You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » قىرغىزىستان – خىتاي بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

قىرغىزىستان – خىتاي بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

شەيدا چەۋىكئەل (ئەزەربەيجان خازار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى دوكتورانتى) seydacevikel@gmail.com

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مىھراي ئوسمان

قىسقىچە مەزمۇنى: كىچىك بىر دۆلەت بولغان قىرغىزىستان ۋە چوڭىيىۋاتقان كۈچ دېيىلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد، نوپۇس، ھەربىي كۈچ ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە چوڭ پەرق بولغان ئىككى دۆلەت. شۇڭلاشقا، بۇ ئەھۋال بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. كۈچلۈك تەرەپ بولغان خىتاي مۇناسىۋەتتە كونتروللۇق ئورۇندا قىرغىزىستان بولسا ئۇنىڭغا ماسلاشقان تەرەپ بولۇپ كەلگەن. خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «3 شەيتان» ئۇقۇمى بولسا، بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان. خىتاي «3 شەيتان» ئۇقۇمىنى، تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇق دەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئاندىن باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان چېگرا مەسىلىسىنى نەتىجىلەندۈرۈش ۋە ئىككى دۆلەت چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «3 شەيتان» ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قارمىقىدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى. بۇنىڭ مەقسىتى قىرغىزىستاننىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ھالقىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى باھالاپ چىقىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، قوللىنىشچان ماتېرىيال سانى ئاز بولغان قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، تۆت تېمىدىن تەركىب تاپقان تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى قىسىمدا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ؛ كېيىنكى قىسىمدا بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ئوقى بويىچە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئۈچىنچى قىسمىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ قانداق ھەل قىلىنغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؛ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قىرغىزىستان، خىتاي، شەرقىي تۈركىستان، بىخەتەرلىك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

كىرىش

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كۆپ قۇتۇپلۇشۇش باشلىنىشى بىلەن، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى) نىڭ ۋارىسى بولغان رۇسىيە، ئامېرىكىغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشى بىلەن بىرگە، خىتايمۇ چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان (كاراكا، 2003). زېڭ جىڭخەن بىلەن شاۋن برېسلىن خىتاينىڭ خەلقئارالىق كىملىكى، كۈچى ۋە يەرشارى تەرتىپىنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا خىتايچە يېزىلغان نۇرغۇن ماقالىلەرنى تەھلىل قىلغاندا، بىر قىسىم خىتاي ئالىملىرىنىڭ خىتاينى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت دەپ قارىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەھلىل نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورتاق كۆزقاراش شۇكى، خىتاي ھەم «چوڭ كۈچ»، ھەم «قەد كۆتۈرۈۋاتقان كۈچ» دەپ قارالغان (زېڭ ۋە برېسلىن، 2016-يىل، 775-بەت).

خىتاي رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاق تۈزۈش ئارقىلىق خەلقئارا سەھنىدە ئورۇن ئالماقتا. مىكەل ۋىيسمان، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە ئۆز تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھىرلىشىش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى؛ خىتاينىڭ «قەد كۆتۈرۈۋاتقان كۈچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقا) دىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق ۋە ھەمكارلىققا قاتناشقانلىقىنى؛ دۇنياۋى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى دېگەن نامغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاخىرىدا ۋېيسمان، خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەسى ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىسىدىمۇ تەسىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان (ۋېيسمان، 2015-يىل، 53-بەت).

بۇ تەھلىللەرگە ئاساسەن، بىز بۈيۈك / دۇنياۋى كۈچ دېيەلەيدىغان خىتاي، ھەم دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت،  ھەم ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ كىچىك، نامرات، ئەمما بايلىق مەنبەسى مول دۆلەتلەرنى نىشان قىلىشى بىلەن بىرگە ئۇلارغا نىسبەتەن تەھدىت دەپ قارالغان. خىتاي نەزەرىيەچىلىرى بولسا بۇنى «تىنچلىق ئىچىدە ئۆرلەش» دەپ ئىپادىلەپ، «خىتاي تەھدىت نەزەرىيەسى» گە قارىشى ئىجابىي تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ دۇنيادا قەد كۆتۈرۈشىنىڭ، كۈچ ۋە رولىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ ئىجابىي تەرىپىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق «تىنچلىق ئىچىدە ئۆرلەش» ئۇقۇمىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان (خىتاينىڭ تىنچ گۈللىنىشى ۋە ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى يول، 2005-يىل، 13-17-بەتلەر).

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كىچىك، ئەمما ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم دۆلەت بولغان قىرغىزىستان بىلەن بولغان يېقىنلىشىشى ۋە مۇناسىۋىتىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر دائىرىسىدە شەكىللەنگەن. ئېنېرگىيە خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە قىرغىزىستان خىتاي ئۈچۈن ئېنېرگىيەگە ئۇلىشىدىغان دۆلەتلەرگە ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئورۇن ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلەرنى بۆلگۈنچى دەپ بېكىتكەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، بۇ رايوندىكى خەلق بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرخەلقىنىڭ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولماسلىقى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقتىن، بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتى قوشنا قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بىز بۇ ماقالىدە مۇلاھىزە قىلىدىغان بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىمۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ۋە ئۇنىڭ قىرغىزىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۇلاھىزە قىلىش ئاساسىدا بولىدۇ.

خىتاي قىرغىزىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى سىياسەت مۇناسىۋىتىدە 5 ئۈنۈملۈك پىرىنسىپنى ئاكتىپ ئىشلىتىدۇ. بۇ پىرىنسىپلار، دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش؛ ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق؛ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق؛ باراۋەرلىك ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تىنچ ياشاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ 5 پىرىنسىپ ئارقىلىق، خىتاي ئىچكى ئىشلىرىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياخشى قوشنىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دەپ قارىغان تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كەلگەن (ۋېيسمان، 2015-يىل، 154-بەت). بۇ تەكىتلەشنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەپ كۆرسىتىشكىمۇ بولىدۇ.

گەرچە خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەلچىخانا دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلانغان بولسىمۇ، 1996-يىلى قۇرۇلغان «شاڭخەي بەش» ۋە  ھازىرقى ئىسمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن جانلىنىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد بىلەن بولغان ئالاقىدار مۇناسىۋەتلەر ئوخشىمىغان ئۆلچەمگە كەلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سىزىلغان سۈنئىي چېگرالار پەيدا قىلغان مەسىلىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان قىرغىزىستان ئۈچۈنمۇ يىللارچە ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان ۋە خىتاي قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشنا بولغان دۆلەتلەرمۇ بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرا مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرغان خىتاي ئۈچۈن چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ھەربىي پائالىيەتلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇلغان. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەرقىي تۈركىستان / ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ھەربىي مۇناسىۋەت قاتارلىق تېمىلاردا ئاكتىپ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.

بۇ تەتقىقاتىمىز، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان قىرغىزىستان-خىتاي بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىدە، قىرغىزىستاننىڭ بۇ مۇناسىۋەتتە ئېرىشكەن پايدا ۋە زىيىنىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىن زىيادا، قىرغىزىستان-خىتاي بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى ساقلاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ماتېرىياللارنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«خىتاي، قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىدە باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ» ۋە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېزىش سىياسىتى، خىتاينىڭ ئۆز بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ» دېگەن پەرەزنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا ئوبيېكتىپ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەسۋىرى تەتقىقات ئەندىزىسى قوللىنىلدى. بولۇپمۇ ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش، مەزمۇن ئانالىزى ۋە نۇتۇق ئانالىزى قاتارلىق تەتقىقات مودېللىرى قوللىنىلدى. تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، رەتلەپ چىقىش تېخنىكىسىمۇ قوللىنىلدى.

قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق دائىرىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرى بولغان شاڭخەي بەشلىكى، خىتاينىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، قىرغىزىستان، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە دۆلەت چېگراسىدىكى ھەربىي رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي نۇقتا قىلغان شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن شاڭخەيدە قۇرۇلغان. بۇ شەرتنامە 7 مىڭ كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەرەپلەر بىر-بىرىگە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمىگەندىن باشقا يەنە ھەربىي مەسىلىلەردە قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدىغان مۇھىم ئەھۋاللارنى ئۆز-ئارا دوكلات قىلىشنى قارار قىلدى.

1997-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن چاقىرىلغان 2-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان تەرەپلەر پەقەت مۇداپىئەلىنىشنى مەقسەت قىلغان قوراللىنىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، چېگرا رايوندىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتىشقا پىكىرداش بولدى. 1998- يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زەھەرلىك چېكىملىك ​​، رادىكاللىق ۋە تېرورلۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇش قارار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يولغا قويغان سىياسىتى رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق دەپ قارالدى.

1999-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ «3 شەيتان» (3 رەزىللىك) دەپ تەسۋىرلىگەن ھەرىكەتلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ 1000 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئورتاق چېگراسىنى مەسىلىدىن تازىلاش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتناشقان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭمۇ 2001-يىلى 6-ئايدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇشى نەتىجىسىدە تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ھازىر 6 بولغان. گەرچە ئۆزبېكىستان خىتاي بىلەن چېگرالانمىسىمۇ، ئافغانىستان بىلەن بولغان قوشنىلىقى ۋە بۇ رايوندىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنى توسۇش ئارزۇسى، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان (كاراكا، 2003-يىل، 105-107- بەتلەر).

ئۆزبېكىستاننىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك خىزمىتىگە رەسمىي قاتنىشىشى بىلەن 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تارقىتىۋېتىلگەن شاڭخەي بەشلىكى يەنە خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا جىددىيلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇنبەر سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. 2001-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ئەھدىنامىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىي نىزامنامىسىدىنىمۇ بەكرەك ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان ۋە تەشكىلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ئەھدىنامە يەنە ئەزا دۆلەتلەرنى «3 شەيتان» دەپ ئاتالغان تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم شاڭخەي ئەھدىنامىسى، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇقنى زوراۋانلىق، جىنايى قىلمىش دەپ بېكىتكەن (خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، 2001).

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي مەنىدە قانداق ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى، مەقسىتى، مەجبۇرىيىتى، پىرىنسىپى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ قانچىلىك قوللىنىشچان ئىكەنلىكى، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە قانچىلىك ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، فىلىپ سائوندېرس، بۇرۇن خىتاينىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەرگە قاتنىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. سوندېرس بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇنبەردىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى ئالدىنقى سەپ شەكىللەندۈرۈشىدىن قورقىدىغانلىقى، كۆپ تەرەپلىك قائىدە ۋە تەرتىپلەرنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ھازىرقى ۋە يېقىنقى ئۆتمۈشكە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۆزگەرگەنلىكى ۋە خىتاي كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىمى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىكى، خىتاينىڭ كۈچىنى قوشنىلىرىنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي يەنە كۆپ تەرەپلىك ۋە رايون خاراكتېرىلىك تەشكىلاتلارنى سىياسىي سەھنىدە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنى ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغلىشىشنىڭ قورالى دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ شۇلارنىڭ بىرى. خىتايغا نىسبەتەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر كۆۋرۈك (2008-يىل، 132-بەت).

خىتاي دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم چېگرا رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن ۋە دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ چىقالايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى مالىمانچىلىقنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇيغۇرلاردۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندا، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن، مىللەتچىلىك ۋە ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاكتىپلىق ۋە رادىكاللىق قاتارلىق بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بۇ مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.

خىتاي ئەڭ ئاۋۋال، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇلۇشىغا باشلامچى قىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەزا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا باشلىغان (سكوبېل، 2018-يىل، 93-94-بەتلەر). بۇ ۋەزىيەتنى ئاندرېۋ سكوبېل (2018-يىل، 94-بەت)، خىتاينىڭ بۇ رايوندا تىنچلىقنى، ئالدىن كۆرەرلىكنى ۋە سېكۇلارىزمنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت چېگراسىدا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەھدىتىنى، زۇلۇم، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق باشقۇرىدىغانلىقى شەكلىدە ئېنىقلىما بەرگەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رايوندىكى تەسىرىنى مۆتىدىل بىر شەكىلدە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا چوڭ دۆلەتلەرمۇ رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ تەسىرىنى چەكلەۋاتىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي رىقابەتتە بولۇۋاتىدۇ، بۇ نۇقتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى قورال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ تەشكىلات رۇسىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئامىلى رولىنى ئوينايدۇ. بەزى رايون مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر تەشكىلات سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن (سكوبېل، 2018-يىل، 96-بەت). مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولغان روي ئاللىسون (2008-يىل، 96-بەت)، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بەكرەك، جۇغراپىيەلىك سىياسىي جەھەتتە رۇسىيەگە، جۇغراپىيەلىك ئىقتىساد نۇقتىسىدىن خىتايغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. رۇسىيە بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ھاكىمىيەتلىرىگە سىمۋوللۇق قانۇنلۇق ۋە باراۋەرلىك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاللىسوننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە «3 شەيتان» نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، باشقا يوشۇرۇن قىلمىشلارنى يوشۇرغان.

خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى پارچىلىنىشنىڭ زىيانلىق ۋە بۇزغۇنچى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تەدبىر قوللىنىشى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن رۇسسېل ئونگ 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر دىئاسپوراسى تەشكىللىگەن سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى توسۇشقا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىگە قارىتا ئالاھىدە دىققەتتە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئونگ، 2005-يىل، 430-بەت). چۈنكى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ كاپالىتى بېيجىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، گەرچە ئۇيغۇر نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، قىرغىزىستان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى كونترول قىلىشىدىكى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاقايېف دەۋرىدىن باشلاپ خىتاينى بۇ جەھەتتە قوللاپ كېلىۋاتقان قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ رايوندىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ 1994-يىلدىن بۇيان خىتايلار بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان (فراۋېل، 2008-يىل، 163-164-بەتلەر).

تىلغا ئېلىنغاندەك، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي ۋە سودا ئامىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېيجىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىرىشتىن باشقا يەنە رايوندىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن رايوندىكى قىرغىزىستان قاتارلىق تاشيول، تۆمۈر يول ۋە تۇرۇبا يولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەردە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەردىكى تەسىرىنى ئاشۇرىدۇ (سكوبېل، 2018-يىل، 96- 97-بەتلەر). لېكىن، ئىقتىسادىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باسقۇچىدا، بۇلارنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە سەل قاراشقا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى بارلىق تەھدىتلەرگە قارشى بىخەتەرلىك قالقانلىرى بىلەن تەمىنلەشكە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ.

بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيە سىزىقىدا قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى

خىتاي 1978-يىلى ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغاندىن بۇيان، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقماقتا. 1992-يىلى 8-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قورالسىزلىنىش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چيەن چىچېن خىتاينىڭ ئادىل، مۇۋاپىق ۋە مۇقىم بولغان خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپ ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاينى زامانىۋىلاشتۇرىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن مۇقىم ۋە تىنچ خەلقئارا مۇھىتقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. خىتاينىڭ مۇداپىئەگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى پۇقرالار ئىشلەپچىقىرىشىغا ئۆزگەرتكەن تۇنجى دۆلەت قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان چيەن، يەنە چەتئەلدە بىرمۇ خىتاي ئەسكىرى يوقلىقىنى ۋە خىتاينىڭ چەتئەلدە ھەربىي بازىسى يوقلىقىنى بايان قىلدى (شىڭ، 1998-يىل، 203-204-بەتلەر). قىسقىسى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2013- يىلدىكى قىرغىزىستان ھەربىي تەلىماتى قاتارلىق رەسمىي ھۆججەتلەردە تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ قىرغىزىستانغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاساسلىق تەھدىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. چۈنكى خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى مۇقىمسىزلىق قىرغىزىستان بىلەن 858 كىلومېتىرلىق ئورتاق چېگراسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىمۇ مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ دېگەن چۈشەنچىسى بار (كۇچىنس قاتارلىقلار، 2015-يىل، 17-بەت). لېكىن، خىتاي 2005-ۋە 2010-يىللىرى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككى قېتىملىق ئىنقىلابنى ئىچكى مەسىلە دەپ قاراپ، يىراقتىن كۆزەتكەن. بۇ ۋەقەلەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ پاسسىپ ھالەتتە تۇرغان (2010-يىل، 3-4-بەت). ھالبۇكى، بۇ ۋەقەلەر قىرغىزىستاندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغان.

مۇقىملىقنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق تاشقى سىياسەت نىشانى بارلىق قوشنىلار ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاش دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىرغىزىستان يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن روسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق خىتاي ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تەڭپۇڭ تاشقى سىياسەتنى ساقلاپ كەلگەن (كۇچىنس قاتارلىقلار. 2015-يىل، 4-بەت). قىرغىزىستاننىڭ تەڭپۇڭ سىياسەتنى ساقلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنى قوشنا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. 2017-يىلى 6-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى 3-كۈچلۈك ئارمىيە بولغان خىتاينىڭ يېنىدا قىرغىزىستان ئارمىيەسى سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە كىچىك (ھەربىي كۈچ، 2017).

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خىتاي ۋە قىرغىزىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلاتىغا ئايلانغان. 1996-يىلىدىكى چېگرا رايونلاردىكى ھەربىي بىخەتەرلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرتنامىسى شاڭخەيدە خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاي چېگراسىنىڭ قايتىدىن سۆھبەتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (پۇتز، 2017). 2002-يىلدىن باشلاپ، خىتاي كۆزىتىش ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىشقا باشلىغان (سۇندېرس، 2008-يىل، 133-بەت).

خىتاي بىلەن قىرغىزىستانمۇ قاتناشقان بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى«مانېۋىر 1» ئىسمى بىلەن 2002-يىلى ئۆكتەبىردە قىرغىزىستاندا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغان. كىچىك قورال، تانكىغا قارشى قورال، تىك ئۇچار ۋە برونىك خادىملار ماشىنىسى بىلەن قوراللانغان ئىككى تەرەپتىن كەلگەن 100 كىشىلىك كىچىك گۇرۇپپا مانېۋىرنى ئېلىپ بارغان (خىتاي دىپلوماتىك ھەربىي مۇناسىۋەتنى قانداق كۈچەيتىۋاتىدۇ؟ سكوبېل، 2017؛ 2018: 110). «بىرلەشمە 2003» ناملىق يەنە بىر مانېۋىر خىتاي ۋە قىرغىزىستاندىن باشقا رۇسىيە، قازاقىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ مانېۋىرغا 130 ئەسكەر قاتناشقان (سكوبېل، 2018-يىل، 10-بەت). ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2007-يىلى 8-ئايدا «تىنچلىق بۇرچى 2007» نامىدا باشلانغان مانېۋىر رۇسىيەدە تاماملانغان. بۇ مانېۋىر ئۆزبېكىستاننىڭمۇ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە 4000 ئەسكەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 2007-ۋە 2009-يىللىرى ئىسسىق كۆلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالاھىدە قىسىم قىسىملىرى ۋە قانۇن ئىجراچىلىرى قاتنىشىشى بىلەن «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش 2007» ۋە «نوراك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش 2009» ناملىق مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن.

2010-يىلى 9-ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە قازاقىستاندا «تىنچلىق بۇرچى 2010» مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن. 2011-يىلى، «تيەنسايىن 2» مانېۋىرى ئوخشاش مەقسەتتە ئۆتكۈزۈلگەن. 2012-يىلى 6-ئايدا دۆلەتلەر تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق بۇرچى 2012» مانېۋىرىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئۆزبېكىستاندىن باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق ھەربىي ئەسلىھە بىلەن 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشقان. كېيىنكى ئىككى يىلدا، 6 دۆلەتنىڭ ھەممىسى قاتناشقان «تىنچلىق بۇرچى 2013» ۋە «2014-يىللىق تىنچلىق بۇرچى» ئېلىپ بېرىلغان. باشقا مانېۋىرلارغا ئوخشاش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان كىشى ئىچكى موڭغۇلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق بۇرچى 2014» مانېۋىرىغا خىتايدىن 5000، قىرغىزىستاندىن 500 بولۇپ، جەمئىي 7000 دىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشقان. بۇ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ چوڭ مانېۋىر ئىدى.

بۇ مانېۋىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئەڭ چوڭ مانېۋىر بولۇشى بىلەن بىرگە، قاتناشقان ھەربىي خادىم  سانى جەھەتتىن قىرغىزىستاننىڭمۇ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك مانېۋىرى ھېسابلىنىدۇ (ئومەلىچىۋا، 2011، 74-بەت). مانېۋىردىن كېيىن، مانېۋىرنىڭ مۇدىرى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى ۋاڭ نىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، مانېۋىر «3 شەيتان» دىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى؛ ئورتاق قارار چىقىرىش ۋە ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىلىنىش ئارقىلىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆز ئىقتىدارىنى ماس ھالدا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى (خىتاي فوكۇس: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى 2014-يىلى خىتايدا باشلاندى).

ئوتتۇرا ئاسىيا تەھلىلچىسى ۋە سىياسىيشۇناس ئالېكساندىر كۇلىي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مانېۋىردىن كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەھۋالىنى باھالىغان. ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتىن-ئاخىر خىتاينىڭ «3 شەيتان» غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي پىلاننى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان كۇلىي، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىجارىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەندىزىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا (تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىنىڭ يارقىن نۇقتىسى، 2014).

2015- يىلى قىرغىزىستان بىلەن خىتاي چېگرا بىخەتەرلىكى جەھەتتە مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزگەن. 2015-يىلى 9-ئايدا، قىرغىزىستاننىڭ چولپون-ئاتا شەھىرىدە، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ ئىسسىق كۆل ۋە نارىن رايونىدىكى چېگرا بىخەتەرلىك دائىرىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئاساسلىق چېگرا بۆلۈمى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ يىغىندا، ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئالاقە ئورنىتىش كېرەكلىكى؛ خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە پائالىيەت تەشكىللەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2016-يىلى 9-ئايدا قىرغىزىستاندا 2000 دەك ئەسكەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق بۇرچى 2016» مانېۋىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكەتلىرى جەريانىدا قوماندانلىق ماسلاشتۇرۇش ۋە جەڭ تەييارلىقىغا مەركەزلەشتى (تىنچلىق بۇرچى – 2016: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، 2016). 2017-يىلى 6-ئايدا، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي بىرلىكتە ئېلىپ بارغان «تيەنسايىن 3» ناملىق مانېۋىر قىرغىزىستان-خىتاي دۆلەت چېگراسىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق باسقۇچى خىتاينىڭ ئارتۇش شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا مۇلازىمەت ۋەكىللىرى ۋە رايونلۇق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قۇرۇلمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن نازارەت قىلدى. مانېۋىر 600 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە 50 دىن ئارتۇق ھەربىي ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلدى (كوكوشىنا، 2018-يىل، 1969-يىلدىن 1977-يىلغىچە).

