاتا خەيلىرىنى قولتۇقلىغىنىچە قېچىشقا باشلىدى. (چالا تەككەن ئوق، 336-بەت).

ئاخىرقى جۈملىدىكى ”لاتا خەي“ سۆزى بولسا ئۇيغۇرلانىڭ خىتايلارنى تەسۋىرلەشتىكى سىمۋۇل خاراكتىرلىك بىر سۆزدۇر. بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر خىتايلار ھەققىدە سۆز قىلنىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالايدۇ. روماندا لاتا خەي سۆزىدىكى خەي ئالاھىدە ھالدا خىتايچە تەلەپپۇز قىلىنغان. مۇنداق بولغاندا خىتايچە سۆز ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ خىتايلاردىن سۆز ئاچقىلى بولدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى لاتا خەي كېيىش پەقەت خىتايلارغىلا خاس بولغان ئادەتتۇر. بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىق ۋە راھەتلىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ھەتتا دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئاياقلارنى كېيىشكە باشلىدى. ئەمما ئىلگىرى كۆپىنچە ئۇيغۇرلار باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن خۇروملاردىن ئاياق تىكتۈرۈپ كېيەتتى ۋە لاتا خەي كەيگەنلەرنى سەھرالىق دەپ ياراتمايتتى.  بۇ جۈملىدىمۇ تۆۋەن كۆرۈش مايىللىق بار بولۇپ، باشقا رومانلاردىمۇ بۇ تۈر ئىپادىلەر كۆپ قوللىنىلدۇ.

ئىلگىرى رومانلاردا كۆپىنچە خىتايلارغا قارشى تىل قوللانغاندا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىل قوللىنىلاتتى. پەقەت خىتاي ئەمەلدارلىرى ئەيىبلىنەتتى، نورمال پۇقرالارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارالمايتى. ھەتتا دۈشمەنلىكنىڭ ئەمەلدارلارغا قارىتا ئېكەنلىكىنى، پۇقرالار بىلەن، مەسىلەن ئەسكەرلىكتە تۇرغان، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرۇلغانلىقى بايان قىلناتتى. (ئۇنۇتۇلغان كىشىلەر ۋە ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر)دىن ئىبارەت بۇ ئىككى رومان دەل مۇشۇ پىكىرنىڭ ئۆرنەكلىرى بولالايدۇ.

يازغۇچىلارنىڭ ئەڭ نەپرەتلەنگەنلىرى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ئاجىز كۆرۈنگەن ۋە ھەتتا دۈشمەنلەر بىلەن ھەمكارلاشقان خائىن ئۇيغۇرلار بولغان. كومىنىست خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن دائىم ھەربىي ھەركەتلەرنى، مانۋىرلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ مەزمۇنلار بار ئىدى. دۈشمەنلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ئەجدادلىرىنىڭ قانداق ئازاپلىرىنى تارتقانلىقلىرىنى بىلدۈرش ئۈچۈن، ئىنساننىڭ يۈرىكى چىدىمايدىغان ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلاتتى. خىتايلارنىڭ تىرىسىنى تەتۈر سويۇش دېگەندەك ئەڭ ۋەھشىي جازالاش ئۇسۇلىمۇ چالا تەككەن ئوق رومانىدا تەسۋىرلەنگەن. مەخپىي ۋە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ۋەقەلىكلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ تۈر رەھىمسىز زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق ۋەقەلىكلىرى تارىخىي رومانلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تىلغا ئېلنىپ ئۆتىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا ئەجدادلىرىنىڭ قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەسۋىرلىگىنىدە ئۇيغۇر بىلەن باشقا تۈركىي مىللەتلەتنىڭ يېقىنلىقىنىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتىدۇ. يازغۇچىلىرىدا ئۆز ئەسەرلىرىدە باشقا تۈركىي مىللەت قەھرىمانلىرىنىمۇ تىلغا ئىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان سۆيگۈسىنى، ھۆرمىتىنى، يېقىنلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ قەھرىمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق قىېرىنداشلىق مىھرى يەتكۈزگەنلىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى تەكىتلەيدۇ. ئورتاق بولغان تۈرك روھىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى خىتايلارنىڭ قوللىنىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتىدۇ. ۋەھشى خىتايلارنىڭ قازاق خەلقىنى قانداق باستۇرغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر –قازاق خەلقىنى دۈشمەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ قانداق ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق قازاق خەلقىگە بىر قېرىنداشلىق ئۇچىرى ئەۋەتىدۇ. تۇردى سامساقنىڭ ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر رومانىدا خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن توي قىلغان ئاسىمە ئىسىملىك قازاق قىزىغا پوخۇرلۇق قىلىپ، گۇناھنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ قويغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەقەلىك سۆزلەنگەن. روماندا ئاپتور يەنە ئەكسىيەتچى خىتايلارنىڭ ئالتايدا ياشايدىغان قازاقلارنى قانداق بۇلىغانلىقى، ئەزگەنلىكى ھەققىدىكى نۇرغۇن ۋەقەلىكلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. قازاق قەھرىمانلىرىنىڭ خىتاي ئەكسىيتچىلىرى تەرىپىدىن قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە سۆزلىگىنىدە قازاق شىۋىسىنى قوللىنىشنىمۇ ئۇنۇتمىغان. يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ۋە روس ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىزىلىشىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تارىختىن ئىنتايىن  ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. تارىختىكى قەھرىمانلار ۋە ۋەقەلەر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ياشلارغا كۆرسەتكەن ئۈلگىلىرىدۇر.

