You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاينىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئېتىشى

خىتاينىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئېتىشى

دوتسېنت فۇليا گۆكسوي (باتمان ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: رازىيە مۇھەممەت

قىسقىچە مەزمۇنى: ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن دۇنيا سىستېمىسى ئۆزگۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ نۇقتىدا دەسلەپتە ئامېرىكا قوشما شىتاتى رەھبەرلىكىدىكى يەككە قۇتۇپلىشىشقا يۈزلىنىشنى كۆرسىتىدىغان خەلقئارالىق سستېما، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر قۇرۇلمىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بۇ كۆپ قۇتۇپلۇق قۇرۇلما ئارىسىدا خىتاي ”قۇۋۋەتلەنگەن بىر كۈچ“ كە ئايلانغان ھالدا كۆرۈلمەكتە. بېيجىڭنىڭ ”قۇۋۋەتلەنگەن بىر كۈچ“ كە ئايلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى خەلقئارا كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىن تارتىپ يولغا قويۇلغان ”ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىش“ سىياسىتى تەسىرىدە بۈگۈنكى ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنجى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادى كۈچ بولغان خىتاي، دۇنيا سىستېمىسىدا قانچىلىك قۇۋۋەتلىك كۈچ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىچكى جەھەتتە بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ ماقالىدە خىتاينى ئاساس قىلغان ھالدا تەيۋەن، تىبەت (تىبەت) ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت، بېيجىڭنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭ قانداق بىر سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئۈچ مەسىلىدە ئككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تۇتقان ئورنىنى تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى.

كىرىش سۆز

ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئۆزگۈرۈش باسقۇچىنىڭ باشلىنىشى بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كىيىنكى مەزگىللەردە، خەلقئارا سىستېما گەرچە ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە يەككە قۇتۇپلىشىشقا يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان بىر قۇرۇلمىنى ئەكىس ئەتتۈرسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر قۇرۇلمىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. مول ئادەم كۈچى بايلىقى، كەڭ كەتكەن زېمىنلىرى، مول تەبىئىي بايلىقلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە رەت قىلىش ھوقۇقى، خەلقئارا سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە بۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بىلەن خىتاي، خەلقئارا سىستېمىنىڭ مۇھىم رولچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ ھالدا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، دۇنياۋى زومىگەر كۈچ بولغان ئامېرىكا بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپ قۇتۇپلۇق قۇرۇلمىغا ئايلانغان سىستېمىدا كۈچەيگەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى، دۇنيا سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.

1970- يىللاردا تەرەققى قىلىشقا باشلاپ 2000- يىللاردا ئۇچقاندەك تېز سۈرەتتە ئىلگىرلىگەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى تەھلىل قىلىنغاندا، دۇنيا مىقياسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ دولقۇنسىمان بولسىمۇ، ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ 45 يىلدىن بۇيان ئاكتىپ ھەرىكەت بىلەن ئىلگىرلىگەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ، دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەۋزەللىك بىلەن سىستېمىغا تەسىر كۆرسىەتكەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولغان بەزى ئامىللار بار. بۇ ئامىللارنىڭ بىرى ”رىقابەت ۋە ھەمكارلىق“ نىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى. بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، خىتاينى مەركەز قىلغان رىقابەت ئامىلى يېقىنقى ئۆتمۈشنى ئاساس قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بېيجىڭ 2010-يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ياپونىيەدىن ئېشىپ ، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي گەرچە ھەربىي سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ جەھەتتە ئۇ ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ ئارقىدا قالغان.

شۇنداق بولسىمۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسىادى جەھەتتە تەرەققىي قىلغان ۋە مۇرەسسە قىلمايدىغان خىتاي بىلەن، نۆۋەتتە ”دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ“ دەپ تەسۋىرلىنگەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىلىپ بېرىلغان مۇناسىۋەتلەردە ”رىقابەت“ مۇقەررەر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە مۇھىم بولغان يەنە بىر ئامىل بولسا، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان بىر تاشقى سىياسەتكە يۈرگۈزىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، خىتاي ئۆزىگە مەنپەئەت بولمىغان ساھەلەردە ئامېرىكا بىلەن سۈركىلىشتىن ساقلىنىدىغان بىر ھالەت ياراتماقتا. بۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت پرىنسىپى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. پۈتۈن بۇ ئامىللارغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا سىستېما دائىرىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئاخىرقى رېئاللىق بولسا، خىتاينىڭ مۇقەررەر تەرەققىي قىلىپ «قەد كۆتۈرگەن بىر كۈچ» كە ئايلىنىشى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر – بىرىگە باغلىنىشىدىن ئىبارەت.

ماۋزېدوڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن رەئىس بولغان دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى بىلەن، خىتاي دۇنيا سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بۇ باسقۇچتا، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى مۇتەئەسسىپ، بىكىنمە تاشقى سىياسەتتىن، سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن، ئاكتىپ تاشقى سىياسەتكە يۈزلىنىپ ئىقتىسادىي كاتتىباشقا ئايلانغان بېيجىڭ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ، بىخەتەرلىك ، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى دائىرىسىدە يەتمەكچى بولغان رايون ۋە دۇنياۋى نىشانلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىدا «تىنچ بىللە تۇرۇش» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەلىمات ئاساسىدا دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سىياسىتى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان بېيجىڭ، 1949-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

بېيجىڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ساقلىنىپ كەلگەن بۇ مەسىلىلەر، ئامېرىكا ۋە خىتاينى بىر-بىرىگە قارشى ئەھۋالغا كەلتۈدى. بۇ ماقالىدە ئاساس  قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تارىخىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا يولغا قويغان سىياسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا ، بېيجىڭنى ئاساس قىلغان بۇ مەسىلىلەردىكى ئامېرىكىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانالىز قىلىندى. خەلقئارا سەھنىدە «ئىستراتېگىيىلىك رىقابەت» ۋە «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» ئارقىلىق بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرلىگەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، دۇنيا كۈنتەرتىپىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى ۋە خىتاينى ئاساس قىلغان بۇ مەسىلىلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يۆنىلىشتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى تەيۋەن مەسىلىسى

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىن بىرى بولغان تەيۋەن مەسىلىسى، بۇ مۇناسىۋەتلەر بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشماقتا. بۇ ھەقتىكى مەسىلىنىڭ تېخىمۇ كونكرېت چۈشىنىلىشى ئۈچۈن ماۋزۇنى قىسقىچە بىر تارىخىي سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلمەكتە ۋە بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، قايسى يۆنىلىشتە تەرەققى قىلغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.

2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غايەت زور بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ياپونىيە، تەيۋەننى بېيجىڭغا بىرىشكە مەجبۇر بولدى. ماھىيەتتە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، گەرچە تەيۋەننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ھىچقانداق بىر مەسىلە بولمىسىمۇ، جياڭ جيېشىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ تەيۋەن ئارىلىغا قېچىپ كىتىشى بىلەن يېڭى بىر دەۋىرگە كىردى. تەيۋەندە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» گە ۋەكىللىك قىلغان نىزام، 1970- يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، غەرب دۇنياسى ئېتىراپ قىلغان قانۇنلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئايلاندى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى بولدى. 1971-يىلى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەندىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىكىنى ئېلىشى ۋە 1972- يىلى ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورنىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەمدە پايتەختىنى بېيجىڭ دەپ ئېتىراپ قىلىشى، تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى كۆرۈنەرلىك تەۋرەتتى، ھەتتا ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىمۇ تالاش-تارتىش قوزغىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، 1979-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان «تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى» ھۆججىتى ھەققىدە، گەرچە ئامېرىكا تەيۋەننى ئايرىم دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلماسلىقنى قارار قىلغان بولسىمۇ ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەييارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا ، 1978-يىلى ، ئامېرىكا 1954-يىلى ئىمزالانغان ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىنى بىر تەرەپلىمە ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئارالغا قورال سېتىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇلاردىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل، خىتاينىڭ بۇ ئارالنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شۇ ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. تەيۋەن مەسىلىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يىللىرىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا يولغا قويۇلىشى ۋە يۈرگۈزىلىشى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم.

خىتايدىن ئايرىلغان تەيۋەننى كونترول قىلغان ئامېرىكا، ياپونىيەنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى، تەسىر كۈچى ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە غەربتە خىتاينى قورشاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي ئاراللىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەۋرىتىشنى، شۇنداقلا، خىتاينى مالاككا بوغۇزىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دېڭىز قولتۇقىدىن ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان ئىستراتېگىيىلىك يولنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىش ئېھتىماللىقىنى مۆلچەرلىدى. خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا تەشكىللىيەلەيدىغان ھەر قانداق ھەربىي مانېۋىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولغاچقا ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى مۇرەككەپ بىر تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرلىمەكتە.

1986-يىلى تەيۋەندە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە رۇخسەت قىلىنىشى بىلەن بۇ جەريانغا قاتناشقان ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالايدىغان دېموكراتىك ئىلغار پارتىيەنىڭ 2000-ۋە 2004-يىللىرىدىكى سايلامدا غەلبە قىلىشى بىلەن، 2000-يىلدىن 2008-يىلغىچە بولغان سەككىز يىل، ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن، بولۇپمۇ، خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە نىسبەتەن جىددىي ئۆتكەن مەزگىل بولدى. شۇنداق قىلىپ، خىتاي «ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرۈش يولى» ۋە «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش» توغرىسىدا بىرلىككە كېلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھالدا، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ بىرلىشىشى، خىتاينىڭ دۆلەت سالاھىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، تەيۋەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇقەددەس زېمىنى ۋە تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈش خىتاينىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيىسىنىڭ بەزى سەۋەبلىرى بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تەكىتلىگەندەك، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينى خەلقئارا سەھنىدە تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرىدىغان جانلىق مىساللارنىڭ بىرى ۋە بۇ ۋەزىيەتتە، ئەكسى يۆنىلىشكە بۇرۇلۇش مۇھىم بولۇپ قالماقتا. ئىككىنجىسى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى خىتايدىكى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئۈچىنچى سەۋەب، تەيۋەن مەسىلىسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ.

تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىش پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن جىددىيلەشكەن مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىكى يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، تەيۋەن بىلەن خىتاينى ئۇرۇش گىردابىغا ئېلىپ بارغان 1995-1996-يىللىرىدىكى تەيۋەن بوغۇزى كرىزىسى ھېسابلىنىدۇ. 1995-يىلى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن رەھبىرىگە ۋىزا بىرىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى، خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالغا ئىنتايىن قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۆزىنىڭ چېگراسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ، تەيبېيگە ھەربىي تەھدىت سالدى.  خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئون ئىككى دۆلەتنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئارقىلىق، بۇ دۆلەتلەر دىپلوماتىك ئېتىراپ قىلىدىغان تەيۋەنگە قارىتا ”ئايرىۋېتىش“ سىياسىتىنى تۈزگەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. 1996-يىلدىكى كرىزدە تەيۋەننى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى دەپ قارىغان ئامېرىكا تەيۋەننى خىتاينىڭ تەھدىتىدىگە قارشى قوغداش ئاستىغا ئالدى. ئەمما، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن يەر شارى خاراكتېرلىك تېرورلۇق تەھدىتى سەۋەبىدىن، ئافغانىستان ۋە ئىراق مەسىلىلىرى ھەمدە چاۋشيەن يادرو كرزىسىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئامىرىكا ئۈچۈن تەيۋەن مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولمىدى. لېكىن، 2003-2004-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۈچ خىل تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتكە قارىتا سىياسەت ئۆزگەرتىشى ئېلىپ بارغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

باشقىچە ئېيتقاندا، 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن، جورج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بۇ خىل مۇھىم بولغان ئۈچ تەرەپلىك تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتكە ئۆزگەردى. گەرچە تەيۋەن مەسىلىسى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولمىسىمۇ ، ئەمما ئامېرىكا كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ مەسىلىگە داۋاملىق ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، تېرورلۇقنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تەھدىد ۋە دۈشمەن بولىشى ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، دۇنياۋى ئىتتىپاقنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنىڭ بولۇشى رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا خىتاينى كونترول قىلىشنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئىھتىياجى چۈشتى. ئەمما يەنىلا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولماسلىقى، خىتاي بىلەن بىرلەشمەسلىكى ۋە ئۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللارغا بېقىپ بولدى.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مەسىلە پەيدا قىلغان تەيۋەن ماۋزۇسى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مۇرەككەپ شەكىلدە ئىلگىرىلىدى. مەسىلەن، كلىنتون دەۋرىدىكى خىتاي زىيارىتىدە، ئامېرىكىنىڭ تەيبېينىڭ ھەر قانداق خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇش ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا نازارەتچى ئەزا بولىشىغا ئىجابىي قارىدى. لېكىن يەنە شۇ بۇش ھۆكۈمىتى 2003-يىلى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەۋرىتىدىغان ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە تەيبېينىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن، بۇش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ھېساپلانغان ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشى داۋاملاشتى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، گەرچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ 2002-يىلى 7-ئايدا تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇھىم دەپ قارىغان تەيۋەنگە قورال سېتىپ بىرىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

بۇ ھەقتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشنىڭ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ۋە يادرو قوراللىرى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئوخشاشلا، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن، ئەگەر ئامېرىكا 1982-يىلى 8-ئايدىكى تەيۋەنگە قورال سېتىشنى چەكلەش ۋە تەدرىجىي ئازايتىش خىتابنامىسىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلسا، خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كېچىكتۈرۈش ياكى تەيۋەنگە قارىتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مىقدارىنى ئازايتىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، 2008-يىلى ئېلان قىلىنغان، تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىش مىقدارى سەۋەبىدىن، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى بىر يىل توختاتتى. بۇندىن باشقا ، ئوباما دەۋرىدىمۇ تەيۋەنگە قورال سېتىش داۋاملاشتى. شۇنداق قىلىپ، ئوباما، بۇش دەۋرىدە پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان 6 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق تەيۋەنگە قورال سېتىش قارارىنى تەستىقلىدى، كېيىن تەيۋەننىڭ F-16A / B ئايروپىلانلىرىنى يېڭىلىشى ئۈچۈن 5 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق قارار ئىمزالىدى.

بۇ ئەھۋال ئوباما دەۋرىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە قارىتا خىتايغا قارشى تۇرمايدىغان سىياسەتلەرگە ئەمەل قىلغانلىقى ھەمدە تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا. شۇنداقلا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەۋرىدە تەيۋەن مەسىلىسى بىلەن تەڭ ۋۇجۇتقا كەلگەن تەرەققىياتلار، خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. ترامپنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىگە ئاساسەن، تېخىمۇ جانلىق بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سىياسىتى يولغا قويىلىدۇ دەپ بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ترامپنىڭ تەيۋەن رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس كۆرسەتتى. بۇ خىل ئىنكاسنىڭ پەيدا بولۇشىدا، تىرامپنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى پائالىيىتى باسقۇچىدىكى ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا يولغا قويغان «بىر خىتاي» سىياسىتىگە قارشى مەيدانى رول ئوينىدى. ئەمەلىيەتتە ، تىرامپنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئىشنى مەسلىھەتلىشىشكە بولىدۇ» دېگەن سۆزى بۇ ئەھۋالنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ھەقتە ، گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ «دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاي بار ، تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ، بۇ رېئاللىق ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزگەرمەيدۇ“ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ تېمىدا مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا-تىنچ ئوكيان رايونىدا تەسىرى تېخىمۇ ھېس قىلىنغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكىنىڭ 2018-يىلى 11-ئايدا تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئۆتكۈزىشى، خىتايغا قارشى كۈچ كۆرسىتىشىنى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانېۋىرلىرى بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، 2002-يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىدە تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىش جەھەتتە مۇھىم بولغان، ئامېرىكا-تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى يىغىنى ھەمدە 2018-يىلى 8-ئايدا تەستىقلانغان، تەيۋەننىڭ ئۆز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، تەيۋەن بىلەن بولغان بىرلەشمە مەشىق ، قورال سېتىش ۋە ھەربىي مانېۋىرلارنى پىلانلىغان «2019-مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى » خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە نۆل يىغىندىلىق ئويۇن روھىي ھالىتىدىن قۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. نەتىجىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەشكە باشلىغان 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتنى، جوسېف نيې تەكىتلىگەندەك ، بىرلەشتۈرۈش ۋە تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىنىڭ بىرىكىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا خىتاينى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مېخانىزمغا سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قوللاش ۋە رايون ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭدىن خىتايغا قارىتىلغان بۇ سىياسەتنىڭ ئوباما ۋە ترامپ دەۋرىدىمۇ داۋاملاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. گەرچە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىشى، ترامپنىڭ تەيۋەن رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2019-مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنىنىڭ تەستىقلىنىشى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرسىمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە پەيدا بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل «ئىستراتېگىيىلىك رىقابەت» بىلەن «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان تەڭپۇڭلۇقتىن ئىبارەت. بۇ ھالدا، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئاكتىپ رول ئوينىشى ئارقىلىق، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورناتقان قويۇق مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ رايوندا يولغا قويغان سىياسەتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى جەھەتتە، ئامېرىكا بىلەن ئورنىتىشى كېرەك بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە، رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا قۇرۇشقا ئۇرۇنغان تەڭپۇڭلۇقنىڭ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. دىمەك، گەرچە رىقابەت ئېلېمېنتى يەر شارىلىشىش دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولسىمۇ، ئەمما ئورتاق مەنپەئەت جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولغان ھەمكارلىق ئېلېمېنتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە رول ئوينىماقتا.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا

1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن دىن ئۇقۇمى، «كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دېگەن ئىدىيە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى ۋە بۇ ۋاقىتتا، بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولغان تىبەت (تىبەت) بېيجىڭ ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. 1950-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تىبەتنى ئىشغال قىلغان خىتاي، 1951-يىلى تىبەتغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردى. ئەمما تىبەت ئاپتونومىيە سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، بېيجىڭ تىبەتغا بولغان كونتروللىقىنى تەدرىجىي كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىشى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىشى سەۋەبى بىلەن، تىبەتنىڭ مەنىۋى ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما خىتايغا قارشى قوزغىلاڭ باشلىدى. بۇ قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتى نەتىجىسىدە، دالاي لاما ھىندىستانغا قېچىپ كەتتى. لامانىڭ ھىندىستانغا قېچىشى ياكى قاچۇرىلىشىدا ئامېرىكىنىڭ رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

1957-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئارقىلىق تىبەتنىڭ خام ۋە ئامدو رايونىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم تىبەتلەرنى ھىندىستان ئارقىلىق كولورادوغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇ يەردە پارتىزانلار مەشىقى قىلدۇرغاندىن كېيىن، ھىندىستان ئارقىلىق تىبەتغا قايتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنماقتا. شۇنداق قىلىپ، چۇشى گاڭدرۇك ئىسىملىك بۇ گۇرۇپپا مەشىقتىن كېيىن تىبەتدىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق ۋە ھۇجۇم قىلغان. ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك چىقىم ۋە خەت-چەكلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتە، 1964-يىلدىن 1968-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ ھەرىكەتلەر ئۈچۈن جەمئىي 1 مىليون 735 مىڭ دوللار خەجلەنگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. شۇنىڭ بىلەن، 1960-يىلى مايدا، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تىبەت خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلىپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دالاي لاما بولسا 1987-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا پارلامېنتىدا «بەش ماددىلىق تىنچلىق تەكلىپى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تىنچلىق تەكلىپىنىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. تىبەتنى پۈتۈنلەي قورالسىزلانغان تىنچ رايونغا ئايلاندۇرۇش.

2. خىتاي نوپۇسىنىڭ تىبەتغا يۆتكىلىشىنى توختىتىش.

3. تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش.

4. تىبەتنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى قوغداش، خىتاينىڭ تىبەتدىكى يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە يادرو تاشلاندۇقلىرىنى ساقلاشنى توختىتىش.

5. تىبەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى تىبەت-خىتاي سۆھبەت يىغىنىنى باشلاش.

لامانىڭ 1988-يىلى 6-ئايدىكى ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان، «ستراسبۇرگ تەكلىپى» دەپ ئاتالغان سۆزى پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. لاما بۇ نۇتۇقىدا ئاساسلىق قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن، تىبەتنىڭ ئېنىق دېموكراتىك ئاپتونومىيە سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىنى، تىبەتنىڭ تاشقى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا بېيجىڭغا بويسۇنسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي، مائارىپ، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىدا تىبەت ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ھەتتا لامانىڭ مۇستەقىل تىبەت ئەمەس، بەلكى تىنچ ئاپتونومىيە قۇرۇش تەكلىپى ۋە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى بايانلىرى ئۇنى 1989-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. لېكىن، لامانىڭ بۇ بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق پاراكەندە قىلدى.