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى «تىنچلىق بۇرچى 2018» رۇسىيەنى ياۋروپا ۋە ئاسىيا رايونىغا ئايرىيدىغان چېليابىنسك رايونىنىڭ چېباركۇلدا،  7 دۆلەتنىڭ 3000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ۋە 500 دىن ئارتۇق ئۈسكۈنىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مانېۋىر ھىندىستان ۋە پاكىستان ئەسكەرلىرىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم قوشۇلۇشى بىلەن، بارلىق ئەزا دۆلەتلەر قاتناشتى (تېسلوۋا، 2018).

قىرغىزىستان-خىتاي چېگرا مەسىلىسى ۋە ھەل قىلىش چارىسى

رۇسىيە ئىمپېرىيەسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغىچە؛ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يېڭى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرگىچە بولغان خىتاي بىلەن بولغان چېگرا، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىمزالانغان بىر قاتار شەرتنامە ۋە كېلىشىملەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. 1860-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى قوشۇمچە بېيجىڭ شەرتنامىسى، 1864-يىلى 25-سېنتەبىردىكى چۇگۇچاك كېلىشىمنامىسى، 1881-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى پېتىربورگ شەرتنامىسى، 1884-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى يېڭى مارگېلان كېلىشىمنامىسى چېگرانى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە چېگرا ئېنىق ئەمەس، بەلكى تەسۋىر ۋە خەرىتىلەر بىلەن ئانچە ئېنىق بولمىغان شەكىلدە بەلگىلەنگەن.  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى مەزگىلىدە، چېگرا مەسىلىسى دۆلەتنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئانچە يەر ئالمىغان، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى سوۋېت-قىرغىزىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت چېگراسىنى بىكار قىلغان.

1964- يىلغا كەلگەندە، خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا سۆھبىتى بىلەن، ئومۇمىي كۆلىمى 34 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان 25 تالاش-تارتىشلىق رايون ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ تالاش-تارتىشتىكى 5 رايوننىڭ قىرغىزىستاندا بولۇشى، قىرغىزىستان-خىتاي چېگرا مەسىلىسىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. خان تەڭرى چوققىسى ئەتراپىدا تەخمىنەن 450 كىۋادرات كىلومېتىرلىق؛ ئۆركەشتام ئېغىزى ئەتراپىدا 250 كىۋادرات كىلومېتىر؛ جانىجەردە تەخمىنەن 180 كىۋادرات كىلومېتىرلىق؛ بەدەل ئېغىزىدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆززېنگى-كۈش ئويمانلىقىدا 2840 كىۋادرات كىلومېتىرلىق؛ بوزايگىردا 12 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايون تالاش-تارتىشلىق رايون بولۇپ ھېسابلانغان (كېرىمبېكوۋا ۋە گالىتسكىي، 2002). چۈنكى 1964-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە كېڭىشىش ئاكتىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، تەرەپلەر 1969-يىلى چېگرانىڭ غەربىي قىسمىدىكى تالاش-تارتىشتىكى رايونلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. لېكىن، سۆھبەت 1979-يىلغىچە داۋاملاشقان.

پەقەت 1987-يىلى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە مەۋجۇت ھۆججەتلەرگە ئاساسەن چېگرانىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن، ھەققانىي ۋە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىش، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىجازەتنامىلەرگە تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. بۇ پىرىنسىپلار 1989-يىلى مايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سوۋېت-خىتاي باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇشقا كىرگۈزۈلگەن. 1992-يىلى مايدا خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان پىرېزىدېنت ئەسقەر ئاكايېف قىرغىزىستانغا ۋاكالىتەن بۇ پىرىنسىپلارنى قوبۇل قىلغان (كېرىمبېكوۋا ۋە گالىتسكىي، 2002).

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قىرغىزىستان خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان رايونىدىن چېگرالىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھەم بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قوللايدىغان ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەم بۇ گۇرۇپپىلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان كۈچلۈك چېگرا تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىشقا تەييارلىق قىلغان. قىرغىزىستان تەخمىنەن 3656 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان خىتاي-سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىن تالاش-تارتىشىدىن ئاخىرىدا 7 تالاش-تارتىشلىق رايونىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. ئۆزەنگى-كۇش دەرياسى ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسىمى قىرغىزىستاننىڭ كونتروللۇقىدا بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئېنىقسىزلىقى سەۋەبىدىن تالاش-تارتىشلىق  رايون بولۇپ قالغان. قىرغىزىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئولتۇراقلاشقان قىرغىزلار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1996-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى توغرىسىدا تەييارلىغان ھۆججىتىگە قىرغىزىستانمۇ كىرگۈزۈلگەن.

خىتاي-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىش، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى تۈگىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي ۋە قىرغىزىستان 1994-يىلى 4-ئايدا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرى بىلەن باشلانغان چېگرا مەسىلىسىدىكى ئالاقىلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىشنى قارار قىلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىلغان ساياھىتىدە، شۇ يىلى قۇرۇلغان بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى چېگرا شەرتنامىسى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىتاي رەئىسى چياڭ زېمىن بىلەن قىرغىزىستان پىرىزدېنتى ئەسقەر ئاكايېف كۆپىنچىسى قىرغىزىستانغا تەۋە بولغان تالاش-تارتىشتىكى 7 رايوننىڭ 6 سىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرانى بەلگىلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەل قىلىنمىغان، بىردىنبىر مەسىلە ئۈزەنگى-كۇش دەرياسى ئويمانلىقى بولۇپ قالغان (فراۋېل، 2008-يىل، 163-بەت). كېلىشىمدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ئاكايېف قىرغىزىستاننىڭ چوقۇم مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا قارشى ھەر قانداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان (فراۋېل، 2008-يىل، 164-بەت).

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چېگرا مەسىلىلىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىتىۋېتىلگەندىن كىيىن 1995-يىلغىچە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىر گۇرۇپپا سۈپىتىدە خىتاي بىلەن بولغان ئورتاق چېگراسىنى سۆھبەتلىشىش، ئېنىقلاش ۋە ئايرىشنى بىر تەرەپ قىلغان. 1996-يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە (تۇنجى شاڭخەي بەشلىكى يىغىنىغىچە)، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان خىتاي بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە، تاجىكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرا ماجىراسى داۋاملاشقان (چۇڭ، 2004-يىل، 990-بەت). يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، گەرچە 1996-يىلى قىرغىزىستاننىڭ تەخمىنەن 35 مىڭ گېكتار تاغلىق رايوندىن ۋاز كېچىشى ۋە قىرغىزىستان-خىتاي چېگرا مەسىلىسىنىڭ كۆپىنچىسى 1100 كىلومېتىرلىق چېگرانىڭ بىر قىسمىنى چەكلەش كېلىشىمى بىلەن ھەل قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەھۋال ئارقا كۆرۈنۈشتە باشقىچە بولغان. چۈنكى بۇ شەرتنامە قىرغىزىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولسىمۇ، بېلەت تاشلاش ئىجرائىيە ئورگىنى ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېتىبارلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيلا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن بەزى كېڭەش ئەزالىرى شەرتنامىگە قارشى چىققان.

