You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇر خىتاي توقۇنۇشىنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئۇيغۇر خىتاي توقۇنۇشىنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

ئائىشە چىچەك (ئىستانبۇل مەدىپول ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتىتى تەتقىقاتچىسى)

تۈركچىدىن ئويغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇخالىق تاھىر

قىسقىچە مەزمۇنى: شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ۋە خىتاي ھۆكىمىتى (ياكى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان خىتايلار) ئارىسىدىكى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار، ئۇزۇن بىر تارىخىي ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە بولغان تەڭسىز ۋە مىللىي-سىياسىي بىر توقۇنۇش بولۇپ، بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تىرىشچانلىق ۋە كۆرەش نەتىجىسىدە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بولىشىغا قارىماي، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇزۇن مەزگىل مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ تۇرالمىدى ۋە خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر خىتاي توقۇنۇشىنىڭ سەۋەپلىرى ۋە كۆلىمى ئوتتۇرغا قويۇلدى. نەزىرىيە قىسمىدا توقۇنۇش – مىللىي-سىياسىي توقۇنۇش ۋە تەڭسىز توقۇنۇش ئۇقۇملىرى بىلەن بىرگە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى توغرىسىدا ئۆزگىچە كۆز-قاراشلار بايان قىلىندى. ئۇشبۇ توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەب نوقۇل ھالدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى جىنايەتلىرىلا بولۇپ قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىنمۇ يەكلىنىشى ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتە ئېگىلىگەن نۇپۇسىغا قارىتا پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ. توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىشىنىڭ سەۋەپلىرى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەسلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئالتۇن، مىس، كۆمۈر، نىفىت، پاختا … قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ 1950- يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆچىرىلىشى، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ دىن، مائارىپ، تىل، سەھىيە، خىزمەت، ئىقتىساد، مۇھىت، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر يەكلەش ۋە چەكلەش سىياسەتلىرىدۇر. تۈركىيە ۋە ئامرىكا باشلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىدە كۈن-تەرتىپ پەيدا قىلىش تىرىشچانلىقلىرى ئىنتايىن چەكلىك تەسىر ئېلىپ كىلەلىدى خالاس. ب د ت بولسا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، خىتاي، ب د ت، قوغداش مەسئۇلىيىتى

1. كىرىش

كۈنىمىزدە توقۇنۇشلار دۆلەتلەر ئارىسىدىلا بولۇپ قالماي، بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ئېتنىك گۇرۇپلار ئارىسىدىمۇ ھەرخىل توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. بۇنىڭغا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاز سانلىق ۋە كۆپ سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرىقلەرنىڭ سىياسىيلەشتۈرۈلۈشى سەۋەپ بولماقتا. بۇ تۈردىكى توقۇنۇشلارنى دۆلەت تىنىچ ۋە ئادىل بىر شەكىلدە قىلمىغان ياكى قىلالمىغان تەقدىردە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى مەيدانغا كەلمەكتە. چىگرا ئىچىدە يېڭىلىق بەرپا قىلىنىش تەلىپى كۈن تەرتىپكە ئېلىنىپ كېلىپ، خەلقىئارا سەھنىلەرگىچە ئېلىپ چىقىلماقتا.

ئۇزۇن بىر تارىخى بولىشىغا قارىماي، بۈگۈنگىچە ھەل بولالماي كەلگەن مىللىي-سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ بىرسى بولسا شەك-شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) ۋە خىتايلار (ياكى خىتاي ھۆكىمىتى) لار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتۇر. 2017- يىلى Heidelberg بۇ توقۇنۇشنىڭ تەرەپلىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، خىتاي ھۆكىمىتى ۋە خىتايلار دەپ بىكىتتى (HIIK, 2017:136). بۇ تەتقىقاتتا توقۇنۇشنىڭ نىگىزىنى ”ئايرىلىپ چىقىش، مۇستەقىللىق“ ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان ۋە توقۇنۇشنىڭ تارىخىنى 1949. يىلى دەپ قارىغان. مەنبە بۇ توقۇنۇشلار ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە كۈندىن كۈنگە كۈچەيگەن شىددەتلىك چەكلەش ۋە باستۇرۇش شەكلىدە كۆرۈنمەكتە.

بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر – خىتاي توقۇنۇشىنى ئوتتۇرغا چىقارغان ۋە بۇنى ئۈزلۈكسىز ھالغا كەلتۈرگەن سەۋەپلەر كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى مەجبۇرىي ۋە قانۇنلۇق قىلىدىغان ئەھۋاللار نەزەرىيە جەھەتتىن چۆرىدىلگەن ھالدا، توقۇنۇشنىڭ تەرەپلىرى ۋە توقۇنۇشنى بىلىش ئۇسۇللىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن توقۇنۇشنىڭ سەۋەپلىرى سۈپىتىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. بۇلار: شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەسلىكى، تەبىئى بايلىقلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنىشى، ئاققۇن خىتايلارنىڭ سۈنئى ئۇسۇلدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرىلىشى، ئىجدىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسى جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر چەكلەش ۋە يەكلەش مەيدانى،.. ئاخىرىدا بولسا تۈركىيە ۋە ئامرىكىنىڭ ئۈچىنجى تەرەپ بولۇش سۈپىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئىتىبار بېرىشكە چاقىرشتا ئوينىغان رولى قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ ۋە ب د ت نىڭ «قوغداش مەسئۇلىيىتى» مۇنازىرە قىلىنىدۇ.

2. ئۇقۇم دائىرىسى

توقۇنۇش كەلىمىسىنىڭ ئېنىقمىلىرى ئارىسىدا زور پەرىقلەر بولسىمۇ، ئادەتتە، ئەڭ ئاز ئىككى تەرەپنىڭ مەقسەت ۋە مەنپەئىتىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەسلىكى دېگەننى بىلدۈرىدۇ (Ahlbrecht vd., 2001:23). توقۇنۇشنىڭ ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن ماسلاشمىغان نىشان مەزمۇنلىرى بولغان بىر سىستىما ئالاھىدىلىكى بولغان ۋە تەرەپلەرنىڭ بىرىنىڭ مەقسىتىگە يېتىشىنىڭ يەشقا بىر تەرەپنىڭ مەقستىگە يېتىشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

توقۇنۇشنىڭ تەرەپلىرىنىڭ ئوخشاش مەقسەتلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ھەر تەرەپ بۇنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا تەلەپ قىلغاندىمۇ توقۇنۇشنىڭ كېلىپ  چىقىشى چوقۇمدۇر.

توقۇنۇشنىڭ تەرەپلىرى ھەر ۋاقىت كىرىم-چىقىم تەڭلىمىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان شەخىسلەر بولىشى ناتايىن. بەزىدە بىر مىللەت تامامەن ھالدا تەرپ بولىشى مۇمكىن. ھەتتا تەرەپلەر ئىككى تەرەپتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالماي، ئاساسىي مەسىلىلەرگە قارىتا تەرەپلەرنىڭ سانى ۋە ئالاھىدىلىكى كۆپ خىل بولىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپتىن توقۇنۇشلارنى باھالىغاندا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. مەنبە توقۇنۇشلارنى بەلگىلىگەن ئاساسىي سەۋەپ نوقۇل تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن چىقىشالماسلىقىلا بولۇپلا قالماي، تەرەپلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرى، قىممەت قاراشلىرى، ئىتىقادلىرىدۇر (Nicholson, 1992: 12-13). مەنپەئەتلەر پەقەتلا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى، كىملىك، بىخەتەرلىك، ئىتىراپ قىلىنىش… قاتارلىق ئەقەللىي ئىنسانىي ئىھتىياجلارمۇ توقۇنۇشلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

توقۇنۇشنى تەرەپلەرنىڭ كۈچ، پۇرسەت ۋە باشقا ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى جەھەتتە تەڭپۇڭلىققا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىگە قارىتا، تەڭپۇڭ توقۇنۇش ۋە تەڭسىز توقۇنۇش دەپ ئىككىگە ئايرىش ئورۇنلۇق دەپ قارايمىز. نىڭ قارىشىچە، ھاكىممۇتلەقلىق مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن مىللەتلەردە توقۇنۇشنىڭ تەڭسىز بولۇشى مۇقەررەردۇر. توقۇنۇشنىڭ تەڭپۇڭ (ئادىل) بولۇشى ئۈچۈن تەرەپلەرنىڭ كۈچ مەنبەلىرى، شەرت-شارائىتى، ئىمكانىيەتلىرى، ۋاستىلىرى جەھەتتىن كۆپ پەرىقسىز بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا توقۇنۇش تەڭسىز بولغان بولىدۇ (Mitchell,
1991: 26).

ئېتنىك گۇرۇپلارنىڭ پەرىقلىق بولىشىلا مىللەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇشقا سەۋەپ بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى دائىم مۇنازىرە تىمىسى بولۇپ كەلمەكتە. «پەرىقلەرنىڭ ئۆزىلا توقۇنۇشقا سەۋەپ بولامدۇ ياكى دۆلەتنىڭ (ھۆكۈمەتنىڭ) بۇ پەرىقلەرگە قارىتا تۇتقان خاتا مەيدانى بۇ توقۇنۇشنى مەيدانغا كەلتۈرەمدۇ؟» دوپ سوراش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولسا كېرەك. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئېتىنىك» ئۇقۇمىنى توغرا ئىشلىتىش مەسلىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئېتنىك گۇرۇپلارنىڭ كىملىكىنى بىكىتىشتە، ئېتنىك خاسلىق بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، ئېتنىك گۇرۇپلار ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشلار، خۇددى بىر گۇرۇپ تەۋە بولۇشنىڭ ئۆزىلا توقۇنۇشقا سەۋەپ بولىدىغاندەك «ئېتنىك توقۇنۇش» دەپ ئېنىقلىما بېرىلمەكتە.

توقۇنۇشنىڭ تىمىسى ۋە سەۋەپلىرى تەكشۈرۈلگەندە بولسا، توقۇنۇشقا كىرگەن تەرپلرنىڭ ئېتنىك خاسلىقىنىڭ توقۇنۇش مەيدانغا كېلىشى بىلەن ھېچقانچە ئالاقىسىنىڭ يوقلىقى ئېنىقتۇر. بۇ سەۋەپتىن، ئېتنىك خاسلىقلارنىڭ سىياسىيلەشتۈرىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ”مىللىي-سىياسىي توقۇنۇش“ ھەققىدە توختىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر (Ropers, 1995: 1).

2.1. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى مۇنازىرىلىرىدە مۇناسىۋەتلىك خەلىقنىڭ مەنپەئەت ۋە مەقسەتلىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، ئادەتتە غالىپ ۋە مەغلۇپ مەنتىقىسىنى بويلاپلا تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، خەلىقئارادا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئايرىلىشقا (مۇستەقىل بولۇشقا) ئۇرۇنۇش دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، خەلىقئارا قانۇننى تۈزۈشكە قاتناشقان دۆلەتلەرمۇ بۇ ھوقۇققا نىسبەتەن ئىجابى پوزىتسىيىدە تۇرمايۋاتىدۇ.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى، قانداق ئەھۋاللاردا كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقى ۋە قاچان ھايات-مامات مەسلىسى ھالىتىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىش جايىدا بولسا كېرەك. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى 1966- يىلى ب د ت مەدىنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلىقئارا كېلىشىمىدە ئەڭ مۇھىم ئىنسان ھوقۇقى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ كىلىشىمنىڭ ماددىلىرىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دائىرىلىرى بەلگىلەنگەندۇر.

كىلىشىمنىڭ 1- ماددا 1- تارمىقىدا “ پۈتۈن خەلىقلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلىقلەر سىياسىي ئەھۋاللىرىدا ھۆر بىر شەكىلدە قارارلارشتۇرالايدۇ ۋە ئىقتىسادىي، ئىجدىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ھۆر شەكىلدە ئېلىپ بارالايدۇ.“

بۇ ماددىغا ئاساسەن خەلىقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەتلا سىياسىي جەھەتتىن بولۇپلا قالماي، ئىجدىمائىي ھاياتنىڭ ھەر ساھەلىرىگە چېتىشلىق بىر ھوقۇقتۇر.

يۇقىرىقى ماددىنىڭ 2- تارمىقىدا بولسا “ پۈتۈن خەلىقلەر ئۆز مەقسەتلىرىنى ئۆز-ئارا مەنپەئەت ئاساسىدا، خەلىقئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە خەلىقئارا قانۇنىغا خىلاپ بولمىغان ھالدا، ئۆزىنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشتا ھۆردۇر. بىر خەلىق(مىللەت) ھېچقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ، مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ داۋام قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇلمايدۇ. “ (BM, 1966)  دېيىلىدۇ.

بىر خەلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بىر ئىنسانىي ھوقۇقى بولغان بۇ مەنبەلەردىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قىلىنىش توقۇنۇشنىڭ بىۋاستە سەۋەپلىرىدىن بىرىدۇر.

Hilpold ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى، بىر تەرەپتىن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ھوقۇقى، يەنە بىر تەرەپتىن خەلىقلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى شەكلىدە چۈشەندۈرىدۇ. (Hilpold, 2009: 27)  بۇنىڭغا قارىتا بىر ھۆكۈمەت بىر خەلىققە ھەقىقىي شەكىلدە ۋەكىللىك قىلالمىسا، ئايرىلىش (مۇستەقىل بولۇش) مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلىدۇ. دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى رەت قىلىش، ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى قىلىش بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 2005- يىلدىكى دۇنيا ئۇچىرىشىشىنىڭ 138- ۋە 139- ماددىرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز خەلىقلىرىنى قەتلىئام، ئۇرۇش، ئېتىنىك قىرغىنچىلىق قاتارلىقلاردىن قوغداش مەسئۇلىيىتى باردۇر (a.g.e.: 28). ئاجىز گۇرۇپلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلەپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بۇ ھەقتىن مەھرۇم قىلىنغاندا ئوتتۇرغا چىقىدىغان زۇلۇمغا ئۇچراش ئىھتىمالى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. ئاپتور، بىر خەلىق قەتلىئامغا ئۇچرىغاندا، مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مەجبۇرى ھالغا كېلىدۇ. مەنبە بۇ ھوقۇقنىڭ توسالغۇسىز ۋە توسالغۇلۇق ئىككى شەكلى بولىدىغانلىقىغا، شەخىس سەۋىيىسىدە توسالغۇسىز بولسىمۇ، مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىدە كۆپ تۇسالغۇلار بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەسلى زىددىيەت، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەملىلىش ئارىسىدا بىر ھاڭنىڭ  بولغانلىقىدۇر (Falk, 1997: 49).

