You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سۈمۈرۈلىشى: ۋالى ياڭ زېڭشىن دەۋرى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سۈمۈرۈلىشى: ۋالى ياڭ زېڭشىن دەۋرى

ياڭ زىڭشىن (楊增新) شىۋىتسىيەلىك سۋېن خېدىن ۋە شۈ بىڭچاڭ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن

دوتسېنت تەكىن تۇنجەر (نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئويغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇمىجىت ئەركىن

قىسقىچە مەزمۇنى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرىسىغا ۋە خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقانلىقى كۆرۈلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركچىلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تۈركلىرى. بۇ يەردە ياشايدىغان تۈركلەر تارىخنىڭ ھەر قانداق باسقۇچىدا بۇ رايون ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئەزەلدىن توختاتمىدى. بۇ جەرياندا ئۇلار بەزىدە سان جەھەتتە ئۆزىدىن كۆپ بولغان، بەزىدە تېخنىكا جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى بولغان دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلدى.

تارىختىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىملىقى سەۋەبىدىن، بۇ رايون نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ خىتاي ۋە روسىيە كۈرەش قىلىدىغان رايونغا ئايلاندى. ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا مەركەزلەشتى. ئۇ بۇ رايوندىن بىر مەزگىل پايدىلىنىشنى، ئاندىن يىغقان ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك ئۈنچە-مەرۋايىت، زىبۇزىننەت ۋە پۇللار بىلەن رايوندىن ئايرىلىشنى ئويلىدى. بۇ جەھەتتە، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكچى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزى خالىغان ھۆكۈمەتنى قۇرالمىدى ۋە يەرلىك كىشىلەر ھەم بۇ رايوندا ياشايدىغان خىتايلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى.

زالىم ۋە مۇستەبىت خاراكتېرگە ئىگە ياڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى كىشىلەرگە قوللانغان قاتتىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن «شىنجاڭ دىكتاتورى» دەپ نام ئالغان. بۇلۇپمۇ سوۋېت روسىيەنىڭ بېسىمى ئۇنىڭ باشقۇرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇ ئۆزى خالىغان ھۆكۈمەت شەكلىنى قوبۇل قىلدۇرالمىدى. ئۇ 1911-يىلدىن 1928-يىلغىچە يىغقان پۇلى بىلەن راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ساقلاۋاتقاندا، خىتايلارنىڭ سۇيقەستى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. گەرچە، ياڭنىڭ يولغا قويماقچى بولغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى ياخشى ئىشلىمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن باش ۋالىيلار يەنىلا بۇ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى.

چۈنكى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي بايلىقلارنى سۈمۈرۈشتە قوللانغان ئۇسۇلى رايون خەلقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ۋالىيلارنىڭ كۈچلىنىشىنى كاپالەتلەندۈردى. بۇ سەۋەبتىن، ياڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ۋالىيلار بۇ سۈمۈرگىچىلىك سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردى. بۇ ماقالە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي بايلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانداق سۈمۈرۈلگەنلىكىنى ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا تىرىشىمىز.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ياڭ زېڭشىن، شەرقىي تۈركىستان، ئىقتىساد، مۇستەملىكە، سىياسىي

كىرىش

ياڭ زىڭ شىن (楊增新)

خىتايدىكى ئىچكى توقۇنۇشتىن كېيىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چىڭ سۇلالىسى (1644-1911) يىمىرىلىپ، بىر مەزگىل سىياسىي ۋاكۇئۇم شەكىللەندى. بۇ سىياسىي بوشلۇق مەزگىلدە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ياڭ زېڭشىن[2] خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى باش ۋالىسى بولغان. ياڭ يۈۋەن داخۇانىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرغان مەزگىلىدە بۇ رايونغا كەلگەن ۋە 1908-يىلى ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باش ۋالىيسى يۈەن ياڭنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى ۋە قابىلىيەتلىك باشقۇرغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەندى. خىتاينىڭ ئىچكى توقۇنۇشى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا رازى بولمىغانلار تەبىئىي ھالدا بۇ خاندانلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىلى بولغان يۈەننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولغان. بۇ سەۋەبتىن، ئۇلار 1911-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قوزغىلاڭ ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇ قوزغىلاڭنى قوزغىغۇچىلار گې لاۋ خۈي «بۇرادەرلەر جەمئىيىتى» دەپ ئاتىلىدىغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۈشمىنى بولغان كىشىلەر ئىدى.

