You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان تاشقىي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار (1939-يىلغىچە)

تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان تاشقىي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار (1939-يىلغىچە)

دوكتور مەلىھ دۇمان (ئاقساراي ئۇنىۋېرسىتېتى ئالاقە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئىدىقۇت ئوغلى

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئەسەردە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان. بۇ ماقالە شەرقي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ شۇ چاغدىكى شارائىتنىڭ تەسىرىدە قانداق تەرەققي قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ شەرقي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قارىشىدا تەسىرى بولغان ئامىللارنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئامىللارنىڭ تۈركىيە تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان. تۈركىيەگە نىسبەتەن جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن يىراق بىر رايوندا بولغان شەرقي تۈركىستان، جۇغراپىيەلىك ئۇزاقلىقىنىڭ ئەكسىگە ئۇزاق كۆرۈلگەن بىر تېما بولمىغان ئىدى.  تۈركىيە، لوزان شەرتنامىسىدىن كېيىن تاشقى سىياسىتىدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، 1930 – يىللاردا دۇنيادا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ تەسىرىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى تاشقى سىياسىتىنى بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپبارغان. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارلىقىدا شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تاشقى سىياسىتىدە تەسىرى بولغان تۇنجى ئامىلدۇر.

ئىككىنجىسى بولسا تۈركىيە، يېقىن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغان. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھوشيار بولىشىغا سەۋەپ بولغان. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قارىشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسىرىنى نەزەرگە ئېلىشىنى كېرەك قىلغان. بۇ خۇسۇستا ماقالە، تۈركىيەنىڭ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارسىدىكى مەزگىلدە تاشقى سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قارىشىدا تەسىرى بولغان ئۇنسۇرلارنى باھالايدۇ ۋە بۇ ئامىللارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىدا قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقىنى ئانالىز قىلىدۇ. ماقالىدە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھۆججەتلىك مەنبە ئىزدەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن باھالايدۇ.

ئاچقۇچ سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، تۈركىستان، تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي.

كىرىش

ئىقلىل قۇرباننىڭ دېگىنى بويىچە «شەرقىي تۈركىستان ئاسىيانىڭ نەق ئوتتۇرىسى، يەنى ئوتتۇرا ئاسيانىڭ نەق ئۆزىدۇر». ئىقلىل، تارىختا ئوتتۇرا ئاسىياغا ھاكىم بولغانلارنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە بۇ پىكىرىگە چىڭگىزخان ۋە تىمۇرنى دەلىل قىلغان. شەرقىي تۈركىستان ئىگە بولغان گىئوپولىتىك ئورۇن ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلەر خىتاي، روس ۋە ئىنگىلىزلارنىڭ رايونغا يېقىندىن قىزىقىشىغا سەۋەپ بولغان. 18-ئەسىردىكى خىتاي ئىستىلاسىغىچە  مۇستەقىل سىياىسي قۇرۇلمىلار ئاستىدا ياشىغان شەرقىي تۈركىستان، روس ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋە ئەنگىلىيەنىڭ 14-ئەسىردىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە ماس ھالدا چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىش مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنتايىن مۇھىم بولۇش بىلەن بىرگە، ئەنگىلىيە ھىندىستان مۇستەملىكىسى سەۋەپلىك شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم بىلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي بىلەن روس ئىمپىرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارا دۆلەت سۈپىتىدە قېلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. روس ئىمپىرىيىسى بولسا تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ يېقىندىن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن. داڭلىق روس گېنېرال ئا. ن. كۇروپاتكىن، شەرقىي تۈركىستاننى ئەسكەر، ئەلچى، كۆزەتكۈچى سۈپەتلىرىدە تەتقىق قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك باھالىرىنى بىر دوكلات ھالىتىدە چار پادىشاھقا سۇنغان.

روسىيە ۋە خىتاي توقۇنىشىغا سەھنە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن مەنپەئەت رايونى دەپ قارالغان بولۇپ، روسىيە خىتايغا خىتاي زېمىنىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، خىتايلار بولسا روسلارغا زېمىنىنىڭ ئۇرال تېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدا 18-ئەسىردىن باشلىغان توقۇنۇش بەزى مەزگىللەردە ئورتاق مەنپەئەت سەۋەبىدىن ئىتتىپاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ئىنتايىن مۇھىم ئۆرنەكتۇر. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ غەربىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن قورققان سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا ياردەم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئاخىرلىشىشىغا سەۋەپچى بولغان. قىسقىغىنە بىر يىللىق ئۆمرى بولغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھەم خىتاي ھەم روسىيە ئۈچۈن چوڭ بىر ئەندىشە ئېلىپ كەلگەن. يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ مەجبۇرىي چەتئەلدە ياشاشقا باشلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستان ئۈچۈن تېخىمۇ بەك ئەندىشە قىلىشىغا سەۋەپ بولغان.

جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئاناتولىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۇتاش بولمىسىمۇ كۈلتۈر ۋە ئورتاقلىقلار ھەر ۋاقىت تۇتاش بولغان. تارىخ نۇقتىسىدىن ھەر مەزگىلگە ئۆز ئالدىغا ئايرىم باھا بىرىش كېرەك بولسىمۇ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزخان زامانىدا قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلەرگە ئايرىم بىر سەھىپە ئېچىش كىرەك. شەرقىي تۈركىستاندا ياقۇپبەگ خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن باشلانغان ئوسمانلى-قەشقەر\شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋىتى، ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەر خانى سۈپىتىدە ئوسمانلى خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلئەزىزخاننىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇتىشى ۋە پۇل باشتۇرىشىغىچە تەرەققىي قىلغان. لېكىن ئوسمانلى دۆلىتى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ،    93 جېڭىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بولسا تۈركىيە دۇچ كەلگەن ئىچكى ۋە تاشقى ئۆزگۈرۈشلەر شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. لوزان شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن بىرلىكتە مىللىي كۈرەش ھەرىكىتى ئەڭ ھالقىلىق ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ، بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلقئارادا رەسمىي ھالدا ئېتىراپ قىلىنىش

ئېلىپ كەلگەن تەسىر بىلەن ئىچكى سىياسەتكە مەركەزلەشتى. تۈركىيە لوزان شەرتنامىسىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كۈچىنى ئىچكى سىياسەتتىكى تەرەققىياتلارغا مەركەزلەشتۈرگەن، بۇ ئەھۋال بولسا تاشقى سىياسەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى سىياسەتتىن كېيىن قېلىشىغا سەۋەپ بولغان. بۇ مەزگىلدە تاشقى سىياسەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نىشانى 1923-يىلىدىكى لوزان شەرتنامىسى بىلەن ئېرىشكەن بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە لوزاندا ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولغان. 1929-يىلدىكى كىرزىستىن كېيىن ياۋروپادا يۈكسەلگەن رېۋىزيونىست سىياسەتلەر، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىگە سەۋەپ بولغان. بولۇپمۇ ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا بولغان قىزىقىشى تۈركىيە ئۈچۈن چوڭ ئەندىشە بولغان، 1930-يىللاردا ئىتالىيەنىڭ كۈنسېرى كۆپەيگەن كېڭەيمىچىلىك پائالىيىتى، تۈركىيەدە خەۋپسىزلىكنىڭ تېخىمۇ بەك كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولغان. بالقان يېرىم ئارىلىدا ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ئىستەكلىرى بولغان ئىتالىيە، تۈركىيە ئۈچۈن بۇ يىللاردىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغان. لوزاندىن كېيىنكى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ئ‍ىچكى ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىشى، ئ‍ۇنىڭدىن باشقا 1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىتالىيە باشلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئېلىپ كېلىشى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىغا يول ئاچقان. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيەدىن جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن يىراق بولىشى، شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ ئىلگىرلىشىدىكى يەنە بىر توسالغۇ بولۇپ قالغان.

تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تاشقى سىياسىتىدە دۇچ كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلغان. بۇ يۆلىنىشتە تۈركىيە رېۋىزيونست ۋە رېۋىزيونىستقا قارشى دۆلەتلەر ئارىسىدا گوروھلىشىش ئەۋج ئالغان بىر مەزگىلدە، خەلقئارا ساھەدە تەستە قولغا كەلتۈرگەن ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى تاشقى سىياسىتىنىڭ نىشانى قىلىش بىلەن بىرگە بۇ مەزگىلدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان. تۈركىيە، خەلقئارادىكى ئېنىقسىزلىق سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنى تاشقى سىياسەت جەھەتتە «ئاساسلىق ئامىل» دەپ قارىغان. ئىتالىيە خەۋىپى قاتارلىق دۇنيادا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر، تۈركىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلاشماسلىققا مەجبۇر قىلغان. تۈركىيە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئ‍ارىسىدىكى مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇئامىلە قىلغان. غەربىي تۈركىستان زېمىنلىرىنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ غەربىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن بىئارام بولغان. تۈركىيە بۇ سەۋەپتىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تاشقى سىياسىتىدە دۇچ كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ تەسىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رامكىسىدا تۇرۇپ بىرتەرەپ قىلغان.

ماقالىدە ھۆججەتلىك مەنبە ئىزدەش ئۇسۇلى بىلەن ئ‍ېرىشكەن ئارخىپ ھۆججەتلىرى ۋە باشقا مەنبەلەرنى، تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى قارىشى ۋە تاشقى سىياسىتىدە دۇچ كەلگەن ئ‍ۆزگۈرۈشلەر ۋە باشقا خۇسۇسلار نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا ماقالە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە، شۇ چاغدىكى شارائىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قارىشىدا تەسىرى بولغان ئامىللارنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئامىللارنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كىرىش قىسمىدا، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھىم ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى دەۋىردىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋەتلەر، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋە خۇلاسە تېمىلىرى ئاستىدىكى تەھلىللەر، تارىخى، ئىقتىسادىي، سىياسىي سەۋەپلەر ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مەسلىسى ئۈستىدە توختالغان.

1. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

شەرق تەرىپىدە خىتاي، موڭغۇلىيە ۋە تىبەت؛ غەرپ تەرىپىدە غەربىي تۈركىستان؛ شىمالدا سىبىرىيە؛ جەنۇبىدا بولسا ھىند چوڭ قۇرۇقلىقى جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان 1.828.418 كۋادرات كىلومېتىر ھەجىمى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا جايلاشقان. «ئاسىيانىڭ يۈرىكى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋە تارىخنىڭ ھەممە دەۋرىدە بارلىق قەۋملەر ئۈچۈن ئىنتايىن جەلىپكار بىر يەر بولغان شەرقىي تۈركىستان، بۈگۈن خىتاي چېگراسى ئىچىدە قالغان. شەرقىي تۈركىستاندا تۈرۈكلەردىن باشقا ئاز ساندا خىتايلار، موڭغۇللار ۋە روسلارمۇ بار. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تۈرۈكلىرى بولۇپ ھەنەفىي مەزھىپىدىندۇر.

ئىقلىل قۇربان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى تۆت دەۋرگە بۆلگەن. بىرىنچى دەۋر 18-ئەسىردىكى خىتاي ئىشغالىغىچە بولغان ۋە مۇستەقىل دەپ ئاتالغان دەۋر، ئىككىنچى دەۋر بولسا «بىرىنچى مىللىي دۆلەت» دەۋرى دەپ ئاتالغان 1865-1877-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ باشلامچىلىقىدا كۈرەش قىلغان دەۋردۇر. ياقۇپ خاننىڭ ۋاپاتى نەتىجىسىدە خىتاي، مۇستەقىللىققە خاتېمە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان. ئۈچىنجى دەۋر بولسا «ئىككىنچى مىللىي دۆلەت» دەپ ئاتالغان ۋە 1933-1934-يىللىرى ئارىسىدا تەخمىنەن بىر يىل داۋام قىلغان دەۋردۇر.

1933-يىلى يانۋار ئېيىدا باشلىغان خوتەن قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە، قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئ‍سلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى. ئۆمرى قىسقا بولغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن غەربىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ۋەھىمىسى ياراتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاخىرقى مۇستەقىل دۆلەت بولغان دەۋرى بولسا «ئۈچىنجى مىللىي دۆلەت» دەپ ئاتالغان ۋە 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دۇر. خىتاينىڭ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىستان سىياسەتلىرى، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئىقلىل قۇربان،  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي-روسىيە ھەمكارلىقى بىلەن يېقىلغان دەپ قارايدۇ. تارىخىدا ئاخىرقى قېتىم مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بولسا 1949-يىلىدىن كېيىن «تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ» كۈنلىرى باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىشىدە، خىتاي بىلەن روسىيە ئارىسىدا قېلىشى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭمۇ تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىمپىريالىست ئارزۇلاردا بولىشى بەلگىلىگۈچ رول ئوينىغان. شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيىلىك ۋە گىئوپولىتىكىلىق ئورنىدىن باشقا ناھايىتى قىممەتلىك كان بايلىقلىرىغا ئىگىدۇر؛ «تەتقىقاتلارغا قارىغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر زاپىسى 1 تىرلىيون 500 مىليارد توننا بولۇپ، خىتايلار 1949-1989-يىللىرى ئارىسىدا بۇنىڭ پەقەت 250 مىليون توننىسىنى چىقىرالىغان. شەرقىي تۈركىستاندا 66 يەردە ئالتۇن زاپىسى مەۋجۇتتۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت زاپىسى 18 مىليارد توننا دەپ ھېساپلانغان. ئەمما يېقىنقى تەتقىقاتلاردا نېفىت زاپىسىنىڭ 60 مىليارد توننا ئەتراپىدا ئىكەنلىكى دېيىلىۋاتىدۇ». ئىگە بولغان ئېنىرگىيە زاپاسلىرى، 20-ئەسىردە سانائەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلغان خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋاز كېچىلمەز بولىشىغا ۋە بۇ سەۋەپتىن خىتاي ئىشغالىنىڭ داۋام قىلىشىغا سەۋەپ بولغان.

خىتاينىڭ كۈنسېرى ئاشقان سانائەت ھەجمى، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋاز كېچىلمەس بىر قىسمى قىلىش بىلەن بىللە،پۈتۈنلەي ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن زۇلۇمىنى كۈچەيتىپ رايوننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاينىڭ دىنىي، مىللىي زۇلۇملىرى ئاستىدا رايون خەلقى 19-ئەسىردىن ئېتىبارەن داۋاملىق كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. 19-ئەسىردىن 21-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلىمى داۋاملىق ئېشىپ بارغان. ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى جەھەتتىن جازاغا ئۇچرىماسلىقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتىنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىگە يېتىشىگە سەۋەپ بولغان. بۇ خۇسۇستا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يادرو سىناق مەركىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاينىڭ سىناق قىلغان ئاتوم ۋە يادرو بومبىلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تەخمىنەن 210 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ساندىكى ئىنسانلار يادرونىڭ تەسىرى بىلەن ئۆلىشىگە سەۋەپ بولىدىغان كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولغان. خىتاينىڭ مەقسەتلىك بىر شەكىلدە ئ‍ېلىپ بارغان يوقىتىش باسقۇچى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن 19- ۋە 20-ئەسىردە ھايات-مامات كۈرىشىگە ئايلانغان. خەلقئارا مەتبۇئاتتا تىلغا ئېلىنغان ۋە بارغانسېرى كۈچەيگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ۋە كېڭەيمىچىلىك ئارزۇسى نەزەرگە ئېلىنغاندا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر شەكىلدە داۋام قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ.

2. شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلەر

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي زۇلىمىغا قارشى ھايات-ماماتلىق كۈرىشى دەپ قارىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىدىن بىرى بولسا تۈركىيەدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوسمانلى دۆلىتىدىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈنگەن بىر تېما دەپ قارىلىدۇ. روسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ 19-ئەسىردە تۈركىستاندىكى كېڭەيمىچىلىك يۆنىلىشى ئالدىدا ئىنگىلىزلار روسلارنىڭ ھىندىستانغا يېقىنلىشىشىدىن ئەنسىرگەن ئىدى. ئەنگىلىيە بىلەن روسىيەنىڭ قارمۇ-قارشى كېلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئوسمانلى دۆلىتى، تەڭپۇڭ سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، روسىيە ئامىلىنىڭ تەسىرى بىلەن تۈركىستان خانلىقلىرىغا، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانغا يىتەرلىك ياردەم قىلالمىغان.