خەلقئارا قانۇنلاردا بۇ ھەق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجابى بىر يېقىنلىق مەجۇت بولۇپ، بىرىنجىسى بۇ ھوقۇقنىڭ كېڭىيىشىگە قارىتا چەك-چىگرالارنى بىكىتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئىككىنجىسى بولسا، بۇ ھەقنىڭ ھەرخىل شەرتلەردىكى خاراكتىرىنى تونۇغان كۆز قاراشتۇر (a.g.e.: 54).  نەتىجە بولسا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسلىسىدە، قايىل قىلارلىق بىرەر ھەل قىلىش يولىنىڭ بولماسلىقىدۇر.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، مۇستەقىل بولۇشنى، جۈملىدىن تامامەن ئايرىلىپ چىقىش شەكلىدە ئىزاھلانسا، ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بولسا، بۇنىڭدىن يۇمشاقراق ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، دۆلەتلەر خەلىقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىققان توقۇنۇشلاردا ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا بەكرەك ئىجابىي مۇئامىلە قىلىدۇ (Hilpold, 2009: 39). بۇ ئەھۋال دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا قارىغاندا ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئەھۋەنى شەر (ياماننىڭ ياخشىسى) دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ (Hilpold, 2009: 39). ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بۇ ئىككى تۈرنىڭ بىرىگە تەۋە بولۇشتىن باشقا تاللىشى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ مەنىدە ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تەۋە بولۇش بىلەن بىرگە تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئالدىنقى شەرت ھەم ھېساپلىنىدۇ.

ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئاپتونۇمىيە دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇكى، بۇ يەنىلا ئۆزىدىن يۈكسەك بىر ماقامغا بېقىندى بولۇش دېمەكتۇر. ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان بىر خەلىق، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت سىستىمىسىنى بىكىتىش بىلەن بىرگە ئىچكى ئىشلىرىدىمۇ ئۆز ئىرادىسىگە قارىتا تەسەررۇپ قىلالايدۇ. بۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئەمىلىلىشى جەھەتتە كۆپلىگەن نۇقسانلارغا ئىگە (Fisch, 2009: 49). ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بۈگۈنكى فىدىرال دۆلەتلەردىكى شىتاتلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۆلۈملەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇلار قىسمەن قانۇن بىكىتىش ۋى يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان بولىدۇ. ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا خەلىقنىڭ ئاساسى قانۇن جەھەتتىن ھۆر قارار ئېلىش ھوقۇقى دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ (Boysen, 2009: 86). مىللىي مۇداپىئە ۋە تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا تامامەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى دائىرە ئىچىدىدۇر (a.g.e.: 85).

خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا زىت ھالدا، خەلىقئارا قانۇن دۆلەتلەرنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنىمۇ قوغدايدۇ. ھالبۇكى بۇ ئىككى مەسىلە مۇھىملىقتا تەڭ ئەمەستۇر. بۇنىڭ روشەن دەلىلى بولسا، دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن شىددەت قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنسىمۇ، خەلىقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن شىددەت قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىدۇر (Guha, 1999; Akt.: Salzborn, 2009: 113).

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش، بىر خەلىقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ھەقىقەتەن قولغا ئېلىشقا مۇقتەدىر بولىشىنى، يەنى ئۆز ئەھۋالىغا ۋە تەرەققىياتىغا قارار بېرەلىشى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە بەرداشلىق بېرەلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بۇنى داۋا قىلغان مىللەتكە بېرىلىشى ئۈچۈن بەزى قېلىپلاشقان شەرتلەر كېرەك بولۇپ، بۇ شەرتلەرنى ئادا قىلماي تۇرۇپمۇ بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەن مىساللار باردۇر (Fisch, 2009: 69).. ب د ت ئومۇمى يىغىنىنىڭ 1960- يىلدىكى مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش قارارىدا، بۇ داۋانى قىلغان مىللەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ جەھەتتىن تەييارلىقىنىڭ يېتەرسىزلىكى، مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۈچۈن سەۋەپ كۆرسەتمەسلىكى كېرەك دېيىلگەن. بۇنىڭغا قارىماستىن بۇ شەرتلەر سەۋەبىدىن بۇ ھەقنىڭ نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرمەكتە. زۇلۇم ئاستىدا قالغان بەزى خەلىقلەر يېتەرلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي ئۇلغا ئىگە بولمىغاندا، توقۇنۇشلار پۈتۈنلەي بۇلۇشسىز نەتىجە بېرىشكە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قابىلىيىتىنى مۇستەقىللىق قابىلىيىتى دەپ قارىغان. نىڭ قارىشىچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش داۋاسىنى قىلىش ئۈچۈن شەرتلەرنىڭ بىرىنجىسى، تۇپراق ۋە نۇپۇسنىڭ چوڭلۇقىدۇر. بۇ نۇقتىدا ئاپتور، ياشايدىغان تۇپراق مەيدانى ئۇنچە چوڭ بولماي تۇرۇپمۇ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەتلەرنى تىلغا ئالىدۇ. ئەسكىرى جەھەتتىن باھالاش بولسا، ب د ت نىڭ قارىشىچە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەسكىرى جەھەتتىن يېتەرلىك بولۇش بولسا، بولمىسا بولمايدىغان شەرت ئەمەستۇر (Rosskopf, 2004: 408).

ئۈچىنجى شەرت بولسا، بۇ داۋانى قىلغان خەلىقنىڭ ئىقتىسادىي يۇشۇرۇن كۈچى، يەنى رىقابەتلىشەلەيدىغان ياكى ھېچ بولمىغاندا، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان بولۇشىدۇر (a.g.e.: 409).

تۆتىنجى شەرت بولسا، خەلىقلەر ئىچكى مۇقىملىقىنى (ھاكىمىيەتنى) قايىم قىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ئاساسىي فونكىسيونلىرىنى ئىجرا قىلالايدىغان ئەھۋالدا بولىشىدۇر.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىدە ئەڭ كۆپ بىلىنگىنى ئايرىلىپ چىقىش ھوقۇقىنى ئەڭ ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە مەشرۇ(يوللۇق، ھەقلىق) قىلىدۇ. خەلىقلەرنىڭ پەقەت ئىچىدە نۇرمال ئەھۋالدا ئاز بىر قىسمىنىڭ، ئىستىسنا ئەھۋالدا بولسا كۆپ قىسمىنىڭ ياشايدىغان دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرىنى ئۇزۇن بىر مۇددەت ئېغىر شەكىلدە ئاياغ-ئاستى قىلغاندا، ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلسا ۋە يامان مۇئامىلە قىلغاندا مۇستەقىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئايرىلىپ چىقىش كۈن تەرتىپكە كېلىدۇ (Fisch, 2009: 49). تىلغا ئېلىنغان بۇ قائىدە، ئىنسان ھەقلىرىنى توختاۋسىز ئىشغال قىلغان ھەرىكەتلىرىدە ھېچ ئازىيىش ياكى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان مەسئۇل دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈلمەكتە. بۇنى تۇتقۇ قىلغان ئاساستا، ئاپتور بۇ جازا قانۇنىنىڭ «قاملاشمىغان» بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماقتا. بۇ ھوقۇقنىڭ پايدىلىنىشتىكى ئاساسىي قىيىنچىلىققا ئىشارەت قىلماقتا. Scherrer ,ئايرىلىپ چىقىشلارنىڭ مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش نۇقتىسىدا ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرغىنىنى تىلغا ئالدى. لىكىن بۇ نۇقتىدا تەكىتلىگىنى، ئايرىلىپ چىقىشنىڭ توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا دائىم تەتبىق قىلغىلى بىر يول بولۇشتىن بەكرەك، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا، بىر تاللاش سۈپىتىدە پەرىقلىق ھادىسەلەر پەرىقلىق نىتىجىلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەكلىكىدىندۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە ئايرىلىپ چىقىشنى قانۇنلۇق قىلىدىغان ئۈچ خىل ئەھۋال بولىشى مۇمكىن:

ھېچ ئۆزگىرىش ئىھتىمالى بولمىغان ئەھۋالدا ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر شەكىلدە توختاۋسىز دەخلىگە ئۇچرىسا، ھايات ئۆلچەملىرىدە ئېتنىك يەكلىنىش سەۋەبىدىن ئېغىر تەڭسىزلىك مەۋجۇت بولسا، Timor ۋە Eritrea دىكى مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش توقۇنىشىدىكىگە ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئىشغالى كەينىگە چىكىنىشى كېرەك بولغاندا، ئايرىلىپ چىقىش ياكى مۇستەقىل بولۇش تەلىپى مەجبۇرىي ھالغا كېلىدۇ (Scherrer, 1995: 270).

Hilpold مۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بىر شەكىلدە ئايرىلىپ چىقىشنى قانۇنلۇق قوغدىنىش ھەققى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن قانۇنىي قوغدىنىش ھەققىنى سۈپىتىدە ئايرىلىپ چىقىش ھەققىنى ئەڭ ئاخىرىقى تاللاش سۈپىتىدە قوللىنالايدۇ، قانۇنىيلاشتۇرالايدۇ. ئايرىلىپ چىقىشنىڭ  گەرچە خەلىقئارا قانۇندا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى داۋا قىلمىسىمۇ، مەۋجۇت تەرتىپلەردە زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ بولغان بىر ھوقۇق دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەپتىن رەت قىلىنىدىغانلىقى نەتىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. Horowitz مۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئىستىسنا ئەھۋاللاردا ئايرىلىپ چىقىشتىن سۆز قىلسىمۇ بۇ ھوقۇققا شۈبھە بىلەن يېقىنلىشىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردا ئايرىلىپ چىقىشنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ ھەل بولىشىغا تۆھپىسى بولمايدىغانلىقىنى ۋە سىستىمىلىق بىر دۆلەت ئوتتۇرغا چىقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ چىقىشتىن بەكرەك مەۋجۇت شەرتلەرنىڭ ياخشىلىنىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك (Horowitz, 2003: 50-51).

3. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىغان رايون بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدۇر. شەرقىي تۈركىستان 1949. يىلى خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشتىن ئىلگىرى خىتايدىن ئايرىم بىر رايون سۈپىتىدە، ئىككى قېتىم ئازادلىقىنى ئىلان قىلغان. دىللونىڭ قارىشىچە تارىختا ئۇيغۇر مىللىتى مىلادىيە 8. ئەسىردىن بۇيان بۈيۈك بىر ئىمپېرىيە بولالمىغان بولسىمۇ خىلمۇ-خىل تۈركىي مىللەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىللەت ئىدى. (ماسكىرىز 1972؛ ئاكىت: دىللون 2004:9)

ئالتاي تاغلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى خىلمۇ-خىل تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئانا يۇرتى دەپ قارىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا تۈرك قەبىلىلىرى ھۆكۈمران بولغانغا ئوخشاش، بەزى ۋاقىتلاردا شەرقى تۈركىستان تۈرك خاندانلىقلىرىغا تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىستان دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن ئىمپىريە ۋە دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە: ھۇن ئىمپىرىيىسى (مىلادىيەدىن  ئىلگىرىكى 220- يىلدىن مىلادىيە 386. يىللار), تابغاچلار (534-386) كۆكتۈرك خانلىقى (744-552)، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى (840-744), قارخانىلار ئىمپېرىيىسى (1124-840)، تۈرك مۇڭغۇللىرى (1749-1218). (تۈركۆز، 2010:4)

بۇلار بىلەن بىرلىكتە 8- ئەسىردە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى (840-744) كۈچلۈك بىر ئىمپېرىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇر پادىشاھلىقنىڭ (850-125) مەۋجۇتلىقى تىلغا ئېلىنغان. (بوۋىڭدون، 2010:12) 1911. يىلى خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇنقەرز بولىشى بىلەن تەڭ يېرىم ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئىگە رايۇنلار خىتايدىن ئايرىلىپ چىققان.

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم ئازاتلىق ئۇرىنىشىدا بولدى. 1933- يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەتراپىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان تۈرك – ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى ۋە تەلىم-تەربىيە, ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر سىستېما قۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. (دىللون 2004:20) بۇ دۆلەت 1934- يىلى 2. ئايدا خىتاي تۇڭگان ئارمىيىسى تەرىپىدىن قەشقەر تالان-تاراج قىلىنغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.

ئىككىنچى قېتىملىق ئازاتلىق ئۇرىنىشى بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىسمى بىلەن 1949-1944- يىللار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ھەر ئىككى قېتىملىق ئازاتلىق ئۇرىنىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىقىنى ئەسكىرىي قاراشلىق كۆرسىتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. ماۋزېدۇڭ 1949- يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالدى. 1950- يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەككىز ۋەكىلى بېيجىڭغا تىكىلىپ قىلىنىش نەتىجىسىدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ۋاپات بولغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قەستەن ئۆلتۈرۈش دەپ قارالغان.  (ئا.گ.ئە 34)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ ئازات بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مۇھىت ياراتقان ئىدى. ئۆزىگە خاس ھۆكىمەت، ھۆكىمەت مەجلىسى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئىگە بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ پۇلىنى باستى، بايرىقىنى كۆك تەگلىك ئۈستىدە ئاق يۇلتۇز ۋە ئاي شەكلىدە بىكىتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقىنى قوللايدىغان كىشىلەر بۈگۈن يەنىلا بۇ بەلگىلەرگە ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن بىر دۆلەتنىڭ ۋە كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ بەلگىلىرى دەپ ھۆرمەت قىلىدۇ. (ئا. گ. ئە:21)  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇلار يېقىن ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر كىملىكىنى قۇرۇپ چىققان بەلگىلەرگە ئىگە بولغان. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېقىن شەرق ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى دېپلۇمات سۈپىتىدە قۇبۇل قىلمىدى. 1955- يىلى بولسا بۇ رايۇندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللەت تۈزىلىشىنى زاغىر تىلى بىلەن ئېيتقاندا تۈرۈكچە گەپ قىلىدىغان مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان بولمىغان كەلگۈندى خەنلەر- خىتايلار دەپ ئىككىگە ئايرىش مۇمكىن. (ئا، گ، ئە:23)

مۇسۇلمانلار رايۇن نۇپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگگىلىشگە قارىماي مەدەنىيەت ۋە تىل ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي زۇلمىغا قارشى بىرلىك قۇرالمىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇلار تېرىلغۇ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغىللنىدۇ. خەن- خىتايلاردىن باشقا ئۇ رايۇندا قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ.

4. توقۇنۇشنىڭ دائىرىسى

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن توقۇنۇش، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۆز تەسىرنى كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان بۈگۈن خەرىتىدە خىتاي چىگراسىنىڭ ئىچىدە يەر ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ توقۇنۇش ئىچكى بىر توقۇنۇش شەكلىدە كۆرسىتىلمەكتە.

توقۇنۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىغا ئالاقىدار ئوخشىمىغان قاراشلىرىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار خىتاي مىللىتىنىڭ بىر قىسىمى ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتاي چىگراسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ دەۋا قىلغان بولسا، ئۇيغۇلار ئۆز ۋەتىنى، تارىخى، مەدەنىيىتى، تىل ۋە ئۆزىگە خاس چىگراسى بولغان ھۆر بىر مىللەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاراش توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق غولىنى تەشكىل‌ قىلدۇ. بۇ توقۇنۇش يېقىن زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان توقۇش بولىشىغا قارىماي بەك كىيىن تەسىر پەيدا قىلدى. بوۋىيڭدون بۇ توقۇنۇشنىڭ ۋە ئۇيغۇلارنىڭ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تىروچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش  دائىرىسىدە خەلقئارالىق بىر تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھايدىلبەرىڭ ئىنىستىتۇتى خەلقئارالىق توقۇنۇش تەكشۈرىشنىڭ  خ ئ ك 2009- ۋە 2010- يىللاردا تەييار قىلغان توقۇنۇش خاتىرلەش دوكىلاتلىرى ئۇيغۇر ۋە خىتاي توقۇنىشىنى خاتىرلىمىگەن. 2011- يىلدىن بۇيان مەزكۇر توقۇنۇش يىللىق تەكشۈرۈش خاتىرلىرىدە ئاسىيا قىتئەسى رايۇنىدىكى توقۇنۇشلار قاتارىدا زىكىر قىلىنغان. توقۇنۇشنىڭ مەزمۇنى 2017-2011 يىللار ئارىسىدىكى دوكىلاتلاردا ئوخشاشماسلق كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇر ۋە خىتاي توقۇنىشىغا دائىر دوكىلاتلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

يىل: 2011

توقۇنۇش ئىسمى: خىتاي ئۇيغۇلار شىنجاڭ

توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى: تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، ئۇيغۇلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى ھۆكۈمەت ۋە تۇڭگانلار

توقۇنۇش تۈرلىرى: بۆلگۈنچىلىك، سىستېما،  ئىدولوگىيە، مىللەت، ئالتە ھۆكۈمرانلىق

باشلىنىش تارىخى: 1990

كۈچى: 3

يىل 2012

توقۇنۇش ئىسمى: خىتاي ئۇيغۇلار شىنجاڭ

توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى: تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، ئۇيغۇلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى ھۆكۈمەت ۋە خانلىقلار

توقۇنۇش تۈرلىرى: بۆلگۈنچىلىك ، سىستېما،  ئىدولوگىيە، مىللەت، ئالتە ھۆكۈمرانلىق

باشلىنىش تارىخى: 1949

كۈچى: 3

يىل :2013

توقۇنۇش ئىسمى: خىتاي ئۇيغۇلار شىنجاڭ

توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، ئۇيغۇلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى ھۆكۈمەت تۇڭگانلار

توقۇنۇش تۈرلىرى: ئايرىمچىلىق، سىستېما، ئىدىلوگىيە، مىللەت، ئالتە ھۆكۈمرانلىق، مەنبەلەر

باشلىنىش تارىخى: 1949

كۈچى: 4

يىل 2014

توقۇنۇش ئىسمى: خىتاي ئۇيغۇلار شىنجاڭ

توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۆكۈمەت ۋە تۇڭگانلار

توقۇنۇش تۈرلىرى: بۆلگۈنچىلىك ، سىستېما، ئىدىلوگىيە، مىللەت، ئالتە ھۆكۈمرانلىق، مەنبەلەر

باشلىنىش تارىخى: 1949

كۈچى: 3

يىل 2015

توقۇنۇش ئىسمى: خىتاي ئۇيغۇلار شىنجاڭ

توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۆكۈمەت ۋە تۇڭگانلار

توقۇنۇش تۈرلىرى: بۆلگۈنچىلىك ، سىستېما، ئىدىلوگىيە، مىللەت، ئالتە ھۆكۈمرانلىق، مەنبەلەر

باشلىنىش تارىخى: 1949

كۈچى: 3

يىل 2016

توقۇنۇش ئىسمى: خىتاي ئۇيغۇلار شىنجاڭ

توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۆكۈمەت ۋە تۇڭگانلار

توقۇنۇش تۈرلىرى: بۆلگۈنچىلىك ، مەنبەلەر

باشلىنىش تارىخى: 1949

كۈچى: 3

يىل 2017

توقۇنۇش ئىسمى: خىتاي ئۇيغۇلار شىنجاڭ

توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۆكۈمەت ۋە تۇڭگانلار

توقۇنۇش تۈرلىرى: بۆلگۈنچىلىك

باشلىنىش تارىخى: 1949

كۈچى: 3

توقۇنۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان دوكىلاتلاردا بىرىنچى قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ باشلىنىش تارىخى 1990- يىلى دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان توقۇشنىڭ باشلىنىش تارىخى 1949- يىلى دەپ بېرىلگەن. توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىچىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى 2016- يىلدىن ئىتىبارەن توقۇنۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن قاتارىدا زىكىر قىلىنمىغان.ئۇيغۇرلار تەرىپىدە تۇرغان ۋەكىللەرگە ئۇمۇمى قىلىپ قارايدىغان بولساق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇلارنىڭ باياناتچىسىلىرى ئىكەنلىكى كۆرۈلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تۇڭگانلار ئىكەنلىكى بايقالغان. 2011- ۋە 2013- يىللار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئايرىمچىلىق، سىستېما / ئىدىلوگىيە ۋە مىللەت- ئالتە ھۆكۈمرانلىق دەپ ئىپادىلەنگەن بولسا، 2014- ۋە 2016- يىللار ئارىسىدا ئىقتىسادىي مەنبەلەرمۇ  توقۇشنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا  قوشۇلغان. 2015- يىلى سىستېما / ئىدىلوگىيە توقۇنۇشنىڭ تۈرلىرى قاتاردىن چىقىپ كەتكەن، 2016- يىلى مىللەت ۋە ئالتە ھۆكۈمرانلىقمۇ توقۇنۇشنىڭ ئامىللىرى قاتارىدىن چىقىرۋېتىلگەن. 2017- يىلىغا كەلگەندە بولسا توقۇنۇشنىڭ ئاساسىي پەقەت بىرلا ئايرىمچىلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.توقۇنۇشنىڭ كۈچى 2014. يىلى تۆت بولغان بولسا، باشقا يىللاردا ئۈچ ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىنغان. ھايدىلبەرىڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ توقۇنۇش كۈچىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارىغا قارىغاندا مۇنۇلار كۆزگە چېلىقىدۇ:

1. مۇۋاپىق كەلمەسلىك،

2. كۈچكە ئالاقىدار بولمىغان كىرزىس،

3. زۇلۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىرزىس،

4. مەلۇم دائىرگە خاس ئۇرۇش،

5. ئۇرۇش ئەسناسىدىكى توقۇنۇشنى سۈپەتلەپ بېرىش.

بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مۇنداق ئۈچ سۇئال كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ: بۇ سۇئاللارنىڭ بىرىنچىسى،  خ خ ج نىڭ سىياسىي سىستېمىسىدا ياكى دۆلەت ئىدىلوگىيەسىدە نىمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، ئەگەر شۇنداق بىر سىستېما ئۆزگۈرىشى بولمىغان بولسا نېمە ئۈچۈن بۇ ئەھۋال توقۇنۇشنىڭ ئامىللىرى قاتارىدىن سانالمىغانلىقىدۇر. ئىككىنچى سۇئال بولسا، مىللەت ۋە ئالتە ھۆكۈمرانلىق يەنى، مىللەت ۋە ھۆكۈمرانلىق دەپ ئاتالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈستىدىن خىتاينىڭ باشقۇرۇش كۈچىنىڭ ئارىلاشقان ياكى ئاخىرلاشمىغانلىقىدۇر. ئەگەر بۇ ھۆكۈمرانلىق بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بولسا،- ئەمەلىيەتتە داۋاملىشىپ كەلمەكتە- نېمە ئۈچۈن توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى قاتارىدا زىكىر قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىش لازىمدۇر.يەنە بىر ھالقىلىق سۇئال بولسا،  ئىقتىسادىي مەنبەلەرنىڭ بۆلىنىشى توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشىدىن ئىتىبارەن توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر مەسىلە بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن پەقەتلا 2014- ۋە 2016- يىللار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى قاتارىدا كۆرۈلگەنلىكى ۋە باشقا يىللاردىكى توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى قاتارىدا زىكىر قىلىنمىغانلىقىدۇر.

ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن رايۇننى كۆرسۈتۈپ بەرگەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ياكى «شەرقىي تۈركىستان» ئىسىملىرىنى ئىشلىتىش ئاڭلىق بىر تاللىشىدۇر. باشتىكى ئاتاش خىتاينىڭ رايۇننى ئىشغال قىلىشىغا رازى بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسا، شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتاش خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ رايۇندىكى خەلقنىڭ ھاياتىغا ئارلىشىۋېلىشىغا قارىشى ئۇيغۇلارنىڭ بىر قارشىلىق كۆرسىتىشىدۇر.

ئىزاھات: يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلى پەقەتلا ھۆكۈمران بولۇۋاتقان قىسىمغا ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ كۆرۈنۈشتە سىياسەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلىۋاتقانندەك كۆرۈنگەن ئەمما لېكىن مەخپىي بىر شەكىلدە ئۇ سىياسەتنى ئۆرۋېتىشكە تىرىشقان بىر قارشىلىق كۆرسىتىشىتۇر.

ھۆرلۈك ئازاتلىق تەلىپى سۆز تېمىسى بولغاندا شىنجاڭدىن بەكرەك شەرقىي تۈركىستان ئىسمى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان ئىسمىنى تەلەپپۇز قىلىش چەكلەنگەن.

توقۇنۇشنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە خىتاينىڭ بۇ قارشىلىققا قارتا بەرگەن ئىنكاسلىرى دېيىشكە بولىدۇ. رۇدەلسون ۋە جانكوۋىك ئۇيغۇلارنىڭ خىتايلارغا قارشى بەرگەن ئىنكاسلىرى مۇنداق ئۈچ خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئاكتىپ ۋەياكى پاسىپ شەكىلدە مەدەنىيەتكە باغلىنىش، شىددەت تۈس ئالمىغان قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە شىددەت تۈس ئالغان قارشىلىق كۆرسىتىش. ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كۆپىىنچە پارچىلانغان ۋە بەكرەك رادىكال بىر قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلى ئالمىغان ھەركەتلەردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى 1990- ۋە 2001- يىللار ئارىسىدا رايۇندا 200 مىلىتانىت ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ جەمئىي 162 تانىسى ئۆلۈش بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.

بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ساقچىلارنى، سوتچىلارنى، ئالاقىلىشىش ۋە توك ئىنىرگىيىسىگە ئوخشاش ئۇل ئاساسلارنى مەقسەت قىلغانلىقى ۋە جامائەت ئورتاق ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى مەقسەت قىلىشمۇ بولغان. خىتايدا steke ve hard دەپ ئاتالغان دۆلەت سىياسىتىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. (ئا گ ئە) خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا مىللىي ۋە دىنى تۈس ئالغان كۈچلۈك قارشى تۇرۇشلارنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىيتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس بەلكى يىڭى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىردىكى چىگرا ھالقىغان كۈچلەر دەپ قارىغان. بوۋىيڭدون بۇ توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىنى ئۈچ ماددىغا ئىخچاملىغان. ئالدى بىلەن پۈتۈن بۇ توقۇنۇشلار  ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئەسلا رازى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. توقۇنۇشلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى 1990- يىللاردىن باشلاپ 2000. يىللارغىچە ناھايىتى ئېشىپ بېرىشىدۇر. 2001- يىللاردىن باشلاپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى تېزلىكتە ئازلاپ كېتىشىدۇر. توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرقنىڭ ئۈچۈنچىسى بولسا خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان خەلقنىڭ ئىھتىياجلىرىنىڭ مەركەز تەرىپىدىن بىرىلمىگەنلىكىدۇر. 2000- يىللاردا قاراشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىنگەن سىياسەت سىستېمىسىغا  رازى بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى دەل ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا كەلگەن سىياسىي بېسىملار سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بوۋىيڭدون (2010:107)

ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1954- يىلى خوتەن، 1962- يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، 1967- ۋە 1968- يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى، 1980- يىللاردا ئاقسۇ ۋە قەشقەر، 1990- يىلى بارىن قوزغۇلىڭى، 1997- غولجا، 2009- ئۈرۈمچى. خوتەندىكى قوزغىلاڭ خىتاي كومىنىست پارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا قارىشى تۇنجى قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇ قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئېلىپ بارغان سەۋەب، يەر ئىسلاھاتى ئىسمى بىلەن يەر ئاستى بايلىقلارنى ۋە ماللىرىنى مەجبۇر بۇلاپ ئېلىۋالغان خىتايغا قارشى دىن ۋە زىمىنلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئىدى. (دىللون 2004: 54)

1962- يىلى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان خەلقىنىڭ سوۋېت روسىيەدە تېخىمۇ ئاسان ۋە ياخشى شارائىتلار ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇشى ئۇيغۇلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشىگە سەۋەب بولدى. 1967- ۋە 1968- يىللاردا يەنى مەدەنيەت ئىنقىلاۋى زامانىدا مەۋجۇت كۆرسەتكەن يىگانە قارشىلىق كۆرسىتىش قوزغىلاڭچىلىرى، مەقسىتى رايۇننى خىتايلاردىن – يەنى خىتاي جاھانگىرلىرىدىن- تازىلاش بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنقىلابىچى پارتىيەسى ئىدى. 1985- يىلى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پائالىيەتكە سەۋەب بولغان باشقا بىر ئىش بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېنقى ئىدى. بارىن يېزىسىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوزغاتقان سەۋەب بولسا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئالاقىدار تۇغۇت تەكشۈرۈش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېنقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر بايلىقىنىڭ خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىش سىياساتلىرى ئىدى. بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە نەتىجىسىدە 5- ئاپرېل 1990- يىلى تەخمىنەن 3000 مىڭ ئۇيغۇر خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بېيجىڭ ئويغىنىشىنىڭ مەنبەسى ۋە رولىنى ئىسلام دەپ قارىدى. (رودلەسون & جانكوۋىك 2004 :316)

1997- يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، خىتاينىڭ رامىزان ئېيىدا ئۆيىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تۇتۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان ياشلىرىنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن قىلىنغان. نامايىش جەريانىدا ئەڭ ئاز 100 كىشى ئۆلگەن بولسا، ناھايىتى كۆپ ساندا كىشىلەر يارلانغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ 200 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى ۋە 4000 دەك ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى. نامايىشنىڭ bilançosu سەۋەبى بىلەن بۇ ھەرىكەت «غولجا قەتلىئامى» دەپ خاتىرلەنمەكتە. خىتاي بۇ نامايىشنى تىروچىلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ئەمما بۇنى ئىسپاتلىيالمىدى. ئۈرۈمچى تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆلتۈرۈشىگە ۋە يارلىنىشغا قارشى خىتاينىڭ ھېچقانداق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغانلىقىدۇر. خىتاي تەرەپ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تارتىشىش نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يارلانغانلارغا ئالاقىدار بەرگەن سانلار بىر بىرىگە پەقەت ئوخشىماسلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ يەردە مۇھىم بولغان نوقتا نامايىش ۋە نامايىشنى باستۇرۇش ئەسناسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە بولغانلىقى ئەمەس، بۇنىڭ پۈتۈن خەلقكە زىيان سالغانلىقى, مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە غەزەبنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى بىر قەتلىئامغا، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر جىنايەتكە ئايلاندۇرشىدۇر.

