You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئامېرىكا كونسۇلى ۋارد: سوۋېت ئەمەس، خىتاي ئۆزى جاۋابكار!

ئامېرىكا كونسۇلى ۋارد: سوۋېت ئەمەس، خىتاي ئۆزى جاۋابكار!

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپلىرىدىكى 1944-يىلى پارتىلىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئائىت ھۈججەتلەردىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر ھۈججەت 1944-يىلى 10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى روبېرت ۋارد (Robert Ward) تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا يوللانغان بىر پارچە تېلىگرامما بولۇپ، ۋارد ئەپەندى خىتايلارنىڭ نويابىر ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىنى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئارتىپ قويغانلىقىغا بولغان گۇمانىنى تەپسىلىي دوكلات قىلغان. تېلىگراممادا خىتايلارنىڭ كۆرسەتكەن «پاكىت»لىرىنىڭ تۇترۇقسىزلىقى ۋە ئاساسسىزلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كونسۇل ۋارد ئەپەندى بۇ ئاتالمىش «پاكىت»لارنى بىتەرەپ نۇقتىدىن تەھلىل قىلغان ۋە بىرمۇبىر رەت قىلغان. شۇنداقلا قوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشىغا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قەبىھ مۇستەملىكەچى سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى، خىتايلارنىڭ بولسا ھەقىقەتكە يۈزلىنىشى ۋە خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئىزچىل باش تارتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا، بۇنداق قەبىھ سىياسەتلەرنىڭ ھامان ئەڭ مۇلايىم ۋە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىمۇ ئىسيان قىلىشقا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدەك مۇقەررەرلىكنى قەيت قىلغان. مەزكۇر ھۈججەت خىتاينىڭ ئەينى چاغدىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان بىر دۆلەت دىپلوماتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا بىتەرەپ نۇقتىدا تۇرۇپ بەرگەن لىللا باھاسى بولۇشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خاتالىقىنى ھېچ ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇستەملىكەچى بىر ھاكىمىيەتلىك خارەكتېرىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقى بىلەن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. 


ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل (ۋارد)دىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا

2-نۇمۇر
1944-يىلى 10-دېكابىر، ئۈرۈمچى
[1045-يىلى 13-يانۋار تاپشۇرۇۋېلىندى]

مەن شەرەپ بىلەن سىزگە ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانا 1944-يىلى 16-نويابىردىن 10-دېكابىرغىچە چۇڭچىڭدىكى ئەلچىخاناغا ئەۋەتكەن غۇلجا قوزغىلىڭىغا مۇناسىۋەتلىك  2-نۇمۇردىن 9-نۇمۇرغىچە، 11-نۇمۇردىن 21-نۇمۇرغىچە، ۋە 24-،25-،28-،29-نۇمۇرلۇق تېلىگراممالارنى (ئاساسلىق مەزمۇنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈلۈپ بولغان بولسا كېرەك)، شۇنداقلا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تۆۋەندىكى دوكلاتنى سۇنماقچىمەن.

قىسقىچە مەزمۇن:

7-نويابىر كۈنى ئۆلكەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى چېگرادىن يىراق بولمىغان غۇلجا شەھىرىدە بىر مەيدان قوزغىلاڭ باشلاندى. قازاق، تۈركىي (ئۇيغۇر)، تاتار ۋە ئاق ئورۇسلار قاتناشقان بۇ قوزغىلاڭ غۇلجا شەھىرىنى قولغا ئالدى. بۇ چاغدا خىتاي گارنىزون قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسىمى جازا يۈرۈشى قىلىش ئۈچۈن باشقا جايغا يۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، قالغان قىسىملار قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن تارمار قىلىندى ياكى غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئايردروم، ھاۋا ئارمىيە گازارماسى ۋە گۈيۋاڭ بۇتخانىسى جايلاشقان ۋە ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوغدىلىپ قالغان  ئېللىپىس شەكىللىك جايغا چېكىنىپ مۇداپىئە قىلدى. قوزغىلاڭچىلار ئايردرومنىڭ غەربىي تەرىپىگە قىستاپ كەلگۈچە، قورشاۋدا قالغان گارنىزوننىڭ ئايروپىلانلار ئارقىلىق لازىمەتلىكلەر ۋە ئاز بىر قسىم  ياردەمچى قوشۇنلارغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ھازىر بۇ مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، لازىمەتلىكلەرنى ھاۋادىن تاشلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. قوزغىلاڭچىلار تېخى يېقىنقى ۋاقتلارغىچە ئۈرۈمچى-قورغاس يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆتەڭ بولغان ئېرتەينى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقتىن، قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ياردەمچى قوشۇنلارنى ئەۋەتىش كېچىكىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئۆتەڭنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە ئۈرۈمچىگە خۇ زۇڭنەننىڭ ئىككى دىۋىزىيە ئەسكىرىنىڭ داۋان ئېشىپ يېتىپ كېلىشى مۇشۇ قۇرلار يېزىلىۋاتقان ۋاقتتا ئۆلكە دائىرەلىرىنىڭ بۇ قوزغىلاڭنى قىسقا ۋاقت ئىچىدە باستۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان ئىدى.