شەرقىي تۈركىستاندا 19. ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەلىرىدىن بىرى ياقۇپ خان تەرىپىدىن ئوتتۇرغا چىقىرىلغان.  1820- يىلى قوقەنتتە تۇغۇلغان ياقۇپ بەگ، تۈركىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. ئوسمانلى دۆلىتى ياقۇپ بەگ قۇرغان قەشقەر خانلىقىنىڭ بارلىقىدىن تەخمىنەن بىر يىل  كىيىن خەۋەردار بولغان. ياقۇپبەگ، 1846- 1870 يىللىرى قەشقەرگە ھاكىم بولغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلغان ئەنگىلىيە ۋە روسىيە ئارسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تىرىشتى. ياقۇپبەگ، ئۇ دەۋىردە ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن «دوست بولغان» ئەنگەلىيەدىن قورال ۋە ئوق-دورا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگىلىيەمۇ روسلارنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتا شەرقىي تۈركىستاننى خۇددى ئافغانىستاندەك، روس ئىمپىراتورلىقى ۋە خىتاي ئارسىدىكى بىر ئارا دۆلەت قىلىشنى ئويلىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنگىلىيە ياقۇپبەگكە، ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان.

بۇ تەرەققىياتلاردىن كىيىن 1872- يىلىدا، تۇنجى ئەنگىلىيە- قەشقەر سودا توختىمى، روسلار بىلەن قىلىنغان توختامدىن كىيىن ئىمزالاندى. ياقۇپبەگ قەشقەرگە ھاكىم بولغاندىن كىيىن، تۈركىستاننى ئۆز ئىچىدە بۆلۈشكەن ئەنگىلىيە ۋە روسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە بىر تەڭپۇڭلۇق قۇرۇشقا تىرىشقان. ياقۇپبەگ، ئەنگىلىيە ۋە روسىيە ئارسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش بىلەن بىرگە نوپوزىنى ئۆستۈرۈپ دۆلىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىسلام خەلىپىسىگە مۇراجەت قىلغان. ياقۇپبەگ، سەئىد ياقۇپخان تۆرىنى ئوسمانلى پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلئەزىزدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن.  قوقەنت، ھىۋە، بۇخارا خانلىقلىرىنىڭ ياردەم تەلەپلىرىنى، ئۇچىرىغان قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشۇرمىغان سۇلتان ئابدۇلئىەزىز، ياقۇپبەگنىڭ ياردەم ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئەلچىسىگە كىرەكلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.

ئوسمانلى دۆلىتى، زەمبىرەك ۋە باشقا نۇرغۇن قورال-ياراق، تەلىم- تەربىيە ئۈچۈن ئىككى ئوفىسىر، 500 دەك قۇرئان كەرىم ۋە نەق پۇل قاتارلىقلارنى ياقۇپ بەگكە ئىۋەتتى. ياقۇپبەگ بولسا كەلگەن ياردەملەر ئۈچۈن قەشقەر ئەمرى ئۇنۋانى بىلەن ئوسمانلى پادىشاھى نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ پۇل باستۇردى. ئوسمانلى دۆلىتى بۇنىڭغا جاۋابەن ئوسمانلى تۇغىنى ئىۋەتتى ۋە ياقۇپبەگكە خەلقىنى سەۋەپسىز ئۇرۇشقا ئېلىپكىرمەسلىكنى ۋە ساداقەتلىك بولىشىنى بىلدۈرگەن. سۇلتان ئابدۇلئەزىز زامانىدىن كىيىنمۇ بۇ ساداقەت داۋام قىلغان. ئىككىنجى ئابدۇلھەمىت تەخىتكە چىققاندىن كىيىن، ياقۇپبەگ بەيئەت ئۈچۈن ئىستانبۇلغا ئەلچى ئىۋەتكەن. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چۆكىشىنى تېزلەتكەن 93 جېڭى ۋاقتىدا، ئوسمانلى دۆلىتى، شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتنىڭ چەكىلىك بولىشى سەۋەپلىك شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان ياردىمىنى داۋام قىلالمىغان.

ئوسمانلى دۆلىتى، 1877-88 يىللىرى روسىيە ئۇرىشىدىن كىيىن تېز سۈرئەتتە ئاجىزلاپ مېڭىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن. ئەمما ئەسكىرى ۋە سىياسى يوقسۇللۇقنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان تۈركىيە دۆلىتى كۈلتۈر رىشتىسىنى داۋام قىلدى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلار، خىتاي زۇلىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە پاناھلىنىشنى تەلەپ قىلغان. 1930-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ھىندىستان-پاكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كىلىشكە باشلىغان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تۈركىيەنىڭ ھىندىستاندىكى باش ئەلچىسىگە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تەلەپلىرىنى بىلدۈرگەن. 1952- يىلدىن 1954- يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار قەدەممۇ-قەدەم تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈلدى.

3. تۈركىيە تاشقى سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان

3.1. تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇمۇمىي يۆنىلىشى

تۈركىيە تاشقىي سىياسىتى 1929-1938 يىللىرى ئاتاتۈرۈك دەۋرى دەپ ئاتالغان. يېقىنقى بىر ئەسىرنى ئالدىنقى سەپلەردە جەڭ قىلىپ ئۆتكەزگەن بىر خەلىقنىڭ ھايات قېلىش كۆرىشى دەپ قارىلىدىغان مىللى كۆرەش، دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى قايتىدىن بەلگىلەيدىغان بىر دەۋىردۇر. لوزان شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقىي سىياسىتىدە ئالدى بىلەن لوزاندا ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى  كۈنتەرتىپىگە ئالدى. بۇ دەۋىردىكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىگە باھا بەرگىنىمىزدە بەزى ۋەقەلەر بىر-بىرى بىلەن زىتتەك تەسىر بىرىدۇ. مۇستافا كامال ئاتاتۈرۈك، 1924-يىلى 11- ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئىككىنجى قارارلىق ئېچىلىش نۇتىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى قەدىمكى دوست دېگەن. بۇ نۇتۇقتىن بىر قانچە يىل كىيىنكى 1832-يىلىدا بولسا گازى مۇستافا كامال، ئامېرىكالىق گېنېرال د. مەك ئارتۇر بىلەن قىلغان نۇتۇقىدا، سوۋىت ئىتتىپاقىنى «پۈتۈن ئىنسانلىققا تەھدىت قىلغان يېڭى بىر كۈچ» دەپ تەرىپلىگەن.  كامۇران گۈرۈننىڭ دىگىنى بويىچە ئېيتقاندا بۇ ئىككى بايان ئارسىدا بىر زىتلىق يوق. بىرىنچى كۆز-قاراش تۈركىيەنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا تۇتقان سىياسىتىنى بايان قىلغان بولسا، ئىككىنجى كۆز-قاراش سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يۈرگۈزگەن دۇنيا سىياسىتىنى تەرىپ قىلماقتا.

1924-يىلدا تۈركىيە ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان دۆلەت سوۋىت ئىتتىپاقىدۇر، ۋە بۇ ئەھۋال 1932-يىلىدىن كىيىنمۇ داۋام قىلغان. شۇنداقلا سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ بۇ مەزگىلدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىچكى قالايماقانچىلىقلار ۋە تاشقى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن تۈركىيە بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرغان ئىدى. تۈركىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ 1923-يىلدىن 1936-يىلىغىچە سوۋىت ئىتتىپاقىدىن باشقا تايىنىدىغان بۈيۈك بىر دۆلەت يوق ئىدى. بۇ سەۋەپتىن مۇستافا كامال ئاتاتۈرۈك تەرىپىدىن دىيىلگەنلەر، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ تەقەززاسى ئىدى. شۇنداقلا مۇستافا كامال تەرىپىدىن زىكىر قىلىنغان ۋە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ پىرىنسىپى دەپ قارالغان «يۇرتتا تىنچلىق، جاھاندا تىنچلىق» سۆزىمۇ تۈركىيە ئىگە بولغان ئىمكانلارغا قارىتا ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولغان سىياسىتىنىڭ كارتىنىسىدۇر.