مەكتەپلەردە ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي تارىىى ھەققىدە تەلىم بىرىلمىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن يازغۇچىلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى، ئەجدەدلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى يىزىش ئارقىلىق ئۇلارغا بۇ تارىخلاردىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار قىلىش مەجبۇرىيتىنى ئۆتىگەن ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇ رومانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى –

نىكاھ ، تۇغۇلۇش ، توي ، ئۆلۈم ، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك ئادىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر قەلەمگە ئېلىنغان بولۇپ، يازغۇچىلارئۆزلىرىنىڭ خىتايلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە باشقا ئۆرپ-ئادەتلەردە ئۇلاردىن خېلىلا پەرقلىنىپ تۇردىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق قەلەمگە ئالغان ۋە خىتايلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئالدايدىغان يۇمشاق تاشقى قىياپىتىگە ئالدانماسلىق كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىراس قالدۇرغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىشقا چاقىرىق قىلغان.  خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇپ، زىددىيەت تېرىۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىنى تەكىتلىگەن.

”قۇتلۇق ئەپەندى ئەسكەرلەر ئارسىدىكى شەھەرلىكلەر بىلەن سەھرادىن كەلگەنلەر ئوتتۇرسىدىكى سۈركۈلۈشلەرگە شاھىت بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەكلا يىرىم قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ:

-بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ بۇ قىلۋاتقىنىڭلار كاڭ لۇ قاڭنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇلار ئەسلىدىنلا بىزنىڭ ئىچىمىزدە بىر جەڭگە-جىدەلنىڭ چىقىشىنى، ئوڭ قۇلىمىزنىڭ سول قولىمىزنى چېپىپ ئۈزۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى بىزگە قوللىنىپ كەلگەن ”ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش“ دېگەن ھىلىسى مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت. بىز بۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتتۇقمۇ؟  بۇنىڭ زىينى ئاز بولدىمۇ بىزگە؟“ (ئۇنتۇلغانلار، 401-بەت)

بۇ ۋەقەلىكلەر كۆكتۈرك  تاشلىرىدىكى قوماندانلارنىڭ تۈركلەرنى خىتايلارغا قارشى ھۇشيار بولۇشنى تەكىتلىگەن ئۆگۈتلەرنىڭ تەكرارىدۇر. خىتايلار ئۇيغۇرلانى كونتىرول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇلاردىنى باشقۇرالمىغىنىدا بىرەر ئەمەلنى بىرىپ ئۇلارنى يوق قىلىش ھىلىسىدىن ئىبارەت. ئەپسانە قەھرىمانلاردىن تۆمۈر خەلىپىنى، خوجىنىياز ھاجىنىمۇ بىللە ھوقۇق تۇتۇپ خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ ئەكىلىپ، كۆرنۈشتە ”ھوقۇق تۇتقۇزۇپ“ توزاققا چۈشۈردى. مۇشۇ شەكىلدە تىنچلىقنى قوغداش شۇئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىرىنى تاشلاتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، خىيانەت قىلىپ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى قەپەسلەرگە سولاپ يوق قىلىشتى. خىتايلار دىندارلارنى باشتا قولغا كەلتۈرۈش كويىغا چۈشۈپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ دىنىي ھىسياتىدىن پايدىلنىپ ئۇلارنى توزاققا چۈشۈردى ۋە ئۇيغۇرلانى مۇشۇ شەكىلدە ئىلىمدىن يىراقلاشتۇرغان. خىتايلارنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئويغىتىشتا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلقتۇر. خىتايلار ۋە مۇتئەسسىپ كۈچلەر خەلقنىڭ بۇ ھىسياتىدىن پايدىلنىپ خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن. رومانلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىشى تەكىتلىنىدۇ.