1991-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تىبەت مەسىلىسى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىگە دائىر تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئالدى: ”خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنبىر ۋە ئۆزگەرمەس پرىنسىپى بار، ئۇ بولسا، تىبەت خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دالاي لاما ئۆزىنىڭ «مۇستەقىل تىبەت» مەيدانىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، بۇ مەسىلىدە ھىچقانداق بىر مەسلىھەتكە ئورۇن يوق“.  ھالبۇكى ، 1992-يىلى نەشىر قىلىنغان ئاق باشلىق ھۆججەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى، تىبەتنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ تەشەببۇس قىلىش، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى قۇرۇش، قوراللىق قوزغىلاڭچى كۈچلەرنى تەشكىللەش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆھمەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە خىتايغا قارشى قوزغىلاڭنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىش قاتارلىق بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

2000-يىللارغا كەلسەك، تىبەت مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ۋە دالاي لاماغا تۇتقان پوزىتسىيىسى نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2001-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى ۋە بۇ يىغىن جەريانىدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاما بىلەن كۆرۈشۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. جورج بۇش، تىبەتنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تىل مىراسلىرىنى ۋە تىبەت خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن، بۇش ھۆكۈمىتى لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ رەسمىي باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن، تىبەت مەسىلىسى ۋە بۇ دائىرىدە مەيدانغا كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ، دىنىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. ھەتتا بۇ ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، 2001-يىلى ئۆكتەبىردە خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا، جورج بۇش ۋە خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. گەرچە تىبەت مەسىلىسى دائىرىسىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 11-سېنتەبىر ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 2002-يىلى 30-ئاپرېل ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ زىيارەت جەريانىدا، بۇش خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، دالاي لاما ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ قىيىنلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە 1987- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بەش ماددىلىق تىنچلىق پىلانىدىكى تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ مۇھىم مەسىلىنى ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ ئۈچ مۇھىم مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

1. خىتايلارنىڭ چەكلىمىسىز كۆچمەنلىكى.

2. تىبەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە ئورۇن ئالماسلىقى.

3. تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى بىلەن تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى.

گەرچە بۇش دەۋرىدە تىبەت مەسىلىسىگە قارىتا كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇشنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىلگىرىكى پرېزىدېنت بىل كلىنتوننىڭ ئەكسىچە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىق ئىستىكىنىڭ بولىشى ئىدى. بۇ دائىرىدە، تىبەت مەسىلىسىدە بۇش ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مۇھىم نۇقتىسى، تىبەتنىڭ ئورنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىدىن پەقەت كىشىلىك ھوقۇققا يۆتكەلدى. تىبەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى، 2008-يىلى 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى تىبەتغا يۈرگۈزۈلگەن شىددەتلىك قىرغىنلىق بولدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەۋەبىدىن پۇتۇن دۇنيا خىتايغا تىكىلگەن ۋاقىتتا بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە يەنە بىر قېتىم چىقشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بىلەن تىبەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۇچرىشىش 2008-يىلى ئۆكتەبىردە ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە خىتاي تەرەپ ئۈچ ماددىلىق كۆز قارىشىنى مۇنداق چۈشەندۈردى:

1. بېيجىڭنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنىي ئىززەت-ھۆرمىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئاساسىي قانۇن مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلىرىنى تەستىقلاش ۋە قوللاش ئاساسىي قانۇننىڭ مەجبۇرىيىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتكە ئورۇن يوق.

2. خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونوم رايون سىستېمىسىدىكى بارلىق ئاپتونوم رايونلار خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. «خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلار تۈزۈمى، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش بىلەن رايون ئاپتونومىيىلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئورگانىك بىرلىشىشتىن ئىبارەت». شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بېيجىڭنىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا يولغا قويغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنداقلا، ھېچكىمنىڭ «ھەقىقىي ئاپتونومىيە» باھانىسى بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

3. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا قاراتقان سىياسىتى ئىزچىل ۋە كونكرېت ئاساستا ئىلگىرىلىدى. مەركىزى ھۆكۈمەت، مۇستەقىل، يېرىم مۇستەقىل ياكى يوشۇرۇن مۇستەقىل تىبەتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇھىم بولغىنى، دالاي لامانىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى ۋە پوزىتسىيىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشى ۋە بۇ نۇقتىدا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتنى تەڭ ئېلىپ بېرىشى. ئەگەر لامانىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتى بىردەك بولسا، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مۇۋاپىق ئاساس سالغان بولىدۇ.

جورج بۇش دەۋرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت باراك ئوباما دەۋرىدە ھەم داۋاملاشتى. بۇ سۆھبەتلەر خىتاينى پاراكەندە قىلدى ۋە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ قارىدى. لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن لاما ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆھبەت، تىبەت مەسىلىسىنى ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەشتىن بەكرەك سىمۋوللۇق ھالەتكە كەلدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ سۆھبەتلەر تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىزچىل ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. يېقىندا، دالاي لامانىڭ ترامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكا توغرىسىدىكى بايانلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق، زوراۋانلىق قىلماسلىق ۋە تىنچلىق بىلەن بىرلىكتە ياشاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئالدىقى شەرت قىلغان لاما ئۆزىنىڭ دونالد ترامپنىڭ قاتتىق كۈچ سىياسىتىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىكە قارشى تەنقىدكە يېتەكچىلىك قىلغان لاما، ئەينى ۋاقىتتا، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىنتايىن خالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، 2018-يىلى 12-ئايدا، ئامېرىكىدىكى دىپلوماتلار ، مۇخبىرلار ، ئەمەلدارلار ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ تىبەتغا ئەركىن كىرىشى تەلەپ قىلىنىدىغان، ئۇنداق بولمىغاندا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسىدىغان «2018-يىللىق باراۋەر ئاساستا تىبەتغا كىرىش قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە كېيىنكى تەستىقلىنىشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ باياناتىدا «تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بۇ قانۇن لايىھىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» دەپ تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 2015-يىلدىن باشلاپ تىبەتغا كەلگەن تەخمىنەن 40،000 ئامېرىكىلىقنىڭ بارلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقى تەكىتلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يەنە بىر باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر بۇ قانۇن لايىھىسى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزسە، خىتاي كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

