You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خەلقئارا قانۇندا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان

خەلقئارا قانۇندا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان

ئابدۇلقادىر توق (ئىنسان ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزى İNSAMER تەتقىقاتچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئا. سەردار زاغئوغلى

خىتاينىڭ 1955 – يىلى ئالغان قارارى بىلەن شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون بولۇپ تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرىپىدىن تەدىرىجى بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە قانۇنىي چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن پەقەت بەھرىمەن بولالمىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئىچكى ئىشلاردا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشەلمىدى.

خىتاي ئىشخالىيىتىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرك دۆلەتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ھەر ۋاقىت خىتاي بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ رايوندا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ھۇنلار بۇ ھەقتە دىققەت تارتىدۇ. بۇ دۆلەتنى يىقىتىش ئۈچۈن خىلمۇ – خىل سىياسەتلەر يۈرگۈزگەن خىتاي ئاخىرىدا نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.[1] ھۇنلاردىن كېيىنمۇ بۇ رايوندا پەرقلىق تۈرك دۆلەتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۆرەش يۈز يىللارچە داۋام قىلدى. شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئۆتمىشتىن بۇيان ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان خىتاي، 1949- يىلى بىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى.[2] شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ زىمىنى دىگەن بۇ سەپسەتىلىرىگە قارشى  كەسكىنلىك بىلەن قارشى چىققان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بۇ زېمىننىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ھەقىقىي ئېگىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان 1.828.418 كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق يەر كۆلىمى، مول تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى ۋە پەرقلىق دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جۇغراپىيەسى سەۋەبلىك ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دۇنياغا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىدۇر. سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدا سوۋېتلەرگە قارشى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بىر ئورۇن بولغان شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئېگىدۇر. شۇنداقلا  بۇ رايون نېفىت، ئالتۇن، ئۇران ۋە كۆمۈرگە ئوخشاش تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن تارىختىن بېرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نىشانىدا بولۇپ كەلگەن. [3]

كۈنىمىزدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول تەبىئىي بايلىقلىرى كوممۇنىست ھاكىمىيەت تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستان خەلقىگە رايوننىڭ تەبىئي بايلىقلىرىنى ئىشلىتىشىگە ھېچقانچىلىك ھوقۇق بەرمىگەن بېيجىڭ كومىنىست ھۆكىمىتى، رايونغا خىتاي ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت يەر – زېمىنلارغا ئۇلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۈنۈمسىز يەرلەرگە كۆچۈشكە زورلىماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار، كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان رايونلاردىكى قۇرغاقلىق ۋە كۈنسايىن ئېشىۋاتقان چۆللىشىش نەتىجىسىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالماي زور قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. [4]  خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بىر تەجرىبەخانا ئورنىدا كۆرۈپ؛ خىلمۇ – خىل يادرولۇق قورال، بىئولوگىيىلىك ۋە خىمىيىلىك سىناقلار ئۈچۈن رايوننى ئىشلەتكەنلىكى، بۇ سىناقلارنىڭ پاسسىپ تەسىرى نەتىجىسىدە رايوننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ راك كېسىلى چىىقىدىغان يەرلەردىن بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى قەيىت قىلىنماقتا. [5]

باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى

1949- يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان، 1955- يىلى ئۆكتەبىردە روسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆلكە سالاھىيىتىدىن چىقىپ ئاتالمىش ”شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى“ غا ئۆزگەرتىلدى. رايون پايتەختىنىڭ ”دىخۇا“  ناملىق ئىسمىمۇ ”ئۈرۈمچى“ گە ئۆزگەرتىلدى. [6] شەرقىي تۈركىستان كۈنىمىزدە خىتايدىكى قانۇنىي نۇقتىدىن ئاپتونۇم رايونلۇق (ئىچكى ئىشلاردا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش) سالاھىيىتىگە ئېگە 5 رايوننىڭ بىرىدۇر.