”نادانلىق بىزنى يوق بولۇشقا قاراپ ئېلىپ ماڭىدۇ. باتۇق قېرىندىشىم! جاھالەتتە قالغان مەڭگۈ خورلۇققا، ئەسىرلىككە مەھكۇم. ئىسىڭدىن چىقارما، سەن تېخى ياش، قانچە كۆپ ئوقۇساڭ ھەممىمىز ئۈچۈن شۇنچە ياخشى، شۇنچە پايدىلىق“ …

”ئەكسىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ياڭ زىڭشىڭ دەۋرىدە بولسۇن مەيلى شىڭ شىسەي بولسۇن، ھەممىسىنىڭ مەقسىتى ئوخشاش، بىزلەرنى مەڭگۈ جاھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر قىلىش. تارىختىن بۇيان ئۇلار ئۇيغۇرلارغا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلگەن. كۆرمەمسەن؟ يەنە كەلگۈلۈك  شۇ مائارىپىمىزغا كىلىپتۇ، مەكتەپلەر تاقىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تارقىتىلىۋىتىپتۇ“. (ئۇنتۇلغانلار، 45-51-بەت)

بۇنىڭ دەلىلى سۈپتىدە ”ئىز“ رومانىدا ئاپتور دادىللىق بىلەن  ياڭ زىڭشىڭنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى يازغان: ”خىتايلارنى ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇرلارنى خىتتايلارغا قارشى تۇردىغان زىدىيەت تىرىيالىساڭ، ئارزۇيىڭغا يەتكەن بولىسەن.مېنى ئەڭ قورقىتىدىغىنى بولسا، خىتاي، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇللارنىڭ بىر-بىرى بىلەن دوستانە ئۆتىشى. ئىلىم-مەرىپەت بىلەن كۆزلىرىنىڭ ئېچىلىشىدىن ھەممىدىن بەك قورقىمەن. ئۇلار جاھالەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ، بىر-بىرلىرى بىلەن دوسلارچە ئىتتىپاق ئۆتسە ئۇ ھالدا بۇلارنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش قېيىنغا توختايدۇ. جاھالەت داۋاملاشسا ۋە بىر –بىرلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ ئۆتسە ئۇلارنى باشقۇرۇش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن كۈچ-قۇۋۋەت تەڭپۇڭلىقىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئۇلارغا قەتئىي بىرلىشىش پۇرسىتى بەرمەسلىك كىرەك. شۇندىلا، ھەممىسى ئۆزىنىڭ دەردى بىلەن قىلىپ، قوزغىلاڭ قىلىش، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىش دېگەنلەرگە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. بۇ بىرىنجىسى. ئىككىنجىسى بولسا ئۇيغۇرلاردا ”ئۆزىنىڭ يىغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش“ دېگەن بىر ماقال –تەمسىل بارمىش. ئەسلىدىمۇ قوينىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يىغىدا قورىسا ھەم يىيىشلىك ھەم ئەرزان توختايدۇ. ئۇيغۇرلاردا يەنە ”سىپى ئۆزىدىن“ دەيدىغان گەپمۇ باركەن. بۇنىڭ مەنىسى ”پالتىنىڭ سىپى ياغاچتىن بولىدۇ، ئەمما ئاشۇ پالتا دەرەخلەرنى كىسىدۇ“ دېگەنلىك بولامىش. دېمىسىمۇ ئەگەر پالتىنىڭ سىپى ياغاچتىن بولماي تۆمۈر ياكى پولاتتىن بولسا دەرەخنى چاپقاندا ئادەمنى كەينىگە سىلكىپ قولىنى ئاغرىتاتتى. شۇڭا، ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەر يەردىكىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرسە، مەسىلەن قۇمۇلدىكى تۆمۈر خەلىپە ياكى تۇرپاندىكى مۇھىتتىن دېگەندەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئادەم تىپىپ باستۇرساق بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققان بولىمىز. يەنى ئۆلگەنمۇ، ئۆلتۈرگەنمۇ ئۆزىنىڭ ئادىمى بولىدۇ. سىنىڭ قولۇڭغا قان چاچرىمايدۇ. قەدىمكى ئاتىلىرىمىزنىڭ خەقنى خەقنىڭ قولى بىلەن يوقىتىش دېگىنى دەل مۇشۇ شۇ. كۆرگىنىڭلاردەك، مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئوبدان بىلمىسەم بۇ يەردە ئۇلارنى كونتىرول قىلشىم مۇمكىن بولمايتى“ (ئۇنتۇلغانلار، 330-بەت)