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىملىقى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان. لىكىن ئىتالىيەنىڭ ئېفئوپىيەنى ئىشغال قىلىشى، تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سىرت باشقا چوڭ دۆلەتلەرگە يۈزلىنىشىنى تېزلەتكەن. بۇ خۇسۇستا تۈركىيە، 1933-1935 يىللىرى ئارسىدا ئەنگىلىيە بىلەن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېقىنلاشقان. ئىتالىيەنى ئەنگىلىيە ئارقىلىق تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بۇ يېقىنلىشىش، 1936-يىلى مونترۆ بوغۇزلار توختامنامىسى ئىمزالانغاندا تېخىمۇ بەك ئوتتۇرغا چىققان. لىكىن شۇنداقتىمۇ تۈركىيەنىڭ ئەنگىلىيەگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسىى، سوۋىت ئىتتىپاقىغا قاراتقان سىياسىتىگە تەسىرى يوق ئىدى. ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتا سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ ئوخشاش شەكىلدە گىرمانىيە ۋە ياپونىيەگە قارشى غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇش ئارزۇسىدا ئىدى.

گىرمانىيەنىڭ چېخ-سلوۋاكيەنى ئىشغال قىلىشى بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ ئەنگىلىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى تېىخىمۇ قويۇقلاشتى. گەرچە تۈركىيە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەيىپلەشكە ئۇچىرمىغان بولسىمۇ، 1939- يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گىرمانىيە بىلەن دوستلۇق ۋە ھۇجۇم قىلماسلىق ئەھدىنامىسى ئىمزالىشى بىلەن بىرلىكتە، بۇ خىل ئۇرۇنىشلارنى ئۆزگەرتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى، گىرمانىيە بىلەن توختاملاشقاندىن كىيىن، تۈركىيەنىڭ ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئىمزالىماقچى بولغان توختامنامىسىنى توساشقا ئۇرۇنغاندا، تۈركىيە توختامنامىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىمۇ ئىشتىراك قىلىشقا تىرىشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى ئالدىدا ئىجابى نەتىجە ئالالمىغان تۈركىيە، 1939-يىلى 10- ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئۆز-ئارا ياردەم توختامنامىسىنى ئىمزالاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىغا غەرىپ دۆلەتلىرىنى تاللىغان بولدى.

تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى ۋەزنىگە قارىتا يۈرگۈزگەن يانداش سىياسىتى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىغانغا قەدەر داۋام قىلدى. تۈركىيە، بۇ مەزگىلدە زىيان تارتىدىغان بىر تىركىشىشكە كىرىشكە قارىغاندا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا ماس كەلگەن بىر تاشقى سىياسەت رامكىسى ئىچىدە ئىتتىپاقلىشىشنى تاللىدى. تۈركىيە،  بۇ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شىمالدىكى قوشنىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىركىشىپ قېلىشتىن ساقلاندى.

3.2. تاشقى سىياسەت ۋە شەرقىي تۈركىستان

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئالاھىدە شارائىتتا ئېلىپ بارغان تاشقى سىياسىتى مۇستەقىللىقنى ئاساس قىلغان بولسا، لوزان شەرتنامىسىدىن كېيىنكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتى مۇسۇل، خاتاي، بوغۇزلار مەسىلىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا تۇرغۇن بىر ھالەتتە قالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ۋەيرانچىلىق مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇرۇشتىن ۋەيران ۋە يېڭى بىر دۆلەت سۈپىتىدە چىقىپ كەلگەن تۈركىيە، بۇ شارائىتلاردا تاشقى سىياسىتىدە پەرقلىق بىر يول تۇتۇشقا مەجبۇر قالغان. تۈركىيەنىڭ مەۋجۇت سىياسىي مەيدانى، كۆپىنچە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرىشى ئارىسىدا بولدى.

تۈركىيە، بولۇپمۇ تەمكىن سىياسىي مۇناسىۋىتى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سىرت، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەنمۇ دوستانە مۇناسىۋەت قۇرۇش ئارزۇسىدا بولغان.

1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ گىرمانىيە ۋە ئىتالىيەلەرنىڭ ياۋروپادىكى ھەركەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيە، تاشقى سىياسىتىدىكى يۆنىلىشىنى غەرىپكە قارىتىشقا مەجبۇر بولغان. بولۇپمۇ تۈركىيە ئۈچۈن بۇ يىللاردىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت بالقان يېرىم ئارىلىدا ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ئىستەكلىرى بولغان ئىتالىيە ئىدى. ئىتالىيە تەھدىتى سەۋەبىدىن تۈركىيە، بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ مۇقۇم بولىشىنى ئۈمىت قىلغان ۋە بۇ سەۋەپتىن ئاكتىپلىق بىلەن بالقان ئەھدىنامىسىنىڭ ئىمزاچىلىرى ئارسىدا بولغان. تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى تاشقى سىياسىتىدىكى ئالدىنقى ۋەزىپىسى غەرىپ ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدا مۇقۇملۇق ساقلاش بولغان. بۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە ئىككىنجى قاتاردىكى تېما بولۇپ قالغان. غەرىپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئەھمىيەت بەرگەن يەر بولۇشى بىلەن بىرگە، شەرىق تەرەپىنىڭ مۇقۇملىقى ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقارغان. تۈركىيە، بۇ خۇسۇستا ئېران، ئېراق ۋە ئافغانىستان بىلەن بىرلىكتە 1937-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ساداباد ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىغان.

يۈسۈف ھىكمەت بايۇر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا قارىتا، شەرىقتە «تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى گۇرۇپ بار ئىدى» دەيدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە بىلەن توختام ئىمزالىغان ئېران بىلەن ئافغانىستان. يەنە بىرسى بولسا قالغان دۆلەتلەردۇر. بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن تۈركىيە، «ھەر خۇسۇستا ھەسەت قىلىنىدىغان ۋە تەقلىد قىلىنىدىغان» دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. يۈسۈف ھىكمەت بايۇرنىڭ تۈركىيە تاشقى سىياسىتى ھەققىدىكى سۆزلىرى، شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىش ئەمەس بەلكى يۆنىلىشنى كۆرستىش ئىدى. يۈسۈف تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئوچۇق ھالدا بەلگىلىمىگەن ئىدى؛ ھەم تۈركىيەنىڭ شەرقتىكى ئورنىنى ئېنىقسىز قىلىپ قويغان ئىدى.بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئېران ۋە ئافغانىستان ھېساپقا ئېلىنمىغاندا، تۈركىيە ئاسىيادا ئۆرنەك بولۇپ قالغان. بۇ سەۋەپتىن تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى يىتەرلىك سەۋىيەگە كېلەلمىگەن.

تۈركىيەنىڭ تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تەسىر كۆرسەتكەن باشقا بىر ئامىل بولسا تۈركىيە-سوۋېت مۇناسىۋىتى ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئوتتۇرغا چىققان ۋە ئەنۋەر پاشا تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنغان تۇرانچىلىق يۈزلىنىشى، مۇستافا كامال تەرىپىدىن تاشقىي سىياسەتتە «ئىسلام بىرلىكى» بىلەن بىرلىكتە قوبۇل قىلىنغان. تېخى 1919-يىلدا پان تۈركىزىمنى قوبۇل قىلمىغان ئاتاتۈرۈك، 1930-يىلاردىمۇ بۇ قارىشىنى ساقلاپ قالغان. سوۋېتنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئوينىغان ھاياتى مۇھىم رولى، تۈركىيەنىڭ تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە توسالغۇ بولغان. 1921-يىلدا ئەنۋەر پاشا ۋە خەلىل پاشانىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، سوۋېتنىڭ نارازلىقىنى قوزغىغان، بۇ ئەھۋال سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاناتولىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان چۈشەنچىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن .

مىللى كۆرەش جەريانىدا ساكارىيا زەپىرىدىن كىيىن تۈركىيە، روسلارنىڭ نەزىرىدە ئىتىبار قازاندى. ئىككى ئۆلكە ئوتتۇرسىدا 1921-يىلدا موسكۋا كىلىشىمنامىسى ئىمزالانغان بولسا، 1925 تە دوسلۇق نىشانى سۈپىتىدە «دوستلۇق ۋە ھۇجۇم قىلىماسلىق كىلىشىمنامىسى» ئىمزالاندى. 1921-يىلدا ئىمزالانغان كىلىشىمنامە بىلەن تەرەققىي قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدە، 1930-يىللارغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدىكى ئېغىرلىقى تېخىمۇ ئارتقان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەۋفىق رۈشتۈ ئاراس، 1933-يىلدا گىرمان دىپلوماتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە تايىنىدىغانلىقىنى دېگەن. تەۋفىق ، مىللەتلەر جەمئىيىتىگە كىرگەندىن كىيىن تۈركىيەنىڭ ئۆز يولىدا ئىلگىرلىگەنلىكىنىمۇ شۇ قېتىملىق نۇتىقىدا قەيت قىلغان. جەمىل كوچ، تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسەت يۈرگۈزىشى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغاندىلا مۇمكىن بولىتى، دەيدۇ. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشىنى زۆرۆر قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيە، تاشقى سىياسىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىئارام قىلىدىغان بىرەر ھەركەت قىلىشتىن ئامال بار قاچقان. تۈركىيەنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سوۋېت ئامىلى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى، تۈركىستان ۋە جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان، تاشقى سىياسەتنىڭ ئالدىدا كەلگەن كۈنتەرتىپلىرى ئارسىدىن ئورۇن ئالمىغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا مەجبۇر قالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولدىكى تاشقى سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىچكى مەسىلىلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارلاشقانلىقى كۆرۈلگەن. ھەتتا ئوسمانلىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە تۈركىيەگە مىراس قالغان نادىر ئورگانلاردىن بولغان تۈرۈك ئوچاقلىرىنىڭ ئىتىۋېتىلىشىنىڭ سەۋەبىرىنىڭ بىرى ئوچاقلارنىڭ تۇرانجى يۈزلىنىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. يۇسۇف سارىنئاي، ئوچاقلارنىڭ «ئېرقچى ۋە تۇرانچى» بىر ئاساسقا تايانغان دىيىلىشى، تۈرۈك ئوچاقلىرىنىڭ ئىتىۋېتىلىشى ۋە جۇمھۇرىيەتچى خەلىق پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىشىدىكى ئاساس ئامىل ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىدۇ. پەقەت سارىناي، ئوچاقلارنىڭ ئىتىۋېتىلىشىدىكى بارلىق پەرەزلەردەك تۇرانچىلىقنىڭمۇ بەلگىلىك بىر نىسبەتتە تەسىرى بولغان دەپ قارايدۇ.

ئوچاقلارنىڭ تۇرانچى يۈزلىنىشى، تۈركىيە بىلەن 1930-يىللاردا ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ۋاستىسى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەۋفىق رۈشتۈ ئاراسنى ئاگاھلاندۇرىشىغا يول ئاچقان. سوۋېت ئەلچىسى ئى. ز. سۇرىچ، تۈرۈك ئوچاقىلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈرۈكلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتەن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قاچقان تۈرۈكلەر ئۈچۈن تۈرۈك ئوچاقلىرى دائىملىق زىيارەت قىلىنىدىغان يەر بولىشى، تېرىتورىيىسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرۈكلەر ياشاۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنى خېلى بىئارام قىلغان ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر باشقا مۇھىملىقى بولسا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىدى. 1933-1936 يىللىرى ئارسىدا قويۇق بىر ھەمكارلىق مەزگىلىگە كىرگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئىقتىسادى توختاملار تۈزۈلگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە سانائەت ماتىرياللىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلىشى ئۈچۈن سەككىز مىليون دوللارلىق قەرز بېرىشى ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشقا بۇ مەزگىلدە كېلىنگەن ئىدى. ئورتاق تونۇشنىڭ ئەمىلىشىشى ئۈچۈن 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنقەرەدە كېلىشىم ئىمزالاندى.

تۈركىيە مەيلى سىياسى مەيلى ئىقتىسادى سەۋەپلەر تۈپەيلى تۈركىستانغا بولغان پوزىتسىيىسى بەلگىلىك قېلىپقا كىرىپ قالغان بولسۇن، تۈركىيە خەلقى ۋە تۈركىستانلىقلار باشقىچە ئويلايتتى. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قاچقان تۈرۈكلەرنىڭ تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىشى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن تۈركىيەگە مۇراجىئەت قىلىشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىدى. بۇ خۇسۇستا گىرمانىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن بېرلىندا چىقىرىلغان مىللى يول گېزىتىدە تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر تېمىغا يول بېرىلىشى، تۈركىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى نەتىجىسىدە تاشقى ئشلار مىنىستىرلىكىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ باش مىنىستىرلىققا ئىۋەتىلىشىگە سەۋەپ بولغان. گېزىتنىڭ بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان پەۋقۇلاددە مەسئۇلى دوكتۇر مۇستافا ئەلى ئەپەندىم بىلەن قىلغان زىيارىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. مۇستافا ئەلى ئەپەندىم سۆزىنىڭ بىر يېرىدە <شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن ئۈمۈدى غازى (مۇستافا كامال) تۈركىيەسىدىدۇر> ئىپادىسىنى قوللانغان.

مۇستافا ئەلى ئەپەندىم، شۇ مەزگىلنىڭ سىياسىي شارائىتى نىم بولسا بولسۇن تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىگە پەرۋاسىز ئەمەسلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ياردەمگە ئايلىندىغانلىقىدىن ئۈمۈتۋار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. مۇستافا ئەلى ئەپەندىم، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانغا قارشى بولغان نەشرىياتلار ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىشارەت ئەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تېىمىدا جىددىلىشىپ قالغىنىنى دىگەن مۇستافا ئەپەندىم، نەشرىياتنى تاس ئاگېنتلىقىنىڭ تەشۋىقاتى دىگەن. مۇستافا ئەلى ئەپەندىم، ئەنقەرەنىڭ شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا تەدبىرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەدىكى ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئەركىن جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىگە مەنسۇپ بولىشىنى ۋە پارتىيە تارقالغاندىن كىيىن خەلىق پارتىيەسىگە (ج ھ پ) كىرىشىكە ئۇرۇندى. ئەمما بۇ شۈبھىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زىيان ئېلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن مۇستافا ئەلى ئەپەندىم، سىياسەتتىن «ھەقىقىي» تۈركىيەگە قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ تۈركىيە «يىگانە كۈچ» دەپ قارايتتى. لىكىن مۇستافا ئەلى ئەپەندىم، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ بىرنىچى شەرتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىشىنىشى ئىكەنلىكىنى دىگەن. سورالغان بىر سوئالغا قارىتا مۇستافا ئەپەندىم، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەمەلىي ياردەم قىلىشىنىڭ ئاساس ئامىلىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى بولماستىن تۈركىيە-سوۋېت مۇناسىۋىتى بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. كۆرىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە قارىتا ئىكەنلىكىنى دىگەن مۇستافا ئەپەندىم،سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بولغان نەشرىياتىنى پەقەت «غازى (مۇستافا كامال)» دىسە توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈركىستان ھەققىدىكى ماقالىلەرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ باش مىنىستىرلىككە سۇنغان. بۇ خۇسۇستا پارىژدا چىققان ياش تۈركىستان ژورنىلىنىڭ 1934-يىلىدىكى 5-ئايلىق سانىدا <خىتاي تۈركىستېنى ئەھۋالىغا دائىر> ئىسمى بىلەن ئېلان قىلىنغان يازما ئەنقەرەگە ئېۋەتىلگەن ئىدى. يازمىدا تۈركىيە ئۈچۈن سەزگۈر بولغان بەزى نۇقتىلارنى تىلغا ئالغانلىقى كۆرۈلىدۇ. تۈرۈك مىللىتىنىڭ پەقەت تۈركىيەدىكى تۈركلەردىنلا ئىبارەت بولغان بەشتىن بىرىنىڭلا مۇستەقىل ئىكەنلىكى دىيىلىدۇ. يازمىدا تۈركىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئاتاتۈرۈك بىلەن لېنىن سېلىشتۇرما قىلىنغان، شۇنداقلا تۈركىيە-سوۋېت دوستلىقىنىڭ «ئوپئوچۇق سۈنئىي» ئىكەنلىكى ۋە بەزى ئىقتىسادى سەۋەپلەرنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى دىققەت تارتقۇچى بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىنغان.