يۈەن داخۇاغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ قوزغىلاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىلى رايونىدىكى ئىنقىلابچىلار جاڭ پېييۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە باشقا ھۆكۈمەت قۇرالىدى. ئەمما قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىغا قارشى 1911-يىلى ياڭ زېڭشىن ئۆزىگە سادىق بولغان گەنسۇلۇق 2000 تۇڭگان ئەسكىرى بىلەن قوزغىلاڭنى باستۇرغان. گەرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى قوزغىلاڭ ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىنقىلاب مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. 1912-يىلى1 -يانۋار، سۈن ياتسېن (سۈن جۇڭشەن) خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەنجىڭدىكى ۋاقىتلىق دۆلەت باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1912-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، چىڭ سۇلالىسى خانىشى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئوغلى ئورنىدا تەختتىن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ 267 يىللىق دەۋرى ئاخىرلاشتى. 1912-يىلى 10-ئافرېل سۈن جۇڭشەن بىلەن يۈەن شىكەي كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، يۈەن شىكەي خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ.

خىتايدىكى ئىنقىلاب چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باش ۋالىيسى يۈەن دا خۇانىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولمىغاچقا، يۈەن ھوقۇقىنى ياڭ زېڭشىنغا تاشلاپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ياڭ بۇ سىياسى بوشلۇقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، خىتايدا ھوقۇقنى قولىغا ئالغان يۈەن شىكەيگە سادىقلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي پرېزىدېنتى يۈەن شىكەي 1912-يىلى مايدا ياڭنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەربىي ۋە باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەش ئارقىلىق ياڭنى مۇكاپاتلىغان.

ياڭ زېڭ شىننىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشى ۋە باشقۇرۇش شەكلى

ياڭ زىڭ شىن (楊增新)

1912-يىلى 6-ئايدا ئىنقىلابچىلار بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ نەتىجىسىدە، ئىلى ۋىلايىتى قوزغىلاڭدىن ۋاز كېچىپ، «شەرقىي تۈركىستان»غا باغلانغان ۋە ياڭ زېڭ شىننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ باش ۋالىيلىقىنى قوبۇل قىلغان. ياڭ بۇنىڭغا جاۋابەن ئىلى تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبىرى جىياڭ پېي يۈەننى ھەربىي قوماندان سۈپىتىدە قەشقەرگە ئەۋەتكەن. ئىلى رايونىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ، ياڭ بۇ قېتىم دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان گې لاۋ خۈي «بۇرادەرلەر جەمئىيىتى»گە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گې لاۋ خۈينىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىرىنى كەچۈرگەنلىكىنى، ئەگەر ئۇلار باشقا جايدا ئولتۇراقلىشىشقا قوشۇلسا ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. گې لاۋ خۈيمۇ ياڭ بىلەن تىركىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقا رايونلارغا كۆچۈش ئويىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما، بۇ رەھبەرلەر كېيىن ياڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. گې لاۋ خۈي رەھبەرلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتدىشى ۋە ئىشەنچلىك ئوفېتسىر ما شاۋۋۇنى كۇچا رايونىنىڭ ھەربىي قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى.

ياڭ زېڭشىن ئىلى كۈچلىرى ۋە گې لاۋ خۈي بىلەن بولغان مەسىلىنى ھەل قىلدى، ئەمما ئۆلكىنىڭ شەرقىي شىمالىدا مەۋجۇت بولغان ھەم  مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان تاشقى موڭغۇلىيەگە باغلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان موڭغۇللار مەسىلىسى داۋاملىشىۋاتاتتى. موڭغۇللار ھەتتا ئالتاي رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىغان ئىدى. موڭغۇللار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاجىزلاپ كېتىشنى خالىمايدىغان ياڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن موڭغۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىدى. روسىيەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق، ئۆلكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى موڭغۇل مەسىلىسىنى 1913-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي-روسىيە خىتابنامىسى بىلەن ھەل قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ موڭغۇللارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ياڭ زېڭ شىننىڭ ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئۇ بويسۇندۇرغان رايونلارنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرۇش ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كونا تەرتىپىنى بۇزماي بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھىيەلەرنىڭ سانىنى 40 تىن 47 گە كۆپەيتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قالغان كىچىك ناھىيەلەردە قوللىنىلغان بەگلىك سىستېمىسى ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلدى. ياڭ ئۆزىنى «گېنېرال» دەپ جاكارلاپ، تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن خىتاي مائارىپىنى مەجبۇرى قىلدى  ۋە بۇ مەكتەپلەرنى «شۆتاڭ» دەپ ئاتىدى.

ياڭنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى ۋە غېمى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا ئىسيان كۆتۈرۈش ئېھتىمالى ئىدى.  بۇ سەۋەبتىن ئۇ يۈننەندىن ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى، تۇغقانلىرىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى يىغدى. ياڭنىڭ سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 90% نى تەشكىل قىلىدىغان يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا يەرلىك ۋە مىللىي پەرق زىدىيىتى پەيدا قىلىپ باشقۇرۇش ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان قازاقلارنى موڭغۇللاردىن، جەنۇبتا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى  جۇڭغارىيە ۋە تەڭرى تېغى رايونىدا ياشايدىغان كۆچمەنلەردىن ئايرىش ئىدى. ياڭ يولغا قويغان بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىرىنچى يىلى يۈز بەرگەن قۇمۇل قوزغىلىڭى ۋە 1918-يىلىدىكى كۇچا قوزغىلىڭىدا يەرلىك پەرقلەرنى ئىشلىتىپ، قوزغىلاڭ بەك كېڭەيمەستە ۋە بىرلەشكەن بىر ھالەتكە كەلمەستە باستۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. ياڭ ئۈچۈن ئەڭ قىيىن بولغان ئىش دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرى ئىدى. گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئوخشىمىغان قەبىلە، مىللەتلەردىن تەشكىل تاپسىمۇ ئەمما ئۇلار ماھىيەتتە ئورتاق مەنبە ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە تۈركلەردىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئوخشاش دىنغا تەۋە ئىكەنلىكى بۇ رايوندا ياشايدىغان كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلالايدۇ. بۇنىڭغا مىسال بولىدىغان ئىلگىرى باسمىچىلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان مىللىي كۈرەش ھەرىكىتى ياڭنى ئەڭ ئويلاندۇرىدىغان نۇقتا ئىدى.

ياڭ زېڭ شىن شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرغان مەزگىلدە ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارىغان تاشقى خەتەر ئالدى بىلەن چار روسىيە، 1917-يىلدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. ياڭ رۇسلاردىن تارقالغان بارلىق يېڭىلىقلار ۋە سىياسىي ئىدىيەلەردىن ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە كىرگۈزمەسلىك سىياسىتىنى قوللاندى. روسلار تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلاردىن ئەسكەر قوبۇل قىلماقچى بولغاندا، چار روسىيەنىڭ قوشۇنلىرى بۇيرۇقنى رەت قىلغان كەنتتىكى داڭلىق كىشىلەرنى قولغا ئالدى ۋە ئۆلتۈردى. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرى يەرلىك خەلقنى غەزەپلەندۈردى. نەتىجىدە، توپىلاڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۆز رايونىدىكى بارلىق ھەربىي ئوفېتسىرلارنى تۇتۇۋالغان ۋە ئۆلتۈرگەن. بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن، روسىيە ھۆكۈمىتى رايونغا ئارمىيە ئەۋەتتى. ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قارشى تۇرالمىغان قازاقلار قوشنىسى شەرقىي تۈركىستانغا كوللىكتىپ شەكىلدە قېچىپ كەتتى. ياڭنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتى بولسىمۇ، بۇ ۋەقە ۋالىينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 1916-يىلى 9-ئايدا باشلانغان بۇ كۆچۈش دولقۇنى بىلەن تەخمىنەن 300 مىڭ قازاق[3] ھايۋانلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن. باش ۋالىي، بۇ ئاممىنى چېگراغا يېقىن جايلارغا ئورۇنلاشتۇردى. ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بولشېۋىكلار بىلەن كېلىشكەن ياڭ بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى 1918-يىلىنىڭ ئاخىرىدا  قايتۇرىۋەتتى.

بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن ياڭنىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى ياڭنىڭ چەتئەللىكلەرنى ياقتۇرمايدىغان ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ تەسىرىدە بولۇشنى خالىمايدىغان خاراكتېرى بار. ياڭ مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بولشېۋىكلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلىدى. ياڭ ھەر قانچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي تەسىرى شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسېرى كۈچەيدى.

باش ۋالىينىڭ ئالدىنى ئالغان تەدبىرلەرگە قارىماي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشلەش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەنلىكى مەلۇم. قەشقەر، خوتەن، ياركەنت ۋە باشقا شەھەرلەردىن غەربىي تۈركىستانغا بارغان ئىشچىلار غەربىي تۈركىستاندىكى ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھالەتتە يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان شېۋىت مىسسىيونېرلىرى غەربىي تۈركىستانغا بارغان ئىشچىلار ئارقىلىق سوۋېت تەشۋىقاتى قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ياڭنىڭ باستۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش سىياسىتىگە قارىماي، سوۋېت روسىيەدىكى پىكىر، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار قۇلاقتىن قۇلاققا تارقالغان. نەتىجىدە، رايوندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى كۈچەيدى. غەربىي تۈركىستاندىكى جەدىت (يېڭىلىق) مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن جەدىتچىلىك ئىدىيىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى. غەربىي تۈركىستاندىكى جەدىت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلقادىر داموللا، قەشقەردە جەدىتچىلىك مەكتەپلىرىنى ئېچىشقا ياردەملەشكەنلىكى مەلۇم. ياڭنىڭ روسىيەنى بۆلگىدىن ئۇزاق تۇتۇشقا تىرىشقىنىغا قارىماي جەدىتچىلىك پائالىيىتى ۋە روسىيەنىڭ نۇپۇزى ئاشقان ئىدى.