نەتىجىدە، تىبەت مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ تىبەتنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا بۇ مەسىلىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. گەرچە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دائىر نەتىجىلىرى كونكېرت مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تىبەتدىكى مەسىلىدە كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىشى بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. ئامېرىكىنىڭ مەسىلىگە ئارىلىشىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ”خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق“ دەپ قارىشىغا ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىنىڭ جىددىيلىشىشىگە يول ئاچماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدىن، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، دالاي لامانىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى تەسىرى ۋە ئۇنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى بىلەن بېيجىڭنىڭ پاراكەندە بولۇشى ھەمدە زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ پات-پات پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولۇشىدىن ئىبارەت.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى: تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشمۇ ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشمۇ؟

شەرقىي تۈركىستان يىپەك يولىدىن دەۋرىدىن باشلاپ شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي كۆۋرۈكى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئورنى ۋە مول يەر ئاستى بايلىقى جەھەتتە، رايون ۋە دۇنيا سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلدى. 1300-يىللاردا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان رايونى، 1949-يىلى خىتاينىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان يېڭى كوممۇنىست ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان، خىتايدىكى بەش ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى، يەر مەيدانى 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومىتىر ، خىتاي ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ ۋە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتونوم رايونى ھېساپلىنىدۇ. بېيجىڭ بۇ رايوندىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «خىتايلار»نى بۇ رايونغا ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما خىتايلارنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، ئۇلارنىڭ نوپۇسىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولغان.

گەرچە خەلقئارادا خىتاي يولغا قويغان بۇ سىياسەتكە قارشى ئىنكاسلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ رايوننىڭ گىئو-ئىستراتېگىيە ۋە گىئو-ئىقتىسادىي ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، زۇلۇم پوزىتسىيىسىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي يولغا قويغان بۇ سىياسەت سەۋەبىدىن بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت كۈچەيدى. مىللىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلاردا، خىتايلارنىڭ سىياسىي – ئىقتىسادىي ۋە باشقا پۈتۈن ساھەلەردە ئىمتىيازلىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولالماسلىقىمۇ رول ئوينىدى. خىتاي، شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم تەرەققىيات رايونى دەپ ئېلان قىلدى ۋە بۇ رايونغا زور مەبلەغ سالدى. شۇنداقلا، بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىيات، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا تەكشى تەقسىملەنمەي، ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئىلگىرى سۈردى.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان زۇلۇم سىياسىتى، ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا بولۇپلا قالماي، بەلكى پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىدىن، دىنىي ئەركىنلىككىچە كەڭ دائىرىدە تارقالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارغا تىنچ تەشكىلات قۇرۇش ھوقۇقى، يىغىلىش ھوقۇقى ، ئىشلەش ھوقۇقى ، مال-مۈلۈك ھوقۇقى، ئەركىن سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى بىرىلمىگەن. بۇ رايوندا خىتايلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن باشقا، خىتاينىڭ 2003-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان يەنە بىر سىياسىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا رايونلارغا يۆتكەش» سىياسىتى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى (بولۇپمۇ ياشلارنى) خىزمەت ۋەدىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئېلىپ كىرىشتىن ئىبارەت بولغان ”ئېرىتىش سىياسىتى“نى ھەم تىلغا ئېلىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى مەزگىلدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشقۇنلارغا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن، بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ «ئاشقۇنلار مەركەزلىرى» گە، ئىككى مىليون ئۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىدىغان بۇ مەركەزلەرنى قانۇنلاشتۇرىشى، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارىتا تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولدى. شۇنداقلا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا مەجبۇرىي قامالغانلىقىنى بايان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا، «قايتا تەربىيىلەش» مەركەزلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ، ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنىڭ، ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭغا قارشى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانمىغانلىقىنى ۋە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئۇ، رايوننىڭ جەنۇبىدا 1 مىليون 630 مىڭ كىشىنىڭ ئېغىر نامراتلىقتا ياشايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا كىرىم قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تېرورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشكە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى بۇراشقا ئۇرىنىۋاتقان ئامېرىكا مېدياسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ، نامراتلىق ۋە ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىدە سۆز ھوقۇقىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشى ۋە پۈتۈن رايون خارەكتېرلىك دەپسەندە قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى كرىستوفىر سىمىس ۋە ماركو رۇبىئو تەرىپىدىن، پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ماگنىتسكىي قانۇنى» بويىچە ئىش كۆرۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشى ھەققىدە قانۇن لايىھىيىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما جازانىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزىلىدىغان ياكى يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىملىقىدا ئىككى سەۋەپ بار بولۇپ ئۇلار: نوپوس ۋە تەبىئىي بايلىق. بۇنىڭدىن باشقا ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى، مۇقىم سىياسەت ۋە يېتەرلىك خام ئەشيا ، ئېنېرگىيە ۋە ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندىن تەمىنلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى، خىتاينىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان سانائىتىنىڭ ئىھتىياجى بولغان ئومۇمىي جەھەتتىن ئېنېرگىيە ۋە خاسلىق جەھەتتىن نېفىت بىلەن تەمىنلىنىشتىن ئىبارەت. شەرقىي تۈركىستان رايونىدىن ئېلىنغان ئېنېرگىيە بايلىقى ئىچىدە ، كۆمۈر ، نېفىت ، تەبىئىي گاز ، لىگنىت ، ئاسفالت ، سۇ ئېلېكتىرى ، ئېلېكتر ، يەر ئىسسىقلىقى قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ رايوندا يەنە كۆمۈر ۋە نېفىت زاپىسى مول. شۇڭلاشقا، بۇ رايون خىتاي ئۈچۈن نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم رايون ھېساپلىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى، قازاقىستاندىن نېفىت توشۇيدىغان تۇرۇبا يوللىرىنىڭ بۇ رايوندىن ئۆتىشى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ مول بولىشىدىن باشقا، قىممەتلىك مېتال بايلىقلىرىغىمۇ ئىنتايىن مول بولغان رايون بولىشى، خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرماقتا.

