You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » گېنىرال گوچى: ھەرەمباغدا ئادەم گۆشى يېدۇق!

گېنىرال گوچى: ھەرەمباغدا ئادەم گۆشى يېدۇق!

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن 1945-يىلى جىڭ ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسى گېنىرال مايورى گوچى (郭岐) يازغان «شىنجاڭدىكى قانلىق جەڭ» (黄沙碧血战新疆) ناملىق ئەسلىمە كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى. مەزكۇر كىتاب 1944-يىلى پارتىلىغان نويابىر مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابى جەريانىدىكى مۇھىم جەڭلەر ھەققىدە خىتاي گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە تەھلىللىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەلۇماتلار بېرىدۇ. بۇ يازما كىتابنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدىكى غۇلجانى ئازاد قىلىش جېڭى ۋە مەشھۇر ھەرەمباغ ئۇرۇشىنىڭ جەريانى تونۇشتۇرۇلغان بابلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، خىتاي گېنىرال گوچى ئەينى چاغدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىيلىرىنىڭ «توپىلاڭنى سوۋېت قوزغىدى، بۇ پۈتۈنلەي سوۋېتنىڭ ئېغۋاسى، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى جەڭگە كىردى» دېگەندەك ئاساسسىز سەپسەتەلىرىنى تاكى 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغىچە ساقلاپ كەلگەن ۋە ئەسلىمەسىگە كىرگۈزگەن. بۇ بابلاردىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان يەنە بىر نۇقتا، ھەرەمباغدا قامىلىپ قالغان خىتاي ھەربىي ۋە كۆچمەنلىرىنىڭ ساق قېلىش ئۈچۈن ئادەم گۆشى يېگەنلىكىدىن ئىبارەت. گېنىرال گوچى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەرەمباغنى قاتتىق قامال قىلىشىنى «تەبىئىتىدىكى ۋەھشىيلىك»دەپ ئاتايدۇ. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «ۋەتەن تۇپرىقىنى تۇتۇپ تۇرۇش» ئۈچۈن ئادەم گۆشى يېگەنلىكىنى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز بالىلىرىنى خىتاي ئەسكەرلەرگە «غىزا» قىلىش ئۈچۈن بوغۇزلىغانلىقىنى قانداقتۇر «ۋەتەنپەرۋەرلىك»دەپ تەرىپلەيدۇ. مەزكۇر نۇقتانىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەمەس بەلكى بىر خىتاي گېنىرالىنىڭ ئەسلىمەسىدە كۆرۈلۈشى ۋە ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇلۇشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. 11 ماددىلىق تېنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، گېنىرال گوچى ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلاردىن ئابدۇرېھىم ئەيسا قاتارلىقلار بىلەن ئالماشتۇرۇلغان ۋە بىتىمگە ئاساسەن ماناس ئارقىلىق خىتاي گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، كېيىن تەربىيلەش-ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لەنجۇغا يوللانغان. 1949-يىلى خىتاي گومىنداڭ تەرەپ ئىچكى ئۇرۇشتا كومۇنىستلارغا يېڭىلگەندىن كېيىن، گېنىرال گوچى تەيۋەنگە قاچقان ۋە ھەربىي  مەشقاۋۇل بولۇپ خىزمەت قىلىپ، 1993-يىلى 88 يېشىدا ئۆلگەن. گوچى شەرقىي تۈركىستاندا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى 1986-يىلى كىتاب قىلىپ تەيۋەندە نەشىر قىلدۇرغان. 


ئالتايدا توپىلاڭ بېسىقسا، ئىلىدا ئىسيان 

مىنگونىڭ 33-يىلى (1944-يىلى) 29-ئاۋغۇست كۈنى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شىڭ شىسەي (盛世才) نى دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستېرى بولۇشقا يۆتكەپ كەتتى ۋە ئەينى چاغدا موڭغۇل-تىبەت كومىتېتى (蒙藏委员会) نىڭ باشلىقى بولۇق تۇرۇۋاتقان ۋۇ جۇڭشىن (吴忠信) نى شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسى بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەۋەتتى. ۋۇ جۇڭشىن كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، گېنىرال جۇ شاۋلياڭ (朱绍良) ۋاقتلىق ھالدا مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تۇردى. جۇ شالياڭ ۋاقلىق رەئىس بولۇۋاتقان مەزگىلدە، تېزدىن ئالتايدىكى قازاقلارنىڭ توپىلاڭىنى بېسىقتۇردى. ئاۋۋال ئالتايلىق ئەلەنۋاڭنىڭ رەپىقىسى قادۋاننى ئۈرۈمچى ۋىلايەتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەپ، قازاقلارنىڭ ئەلەنۋاڭنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان غەزىپىنى باسماقچى بولدى. كېيىن ۋالىي قادۋان ئارقىلىق، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوسماننى ھۆكۈمەت تەرەپكە قايتۇرۇپ كېلىشكە يول ئاچتى. بۇ چارە ئۈنۈم بەردى ۋە قادۋان ئۈرۈمچىگە ۋالىي بولغاندىن كېيىن ئوسمان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. 10-ئۆكتەبىر كۈنى ۋۇ جۇڭشىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئوسماننىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. شۇندىن كېيىن ۋالىي قادۋاننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت ئوسماننى ئالتاينىڭ ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالتايدىكى قالايمىقانچىلىق ۋاقتىنچە بېسىقتى.