تەرەپلەرنىڭ ئالاقىسى بايان قىلىنغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئايرىمچىلىق ۋە زۇلۇم سىياساتلىرىنى ئالدىمىزدىكى كېلىدىغان بۆلۈملەردە بايان قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ئىنكاسلىرىنىڭ بايان قىلىش ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ.  بۇ ئىنكاسلار ئۇيغۇلار ۋە خىتاي بولمىغان مىللەت گۇرۇپلىرى قايسى ھەق ۋە ھۆرلۈكنى تەلەپ قىلسا، نەخ شۇ ھەقلەردىن مەھرۇم قېلىش شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مىسال بىرىش توغرا كەلسە، دىنى ھۆرلۈك ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا دىنلىرى سەۋەپلىك تېخىمۇ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچۇردى، رايۇندا خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن كۆپرەك ۋەكىل لازىم بولغاندا خىتاي ھۆكىمىتى خىتايلارغا كۆپرەك خىزمەت ئايرىيدىغان ھالغا كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىگە قوللىنىپ كەلگەن قاتتىق سىياسەتلەر ۋە يۇمشاق سىياسەتلەر دەپ ئىككىگە ئايرىش مۇمكىن. يۇمشاق سىياسەتلەر ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ھەتتا خىتاي جەمئىيەتىگە بىرلىشىپ كېتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، قاتتىق سىياسەتلەر ھۆرلۈك تەپلىرىگە قارتا قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى بىرگە ئېلىپ كەلمەكتە. (رودلەسون & جانكوۋىك 2004: 301)

خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ 1985- ۋە 1989- يىللار ئارىسىدا مەسچىت سېلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى يۇمشاق سىياسەت قاتاردا زىكىر قىلىنماقتا. قاتتىق سىياسەت دائىرىسىدە 1996- يىلى كۈچكە ئىگە بولغان، ”strike hard “ سىياسىتى ئۆزىنى «ئۈچ چوڭ ئىقتىدارغا»-رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىك، تىرورىزىمغا- قارشى كۈرەش ئۇسسۇلى دەپ نام بەرگەن. (گىرىم 2001:1) بەزى يازغۇچىلار 11. سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارتا تۇتىدىغان پۇزىتسىيەگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارايدۇ. (دىللون 2004: گىلارك 2010) دىللونىڭ قارىشىچە خىتاي ئۆزىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقىي تۈركىستاندا) بۆلگۈنچىلىكلەرنىڭ تىرورىزىمنىڭ قۇربانى بولۇپ بولۇپ كەتتى دەپ قارايدۇ. (دىللون 2004:156) 11. سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم تېخىمۇ كۈچەيدى، بۇ مۇددەتتە دىنىي زاتلارغا سىياسىي ئۆگىنىش پىروگراممىلىغا ئاساسەن بۆلگىىنچىككە قارشى تۇرۇشلىرى لازىم ئىكەنلىكىنى بۇيرىماقتا. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تۇتۇلدى، روزا ۋە ئاياللارنىڭ باش كىيىمى (ياغلىق ۋە چۈمبەل تارتىش) قانۇنسىز دەپ بېكىتىلدى. بۇ دائىرىدە خىتاي كومىنىست پارتىيىسى «تېرورلۇقققا قارشى كۈرەش» دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرىنى توغرا قىلدۇق دەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزەتكەن ئورگانلار strike hard تەشۋىقاتى ئاساسىدا خىتاينىڭ تىرورىزىمغا-قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىگە سەل قاراش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىدىن ئەندىشىلەنمەكتە. پەقەت كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان ئىنسان ھەقلىرى خورلىنىش بىلەنلا قالماي، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايلارمۇ زوراۋانلىق ھەرىكەت قىلمىغان ئۇيغۇرلارنى نىشانلاش ۋە  قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرماقتا.» (ۋان ۋىي داۋىس 2008: 11)

ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغانغا ئوخشاش زوراۋانلىق ۋە تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئەدەبىيات ۋە ناخشىلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تېما بولماقتا، ناخشىچىلار ۋە ئەدەبىياتچىلار ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى كۈچلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك قاتتىق كونتىرول قىلىش ۋە چەكلىنىشكە ئۇچۇرماقتا.

5. توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەپلىرى

گرىم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەپلىرىنى خىتاي كومىنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقىي تۈركىستاندا) ھۆكۈمدار بولۇش تەلىپى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق ۋە دىنغا قارتا سىياسەتلىرى, كەڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، (گرىم 2009: 1-7)، ۋىكار بولسا توقۇنۇشنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ۋە ئىككى شەكلىگە دىققەت تارتىدۇ. بۇلار، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ كۈچسىزلىكى، قانۇنسىز كىشى بولۇپ قېلىش ۋە زۇلۇم. (ۋىكار 2009:2) قولىڭىزدىكى بۇ تەتقىقاتتا بولسا توقۇنۇشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئۇيغۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنىڭ يوق بولىشى دەپ تىلىغا ئېلىندى ۋە بۇ قىسىمدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپتونومىيىلىك باشقۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى ۋە ئۇيغۇلار خەلقىنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ رايۇندا ۋەكىل تەيىن قىلىنمىغانلىقى تەكىتلەندى. يەنە باشقا سەۋەپلىرى بولسا گرىمىنىڭ «غەرپكە كېتىش» سىياسىتى ئاستىدا بايان قىلغان ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئىشلەپ چىقارغان خام ماددىلارنىڭ سۈمۈرلىشى ۋە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈچىيىپ بارغان مەمۇرى ھوقۇقى ۋە ئوخشاشلا دىن ساھەسىدە بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان سىياسىي ئۆگىنىشلەر تىل، خىزمەت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ھايات، ساغلاملىق ساھەسىدە ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرلىكىنىڭ تارىيىپ كېتىشىدىن ئىبارەت سىياسەتلىرىدۇر.

5.1. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنىڭ يوق بولىشى

خىتاي كومىنىست پارتىيىسىدە 5 ئاپتونوم رايون ۋە 55 ئوخشىمىغان مىللەت ياشىماقتا. ئاپتونوم رايونلار تۆۋەندىكىچە:

ئىچكى مۇڭغۇلىيە، شەرقىي تۈركىستان، گۇۋاڭشى، تىبەت، نىڭشيا.

شەرقىي تۈركىستانغا ئاپتونومىيىلىك 1955- يىلى بېرىلگەن ئىدى. شىنجاڭ ئىسىمى ئاستىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقىي تۈركىستاندا) ئاپتونومىيىلىك خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىشقا مەركەزلەشىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنىڭ يوق بولىشى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى دېگەن قاراشقا ئاساسەن سىچەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ئۇرۇنىشىنىڭ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇشۇرۇن كۈچ ئىكەنلىك پىكرى باشلامچىلىق رول ئوينىغان. 1. نۇمۇرلۇق جەدىۋەلدە توقۇنۇشنىڭ تېمىسى شەكىلدە بايان قىلغان بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللەت ۋە ئالتە، ئۇيغۇلارنىڭ – ئاپتونومىيىلىك ۋەياكى ئۇمۇمى بىر شەكىلدە ئازاتلىق شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان- ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنى تەلەپ قىلىش ئىچىدە بولغانلىقىنىڭ بىر كۆرىنىشىدۇر. سىستېما ۋە ئىدىلوگىيە بولسا خىتاينىڭ ئاز سانلىق دەپ قارىغان مىللەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت ئىستراتېگىيىلىرى دەپ چۈشەندۈشكە بولىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ مۇمكىنچىلىكى، خىتاي كومىنىست پارتىيىسىدىن باشقا بىر پارتىيىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى، خىتاي بولمىغان خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي شارائىتىدىن رازى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى جامائەت ئورگانلىرىدىكى مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلار ئۇيغۇر بولىشىغا قارىماي، بۇ كىشىلەرمۇ خىتاي كومىنىست پارتىيىسىنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇلارنىڭ ھەقلىرىگە ۋەكىل ۋە ئىگە بولالايدىغان ھالەتتە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇلار ھەققىدە ئېلىنغان قارارلارغا ئارىلىشىشى ۋە قارشى پىكىردە بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەستۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سانى جەھەتتە خېلى كۆپ نۇپۇسقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ قارار ئېلىش ئىشلىرىدا چەكلىمىگە ئۇچرىشى توقۇنۇش ئامىللارنىڭ بىرسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان ھازىر ئاپتونوم رايون قاتارىدا زىكىر قىلىنىشىغا قارىماي ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇنىڭغا مۇناسىپ تەرتىپ نىزاملار ئېلىپ بېرەلمىدى. يەنى باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي مەنادا ئۆزىگە خاس بىر باشقۇرۇش ئورۇنغا ئىگە بولالمىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ.

زاخاۋ (2004: 183) بۇ ئەھۋالنى مۇنداق چۈشەندۈشكە تىرىشقان: «رايۇن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى… ھېچبىر شەكىلدە كومۇنىست دۆلەتنىڭ ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆزى ئۆزىنى باشقۇرۇشقا رۇخسەت قىلغانلىق دېگەن بولمايدۇ» مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارالغان خەلقلەر ئۈستىدىن زۇلۇم خېلىلا ئېشىپ بارغان ۋە ئاپتونوم رايونلاردا خىتايلاردىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىغا مۇناسىپ كەلمىگەن بىر شەكىلدە ۋەكىللىرى ئازلاشقا قاراپ ماڭغان. (بوۋىيڭدون 2010:74) دەزخەن بۇ مەسىلىنىىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا مۇۋاپىق مىقداردا سان بەلگىلەپ بېرىشنى تەۋىسيە قىلماقتا. «شەرقىي تۈركىستان دىگەن دۆلەت ھازىر بىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدۇر. بۇ نۇقتا ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر خىزمەتچىلىرى ئۇمۇمى خىزمەتچىلەرنىڭ 15% دىن ئاز بولمايدىغان شەكىلدە بېكىتىلىشى كېرەك، (شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا بولسا بۇ 60% دىن ئاز بولماسلىقى لازىم) ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھوقوققا ئىگە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 15% ئاز بولمايدىغان شەكىلدە باشقۇرۇش دائىرىسىگە قوشىلىشى كېرەك.» (دازخەڭ 2003: ئاكىت بوۋىيڭدون 2010: 75)

خىتاي دۆلىتى خىزمەتچىلىرى ئىچىدە ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇنغا ئىگە بولالمىغان ئۇيغۇلارنىڭ‌ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قوشىلىشى قانۇنسىز دەپ بەلگىلەنگەن. پىي 1984- يىلى بەلگىلەنگەن ئاساسى قانۇن ئاساسىدا ھۆكىمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقلىرىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ۋە ياخشىلاشلار ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇن، ئاپتونومىيىلىك ھوقوققا ئىگە رايونلارغا ئۆزلىرىنى رايۇن، ناھىيە ۋە يېزا سەۋيەسىدە باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن.

بۇ ھوقۇق بىلەن بېرىلگەن ئەڭ مۇھىم ھەقلەر تۆۋەندىكىچە: چەكلىك دائىرىدە قانۇن بەلگىلەش كۈچى، چەكلىك دائىرىدە خىزمەتچى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتچى بەلگىلەش ھەققىدۇر.بۇ ھەقلەر «قورۇق گەپ»  بولۇپ قالغان. (پىي 2002: 320) شۇنداقلا بۇ چەكلىك دائىردىكى ئۆزى ئۆزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر تەرپىدىن بىر خام- خىيال ۋە ئالداش شەكلى دەپ بايان قىلىنغان. پىي بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى بېيجىڭنىڭ سىياسى ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى قۇبۇل قىلماسلىقى، دېموكراتچى بولمىغان سىياسىي بىر سىستېمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋەھەرىكەتچان فېدېراتسىيە ئىقتىسادى كۈچىگە ئىگە بولمىغان گۈدەك بىر ئىقتىدارىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۈچلەندۈرمەكتە. (ئا گ ئە 321) پىرىبەر بولسا، مىللىي خەلق مەجلىسىگە بېرىلگەن بۇ چەكلىك دائىردىكى قانۇن بەلگىلەش ھوقوقىنىڭ ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى“ ۋە ”مىللەتلەر ھوقوقىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىشى“ دېگەندەك كۆز بۇيامچىلىق بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقى ۋە  يەرلىك مىللى مەجلىس تەرپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن ۋە تەكلىپلەرنىڭ ھەمىشە  ماقۇللىنىش ۋاقىتنىڭ بەك كېچىكىپ كېتىشى ۋە ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن بۇ قانۇن بەلگىلەش ھوقوقىنى پايدىلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە دىققەت تارتماقتا. (پىربەر 2005: 215)

خىتاينىڭ 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋېلىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇلارنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ۋە خام-ئەشيالىرىنى ئېكىسپېدىتسىيە قىلىشى  پەقەت ئىقتىسادىي تەرەپتىن ئىشغال قىلىۋېلىشنى كۆرسەتمىگەنگە ئوخشاش، بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆر بىر جۇمھۇرىيەتتىن ۋە يەرلىك خەلقتىن ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ئۆز ئالدىغا بىر قارار ئېلىپ بارالمايدىغان، ئاتالمىش  ئاپتونومىيىلىك باشقۇرۇشقا ئىگە بىر خەلقكە ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.

ئۇيغۇرلار بۇ خىل ھالەتتە تەدرىجىي بىر شەكىلدە ھەر جەھەتتىن ئاجىزلىششقا ۋە ھۆكمەت مەجلىسىگە كىرىشنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن ئاتالمىش ئاپتونومىيىلىك باشقۇرۇشقا نارازىلق بىلدرۈشكە يول ئاچماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇلار بىرە ئىشتا قەتئىي قارار ئېلىش ھوقوقىدىن مەھرۇمدۇر، يەنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىگراسى ئىچىدە ئەمەلگە ئاشمىدى، بۆلگىىنچىك دەپ ئاتالغان ئازاتلىق تەلىپى“بىردىن بىر چىقىش يولى“دەپ ئىختىيار قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ بىردىن بىر ئاساسىي ئىنسان ھەققى_ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقى_ سەل قارىلىپ كەلدى.