بۇ رايوننىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىملىقىدىن باشقا، تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرى، بۇ رايوننى خىتايدىن ئايرىش، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ياكى ئسلام دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىلى تەييارلىغان ئۇيغۇر مەسىلىسى كىتابىغىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ نۇقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەت شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش ئاز ساندىكى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيىتىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقوقى تەلىپىنى «تېرورلۇق» دەپ كۆرسىتىشكە ۋە ئامېرىكا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان «يەرشارى خاراكتېرلىك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» ئۇقۇمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ رايوننى باشقا بىر ئافغانىستان دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. لېكىن، 2001-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق“ يىغىنىدا، جورج بۇش خىتاينىڭ ”تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش“نى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلىش قورالى قىلىپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە 11-سېنتەبىردىن ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ بەزىدە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق غايىسىگە خىلاپ ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تېرورلۇققا قارشى  باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بىرىلىۋاتقان بۇ پەيتتە، خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىر مىللىي زۇلۇم ھالىتىدە ئۇتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە،  بېيجىڭ، ھەر ئىككى خىل ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۆزگەردى. ئەمەلىيەتتە، 11-سېنتەبىردىكى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى، جەڭگىۋار ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن تەھدىد دەپ قارالمىدى، ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە، بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان سېپىدە ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە تۇتۇلغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولىشى، ۋەزىيەتنى پەرقلىق بىر يۆنىلىشكە بۇرىدى. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاكتىپ ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك كۈشكۈرتىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

2002-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ئامېرىكا تەرىپىدىن تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان بېسىمى تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر پۇرسەتتە بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلماسلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمما، خىتاي، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قاراپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىدە، خىتاينىڭ «دۆلەت ۋە جەمئىيەت بولمىسا ئىنسان مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ» چۈشەنچىسى دائىرىسىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت مەنپەئەتىنىڭ ئارقىغا قويۇشىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان بىر گەۋدىلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس بەلكى تىبەتنىڭمۇ  كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى.

تىبەتنىڭ دالاي لاماغا ئوخشاش غەربنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالايدىغان بىر رەھبىرىنىڭ بولۇشى، مەسىلىنىڭ غەربنىڭ كۈن تەرتىپىگە تېخىمۇ كۆپ كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇندىن باشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىبەت بۇددىزمىغا ئىسلام دىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ ھېسداشلىق قىلىشى ۋە ئوخشىمىغان  دۆلەتلەردىكى رادىكال ئىسلام ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ 2001-يىلدىن كېيىن پەيدا بولغان ”ئىسلام قورقىسى“، بۇ مەسىلىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە سەۋەپ بولدى. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، تەھلىل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە ، ئامېرىكىنىڭ تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كلىدىغان كەلمەيدىغانلىقى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمما تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلارنى قوللىغان پوزىتسىيەسىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قوللانمىدى.

بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، ئامېرىكىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزگەرگەن تاشقى سىياسىتى ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىشى، شۇنداقلا، خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۈرىشىنى تېرورلۇق پائالىيىتى قىلىپ تونۇتۇشىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتنى يولغا قويغان ترامپ ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئاساس قىلىنغان بۇ مەسىلىدە مۆلچەرلەنگەن قەدەملەرنى ئاتمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىسىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويماسلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 2018-يىلى خىتايغا چېتىشلىق ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىيات دوكلاتىدا ئاشكارلاندى. ئەمەلىيەتتە، دوكلات ئانالىز قىلىنسا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىگەنلىكىنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ.

نەتىجىدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ، گەرچە ئامېرىكا تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدى. بۇنىڭغا قارشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم رەسمىي بايانلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەنقىدلەرگە رەددىيە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى تەنقىدلىمەكتە. شۇڭلاشقا، گەرچە ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە بىر-بىرىنى تەنقىد ئوبىكتى قىلىپ، مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پات-پات جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، خىتايغا ئوخشاش، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئارخىپىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بولۇپمۇ دۇنيا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەھەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

نەتىجە

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەرق-غەرب ئوقىدا شەكىللەنگەن ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئاخىرلاشتى ۋە خەلقئارا سىستېما كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرۈلگەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە يەككە قۇتۇپلىشىشقا مايىل بولغان خەلقئارالىق سىستېما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپ قۇتۇپلۇق قۇرۇلمىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. كۆپ قۇتۇپلۇق قۇرۇلمىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان خەلقئارا سىستېمىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رولچىلاردىن بىرى خىتايدۇر. خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ غايەت كۆپ بولۇشى، ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سىياسىتى جەھەتتە دۇنياۋى ئىقتىسادى كۈچكە ئايلىنىشى، مۇتەئەسسىپ، بىكىنمە تاشقى سىياسەتتىن، سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن، ئاكتىپ تاشقى سىياسەتكە يۈزلىنىشى، ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتى، خەلقئارا سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە يادرو ئىقتىدارى، بېيجىڭنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە دىققەت قوزغىشىغا تۈرتكە بولدى.