1999-يىلىغا كەلگەندە، قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا بېدېل رايونىدىكى بىر دەريانى، نارىن ۋە ئىسسىق كۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 90 مىڭ گېكتار زىمىن بەرگەن بىر شەرتنامە ئىمزالانغان. بۇ شەرتنامىمۇ نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى، پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرتنامىنىڭ بىر نۇسخىسى ئالدىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىلمىگەن بولۇپ، پەقەتلا ئۇلار بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. ۋەكىللەر تالاش-تارتىشتىكى رايون توغرىسىدىكى ماددىنى تەستىقلاشقا بېلەت تاشلىمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، پارلامېنتنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە رايون خاراكتېرلىك تۈزىتىشلەرنى قانۇن شەكلىدە توپلاش تەلىپىگە قارىشى، ئاكايېۋ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغان. بۇ قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ شەرتنامىگە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ ئىنكاسلارنىڭ نەتىجىسىدە، شەرتنامىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى توختىتىلغان ۋە پارلامېنت شەرتنامىنى تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. 1999-يىلدىكى كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي قىرغىزىستاننى، قىرغىزىستاندىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە كارىدورى ۋە 600 مىڭ دوللار ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن (خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى، 2002-يىل، 17-18-بەتلەر). ئاكايېف زېمىنىنى يوقىتىش بەدىلىگە چېگرا بەلگىلەشتە چىڭ تۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا بۇنداق زور ياردەم ئەۋەتكەنلىكىمۇ خىتاينىڭ بۇ نەتىجىدىن رازى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. لېكىن، كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى نەتىجىنى ئۆزگەرمىگەن.

دۆلەت ئىچى سىياسىتىدە دائىم كۈن تەرتىپىدە تۇرىدىغان شەرتنامىلەر 2001-يىلى 6-ئايدا قىرغىزىستان پارلامېنتىدا يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلىك يىغىنلار ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇراتبېك ئىمالىيېف بۇ ئىككى كېلىشىمنى قوللىغان ۋە قىرغىزىستاننىڭ تالاش-تارتىش دەپ قارالغان زىمىننىڭ 70% نى ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. مىنىستىر بەرگەن دوكلاتىدا، قىرغىزىستاننىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە قارىتا ئېنىق پوزىتسىيەسى بولمىغان چېگرا مەسىلىسىدىكى ھېسسىي تالاش-تارتىشلارنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە چېگرانى قانۇنلۇق رويخەتكە ئالدۇرماسلىقنىڭ ھەمىشە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

قىرغىزىستان ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى 2001-يىلى 5-ئىيۇن رەسمىي چېگرا سىزىش جەريانىغا باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، قىرغىزىستان پارلامېنتى بۇ باسقۇچنى توختىتىش قارارىنى قوبۇل قىلغان ۋە 2001-يىلى 13-ئىيۇن بۇ باسقۇچ ۋاقتىنچە توختىتىلغان. بۇنىڭغا قارىشى ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ قارارىغا پەرۋا قىلماي ئۇنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان ۋە چېگرا ئايرىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ تۈرگە 6 مىليون سوم (2001-يىلدىكى تاشقى پېرېۋوتقا ئاساسەن تەخمىنەن 120 مىڭ دوللار) ئاجراتقان (ھامىدوف، 2001).

2001- يىلى 12-ئايدا، پارلامېنتتا باشقا يىغىنلار ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئەزىمبەك بەكنازاروف باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن ۋەكىللەر ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر بېسىمىغا قارىماي بۇ شەرتنامىگە داۋاملىق قارشى تۇرغان. نەتىجىدە، شەرتنامىنىڭ تەستىقلىنىشى ۋە تەكرار مۇزاكىرىلەر 2002-يىلى ئەتىيازغىچە كېچىكتۈرۈلگەن. 2002-يىلى 1-ئايدا، مىللەت ۋەكىلى ئەزىمبېك بەكنازاروف قولغا ئېلىنغان ۋە بۇ پىرېزىدېنتنىڭ چېگرا كېلىشىمىنى توختىماي تەنقىدلىگەنلىكىنىڭ ئۆچ ئېلىشى دەپ ئىزاھلانغان. بۇ ئەھۋال، شۇ يىلى مارتتا جالالئاباد رايونىدا نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى، 2002-يىل، 18-بەت). ئۆكتىچى ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسى ۋە ئىجتىمائىي بېسىمغا قارىماي 1996-ۋە 1999-يىللىرى ئىمزالانغان كېلىشىملەر كۈچكە ئىگە قىلىنغان ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىككى كېلىشىم نەتىجىسىدە، قىرغىزىستان تەخمىنەن 125 مىڭ گېكتار زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان (پودولسكايا، 2017).

ئىنكاسلارغا قارىماي بىر نەچچە يىل ئارىلاپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1998-يىلى نويابىردا شەرتنامە تۈزۈلگەن ۋە 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى پىرېزىدېنت جياڭ ۋە ئاكايېف تەرىپىدىن قوشۇمچە چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالىنىشى بىلەن، ئۆزەنگى-كۇش دەرياسى ئويمانلىقى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ھەل قىلىنغان. خىتاي دەسلەپتە بۇ ئويمانلىق جايلاشقان رايوننىڭ% 50 تىن % 96 كىچە بولغان ئارىلىقنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، ئاخىرىدا پەقەت% 30  لىك قىسىمىنى قوبۇل قىلغان ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان (فراۋېل، 2008-يىل، 164-بەت).

قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى سىياسىتىدە ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي ئاخىرلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى دۆلەتنىڭ 1049 كىلومېتىر  ئورتاق چېگراسى مەۋجۇت (پودولسكايا، 2017). تورۇگارت ۋە ئۆركەشتام چېگراسىدا ھەپتە ئىچىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئۆتۈشۈش ئېلىپ بېرىلماقتا. تورۇگارت چېگرا ئېغىزى قىرغىزىستاندا نارىننىڭ ئات-بېشى رايونىغا جايلاشقان، خىتايدا شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى تورۇگارت تاشيولىغا جايلاشقان. ئۆركەشتام چېگرا ئېغىزى بولسا قىرغىزىستاندا ئوشدىكى ئالاي رايونىغا، خىتايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆركەشتام تاشيولىغا جايلاشقان (قىرغىزىستان قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى، 2019).

بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە شەرقىي تۈركىستان

شەرقىي تۈركىستان / ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈن تارىخىي مۇھىم رايون (كارىموۋا، 2014-يىل، 221-بەت). گەرچە بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار 745-يىلى ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار قۇرغان دۆلەت 840-يىلى يىمىرىلىپ، خىتاي – ئۇيغۇر رايونى دەپ ئاتىغان يەرگە كۆچكەن. 1949-يىلغىچە قىسقا مۇددەتلىك مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش تەجرىبىلىرى بولسىمۇ، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن مىللەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە، كوممۇنىستلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئېرىشىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان يېڭى قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشغال قىلغان رايونغا ئايلانغان ۋە رايوندىكى مەسىلىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈشى بىلەن باشلانغان (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ت.).

