You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئامېرىكا كونسۇلى ۋارد: بۇ بىر مەيدان ئىنقىلاب!

ئامېرىكا كونسۇلى ۋارد: بۇ بىر مەيدان ئىنقىلاب!

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپلىرىدىكى 1944-يىلى پارتىلىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئائىت ھۈججەتلەردىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر ھۈججەت 1945-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاترىك خىرلىي (Patrick Hurley) تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبىغا يوللانغان بىر پارچە تېلىگرامما بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەركىبى، ئىنقىلابنىڭ خارەكتېرى ۋە مەقسىتى ھەققىدە تۆت نۇقتا بويىچە ئۇچۇر بەرگەن. مەزكۇر تېلىگرامما ئەسلى ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى روبېرت ۋارد (Robert Ward) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلانغان بولۇپ، ۋارد ئەپەندى خىتاي دائىرەلىرىنىڭ ئىنقىلابنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ۋە ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەقىقىي مەقسەتلىرى ھەققىدە ئىجابىي باھالار بەرگەن. مەزكۇر تېلىگرامما يوللانغان چاغدا گەرچە خىتاي-سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بولغان بولسىمۇ، تېنچلىق سۆھبىتى ھەققىدە تېخى گەپ تېشىلمىگەن بولۇپ، خىتاي دائىرەلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنى 1945-يىلىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا تېخىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇملارنى قوزغىشىنى مۆلچەرلەپ تۇرغانلىقى تېلىگراممادا ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ. بۇ تېلىگرامما يوللىنىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي ئارىچى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىدىن بىسوراق خىتاي دائىرەلىرىگە «قوزغىلاڭچىلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش نىيىتى يوق» دېگەن مەنىدە ۋەدە بېرىپ، ئەسلەتمە تاپشۇرىدۇ. شۇ يىل ئۆكتەبىردە ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگىرىپ, تېنچلىق سۆھبىتى ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ.


خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى (خىرلىي) دىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبىغا 

[چۇڭچىڭ، 1945-يىلى 13-سېنتەبىر سەھەر سائەت 8 دە يوللاندى.

14-سېنتەبىر سەھەر سائەت 8:01 دە تاپشۇرۇۋېلىندى.]

1574. باش ئەلچىخانا 7-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل ۋارد (Ward) دىن تۆۋەندىكى تۆت نۇقتا ھەققىدە دوكلات تەلەپ قىلدى:

1.ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتامدۇ ياكى بۇلار قەبىلە ياكى مەزھەپلەر ئارا توقۇنۇشمۇ؟

2. كىم سوقۇشىۋاتىدۇ?

3. قانداق قورال-جابدۇقلار ئىشلىتىلىۋاتىدۇ؟

4. ئۇلار نېمە ئۈچۈن سوقۇشىۋاتىدۇ؟

ۋاردنىڭ 8-سېنتەبىر كۈنى ئەۋەتكەن جاۋابىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1. قوزغىلاڭچىلار بىر مەيدان ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەپ قارايدىغان، خىتايلار بولسا سوۋېتنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدىكى باندىتلىق ھەرىكەت دەپ ھېسابلايدىغان بىر مەيدان ئىنقىلاب يۈز بېرىۋاتىدۇ. 

2. قاتناشقۇچىلاركۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنى تەشكىل قىلغان خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن يوشۇرۇن ھالدا پائال قوللاشقا ئېرىشۋاتقان قازاق، قىرغىز ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر چارۋىچىلاردىن تەركىب تاپماقتا. 

3. قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قوراللىرى بولسا مىلتىق ۋە ئۇچقۇر ئاتلاردىن ئىبارەت. گەرچە بەزى قىسىملارغا مىناميوت، ئاپتومات ۋە ئايروپىلانغا قارشى قوراللار سەپلەنگەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، بەزى غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسىدە مىلتىق بولۇشى ناتايىن ئىكەن. ئەسلىدە بۇ چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسىدە قورال بار ئىكەنلىكىدە شەك يوق بولسىمۇ، بەزى قوراللارنىڭ قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئۆلكەلىك قوراللىق كۈچلەرتەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ بولسا خىتاي قىسىملىرىدىن ئولجا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. بەزى قوراللارنىڭ چېگرا سىرتىدىن ئېلىنغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن بولسىمۇ، قوراللارنىڭ تىپى ۋە سانى ھەققىدە ئېنىق دوكلات تەييارلاش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. 