1911-يىلى، قەشقەر رايونىنىڭ ھەربىي قوماندانى ماتىتەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كىشى ئىدى. بۇ كىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياڭ زېڭ شىندىن كېيىنكى كۈچى زور ئادەم. ياڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەتتا قەشقەر ۋالىيسىنىمۇ ھەرىكەت قىلالماس ھالەتكە كەلتۈرۈپ رايوننى كونتروللۇقىغا ئالدى. گەرچە جەنۇبتىكى بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جەنۇبنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرى بولغان قەشقەر، ياركەنت ۋە خوتەندە كۆزلىگەن ھۆكۈمرانلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. شۇڭلاشقا ياڭ زېڭ شىن قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان قەشقەر ھەربىي قوماندانى ياڭ زۈەن شۈگە قارشى ئىستىپا بېرىشكە قىستاش ھەرىكىتىدە، ياڭ زۈەن شۈنى قوللىمىدى ۋە 1914-يىلى 8-ئايدا خىتايلىق مۇسۇلمان يۇرتدىشى ما فۇشىڭنى قەشقەرگە ھەربىي قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. ما فۇشىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىكتاتورلىقى سەككىز يېرىم يىل داۋاملاشتى. ما فۇشىڭ ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ پارا ۋە تەسىر كۈچى ئارقىلىق بايلىقىنى ئاشۇرماقچى بولغان.

Macartney دىن كېيىن قەشقەرنىڭ باش كونسۇلىغا تەيىنلەنگەن Skrine، ما فۇشىڭ بىلەن رەسمىي كۆرۈشكەندىن كېيىن مافۇشىڭ ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن: «بىز قەشقەر يېڭى شەھەردىكى ما سارىيىغا كەلگىنىمىزدە، چوڭ ۋە بويالغان ئىشكتىن ئۆتۈپ ئىچكى ھۇجرىدا بويى پاكار، كۈلرەڭ چاچ، ئىنچىكە بۇرۇت، مۇز چىراي، كىيىۋالغان خىتاي ئەنئەنىسىدىكى گېنراللىق كىيىمى بەدىنىگە چوڭ كەلگەن، قۇش پېيى بىلەن بېزەلگەن شەپكە كەيگەن، بىر قانچە يۇلتۇزلۇق مېدال  ۋە ئالتۇن ھالقا بىلەن بېزەلگەن ئىزنەكلەر مۈرىسىگە ئېسىلغان بىرى بىزنى كۈتىۋالدى. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ ئارقىسىدا قەبىھ ۋە شۇملۇق بىر نەرسە يوشۇرۇنغان. مېنىڭ بۇ خىل تۇيغۇغا كەپ قېلىشىمنىڭ سەۋەبى ما ڧامىللىكنىڭ قاتىللىقى ۋە قىيناشلىرى ھەققىدە بىر تەرەپلىمە قاراشقا كېلىپ قالغانلىقىممۇ يوق، بىلمەيمەن»

ما فۇشىڭنىڭ قىلغانلىرى چەكتىن ئېشىپ، ئىنقىلابقا سەۋەب بۇلۇش دەرىجىسىگە يەتكەن. ياڭ زېڭ شىنغا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، ياڭ فامىلىلىكنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن دەپ قاراپ، ما فۇشىڭنى ئىشتىن بوشاتتى. ئەمما، ما فۇشىڭ بۇنى قوبۇل قىلمىغان، ھەتتا ئۇنى شىكايەت قىلغانلارنى ئۆلتۈرگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قوقاق سالغان. بۇ ۋەقە سەۋەبلىك ئاقسۇ ۋالىيسى ما شاۋ ۋۇنىڭ قوماندانلىقىدا بىر بۆلۈك ئەسكەر ئۈچ تۇرپان رايونىغا ئەۋەتىلدى. ما شاۋ ۋۇ كۈچلىرىنى شىمالدىن قەشقەرگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. 1924-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ما فۇشىڭ ھېچقانداق تەدبىرسىز ھالەتتە تۇتۇلغان. ئۇ توقۇنۇشتا يارىلانغان، كېيىن ئېتىۋىتىلگەن. ئۇ تاختىغا مىخلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كۆرگەزمە قىلىندى.