باشقا بىر ماقالىدە تۈركىيەنىڭ ۋە مۇستافا كامالنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىدا بولغان تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇھىم بىر ئۈلگە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقى دىيىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ زۆرۆر بولۇپ قېلىشى، تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىئارام قىلغانلىقى كۆرۈلگەن. بۇ سەۋەپتىن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ياش تۈركىستاننى دىققەت بىلەن كۆزىتىشنى داۋام قىلغان. بولۇپمۇ ژورنالنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن گاھى باش مىنىستىرلىككە گاھى جۇمھۇرىيەت خەلىق پارتىيىسى باش كاتىپلىقىغا بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى زىيانغا ئۇچىرتىدىغان بىرەر قىلمىشتىن پەۋقۇلاددە ئېھتىيات قىلىدىغان ھۆكۈمەت، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىسىگە قارشى مەزمۇنلار بولغانلىقى بىلىنگەن» ياش تۈركىستان ژورنىلىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كىرىلىشىنىڭ چەكلىنشىنى مىنىستىرلىكلەر كېڭىشى قارارى بىلەن قوبۇل قىلغان. شۇنداقلا فىرانسىيەدە چىقىرىلغان تۈركىستان ئىسىملىك نەشرىياتنىڭ «مەملىكىتىمىزگە زىيان سالىدىغان يازمىلار يازغانلىقى بىلىنگەنلىكىدىن» تۈركىيەگە ئېلىپ كىرىلىشى مىنىستىرلىكلەر كېڭىشى چىقارغان قارار بىلەن چەكلەنگەن.

مەزكۇر ئىككى نەشرىياتتىن سىرت ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا يېڭى تۈركىستان، بولدى يۇرت، قۇرتۇلۇش، ئىستىقلالغا ئوخشاش ئەزەربەيجاندىن شەرقىي تۈركىستانغىچە بولغان جۇغراپىيەدە روس-خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆرەش  قىلغان ژورناللارمۇ مىنىستىرلىكلەر كېڭىشى قارارى بىلەن تاقىۋېتىلگەن. ئەھەت ئەندىجان، تۈركىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە زىيان سالغانلىق سەۋەبىدىن نەشرىياتلارنىڭ تاقىۋېتىلىش قارارىنىڭ ئېلىنىشىدا، سوۋېتتىن كەلگەن بىر تەلەپنىڭ رول ئوينىغانلىقىمۇ، ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرىشىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ دەيدۇ. لېكىن بۇ مەسىلە يەنىلا گۇمان قوزغىغان.

تۈركىيەنىڭ بۇ مەزگىلدە خىتاي بىلەن ئوخشاش چىگراسىنىڭ بولماسلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خىتاينىڭ سىرتىدىن قاراشنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيەنىڭ 1930-يىللاردا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ نىسبەتتە، ئىمزالانغان دوستلۇق كېلىشىمنامىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. خىتاينىڭ مەيلى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن تۈركىيەگە يىراق بولىشى بولسۇن، مەيلى تۈركىيەنىڭ يېقىنلىشۋاتقان ئۇرۇش خەتىرىدىن چىگراسى سىرتىدىكى يەرلەرگە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش ئىمكانىنىڭ بولماسلىقى بولسۇن، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خىتايدىن بەكرەك پەقەتلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرى بىلەن قارىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە 1933-يىلدا ئىشغال قىلىشقا باشلىغان خىتاي، ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغىچە بۈيۈك نىسبەتتە ياپونىيەنىڭ ئىشغالى بىلەن كۆرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مەيلى قانچىلىك تۈركىيە، خىتايدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى يېقىندىن تەقىپ قىلغان بولسىمۇ ئەنقەرە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاساس بەلگىلىگۈچىسى تۈركىيە قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان سوۋېت ئىتتىپاقى بولغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چىگراسى ئىچىدىكى تۈركىستانغا تەسىر قىلىشى، تۈركىيەنىڭ باشقا تۈركىستان ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستانغىمۇ دىققەت قىلىشىنى كېرەك قىلغان. ئىقلىل قۇربان، چار روسىيەنىڭ تۈركىستان سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇ سىياسەتنى تېخىمۇ بەك تېزلەتكەن ئىدى دەيدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋالىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلەپلىرىنى بارغانسېرى تېخىمۇ بەك قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىكى مۇھىملىقىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېشىپبارغان ئىقتىسادى مۇھىملىقى، 1931-يىلدا ۋاقىتلىق بىر تىجارەت كىلىشىمنامىسىنىڭ تۈزۈلىشىنى مەجبۇر قىلغان. 1931-يىلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قىلغان ئىمپورتى 10 مىليون رۇبلى بولغان بولسا، شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان ئىكىسپورتى 13 مىليون رۇبلىغا چىققان.

شەرقىي تۈركىستان مەيلى ئىقتىسادى مەيلى تۈركىستان بىلەن بولغان باغلىنىشلىقى سەۋەبىدىن بولسۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان تېما ئىدى. پۈتۈن بۇ سەۋەپلەردىن تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى زىچ مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن، خىتايدىن بەكرەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. ھەتتا 1934-يىلىنىڭ بېشىدا تاشقى ئىسلار مىنىستىرى تەۋفىق رۈشتۈ ئاراس، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرە باش كونسۇلى م. سۇرىچتىن ئالغان ئۇچۇر بىلەن ئىچكى ئىشلارمىنىستىرلىكىگە بىر خەت ئېۋەتىپ، تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە رىئايە قىلىدىغان ھەركەت قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى كۆزقارىشىنى بىلدۈرگەن.

تەۋفىق خەتتىن باشقا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، سۇرىچتىن ئالغان ئۇچۇرلارنىمۇ يوللىغان. سۇرىچنىڭ كۆزىدىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىغىنىمىزدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ۋەقەلەرنى ئىككى گۇرۇپنى چۆرىدىگەن ھالدا باھالىغان. بىرىنچى گۇرۇپ «ئۇيغۇرلاردىن سابىق خوتەن ئەمىرى سابىتۇتتىن خوجىنىڭ رىياسىتى ئاستىدا بولۇپ، ئەنۋەر پاشانىڭ مەنسۇپلىرىدىن مۇستافا ئەلى ئەپەندىم، ئەخمەت شەفىك ئەپەندىم ۋە مەخمۇت نەدىم ئەپەندىلەر بار ئىدى». سۇرىچنىڭ قىزىقارلىق بىر شەكىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى گۇرۇپلارنىڭ بىرىنچىسىدە ئەنۋەر پاشانىڭ ئىسمىگە ئورۇن بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا باغلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن يەنىلا تۇرانچىلىق ئىدىيىسىنىڭ ۋە ئەنۋەر پاشانىڭ ئىزىدىن مېڭىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا چىقماقتا.

