You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئامېرىكا كونسۇلى ۋارد: خىتاي بۇ يەردە بىر مۇستەملىكەچى!

ئامېرىكا كونسۇلى ۋارد: خىتاي بۇ يەردە بىر مۇستەملىكەچى!

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپلىرىدىكى 1944-يىلى پارتىلىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئائىت ھۈججەتلەردىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر ھۈججەت 1944-يىلى 15-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى روبېرت ۋارد (Robert Ward) تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبىغا يوللانغان بىر پارچە تېلىگرامما بولۇپ، نويابىر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پارتىلاپ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر چاغدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى سېنارىيەلەر ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كونسۇل ۋارد مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر مۇستەملىكەچى كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، ئاسسىمىلاتسىيە ۋە مۇستەملىكەچىلىك سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھۈججەت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىنقىلابىقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. 


 كونسۇل روبېرت ۋارد ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا 

ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل (ۋارد)تىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبىغا:

3-نۇمۇر

1944-يىلى 15-دېكابىر، ئۈرۈمچى

[1945-يىلى 5-يانۋار تاپشۇرۇۋېلىندى]

مەن شەرەپ بىلەن سىزگە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا 1944-يىلى 10-دېكابىر ئەۋەتكەن غۇلجا قوزغىلىڭى ھەققىدىكى 2-نۇمۇرلۇق مەخسۇس تېلىگراممانى تونۇشتۇرماقچىمەن ۋە بۇنىڭغا باغلىغان ھالدا شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق ئامىللار ھەققىدىكى تۆۋەندىكى مۇلاھىزەلىرىمنى سۇنماقچىمەن.

 قىسقىچە مەزمۇن: جۇغراپىيەۋىي جەھەتتىن شىنجاڭ ئىككى تاغ بىلەن قورشالغان ئويمانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان؛ بۇلارنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكىسى بولسا ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان بوستانلىقلار چۆرىدىگەن بىر قۇملۇقدۇر؛ شىمالدىكى ئويمانلىقتا بولسا بوستانلىقلار شەرقتىن غەربكە قاراپ سوزۇلغان ۋە يايلاقلارغا تۇتاشقان ئىدى. بۇ ئۆلكەنىڭ نوپۇسى تۆت مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلاردىن %75 ئۇيغۇرلار، ئارانلا %5 خىتايلاردۇر. ئاھالەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلاردۇر. سىياسىي جەھەتتىن قارىساق، خىتاي بۇ جاي بىلەن بەزى چاغلاردا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان دەرىجىگە بارغۇدەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. روسىيەنىڭ بۇ جايدىكى مەنپەئەتىمۇ مۇھىم بىر ئامىل؛ بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ مەنپەئەتى بولسا ئەمدى ئۇنچىلىك ئەمەس.ئۆلكەنىڭ سودىسى تەبىئىيكى خېلى زور دەرىجىدە روسىيە بىلەن باغلىقتۇر؛ بۇ جايدىكى مېنىرال بايلىقلىرىنىڭ خىتايلار ئىشەنگەن دەرىجەدە كۆپ ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ھازىر ئالاقەلەردىكى تەرەققىياتلار ئۆلكەدىكى كۈچلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئاللىقاچان ئۆزگىىرىش پەيدا قىلدى ۋە داۋاملىق قىلىدۇ. بۇ جايدا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل توقۇنۇش مەۋجۇت:

چۆللەر بىلەن بوستانلىقلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش؛ باشقۇرۇلىۋاتقانلار ۋە ئاز سانلىق باشقۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى تونۇقۇش؛ خىتاي ۋە روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش. 

خىتاينىڭ ھازىرقى «ئالغا ئىلگىرلەش سىياسىتى» (The forward policy) دىن ۋاز كېچىشى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا شىنجاڭغا قىسمەن مۇختارىيەت ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى بەلكىم بۇ توقۇنۇشلارنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن. خۇلاسە تامام.

[تۆۋەندىكىسى تەپسىلىي دوكلات]

ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، خىتاي ۋە روسىيە تۈركىستانىدىكى مىللىي ۋە جۇغراپىيەۋىي مۇناسىۋەتلەر سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى مەنپەئەتىنىڭ ئىزچىللىقىنى مۇقەررەرلەشتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىگە خوشنا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزىگە دۈشمەن بولماسلىقىنى خالاش ۋە بەزى ئەھۋاللاردا بۇنى مۇقەررەرلىككە ئىگە قىلىش سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىدۇر. چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئوخشاش ئىرققا تەۋە بولغان خەلقلەرنىڭ ئىسيانلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ بىلەن جۇغراپىيەۋىي جەھەتتىن بىر تۇتاش بولغان ئۆز تەۋەسىدىكى جايلارنى باشقۇرۇش مەسىلەسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بولۇپمۇ، روسىيە بۇ مەسىلەلەرنى بۇ مىللەتلەرنى يۈتۈۋېتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى پەرقلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان ئىدى. 

ئىقتىسادىي جەھەتتىن، يايلاقلارنىڭ بېسىۋېلىنىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن چارۋاچىلىقنىڭ چېكىنىشى روسىيەنى شىنجاڭدىن كېلىۋاتقان يۇڭدىن ئايرىپ قوياتتى، شۇنداقلا ئۆلكەدىكى سانائەتلىشىش روسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارغا بۇ جايدىكى بازارنى تاقاپ قوياتتى. 