ما شاۋ ۋۇ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىپ، خوتەننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەندى. قەشقەر ھەربىي قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قەشقەردە ئىش قىلالماس ھالغا كەلگەن ۋالىنى تەكرار كۈچلەندۈرگىنىدەك خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسى كۈچىنى قايتا ئاشۇردى. ۋالىي 1927-يىلى ۋاپات بولغاندا، ما شاۋ ۋۇ خوتەننىڭ ۋالىيلىقىدىن قەشقەر ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، بۇ ئۈرۈمچىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇن ئىدى.

ياڭ زېڭ شىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىقتىسادىي ئەندىزىسى ۋە بايلىقلارنىڭ سۈمۈرىلىشى

چىڭ سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. باشتا خەزىنىدىن ياردەمنىڭ ئۈزۈلىشى بىلەن تەڭ ياڭ زېڭ شىن يولغا قويغان ئىقتىسادىي ئەندىزە جەھەتتە سىرتقا تاقالغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالمايدىغان ئىقتىسادىي تەرتىپكە كىردى. بۇ سەلبىي كۆرۈنۈشنى  تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن ئۆزگىرىش 1914-يىلى باشلانغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئىدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودىسىنىڭ كۆپىنچىسى چار روسىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.  ئۆزىدىكى خام ئەشيالارنى چار روسىيەگە ساتىدۇ ۋە بۇ ئۇسۇلدا ئېھتىياجلىق بولغان روسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئورنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلاتتى .

ياڭ زېڭ شىننىڭ 1911-يىلدىن 1913-يىلغىچە بولغان ھاكىمىيەت شەكلى ئانچە تەنقىدكە ئۇچرىمىغان. ئەمما 1914-يىلدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ تاكى 1917-يىلغىچە، چار روسىيە ئۇرۇشتىن چېكىنگەنگە قەدەر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادى بۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان. چار روسىيە بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى روس-ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدىكى تارماق ئاپپاراتلىرىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى. بۇ بانكا خىتايدىكى باشقا چەتئەل بانكىلىرىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قەغەز پۇلىنى تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. 1916-يىلى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى روسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىستاشقا باشلىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا پۇل ئوبوروتى تۇيۇقسىز كۆپەيدى. كېيىن، روسىيە رۇبلىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىگەندە، شىنجاڭ تىيىننىڭ قىممىتىمۇ تۆۋەنلىگەن. نەتىجىدە، شەرقىي تۈركىستاندا پۇل پاخاللىقى باشلىدى. بولۇپمۇ رۇسىيە پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى شەرقىي تۈركىستان پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈردى. ئۇرۇش ھالىتى سەۋەبىدىن تاشقى سودا توختاپ قالدى. بۇ پائالىيەتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلارنىڭ بېشىدا، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانچىلىق ۋە بولۇپمۇ پاختا سودىسىدىن تىرىكچىلىك قىلغانلار بار ئىدى.

ياڭ زېڭشىن بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيە بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالىمىدى، چۈنكى ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىدى. ئەمما، روسىيەنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، 1919-1925-يىللار ئارىلىقىدا سودا مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. باش ۋالىي ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زامانىۋى زاۋۇت قۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. بۇ مەقسەتتە ئۇ زاۋۇت ۋە چوڭ سودا مەركىزى قۇرۇشنى قەتئىي چەكلىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغان ئىشچىلار چوقۇم بۇ زاۋۇت ۋە سودا مەركەزلىرىدە ئىشلىشى كېرەك. باش ۋالىي بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆلكىدە ئىجتىمائىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان يەرلىك كىشىلەرنىڭ سودا قىلىشى چەكلەنگىنى بىلەن پۈتۈنلەي يېپىق ساندۇق ئەمەس. پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ھىندىستان پۇلدارلىرى رايوننى ئايلىنىپ يۈردى. ئۇلار ئېرىشكەن ئالتۇن-كۈمۈش پۇللارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي بانكىلىرىغا ئامانەت قويۇش ئۈچۈن زاپاسلىدى. بۇ دۆلەتتىكى ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئۇلار پۇلىنى قىممەتلىك بۇيۇملارغا ئايلاندۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقاردى.