ئۇيغۇر رومانلىرىدا يەر ئالغان تارىخ ئۇزۇن بىر تارىختۇر. يازغۇچىلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا ئوخشاش ئۇزۇن تارىخىنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. رومانلاردا يەنە خېلى كۆپ يەرلەردە لىرىك ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ رومانلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر رومانلىرى ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارسىدىكى كۈرەشنىڭ ئەسىرلەردىن بىرى داۋاملىشىپ كىلۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا خىتايلارنىڭ قانداق ھىلە-مىكىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرى ئەدەبىي جەھەتتىن بەكرەك تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە ئىدىلوگىيە تەرەپلەردە مۇۋاپىقيەتلىك بولغان دېيەلەيمىز. بۇ رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن شەخىسلەردىن سۇتۇق بۇغراخان، تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجى،  ئابدۇقادىر داموللا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالق ئۇيغۇرى، قۇتلۇق ئەپەندى قاتارلىقلار بار بولۇپ بۇ تارىخىي شەخىسلەرنىڭ، قەھرىمانلارنىڭ كېيىنكى نەسىللەرگە ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن يېزىلغان. يازغۇچىلار يەنە ئۇيغۇر مەدەنيىتىگە ئالاھىدە تۆھپىسى بولغان ۋە ئەسلىنىشى كېرەك بولغان تارىخىي شەخىسلەر ھەققىدە، ئۇلارنىڭ ھاياتى، ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە باشقا رومانلارنى يازغان. بۇ رومانلار ئارقىلىق تارىختا ياشاپ ئۆتكەن مىللىي قەھرىمانلارنى ئۇيغۇر خەلقى، جامائىتى ئارسىدا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئابىدىگە، ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قەھرىمانلارنىڭ خەلق ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرى، ئىش-پائالىيەتلىرىنى ياشلارغا تونۇتقان. ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتە ياشىغانلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، كەلگۈسىسى ئۈچۈن نۇرلۇق بىر يولنى ھازىرلىشىنى مەقسەت قىلغان. بۇ تارىخىي شەخىسلەرنىڭ بىر قىسمى بىر نەچچە روماندا قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنغان. بەزى قەھرىمانلار ئەپسانىۋىلاشتۇرۇلغان. بۇ شەخىسلەر ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن پايدىلىق، قىممەتلىق ۋەقەلىكلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. مائارىپ ساھاسىدىكى مەشھۇرلاردىن بىرى ئابدۇقادىر داموللامدۇر. ئۇنىڭ ھېكايىسى خىۋىر تۆمۈر تەرپىدىن ”ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە“ ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنغان.

1862- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ، ئوقۇش ھاياتى قەشقەر ، بۇخارا ، قوقەن، سەمەرقەنت ۋە ئۇفا قاتارلىق ئىلىم-پەن مەركەزلىرىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە ئىلىم ئۈچۈن ئىستانبۇل ۋە مىسىرغىچە باردى.ئابدۇقادىر داموللانىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى توغرىسىدىكى رومان ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. دەۋرىنىڭ داڭلىق، ئىلىملىك، ئالدىن كۆرەر شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇقادىر داموللا چەتئەللەردىكى ئوقۇش ھاياتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتقان ۋە قەشقەردە قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. مائارىپ ساھاسىدە نۇرغۇن  پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق، كونا سېستىمدىكى مائارىپ ئەندىزىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشمىغان تەرەپلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ دەۋىر تەلپىگە لايىق  شەكىلگە ئەكىلىپ يىڭىلىق ياراتقان. دەرسلەرنى چۈشىنىشلىك، ئاسان قوبۇل قىلىنىدىغان شەكىلدە يىڭىدىن تۈزۈپ چىققان. بۇ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا خىتاي-مانجۇ ھۆكىمىتىنىڭ ۋە بەزى يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا كۆكەك كىرىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئابدۇقادىر داموللا ئەكسىيەتچى خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ كۈشكۈرتىشىگە ئالدانغان بەزى يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن 1924-يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. روماندا ئابدۇقادىر دامۇللا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن يېزىلغان.