5.2. خام-ئەشيا ئېكسپېدىتسىيىسى

خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش پەقەتلا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ بىر يەردە ياشىشى مەسىلىسى ئەمەستۇر. رايۇننىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بولۇشى   ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىملىرى ئارىسىدا بەك چوڭ ئوخشىماسلىقنىڭ بولىشى توقۇنۇشنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە رول ئوينىماقتا. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان رايۇندۇر.

مەركىزى ھۆكىمەتنىڭ 1990- يىللاردىكى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسى“بىر قارا بىر ئاق“دەپ خاتىرلىگەن ئىككى ئىقتىسادىي مەنبەگە، يەنى نىفىت ئايرىش ۋە پاختا تېرىش نۇقتى نەزىرىگە تايىنىدۇ.  خىتاي، كۆمۈر ۋە نىفىت ئىشلەپچىقىرىش قابىليىتىگە ئىگىدۇر ۋە نىفىت ئايرىش خىزمىتىنى ئىشلەشتە شەرقىي تۈركىستان 13.95% نىسبەتتە بولۇپ خىتايدىكى 3. دەرىجىلىك ئەڭ چوڭ نىفىت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگىدۇر. (ئا گ ئە 123) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا شەرقى تۈركىستان خام ماددا جەھەتتە ئەڭ باي رايۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاندى. بۇ خام ماددىلار؛ ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدىكى ئالتۇن، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ۋە نىفىت كانلىرىدۇر. (ئاردەل 1963:31 Akt: Türköz 2010: 20)

كۆمۈر زاپاس مىقدارى دۆلەتنىڭ پۈتۈن زاپاس ماددىلارنىڭ 35.9% نى تەشكىل قىلماقتا ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆمۈر زاپاس مىقدارى جەھەتتە خىتايدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. (ئابلەت 1991: akt :Türköz 2010: 22)

تۇز زاپاس مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ تۇز ئىھتىياجىنى قامدىيالىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ۋە خىتايدىكى 40 تانە زاپاس تۇز ئورنىدىنمۇ كۆپرەكنى تەشكىل قىلماقتا. (Türköz 2010:23)

1980- يىللىرى ئىقتىسادىي ئىسلاھات بىلەن تەڭ خىتاينىڭ نىفىت ئىھتىياجى ئېشىپ باردى ۋە باشقا رايۇنلاردا نىفىت ئىشلەپچىقىرىش ئاز قالغانسىرى خىتاي دىققىتىنى تېخىمۇ كۆپ نىفىت بايلىقىغا ئىگە يەرلەرگە ئاغدۇردى ۋە تەكلىماكان چۆلى ئەتراپىدىن خىتايغا نىفىت يۆتكەش قارانى ئالدى. (ئا گ ئە 32-33) بۇنىڭغا ئاساسەن تۈركۆز خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلارنى تالان قىلىش بىلەن بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ھۆر بىر تەرەققىيات مودىلىنى مۇمكىن ئەمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان بىر ئىچكى ئىشغالىيەتچىلىكە باغلىنىشلىق مودىلىغا ئوخشاش دەپ قارىماققا. گىلادنىيمۇ ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشغالىيەتى ئاستىدىكى بىر رايۇن دەپ زىكىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇلار يەرلىك خەلقتىن ئازسانلىققا ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن ئىشغال قىلىنغان بىر رايۇنغا ئايلانغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشى بۇ رايۇنغا كۆپ ساندىكى خىتاي كەلگۈندىلىرى ۋە يەرلەشرۈرۈش يولى ئارقىلىق ئۇيغۇلار خىتاي دۆلىتى ئىشغال قىلىۋالغان بىر رايۇنغا ئايلانغان. ( گىلادنىي، 1996:20) ئىچكى ئىشغالىيەتچىلىك بىلەن سىرتقى ئىشغالىيەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىشغال قىلىنغان رايۇننىڭ ئىشغال قىلغان دۆلەتنىڭ باشقۇرشى ئاستىدا ھايات كەچۈرشى ۋە ئۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنىڭ ئازسانلىق قاتارىدا قۇبۇل قىلىنىشىدۇر. بۇ رايۇنغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىنماسلىقى ۋە رايۇندا تەرەققىياتنىڭ مەيدانغا كەلمەسلىكى بىلەن تۇرۇپ بۇلار پەقەتلا مەركىزى ھۆكىمەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا نۇرغۇن پايدىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

5.3. خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا كۆچىشى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى

1949- يىلدىن ئىلگىرى رايۇندا (شەرقىي تۈركىستاندا) خىتاي بولمىغان خەلقنىڭ نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىردىن شەرقى تۈركىستانغا مەجبۇرى كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى بىلەن تەڭ بۇ نىسبەت ئۆزگەرگەن. 1940-1941 يىللار ئارىسىدا شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ نوپۇسى 3.730.000 (ئۈچ مىليون يەتتە يۈز ئوتتۇز مىڭ) دەپ تەخمىن قىلىنغان بولسا، بۇلارنىڭ 3.439.000 (ئۈچ مىليون تۆتيۈز ئوتتۇز توققۇز مىڭ) كىشى مۇسۇلمانلار ۋە بۇلارنىڭ 3.338.000 (ئۈچ مىليون ئۈچيۈز ئوتتۇز سەككىز مىڭ) كىشى بولسا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئۆزبىكچە ۋە تاجىكچە گەپ قىلىدىغان خەلقلەر تەشكىل قىلماقتا. (دىللون 2004: 24) دىللون بۇ كۆچمەنلىكنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ: ”شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر بۇ كۆچمەنلىكنى ئۆرپي، دىني ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنى تۈپ يىلتىزىن يوق قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر تەشەببۇس ۋە ئەڭ يامىنى مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى دەپ قارىغان. بۇ توقۇنۇش 1960- يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. “ ( ئا گ ئە 2004:24)

1949- يىلى رايۇندا خەن- خىتايلارنىڭ نۇپۇسى 5.5% بولغان بولسا، بۇ نىسبەت 1970 تە 40% كە يەتكەن. ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان خەلق 1949- يىلىدا ئۇمۇمى نۇپۇسىنىڭ 93% نى تەشكىل قىلغان بولسا، خىتايلار 6-7% لەرنى ئىگەللەيتتى. بۇ نىسبەت 1997. يىلى جىددىي بىر شەكىلدە ئۆزگىرىشكە ئۇچۇرغان، رايۇندىكى ئۇيغۇلارنىڭ نىسبىتى 47% كە چۈشكەن، خىتايلارنىڭ نوپۇسىنىڭ نىسبىتى 42% كە، (38% خەن، خىتايلار، 4% بولسا خىتايلاردىن بولغان مۇسۇلمانلار) يۈكسەلگەن، قازاقلارنىڭ نىسبىتى 7%، قىرغىزلارنىڭ نىسبىتى 0.9% ئىستاتىستىكا قىلىنغان. (Amnesty international 1999:7) بۇ ئەھۋال 1990- يىللارغا قەدەر خەن- خىتايلارنىڭ رايۇندا ئاز سانلىق ئىكەنلىكىنى ئەمما لېكىن دۆلەتنىڭ قولى ئارقىلىق بۇلارنىڭ كۆپ سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇلغانلىكىنى كۆرسەتمەكتە. كومىنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشى تەلەپ قىلىنغان كەلگۈندىلگەر كۆپىىنچە بىلىملىك ياش خىتايلار، تېخنىك ئىشچىلار ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك خادىملاردۇر. پىڭ 1990. Akt، بوۋىيڭدون 2010:57) خەن – خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقۇملىقى  ئۈچۈن ئىشەنچلىك كۈچ دەپ قارالغان بولسىمۇ خەلق كۆچمەنلىكى دۆلەت پۈتۈنلۈك ئىستىراتىگىيىسىلىك ۋەزىپىسنى ئوينىغان. (ۋۇشەك 2000:78) ھۆكىمەتنىڭ ئاچقۇچلۇق ئورۇنلىرى بۇ كۆچمەنلەر تەرىپىدىن تالىنىلىدۇ.  خەن- خىتايلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۇن يىرى دەپ تەسىۋىر قىلىنىدۇ. پىي، خەن- خىتايلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىغا مەجبۇرى كۆچمەن قىلىنىشىنىڭ كۆپ زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئۇ زىيانلار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچۇرشى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ سەل قارىلىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلەردىن ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە پايدىلىنالمىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پىي 2002: 327) كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارغان خەلقئارا بېسىم ۋە ھەددىن زىيادە كۆپىيىپ ماڭغان نۇپۇس سەۋەبى بىلەن 1990‌- يىلدىن كېيىن مەجبۇرى كۆچمەنلىك ئۈنۈملۈك بىر  ئىستىراتىگىيە دەپ قارالمىدى. ئەھۋال بۇ ھالەتتە بولسىمۇ ھازىرغىچە بۇ ئىستىراتىگىينىڭ داۋاملاشتۇرلىشى رايۇندىكى مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشگە يېتەرلىك بولغان.

5.4. بېسىم ۋە كەمسىتىش سىياسەتلىرى

خىتايلارنىڭ ئاز سانلىقلارغا قارشى كەمسىتىش ۋە بېسىم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ساھەلىرى؛ دىن، مائارىپ ۋە تىل، ساقلىق، تەتقىقات ۋە ئىقتىساد، مۇھىت، بىخەتەرلىك بىلەن سىياسىي ھەق- ھۇقۇق ۋە ئەركىنلىكتۇر.

5.4.1. دىن

1990- يىللىرىدا غەيرى رەسمىي ھالەتتە دىنى مەكتەپلەرنى دۆلەت كونتىروللۇقى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن يېڭى بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەقسەتتە 1989- يىلى ئىككى دىنى مەكتەپ تاقىۋېتىلدى. خىزمەتچى ۋە ئىماملىرىنىڭ رەسمى سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىنمىغانلى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى؛ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمىنى رەسمىي ۋە قانۇنلۇق دەپ بېكىتىشىدۇر. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، خىتاي بولمىغان خەلقنىڭ ھەر قانداق پائالىيىتىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەقسەتلىرىگە ۋە خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ تەلىماتىغا ئۇيغۇن بولمىسىلا قانۇنسىز- قانۇنغا خىلاپ دەپ بېكىتىدۇ. بۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ نەزەرىيەسى سىرتىدىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ قانۇنسىز دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەم دىنى جەھەتتىن ئاكتىپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ”قانۇنغا خىلاپ“ قالپىقىنىڭ كەيگۈزىلىدىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ دىنى ھاياتىنىڭ بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دىنى جەھەتتىكى بېسىملار؛ 18 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردە ئىبادەت قىلىشىنىڭ چەكلىنىشى، قۇرئان ئۆگىتىلگەن مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرنىڭ تاقىۋېتىلىشى، ئەرەپچە يېزىقنىڭ چەكلىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويىشى ۋە ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنىڭ چەكلىنىشى ۋە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق ئىشلاردا ئاشكارا بۇلىدۇ. بۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت،  بۆلگۈنچى قالپىقىنى كەيگۈزىۋاتقان بۇ خەلققە قارشى ”چوڭقۇر ئاتېئىست مائارىپى“ ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى ۋە دىنى پائالىيەتلەرگە ”قانۇنسىز دىنى ھەرىكەت “ قالپىقىنى كەيگۈزىدى. ھەمدە پارتىيە كومىتېتىدىكى مۇسۇلمانلارنىمۇ  يىراقلاشتۇررۇشقا قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلدى (Amnesty international, 1999: 10). روزا تۇتۇش چەكلىمىسى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىقى ھەققىدە ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئالدىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىۋاتىدۇ (CNN Türk, 2014). ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىقلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن يەنە بىر ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا ”ئاكتىپ ئاز سانلىقلار ئۈچۈن ئىسىم قويۇش قائىدىلىرى “ دۇر. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارغا ئىسلامى ئىسىم قويۇشقا چەكلىمە قويۇلدى (Independent, 2017). بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەرەپسىز ھالدا رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ.

5.4.2. تىل ۋە مائارىپ

ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مائارىپ ۋە تىلغا مۇناسىۋەتلىك بېسىملارنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ سىستېمىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش كېرەك. تىل ۋە مائارىپنىڭ بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى، مائارىپ ۋە تىل ساھەسىدە دۆلەت سىياسەتلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقىدۇر. ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى ئائىلىسىنىڭ ئالتاي تىللىرىغا ئائىت ۋە تۈركىيەدە ئىشلىتىلىۋاتقان تۈركچىدىن پەرقلىق بولغان، ئەرەپچە ۋە پارسچە ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان بىر تىل ئالاھىدىلىكىگە ساھىپتۇر. ئۇيغۇر تىلىدا، لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ ئىشلىتىلىشى 1958- يىلىدىكى تىل ئىسلاھاتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ كىرىل ئېلىپبەسى بىلەن ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن 1976- يىلىدا يەنە قايتىدىن ئىشلىتىلدى. ئۇيغۇر تىلى ھازىر، كونا يېزىق بىلەن يېزىلىۋاتىدۇ. مائارىپتىكى ئاساسلىق مەسىلىلەردىن بىرى 1966- 1976 – يىللىرى ئوتتۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يۈز بەردى. ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسىدىن كىرىل ئېلىپبەسىگە ۋە لاتىن ئېلىپبەسىگە ئالماشتۇرۇلىشىدۇر.  چۈنكى 1950- يىللاردا ۋە 1960- يىللاردا ئوقۇغان ئاتا- ئانىلار، تىلنى باشقا بىر ئېلىپبە بىلەن ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن بالىلىرىغا ئەرەپ ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان يېزىقنى ئۆگىتەلمىدى. بۇ، ئەۋلاتلارنىڭ بىر بىرى بىلەن ياتلىشىشى ئۈچۈن  ئېلىپ بېرىلغان مەقسەتلىك دەخلى قىلىشتۇر دەپ قاراپ چىقىلدى (Benson, 2004: 197).

مەمۇرىي خادىم ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆلچەملىك خىتايچە ئىشلىتىش بەك مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئاسانلىقچە ئۆتكىلى بولمايدىغان تىل توسىقى شەكىللىنىۋاتىدۇ. 1990- يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان دەرسلىك كىتابلار ھەم ئۇيغۇرچە ھەم خىتايچە تارقىتىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى ئىلگىرىكى ئەۋلاتلارغا قارىغاندا خىتايچىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ (Dillon, 2004: 26).