گەرچە ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ناچار مەزگىلدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بولسىمۇ، ياڭ زېڭ شىن ئۆلكىدە  قۇبۇل قىلىنغان ئىدارىنىڭ بۇلىشى ۋە تەبىئىي بايلىققا ئىگە بىر رايوننى باشقۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان. ئوۋېن لاتتىمور ۋە روسابى (Owen Lattimore، Rossabi) ياڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ بايقاشلار رېئاللىقنى ئانچە توغرا ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ. چۈنكى ياڭ يولغا قويماقچى بولغان سىياسەتنىڭ ئاساسى ئالدى بىلەن كىشىلەرگە ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىش. ئۇ بۇ ئۇسۇلدا سىياسىتىنى ئاسانلا يولغا قويالايمەن، دەپ ئويلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بۇ جەھەتتە قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. چۈنكى ياڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي بايلىقىنى سۈمۈرۈشكە باشلىغان مەزگىل 1914-يىلدىن كېيىنگە توغرا كېلىدۇ. 1911-1914-يىلى ئارىسىدا يەرلىك ئىدارە شەكلىگە بەك ئېسىلىۋالماي ھەم ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىشكە تىرىشقان ھەم مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ قوزغىلاڭ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلىشنى مەقسەت قىلمىدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوغداش خىيالىغىمۇ كەلمىدى. ئەكسىچە، رايوندىكى ئالتۇن-كۈمۈش پۇللارنى ئۇ ئۆزى بېسىپ چىقارغان ۋە كۈچكە ئىگە بولمىغان قەغەز پۇل ۋە مىس پۇللار بىلەن ئالماشتۇردى. بۇ ئۇسۇلدا دۆلەتتىن زور مىقداردا پۇل يۆتكەلگەندە، ئۇنى كونترول قىلىش ۋە بۇ پۇللارنىڭ قوزغىلاڭ ئۈچۈن قوللىنىلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ تەدبىر قوللانغان.

ياڭ زېڭشىن شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغان مەزگىلدە تاپقان پۇللىرىنىڭ توپىلاڭ ياكى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ قولىدىن كېتىپ قالىدىغانلىقىنى دائىم ئويلايتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا پارىخورلۇق، مۇستەملىكىچىلىك، سودا ۋە سودىگەرلەردىن ئالغان پۇلنى فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادىكى ئامېرىكا قارمىقىدىكى شەخسىي بانكىدىكى ھېساباتىغا ئەۋەتكەن.

ياڭنىڭ سىياسىتى تۆۋەن قاتلامدا ئىشلەيدىغان مەمۇرلارغىمۇ كېڭەيدى. ئۇلار بۇ يەردە مەلۇم مەزگىل تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ ۋاقىتتا قانچىلىك پۇل يىغىۋالالىسا شۇنچىلىك پايدا دەپ قارىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەربابلىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇر بولغان باج ئېلىشقا تەقسىملەش ئارقىلىق، ئۇ تۈركلەرنى دۆلەت قاتلىمىغا كىرگۈزگەن سىياسەتنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن، خەلق بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولغان باج يىغىش ئىشىدا يەرلىك خەلقنى، يەنى تۈركلەرنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ خەلق بىلەن قارشىلىشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئىجرائاتنىڭ سايىسىدا، يەرلىك مەمۇرلارمۇ كىرىمگە ئېرىشكەنلىكتىن بۇ تەدبىرنى قوللىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار خىتاينىڭ سىستېمىسىنى قوللاشقا مەجبۇر بولدى.

ياڭ زېڭ شىننىڭ يەرلىك خەلققە يولغا قويغان يەنە بىر سىياسىتى، ئۇلارنى بىرلەشتۈرمەي تارقاق ھالەتتە ياشاشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىقتىسادىي ئىجرائات يولغا قويىشىدۇر. ئىجرائاتتا دېھقانچىلىق رايونىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە مۇنبەت يەرلەر تەقسىم قىلىنسا، تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغانلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشۋىق قىلىندى.

ياڭنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزىگە خەۋپ دەپ قارىغان سوۋېت ئىتتىپاقى خەۋىپى ئەمەلىيەتتە ئاستا-ئاستا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقاتى كۈنسېرى تارقىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ياڭنىڭ تەكشۈرۈش سىياسىتىمۇ بۇنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە گېزىت، تۆمۈر يول ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يول قويمىغان ياڭ، پوچتىلارنى قاتتىق تەكشۈردى. ئۇ ناھايىتى ئاز ساندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە يول قويدى. ئۇ يەنە چېگرادىن كىرمەكچى بولغانلارنى ھېچ خەۋپ يوق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىچە چېگرادا ساقلاتقۇزدى. ياڭنى بۇ دەۋردە ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قويغان ئىشلارنىڭ چوڭى كوممۇنىستلارنىڭ يەرنى دېھقانلارغا تەڭ تەقسىم قىلىدىغانلىق تەشۋىقاتى ئىدى. ئەمما، بۇنداق تەسىرلىك تەشۋىقاتلارغا قارىماي، ياڭ دەۋرىدە يەرلىك كىشىلەر ئىسيان كۆتۈرمىگەن.