لېكىن ئىلى ۋىلايەتىدە 7-نويابىر كۈنى قالايمىغانچىلىق باشلاندى. 7-نويابىر كۈنى قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابى (ئۆكتەبىر ئىنقىلابى) غەلبە قىلغان كۈن، يەنى قىزىل روسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى ئىدى. غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت كونسۇلخاناسى بۇ كۈنى دۆلەت بايرىمىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى نىيىتى يامان ئۇنسۇرلارنىمۇ كونسۇلخاناغا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كىرگەن ھەربىر كىشىگە بىردىن قورال تارقىتىپ ،پۈتۈن ۋىلايەتكە تاراتقۇزۇپ، خىتايلارغا قارشى، ھۆكۈمەتكە قارشى بايراقلارنى كۆتۈرگۈزۈپ، ئىلىدىكى توققۇز قەلئە* (伊犁九城) دە توپىلاڭ كۆتۈرگۈزدى. ئەينى چاغدا ئارمىيەمىزنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆلكەنىڭ شەرقىي قىسىمىدا توختاپ قالغان بولۇپ، ئىلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملار بولسا شىڭ شىسەي زامانىدىن قالغان ئۆلكەلىك ئارمىيە قىسىملىرى ئىدى. قوللىرىدىكى قوراللارمۇ روسىيە ئۆزىگە كېرەك قىلمايدىغان ئەسكە-تۈسكەلەر بولۇپ، ئەلۋەتتە قوللىرىدا يېڭىچە روس قوراللىرىنى تۇتقان قىسىملارنىڭ رەقىبى بولالمايتتى. پۈتۈن توققۇز قەلئەنى پەقەت بىر باتالىيون ئەسكەر ساقلايتتى. قالغانلىرى يا ئامانلىق ساقلىغۇچى قىسىملار، ياكى بولمىسا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بولۇپ، مۇنتىزىم ئۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قالايمىقانچىلىق چىقسىلا يىغىشتۇرۇش تەس ئىدى.

12-نويابىر كۈنى، يەنى ۋۇجۇڭشىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 3-كۈنى، باش قوماندان لى تيېجۈن (李铁军) بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، زاپاس 7-دىۋىزىيەنىڭ پىڭ جۈنيې (彭俊业) پولكىنى كېچىلەپ يۈرگۈزۈپ ئىلىغا ياردەمگە ئەۋەتتى. بۇ قىسىملار 16-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، شەھەر مۇداپىئەسىدە ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا باشلىدى. سىتالىن بىز تەرەپنىڭ ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىپ، بىراقلا قىزىل ئارمىيە 8-پولكىنى توپىلاڭچىلار قىياپىتىگە كىرگۈزۈپ ئۇرۇشقا سېلىشنى قارار قىلدى، شۇنداقلا ئاق ئورۇسلارنىڭ تەجرىبەلىك گېنىرالى پالىنوفنى ئىلى توپىلاڭچىلىرىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ، توپىلاڭنى كېڭەيتىۋەتتى. غۇلجا شەھىرىدىكى سۈپىتى ياخشى ئىمارەتلەردىن ۋالىي مەھكىمەسى، شەھەرلىك ساقچى ئىدارەسى ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلار شىركىتى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن توپىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. سابىق ئۆلكە ئارمىيەسىگە تەۋە لى چىڭجىي (李庆芝) باتالىيونىدىكىلەر كوچا ئۇرۇشىدا پۈتۈنلەي قۇربان بولدى. پەقەتلار ياردەمگە يېتىپ كەلگەن پىڭ جۈنيې پولكى بۆلۈنۈپ، ھاۋا ئارمىيە تەلىم-تەربىيە ئەترىتى ۋە ئايردروم قاتارلىق ئىككى نۇقتىدا قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، ياردەمچى قوشۇننىڭ كېلىشىنى كۈتتى. گېنىرال جۇ شاۋلياڭ ۋە باش قوماندان لى تېيجۈن ئىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، 22-نويابىر كۈنى زاپاس 7-دىۋىزىيەنىڭ مۇئاۋىن دىۋىزىيە كوماندېرى دۇ دېفۇ (杜德孚) نى قىيىن شارائىتتا ئۆزى يالغۇز ھالدا ئىلىغا ئەۋەتىپ، روھىي جەھەتتىن ئىلھام بەرمەكچى بولدى. ئاندىن كېيىن، تۇرپاندا تۇرۇشلۇق 45-دىۋىزىيەگە كېچىلەپ غەربكە يۈرۈپ، قورشاۋدا قالغان قوشۇننى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق بەردى.