”بالدۇر ئويغانغان ئادەم“ (خىۋىر تۆمۈر): بۇ روماندا ئابدۇخالق ئۇيغۇرىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان. ئابدۇخالق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1920- 1930-يىللاردىكى شەرىقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى جەريانىدا ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا زامانىۋىي مەكتەپلەرنى ئاچقان.  شىئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى جاھالەتتىن، خۇراپىي ئىددىيەلەردىن ئازاد بولۇشقا ، زامانىۋى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا چاقىرغان. بۇ ”گۇناھىي“ سەۋەپلىك 1933-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى شىڭ شىسەي تەرپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ”بالدۇر ئويغانغان ئادەم“ رومانى دەل مۇشۇ تارىخىي شەخىسنىڭ شېھىدلىكىنىڭ 50- يىلىغا ئاتاپ يېزىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا تالىپ تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان تارىخىي شەخىس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان ”قاينام ئۆركىشى“ ناملىق رومان بۇ تۈردىكى رومانلارنىڭ تۇنجىلىرىدىن ھىساپلىنىدۇ. بۇ روماندا ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن، ئەمما خەلق ئارسىدا شىئىرلىرى بىلەن تونۇلغان ياشنىڭ ”سىياسىي پىكىر جىنايىتى“ قالپىقى كەيدۈرۈلۈپ ئەكسىيەتچى خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن قىسقىغىنە ھاياتى بايان قىلىنغان. ئاپتور رومانىدا بۇ ياش تارىخىي شەخىسنى مۇۋاپىقىيەتلىق جانلاندۇرۇپلا قالماستىن، 1940-يىللاردىكى شەرىقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالىنىمۇ  بايان قىلغان.

پۈتۈن رومانلاردا  ھەممىسىدە تەسۋىرلەنگەن قەھرىمانلار ئادەتتە يالغۇز بىر ئۆلچەملىك بولۇپ، داستانلاردىكى شەخسلەرگە ئوخشاش تۈز خاراكتىرلىكتۇر. ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا زامانىۋى دۇنيا رومانىنىڭ مۇرەككەپ شەكىللىرى يوق، ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىنغان. پات-پات ھېكايە ئىچىدىكى ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇمۇ  ۋاقىت تەرتىپكە ماس كېلىدۇ.

”ئىزدىنىش“ رومانىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور مۇنداق بىر ئۇچۇرنى بىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ: مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىنىن قالغان پۇرسەتپەرەسلەر ۋە ئادالەتسىزلىكلەر تېخى تۈگىگىنى يوق.  ھەر ساھەدىكى ، بولۇپمۇ ئىلمىي ئورگانلاردىكى مەمۇرىي خىزمەتچىلەر ناچار كىشىلەردىن پۈتۈنلەي خالىي ئەمەس. تېخى ھەل  قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار.

ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن باشقا غايىۋى شەخسلەر ئۆزلىرى ياشايدىغان تار مۇھىتنى ئوڭشاش ۋە خەلقىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېزىلىرىغا بېرىپ ئىشلەش ئۈچۈن قايتىدۇ. روماندا بۇ مەقسەت بىلەن تىرىشىۋاتقان، ئەر ۋە ئايال شەخىسلەر تىلغا ئىلنىدۇ. ”ئىزدىنىش“ رومانى مەدەنىيەت ئىنقىلاربى قۇربانلىرىدىن بولغان ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ غايىۋىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرى، سۆيگەن يارىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى دۇنياسى تەسۋىرلەنگەن بىر ئىجتىمائىي روماندۇر. بۇ رومانمۇ ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىدىغان رومانلاردىن بىرىدۇر. روماننىڭ تىلى، بايان قىلىش ئۇسلۇبى ئىنتايىن  مۇكەممەل. ئاپتورنىڭ ھاياتى رومانىدىكى ئەلانىڭ ھاياتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاپتورنىڭ تەرجىمالى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ روماندىكى ئەلا ئوبرازىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئوغرى ۋە ئەخلاقسىزلار دۈشمەنلەر بىلەن تېزلا چىقىشىپ ئىتتىپاقلىشىدۇ ياكى ئۇلار بار يەردە ياخشىلارغا، مىللەتپەرۋەرلەرگە ياخشى كۈن يوقلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇلارنىڭ زىدىيەتلىرى بايان قىلىنغاندا يېزىدىن كەلگەنلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بىرىلگەن. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ناچارلار خىتايلارنىڭ ئىشىغا يارىمىغۇدەك بولسىلا ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىنغان. ئاپتور ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلغىنىدا مىسال بىرىش ئارقىلىق ئىشلارنى تېخىمۇ تەپسىلى يورۇتۇپ بەرگەن. تىرىشچانلارنىڭ قىممىتىنىڭ بىلىنمەسلىكى، ھورۇنلارنى تەنقىدلەشنى ئەسەردىكى كۈچلۈك بىر ئىجتىمائىي تەنقىد ئۇنسۇرىغا ئايلاندۇرغان ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ ئىللەتلىرىنى تۈزىتىدىغان بىر ۋاستە ھالىغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا دۈشمەنلىرىنىڭ بەزى ھەركەتلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك قىلىدىغانلىقى ئۇرغۇلانغان.

ئايال قەھرىمانلار: ئايال قەھرىمانلارنىڭ خىتايلار ۋە خىتاي بىلەن بىرلىشىۋالغان ئەسكى كىشىلەر تەرىپىدىن راھەتسىز قىلنىشى بۇ ئاياللارنىڭ دۆلىتىگە، خەلقىگە قىلىدىغان خىزمەتلىرىدىن ئالا قويىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا بۇ ئاياللارنىڭ شەخسىي بەختىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەپ بولدىغانلىقى تىلغا ئېلنىدۇ.(مەسىلەن، گۈلئاينىڭ رومانى). چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇپ بەزى ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇپ كەلگەن ئاياللار ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن چاغلاردا بىر ئاز غەلىتىلىك ھىس قىلشىدۇ. روماندا بۇ نوختىلارغا ئازراق بولسىمۇ  يەر بىرىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ھاياتىدا دۇچ كىلىدىغان مەسلىلەر قاتارىدىندۇر. روماننىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇشتا بۇ نوختىلارنىڭ ئىنتايىن  موھىم تۆھپىسى بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا بۇ نوختىلار ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى بىلىشتە موھىم رول ئوينايدۇ. روماننى ئىگە بولغان فولكلور ماتىرياللىرى نوختىسىدىنمۇ ئېنچىكە تەھلىل ئەرزىيدۇ، ھەم ئۇيغۇرلانىڭ ياشاش ئالاھىدلىكلىرى ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، ھەم تارىخىي ئۇچۇرلارنى بىرىدىغانلىقى، ھەمدە مىللىي قەھرىمانلارنى تونۇتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەسەرلەر ئەدەبىيلىكىدىن بەكرەك ھۆججەت خاراكتىرى كۈچلۈك بولۇپ كەلگۈسىدە ئەدەبىيات تارىخىدا موھىم مەنبەلەردىن بولدىغانلىقى ئېنىق. ”ئىز“ رومانى بولسا مىللىي ئويغىنىش دەۋرىنىڭ ئەڭ تاللانغان رومان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتماقتا.

رومانچىلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغان ئۇيغۇر رومانلىرى يېقىنقى زامان تارىخىنى بىلىشتە ۋە كەلگۈسىگە يەتكۈزۈشتە موھىم رولنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن  قىممەتلىك ماتىريالاللاردىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. نۇرغۇن رىئاللىق بەزىدە مۇھەببەت ھېكايىلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن ئاساستا بايان قىلىنغان. بۇ خىل يول ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئاشىق ھاياتىمۇ بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەر مۇكەممەل سەنئەت ئەسەرلىرى بولۇشتىن بەكرەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلكىنى ساقلاپ قىلىش ئالاھىدىلكىگە ئىگە ماتىريال سۈپتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ.

[1] بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ ”ئۇيغۇر رومانچىلىقى“ ناملىق دوكتورلۇق ماقالىسىنىڭ خاتىمە قىسمىدۇر.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى مەنبەسى: Uygur Edebiyatında Roman

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top