ياڭ زېڭ شىنغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خەتەر خىتايلىقلاردىن كەلگەن. چۈنكى ياڭغا سادىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان تۇڭگانلارنىڭ بولۇشى خىتايلىقلارنى بىئارام قىلدى. مۇھىم ئورۇنلارغا ياڭ ياكى تۇڭگانلارنى ياكى يۈننەنلىك يۇرتداشلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەھۋالدىن بىئارام بولغان خىتايلىقلار ياڭنى يوقىتىش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياڭ 1922-يىلى گومىنداڭ (مىللەتچى خىتاي) پارتىيىسىنىڭ بېيجىڭغا كىرگەنلىكىدىن خەۋەر تېتپىپ شەرقىي تۈركىستانغا گومىنداڭنىڭ بايرىقىنى ئاستۇرغان ۋە نەنجىڭدىكى جىياڭ جىيې شى ھۈكۈمىتىنى ئېتراپ قىلغان. 1928-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ياڭنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باش ۋالىيلىقىغا رەسمىي تەيىنلىدى. ئەمما، بۇ تەيىنلەش بەلكىم بىر ئاز مەجبۇرلۇقتىن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئەۋزەل تاللىشى يوق ئىدى.

گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۆز پارتىيىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشنى ئويلىغان فەن ياۋ نەن 1928-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ھەرىكەت قوللىنىپ ياڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلدى. پىلانغا ئاساسەن، قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا فەن ياۋ نەننىڭ كۈتكۈچىدەك كىيىنگەن 18 ئەسكىرى قولىغا يوشۇرۇنغان قوراللىرى بىلەن ياڭنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ۋەقە مۇنداق بايان قىلىنغان: «باش ۋالىينى نىشان قىلىپ، بىر قانچە پاي ئوق ئېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە 7 پاي ئوق ئېتىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىشانغا تەگدى. ئېغىر يارىلانغان ۋە جان تالىشىۋاتقان ۋالىي ياڭ دۈشمەنلىرىگە نەپرەت بىلەن قارىدى ۋە يۇقىرى ئاۋازدا: «بۇنىڭغا كىم جۈرئەت قىلالىدى؟» دەپ سورىدى. بۇ گەپنى قىلىۋېتىپ ياڭ ئاستا-ئاستا يەرگە يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇددى ئۆزىگە قىلىنغان نەسىھەتلەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغاندەك سانائەت مىنىستىرى يەن تىڭ شەنگە تىكىلدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىنلا، فەن ياۋ نەن ياڭنىڭ سارىيىغا بېرىپ، باش ۋالىيلىق تامغىسىنى قولغا چۈشۈردى ۋە ياڭنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ھەم ياردەمچىسى چىن شۇ جېننى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. چىن رەت قىلىپ، فەن ياۋ نەننى تۇتۇشقا ئۆز ئادەملىرىنى ئەۋەتتى. قىسقا جەڭدىن كېيىن، فەن ياۋ نەن تۇتۇلغان ۋە 8-ئىيۇن ئۇ 1928-يىلى ئادەملىرى بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن.

خۇلاسە

تارىختا نۇرغۇن تاجاۋۇزچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئورنى ۋە ئىقتىسادىي بايلىقى سەۋەبىدىن دىققەت تارتىدىغان جۇغراپىيىلىك بىر ئورۇن بولغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، خىتايلىقلار بۇ ھاكىمىيەتنى يەنە ساقلاپ قالدى. ياڭ زېڭ شىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇنجى باش ۋالىيسى بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى باش ۋالىيلارنىڭ دەۋرى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى. 1911-يىلدىن 1928-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇنجى باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ياڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زالىم ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن «شىنجاڭ زومىگىرى» دەپ ئاتالغان. باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئاساسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تۇتىشىدىغان فېئودال بىيۇروكراتلىقنى ئاساس قىلىدۇ. 1911-يىلدىكى ئىنقىلاب بىلەن خىتايدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ياڭ ئىمپېرىيە سىستېمىسىنى پەسكەش ئۇسۇلدا قوللانغان. ئۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىدىن مىراس قالغان «يىيى جىيى» يەنى «بۆل، پارچىلا، باشقۇر» سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە يەرلىك ۋە كۆچمەن خەلق ئارىسىدا قارشىلىق، زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن داڭلىق شەخسلەرگە دەرىجە ۋە ئۇنۋان بەرگەن.