بۇ سالاھىيەتنىڭ تەلىپى سۈپىتىدە 1982- يىلىدىكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ بەزى ماددىلىرىدا، ئاپتونۇم رايون ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەزى ھەق – ھوقۇقلار بېرىلگەن. خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4- ماددىسىدا دۆلەتتىكى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئايرىمچىلىق ۋە زورلۇق قىلىش چەكلەنگەن. ئاپتونۇم رايونلاردا ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئەنئەنىسىنى قوغداش ئەركىنلىكى بارلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاپتونۇم رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى، بۇ ئورگانلار ۋاستىسى ئارقىلىق مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىنىڭ مۇستەقىل باشقۇرىلىدىغانلىقى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى قوغدىيالايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن ئاپتونۇم رايونلاردا دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزىمى ۋە ئۆز ئېھتىياجىغا قارىتا ئاممىۋىي بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن يەرلىك ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى تەشكىللىيەلەيدىغانلىقىغا ئوخشاش ماددىلارمۇ بېكىتىلگەن.

يەنە خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 59، 65، 114 ۋە 116- ماددىلىرىدا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولۇشى تەكىتلەنگەن بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەزى تۈزىتىش ۋە لاھىيەدە بولالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. [7] بۇنىڭدىن باشقا ئاساسىي قانۇننىڭ 117- ۋە 118- ماددىلىرىدا ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ رايوننىڭ مالىيە ئەھۋالىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى، رايوننىڭ بارلىق كىرىمىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغانلىقى، يەرلىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەڭشىلىدىغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي باشقۇرۇشنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن. [8]

قىسقىسى، ئاپتونۇم رايونلار دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن چەك – چېگرا ئىچىدە ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە يەرلىك ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېگە. ئەمما، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچ قايسىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. مەسىلەن: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا دۆلەت بىلەن تىجارەت كېلىشىمى ئىمزالاش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ھەتتا، ئاپتونوم رايون رەئىسىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ۋە ئىمزا قويۇش ھوقۇقى يوق. خىتاي ھاكىمىيىتى ئاساسىي قانۇندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان ماددىلارنى خەلقئارادا ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن پەقەت تەشۋىقات مەقسىتىدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

خەلقئارا قانۇن بويىچە ئاپتونوم رايونلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى باشقا بىر دۆلەتنى ئارىلاشتۇرماي ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىغا ئېگە. مەركىزى ھۆكۈمەت تاشقىي سىياسەت ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە ئوخشاش ئىشلاردا يەرلىك ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدۇ. ئەمما، بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەرلىك ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك ھۆكۈمەتكە پەقەت مەلۇم مىقداردا ئارلىشالايدۇ، خالاس.

ئەمما، ھازىرغىچىلىك ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرىنى تونىغان ياكى بىر ئاز سانلىق مىللەتكە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىگە دائىر رەسمى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق بىر كېلىشىم تۈزۈلمىدى. پەقەتلا،  نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق ماتېرىياللاردا ئاپتونومىيەنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا ئاپتونومىيە مەسىلىسىمۇ تېكىستكە قوشۇلغان. بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى 1945- يىلى ئىمزالانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ ”ئاپتونومىيىلىك بولمىغان دۆلەتلەر خىتابنامىسى“ ماۋزۇلۇق خىتابنامىنىڭ 11- بۆلۈم 73- ماددىسىدىكى ئاپتونومىيە لايىھەسىدە شۇنداق دېيىلگەن:“ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان رايونلارنىڭ ئىدارىسىگە مەسئۇل بولغان ب د ت ئەزالىرى، بۇ رايوندا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىك ماددىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇشبۇ كېلىشىم بىلەن قۇرۇلغان تىنچلىق ۋە ئامانلىق تۈزۈلمىسى ئىچىدە بۇ رايونلاردا ياشايدىغان خەلقنى ئەڭ باياشات تۇرمۇشقا ئەكىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ بىلىدۇ.“

يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئەھدىنامىسى بويىچە: ”ئاپتونومىيە، مەزكۇر خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلىم – پەن قاتارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم قىلىش، ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ۋە يامانلىقلاردىن قوغداش؛ ھەر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا خاس شەرت – شارائىت ئاساسىدا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىقىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي كۆز – قاراشلىرىغا ئېتىبار بېرىش ۋە مۇستەقىل سىياسىي قۇرۇلۇشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى نىشان قىلىدۇ.“

قىسقىچە، ئاپتونوم رايونلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقى ۋە ئارلىشىۋېلىشى بولمىغان ئاساستا ئۆزىگە خاس ھالەتتە ئىدارە قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، مۇۋاپىق سايلام ۋە ۋەكىل سېستىمىسى ئارقىلىق رايون خەلقىنىڭ ئىدارە ئىشلىرىغا قېتىلىشىنى تەمىنلەش كېرەك. رايونلاردا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە تولۇق مۇستەقىللىق بولۇشى كېرەك.

ئەمما، 1945- يىلى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېگە 5 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاي، بۇ نىزامنى ۋە ئادالەتنى ئۆز دۆلتىدە ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا قانۇنىغا ئاساسەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىنسانپەرۋەرلىك دائىرىسىگە كىرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ سىرتىدا تەييارلانغان ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئىمتىيازلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي پارلېمىنتىدىكى ۋەكىلى

خىتايدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت سېستىمىسى، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكىلەرگە تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر قۇرۇلمىغا ئېگە. كۈنىمىزدە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا يەرلىك باشقۇرۇش شەكلى ئۆلكە، شەھەر ۋە ناھىيە دەپ ئۈچكە ئايرىلغان. مەركىزى باشقۇرۇش سېستىمىسىغا ئېگە بولغان خىتايدا ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلارمۇ ھەم بار بولۇپ، ئاپتونوم رايونلارنى خىتاي ئاساسىي قانۇنى، ”ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنى“، ”خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئالاھىدە رايون قانۇنى“ ۋە باشقا بەلگىلىمىلەر بىلەن كونترول قىلماقتا. خىتايدا كومىنىست پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىشىشى ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىلغان شېرىكلىشىپ باشقۇرۇش سېستىمىسىغا كۆرە ھۆكۈمەت، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇلىشىغا مەسئۇل بولۇپ، كومىنىست پارتىيە پۈتۈن خىزمەتلەرنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭلاشقا يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئورگانلار كومىنىست پارتىيەنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدادۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى كومىنىست پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقتىن، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەت بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئەمەس. [10]

خىتاي ھۆكىمىتى، ئاپتونوم رايونلارغا باشقا يەرلىك ھاكىمىيەتلەرگە قارىغاندا قارىماققا ئالاھىدىرەك ئىمتىيازلارنى بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قەغەز يۈزىدىكى بەلگىلىمىسىدە: ”پەرقلىق دەرىجىدىكى ئاپتونوم رايونلارنىڭ خەلق قۇرۇلتاي رەئىسى ياكى مۇئاۋىن رەئىسى ئاپتونومىيەگە ئېگە خەلقلەردىن تاللىنىشى كېرەك بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىدا ھەر مىللەتتىن ۋەكىل بولۇشى شەرت. شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېگە مىللەتتىن تاللىنىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى مەنسەپدارلار رايوننىڭ ھەقىقي ئەھۋالىغا قارىتا دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىتا رايوننىڭ نىزامنامىسىنى بەلگىلەيدۇ ۋە دائىمىي قۇرۇلتاي كومىتېتى تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويىلىدۇ.“ بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت، ئاپتونوم رايونلاردىكى كارخانا –  شىركەت ۋە بۇ يەرگە تەۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلىتىشتە رايوننىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ ئۈستۈن تۇتۇشى كېرەك.“ دەپ بېكىتىلگەن. [11]