1941-يىلى، بۇ رايوندىكى خىتايلار ئاران % 5 بولۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 80 نى، قازاقلار نوپۇسىنىڭ % 8.7 نى، قىرغىزلار نوپۇسىنىڭ % 1.7 نى ۋە باشقا خەلقلەر % 7 نى تەشكىل قىلغان. كوممۇنىست خىتاينىڭ خىتايلارنى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن كېيىن، 1953-يىلى خىتايلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتى % 6.1 كە ئۆرلىگەن (ئىنايەت، 2010-يىل، 16-19-بەت). خىتايلارنىڭ نوپۇسى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ، 2015-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 46.42 نى، خىتايلار تەخمىنەن % 39 نى ئىگىلىگەن (ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، 2017). بۇ خىتاينىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلار توپلاشقان رايوننى قانداق خىتايلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىككە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق سىياسىتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش سىياسىتى قوشۇلغاندىن كېيىن رايوندا مالىمانچىلىقنىڭ چىقىشى مۇقەررەر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي «3 شەيتان» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇق ئۇقۇمىنى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان (مېيىر، 2016-يىل، 4-بەت). شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشىدىكى سەۋەب، بۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە (ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، 2017) قىرغىزلارنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇئامىلە ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان زۇلۇم پوزىتسىيەسى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ۋە نۇرغۇن ساھەدىكى زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى ھەر خىل قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن. 1997-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا قوزغىلىڭى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بىلىنگەنلەردىن بىرى. نۇرغۇن ژۇرنالىستلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ پائالىيەتتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن يانۋاردا ئونلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ياكى ساقچىلار بىر ئۆيدە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئاياللارنى تارقاقلاشتۇرۇشى بىلەن باشلانغان. خىتاي تەرەپنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقەلەردىن بىر يىل بۇرۇنقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ نامايىشى بىلەن باشلانغان. گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە غۇلجا قوزغىلىڭى بالدۇر باشلانغان، ھۆكۈمەتنىڭ زالىملارچە باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىنكاسىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان (بوۋىڭدون، 2010: 125). كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ غۇلجا ۋەقەسىگە دىققەت قىلغان ۋە ۋەقەلەرنى دۇنياغا ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشچىسى «شاڭخەي بەشلىكى» نى قۇرۇپ، ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغاندەك «3 شەيتان» ئۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسىنى ئەزا دۆلەتلەرگە تارقاتقان (قانات، 2015). بۇ ۋەقەلەر قىرغىزىستاندىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، «ئاممىۋىي گېزىتى» 1997-يىلى 4-ئايدا بۇ ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق خەۋەر ئېلان قىلغان. «خىتايدىكى ئىچكى ۋەقەلەرگە يۈزسىزلىك بىلەن ئارىلىشىش» ۋە «خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ھېسسىياتى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. گېزىت بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان ماقالىسىنى ئېلان قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ۋاقىتلاردا گېزىت قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېچبىر توسالغۇغا ئۇچرىمىغان (كاراجا، 2003-يىل، 172-بەت). خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسى رايونغا كەلگەن ھەر قانداق قوللاشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇ رايوننىڭ قالايمىقان بولۇشى خىتاينىڭ پەقەتلا بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، قىرغىزىستاندا بىر قىسىم تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسئۇل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن; 1998-يىلى، قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونىدا ئاپتوبۇسنىڭ پارتىلىشى ۋە ئاپتوبۇستىن چىقىرىلغان بىر ساندۇقتىن كېلىپ چىققان پارتلاشتىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەن. 5 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل دەپ قارالغان 4 ئۇيغۇر خىتايغا تاپشۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قىرغىزىستان تاراتقۇلىرى بۇ كىشىلەرنى «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى دەپ كۆرسەتكەن. باشقىچە ئېيتقاندا، پائالىيەتنى ئېلىپ بارغانلار تۈركىستان ئىسلام پارتىسى ياكى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى نىڭ ئەزالىرى دەپ قارالغان (كۇماگۇلوف، 2005).

2002-يىلى 6-ئايدا، خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋاڭ جيەنپىڭ، ئۇيغۇر سودىگىرى ئۆمەر نۇرمۇھەمەدوف بىلەن ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا ئېتىۋېتىلگەن. قىرغىزىستان ئەمەلدارلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ خىتاي جيەنپىڭ ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ نۇرمۇھەممەدوف ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە، قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باكىردىن سۇبانبېكوف بۇ جىنايەتنىڭ سىياسىي ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ئەزاسى دەپ قارالغان بىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، يەنە بىرى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى دەپ قارالغان ئىككى ئۇيغۇرغا مەسئۇلىيەت ئارتىلىپ، جىنايەتچى سۈپىتىدە خىتايغا ئەۋەتىلگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا، قىرغىزىستاندىكى ئەڭ چوڭ بازار دوردوي بازىرىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ پارتىلاشنىڭ ئۇيغۇر گۇرۇھى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان (خېيدېلبېرگ خەلقئارا توقۇنۇش تەتقىقات ئورنى، 2002-يىل، 21-22-بەت).

2001-يىلى 11-سېنتەبىر ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغان. بوۋىڭدون، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت توقۇنۇشى، تېرورلۇق ۋە يەر شارى ئىسلام تەھدىتىگە ئېنىقلىما بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. لېكىن، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بازا تەشكىلاتى ياكى تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا دائىر يېتەرلىك پاكىت يوق (بوۋىڭدون، 2010-يىل، 3-بەت).

مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ئامېرىكىدىكى ھۇجۇملار بىلەن ئۆز چېگراسى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قۇرغان ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە باشلىغان. مۇراي سكوت ۋە جامىس بېللاككۇ تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ تېرورلۇققا بولغان ئىنكاسى» دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، خىتاي ئۆزىنى ئامېرىكىغا ئوخشاش تېرورلۇققا دۇچار بولۇۋاتقان دۆلەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ۋە  1990-يىللىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەرنى تېرورلۇق دەپ تونۇتۇشقا باشلىغان. خىتاي 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن تېرورلۇق ھەققىدىكى باياناتلىرىنىمۇ ئۆزگەرتكەن (تاننېر ۋە بېللاككۇئا، 2016-يىل، 24-بەت).

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تېرورلۇق ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا نىسبەتەن بەزى ئۇيۇشمىلار ۋە كومىتېت رەئىسلىرى ئىنكاس قايتۇرغان. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى «ئىتتىپاق» نىڭ باشلىقى روزىمۇھەممەد ئابدۇلبەكىيېف ۋە 2005-يىلى ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان تۇرسۇن ئىسلام، بىر قىسىم رادىكال ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ۋەقەلەرگە قاتناشقانلىقىنى دەلىللىگەن. لېكىن، ئاز ساندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن قىرغىزىستاندا قانۇنلۇق ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاتتىق تەدبىر قوللانغانلىقىنى تەكىتلىگەن (كۇماگۇلوف، 2005).

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى مىللىي كىملىك بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بەزى يەككە ۋەقەلەرنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن؛ 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا 6 ئۇيغۇر ئىشچىسى ئىككى خىتاي ئايالنى بوزەك قىلدى دېگەن مىش-مىش پاراڭلار سەۋەبىدىن ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت باشلانغان. گەرچە بۇ مىش-مىش پاراڭ كېيىنچە ئاساسسىز بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئۆلۈملەر ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولغان ۋە نېمىشقا ئالدىنى ئېلىنمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان تەخمىنەن 1600 ئاكادېمىك ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولغان بىر گۇرۇپپا ئۈرۈمچىدىكى ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراپ ماڭغان. لېكىن، بۇ گۇرۇپپىغا قارىتىلىپ ئوق ئېتىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قازا قىلغان (ن تېلېۋىزىيەسى، 2009). ئوخشاش مەزگىلدە، خىتاي تاراتقۇلىرى تۆھمەتخور دەپ قارىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ توردىكى خەت-چەكلىرىنى ئېلان قىلغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە سەۋەبچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي تاراتقۇلىرى پەقەت بۇ ۋەقەلەردە يارىلانغان خىتايلارنىلا كۆرسەتكەن (س س ت ۋ، 2009). ئۇنىڭدىن كېيىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرگە ئۆكتىچىلەر ۋە بۆلگۈنچى دەپ گۇمان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى جازالاش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان. دائىرىلەرنىڭ ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلاتقان 2017-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا  سۈرگۈن، قولغا ئېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىككە ئېھتىياجلىق بولغان ھۆكۈمەت، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كامېرا، تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە دائىملىق ساقچى چارلاش ئەترىتى قۇرغان. بۇلاردىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان تەشەببۇسى «سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرى» بولغان. بۇ سەۋەبتىن،  2018-يىلى 8-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خىتاينى لاگېرنى تاقاشقا چاقىرغان بولسىمۇ، خىتاي بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتى كەسكىن داۋام قىلىۋاتقاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان «3 شەيتان» مۇناسىۋىتىدە خىتاي تەرەپتە تۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشنى خالىمىغان قىرغىزىستان، 2001-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 50 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى خىتاي بۆلگۈنچىسى دەپ ئەيىبلەنگەن ۋەكىللەر جەمئىيىتى «ئىتتىپاق» خىتاي تەرىپىدىن بۆلگۈنچى دەپ قارالغان. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بولسا قىرغىزىستان ياكى باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىكىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ۋەقەلەرگە ئارىلاشمىغانلىقىنى بايان قىلغان (مازا، 2014).