ھۆكۈمەت،  ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىڭ بىرلىشىشىگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى، خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا دۆلەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى قوغداش ۋە ئېتنىك مىللەتلەرنى، ئۆلچەمگە لايىق سوتسىيالىسىتىك دۆلەت بىلەن بىرلەشتۇرۇشتۇر. بۇ نوقتىدا خىتاي دۆلىتى، كۆپلىگەن يېزىق تىلى (ئەرەپچە، خىتايچە، مۇڭغۇلچە ۋە كىرىلچە) ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ پەرقلىق ئوقۇتۇش سېستىمىلىرىنى بۇ مەقسەتنىڭ ئالدىدىكى بىر توسالغۇ دەپ قارايدۇ. پەرقلىق تىللارنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاشتا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. دەرس تىلىنىڭ ئورتاق بولىشى،  رايوننىڭ ۋە رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق بىر تارىخ تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئانا تىلدا ئوقۇشنى تەلەپ قىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر تەلەپتۇر. بۇ ھالەت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىم ئاساس ھەققى بولغان ئانا تىلدا ئوقۇش تەلىپى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىقلاشتۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدا بىر زىتلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. 1990- يىلىنىڭ يىلىنىڭ بېشىدا بار بولغان ئىككى خىل ئوقۇتۇش سىستېمىسىنىڭ بىرىدە، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئانا تىلىدا يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيتتى. يەنە بىرىدە بولسا ئوقۇتۇش تىلى پەقەتلا خىتايچە ئىدى. ئۇيغۇرلار، كۈلتۈر كىملىكى ۋە دىنى كىملىكىنى قوغداشتا  تىلغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ ساندىكىلىرى تەلىم- تەربىيە تىلى ئۇيغۇرچە بولغان مەكتەپلەرنى تاللايتتى. خىتايچە دەرس بەرگەن مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئالغان مەكتەپلەردىكى ھالەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايۋاتىدۇ (Benson, 2004: 191).

1985- يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئالتە يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۈچ يىللىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن شەكىللەنگەن توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قويدى ۋە ئۆلچەملىك خىتايچە، ئۆلكە تىلى سۈپىتىدە تەستىقلاندى. خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇرلاش بىر قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تىلىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رەسمىي تىل قىلىپ تەستىقلىنىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، 1993- يىلىدىن بۇيان خىتاي تىلىنى رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق تىلى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق خەت- ئالاقىلەرنىڭ خىتايچە ئېلىپ بېرىلىشىنى مەجبۇرى ھالغا ئېلىپ كەلدى Emet, 2008: 1) .

نۆۋەتتىكى مائارىپ سىستېمىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ دەرسلىكلىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلسىمۇ، ئاتالمىش ئاپتونومىيە بۇ مەسىلىدىمۇ مائارىپ سىستېمىسىنى ئۆلچەمگە لايىقلاشتۇرۇش نامى ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ئاز سانلىقلارنىڭ دەرسلىرىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى تەييارلىغان دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ تەرجىمىسىدىن تەييارلىنىدۇ (Benson, 2004: 18). ئاز سانلىقلار رايونلىرىدىكى ئاتا- ئانىلارنىڭ مەكتەپ تاللىشىدا ئاساسلىق ئىككى سەۋەب باردۇر. بۇلار كۈلتۈر ئەۋزەللىكى ۋە ماددى ئەۋزەللىكتۇر. ئاز سانلىق مەكتەپلىرىنى تاللاشتا كۈلتۈر ۋە كىملىكىنى قوغداش ئاساس قىلىنسا، خىتايچە ئوقۇتۇلغان مەكتەپلەرگە بالىلىرىنى ئەۋەتكەن ئاتا- ئانىلار، بالىلىرىنىڭ خىزمەت پۇرسىتىنى دەپ ئەۋەتىدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇش دائىرىلىرى، ئوقۇغۇچى ۋەلىلىرىنى بالىلىرىغا ئۆيدە دىن دەرسى بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى جاكارلىغان بىر توختامنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ ھالدا، ئوقۇغۇچى ھەر قانداق قىلىپمۇ دىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئارقىلىق دىننى قەتئىي ئۆگىنەلمەيدۇ ۋە ئىسلامى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالمايدۇ. ئەگەر بۇ توختامنى ئىمزالىمىسا مەكتەپ تۈزۈمىنى بۇزۇش دەپ قارىلىدۇ (Dillon, 2004: 126). ئىككى تىللىق ئوقۇتۇش دېيىش مۇمكىن بولمايدىغان بۇ مائارىپ سىستېمىسى، ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ ئاجىزلشتۇرىۋاتىپ ئىشلىتىش دائىرىسىنى تارلاشتۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرەل ياشىشىغا ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چەكلىمە قويىۋاتىدۇ. يەر ناملىرىنىڭ پەرقلىق ئىسىملارغا ئالماشتۇرىلىشى، مەسىلەن شىنجاڭ سۆزىنىڭ ئورنىغا شەرقى تۈركىستان ئىسمىنىڭ ئىشلىتىلىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستان ئىسمىنى پەقەتلا تېرورىزىم بىلەن باغلاپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدۇ. بۇ بولسا تېرمونولوگىيەنىڭ مەنپىي قوشۇمچە مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالىتىگە مەجبۇرى ھالدا ئېلىپ بارىدۇ.

5.4.3. ساغلاملىق

شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېنقى خەلقكە زىيان سالماقتا ۋە جىددىي كېسەللەرگە سەۋەپ بولماقتا. 1967- يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان سىناقلار نەتىجىسىدە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە دوكىلاتلار تەييار قىلىنىشغا قارىماي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېنقىنىڭ تەسىرىدىن ناھايىتى ئاز سۆز قىلىنغان. (دىللون 2004:55)  دۇئازېرنىڭ (2004) قارىشىچە ساغلاملىق مەسىلىلىرى ئۇيغۇلارنىڭ دۆلەت بىلەن پۈتۈن ئالاقىسىنى بەلگىلەيدىغان مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللاردۇر. راك كېسىلى، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلللەر شەرقىي تۈركىستاندا خېلىلا تارقالغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارغا قارىغاندا كۆپرەك تۇبېركۇليوز خەتىرى ئىچىدە ياشىماقتا. (دۇئازېر 2004:277) يەنە باشقا بىر خەتەر بولسا ھاراق، زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ھىۋى ۋە ئەيدىز كېسەللىكلىرى ئىچىدە ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاخىرقى ئون يىلدا كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقىدۇر. زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ھاراق خۇمارى بولۇپ قېلىشنى داۋالاش ناھايىتى چەكلىك ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزلىرى خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان رايۇنلاردا ۋە تۇرمىلارغا ئوخشاش جەمىيەتلەردۇر. (ئا گ ئە 280)

ساغلاملىق ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر پىنىسىپ بولسا پىلانلىق تۇغۇت مەسلىسى ۋە تۇغۇت تەكشۈرتۈش سىياسىيتىدۇر، يېزىلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ پەرزەنتلىك بولالىشى، شەھەردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى پەرزەنتلىك بولالىشىغا ئالاقىداردۇر.

تۇغۇت تەكشۈرتۈش پىرىنىسىپى بۇيىچە پەقەتلا مەجبۇرى ھالەتتە بالا ئالدۇرۋېتىش ۋە ئاغۋات قىلىشتىن ئىبارەتلا بولمىغان بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىلماقتا، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سالىدىغان ۋە جىنسىي مەشغۇلات قىلغاندا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى سۆز تېمىسى بولماقتا. (Amnesty international 1999:48) خىتاي دائىرلىرى بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي ئاياللارنىڭ تۇغۇش سانىنىڭ مەلۇم ساندا بىكىتىلىشىگە ئالاقىدار كىلىشىمنامىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن ھامىلىدارلىقنى چەكلەش، بۇنى قۇبۇل قىلمىغان ھامىلدارلار مەجبۇرى ۋە بىرلا ھەل قىلىش يولى بىلەن ئۇنى چۈشۈرۋېتىشكە تەكلىپ قىلىنماقتا. مەجبۇرى بالىنى ئالدۇرۋېتىش بولسا ئاياللار ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىنمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلماقتا. (ئا گ ئە : 49) مەجبۇرى بالىنى ئالدۇرۋېتىش ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىش شەخىسلەرنىڭ شەخسى ھاياتىغا بىۋاستە ئارىلىشىۋېلىش دېگەن بولىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى ئاساسىدا ساغلاملىق ھەققىنىڭ سەل قارىلىشى پەقەتلا ياشاش ھەققىنىڭ سەل قارىلىشى بىلەن ئەمەس ئوخشاشلا باشقا مىللەتلەرنىڭ ياشاش شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشى دېگەندەك شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

5.4.4. ئىشلەش ۋە ئىقتىسادىي ھايات

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى تېرىقچىلىق، يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە تىجارەتتۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئەترىتى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. جىگرالارنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە يەر تېرىيدۇ. ئېتىزلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئەترىتى ىرايۇننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇ ئەترەت ئەسكەرلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەمىناتىدىنمۇ مەسئۇلدۇر. بۇ ئەترەتنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىمى خەن- خىتايلاردۇر ۋە ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىشتىن چەتكە قېقىلغان.  ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر ئىشلەش ھاياتىدا ئايرىمچىلىققا ئۇچۇرماقتا  ۋە يىڭى تىرىشچانلىقلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا.  رايۇندىكى تەرەققىيات ۋە پەرقلەر پەقەت مۇشۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچىيىشكە سەۋەب بولماقتا. ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار ئۇيغۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ئىشقا ئېلىنماسلىقىنى  كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ 80% نامراتلىق ئۆلچىمنىڭ ئاستىدا ھايات كەچۈرمكتە. (گرىم 2009:6) ئۇيغۇر دېھقانلار، باجنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن ۋە ئايرىمىچىلىق سىياسىتىدىن ئازاپ چىكىش بىلەن بىرلىكتە تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەتكە سېتىشكە مەجبۇر قىلىنغالىقى ئۈچۈن ئەركىن بازارلاردا ئاشلىق تىجارەت قىلىش ئىمكانى يوق بولماقتا.

5.4.5. مۇھىت

خىتاينى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەشتە شەرقىي تۈركىستان مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئوتتۇرغا قويلىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۇغا ئېھتىياجلىق يەرلەرنىڭ سۇغا ئېرىشىشى يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ئىنتايىن قىيىن بولىشىدۇر. بۇمۇ شۇ رايۇننىڭ سىجىل ھالەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئالدىدا بىر توسالغۇنى تەشكىل قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن رايۇنىنىڭ سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي سۇ مەسىلىسىنى كۆزدىن كەچۈرىشى كېرەك. (چۈشىن & شىياۋ 1995 Akt : toopsn2004: 269)

يەنە باشقا بىر مەسىلە بولسا سۇ مەنبەلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە قۇرۇپ كېتىشىدۇر. پاختا ۋە نىفىت ئىشلەپچىقىرىشقا بەك ئەھمىيەت بىرىش ئېكولوگىيىلىك جەھەتتە تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا ئېلىپ بارماقتا. سانائەت مەھسۇلاتى شەكىلدە پاختا ئىشلەپچىقىرىش سۇ مەنبەسىنى يوق قىلدى ۋە كىرلەتتى.

5.4.6. بىخەتەرلىك

ئۆلۈم جازاسىنىڭ بولىشى خىتاي تەنقىدكە ئۇچۇرغان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ خىل جازا خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن.  ئۇنىڭدىن سىرت ئىنسان ھەقلىرىگە سەل قارىغان قىيناش ئۇسۇللىرى، تۇتقۇنلارغا قارشى ناچار مۇئامىلە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەكىتلىگەن ۋە تەنقىد قىلغان مەسىلىلەر قاتارىدا يەر ئالىدۇ. دوكۇلات 1997- يىلى مەيدانغا كەلگەن غولجا ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاينىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئىجرا قىلىنمىغان قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا(شەرقىي تۈركىستاندا) ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ( Amnesty international 1999:41)

بۇنىڭغا قارشى دۆلەت ئورگانلىرى رايۇندا زۇلۇمنى قانۇنلۇق يول ئارقىلىق باشقۇرۇش ئورنىشىدا بولمىغان. ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشىنىڭ دىققەت نەزەرگە ئېلىنماسلىقى ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش توقۇنۇشنىڭ كېلىش چىقىشقا ئىمكان يارارماقتا. (مەخلەر 2000: 40) مۇشت بىلەن قاتتىق ئۇرۇش، توكلۇق كالتەك، كېشەن، زەنجىر ۋە ئارغامچا قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىشى، قول ۋە پۇتتىن ئېسىش، قاتتىق سوغۇق ۋەياكى قاتتىق ئىسسىققا تاشلاپ قويۇش، جىنايەتچىنىڭ نىرۋا سىستېمىسىغا تەسىر بېرىدىغان ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا يول ئاچىدىغان ئوكۇللارنى ئۇرۇشى بۇ قىيناشلارنىڭ پەقەتلا بىرقانچىسىدۇر. (Amnesty international 1999:42)

بىخەتەرلىك تېمىسىدىكى باشقا بىر نۇقتا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە خىتايغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشى بولۇپ ئۇيغۇلارنىڭ باياناتچىسى ئورنىدا ھېساپلىنىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ يۇقارقى كۆزىتىلىدىغانلارنىڭ بىرىدۇر. (قادىر & جاۋلىس 2009: 454)

5.4.7. سىياسىي ھەقلەر ۋە ئەركىنلىكلەر

خىتاينىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرى پەقەت يۇقۇرىدىكى تىلغا ئېلىنغان ساھەلەردە چەكلىنىپلا قالماي سىياسىي ئىشتىراك قىلىش، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئىلان قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى، ئۆزئارا يېغىلىش قىلىش ئەركىنلىكى،  سىياسىي تەشكىلات قۇرۇش ئەركىنلىكى، سايلام ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تۈركۆز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ سايلام ھوقۇقى بولىشىغا قارىماي بىرلا پارتىيە بولىغانلى سەۋەپتىن سىياسىي ئىشتراك قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (تۈركۆز 2010:72) خىتاي بولمىغانلارنىڭ ئۆزئارا يېغىلىش قىلىش ئەركىنلىكى مەركىزى ھۆكىمەت تەرپىدىن سەل قارىلىپ كەلمەكتە ۋە پائالىيەتلەر ئەسكىرىي كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇلماقتا. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتايدىكى دېمۇكراتىيە كەمچىلىكى ۋە خىتاينىڭ بىر ئاساسىي قانۇنغا ئىگە بىر دۆلەت بولماسلىقى توقۇنۇشنىڭ ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

6. ئۈچۈنچى بىر تەرەپنىڭ رولى

ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باياناتچىسى ئورنىدا دۆلەت ھالقىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بولۇش بىلەن بىرگە بۇلارنىڭ ئىچىدە گەۋدىلىك رول ئوينايدىغان 2004- يىلى مۇنىھتە قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇلارنىڭ يىگانە ۋەكىلى شەكلىدە قۇبۇل قىلىنغان. بۇ خەلقئارالىق بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەمدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ مەنپەئەتلىگە ۋەكىللىك قىلماقتا. تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى دېموكراتىك مەنپەئەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش، پۈتكۈل ئۇيغۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە سىياسىي ساھەدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ نۇقتىدا قۇرۇلتاي قارشى ھۆكۈمەت بىلەن دىئالوگ ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش دېمۇكراتىك يوللارنى قوللانغان. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۈچۈنچى قوللىغىچى بولغان بەزى بەزىدە تىلغا ئېلىنغان ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى تۈركىيە يەنى بىرى ئامىرىكادۇر. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىگە تۇتقان پۇزىتسىيىنى قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈش كېرەك. تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىردىكى خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىدە تارىخى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇرۇق-تۇققانچىلىق  رول ئوينىماقتا. دېمىرەل ۋە ئۆزالغا ئوخشاش تۈركىيەلىك سىياسىيونلار شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي تەرپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. (estem turkestan information November 1991; Akt: Dillon 2004:133)

مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلغان بولسىمۇ مەسىلىنى ھەل قىلغۇدەك شەكىلدە خىزمەتلەر ئېلىپ بېرەلمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۈچۈنچى بىر تەرەپنىڭ بۇ ئىپادىلىرىگە« بۆلگۈنچىلىككە، چەتئەل كۈچىگە قارشى تۇرايلى! »دېگەن شۇئار بىلەن جاۋاپ بەردى. تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قانچىلىك سەزگۈر بولسىمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە كۆرۈشتىن ئاجىز قىلىپ قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بۇ مەسىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇلارنىڭ باياناتچىسى بولۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە ۋە كۆچمەن ئۇيغۇرلاغا ساھىپخانلىق قىلىشتىن ھالقىپ كېتەلمىدى.