ئوخشاش بىر ۋاقتتا قارىماققا ياخشى قوراللانغان قوزغىلاڭچىلار ئۆزلىرى پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ئاز سانلىقلارغا قارشى ئىتتىپاقىغا ئاساسلانغان ھالدا قۇرۇپ چىققان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» (ئەسلى نۇسخاسىدا خاتا ھالدا «شەرقىي ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيىتى» (East Asia Turkic Republic) دەپ ئېلىنغان) تەشۋىقاتىنى داۋاملىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتايلار بۇ قوزغىلاڭنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈشكۈرتىشىنى ئەيبلەشتە ئورتاق بىر پىكىردە. لېكىن قارىماققا بۇ ئانچە قايىل قىلارلىق ئەمەس. چۈنكى، روسىيە بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەيبلىنىشىدىن خالىي بولغان يولنى، يەنى قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشنى تاللاپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق مەقسىتىگە يېتەلەيدىغان تۇرۇپ، ئۆز پوزىتسىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە خىتايلارنىڭ سوۋېتكە قارشى چېكىدىن ئاشقان ئەيبلەشلىرىگە تۇتقا بولۇپ بېرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ: يىللاردىن بېرى داۋام قىلغان زۇلۇمغا قارشى بىر قېتىملىق ئىنقىلاب ئىكەنلىكى ئەقىلگە تېخىمۇ ئۇيغۇن. 

قىسقىچە مەزمۇن تامام.

[تۆۋەندىكىسى تەپسىلىي دوكلات]

III. سوۋېتنى قوزغىلاڭغا شېرىك بولۇش بىلەن ئەيبلەش

قوزغىلاڭ باشلانغاندىن بۇيان كونسۇلخانا بىلەن ئالاقە قىلغان ھەربىر خىتاي قارىماققا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەقىقەتەنمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەيبدار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. گېنىرال جۇ شاۋلياڭ بىلەن بولغان تۇنجى تېلىفون ئالاقەمدە، ئۇ ئېنىقلا قىلىپ قوزغىلاڭنىڭ سوۋېت تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوزغىلاڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاق ئورۇسلار تۇرىدىغان جايلىرىدىن قىزىل ئارمىيە بايرىمى (7-نويابىر) كۈنى بىر تۈركۈم خىتاي ۋەتەنداشلىقىدىكى، ئەمما يوشۇرۇن ھالدا سوۋېت كونسۇلخانىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان  ئاق ئورۇسلار تەرىپىدىن باشلانغان ئىكەن. ئىككى نەپەر مەھبۇس ئاق ئورۇسلار رەھبىرىنىڭ بۇرۇن گېنىرال شىڭ شىسەيگە سوۋېت روسىيەسى مەسلىھەتچىسى بولغان پالىنوف ئىكەنلىكىنى تونۇۋالغان.  گېنىرال جۇ شاۋلياڭنىڭ ئېيتىشىچە، قوزغىلاڭنىڭ ئەمەلىي بازىسى روسىيە بىلەن چېگراداش قورغاس ناھىيەسى ئىكەن؛ قورغاس بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارىسىغا جايلاشقان سۈيدۈڭ ناھىيەسىمۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار بۇ جايدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ يول ئارقىلىق روسىيەدىن ئالغان قورال-ياراق ۋە لازىمەتلىكلەرنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇ 20 مىللىمېتىرلىق تانكىغا قارشى ۋە ئايروپىلانغا قارشى توپ ئوقلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى ۋە بەش دانە 25 كالىبېرلىق مىلتىق ئوقلىرىنىڭ مىشەكلىرىنى كۆرسەتتى.