2015-يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايۇنىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ 75 ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى» ناملىق تىزىملىكنى ئېلان قىلغان. بۇ تىزىملىككە ئاساسەن، توي مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش؛ سەۋەبسىز بوكىس پەلەي، كومپاس، خەرىتە قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش؛ ئۆيىدە ھەددىدىن زىيادە يېمەكلىكلەرنى ساقلاش؛ ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزلۇق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش؛ دىنىي كىتابلارنى ئېلىپ يۈرۈش، دىنىي پىروگراممىلارنى كۆرۈش (نەنچاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، 2015)؛ قىسقىسى، دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ھەرىكەت، ھەتتا بۆلگۈنچىلىكنى پىلانلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان بارلىق مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەتلەرنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن ئاشقۇنلۇق ئەگەشكۈچىسى دەپ قارالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قانداق بىر جايدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ياكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان بېسىمىنى ئاشۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان. مەسىلەن، 2016-يىلى 8-ئايدا، خىتاينىڭ بىشكەكتىكى باش ئەلچىخانىسى بومبا قاچىلانغان ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ھۇجۇم قىلغۇچى قازا قىلغان. ئەلچىخانىنىڭ 3 قىرغىزىستانلىق خىزمەتچىسىمۇ يارىلانغان (خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئۆزىنى قوشۇپ ھۇجۇم قىلىش، 2016). گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ خىتايدىكى قىرغىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ، 2016-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىزلارغىمۇ بېسىم قىلىش باشلانغان.

2017-يىلى 8-ئايدا قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ رايوندا ياشايدىغان بىر قىرغىز رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بەرگەن: «قىرغىزلار ئادەتتە خىتاينىڭ قىزىلسۇ رايونىدا ياشايدۇ. بۇ يەردە ياشاش شارائىتى خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا پاراللېل ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، بولۇپمۇ دىن ۋە ئەركىنلىك جەھەتتىن قاتتىق چەكلىمىلەر باشلاندى. مەسىلەن، 2016-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ نەچچە ئونلىغان قىرغىز قولغا ئېلىنغان. ئۆيدە قۇرئان كەرىم بولۇش، ساقال قويۇش، ناماز ئوقۇش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، ھەجگە بېرىش، قىرغىزىستانغا بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر قولغا ئېلىنىش سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. سۇلايمان ئوروزو ئىسىملىك بىر ​​كىشى قىرغىزىستانغا بېرىپ-كەلگەنلىكى ئۈچۈن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئابۇتالىپ ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 17 يىل كېسىلدى. نۇرمامبېت ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. قىزىلسۇدىن قىرغىزىستانغا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل تەتىل مەزگىلىدە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بېسىمغا ئۇچرىدى، كېلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قولغا ئېلىندى. مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېگرادىن ئۆتكەندىن كېيىن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم…. ». ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىشى بۇ ۋەقەلەرنىڭ 2016-يىلى باشلانغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوچۇق تۈرمىدىن پەرقى يوقلىقىنى بايان قىلغان (توكتونازاروۋا، 2017).

قىرغىزىستان بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ئارتۇر مېدىتبېكوف ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ رايوندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. مېدېتبېكوفنىڭ قارىشىچە، 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى باش ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغان كىشى ئۇيغۇر بولغانلىقتىن، خىتاي بېسىمنى ئاشۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ خىتاينى مەمنۇنىيەتسىز قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان مېدىتبېكوف ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «ئىسلام دۆلىتى» («شام ئىسلام دۆلىتى»)، «نۇسرا فرونتى»، «تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»، «بازا» قاتارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمغا بولغان ئىنكاسى ئىنتايىن ھەيران قالارلىق بولغان. مەسىلەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى ئالىققان قۇلۇكېۋا، خەلقئارا قانۇن قائىدىسى بويىچە قىرغىز خەلقى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قائىدىسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قىرغىزىستاننىڭ بۇ ۋەقەلەرگە ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (توكتونازاروۋا، 2017). باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى قىرغىزلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

رايوننى زىيارەت قىلغان خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر، نۇرغۇن ساقچىنىڭ ئىتلار بىلەن بۇ رايوننى چارلاۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر بىر پۇقرانىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. خىتاي بۇ رايوننى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشنىڭ سەۋەبىنى «3 شەيتان» نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە كۈچىيىشىگە بولغان ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، سۈرگۈندىكى كىشىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ مۇئامىلىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باشقىچە ئېيتقاندا، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمى، بۇ رايوندىكى شىددەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. گراسىي، خىتاي بۇ رايوندىكى خەلقنى ئىسلام دىنىنى خىتاي پۇقرالىقىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىنى ۋە دۆلەتكە سادىق بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان (گراسىي، 2015).

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە ئاشقۇنلار بىلەن رايوندىكى دىنىي، سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تىنچ ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ئۇرۇنغان مۇسۇلمانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلمايدىكەن. دۆلەتنى تەنقىد قىلغان ھەر بىر سۆز تېرورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان. بۇ سەۋەب بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئاكادېمىكلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئىلھام توختى بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىلھام توختى، بۇ قارارغا قارىشى ئۇ ھەمىشە خىتايلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى قۇرغان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زالىم ۋە جازا سىياسىتىنىڭ خەلقنى رادىكاللاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. لېكىن، توقۇنۇش خىتاي بىلەن تېرورچىلار ئوتتۇرىسىدا ئەمەس، خىتاي بىلەن ئىسلام ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ بايانى ئىلھام توختىنىڭ  جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا كەلتۈرۈپ چىقارغان (گراسىي، 2014).

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ رايون پەقەتلا ئۇيغۇرلار بىلەنلا كۈن تەرتىپكە كەلمىگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭمۇ ئوخشاش بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ بېسىم كۈندىلىك تۇرمۇشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، دىنىي قىممەت قارىشى ۋە ئېتىقادى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشان بولۇپ قالغان. خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاقىستان، قىرغىزىستان، خۇي قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھالال مەھسۇلاتلارغا قارشى پائالىيەت قوزغىغان (خىتاي «ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇشتىكى نىشانى ھالال مەھسۇلاتلار، 2018). باشقىچە ئېيتقاندا خىتاي، ھالال مەھسۇلاتلارنى يېيىشمۇ ئاشقۇنلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. يەنە كېلىپ، ئامما ئارىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ۋە خىتاي تەرىپىدىن «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دەپ ئاتالغان لاگېرلار 2018-يىلى ئۆكتەبىردە يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم بۇ رايوندا قۇرۇلغان لاگېرلارنىڭ مەقسىتى ھەققىدە كەڭ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ تېرورلۇقنىڭ ماھىيىتى ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ زىيىنىنى ئېنىق كۆرۈشىگە ياردەم قىلىدىغان كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ بىر خىل «جازا لاگېرى» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشنى رەت قىلغان (خىتايدىن كەلگەن قىرغىزلار قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جېنبېكوفنى تۇتۇلغان تۇغقانلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى، 2018). ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇدىرى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا تاماق ۋە ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، بۇ تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۇ خىل ئىدىيەدىكىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ئىزاھاتلارغا قارىشى، خىتاي تەربىيەلەش لاگېرلىرى دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ لاگېرلار ب د ت تەرىپىدىن 1 مىليونغا يېقىن مۇسۇلماننىڭ رۇخسىتىسىز تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغان. قولغا ئېلىنغانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار بۇ لاگېرلارنى ئۇيغۇرلار ناھەق قامالغان تۈرمە دەپ ئىپادىلىگەن (خىتاي تەربىيەلەش لاگېرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى، 2018).