خىتاي تەرەپ تەييارلىغان دوكلاتلاردا جىڭ ۋە شىخۇ ئۇرۇشلىرىدا كۆرەشچى ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئىشلىتىلگەن دېيىلىدۇ. ئۆزىنى ئۆلكە رەئىسىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇغان ۋە باش كاتىپ ۋاڭنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر كاتىب كونسۇل ۋاردقا 5-سېنتەبىر كۈنى شىخۇنى بومباردىمان قىلغان ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىدە ئۈچتىن قىزىل يۇلتۇز بەلگىسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. قارىغاندا گېنىرال جۇ (شاۋلياڭ) ۋە رەئىس ۋۇ (جۇڭشىن) بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سوۋېت ئايروپىلانلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ قارىشى ھازىرقى ئەھۋال ئاسىتىدا بۇ ئايروپىلانلار سوۋېتتىن باشقا دۆلەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دېگەن تەخمىنگە ئاساسلانغان ئىكەن. ۋاردنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا شىخۇدىن قايتىپ كەلگەن، پوچتا ساھەسىدە ئىشلەيدىغان، بۇ ھەقتە كۆپ مەلۇماتلىق ۋە ئەقىللىق بىر خىتاي خادىم ئۇنىڭغا ئايروپىلانلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئەڭ قايىل قىلارلىق ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن. يەنى ئۇ غۇلجا ئايردرومىدا خىتاي قىسىملىرتەرىپىدىن 50 كە يېقىن ئايروپىلاننىڭ قالدۇرۇپ قويۇلغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا بۇ ئايروپىلانلارنى رېمونت قىلىش جەھەتتىن تېخنىكالىق ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاردنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار تەرىپىدىن كەلگەن باشقا ئۇچۇرلارمۇ مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ ئەسلى خىتاي قىسىملىرىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

4. قوزغىلاڭچىلار ئېنىق بىلدۈردىكى، ئۇلار تۆۋەندىكى مەقسەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ:

«شەرقىي تۈركىستان» دا خىتاي ئاز سانلىقلار ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلاش؛

 شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەتتە ھەر قايسى ئىرقلار (مىللەتلەر) نىڭ نىسبەت بويىچە ۋەكىللىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقلار (مىللەتلەر) نىڭ باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش؛

 يەرلىك ئارمىيە قۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق بىر كىشىلا ھوقۇق تۇتىدىغان ھالەتكە مۇمكىنچىلىك قالدۇرماسلىق؛

 يېزا، شەھەر ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنى يەرلىكتىن سايلانغان كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇش؛

 سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئورنىتىش؛

ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملارغا كېتىدىغان چىقىمنى جىددىي كېمەيتىپ، بۇلار سەۋەب بولغان چىدىغۇسىز ئېغىر باجلارنى كېمەيتىش؛ 

خەلققە ياردەم قىلماقچى بولغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە سولانغانلارنى ئازاد قىلىش؛ 

خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشنى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى توختىتىش؛ 

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ 

خەلقنى پەقەت خىتايلارنى مەتپەئەتلەندۈرىدىغان سېپىل سوقۇش، ئاكۇپ كولاش ۋە باشقا ھەرخىل ھاشار ئەمگەكلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش؛ 

يېڭى سۇ ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلىش؛ 

ۋارد يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەقسەتلەرنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ «بىز نېمە ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىمىز؟» (?Why Are We Fighting) ناملىق تەشۋىقات كىتابچىسىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ۋاردنىڭ 2-سېنتەبىر كۈنى ئەۋەتكەن ۋە كېچىكىپ يەتكۈزۈلگەن تېلىگرامماسىدا دوكلات قىلىشىچە، رەئىس ۋۇ (جۇڭشىن) ۋە گېنىرال جۇ (شاۋلياڭ) قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ يىل قىشتا شىنجاڭدىكى ئۇرۇشنىڭ توختايدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئەمەس ئىكەن، شۇنداقلا بۇ كادىرلار خۇددى يەرلىكەرنىڭ قارىشىقا ئوخشاش ھالدا ئۇرۇشنىڭ بۇ يىل نويابىر ۋە دېكابىردا تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتايلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەسلىكى ۋە بۇ قوزغىلاڭنى يۈزدە يۈز سوۋېت تەرەپنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇشى ئۇلار «شىنجاڭغا دەرھال تېنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قارىغان خىتاي-سوۋېت كېلىشىمى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تولىمۇ چوڭقۇر گۇمان ۋە دۈشمەنلىك تۇغدۇرۇپ كەلمەكتە.  

-خىرلىي


مەنبە: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپى

ئۇلانما: https://history.state.gov/historicaldocuments/frus1945v07/d738

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاترىك خىرلىي (ئوتتۇرىدا)

ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى سابىق كونسۇل روبېرت ۋارد (Robert Ward) ئەپەندى

مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر بەت:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top