ئوق-دورا قالمىدى، ياردەمچى قوشۇندىن ئۈمىد يوق، ئەسكەر ۋە پۇقرا ئۆلۈم گىردابىدا

لېكىن، مەزكۇر دىۋىزىيەنىڭ كوماندېر شې يىفىڭ (谢义峰) يېتەكچىلىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى پولكى (ئىككىنچى پولك بارىكۆلدە تۇرۇشلۇق بولۇپ، غەربكە يۆتكىلىشى ئەپسىز ئىدى) جىڭغا يېتىپ بارغاندا، ئىلىدىكى توققۇز قەلئە پۈتۈنلەي قولدىن كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش مەزگىلىدە ھاۋا قەھرىتان سوغۇق، قىسىملىرىمىزنىڭ تەييارلىقى تولىمۇ كەمچىل بولۇپ، بۇ شارائىتقا ماسلىشالمايتتى. نەتىجەدە ئۈششۈپ قالغان كىشىلەرنىڭ سانى يارىدارلار بولغانلاردىن ئېشىپ كەتتى؛ توڭلاپ ئۆلگەن ئەسكەرلەر ئوق تېگىپ ئۆلگەن ئەسكەلەردىن كۆپ بولۇپ، ياردەمچى قوشۇنلار يېتىپ كېلىپ قۇتۇلدۇرۇشقا ئامال قالمىدى. ۋاھالەنكى، بۇ ۋاقتتا  چۇپۇر يۈز روسلار (老毛子) ئىلىدىكى توققۇز قەلئەنى تولۇق بېسىۋېلىشنى قارار قىلدى. ھاۋا ئارمىيە تەلىم تەربىيە ئەترىتى ۋە ئايردرومدا قاپسىلىپ قالغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەشمىڭ پاي زەمبىرەك (ئەسلى مىناميوت) ئوقى بىلەن توپقا تۇتاتتى ۋە ئارىلاپ ئايروپىلانلار كېلىپ ھەمدەم بولاتتى. ئاتالمىش توپىلاڭچىلاردىن بۇ ئايروپىلان ۋە زەمبىرەكلەر قەيەردىن كەلگەن دەپ سورىغىم كېلىدۇ؟ بۇ بەئەينى قىزىل ئارمىيە 8-پولكى بىلەن ئۇرۇش قىلغان بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ. بۇ چاغدا غۇلجا شەھىرىدىكى بازىلارنى كونترول قىلىپ تۇرغان كوماندېر دۇ دېفۇ توختىماستىن تېلىگرامما يوللاپ، ياردەمچى قوشۇننىڭ كېلىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. تاكى ئۈمىد پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنگە قەدەر دەل 83 كۈن ساقلىدى. ئۇ ھەتتا باش قوماندان لى تىيېجۈن گە شۇنداق دېدى:

”پېقىر ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ روسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمەن. پەقەت بولمىسا پېقىر قايتا تىرىلگەندىن كېيىن ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشەرمەن“

شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدا بىر قالايمىقانچىلىك چىققان ھامان خىتاي ئاھالىلەر خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بىللە يۆتكىلىدۇ. ئەسلى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بىللە يۆتكەلگەن ئىلىدىكى توققۇز قەلئەدىن كەلگەن خىتاي ئاھالىلەر بۇ چاغدا قاقسەنەم بولۇپ كەتكەن، بارلىق ئاشلىقلىرىنى يەپ تۈگەتكەن ئىدى. مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان قوشۇننى ئاچلىقتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلار تولىمۇ چارىسىزلىك ئىچىدە ئۆز بالىلىرىنى خۇپىيانە ھالدا بوغۇزلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى پىشۇرۇپ ئەسكەرلەرگە يېگۈزگەن ئىدى. نەتىجەدە دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنغان، يەر ۋە كۆكنى لەرزىگە سالىدىغان، ئەرۋاھلارنى ھۈركۈتىدىغان بۇ بىر مەيدان كۈرەش شۇ جايدىكى ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر ۋە تارانچىلارنى تەسىرلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئامال قىلىپ قوشۇنىمىز ۋە ئاھالىلەرگە ئوغرىلىقچە ئازراق ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھەرىكەت قىلدى. ئەپسۇسكى، شىمالىي قۇتۇپنىڭ چۇپۇر يۈز ئېيىقلىرىنىڭ تەبىئىتى ۋەھشىي بولۇپ، مۇدائىپەدە تۇرۇۋاتقان قىسىمنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا يول قويماي، قامالدا ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.

مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 31-يانۋارغا كەلگەندە، ئىلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي قىسىملىرى ۋە ئاھالىلىرى ھاۋا ئارمىيە تەلىم-تەربىيە ئەترىتىنى جان تىكىپ ساقلاۋاتقانغا 85 كۈن تولدى. بۇ چاغدا ئوق-دورا ۋە ئوزۇق-تۆلۈكلەر پۈتۈنلەي تۈگىگەن بولۇپ، ياردەمچى قوشۇننىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ئىدى. ھەتتا ئەڭ ئالىي يېتەكچى بولغان مۇئاۋىن دىۋىزىيە كوماندىرى دۇ دېفۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن جىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقماقچى بولۇشتى. لېكىن، قورشاۋنى بۆسۈپ چىققۇچى قوشۇننىڭ ئۆزلىرى ۋە ئاتلىرىمۇ ئاچ يالىڭاچ، يۆتكىلىش سۈرىتى تولىمۇ ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر رايونىنى بۆسۈپ چىقىپ، تاغ تەرەپكە (پىلىچى غولىغا) كەلگەندە دۈشمەن قىسىملار ئاپتوموبىل بىلەن قوغلاپ كېلىپ، غالجىرلارچە ئوققا تۇتتى. گېنىرال دۇ دېفۇ ئۆزىنىڭ ھىمايەسىز قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئوقلىرىمۇ تۈگىگەنلىكىنى سەزگەندىن كېيىن، ئۆزىگە ئۆلۈمدىن باشقا يول يوقلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئاخىرى ئۇ شىردەك ھۆركىرىگەن ھالدا:« ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلسەم رازىمەنكى، دۈشمەنگە ئەسىر بولمايمەن» دېدى-دە، قولىدىكى بىرلا پاي ئوق قالغان تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋالدى. گەرچە شتاب باشلىقى مايور ساۋ رىليڭ (曹日灵) قوشۇننى باشلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىگەن بولسىمۇ، دۈشمەننىڭ ھەرىكىتى چاققانلىقى ۋە سانىنىڭمۇ بارا-بارا كۆپەيگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاخىرى دۈشمەننىڭ ئوقىدا قۇربان بولدى. بۇ چاغدا ئەسكەرلەر ۋە ئاھالىلەردىن بولۇپ بىر قانچە يۈز كىشى قالغان بولۇپ، ئۇلار دۈشمەن تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنىپ، غۇلجا شەھىرىگە يالاپ ئېلىپ كېتىلدى. بەختكە قارشى بۇ بىر تۈركۈم ئەسىر ئېلىنغان ئەسكەر ۋە ئاھالىلەر شەھەر سېپىلىغا كەلگەندە غەزەپلەنگەن توپىلاڭچىلارنىڭ كالتەك-چوماقلار بىلەن ئۇرۇپ سوقۇشىغا دۇچ كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلى ئىلىدىكى توققۇز قەلئەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىيلەر ۋە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەتەن ئۈچۈن ئېچىنىشلىق ھالدا قۇربان بولدى. 

مەنبە: گوچى (郭岐)، «شىنجاڭدىكى قانلىق جەڭ» (黄沙碧血战新疆)، 1986-يىلى.

*ئىلىدىكى توققۇز قەلئە (伊犁九城) – چىڭ سۇلالىسى 1762-يىلى ئىلى قاتارلىق جايلار ئىشلىرىنى بىر تۇتاش ئىدارە قىلىدىغان جياڭجۈن («ئىلى جياڭجۈنى»دەپ ئاتىلىدۇ) بەلگىلەپ، ئۇنى شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئالىي ئەمەلدار سۈپىتىدە ئىلىدىكى كۈرە قەلئەسىدە تۇرغۇزدى. بىرىنچى قېتىم قويۇلغان ئىلى جياڭجۈنى مىڭرۈيدىن ئاخىرقى جياڭجۈن زىرۈيگە قەدەر 150 يىل ئۆتتى. بۇ جەرياندا جەمئىي 133 كىشى ئىلى جياڭجۈنى بولۇپ تەيىنلەندى. چىڭ سۇلالىسى 1761-يىلىدىن 1777-يىلىغىچە بولغان 16 يىلدا كۈرەنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ توققۇز قەلئە سالدى. بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تالچى قەلئەسى، كۈرە قەلئەسى، خۈينىڭ قەلئەسى، سۈيدۈڭ قەلئەسى، گۇاڭرېن قەلئەسى، چيەندې قەلئەسى، گوڭچىن قەلئەسى، شىچۈن قەلئەسى.
– نىياز كېرىمى، زىۋىدە ساتتار، «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە»، 213-بەت


مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى، 1945-يىلى جىڭ ئۇرۇشىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن خىتاي گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيەسى گېنىرال مايورى گوچى (郭岐) ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقاۋىسى 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top