لېكىن شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ قاراشلار ئەسلىدە روسىيە ئۈچۈن ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس. تېخىمۇ ھالقىلىق بولغىنى بەلكىم شىنجاڭنى يۈتۈۋېلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە كۈچلۈك ۋە دۈشمەن دۆلەت بولۇشى مۇمكىن بولغان خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيادىلا توسۇپ قويۇش ۋە تاشقىي موڭغۇلىيە ئارقىلىق ياندىن ئۇرۇش بولسا كېرەك.

VIII. خۇلاسە

1.شىنجاڭ خەلقى خىتايلاشتۇرۇشنى ئۆزلۈكىدىن قۇبۇل قىلمايدۇ.

2. يايلاق ئىقتىسادىنى پايدا ئالغىلى بولىدىغان دېھقانچىلىققا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ.

3. بوستانلىقلارئىقتىسادىنىڭ ئىخچام ۋە چەكلىك خارەكتېرى ئا) نوپۇسنىڭ چەكسىز كۆپىيىشى ۋە ب) سانائەت ئېمپىرىيەسىنى قامداپ بولالمايدۇ.

4. سودا ھازىرقى ئىقتىسادنى تۇتۇپ تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ؛ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، يەنى خىتاي بازارلارنى مال بىلەن قامدىيالمايدىغان ئەھۋالدا، ئىقتىسادنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە  روسىيە بىلەن بولغان سودا ئەسلىگە كېلىشى كېرەك. 

5. روسىيەنىڭ نۇقتىينەزىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاز سانلىقلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۆزىنىڭكى بىلەن بىردەك بولمىغان، بۇ جاينى «روسىيەگە دۈشمەن بولمايدۇ» دېگىلى بولمايدىغان بىر سىياسىي سېستىمەگە بىرىكتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنى قوللىشى ياكى ئۇنىڭغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى توسۇشىغا ھېچقانداق سەۋەب تېپىلمايدۇ. 

6. ھازىر ئاللىبۇرۇن ئېغىرلاپ بېرىۋاتقان قىيىنچىلىقلار شەپە بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يىمىرىلىش ئۆلكەدىكى توقۇنۇشلارنى داۋاملىق كۈچەيتىۋېتىشى، ھەتتا ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

7. خىتاي ئىچىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ئاجىزلىشىشى شىنجاڭدىكى بۇ خىل غۇلاشنىڭ خەتىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. 

8. سوقۇش ۋە قالايمىقانچىلىق غۇلاپ چۈشۈشكە بېرىپ يەتسە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىغا كىرىشتىن ساقلىنىش تەس.

9. بۇنداق بولغاندا خىتاي ئۈچۈن شىنجاڭ قولدىن كېتىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقى پەرەزلەر توغرا بولسا، خىتايغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى «ئالغا ئىلگىرلەش سىياسىتى»نى قايتا ئويلىشىشنىڭ ۋە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىيەتچان يولدا مېڭىشنىڭ تېخىمۇ ئاقىلانە بولىدىغانلىقىدەك خۇلاسەگە كېلىمىز:

1- ئاساسلىق ئىچكىي تونۇقۇشلارنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەسلىكى، ئەكىسچە پەسەيتىشى كېرەك. 

2- سوۋېت روسىيەسى ۇبۇل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

3- خىتاينىڭ ئۆلكەدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

يۇقىرىقى ئۈچ سىناقتىن ئۆتىدىغان بىر يول (بەلكىم بىردىنبىر يول بولسا كېرەك) شۇكى، خۇددى ئۇيغۇر رەھبەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۈچلۈك تەلەپ قىلغىنىدەك: شىنجاڭغا چەكلىك دائىرەدىكى، ئەمما كونكېرت ۋە ئەمەلىي مۇختارىيەتنىڭ بېرىش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەۋە مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر.

بۇنداق بىر يول روسىيەنىڭ ئىچكىي سىياسىتىگە ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇخالىپلار ياكى قوزغىلاڭچى كۈچلەر (مەسىلەن، ھازىرغۇلجانى كونترول قىلىۋاتقان «ھۆكۈمەت») نىڭ تەلەپلىرىگىمۇ ئۇيغۇن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىمۇ ھازىرقىدىن كۆپ بىخەتەر ھالەتتە قالدۇرىدۇ. 

بۇ خىلدىكى پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى خىتاينىڭ شىنجاڭدا بىر مۇستەملىكەچى كۈچ ئىكەنلىكىنىدەك رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى ئامېرىكادىكى مۇستەملىكەلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىنكى بۈيۈك بېرىتانىيەگە ئوخشاش، خىتايمۇ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. خىتاي تاشقىي موڭغۇلىيەدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەمەلىي يوقالقان بىر ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويدى؛ ئوخشىمىغان شارائىتلار ئاستىدا، خىتاينىڭ (شەرقىي) تۈركىستاندا ئۇ خىلدىكى خاتالىقتىن ساقلىنىش، ھەتتا بەلكىم پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئېلىش پۇرسىتى بار. 

ھۆرمەت بىلەن،

روبېرت س. ۋارد (Robert S. Ward)

ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى قورۇسىنىڭ سىرتتىن كۆرۈنۈشى


مەنبە: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپى

ئۇلانما: https://history.state.gov/historicaldocuments/frus1944v06/d605

مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخاسىدىن بىر بەت:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top