گېنىرال يەنە قوزغىلاڭچىلارنىڭ غۇلجادىكى سوۋېت كونسۇلخاناسىنىڭ ئەتراپىغا ۋە ئارقا تەرىپىگە ئورۇنلاشقانلىقى، بۇنداق بولغاندا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا كونسۇلخانانى زىيانغا ئۇچرىتىش خەۋپىدىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەتلەردە بولسا، گېنىرال جۇ شاۋلياڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى تېخىمۇ بېيىتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت كونسۇلخاناسى قورۇسى ئەتراپىدا قورشاۋ تام بار بولۇپ، تاملار ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان پىلىموتلار ئورنىتىلغان؛ شۇنداقلا بۇ قوراللار ئىزچىل ھالدا قوزغىلاڭچىلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىكەن. خىتاينىڭ بىر ئايروپىلانى كونسۇلخانا قورۇسى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە قورۇ ئىچىدىكى بىر پىلىموت تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ئىكەن. ئۇ يەنە كېچىلىرى سۈيدۈڭ-كۇۋاڭجىن(كۈرە؟)-قورغاس ئارىسىدا قوزغىلاڭچىلارغا لازىمەتلىك توشۇۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چىراقلىرىنى لىپىلدىتىپ، توختىماي ئۆتۈك تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتتى. سۆھبەتلىرىمىزدىن بىرىدە ئۇ لازىمەتلىكلەرنىڭ سوۋېت تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى ھەققىدە يەنە پاكىتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى بىر سوئالىمغا جاۋاب بېرىۋېتىپ، پىلىموت ئوق دەستىسىدىن بىرنى، مېتال ئوق ساندۇقىدىن بىرنى، تانكىغا قارشى زەمبىرەك ئوقىنىڭ قالدۇقىدىن بىر قانچىنى ۋە بەش-ئالتە دانە كىچىكرەك ئاكوپ مىناميوتى ئوقىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرسەتتى.

باشقا پاكىتلار ئاساسلىقى غۇلجا ساقچى ئىدارەسىگە قىلىنغان تۇنجى ھۇجۇمغا باشلامچى بولغان كىشىنىڭ جەسىتىنى ئاختۇرغاندا يېنىدىن تېپىلدى دېيىلىۋاتقان پاسپورت بولۇپ، ئۇ بۇ پاكىتنى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ۋەكىلنىڭ بىزگە ئۇنى خوشاللىق بىلەن كۆرسىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئالاھىدە ۋەكىل ۋۇ زېشياڭ بىزگە پاسپورتنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە غۇلجادىكى سوۋېت كونسۇلخاناسى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان، 6-نويابىر كېچىسى سوۋېت قىزىل ئارمىيە كۈنىنى تەبرىكلەشكە چاقىرىلغان، روسچە يېزىلغان بىر پارچە تەكلىپنامەنىمۇ كۆرسەتتى. ئالاھىدە ۋەكىلنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىغىلىشقا 300 ئاق ئورۇس تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلار دەل ئەتىسى تاڭ سەھەردە تولۇق قوراللىنىپ غۇلجا شەھىرىنى قولغا چۈشۈرگەن 300 كىشى ئىكەن. بۇ پاكىتلار تولۇق بىر دوكلات بىلەن بىرگە گېنىراللىسسىمۇس جاڭ جېشىغا يوللانغان ئىكەن.

بۇ بايانلار مەزمۇن ۋە ئورامى جەھەتتىن كونسۇلخانىمىز بىلەن ئالاقە قىلغان ھەربىر خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ تىپىك ئىدى. بۇ بايانلار بۇ يەردە ھاكىمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، پەقەت يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدىلا خىتايلارنىڭ ئۆز بايانلىرىغا پاكىت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈندۇر، خالاس.

پاكىتلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىش مۇمكىن:

1. قوش ۋەتەنداشلىق ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى؛ لېكىن، پاكىت ئوتتۇرىغا قويۇلدى دېگەندىمۇ، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەگەر ھازىر غۇلجادىكى ئەڭ قابىل ئۇچقۇچىنىڭمۇ ئۆزىنى ئامېرىكا ۋەتەندىشى دېيىشى ئۈچۈن قايىل قىلارلىق دەۋاسى بار بولغان تەقدىردىمۇ، خىتاي تەرىپىدىن يەنىلا خىتاي ۋەتەندىشى دەپ قارىلىدۇ. خۇددى چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مىڭلىغان خىتايلارغا ئوخشاش. 

2. خىتايلار ئۆزلىرىمۇ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا قالدۇرۇلغان بىر كىشىنىڭ ھەرنېمىلەرنى دېيىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن جەزىملەشتۈرگەن. 