ئامېرىكا خىتاينى ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار ئۇنۋېرسال توختاملارغا رىئايە قىلماسلىق بىلەن تەنقىد قىلماقتا. 11- سېنتەبىر ۋەقەسىغىچە ئۇيغۇلار ئۆزىنىڭ ھەق داۋاسىدا ئۆزلىرىگە ئامېرىكىدىن ياردەم كېلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى 2001 دىن بۇرۇن ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆز رازىقى بىلەن ئارلاشمىدى ۋە خىتاي كۈندىن كۈنگە سىياسىي كۈچنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئىقتساتتا يۈكسەلگەن كۈچ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. بۇ مۇددەتتە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ كۈزىتىلىشى ۋە دوكىلاتلار تەييار قىلىنىشىتا ناھايىتى چەكلىك دائىرىدە رول ئوينىدى.(دىۋيەر 2005:66) خىتاي ھۆكىمىتى ئۇيغۇلارنىڭ ئۆزى قارشى چىققانلارنى تىروچىلار دەپ ئىسىم قويغان ۋە ئۇيغۇلارنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتلىرىغا«سىرتتىكى دۈشمەن كۈچلەر»دەپ قارىغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پۇزىتسىيىەسىدە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلار بولغان. بىر تەرەپتىن 11.- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ تەسىرى سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە تىروچىلار  دەپ قالپاق كەيدۈرۈشكە قاراپ ماڭماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ئېشىپ بارماقتا ۋە ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرى باياناتچىسى دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى 2002.يىلى خەلقئارالىق بىر تىرورىست بىر كۈچ دەپ تىزىملىككە كىرگۈزگەن ۋە ئۇسامە بىللادىن تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن دەپ دەۋا قىلدى. (Clarke 2010:6) خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئامېرىكا تەرپىدىن تەسىرلىنىشى ئۇيغۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەۋاگەرلىرى ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىنى تارتىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكىمىتى ئامېركىدىن  باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تىروچىلار دەپ قالپاق كەيدۈرۈپ بېرىشىنى ۋە گۇۋانتانامو تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەمما لېكىن ئامېرىكا بۇ تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى. 2004. يىلى ئامېرىكا مىللىي دېموكراتىيە ئىئانە فوندىدىن ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىيتىگە 75.000 دوللار قىممىتىدىكى ئىئانە ياردەم قىلغان ۋە رابىيە قادىر خانىمنى  كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى دەپ ماختىغان. (ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىيتى2007)

7. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى

ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشىدە ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى ھالەتنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ۋە ۋەزىپىسىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىمدۇر،بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوغداش مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆزلەش لازىم ،قوغداش مەسئۇلىيىتى دېگىنىمىزدە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مىللىي ۋە ئىرقىي قىرغىچىلىق ،ئۇرۇش جىنايتى ۋە ئىنسانلارغا يۈرگۈزۈلگەن جىنايەتنىڭ توختىشى قاتارلىق ئاساسىي پىرىنسىپلەرگە ئاساسەن بىر سىياسىي كەيپىيات ھاسىل قىلىش دېگەنلىكتۇر ،قوغداش مەسئۇلىيىتى ئۈچ ئاساسىي نۇقتا ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ،بىرىنچىدىن ،مەۋجۇت بولغان پىرىنسىپلارنىڭ جەملىنىشى ۋە كۈچلەندۈرلىشى،خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ جارى قلىنىشى ئۈچۈن ياردەم قوبۇل  قىلىنىشى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلمىغاندا ئۇلارغا قارشى نارازلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى ،مىللىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچلىق ،ئىنسانلارغا يۈرگۈزۈلگەن جىنايەتلەردە قوغداش مەسئۇلىيىتى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇر خىتاي ئارىسىدىكى بۇ زىددىيەت توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان  ۋە جىددى ۋە مۇھىم بولغان ۋە ئىنسان ھەقلىرنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 1997 يىلىدىكى غۇلجا قەتلىئامى، ۋە 1996- يىلىدىكى سىترىكە خارد مەزگىلى ۋە 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرۇلىشىدۇر. قوغداش مەسئۇلىيىتىى ئالدى بىلەن دۆلەت پۇقرالىنى قوغداشنى كۆرسىتىدۇ،دۆلەتنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ئۇنىڭغا بىر ھەق ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەت ئارتماقتا، مەسىلەن: خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغدىشىنى كۆرسىتىدۇ ئەمما دۆلەت بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىسا، خەلىقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن سورىلىشى كېرەك، بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىي نىشانى خەتەر ئاستىدا قالغان ئىنسانلارنى قوغداش ۋە ساغلام ھايات كەچۈرۈشكە كېپىللىك قىلىشتۇر،قوغداش مەسئۇلىيىتى كۈن تەرتىپكە كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك ئورگىنى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ باياناتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بايانات بېرىشى ۋە بەش ئەزا دۆلەت ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشى كېرەك بولۇپ خىتاي شۇلارنىڭ بىرىسىدۇر. قوغداش مەسئۇلىيىتىگە قارشى ئۈچ مۇھىم خىرىس ئاساسلىق نۇقتىلاردىن بولۇپ،سىياسى ئىرادىنىڭ كەمچىللىكى، ھەق ھوقۇق كەمچىلىلكى ۋە سىياسىي سىتراتىگىيە كەمچىللىكىدۇر، خەلقئارالىق يۇقىرى ئورگاندا خىزمەت قىلغان ئاكتىيورلار سىياسىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىكەن،خەلقئارالىق ھوقۇقتىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتمەكتە، (خامىلىتون 2006 :296-296) قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ قوللىنىشى ۋە يەرلىشىشى ئۈچۈن ئىككى ئاساسىي مۇھىم چەك -چېگرالىق نۇقتا بار،جەمئىيەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن جىنايەت ۋە ئىنسانىي جىنايەتكە قارشى بىر چەك چېگرا قويۇلىشى كېرەك، (بېللامىي 2010:151) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇھەقتە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇق پىرىنسىپى يولغا قويغان شۇ سەۋەبتىن ،تىلغا ئېلىنغا زىددىيەت توقۇنۇشتىكى ئىنسان ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ھەققىدە بىرەر پىكىر ئالالماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ قوغداش مەسئۇلىيىەت ۋەزىپىسى ئىجرا بولمىدى.

8. خۇلاسە

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولسا ئاپتونۇم رايوننىڭ ئۆزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى تەرتىپكە سېلىشى ئۈچۈن  ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان چەك چېگرالىق بىر ھەق ھوقۇقتۇر، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدىن مۇستەقىل بولۇشى تېخىمۇ ياخشى،ئۆز ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىدىغان ھالەتكە كېلىشتۇر.ئۆز ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقى بولسا،خەلقلەرنىڭ سىياسى ھەق ھوقۇقى،ۋە تەبئىي بايلىق ھەققىدە قارار بېرىش ۋە ئېلىش ھوقۇقىدۇر.تەبئىي بايلىقلارنى ئىشغال قىلىش، بۇلاڭ -تالاڭ قىلىش، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشىنى توسۇش بولسا زىددىيەت توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەردىن بىرىدۇر،ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھەققىدىكى ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىشى ئىنسان ھوقۇقىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىدۇر ۋە بۇ ھەق بولسا  ئەڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقىلىرىدىن ئىبارەتتۇر، باشقا تەرەپتىن ئېلىپ ئېيىتساق بۇ ھەق ھوقۇقنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشىدە دۆلەتنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى مۇنازىرىگە قويۇلماقتا.

ئىچكى ئىشلىرى (يەنى ئۆزى ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش)، ئىچكى ۋە تاشقى ھەق ھوقۇقى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئىچكى ئىشلىرى يەنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش بولسا تاشقى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ نېگىزىدۇر،ئىچكى ھەق ھوقۇقى بولسا بۈگۈنكى كۈنىمىزدە دۆلەتلەر ئىچىدە ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئورنىغا ماس كېلىدۇ،شۇ سەۋەبتىن قىسمەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەڭ قوللانغان بىرلىكتۇر،سىياسىي ئاپتونوميە ھوقۇقى ۋە ئۆزى ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقى بولسا ئوتتۇرا يولنى يەنى چەك چېگرالىق بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسەتمەكتە،سىياسىي ئاپتونومىيە  ھەققى بولسا،مىللەتلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇللىرى ئاراسىدا ھەرخىل پەرىقلەرنىڭ بولغاندا،ئىنسان ھەقلىرى ئىزچىل ھالدا تاجاۋۇزغا ئۇچرىشى،ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا پەقەت ئەڭ ئاخىرىقى ئامال دەپ تونۇلغان ھەق ھوقۇق دەپ رەسمىي شەكىلدە  يولغا قويۇلماقتا،تېئورى قىسمىدىكى پۈتۈن مۇزاكىرىلەر ،ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ھەق ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزىلىشىدە خەلىقئارادىكى ھەق ھوقۇقنىڭ قىيىنچىلىقنى كۆرسەتمەكتە،مۇستەقىللىقنىڭ قولغا كېلىشى بولسا چوقۇمكى ئىزچىل يۈز بېرىۋاتقان  زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ  ھەل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ،

ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان ئەمما بۈگۈن بولسا ئاز سانلىق دەپ تونۇلغان ئۇيغۇرلار   تارىختا، شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن تۇرك خانلىقىنى قۇرغان، 1933- ۋە 1944- يىللرىىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامىدىكى ئىككى مۇستەقىل  دۆلەتنى ھەم قۇرغان پەقەت 1949- يىلىدىكى خىتاينىڭ ئىشغال قىلشى ئارقىلىق ئاپتونۇم رايون خىتاينىڭ كونتىروللىقىغا كىردى ۋە 1955 يىلدا ئاپتونۇم رايون دەپ ئېلان قىلىندى.شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرلارنى ئاپتونۇم رايۇنغا مەجبۇرى كۆچۈرۈلمەستىن بۇرۇن مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيتتى،ئانالىز قىلىنغان مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىگىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مەقسەتلىك  ھالدا سىياسىي ئويۇن ئوينىغىنى بىلدۈرمەكتە، شەرقىي تۈركىستان سېستىمىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئىچكى ئېكىسپالاتسىيە ئورنىغا ئايلاندى، توقۇنۇشنىڭ بىر تەرىپى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە د ئۇ ك  خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش ۋاستىلارغا، كۈچكە ۋە ھەق ھوقۇققا ئىگە ئەمەستۇر، گەرچە ئۇيغۇرلار بۇ رايوندا كۆپ سانلىق  مىللەت ھالىتىدە  تۇرغان  ۋە بۇ رايوننىڭ يەرلىك كىشىلىرىدىن بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي، مىللىي قىرغىنچلىققا ئۇچراپ ئاز سانلىق دەپ تونۇلۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىي ئويۇنلىرىغا قارىشى بەزى ھەرىكەتلەر يۈز بەردى ۋە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن قارشىلىقلار قانلىق ھالدا باستۇرۇلدى، سىترىكە خارد مەزگىلى خىتاينىڭ قاتتىق سىياسىيتىنى كېڭەيتكەن بىر مەزگىل بولدى. خىتاي 11- سېنتەبىر ئۇيغۇرلاغا قارشى  يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەرخىل قاتناش ۋاستىلىرنى قوللاندى، توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنالمىغانلىقىدۇر،سىياسىي ئاپتونۇمىيە ھوقۇقى ۋە رايون تەۋەلىكى زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق مۇھىم نۇقتىسىدۇر، ساندا كۆپ سانلىق بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ خۇسۇستا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارا ئېلىش ۋە بېرىش جەھەتتە چەتكە قېقىلىشى زىددىيەت توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) ئالاھىدە بىر رايۇن بولۇش نامى بىلەن ئاتالسىمۇ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەستۇر، ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس بىر ھەققىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن گەرچە ئىنسانى ھەق ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان، تارتىۋېلىنغان، ئىشغال قىلىنغان ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىسىمۇ بۇ ھەق ھوقۇقتىن مەھرۇم قالدى، دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدىشىنى خىتاي دۆلەتنىڭ  ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى بىر نارازلىق، قارشىلىق دەپ بىلمەكتە ۋە بۇ ھەقتە ھېچ بىر بىلىمگە ئىگە ئەمەستۇر.

خام ماددا تاران تاراچ قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ھەقلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىغا ئېرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ سەۋەبىدۇر، رايوننىڭ نېفىت، پاختا، تۇز، ئالتۇن ۋە كۆمۈر قاتارلىق  يەر ئاستى بايلىقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تارتىۋېلىنماقتا، ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مۇنقەرىز قىلغان تۇپرىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ بېرىشى، خەلىقنىڭ نۇپۇس سىستاستىكىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھەم زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى 1949-يىلىدا ئاپتونۇم رايۇندىكى  ئومۇمىي خەلىقنىڭ 93 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. بۇ مىللەت 1997-يىلىدا 47 پىرسەنىتكە چۈشكەن ئىدى، مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىشى بولسا خىتاينىڭ بىر سىياسىي ئويۇنىدۇر. زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ مۇھىم بولمىغان ئەمما ئاخىرقى سەۋەبى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇشى ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئويۇنى.