ھالبۇكى سوۋېت باش ئەلچىسى، ئەنۋەر پاشانىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىستان تېمىلىرىدا يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن قىزىل سىزىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا سۇرىچ بۇ گۇرۇپنى ئەنگىلىيە بىلەنمۇ ئالاقىدە دەپ قارايتتى. باش ئەلچى، بىرىنچى گۇرۇپ ھەققىدە تۈركىيە ئۈچۈن سەلبىي دەپ قارىلىدىغان تەرەپلىرىنى تەكىتلەشكە داۋام قىلغان. سۇرىچ، بىرىنچى گۇرۇپنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا «دىنى زات بولۇپ تامامەن شەرىئەت بىلەن ئىدارە قىلىش» تەشەببۇسچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. بىرىنچى گۇرۇپنىڭ «ماھىيەتتە پانئىسلامىست ۋە قىسمىي پانتۇرانىست» تەسەۋۋۇرىغا ساھىپ بولىشى، تۈركىيەنىڭ خېلى دىققىتىنى تارتقان. ئىككىنچى گۇرۇپنى سۇرىچ، بېشىدا ھاجى نىياز بولغان ۋە خىتاي ئىچىدە مۇختارىيەت پېيىدە بولغان بۇ گۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋالىسى بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلماقتا دەپ قارايتتى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىككى گۇرۇپ ئىچىدە ئاساسلىق مەسىلە بىرىنچى گۇرۇپ ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. سۇرىچ، بىرىنچى گۇرۇپنىڭ ئىنگىلىزلەگە ئەسۋاپ بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەڭپۇڭ بۆلگە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى ئويلىغان. سۇرىچ، تەۋفىققە تەسىر قىلىش ئۈچۈن بىرنىچى گۇرۇپ بىلەن شەيىخ سەئىد ئىسيانىنى باغلىغان. ئۇنىڭچە بولسا شەيىخ سەئىد ئىسيانى «تۈركىيەگە قارشى نىمە ئۈچۈن ۋە قانداق چىقىرىلغان بولسا، بۇ ھەرىكەتمۇ روسىيە ئۈچۈن ئوخشاش سەۋەپ بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىلىنىۋاتقان» تاشقى مۇداخىلە ئىدى. مورسكى ئىسىملىك بىر كىشىنى تىلغا ئالغان باش ئەلچى، «باراۋەرلىكچىلەر» ۋاستىسى بىلەن تاراتقۇلاردا تەسىر قالدۇرغانلىقىنى دېگەن. بۇ خۇسۇستا مۇھەررەم فەۋزى بەگنىڭ ئاخشام گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان يىغىنىنىڭ بۇ ئەتىراپتا بايقالغانلىقى دىيىلگەنىدى.

تەۋفىق رۈشتۈ ئاراسنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئېۋەتكەن باھاسىدا، شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى پەرىقلىق مۇستەقىللىق ھەرىكىنىڭ بار ئىكەنلىكى، لىكىن بۇلارنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى ئىپادە قىلغان. تەۋفىق، تاشقى ئامىللارنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ۋە تۈركىيە جامائەت پىكىرى كۆڭۈل بۆلگەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەركەتلىرى قارشىسىدا مېدىئانىڭ بۇ تېما ھەققىدە، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. تەۋفىق مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش كۆرەشلىرىگە سەلبىي باھا بىرىش تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپىگە خىلاپتۇر دىگەن. تەۋفىق شەرقىي تۈركىستاندا ئوتتۇرغا چىققان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى مەمنۇيەت ۋە مەدھىيە بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى شۇ شەكىلدە ئىپادە قىلغان ؛ «… مىللەتپەرۋەرلىك جەريانلىرىنىڭ قۇۋەتلىنىشى تەسرىدە شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ھەركەتلەرنىمۇ، ئوخشاش ئىرقتىن بولغان بىر جامائەتكە تەۋە بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن مەمنۇنىيەت ۋە مەدھىيە بىلەن قارشى ئالىمىز».

تەۋفىق رۈشتۈ ئاراس، بۇ كۆزقارىشىغا قارىماي شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتنىڭ «دىنى قوزغىلاڭ شەكلىدە بولىشى ياكى مەلۇم بىر ئەجنەبى دۆلەتنىڭ مۇئەييەن بىر مەقسىتى ئۈچۈن ئەسۋاپ سۈپىتىدە پايدىلىنىلىشى دىن ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تامامەن ئايرىغان ھاكىمىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىگە ھىچ ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى ئىپادە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان. تەۋفىق پۈتۈن بۇ سەۋەپلەردىن جامائەت پىكىرىنىمۇ ئويلىشىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى مېديادا پەقەت ئاگېنتلىقلار خەۋەرلىرىنىڭ باھا بېرىلمىگەن شەكىلدە نەشىر قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى دىگەن.

تەۋفىق رۈشتۈ ئاراسنىڭ سوۋېت باش ئەلچىسى بىلەن قىلغان زەيارىتى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك بىر پوزىتسىيە ئېلىشىغا يول ئاچقان. سۇرىچ، تۈركىيەنىڭ سەزگۈر بولغان تېمىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىر پاراللىللىك قۇرۇپ تەۋفىقنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان. سۇرىچنىڭ مانىپۇلەسىگە قارشى تۈركىيە جامائەت پىكىرى ئۈچۈن مۇھىم بولغان شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرىنىڭ چەكلەنمەسلىكى، بۇنىڭ ئورنىغا خەۋەرلەرنىڭ باھاسىز بىر شەكىلدە بېرىلىشى كۆرۈلگەن. موسكۋانىڭ ۋەزنى ئالدىدا تۈركىيە، يەنىلا شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىن خېلى زىچ مۇناسىۋىتى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىپ قالماسلىققا دىققەت قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە 1930-يىللار بويىچە شەرقىي تۈركىستان ۋەيا خىتاي كۆزنىكى ئورنىغا سوۋېت كۆزنىكىدىن قارىغان تۈركىيە، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قوڭغىرىقى چېلىنغان 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوخشاش كۆزقارىشىنى، بۇ قېتىم باشقا سەۋەپلەرگە دىن سىرت ئۇرۇش خەتىرى سەۋەبىدىن ساقلاپ قالغان. 1939-يىلى يانۋاردا شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە ئەلچى كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەرگە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن موسكۋا باش ئەلچىلىكىگە بىر خەت يېزىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قارىشى بىلدۈرۈلگەن. موسكۋا باش ئەلچىلىكىگە ئىۋەتىلگەن خەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە ئەلچى كەلگەنلىكى ۋە ئەلچىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ رىۋايەت ئىكەنلىكى دىيىلىپ، سۆز-چۆچەكلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باش ئەلچىلىككە بىرىلگەن ئۇچۇردا، تېمىنىڭ ئاگېنتلىقلار ۋاستىسى بىلەن رەددىيە بېرىلدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. موسكۋا باش ئەلچىلىكىگە ئىۋەتىلگەن خەتتە يىنە، ئېلان قىلىنىدىغان رەددىيەدىن سىرت دەسلەپكى پۇرسەتتە،تۈركىيەنىڭ مەيدانى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان «دوستانە پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتى» نىڭ مۇۋاپىق ۋە ئوچۇق بىر باياناتتا بايان قىلىنىدىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ روسىيە باش ئەلچىلىكىگە ئىۋەتىش ئۈچۈن تەييارلىغان خېتى، موسكۋا باش ئەلچىلىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئالدىدا قىلىدىغان باياناتى ۋە ماڭىدىغان يولىنى سىزىپ بەرگەن. يېزىلىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلەتكەن كەلىمىلەردىن قارىغاندا خەت، تۈركىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سەۋەبىدىن بىر تۇيۇق يوللغا كىرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان بىر روھى ھالەتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. خەتنىڭ تىلى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

خۇلاسە

تۈركىيەنىڭ تارىختا يېقىن تۇققانلىق مۇناسىۋىتى بولغان شەرقىي تۈركىستان، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن تۈركىيەگە ئۇزاق بولۇشى سەۋەبىدىن نىسبەتەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇلغان بىر يەر بولمىغان ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتى، 18-يۈز يىلدىن ئىتىبارەن ئۆزلىرىگە قارشى كېڭىيىۋاتقان روسىيە بىلەن بولغان كۆرىشى سەۋەبىدىن؛ ھىۋە، قوقەنت ۋە بۇخارا خانلىقلىغا روسىيەگە قارشى ياردەم قىلالمىغانلىقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى،-ياقۇپبەگنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان ئالاقە بىلەن بىرلىكتە-شەرقىي تۈركىتانغا ياردەم قىلغان. قورال-ياراقتىن تارتىپ بىر مۇنچە ياردەملەرنى قىلغان ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قوللىىشى بىلەن، ياقۇپبەگ قەشقەر ئەمىرى ئۇنۋانى بىلەن ئوسمانلى پادىشاھى نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ، پۇل باستۇرغان. شەرقىي تۈركىستاننى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن ياقۇپبەگ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزىنىڭ زامانىدىن كىيىن، 2. ئالبدۇلھەمىتكە بەيئەت قىلىپ، خەلىپىگە سادىقلىقىنى داۋام قىلغان. ئوسمانلى دۆلىتى ئۆزى ئۈچۈن ئەلەملىك ئاقىۋەتلەر ئېلىپ كەلگەن 1877-78 ئوسمانلى-روسىيە ئۇرۇشىدىن كىيىن، دۇچ كەلگەن شارائىتنىڭ تەسىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا يىتەرلىك ياردەم قىلالمىغان.