3. «قورغاس» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردىن ئىككىسى بار بولۇپ، بىرى خىتايدا، يەنە بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى يېرىم كىلومېتىر كېلىدۇ؛ سوۋېت ھۆكۈمىتى سۈيدۈڭ ۋە غۇلجاغا يېقىن قورغاستا نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكىنى كونترول قىلالمايدۇ. 

4. ئەگەر قوزغىلاڭچىلاردا سوۋېتتا ئىشلەنگەن قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلار بار بولغانلىقى (ئەگەر بۇلارنىڭ سوۋېتتا ئىشلەنگەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇ تېخى ئىسپاتلانغىنى يوق) سوۋېتنىڭ قوزغىلاڭغا شېرىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا 40 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىنقىلابلارنى قوزغاپ تازا ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن بولىدۇ، ھەتتا ياپونىيەنىڭمۇ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ.

5. قالغان بايانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى قوشۇلمىغان. يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چىراقلىرىنى كىم كۆرۈپتۇ ۋە ئۇ يورۇقنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چىراقلىرى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىپتۇ؟ قايسى ئۇچقۇچى ئۆز ئايروپىلانىنىڭ سوۋېت كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتالايدۇ؟ ئەگەر ئەيبلەشتە ئېيتىلغاندەك قوزغىلاڭچىلار سوۋېت كونسۇلخاناسى ئەتراپىغا جايلىشىۋالغان بولسا ۋە پىلىموتلار بىلەن يېتەرلىك قوراللانغان بولسا، قايسى كىشى شۇ پىلىموتلارنىڭ كونسۇلخانىغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن تاللانغان تاملارغا ئەمەس، بەلكى سوۋېت كونسۇلخانىسى تېمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى پەرق قىلالىغۇدەك دەرىجىدە يېقىن كېلەلىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيدۇ؟

6. تەكلىپنامەگە كەلسەك، ئەگەر بۇ پاكىت راست بولسا، شۇنى كۈزىتىش مۇمكىنكى، يىغىلىش بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، تەكلىپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان قالغان 299 مېھماننىڭ يىغىلىشقا قانداق بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

ئۈرۈمچىدىكى سىياسىي ھاۋانى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە ئىككى ۋەقە بار.

خىتاينىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىنى خىتاي زىمىنىنى كەڭ كۆلەمدە ئىگەللىۋېلىش بىلەن ئەيبلىشىدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىك ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەققەت باش كونسۇلى يېۋسىيېۋ ۋە ئۇنىڭ قول ئاسىتىدىكى كونسۇل كونىستانتىنوۋ گېنىرال جۇ شاۋلياڭغا تېلىفون قىلغان ئىكەن. (خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى غۇلجادىن مۇكدەن يەنى شېنياڭغىچە بولغان بارلىق زىمىنلارنىڭ قولدىن كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى). ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، گېنىرال جۇ شاۋلياڭ بۇ ئىككى مېھمانىنى ئۆزى بىلەن بىرەر قەدەھتىن ئىچىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئۇلار قۇبۇل قىپتۇ ۋە كېيىن روس پەدىسىدە كۆپرەك ئىچىپ قويۇپ، بىر-بىرى بىلەن بارا-بارا تەكەللۇپ قىلىشىشقا باشلاپتۇ. ئاخىرى كونستانتىنوۋ گېنىرال جۇ شاۋلياڭغا ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر كىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار گېنىرالغا «بىرەر كۈنى كەچلىك غىزا ۋە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن قەدەم تەشرىپ قىلامسىز؟ ئەگەر خالىسىڭىز پەقەت مۇشۇ ئۈچىمىزلا» دەپتۇ ۋە كېتىپ قاپتۇ. شۇ كۈنى بۇ «ۋەقە» ئۇزۇن بىر پارچە مەخپىي تېلىگرامما ئارقىلىق گېنىراللىسسىمۇس جياڭ جېشىغا يەتكۈزۈلۈپتۇ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېنىرال جۇ شاۋلياڭنى خۇددى شىڭ شىسەيدەك قولغا چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپتۇ. ئۇلار غۇلجا ۋەقەسىنى تۇغدۇرۇش ئارقىلىق گېنىرال جۇ شاۋلياڭنىڭ ۋەقەنى باستۇرۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ. گېنىرال جۇ شاۋلياڭ ئۇلارغا باغلىنىپ قالغاندىن كېيىن بولسا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن ئەمەس بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۇيرۇق ئالىدىغان ھالغا كېلىدىكەن. گېنىراللىسسىمۇس بولسا جۇ شاۋلياڭغا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپتۇ؛ گېنىرال جۇ شاۋلياڭ كەچلىك غىزاغا بارمايدىغان بوپتۇ.