دىنى پائالىيەتلەر قانۇنسىز دەپ ئىبادەتلەر چەكلەنمەكتە، ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنىڭ ئىزچىل ئۆزگەرتلىشى ئۇيغۇر تىلىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ زامانىۋىلاشقان بىلىم ئېلىش قۇرۇلمىسىغا يۈزلەندۈرۈش دەپ نام بەرگەن بىر سىياسىيى ئويۇنىدۇر، ئىككى تىلنىڭ بىر مائارىپ  سېستىمىسىغا كىرگۈزۈلىشى ۋە ئوقۇتۇتۇش ماتىرىياللىرىنىڭ  خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپىدىن تەييارلىنىشى بولسا ئورتاق بىر تارىخى جەريان پەيدا قىلىش ئويۇنىدۇر، ئاپتونۇم رايونغان يېقىن بولغان يەرلەردە سىناق قىلىنغان ئاتوم سىنىقى، ئائىلىلەرگە يۈرگۈزگەن پىلانلىق تۇغۇن سىياسىتى قاتارلىق مەجبۇرى  ساغلاملىق دېگەن ئاتاق بىلەن ناملاندۇرغان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش ئويۇنىدۇر، مەمۇرىي ۋە ئىدارە جەمئىيەتتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە خىتاي پۇقرالىرى ئورۇنلاشتى، ئاپتونۇم رايون تەۋەلىكىدە سۇ بايلىقىنىڭ تۈگىشى ۋە تۇپراقنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەق ۋە ھۆرلۇلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىشى زىددىيەت تقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەردىن ئىبارەت، ئۆلۈم جازاسىنىڭ بېرىلىشى بولسا ناھايتى كەڭ ككلەملىك بىر جازادۇر ۋە تۈرمىلەردە ئىنسان ئىززىتىنى دەپسەندە قىلغان ھەر تۈرلۈك ئىشكەنجە ئۇسۇللىرى بار.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھە ھۆرلۈكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىردىنبىر ئورۇندۇر، تۈركىيە، ئامېرىكا، شەرقىي تۈركىستان ھەقلىرىنىڭ باياناتچىسى ۋە ياردەمچىسى بولۇپ ئۈچۈنچى تەرەپتىن ياردەم ئورۇنلىرى بولۇپ تونۇلۇپ كەلمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى قوغداش مەسئۇلىيىنى ئىجرا قىلمىدى. ئىنسانلارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن بۇ جىنايەتكە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھېچ ئاۋاز چىقارمىدى.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى مەنبەسى: Uygur Çin Çatışmasının Kökenleri ve Boyutları Üzerine Bir Analiz

پايدىلانغان مەنبەلەر:

Ahlbrecht, K. vd. (2009). Konfliktregelung und Friedenssicherung im internatio- nalen System, Wiesbaden: VS Verlag für Sozialwissenschaften.

Amnesty International (1999). People’s Republic of China. Gross Violations of Human Rights in the Xinjiang Uighur Autono- mous   Region,  London. http://www.refworld.org/pdfid/3ae6a 9eb0.pdf adresinden erişildi.

Amnesty International. (2010). Justice, Justice – The July 2009 Protests in Xinjiang Chi- na.  London.

https://www.amnesty.org/download/ Documents/36000/asa170272010en.pdf adresinden erişildi.

Atlı, Altay. (2011). The Role of Xinjiang Uy- ghur Autonomous Region in the Eco- nomic Security of China, USAK OAKA, 6(11),111-133.

Basso, Martina. (2001). Das Galtungsche Verständnis von Konflikt und der Nutzen (Tiefen-) kultureller Erkenntnisse für die gewaltfreie bzw. gewaltarme Bearbeitung von Konflikten, Berlin: Mennonitisches Friedenszentrum Berlin (MFB).

Becquelin, N. (2000). Xinjiang in the Nineties,

China Journal, 44, 65-90.

Bellamy, A. J. (2010). The Responsibility to Protect: Five Years On, Ethics and In- ternational Affairs, 24(2), 143- 169.

Benson, L. (2004). Education and Social Mobil- ity among Minority Populations in Xinjiang, (Editör: S. F. Starr) içinde, Xinjiang. China’s Muslim Borderland, New York: M.E. Sharpe, Central Asia- Caucasus Institute.

BM (1966). Siyasi ve Medeni Haklara İlişkin Uluslararası  Sözleşme. https://humanrightscenter.bilgi.edu.tr

/media/uploads/2015/08/03/MedeniVe SiyasiHaklaraIliskinSozlesme.pdf adresinden erişildi.

BM (2007). Birleşmiş Milletler Yerli Halklar Bil- dirgesi. http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/ documents/DRIPS_Turkish.pdf adre- sinden erişildi.

Bovingdon, Gardner. (2010). The Uyghurs –

Strangers in Their Own Land, USA: Co- lumbia University Press.

Boysen, S. (2009). Selbstbestimmungsrecht und Recht auf Demokratie, (Editör: P. Hilpold) içinde, Das Selbstbestim- mungsrecht der Völker. Vom umstritte- nen Prinzip zum vieldeutigen Recht?(ss. 75- 105), Frankfurt am Main: Peter- lang.

Burke, Peter. (2014). Tarih ve Toplumsal Kuram (Çeviren: M. Tunçay), 6. Basım, İstan- bul: Tarih Vakfı Yurt Yayınları.

Clarke, M. E. (2010). China, Xinjiang and the Internationalization of the Uighur Is- sue. Global Change, Peace & Security, 22(2),                213-229.

http://www98.griffith.edu.au/dspace/ bitstream/handle/10072/38927/70303_1

.pdf?sequence=1  adresinden 15.05.2013 tarihinde erişildi.

CNN Türk (2014). Sincan Uygur Özerk Bölge- si’nde   Oruç  Yasağı!, 02.07.2014.

https://www.cnnturk.com/haber/dun ya/sincan-uygur-ozerk-bolgesinde- oruc-yasagi adresinden 30.04.2018 ta- rihinde erişildi.

Danspeckgruber, W. F. (2005). Self- Govern- ance plus regional integration: A pos- sible solution to self- determination claims, (Editör: M. Weller & S. Wolff) içinde, Autonomy, Self- Governance and Conflict Resolution: Innovative approach- es to institutional design in divided socie- ties (ss. 23-42), New York: Routledge.

Dautcher, J. (2004). Public Health and Social Pathologies in Xinjiang, (Editör: S. F. Starr) içinde, Xinjiang China’s Muslim Borderland, New York: M.E. Sharpe, Central Asia- Caucasus Institute.

Dillon, Michael. (2004). Xinjiang – China’s Muslim Far Northwest, Curzon, Lon- don, Eastbourne: Routledge.

Dwyer, A. M. (2005). The Xinjiang Conflict: Uyghur Identity, Language Policy, and Political Discourse, Policy Studies,

East- West Center Washington. Emet, E. (2008). Çin’in Çift Dilli Eğitim Adı

Altında Uygur Türkçesini Yok Etme Politikası, Köksav E-Bülten, Ankara: KÖK Sosyal ve Stratejik Araştırmalar Vakfı.

Falk, R. A. (1997). The Right of Self- Determi- nation Under International Law: The Coherence of Doctrine versus the In- coherence of Experience. Chapter 2, (Editör: W. Danspeckgruber & A. Watts) içinde, Self- Determination and Self- Administration, London: Lynne Rienner Publishers.

Fisch, J. (2009). Die Geschichte des Selbstbes- timmungsrechts der Völker, oder der Versuch, einem Menschenrecht die Zähne zu ziehen, (Editör: P. Hilpold) içinde, Das Selbstbestimmungsrecht der Völker. Vom umstrittenen Prinzip zum vieldeutigen Recht?(ss. 45-74), Frank- furt am Main: Peterlang.

Friberg, E. (2005). Masters of Their Home- lands: Revisiting the Regional Ethnic Autonomy System in China in Light of Local Institutional Developments, (Editör: M. Weller & S. Wolff) içinde, Autonomy, Self-Governance and Conflict Resolution: Innovative Approaches to In- stitutional Design in Divided Societies (205- 229), New York: Routledge Tay- lor and Francis Group.

Gladney, D. (1996). Ethnic Conflict Prevention in the Xinjiang Uyghur Autonomous Re- gion: New Models for China’s New Re- gion, Draft  02.07.2013.

http://www.incore.ulster.ac.uk/public ations/pdf/xuar.pdf adresinden 06.02.2014 tarihinde erişildi.

Grimm, J. S. (2009). Xinjiang: Chinas Pulverfass, Konrad Adenauer Stiftung, China Bü-ro Shangai.

http://www.kas.de/wf/doc/kas_16960- 1522-1-30.pdf?090708042117    adresin-

den 06.04.2013 tarihinde erişildi.

Hamilton, R. J. (2006). The Responsibility to Protect, from Document to Doctrine- But What of Implementation?, Har- vard Human Rights Journal, 19,289- 297.

HIIK (2018). Conflict Barometer 2017. https://hiik.de/konfliktbarometer/aktu elle-ausgabe/ adresinden erişildi.

Hilpold, P. (2009). Die Sezession – zum Ver- such der Verrechtlichung eines fak- tischen Phänomens, (Editör: P. Hil- pold) içinde, Das Selbstbestim- mungsrecht der Völker. Vom umstritte- nen Prinzip zum vieldeutigen Recht? (ss. 11- 44), Frankfurt am Main: Peterlang.

Horowitz, D. L. (2003). A Right to Secede?, (Editör: S. Macedo & A. Buchanan) içinde, Secession and Self- Determina- tion, New York: New York University Press.

ICISS (2001). Responsibility to Protect- Engaging Civil Society. A Project of the World Fed- eralist Movement’s Program on Prevent- ing       Conflicts-              Protecting            Civilians. http://responsibilitytoprotect.org/R2P Summary.pdf adresinden 07.02.2014 tarihinde erişildi.

Independent (2017). China bans Islamic baby names in Muslim majorityXinjiang pro- vince,            25.04.2017https://www.independent.co.uk/news

/world/asia/china-ban-islamic-baby- names-muslim-xinjiang-province- uyghurs-burqa-islam-jihad-human- rights-a7700646.html adresinden eri- şildi.

Kadir, R.& Cavelius, A. (2009). Ejderha Savaşçı- sı, İstanbul: Pegasus.

Mackerras, C. (2009). Xinjiang and Central Asia since 1990: Views from Beijing and Washington and Sino-American Relations, (Editör: C. Mackerras & M. Clarke) içinde, China, Xinjiang and Central Asia: History, Transition and Crossborder Interaction into the 21st Century, London: Routledge.

Mehler, A. (2000). Alles Krise oder was?, (Edi- tör: B. Fahrenhorst) içinde, Die Rolle der Entwicklungszusammenarbeit in gewalttätigen Konflikten (ss. 32- 44), SID-Berichte 11, Berlin.

Mitchell, C. R. (1991). Classifying Conflicts: Asymmetry and Resolution. Annals of the American Academy of Political and Social Science, 518, 23-38.

Nicholson, Michael. (1992). Konfliktanalyse. Einführung in Probleme und Methoden, Studienbücher zur Sozialwissen- schaft, Band 3, Düsseldorf: Bertels- mann Universitätsverlag.

Pei, M. (2002). Self-Administration and Local Autonomy: Reconciling Conflicting Interests in China, (Editör: W. Dan- speckgruber) içinde, The Self- Determination of Peoples: Community, Nation and State in an Independent World (ss. 315- 332), London: Lynne Rienner Publishers.

Rauschning, Dietrich. (1997). Key Resolutions of the United Nations General Assembly. 1946-1996, Cambridge: Cambridge University Press.

Ropers, N. (1995). Die friedliche Bearbeitung ethno- politischer Konflikte: Eine He- rausforderung für die Staaten- und Gesellschaftswelt, (Editör: N. Ropers & T. Debiel) içinde, Friedliche Konf- liktbearbeitung in der Staaten- und Ge- sellschaftswelt, Bonn: Stiftung Entwick- lung und Frieden.

Rosskopf, Ralf. (2004). Theorie des Selbstbes- timmungsrechts und Minderheitenrechts. Fortentwicklung der Gruppenrechtstheo- rie im Staats- und Völkerrecht. Abhand- lungen zu Migration und Flüchtlingsfra- gen, Band 3, Berlin: BWV- Berliner Wissenschafts- Verlag.

Rudelson, J. & Jankowiak, W. (2004). Accul- turation and Resistance. Xinjiang

Identities in Flux, (Editör: S. F. Starr) içinde, Xinjiang. China’s Muslim Bor- derland. New York: M.E. Sharpe, Cen- tral Asia- Caucasus Institute.

Salzborn, S. (2009). Ethnischer Selbstbestim- mungsanspruch contra demokratisc- hes Selbstbestimmungsrecht, (Editör:

Hilpold) içinde, Das Selbstbestim- mungsrecht der Völker. Vom umstritte- nen Prinzip zum vieldeutigen Recht? (ss. 107- 130), Frankfurt am Main: Peter- lang.

Scherrer, C. P. (1995). Selbstbestimmung statt Fremdherrschaft. Sezessions- und Au- tonomieregelungen als Wege zur konstruktiven Bearbeitung ethno- na- tionaler Konflikte, (Editör: N. Ropers & T. Debiel) içinde, Friedliche Konf- liktbearbeitung in der Staaten- und Ge- sellschaftswelt (ss. 257- 283), Bonn: Stif- tung Entwicklung und Frieden.

Toops, S. W. (2004). The Ecology of Xinjiang. A Focus on Water, (Editör: S. F. Starr) içinde, Xinjiang. China’s Muslim Bor- derland, New York: M.E. Sharpe, Cen- tral Asia- Caucasus Institute.

Türköz, Ahmet. (2010). Doğu Türkistan’da İn- san Hakları, İstanbul: Doğu Kütüpha- nesi.

Uygur Amerikan Derneği (2007). http://uyghuramerican.org/ adresin- den erişildi.

Van Wie Davis, E. (2008). Uyghur Muslim Ethnic Separatism in Xinjiang, China, Asian Affairs: An American Review, 35:1, 15-30.

Wacker, G. (2009). Unruhen in China. Eth- nische Konflikte und ihr sozialer Kon- text,    SWP-   Aktuell 39.

http://www.swp- ber-

lin.org/fileadmin/contents/products/a ktuell/2009A39_wkr_ks.pdf  adresin- den 10.04.2013 tarihinde erişildi.

WUC (2013). Homepage. http://www.uyghurcongress.org/en/?c
ategory_name=wuc-relatednews&paged=19 adresinden erişildi.

Zhao, Suisheng. (2004). A Nation- State by Con struction: Dynamics of Modern Chinese
Nationalism
, Stanford: Stanford University Press

Citation Information/Kaynakça Bilgisi
Çiçek, A. (2018). Uygur-Çin Çatışmasının Kökenleri ve Boyutları Üzerine Bir Analiz, Jass Studies-The Journal of Academic Social Science Studies, Doi number:http://dx.doi.org/10.9761/JASSS7689, Number: 69 Summer II 2018, p. 417-440

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top