2018-يىلى نويابىردا، قىرغىزىستاندا مەمۇرلار، پائالىيەتچىلەر، زىيالىيلار ۋە خىتاي قىرغىزلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتايدىكى تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىزلارغا بېغىشلانغان يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا خىتاي پۇقرالىقىدىن قىرغىزىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ۋە ئىنىسىنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەلمەمەت ئوسمون ئۇلۇ، قىرغىزلارنىڭ بۇ لاگېرلارغا كىرىشىنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇق ياكى تېرورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى؛ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 مىڭ ئەتراپىدىكى قىرغىزلارنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىمى ھەتتا مەسچىتلەرگىمۇ بارمايدىغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دىن ھەققىدە چۈشەنچىسى يوقلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە شائىرلار ۋە ئالىملارنىڭمۇ سەۋەبسىزچە تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بايان قىلغان (جالبىراك ت ۋ، 2018). بۇنىڭغا قارىتا، بىر تۈركۈم قىرغىزىستان پۇقرالىرى جېنبېكوفقا ئەھۋال ھەققىدە ئوچۇق خەت ئەۋەتكەن. خەتنى يازغانلار، تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭ بەزىدە 2 يىلدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ئارىلىقتا ھېچقانداق ئالاقە قىلىنالمىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ب د ت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا ئاۋغۇستتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەخمىنەن 1 مىليون مۇسۇلماننىڭ «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە مىليونلىغان كىشى خىتاينىڭ ئىپادىسى بىلەن «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىنغانلىقى ئىپادە قىلىنغان (خىتايدىن كەلگەن قىرغىزلار قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جېنبېكوفنى تۇتۇلغان تۇغقانلىرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى، 2018).

بۇ ئىشلار قىرغىزىستاندا ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدە قىرغىزلارنىڭ خىتايغا قارشى ئىنكاسلىرى كۆپەيگەن. فېيسبۇك بېتىدە «خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرىمىز» ماۋزۇسىدا، كىشىلەر خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتلىرى، قىرغىزىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان ۋە رەسىملەرنى ئورتاقلاشقان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئورتاق يازمىلارنىڭ خىتايغا قارشى ئىكەنلىكى بايقالغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى ۋە خىتايدىكى تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئېلىشقا باشلىغان. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىشكەكتىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلققە قاراتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، «قىرغىز چورولورۇ» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ بىشكەكتىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا  قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە قىرغىزلارنىڭ بۇ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشنى تەلەپ قىلغان ( خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىلىكىنىڭ ئالدىدىكى پائالىيەت، 2018).

ئامېرىكىدا دىنىي ئاشقۇنلۇق توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇران بوتوبېكوف خىتاينىڭ رايوندىكى مۇسۇلمان-تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدا قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بوتوبېكوف ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قوراللىق تەشكىلاتى بارلىقىنى، ئۇ يەنە ئۆزبېك، قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان. بوتوبېكوفنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە سۇرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە بۇ ئەھۋال ئىسلامغا بولغان سەلبىي پوزىتسىيەسىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن، ئۇ يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى پوزىتسىيەسى ۋە ئۇنىڭ لاگېرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، بوتوبېكوف يېقىنقى 25 يىلدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتقان.

ئاپتور مۇنداق دېدى: بېيجىڭنىڭ يىپەك يولىدىكى قوشنىلىرىغا قەرز بېرىش ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندۇرغانلىقىنى؛ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ چەتئەل قەرزىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايدىن ئېلىنغانلىقىنى؛ بۇ سەۋەبتىن، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمىغا قارىشى قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى قوللىيالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان (كويچيېۋا، 2018). قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «يىل ئاخىرىدىكى باھالاش يىغىنى» دا خىتايدىكى قىرغىز خەلقىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ رايوندا خىتاي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى بوتوبېكوفنىڭ باياناتىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ (ئالاتو 24، 2018).

ئەمەلىيەتتە، خىتايمۇ خەلققە بولغان بېسىمىنى «بىخەتەرلىك» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۆز دۆلىتىنىڭ «ئىچكى ئىشلىرى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نەتىجىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى سۈپىتىدە باشلانغان ۋەقەلەر، رايوندىكى قىرغىزلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ ۋەقەلەر خىتاي ئىپادىلىگەندەك ئىچكى مەسىلە بولماستىن، بەلكى مىللىي ۋە دىنىي كىملىككە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىغان قىرغىز خەلقى يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە تۇتقان.

خۇلاسە ۋە باھالاش

قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ تەتقىقاتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى شەرقىي تۈركىستان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە چېگرا مەسىلىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. شەرقىي تۈركىستان-قىرغىزىستان چېگراسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋە قىرغىزىستاندا بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقەررەر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار قوزغىتالايدىغان ھەر قانداق بىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. بۇ دائىرىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەت مۇمكىنچىلىكىنىڭ باشقا مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەن.

بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاينىڭ رايون ۋە دۇنيا سەھنىسىدىكى ئىقتىسادىي نىشانىغا تۆھپە قوشۇشى مۇقەررەر. لېكىن، خىتاينىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىشنى داۋام قىلىشى رايوندىكى داۋالغۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. چۈنكى خىتاينىڭ زالىم پوزىتسىيەسى، تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ۋە ئاشقۇنلۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان بەزى گۇرۇپپىلار بىلەن دىننىي، سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ دائىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولۇپ، دۆلەتكە قارشى ھەر قانداق باشقىچە پىكىرلەر تېرورلۇق بىلەن چېتىلغان، ھەتتا، پەقەت مۇسۇلمان بولۇشمۇ خىتاينىڭ نەزىرىدە تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلىشىدىكى سەۋەب بولۇپ قالغان.

خىتاينىڭ زېمىنىدا نۇرغۇن مىللەتنىڭ بارلىقىنى ئويلاشقاندا، ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايوندا مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەيران قالارلىق نەتىجە ئەمەس. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاينىڭ مۇقىملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى قايتا قاراپ چىقىشى ۋە خەلقئارا سەھنىدە قوللانغان «يۇمشاق كۈچ» ئۇقۇمىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ چېگراسىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئىشلىتىشى، ھەم دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم خەلقئارا سەھنىدە تەكىتلىگەن تىنچلىقنى قوللىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدەك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشى، خىتاينى خەلقئارا سەھنىدىكى ئىقتىسادىي نىشانىنى تېخىمۇ ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ كۈچىگە قارىشى يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك،

1992-2018- يىللىرى ئارىسىدا قىرغىزىستان گېزىتىنىڭ ئارخىپلىرى ۋە 2000-يىلدىن كېيىن رۇس ۋە ئىنگلىزچە ئاخبارات مەتبۇئاتلىرى تەكشۈرۈلگەندە، قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ھېچقانداق خەۋەر يوقلىقى ئېنىقلانغان. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن بەكرەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دائىم كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ۋە قوللىنىلىۋاتقان زۇلۇم، زوراۋانلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ، 2018-يىل بۇ تونۇشنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى بولغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان قىرغىزلارغىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى، قىرغىز خەلقىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزغان.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئەندىشىسى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغانلىقىنى؛ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان چېگرا مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى بويىچە ھەل قىلىنغانلىقىنى؛ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە ئورتاق پايدا ئېلىش ئەمەس، بەلكى مەنپەئەتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇستەقىل قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىدا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ دۆلەت ئىچكى سىياسىتى جەھەتتە ئىنتايىن نازۇك دۆلەت بولغان قىرغىزىستاندا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە خەلقنىڭ بۇ ئەھۋالغا تېخىمۇ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كۈن تەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Kırgızistan Çin Güvenlik İlişkileri ve Doğu Türkistan Meselesi

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top