1949-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەر شارىلىشىش دۇنياسىدىكى مۇھىم رولچى بولغان خىتاي بىلەن ”دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ“ ئامېرىكا ئارىسىدىكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا باشلانغان ۋە 2000-يىللاردىكى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان مۇناسىۋەت، خەلقئارا كۈن تەرتىپىنى ئىزچىل ئىگەللەپ كەلمەكتە. گەرچە بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچى ۋە بەزى مەسىلىلەردە توقۇنۇش پەيدا قىلىش ۋە مۇرەسسە قىلماس پوزىتسىيىسىگە نىسبەتەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرى پات-پات «خىتاي تەھدىتى» ئىپادىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى «ئىستراتېگىيىلىك رىقابەت» بىلەن «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان تەڭپۇڭلۇقتا ئىلگىرلىمەكتە. گەرچە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە رىقابەت بولسىمۇ، مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىك بولۇشى، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرگە قارشى ئورتاق مەنپەئەت ئوقىدا ھەرىكەت قىلىشى، ھەمكارلىقلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا رول ئوينىماقتا.

دۇنيا ۋە رايون قاتلىمىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان ۋە يۇمشاق كۈچ سىياسىتى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلغان خىتاي، تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. بېيجىڭنى ئاساس قىلغان بۇ مەسىلىلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئەتمەكتە. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلمەكتە. خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە قارىتا، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھالەتنى قوللاش سىياسىتى – ھەتتا خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە زىت بولغان ترامپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە قاراتقان ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى ۋە تەيۋەنگە داۋاملىق قورال سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە مۇتلەق ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمايدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ مۆلچەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىگە قاراتقان سىياسىتىدە مۇرەسسە قىلماسلىقىدۇر. بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، تەيۋەننى ئەمەلىي باشقۇرمايدىغان خىتاينىڭ بۇ ئارالنى مەجبۇرىي قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى تەشكىل قىلىدۇ.

1950-يىللىرىدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان تىبەت مەسىلىسى، خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ تىبەتنى بېيجىڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارىشى، سىياسىي ۋە مەنىۋى داھىي دالاي لامانىڭ تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلىشى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن، بېيجىڭنىڭ لامانىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تونۇشى سەۋەبىدىن يۈز بەرمەكتە. تىبەت مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ گەۋدىلىك ئامىل شۇكى، تىبەتنىڭ ئاپتونومىيىلىك رايون بولىشىغا قارىماي، بۇ ئاپتونومىيە ئۇقۇمىنىڭ نەزەرىيەدىن ئۆتۈپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانمىغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، تىبەتنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىدە، ”خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى“ دەپ تەكىتلەنگەن ئاساستا، لاما، بېيجىڭغا بۆلگۈنچىلىك تېرىش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەنمەكتە ۋە تىبەت خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ساھەدىكى بېسىمى ئاستىدا ياشىماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، يىپەك يولىغا جايلاشقان، مول تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئىگە، بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ يېقىندا يولغا قويغان «بىر بەلۋاغ ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا غەربكە تۇتىشىدىغان ۋە روسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بېيجىڭغا ئېنېرگىيە توشۇيدىغان لىنىيەدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە كۆرۈلىۋاتقان مەسىلە، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا قارشىلىشىشىغا سەۋەپ بولماقتا. خىتايلۇقلار تەرىپىدىن شىنجاڭ رايونى دەپ ئاتالغان ۋە خىتاينىڭ ئەمەلىي باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا، خىتايلارنىڭ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلىپ يەكلىنىشى كۆرۈلمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى پات-پات جىددىيلەشتۈرمەكتە ۋە بېيجىڭ تەرەپنىڭ بۇنى، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» دەپ تەشەببۇس قىلىشىغا سەۋەپ بولماقتا. بېيجىڭنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى مۇرەسسە قىلمايدىغان پوزىتسىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراتماقتا. لېكىن، خىتاي ”كىشىلىك ھوقۇق“ نى باھانە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشقا قارشى پوزىتسىيەدە تۇرماقتا.

دۇنيا سىستېمىسىدىكى ئىككى مۇھىم رولچىنىڭ، خىتاينى مەركەز قىلغان بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە سىياسەتلىرى مەۋجۇت. گەرچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئورتاقلىقى بولمىسىمۇ، ئەمما، رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ئوقىدا داۋاملىق ئىلگىرلەۋاتقان مۇناسىۋەتلەر، خۇددى ئامېرىكا ئارىلاشمايدىغان خەلقئارالىق سىستېمىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغاندەك، يەرشارى سىستېمىسىنىڭ بىردىنبىر رېئاللىقىدۇر. بۇ نۇقتىدا، گەرچە ئامېرىكا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرماقتا. ئوخشاشلا، گەرچە خىتاي، مەسىلىلىرىگە ئامېرىكىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئارىلىشىشىدىن رازى بولمىسىمۇ، دۇنيا سىستېمىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ۋە بولۇپمۇ ئىككى مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىك بولۇشى سەۋەبى بىلەن ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشماقتا. ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى مەزگىللەردە بۇ يۆنىلىشتە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى ھالەتتە ئۇزۇن يىل داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Çin Halk Cumhuriyeti Merkezli Tayvan, Tibet ve Doğu Türkistan Sorununun Amerika – Çin İlişkilerine Yansıması

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top