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى قانۇن تۈزۈش ئورگىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بولۇپ، ھەربىي كۈچلەر تەرىپىدىن بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە تۇتۇشىدىغان شەھەر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلاردىن بىۋاستە تەيىنلەنگەن ۋەكىللەردىن تەركىب تاپىدۇ. 3.000 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپىسى 5 يىللىق بولۇپ، ھەر يىلى 2 ھەپتە داۋام قىلىدىغان بىر يىغىن ئۆتكۈزىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا، ئېغىزدا دېيىلىپ ئەمەلىيلەشمىگەن ئاتالمىش پىرىنسىپ – يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە ئاساسىي قانۇننىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئادىل يۈرگۈزىلىشىنى نازارەت قىلىشتۇر. [12]

خىتاي دۆلەت سېستىمىسى نەزەرىيەدە ۋە قەغەز يۈزىدە ئادىل بىر سېتىمىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ھېچ ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ كىچىك خەلق قۇرۇلتاي يىغىنلىرىدىن تارتىپ ئەڭ چوڭ پارلامېنت يىغىنلىرىغىچە بۇ يەرگە قاتناشقان بارلىق ئەمەلدارلار خىتاي كومىنىست ھۆكىمىتى تەرىپىدىن تاللىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ تەيىنلىنىشىمۇ يۇقارقىغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردىكى باشقۇرغۇچىلار، كوممۇنىست پارتىيەنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە يوليۇرۇقلىرىغا مۇناسىپ ئىش قىلمىغىنىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئاساسىي قانۇندىكى ئاپتونوم رايوندىكى خەلقنىڭ تاللاش، تاللىنىش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا قالغان بولۇپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى بۇ ھوقۇقلار ھازىرغىچىلىك ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىجرا قىلىنمىغان. 72 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ قەغەزدىكى بۇ ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنماسلىقىدۇر.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان

كۈنىمىزدە، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كونتروللىقىدا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاساسلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرى، تەۋە بولغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن تولۇق بېرىلمەيۋاتىدۇ. ئاساسلىق ھوقۇقلاردىن بولغان ئانا تىلنى ئىشلىتىش، ئېتىقاد ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەتلەر ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي بۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. چېگرالىرى ئىچىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېگە رايونلاردا سان – ساناقسىز ھەق – ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى (ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) پائالىيەتلىرى خەلقئارا ۋە ئىنسانىي قانۇنلارغا خىلاپتۇر.

ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىنىچ – ئامانلىق ئىزدەۋاتقان ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېگە بولۇش پىكرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مۇئەسسىسى، دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈلگەنىدى. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش جەمئىيەتلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ ئىشتا ب د ت نىڭ قۇرۇلىشى، جەمئىيەتلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدىغان سوبىكتىپ ئىدىيە ۋە قەدەملەرنىڭ دۆلەتلىشىش جەريانىدا تاماملىنىشى ۋە بۇ مۇئەسسىسەنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قانۇنى خەلقئارا قانۇنىنىڭ ئاساسىي ماددىسى ھالىتىدە تۇنجى قېتىم 1945- يىلى ئېلان قىلىنغان ب د ت ئەھدىنامىسىدە 2 ماددىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى ماددا، ب د ت نىڭ مەقسەت ۋە پرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان 1- بۆلۈمنىڭ 9- ماددىسى بىلەن 9- بۆلۈمنىڭ 55- ماددىسىدۇر. ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ  1- ماددىسىغا كۆرە: ”پۈتۈن خەلقلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېگە بولۇپ، بۇ ھوقۇقلار بويىچە ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسىي تۈزۈملىرىنى ئۆزلىرى ئەركىن تۈزىدۇ ۋە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئۆزلىرى ئەركىن ھالەتتە ئېلىپ بارىدۇ.“

ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇ بۆلەككە قارىغاندا خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەت سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ تۈزىلىشىنىلا ئىچىگە ئالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ نۇرغۇنلىغان بۆلەكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە ئوخشاش ماددىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە: ”بارلىق خەلقلەر ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش  پرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەي تۇرۇپ، تەبىئىي بايلىقلىرىدىن ئەركىن ھالەتتە پايدىلىنالايدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا بىر خەلق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاسىتىلەردىن مەھرۇم قالمايدۇ.“ دېيىلمەكتە. بۇ ماددىغا ئاساسەن، ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ھەققى بولغان تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىشلىتىشىگە توسالغۇ بولماسلىق كېرەك. ئەكسىچە، جەمئىيەتتە توقۇنۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ [13]

ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ 55- ماددىسى بولسا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قانۇنى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

”ب د ت خەلقلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، دۆلەتلەر ئارا تىنچ ۋە دوستانە مۇناسىۋەتتە زۆرۈر بولغان مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش شارائىتىنى يارىتىش ئۈچۈن;

ئا- تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى تەرەققىيات ۋە تەرەققىيات شارائىتى يارىتىشنى،

ب-  ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ساغلاملىق ساھەلىرىدىكى خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى،

س –  مىللەت، جىنسىيەت، تىل ۋە دىن ئايرىمچىلىقى قىلىنماستىن، بارلىق كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىگە  ھۆرمەت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.“

كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك ماددىدا ھەر ساھەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇلى بولغان باراۋەرلىك پرىنسىپى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. [14]

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قانۇنى ب د ت ئەھدىنامىسىدە پەرقلىق بولمىسىمۇ، خەلقئارا قانۇندا ئىچكى ۋە تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىر دۆلەتنىڭ ياكى ئورگاننىڭ بېسىمى بولماي تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى تەشكىلاتىدا ئۆزى خالىغان باشقۇرۇش شەكلىنى تاللاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھوقۇق باشقۇرۇش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ ھوقۇق ئاساسلىقى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت شەكلىنى بەلگىلەشتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىمەكچى بولغان خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.  شۇنداقلا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىنى تاللاش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [15]  ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز –  ئۆزىگە خوجا بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەگەر دۆلەت ئىچىدە  ئىرقى، دىنى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلىدىن پەرقلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسا، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى مەلۇم ئاپتونۇمىيە ھوقۇقى ۋە مەلۇم دەرىجىدىكى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېگە بولۇشىغا باغلىق.

تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بولسا تېرروتورىيە ئورنىنى قارار قىلىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىر دۆلەتتىن ئايرىلىش ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا خەلقئارا قانۇندا تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ”ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش“ دەپ  ئېنىقلىما بېرىلگەن. تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، سىرتنىڭ ئارلىشىشى ۋە دۆلەت ئىچىدە ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى رەت قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھوقۇق بولۇپ، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېيىلگىنىدە ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. [16]

بۇ چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن، ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئاپتونومىيە دەپ سۈپەتلەنسە مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ سۈپەتلەش ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي دۆلەتكە تايىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار خەلق ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى شۇنداقلا، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى بەلگىلىيەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك خىتاينىڭ 1955- يىلى ئالغان قارارى بىلەن شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئاتالمىش – ئاپتونۇم رايون بولۇپ تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرىپىدىن تەدىرىجى بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە قانۇنىي چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن پەقەت بەھرىمەن بولالمىدى؛ نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئىچكى ئىشلاردا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشەلمىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاتالمىش ئاپتونوم رايون دەپ ئاتالسىمۇ ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بويىچە بىر ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ھىچقاچان ئېگە بولمىدى. چۈنكى، ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مۇئەسسىسىنىڭ قانۇنىي نۇقتىسىدىن بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى ئىشلىتىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنمەكتە.

تېخىچە ھەل بولمايۋاتقان، ھەم شۇنداقلا، خىتاي تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك دەپ قارىلىۋاتقان ۋە خەلقئارادا نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ئادىل تاللاشتۇر، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھەل قىلىش يولى يوقتۇر.

قوشۇمچە: ماقالىدىكى ئىزاھات ۋە مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرەلەيسىز.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uluslararası Hukukta Self-Determinasyon ve Doğu Türkistan

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top