[تەپسىلىي دوكلاتنىڭ داۋامى تۆۋەندىكىچە]

بۇنىڭدىن باشقا يەنە گەرچە ھازىرقى رەئىس ۋە گېنىراللارنىڭ ھەممىسى قابىلىيەتلىك، سەمىمىي ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بولسىمۇ،  شىڭ شىسەينىڭ ئۆلكە سىياسىتىدە يەنىلا خېلى تەسىرچان ئىكەنلىكى، گومىنداڭ مەركەز كۇلۇبى (CC 派) تەرەپدارلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ كونترولىدا شىنجاڭنى كەلگۈسىدە ھازىرقى قوزغىلاڭدىنمۇ ئېغىر ۋە قاراڭغۇ ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرىدىغان تېز، ئېنىق ۋە يېڭىچە تەدبىرلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ئېھتىمالغا يىراق ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا. 

V. خۇلاسەلەر

غۇلجا قوزغىلىڭىنى كۈزەتكەن كىشى چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدىغان تۇنجى خۇلاسە قوزغىلاڭنى ھەقىقەتەن سوۋېت ئىتتىپاقى كۈشكۈرتكەنلىكىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەنلىكىدۇر. چۈنكى، ئۆلكەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتى شۇكى، سوۋېت ھۆكۈمىتى ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ئۇزاق تۇرۇپ، يېتەرلىك ۋاقت بېرىپ، خىتايلارنىڭ پاكىتقا يۈزلىنەلمەيدىغان غەيرىي ھالدىكى ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ داۋام قىلىشىغا قاراپ تۇرغاندا، خىتايلارنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئۆزلۈكىدىن خوراپ تۈگەيدۇ. خىتايلار سوۋېتنى ئەيبلەشكە ئاران تۇرغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئەيبلەشلەرنى تەستىقلايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتە بولۇشى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزلىرىگە زىيان كەلتۈرىدۇ، خالاس. 

خىتايلارغا نىسبەتەن «ھەممىسىگە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەيبلىك» دەپ قاراش بىر پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياج. خىتاي ئېغىر دەرىجەدە يارىدار بولغان ۋە چوڭقۇر ئازاب چەككەن بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئازابلارنى قىسمەن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش تولىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. شىنجاڭغا نىسبەتەن بولسا يىللاردىن بېرى داۋام قىلغان، تولىمۇ قەبىھ بولغان ھۆكۈمرانلىق ئاخىرى پەقەتلا ئەڭ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭمۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاز سانلىقلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.

بېرىتانىيە خوڭكوڭنى ياخشى ئىدارە قىلدى. ئەمما باشقۇرۇلىۋاتقان %97 ئاممانىڭ كۈچلۈك ھېسىياتى بىلەن تولىمۇ مۇھىم پەيتلەردە ھېسابلاشمىغانلىقىدەك بىخەستەلىكنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلىدى. شىنجاڭدا بولسا خىتايلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئاز سانلىقلار بولۇپ، ھازىر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس پەيتىدە بېرىتانىيە خوڭكوڭدا قىلغان خاتالىققا ھېچ سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجەدىكى ئېغىر گۇناھلىرىنىڭ كىچىك بىر قىسىمىغا بولسىمۇ يۈزلىنىشى كېرەك. 

خىتايلارنىڭ ھەقىقەتكە يۈزلىنەلمەيدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەمما، ئۇلارنىڭ خۇددى دېڭىزچى ئاخاب (Captain Ahab)دەك بارچە ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي بىر بۈيۈك ئاق كىتنىڭ ئەسكىلىكىدىن بولۇۋاتقانلىقىغا، جىمى رەزىللىكنىڭ شۇ كىتكە مۇجەسسەم ئىكەنلىكىگە ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرىدىغانلىقى ئېنىق. ۋاھالەنكى، ئۇلار شۇ كىتكە ئەسەبىيلەرچە ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقاندا، ئەتراپىدىكى دېڭىزسۈيى ئۇلارغا قاراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ. 

ھۆرمەت بىلەن: – روبېرت س. ۋارد


مەنبە: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپى

ئۇلانما:https://history.state.gov/historicaldocuments/frus1944v06/d604

مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخاسىدىن بىر بەت:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top