20- ئەسىرگە كەلگەندە مىللىي كۆرەشتىن كىيىن شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئاناتولىيە ئارسىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەر بولسىمۇ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئىشغالىدا قېلىشىغا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئاناتولىيە ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پاناھلىق تىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم پورت بولغان. دۆلىتى سىرتىدىكى ھەرخىل يەرلەردە ماكانلىشىشقا مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئارزۇسى تۇرۇۋاتقان يەردىن تۈركىيەگە كېلىش بولغان.

مەيلى تۈركىيە خەلقى مەيلى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ساھىپ بولغان بۇ ئورتاق چۈشەنچە، خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەردە تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر توپلىشىش ۋە بازا قىلىش مەركىزى دەپ بىلىنىشىگە يول ئاچقان. تۈركىيەنىڭ ئېلان قىلىنشىدىن كىيىن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە يەرلەشكەن بەزى تۈركىستانلىقلارنىڭ، مۇستەقىللىك كۆرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن نەشرىياتقا تۈركىيەدىن ئىمزا قويغانلىقى كۆرۈلگەن. تۈركىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالغانلىرىدا بولسا نەشرىياتلىرىدا تۈركىيە، كۆرىشىنىڭ ئاساسىدا يەر ئالغان. بۇ خۇسۇستا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن 1930-يىللاردا مۇھىم بىر ئىسىم بولغان مۇستافا ئەلى بەگ، مۇستەقىللىق كۆرىشىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن ئۈمىتىنىڭ» تۈركىيەدە ئىكەلىكىنى دىگەن. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئورنى، تۈركىيەدىكى سىياسىي ھايات بىلەن بىرلىشىشكىچە يىتىپ بارغان. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئۈلگە دەپ قارالىۋاتقان 1930-يىللاردا ئەنقەرە، سىياسىي جەھەتتىن كۈتۈلگەن ياردەمنى بېرەلمىگەن ئىدى. ھەتتا ياش تۈركىستان، تۈركىستان، يېڭى تۈركىستان، بولدى يۇرت، قۇتۇلۇش، ئىستىقلالدەك تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن نەشىر قىلىنغان ژورناللارنىڭ چەكلەنگەنلىكى كۆرۈلگەن.

تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بولغان مۇھىملىقىغا قارشى تۈركىيەنىڭ كۈتۈلگەن ياردەمنى بىرەلمەسلىكى، بىرقانچە سەۋەپتىن بولغان. بۇ سەۋەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەنىڭ يېڭىلا ئۇرۇشتىن چىقىشى، ئىقتىسادى ۋە ئەسكىرى جەھەتتىن ياردەم قىلالىغۇدەك بىر كۈچكە ئىگە بولماسلىقىدۇر. تۈركىيە، مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن قولدىن بىرىپ قويغان نوپوزى ۋە چۆكۈپ كەتكەن ئىقتىسادى بىلەن تەستە پۇت تىرەپ تۇرغان ئىدى. تۈركىيە، لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويغاندىن كىيىن ئېنىرگىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىچكى سىياسەت تەرەققىياتىغا ۋە لوزاندا ھەل بولۇنمىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن. شەرقىي تۈركىستانغا تۈركىيە تاشقى سىياسىتى جەھەتتىن كۈتۈلگەن قوللاشنىڭ بىرىلەلمەسلىكىدىكى ئىككىنجى سەۋەپ بولسا، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارسىدىكى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر بولغان.

1920-يىللاردىن باشلاپ ئىتالىيەنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا قارىتا كېڭىيىش ئارزۇسى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويغان. 1930-يىللاردا ئىتالىيەنىڭ ئېشىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك يۈزلىنىشى، تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىنى شەرقىي تۈركىستاندەك ئىككىنجى ئورۇندا ھېساپلىنىدىغان ساھەلەرنىڭ ئورنىغا، مەۋجۇت ئەھۋال ۋە تىنچلىق كېلىشىمنامىلىرى، ئىتتىپاقلار، توختامنامىلەر ۋاستىسى بىلەن قىلىنىدىغان تېمىلارغا قاراتقان. رېۋىزىئونىست ۋە رېۋىزىئونىستكە قارشى دۆلەتلەر ئىچىدە بولغان گىرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدەك دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك تەرەققىياتلار بۇ مەزگىلدە، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەسى بولۇپ قالغان ئىدى.

تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ئۈچۈنچى تارماق بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىدۇر. تۈركىيەنىڭ غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇستەقەللىق كۆرەشلىرى سەۋەبىدىن، 1920-يىللاردىن 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسلىق تاشقى قوللىغۇچىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بولغان. ئەنقەرە-موسكۋا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مىللى كۆرەش مەزگىلىدە قۇرۇلغان. تۈركىيەنىڭ تاشقى ياردەمگە بولغان ئىھتىياجى، 1923 تىن كىيىنمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنقەرە يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان دۆلەت بولىشىنى كېرەك قىلغان. تاكى مىللى كۆرەش ۋاقتىدا ئەنقەرە ئېرىشكەن سوۋېت ياردىمى، تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تا 1930 لارنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان. شەرقىي تۈركىستان بۇ مەزگىلدە رەسمىي ھالدا خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولسىمۇ تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر قالغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-ئىگىلىك ۋە كان بايلىقى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىقتىسادى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇھىم رايون بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى تۈركىستانغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئەندىشىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى مەجبۇر قىلغان. بۇ شەرائىتتا خىتايدىن بەكەرەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىقىشى سەۋەبىدىن ۋە ئەلۋەتتە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدىكى شارائىت سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە ياردەم قىلىشى مۇمكىن بولمىغان ئىدى. ئوخشاش سەۋەپلەردىن مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق پىكىرلىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرمەسلىكىگە يول قويۇلمىغان ئىدى.

ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارسىدىكى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىىستانغا قاراتقان سىياسىتىنى بەلگىلىگەن ئۈچ ئاساسلىق ئامىل بولغان. مىللى كۆرەشنىڭ غەلبىسىدىن كىيىن ئىچكى سىياسەتنىڭ تاشقى سىياسەتكە قارىغاندا بەكەرەك مۇھىم بولىشى تۈركىيە بىلەن جۇغراپىيەلىك جەھەتىن قوشنا بولمىغان شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن تۇنجى ئامىل بولغان. ئىككىنجىسى بولسا تۈركىيەنىڭ 1920-يىلاردىن باشلىغان

ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدا ھېس قىلغان ئىتالىيەنىڭ تەھدىتى، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنى بىخەتەرلىكنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرىكەن قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ ئەھۋال تۈركىيە ئۈچۈن يېقىن جۇغراپىيەدە بولغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان توختاملارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئىزدىنىشلىرىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپكەلگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلىرىدا ئالدىدا كەلگەن كۈنتەرتىپنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىككىنجى بىر تېما بولۇپ قېلىشىغا يول ئاچقان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە باھالىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈچىنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي تۈركىستانغا بولغان ھاكىمىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھوشيار بولىشىغا يول ئاچقان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەزنى، ئەنقەرەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى نارازى قىلىدىغان ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالغان. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارسىدا تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىپ قالمايدىغان تەمكىن بىر سىياسەت يۈرگۈزگەن. تۈركىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىنىڭ شەكىللىنشىدە تاشقى ئۇنسۇرلار ئاساسلىق ئامىل بولغان.

ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Türkiye’nin Doğu Türkistan’a Yönelik Dış Politikasına Etki Eden Faktörler

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top