ياڭ زېڭ شىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بايلىقنى قولىدا ساقلاپ كېيىنچە راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى نىشان قىلغان سىياسەت قوللانغان. ئەمما، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى يىللاردا ئۆزى خالىغانچە باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. چۈنكى تەخمىنەن ئۈچ ئەسىر مەۋجۇت بولغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن، يېڭى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يارىتىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا پۈتۈن دۇنياغا تەسىر قىلغان 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا چار روسىيەنىڭ يىمىرىلىپ سوۋېت روسىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ياڭغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. سوۋېت روسىيەنىڭ تەرەققىياتى چېگرا قوشنىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر قىلدى. بۇ سەۋەبتىن، ياڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ھەمىشە كوممۇنىست روسىيەنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلغان. ئەمما، بۇلارغا قارىماي، تۇغقانلار ۋە يۇرتداشلار سىياسىتى، خەلقنى بىر يەرگە جەم قىلغان مۇناسىۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي بېسىم سىياسىتى ئۇنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ياڭغا قارشى چوڭ ئىسيان ھەرىكىتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ياڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقنى بىئارام قىلىپلا قالماي، رايوندىكى خىتايلىقلارنىمۇ پاراكەندە قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، ياڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن بۇ ھەرىكەت يەرلىك خەلقتىن ئەمەس، بەلكى خىتايلىقلاردىن كەلگەن ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ياڭ زېڭ شىننىڭ كونا مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئۆزگەرتىلدى. قوزغىلاڭىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقنى نامرات قالدۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇ 16 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، رايوننىڭ ئىقتىسادىي بايلىقىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ، كونترول سىستېمىسى قۇردى. ئۇ خىتايدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نامىدا پۇل باستۇرغان، ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر، ئاقسۇدا ئۆز رايونلىرى ئۈچۈن بىر-بىرىگە قارشى ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئوخشىمىغان 4 خىل پۇلنى بېسىپ بازارغا چىقاردى. ئۇ پۇل بولمىسا ئىنقىلاب بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، شۇنداق مۇرەككەپ قۇرۇلمىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەگەر قوزغىلاڭ يۈز بەرسە، ئۇ شۇ رايوننىڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سىستېمىنىڭ ياردىمىدە، زور مىقداردىكى پۇل يۆتكەشنى ئاسان بايقىيالىغان. ئۇ بۇ پۇل سىستېمىسىنى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا كۈچكە ئىگە قىلدى. بۇ پۇللارنى خىتاي ۋە روسىيە بىلەن بولغان سودىدا ئىشلىتىشكە بولمىغان، ئەكسىچە مال ئالماشتۇرۇش سىستېمى قوللىنىلغان. كىشىلەر پۇلىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالغان ياكى سودىدا ئىشلەتكەن. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ۋاقىتلىق ئەمەلدارلار ئىمپورت-ئېكسپورتتا، تاۋارلىرىنى خىتاي ۋە روسىيەدە سېتىشتا ئەركىن بولغاچقا، بۇ سىستېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان.

[1] ئاپتور دوتسېنت دوكتور، نەۋشەھىر ھاجى بەگتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى

[2] ياڭ زېڭشىن ئوتتۇرا بوي، مىجەزى قوپال، شۇنداقلا ئاسان دىققەت تارتىدىغان خاپان باش بىرى ئىدى. ئۇ ھىيلىگەر ۋە ناھايىتى گۇمانخور. بېيجىڭدىكى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا جىق ئۇچرىمىغان ياڭ، بۇ رايوننى بىر دىكتاتوردەك باشقۇرغان. مەركىزىي ئورگانلارنىڭ بىر قانچە قېتىم پىنسىيەگە چىقىش ياكى ئۇنى ئىشتىن بوشىتىشقا ئۇرۇنۇشىغا قارىماي، ئۇ پارىخورلۇق ۋە ھوقۇق سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئورنىنى ساقلاپ قالغان.

[3] بۇ نورمالدا قۇبۇل قىلىنغان ۋە سوۋېت تارىخچىلىرى تەرىپىدىن بىلدۈرۈلگەن ساندۇر. بىراق، 1916-يىلدىكى قوزغىلاڭغا شاھىت بولغان تۇرار رىسكۇلوۋ (Tura Rıskulov) تەخمىنەن 500 مىڭ قازاقنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان رايونىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ مەزگىل ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولماسلىق، مەنبەلەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، مەلۇماتلارنىڭ زىتلىقى ۋە باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە قايتىپ كەتكەن قازاق سانى ھەققىدە ئېنىق يەكۈن چىقىرىش تەستۇر.

ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Doğu Türkistan’ın Siyasi ve İktisadı olarak Sömürülmesi – Umumi Vali Yang Tseng Hsin

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top